ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » جاھالەت، مەنپەئەت ۋە قورقۇش

جاھالەت، مەنپەئەت ۋە قورقۇش

images[1]ئەلى شەرىئاتى & قۇتلۇق بىلگە تەرجىمىسى

مېنىڭ ئېتىقادىمدا بارلىق ئىنسانى ئېزىشلارنىڭ مەيلى ئەخلاقىي نۇقتىدىن ياكى پىسخىكىلىق ۋە ئىنسانىي كۆزىتىشلار نۇقتىسىدىن بولسۇن مەنبەسى بۇ ئۈچ ئۇنسۇردا ياتىدۇ. ئەگەر تۆتىنچىسى بولۇپ قالسا ماڭا يەتكۈزۈپ قويۇشۇڭلارنى چىن قەلبىمدىن ئۆتۈنىمەن. بۇ ئۇنسۇرلار ھەم ئىنسانى ئازدۇرماقتا، ھەمدە جەمئىيەتنى ناچار ئىشلارغا، پىكىرى ئېزىشلارغا ۋە ئەخلاقىي  بۇزۇلۇشقا سۆرەپ ماڭماقتا.

شەخسنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلۇشى ئەمىلىيەتتە ئوخشاشتۇر. چۈنكى خىيانەت قىلغان ھەر قانداق كىشى يالغۇز جەمىئىيەتكە زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ، بەلكى ئۆزىنىمۇ خائىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئالبېرت مېممنى مۇنداق دەيدۇ: « مۇستەملىكچىلەر شەرق جەمئىيەتلىرىنى ئىلغار ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى بولغان ئىنسان ھالىتىگە يەتكۈزگەندىن باشقا، ئۆزىنىمۇ ئىنسان شەكلىدىن مۇستەملىكچى سىياقىغا كىرگۈزۈپ قويغان». مەلۇم بىر نەرسىنى ئوغۇرلىغان ئوغرى، ئۆزىدىكى ئەڭ قىممەتلىك بولغان بىر بايلىقىنى يوقۇتۇپ قويىدىكى، ئۇ بولسىمۇ ئىنسانى ھۆرمىتى ۋە ساداقىتىدۇر.

ئىجتىمائىي ئامىل نۇقتىسىدىن، سىنىپ توقۇنۇشىنى، مۇستەبىت تۈزۈمنى ۋە مۇستەملىكە تۈزۈمىنى ئېزىش ۋە ئەسكىلىكلەرنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە قوبۇل قىلدىم ۋە  مەسىلىنى مۇشۇ نۇقتا بويىچە ئانالىز قىلىشقا تىرىشتىم. ئەمما مەن بۇ يەردە مەسىلىنى ئەخلاقىي ۋە شەخسى بىر ئامىل سۈپىتىدە ئانالىز قىلىمەن. ئوخشاش سىنىپىي تۈزۈمدە زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئىجتىمائىي تەبىقە قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئورنىغا تۈزۈمگە باش ئىگىپ دۇئا قىلغان كىشىنىڭ گەپ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى قورقۇشتىن بولىدۇ. قورقۇش بولسا خەتەردىن كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئىتائەت قىلىشى ۋە مەۋجۇت ئەھۋالدىن رازى بولۇشى، ئۇنىڭ ئەھۋالنىڭ ئىزاھاتى ئەمەس. نامرات، ئىشلەمچى، يېزىلىق ۋە ئىشچى سىنىپىنىڭ، مەسىلەن، فېئودالىزىم ياكى سەرمايەدارلىق تۈزۈمىدە ئىكسپولاتىسىيە قىلىنغانلىقىغا دائىر تەنقىدلەرگە ۋە ئىشچىگە « بۇ ئاي ئىشىمىز بار بىراق كۈنلۈك بەش تۈمەنگە رازى بولامسەن بولمامسەن؟» دېيىلگەندە، باشقا يول بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىشچىنىڭمۇ قوبۇل قىلىشىغا قارىتا دىنى ئۆلمىالاردىن بىرى مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: ئۇ سەرمايىدارنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىڭدا، ئىكىسپولاتسىيەگە ئۇچرىغان بولمايسەن. بۇ ئىشتا زورلاش يوق، پەقەت تاللاشلا بار. ھەر ئىككى تەرەپ رازى بولسا مەسىلە يوق. چۈنكى بۇ ئىسكىپولاتىيسە ئەمەس. ھەر قانداق بىر بېسىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنغان بولمايدۇ. ئەگەر رازى بولۇش ئادالەتنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ قارالسا، ئۇنداقتا بارلىق ئەسكىلىك ۋە ناچارلىق ئىشەنچلىك نەرسە، دەپ قارىلىشى لازىم. ئەگەر بىر ئىشلەمچى بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلسا، ئۇنىڭ ئىتائەت قىلىپ رازى بولۇشىغا سەۋەب بولغان نەرسە قورقۇشتۇر. ئۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلمىسا قولىدىكىنىمۇ يوقۇتۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ. ئىتائەت ۋە مەجبۇرىي رازى بولۇش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنسا بارلىق نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

ئىسكپولاتىسىيە قىلغۇچى سىنىپ قاتارىدىن ئورۇن ئالسا، ئىكىسپولاتسىيە قىلغۇچىنى باشقىلاردىن پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولغان ئۇنسۇر مەنپەئەتتۇر. بۇنى بىر تۇيغۇ، شەخسى ۋە ئەخلاقىي بىر مەيىللىق ئىچىدە تىلغا ئېلىۋاتىمەن. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان مەقسەت شەخسى ۋە ئىجتىمائىي ئۇنسۇرلاردىن ئايرىلالمايدۇ. چۈنكى بۇ يەردە ئىلمىي بىر مەسىلە ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلماقتا، تارىختىن ئەمەس. يەنى پىسخولوگىيەلىك مەسىلە ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلماقتا، ئوبىيكتىپلىقتىن ئەمەس. قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمگە ئوخشاش، ئىنسان ۋە مۇھىت ئوتتۇرىسىدا (ئاڭ، ئىنسان ئىرادىسى، تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ئۇنسۇرلار) ئۆزئارا سەۋەپ – نەتىجە مۇناسىۋىتى بار. يەنى ھەر ھەرىكەتتىكى ئاساسلىق ئامىل، مۇھىتنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە ئىنسانىڭ تاللاش ئەركىنلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئوتتۇرىغا چىققان قىلىش ۋە قىلىنىشتىن ئىبارەت.

بۇ يەردە ئوقۇ – ئوقۇتۇش مېتودى نۇقتىسىدىن ئىنسانغا بىر سەۋەب ياكى ئامىل سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىمەن ۋە ئىنسان ئامىلىنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئامىل، دەپ قارايمەن. گەرچە ئىلمىي جەھەتتىن ئىنسان، سەۋەب بولۇش بىرگە نەتىجە ۋە ئۇنىڭ زىتى بولغان تەقدىردىمۇ، قوغداش ۋە قولغا كەلتۈرۈشكە مايىل بولۇش ۋە ئارزۇ قىلىش تۈسىگە كىرگەن قورقۇش ۋە مەنپەئەت ئامىلى  بويىچە (ئىنساننىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىككى تەرىپىدۇر) ئىنسانلارنى سىنىپىي، روھىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتلەردىن تۆت كاتىگورىيىگە ئايرىش مۇمكىن. ( ئىسلام شىناسىدا ئۈچ خىلغا ئايرىغان ئىدىم)، چاشقان كىم؟ ئاۋامنىڭ ئاشلىق ئامبىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ ئوغۇرلىغچە يەيدىغان،تويۇپ بولغان ھامان ئوغۇرلاشقا، يوشۇرۇشقا ۋە ساقلاشقا تۇتۇش قىلىدىغان، بىراق يىغققانلىرىنىڭ ئۆزىگىمۇ ئۆزگىگىمۇ پايدىسى بولمايدىغان بىر مەخلۇقتۇر. چاشقاننىڭ خاراكتېرىنى ئىنسانلارغا ئوخشىتىش مۇمكىن. سەرمايىدار ۋە ئىكسپولاتسىيە قىلغۇچىلار دۇنياغا بېرىلگەن چاشقاندۇر، پۇلنىڭ قۇلىدۇر، چىشلىرى تەرەققىي قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق غالىجاشقا ئۇرنىدۇ. ئەگەر غاجىلىمىسا چىشلىرى ئۇزىراپ كېتىپ جېنىنى ئاغرىتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھەر نەرسنى، مەسىلەن گېلەمنى، تاختىنى، كىتابنى غاجىلاپ كىچىكلىتىپ قويىدۇ. بۇنداق قىلىشى ئېھتىياجلىرىنى قامداش ۋە قورسقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئەمەس، نىجىس كېسەللىكىنى پەسەيتىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى چىشلىرى بىنورمال تەرەققىي قىلىدۇ. چاشقان پۇلغا بېرىلىپ كەتكەن ۋە ئىشەكلەشكەنلەرنىڭ سمۋولىدۇر. ئۆسۈم يەيدىغانلار ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە شەيتان سوقۇۋەتكەن، دېگەن تەبىرى ئىنساننىڭ پۇل ئارقىلىق ياتلىشىشنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇ سوتسيالىسزىم ئەخلاقىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ بۇرژۇۋازىيە ۋە پۇلغا بېرىلىپ كەتكەنلەر ھەققىدە ئېيتقانلىرى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇلار بۇ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن خېلىلا كۈچ سەرىپ قىلغان بولسا، قۇرئان ئىككى كەلىمە بىلەنلا ئىزاھلاپ بەرمەكتە.

بۇ سەۋەبتىن ئاڭ ۋە مەسئۇلىيەت مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلگەندە يەنى ئەخلاق، پىسىخولوگىيە ۋە ئىنسان بىلىمى مەسىلىسىدە مۈلك تۈزۈمىنىڭ سىنىپلاردا ۋە بىراۋنى ئىدار قىلغان ياكى ئىدارە قىلىنغان، ئىكىسپولاتىسىيە قىلغان ياكى ئىكىسپولاتاسىيە قىلىنغان سىنىپقا سىڭىپ كەتكەن ئىجتىمائىي مۇھىت بېسمىدا تەسىر كۈچى بار بولىدۇ. جەمئىيەت شەخسنى مەدىكار ياكى ئۆسۈم يىگۈچى، ئىشچى ياكى سەرمايىدار قىلغان. نامراتلىق نامراتلارنىڭ تاللىشى ئەمەس بەلكى سىنىپى تۈزۈم ياراتقان. بىراق مەن نامراتلىق ئۈستىدە ئەمەس نامرات كىشى ئۈستىدە، زۇلۇم ئۈستىدە ئەمەس زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئۈستىدە توختىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم. بىرى نامراتلىققا نېمىشقا چىدىيالايدۇ؟ نېمىشقا زۇلۇمنى قوبۇل قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن رەت قىلىدۇ؟

يا بىلمەيدۇ، بىلەلمەيدۇ، بىلىشنى خالىمايدۇ: بۇ جاھالەتتۇر. ياكى قورقىدۇ: بۇ قورقۇشتۇر. ۋەياكى شەخسى ئىمتىياز يەنى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلاردىن ئۆزىنى ئايرىپ تۇرۇپ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن رازى بولىدۇ. بۇ مەنپەئەتتۇر. بۇ سەۋەبتىن مەسئۇلىيەت ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىش لازىم. ئىنساننىڭ ئىنسانى ھۆرمىتى ۋە ئەزىر قىلىپ يارىتىلىشىگە ئىشەنمەي تۇرۇپ مەسئۇلىيەت ھەققىدە ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق مەسئۇلىيەتنىڭ مەنىسىنى بولمايدۇ.

جاھالەت بەزىدە ئېزىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ قالىدۇ، ئاۋامغا كۆپىنچە بۇ ئامىل تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. بۇ بىلىملەرنىڭ يەنى فىزىكا، قانۇن ياكى فىقىھشۇناسلىق قاتارلىق ماددى ياكى مەنىۋى ۋەياكى دىنى بىلىملەرنىڭ ئىجابىيلىكىنى يوقۇتۇپ قويۇش مەنىسىگە ئىشارەت قىلمايدۇ. دەل ئەكسىچە بىلىملەرنىڭ ئىجابىيلىكىنى يوقۇتۇپ قويۇشىنى ئىنساننى  ئىزاھالايدىغان ئالاھىدە ئاڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر زىيالىدىكى ئالاھىدە ئاڭ، ھەقىقەتلەرنى بىلىشتىن ياكى كاللىسىدا بىر نەرسىنىڭ شەكلىنى بېكىتىپ چىقىشىن ئىبارەت ئەمەس بەلكى ھىدايەت ئىلىمىدۇر. بۇ ئاڭ زىيالىچە قاراش، زىيالىچە ئويلاش، ھەقنى تېپىش ۋە يۆلىنىشىنى بېكىتىپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىنسانى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تەرىپىدىن يارىتىلغان ئاڭدۇر. مەزكۇر ئاڭغا ئوقۇش، ئۆگىنىش، كىتاپ ئوقۇش، ئىزدىنىش بىلەن ئېرىشكىلى بولمايدۇ. بۇ پەقەت بۇ خىل ئاڭنى كۈچەيتىشكە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، خالاس. دۇنيا قاراش بۇ ئاڭنىڭ مەنبەسىدۇر. بارلىق مۇتەپپەركۇرلارنىڭ بولۇپمۇ پەيغەمبەرلەر تىلغا ئالغان نەرسە، دەل بۇ ئاڭنىڭ مەۋجۇتلىقىدۇر. يۇناندا سوفىيا، زەردۇشت دىنىدە مەن ۋە ۋەدا مەزھەپلىرىدە ۋىديا، قۇرئاندا (ئىسلامى كىتابلاردا ئەمەس) بولسا ھېكمەت دەل بۇنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ كۈنىمىزدە ياۋروپالىق مۇتەپپەككۇرلارنىڭ پرومىسچۇ ئاڭ دەۋاتقان نەرسىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. بۇ پرومىسنىڭ ئاسماندىن ئېلىپ چۈشۈپ ئىنسانلارغا تەقدىم قىلغان بىر ئوتتۇر، ئوتقا ئوخشاش ئىسسىق (ھەرىكەت) ۋە نۇر (قاراش)دىن ھاسىل بولغان.

پەيغەمبەرلەر ئىنسانىيەتكە ھېكمەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن. قۇرئان ۋە ھەدىستە ئىلىم ھەققىدە تىلغا ئېلىنغان ھەر يەردە بۇ ئاڭ مەقسەت قىلىنغان. نۇرغا ئوخشىتىلغان دەل بۇ ئاڭدۇر. فىزىكا، جەمئىيەت بىلىمى، فىقىھشۇناسلىق ۋە مېتود قاتارلىق بىلىمدۇر. قانداقتۇر قاراش ۋە ئارىفلىق ئەمەس. ئىلىم كۆپ ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش بىلەن قولغا كېلىدىغان بىر نەرسە ئەمەس، ئاللاھ تىلىگەن قۇلىنىڭ قەلبىگە چۈشۈرگەن نۇردۇر.

بۇ ھەر قانداق بىر ئالىمدا تېپىلمايدىغان ئىنسانىي ئۆزلۈك ئېڭىدۇر. ساۋاتسىز كىشىمۇ بۇنىڭدىن نېسىۋىسىنى ئېلىشى مۇمكىن. بۇ بەدەۋى ئەبۇ زەردە بولغان ئەمما ئاكادېمىك ئىبنى سىنادا بولمىغان ئاڭدۇر.

دەل بۇ ئاڭ، نۇرغا ئوخشاش زۇلمەتلىك كىچىدە ئۇيقۇغا بېرىلگەن ئاۋامغا چۈشۈپ ھەممىسىگە يۆلىنىشىنى تەقدىم قىلىدۇ، ھەممىسىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، ھەممىگە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. كىشىگە  ( ئوقۇغان ياكى ئوقۇمىغان كىشى) ئۆز دەۋىردە، ئۆز خەلقى ئىچىدە مەسئۇلىيەت تەقسىم قىلىدۇ.

پەيغەمبەرلەر تارىختا ئىنتايىن ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان ۋە كۈنىمىزدە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىزدىن مېڭىۋاتقانلار ئارىفلارمۇ بار. بۇ ئىلىمنىڭ ئىجابىيلىكىنى يوقۇتۇش قويۇشى جاھالەتتۇر. بۇ قايغۇلارنىڭ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش ۋە ئىتائەت قىلىشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سەۋەبىدۇر.

تەۋھىد بولسا دۇنياۋى  بىر پىكىر بىرلىكى ۋە دۇنيا قارشى جەھەتتىن بۇ ئىلىمنىڭ سودا-سېتىق مەركىزى بولالىشى مۇمكىن.

  كونا توربېتىگە  يوللانغان ۋاقتى: 2011- يىل 17- دېكابىر ئورنى: تەۋسىيەلىك ئەسەرلەر

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1197

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش