You Are Here: Home » ئومۇمى » رەببانى ۋە ئۇنىڭ سوپىزملىق قاراشلىرى توغرىسىدا

رەببانى ۋە ئۇنىڭ سوپىزملىق قاراشلىرى توغرىسىدا

ئەخمەتجان ھەسەنimage

 

مۇھىم مەزمۇنى: ئىمام رەببانى مەزھىپى ھىندىستاندا مەيدانغا كەلگەن بىر خىل سوپىزملىق مەزھەپ بولۇپ، بۇ مەزھەپ 18- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىغا تارقىلىشقا باشلىغان. ماقالىدە، مەزكۇر مەزھەپنىڭ ئاساسچىسى بولغان ئىمام رەببانىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ بەزى سوپىزملىق قاراشلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىمام رەببانى ھايات پائالىيىتى سوپىزملىق قاراش

ئىمام رەببانى مەزھىپى ــــ ھىندىستان سوپىزم ئىلاھىيەتشۇناسى ۋە دىنىي داھىيسى ئىمام رەببانى نامى بىلەن ئاتالغان نەقشىبەندىيە تەرىقىتىگە تەۋە تەسەۋۋۇپچىلىق (سوپىزملىق) مەزھىپى ئىدى. بۇ مەزھەپ، تارىخىمىزدىكى «ئاق تاغلىقلار» ۋە «قارا تاغلىقلار» يوقىلىشقا يۈزلەنگەن تارىخىي شارائىتتا، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىغا تارقالغان. نەتىجىدە، مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادلىرىدىن تەشكىل تاپقان جاھالەتپەرەس، تېجىمەل خوجا– ئىشانلار تەرىقىتىگە ئەگەشكەن نەچچە يۈز مىڭلىغان ئامما، ئەھلى سۈننەتچىلەرگە ۋە ئەھلى سۈننەت ئىچىدىكى ئىمام رەببانىچىلارغا ئايلىنىپ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئىسلام دىنىدىكى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان. تەمەخورلۇق، ئاچكۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك، مەنپەئەتپەرەسلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىكنى ئۆز تەبىئىتىگە ئايلاندۇرغان ئەسلىدىكى ئىشانلىق مەزھىپى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئۇيغۇر يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئىمام رەببانىچىلار ئىگىلىگەن.

1. ئىمام رەببانىنىڭ ھايات پائالىيىتى

«ئىمام رەببانى» نامى بىلەن تونۇشلۇق بولغان ئەھمەد فارۇق سىرھىندى (971 1563 ~ 1034 1624) دېھلى بىلەن لاھور ئارىلىقىدىكى سىرھىندى شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسىمى ئەھمەد بىن ئابدۇلئەھەد ئەل فارۇقى ئىدى. ئۇ ئىمام غەززالىغا ئوخشاش دىننىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشقان بولۇپ، دىندا ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتى، دىننىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى بىلەن «مۇجەددىدى ئەلفى سانى» دەپ ئاتالغان. چۈنكى ھەدىسلەردىن بىرىدە، ھەر ئەسىردە بىر مۇجەددىد (يېڭىلىغۇچى، ئىسلاھاتچى) مەيدانغا كېلىدىغانلىقى سۆزلەنگەن بولۇپ، «ئىمام رەببانى ئەنە شۇ مۇجەددىدلەردىن بىرى» دەپ قارالغان. ئۇنىڭ ئىسلام دىنىدا ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ۋاقتى، ھىجرىيە يىل ھېسابى بويىچە بىرىنچى مىڭ يىل ئاخىرلىشىپ ئىككىنچى مىڭ يىلنىڭ باشلىنىشىغا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ «ئىككىنچى مىڭ يىلدىكى مۇجەددىد» دېگەن مەنىدە «مۇجەددىدى ئەلفى سانى» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.

ئىمام رەببانىنىڭ دادىسى ئابدۇلئەھەد (؟ ~ 1007 1598) تەقۋادار، ئىخلاسمەن كىشى بولۇپ، شۇ زاماندا ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان فىقھە ئالىمى ئىدى. ئۇ پەلسەپە ۋە دىندا مول بىلىمگە ئىگە بولغاچقا، تەسەۋۋۇپ بىلىملىرىگە قىزىققۇچى ۋە بۇ ھەقتە ئىزدەنگۈچىلەرگە ئىبىن ئەرەبىنىڭ «فۇسۇسۇل ھېكەم» («ھېكمەت تاشلىرى») دېگەن كىتابى بىلەن ئۆمەر سۇھرىۋەردى (1145 ~ 1234 – يىللار) نىڭ «ئاۋارىف ئەل مائارىپ» دېگەن كىتابىدىن تەلىم بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئابدۇلئەھەد ئۆز زامانىسىدا يالغۇز ئىبىن ئەرەبى ئەسەرلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇغۇچى ئوقۇرمەن بولۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنىغا شەرھ ئېيتقۇچى داڭلىق شەخس ئىدى. ئابدۇلئەھەد دەسلەپتە ئىبىن ئەرەبىنىڭ «ۋەھدەتى ۋۇجۇد» («بارلىقنىڭ بىرلىكى») تەلىماتىنىڭ تەسەۋۋۇپنى پەلسەپىۋى ئېقىم سۈپىتىدە دىققەتكە سازاۋەر قىلغان تەلىمات ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىمۇ، كېيىنچە ئۇنىڭ بەزى جەھەتلەردە ئەھلى سۈننى ئەقىدە– تەلىماتلىرىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، ئىبىن ئەرەبىگە ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەگەشمەس بولۇپ قالغان. لېكىن ئۇ ئەھلى سۈننى ئەقىدە تەلىماتلىرىنىڭ قىزغىن ھىمايىچىسى ۋە تەشۋىقاتچىسى سۈپىتىدە باشتىن- ئاخىر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سۈننەتلىرىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان ھەم بۇخارادىكى باھاۋۇددىن نەقشىبەندى ۋە ئۇنىڭ تەرىقىتىنى قىزغىن ھىمايە قىلغان.

ئىمام رەببانى كىچىكىدە دادىسىدىن ئەرەب تىلى ۋە باشقا ئىسلامى ئىلىملەرنى تەھسىل قىلغان. سەل چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئاتاقلىق ئۇستازلارنى كەڭ دائىرىدە زىيارەت قىلىپ، كەمالىددىن كەشمىرىدىن ئىسلام ئەقىدە– ئەھكاملىرىغا دائىر ئىلىملەرنى، ئىبنۇل ھەجەرىل مەككە ۋە ئابدۇرەھمان ئىبنى فىھرىل مەككىدىن داڭلىق ھەدىسلەرنى، بەھلۇل بەدەخشانىدىن فىقھە، تەپسىرشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن. 17 يېشىدا شۇ زاماندا تونۇلغان ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئىلىم– مەرىپەت تارقىتىپ شاگىرت يېتىشتۈرۈشكە باشلىغان. كىچىكىدىن تارتىپلا قادىرىيە، سۇھرىۋەردىيە ۋە چىستىيىگە ئوخشاش تەرىقەتلەرگە ئەگەشكەن.

ئىمام رەببانىنىڭ دادىسى ھىجرىيە 1007– يىلى (مىلادىيە 1598– يىلى) ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ھەج قىلىش نىيىتىدە يۇرتىدىن ئايرىلىپ دېھلىگە كەلگەن ۋە بىر دوستىدىن دېھلىدا خوجا مۇھەممەد باقى بىللاھ ئىسىملىك بىر تەرىقەت پېشىۋاسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى ئۇستاز تۇتقان. ئىمام رەببانى خوجا مۇھەممەد باقى بىللاھنىڭ يېتەكلىشى بىلەن نەقشىبەندىيە تەرىقىتىگە كىرىپ، ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەزكۇر سۈلۈكنىڭ قائىدىلىرىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ تەرىقەت تارقىتىش ۋە دىنىي تەشۋىقات ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان.

خوجا مۇھەممەد باقى بىللاھ نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ 7– ئەۋلاد پىرى بولۇپ، ئۇ ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسىگە ئەكبەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ھىندىستانغا كېلىپ دىن تارقاتقان. خوجا مۇھەممەد باقى بىللاھ دېھلىغا كېلىپ بەش يىلدىن كېيىن ۋاپات بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ دىنىي تەلىمىنىڭ تەسىرىدە، نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ ھىندىستاندا كەڭ تارقىلىشىغا پۇختا ئاساس سېلىنىپ، بىر تۈركۈم قابىل شاگىرتلار تەربىيىلىنىپ چىقىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىككى شاگىرتى بولۇپ، بىرى پەنجاپنىڭ باش ۋالىيسى ناۋاپ مۇرتازاخان ئىدى، يەنە بىرى «مۇجەددىدى ئەلىف سانى» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان ئىمام رەببانى ئىدى. ئىمام رەببانى تالانتلىق ئەدىب ۋە تونۇلغان ناتىق سۈپىتىدە، ئۇستازى خوجا مۇھەممەد باقى بىللاھنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئىمام رەببانى 1603– يىلى ئۇستازى خوجا مۇھەممەد باقى بىللاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇستازىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ ھىندىستاندىكى پىرى بولۇپ قالغان. ئىمام رەببانى: «ئەنئەنىۋى ئىسلام تەلىماتلىرىنىڭ ھىندىستاندا ئاجىزلىشىشى، موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ 3- ئەۋلاد ھۆكۈمرانى ئەكبەر ئوتتۇرىغا قويغان‹بىدئەت تەلىمات› بىلەن مۇناسىۋەتلىك»① دەپ قاراپ ، ئەكبەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان دىنىي ئىسلاھاتقا قارشى چىققان.

ئەكبەر، ھىندىستاندىكى بارلىق دىنلارنىڭ باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، ئىسلام دىنى، ھىندى دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە ئاتەشپەرەسلىك دىنىنىڭ بەزى قائىدە– يوسۇنلىرىنى ئۆزئارا يۇغۇرۇپ كېلىشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىللە، ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىنىپ ئىسلامنى قوبۇل قىلغۇچىلارغا، ئەسلى دىنىي ئېتىقادىغا يېنىۋېلىش ئەركىنلىكى بېرىشتەك دىن سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلاردىن باشقا، ئەكبەر 1582– يىلى ھەر خىل دىنلار ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۈرۈش خاراكتېرىدىكى بىر خىل دىن «دىن – ئى – ئىلاھى» («مۇقەددەس ئېتىقاد) نى ئىجاد قىلىپ، ئەخلاق ۋە ئەقىل بىلەن ياشاشنى تەكىتلىگەن. مەسىلەن: ئۇ، ئۆزىنى دىنىي باشلىق (خەلىپە) دەپ ئېتىراپ قىلىشنى، ئاددىي– ساددا ياشاشنى، گۆش يېمەسلىكنى، بارلىق ئادەملەر (مەيلى ئۇ قايسى دىن، قايسى مەزھەپ، قايسى مىللەت، قايسى ئىرقتىن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر) گە ياخشىلىق قىلىشنى، قۇياش ئىلاھىغا چوقۇنۇشنى تەشەببۇس قىلغان②. ئىمام رەببانى ئەكبەر ئوتتۇرىغا قويغان بۇ دىنىي تەشەببۇسلارغا قارشى تۇرۇپ، ئەكبەر دەۋرىنى غەيرىي دىندىكىلەر ئۈستۈنلۈك ئىگىلىگەن «چىرىكلىك دەۋرى»③ دەپ ئاتىغان. ئىسلام دىنىنى ئىچكى جەھەتتىن ساپلاشتۇرۇشنى ئۆز بۇرچى قىلىپ، ئەكبەر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پان ئىلاھىچىلىق پىكىر ئېقىمىغا باشتىن– ئاخىر تاقابىل تۇرغان ھەمدە ئۆزىنىڭ كەڭ بىلىمى ۋە چىن ئەقىدىسى ئارقىلىق، ئىسلام دىنىنى ساپلاشتۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىسلام دىنىغا سىڭىپ كىرگەن يات ئادەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، سۈننى مەزھىپىنىڭ ئورتودوكساللىقىنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىككى يىل بۇرۇن يۇرتىغا قايتىپ، ھىجرىيە 1034– يىل 2– ئاينىڭ 28– كۈنى (مىلادىيە 1624– يىل 12– ئاينىڭ 10 كۈنى) سەھەردە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ بىر ئۆمۈر ھەقىقەت ۋە شەرىئەتنى ئاقلىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي سۆز ھەرىكىتى ۋە تەربىيە بېرىش يولى ئارقىلىق، پۈتكۈل بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن.

2. ئىمام رەببانىنىڭ سوپىزملىق قاراشلىرى

ئىمام رەببانى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ ئەنئەنىۋى قائىدىلىرى ۋە مۇرەككەپ ئىبادەت رەسىم – يوسۇنلىرىنى ئىسلاھ قىلغان. شەرىئەتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئىسلامدىكى بەش پەرزگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا، جىم ئولتۇرۇپ ئىستىقامەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان. شەرىئەتنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنلىرىنى ئاددىي تىل بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ئۇنى ئاممىباپلاشتۇرغان. مۆجىزە – كارامەت ھەققىدە داۋراڭ سېلىشنى دىن تارقىتىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىشقا قارشى تۇرغان. تەركىدۇنياچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ھاياتلىق يولىغا ۋە رېئال تۇرمۇش مەسىلىلىرىگە ئەھمىيەت بەرگەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ نەقشىبەندىيە تەلىماتىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئورتودوكسال ئېتىقادىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. قىسقىسى، ئىمام رەببانى مۇنداق ئۈچ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان: بىرىنچى، سۈننەتكە ئەمەل قىلىش؛ ئىككىنچى، دىنىي ئەقىدە ۋە قائىدە- يوسۇن جەھەتتە، غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان سوپىزمنى ساپلاشتۇرۇش؛ ئۈچىنچى، شەرىئەتكە ئەھمىيەت بېرىش④. شۇ ۋەجىدىن، ئىمام رەببانى «مۇجەددىدى ئەلىف سانى» يەنى «ئىككىنچى ئېرانىڭ ئىسلاھاتچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇيەسسەر بولغان، ئۇنىڭ ۋەكىللىكىدىكى سۈلۈك «نەقشىبنەندىيە مۇجەددىدىيە» يەنى «ئىسلاھاتچى نەقشىبەندىيە» دەپ ئاتالغان.

ئىمام رەببانى بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ، سوپىزمنى ئىسلاھ قىلىش، شەرىئەتكە ئەھمىيەت بېرىش جەھەتتە بىر ئۆمۈر تىرىشقان. ئىمام رەببانى «مەكتۇبات» ناملىق ئەسىرىدە، بارلىق بىدئەتنى ئەيىبلەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىدئەتنى ئەيىبلىگەن ھەدىسلىرى ئارقىلىق، ئۆز بايانلىرىنى ئاساسقا ئىگە قىلغان. ئۇ ئىسلام دىنىنى پۈتۈن نۇقسانلاردىن خالىي بىر دىن دەپ قاراپ، بىدئەتنى نۇقسانلاردىن پۈتۈنلەي خالىي، پاكلىق ئاساسىغا بەرپا قىلىنغان نەرسە ئۈستىدىكى داغقا ئوخشاتقان.

سوپىزمنى ئىسلاھ قىلىشتا، ئىمام رەببانى: « تەرىقەت يولىنى تۇتقان كىشى ئادالەتنى ياقىلايدىغان، سۈننەتكە ئەمەل قىلىدىغان، تەرىقەت پىرلىرىغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەيدىغان بولۇشى، ھەرگىزمۇ پالانى پىرىم مۇنداق قىلغان، بىزمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك دېمەسلىكى كېرەك.» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە: «ئۇزۇندىن بېرى، تەرىقەتنى تارقىتىش ۋە تەشۋىق قىلىش ئىسلام شەرىئىتىنىڭ پرىنسىپىدىن چەتنەپ كەتتى، ئۇلار شەرىئەتكە دېگەندەك ئەھمىيەت بەرمەي، ئۇنى پەقەت بىرخىل نامدا بار ئەمەلىيەتتە يوق نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.»⑤ دېگەن.

ئىمام رەببانى: «شەرىئەت روھ بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن، روھنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى يۈكسىلىشلىرىنىڭ ھەممىسى شەرىئەتكە مۇتلەق بويسۇنۇشى، ھەرقانچە ئۇ ئىلاھىي ئىشق ۋەسلىدە ئالىي مەقامغا يەتكەن بولسىمۇ، شەرىئەتنىڭ ئۈستىگە مىنىۋالماسلىقى كېرەك»، دەپ كۆرسەتكەن. شۇ ۋەجىدىن، ئىمام رەببانى خېلى بۇرۇنلا ئىبىن ئەرەبى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تاماملىغان تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىگە دائىر ئىككىنچى يىرىك ئەسەر «فۇسۇسۇل ھېكەم» («ھېكمەت تاشلىرى») دىكى «ۋەھدەتى ۋۇجۇد» («بارلىقنىڭ بىرلىكى») تەلىماتىغا قارشى تۇرۇپ، بۇنىڭغا قارشى يەنە بىر يېڭى تەلىماتنى تەسەۋۋۇپقا ئېلىپ كىرگەن. ئىمام رەببانىنىڭ بۇنداق قىلىشى، خۇددى ئىمام غەززالىغا ئوخشاش دىننىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقى ئىدى.

ئىبىن ئەرەبىنىڭ «ۋەھدەتى ۋۇجۇد» تەلىماتىغا قارشى ئوتتۇرىغا چىققان ئىمام رەببانىنىڭ «ۋەھدەتى شۇھۇد» («شاھىدلىقنىڭ بىرلىكى ياكى گۇۋاھلىقنىڭ بىرلىكى») تەلىماتىدا، «سوپى قەلبىنى ماسىۋا بىلەن تازىلاپ پاكلىغاندىن كېيىن، ئۇ پەقەت ۋەھدەتنىلا (يەنى پەقەت بىرلىكنىلا، يېگانىلىقنىلا) كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، كۆرۈنگەنلەرنىڭ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ تەجەللىسى (كۆرۈنۈشى) ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ۋۇجۇدى مۇتلەقنىڭ بىرلىكىگە يەنى يېگانە ئىكەنلىكىگە شاھىد (گۇۋاھ) بولىدۇ»، دەپ قارالغان.

«ۋەھدەتى شۇھۇد» تەرەپدارلىرىنىڭ قارىشىچە، سوپىنىڭ ئۆز قەلبىنى ھەقدىن باشقا ھەممىدىن تازىلاپ، ھەقنى بىلىش يولىغا مېڭىشتىكى مەقسىتى، ھەق بىلەن قوشۇلۇپ بىرلىشىپ كېتىش (تەۋھىد) ئەمەس، بەلكى ھەققە ھەقىقىي قۇللۇق قىلىش (ئۇبۇدىييەت)، بىلىش، چۈشىنىشتىن ئىبارەت. شۇڭا، بۇ تەلىماتتا، تەرىقەتلەردىكى ھەقنى بىلىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى بولغان شەرىئەت – تەرىقەت – ھەقىقەتتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنىڭ رەت تەرتىپى ئۆزگەرتىلىپ، ھەقىقەت – تەرىقەت – شەرىئەت قىلىنغانىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھەقىقىي بىلىم ئاللاھ كۆرسەتكەن توغرا يولغا باشلايدىغان شەرىئەتنى ياخشى چۈشىنىش، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا، ھەقنى بىلىشتىكى ئاخىرقى باسقۇچ ــ شەرىئەت بولۇشى كېرەك. شەرىئەت باسقۇچى تولۇق ئورۇنلانسا، سوپى ئاخىرقى مەقسىتىگە ــ ئۇبۇدىييەت (ئاللاھغا قۇللۇقنى ئادا قىلىش) كە يېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبى «شۇھۇدى تەۋھىد» (يېگانە ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولۇش)كە ئېرىشىدۇ.

«ۋەھدەتى ۋۇجۇد» تەلىماتىدا: «ۋۇجۇد بىر، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ، ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ تەجەللىسى، شۇڭا ئىنسان قەلبىنى پاكلاپ، مەنىۋى كامىللىققا يەتكەندە، ئۆزلۈكنى يوقىتىپ، ئەسلى ۋۇجۇدقا قوشۇلۇپ كېتىدۇ»، دەپ قارىلىدۇ؛ «ۋەھەھدەتى شۇھۇد» تەلىماتىدا بولسا: «ئىنسان قەلبىنى ماسىۋادىن تازىلاپ، روھىي كامالەتكە ئېرىشكەندە، ئۇ كۆرۈنگەنلەرنىڭ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى (تەجەللىسى) ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ يېگانىلىقىغا گۇۋاھ (شاھىد) بولىدۇ، كۆرۈنگەنلەر ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى. بىراق سۈپەت زاتتىن ئايرىم بولىدۇ، ئىنسان سۈپەتلەرنىڭ تەجەللىسىنى كۆرۈش ئارقىلىق، ۋۇجۇد (بارلىق) نىڭ پەقەت بىر ئىكەنلىكىگە شاھىد بولىدۇ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ بىرلىشىپ كەتمەيدۇ»، دەپ قارىلىدۇ.

شەرىئەت جەھەتتە، ئىمام رەببانى سۈننەتكە ئەمەل قىلىشنى بارلىق تەشۋىقات ۋە تەرغىباتلىرىنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى قىلغانىدى. شۇڭا، ئۇ پان ئىلاھچىلىق نەزەرىيىسىگە قاتتىق قارشى تۇرغان ھەم ئۇنى ئىسلامدىكى ئۆسمە، دېگەن⑥. شۇڭا، ئۇ: «‹ۋەھدەتى ۋۇجۇد› پان ئىلاھچىلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئىسلام نەزەرىيىلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئورنىنى چوقۇم ‹ۋەھدەتى شۇھۇد› ئىگىلىشى كېرەك» دەپ قارىغان. ئىمام رەببانى ئۆزىنىڭ «ۋەھدەتى شۇھۇد» تەلىماتىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «ئاللاھنىڭ زاتى، سۈپىتى ۋە يارىتىشى مۇتلەق ھەقىقەت، پۈتۈن كائىنات ۋە جاھاندىكى بارلىق مەخلۇقات، مەۋجۇداتلار بولسا ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەكس ئېتىشى، ھەرگىزمۇ ئاللاھنىڭ ئۆزى ياكى ئۇنىڭ بىر قىسمى ئەمەس، يارالغۇچىنىڭ خۇلق– مىجەزى بىلەن ياراتقۇچىنىڭ خۇلق– مىجەزىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە ، بولۇپمۇ ئىككىسىنىڭ بىرلىشىپ بىر تەن، بىر گەۋدە بولۇپ كېتىشى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ». شۇڭا، ئۇ: «ئاللاھ دېگەن ئاللاھ، دۇنيا دېگەن دۇنيا»⑦ دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، تەرىقەت يولىدىكىلەر بىلەن ئاللاھنىڭ مۇناسىۋىتىنى، يەنى ياراتقۇچى بىلەن يارالغۇچى، سۆيگۈچى بىلەن سۆيۈلگۈچى، يېتەكلىگۈچى بىلەن يېتەكلەنگۈچى ئوتتۇرىسىدىكى قورقۇش، سۆيۈش ۋە ئىتائەت قىلىش مۇناسىۋىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن⑧.

ئىمام رەببانى «مەكتۇبات» ناملىق ئەسىرىدە، «نەقشىبەندىيە مۇجەددىدىيە» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان سۈلۈكنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسىنى ۋە ئۇنىڭ قائىدە– مىزانلىرىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇ: «تەرىقەتنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى، ‹قۇرئان- كەرىم›گە ئەمەل قىلىش، مەخپىي زىكىرنى ئەلا بىلىش»⑨، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە شەرىئەتكە ئەمەل قىلىشنى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنى ھەممىدىن مۇھىم، دەپ قارايدىغان تەرىقەت ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن تەرىقەتنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ شۇ يولدا قىلىۋاتقان تائەت– ئىبادەتلىرىنى شەرىئەتتىن ئەلا ۋە ئەۋزەل دېگۈچى سوپىلارنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ، ئالدىنقىسىنى ھەق يولدىكىلەر، كېيىنكىسىنى خاتا يولدىكىلەر يەنى بىدئەتچىلەر، دەپ قارىغان. ئۇ سوپىلارنى راست ۋە يالغان سوپى دەپ ئىككىگە ئايرىپ، «راست سوپى بارلىق گەپ– سۆز ۋە ئىش– ھەرىكەتتە شەرىئەت يولىنى بويلاپ ئاخىرقى مەنزىلگە ئىلگىرىلەيدۇ، ھەرقانچە ئىلاھىي ئىشق ۋەسلىدە خامۇش ھالغا چۈشۈپ قالسىمۇ شۇنداق، لېكىن يالغان سوپىنىڭ شەرىئەتكە ئەمەل قىلمىقى كاۋكاز تاغلىرىغا يامىشىشتىنمۇ قېيىن»⑩ دەپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىمام رەببانىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى شۇكى، ئۇ تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرىغا يېڭىدىن ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتكەن بولۇپ، تەسەۋۋۇپ بىلەن شەرىئەتنى ئۆزئارا كېلىشتۈرۈش، بىرلەشتۈرۈش ۋە ئۇنى ئەھلى سۈننى جامائىتى ئىچىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ كىرىش جەھەتتە كۆپ كۈچ چىقارغان. بۇ جەرياندا، ئۇ باشتىن– ئاخىر «تەرىقەت پىرلىرىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەلا ۋە ئەۋزەلدۇر، شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتەكلىشى بويىچە ماڭغان ئەھلى ئۆلىمالارمۇ تەرىقەت پىرلىرىنىڭ يېتەكلىشى بويىچە ماڭغان ئەھلى تەسەۋۋۇپتىن ئەلا ۋە ئەۋزەلدۇر، شۇنداق بولغانىكەن تەرىقەتچىلەر چوقۇم سۈننەتنى تۇتقۇ قىلغان ئۆلىما، ئالىم ۋە پازىل كىشىلەرگە يېپىشىشى كېرەك»⑪ دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئىمام رەببانى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ ئاساسچىسى باھاۋۇددىن نەقشىبەندىنىڭ سوپىزملىق تۆت ئاساسىي پرىنسىپى «ھۇش دەردەم» (ھەر نەپەستە زەۋىق ھېس قىلىپ ھوشيار بولۇش، غەپلەتكە ئورۇن قالدۇرماسلىق)، «نەزەر بەر قەدەم» (سالىك پىكىرى چېچىلىپ، خىيالى باشقا يەرگە كېتىپ، زىكىردىن توختاپ قالماسلىق ئۈچۈن بارغان– كەلگەن ھەر جاي، ھەر ۋاقىت كۆزىنى ئۆز قەدىمى ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرۈپ يول يۈرۈش)، «سەپەر دەر ۋەتەن» (سالىك ئىنسانلىق سۈپىتىدىن پەرىشتىلىك سۈپىتىگە، يامان سۈپەتتىن ياخشى سۈپەتكە يۆتكىلىش)، «خىلۋەت دەر ئەنجۈمەن» (زاھىردا «كۆرۈنۈشتە» خەلق بىلەن، باتىندا «ئىچىدە» ئاللاھ بىلەن بولۇش) نى تېخىمۇ بېيىتىپ، تۆۋەندىكى 11 كەلىمىلىك قائىدىنى بېكىتكەن. (1) ھۇش دەردەم؛ (2) نەزەر بەر قەدەم؛ (3) سەفەر دەر ۋەتەن؛ (4) خىلۋەت دەر ئەنجۇمەن؛ (5) يادىكەرىد؛ (6) بازىگەشىت؛ (7) نىگاھ دەشىت؛ (8) ياد دەشىت؛ (9) ۋۇقۇفى ئەدەدى؛ (10) ۋۇقۇفى زامانى؛ (11) ۋۇقۇفى قەلبى.

ئىمام رەببانى ئۆز تەرىقىتىنى «نەقشىبەندىيە مۇجەددىدىيە» دېگەن نام بىلەن ئاتاپ، ئىلگىرىكى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلغان ئاساستا، ناھايىتى زور شۆھرەت قازانغان، شۇنداقلا يۇقىرىقى كۆز قاراش ۋە تەلىماتلىرى بىلەن بىر دىن ئىسلاھاتچىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇ ئېلىپ بارغان ئىسلاھات، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سانسىزلىغان «رەببانىچىلار» نى پەيدا قىلغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرى يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئىسلام دۇنياسى يېڭى پىكىر ئېقىمىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. بۇ جەرياندا، ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نەقشىبەندىچىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ۋە قوبۇل قىلىنغان. بولۇپمۇ 18– ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرى ئومۇميۈزلۈك گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرگە قەدەم قويۇپ، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا، شىنجاڭ ۋە ئافغانىستان قاتارلىق جايلارغا كەڭ تارقالغان. چۈنكى، ئۇنىڭ شەرىئەتكە ئەمەل قىلىش، سۈننەتنى تۇتقۇ قىلىشقا ئائىت چاقىرىقلىرى ناھايىتى تېزلا ئىسلام دۇنياسىدا ئاساسىي ئېقىمنى تەشكىل قىلغان ئەھلى سۈننىلەرنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. ئەھلى سۈننى ئۆلىما، ئالىملىرىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى بېكىتىپ، تەرىقەتچىلەر بىلەن ئەھلى سۈننىلەرنىڭ يەنە بىر قېتىملىق يارىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

ئىزاھلار:

①②③⑪ «جۇڭگو ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»، سىچۈەن قامۇس نەشرىياتى، 1994- يىل خەنزۇچە نەشرى، 604-، 15-، 604- بەتلەر.

④⑤⑥⑦ ۋاڭ جيايىڭ: «ئىسلام پەلسەپە تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2003- يىل خەنزۇچە نەشرى، 730-، 731- بەتلەر.

⑧⑨⑩ چەھرىيار ئەدلى [ئىران]، ئىرپان ھەبب [ھىندىستان] باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن: «ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى تارىخى»، ب د ت پەن، مەدەنىيەت، مائارىپ مەھكىمىسى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان، جۇڭگو چەت ئەل تىللىرى تەرجىمە نەشر شىركىتى، 2006- يىل خەنزۇچە نەشرى، 640-، 650- بەتلەر.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كونا توربېتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top