You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » دوپپا كىيىش ئۇسۇلى ھەققىدە

دوپپا كىيىش ئۇسۇلى ھەققىدە

دوپپىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىدىن تارتىپ ، دوپپىنى قانداق كىيىش ،نەقىشلەرنى قانداق قوندۇرۇش ،قانداق كىيىشكىچە ئۆزگىچە بىر گۈزەل مىللى سەنئەت . بۇ سەنئەتتە ئۇيغۇرلارغىلا خاس بىر قەدىمىي ئەقىل-پاراسەت پارلاپ تۇرىدۇ. دوپپا كىيىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى ئالدى تەرەپتىن قارىغاندا بىر بەت تولۇق، ئىككى يان بەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى كۆرۈنۈشى كېرەك.

چىمەن دوپپا، بادام دوپپا، ئۇنچە دوپپا دىگەندەك تۆت قىرلىق دوپپىلارنى كىيگەندە مەلۇم بىر قىرىنى ، ئوڭ ياكى سول قېشىمىزنىڭ كۆتۈرۈلگەن يەنى ئوتتۇرا قىسمىغا توغرىلاپ ، پېشانىمىزگە چۈشۇرىۋالماي ئازراق چوققا چېچىمىز كۆرۈنگىدەك قىلىپ سەل ئارقىغا تارتىپ ياراشتۇرۇپ كىيىمىز.

قايسى قاش تەرەپكە ئاغدۇرۇشنى تاللىغاندا ، چېچىنى ئايرىپ تارايدىغانلار ئۆزى كۆنگەن ھەم ئەپلىك ھس قىلغان تەرەپىنى تاللىسا بولىدۇ. دوپپا قىرىنى قېشىمىزنىڭ ئوتتۇرسىغا توغرىلىساق ياكى تۆت بۇرجەك قىلىپ ئۇدۇل كىيىۋالساق ئوخشاشلا كۆرۈمسىز بولۇپ قالىدۇ.

دوپپىلارنى كىيگەندە سورۇنغا قاراپ تاللاپ كىيىشمۇ مۇمكىن . تازا رەڭلىك، گۈللۈك ، ھەم ئېسىل ئۈنچە مارجان ۋە ياكى ئالتۇن زەرلەرنى تۇتقان ئېسىل دوپپىلار مېھماندارچىلىق ھېيت- بايرام، تويلارغا ئوخشاش خوشاللىق سورۇنلارغا ماس كېلىدۇ.
ئادەتتىكى تۇرمۇشتا بەكمۇ رەڭدار ئەمەس، ئەمما قولدا سىپتا ئىشلەنگەن چىمەن دوپپا، گېلەم ياكى بادام دوپپىلار مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئۆلۈم يىتىم ياكى بىرەر ئاغرىقلارنى يوقلىغاندا ياكى بىرەر يىغىن سورۇنلىرىغا كىيىمىمىزنىڭ رەڭگىگە ماسلاشتۇرۇپ بادام دوپپىلارنى ياكى مەخمەل دوپپىغا ئوخشاش سىدامراق ياكى رەڭگى قېنىقراق سەل سالاپەتلىك كۆرسىتىدىغان دوپپىلارنى كىيىشكە بولىدۇ.

ئىلگىرى قىزلارنىڭ دوپپىلىرىغا ئالتۇندىن تاجا ھەم قاداقلارنىمۇ تاقايتتى، ھازىر سەنئەت نۇمۇرلىرىنى ئورۇنلاشتىن باشقا سورۇنلاردا بۇنداق دوپپا ئۇچرىمايدۇ. قىزلارنىڭ ھازىرقى دوپپىلىرىمۇ ئنتايىن يارىشىملىق ۋە چىرايلىق بولۇپ ،چىراي ۋە باش شەكلى ئوخشىمىغان   ئۇيغۇر قىزلىرىغا ماس كىلىدىغان  تۈرلۈك گۈللۈك ، مارجان ۋە چىمەن دوپپىلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.

دوپپىنىڭ ئۇيغۇر كىيىم-كىچەكلىرىدىكى ئورنى

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىيىنىش ئادىتىدە باش كىيىمنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. ئۇيغۇر ئەرلىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشمىغان باش كىيىملەرنى كىيىشكە، ئاياللىرى ئومۇمەن بىشىغا ياغلىق سىلىشقا ياكى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ،  باش كىيىمسىز يۈرۈشنى ئۇيغۇرلار يامان كۆرىدۇ. بولۇپمۇ نەزىر چىراققا بارغاندا مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن چوقوم باش كىيىم كىيىشى شەرت.

خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش قارىشىدا ئومۇمەن ئاممىۋىي مۇراسىملارغا باش كىيىمسىز بىرىش بىر خىل ھۆرمەتسىزلىك ۋە ئەدەپسىزلىك ھىساپلىنىدۇ. رايۇن پەرقى، كەسپىي پەرق ۋە ياش قۇرام پەرقى تۇپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىملىرى ناھايىتى كۆپ خىللىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن كىيگەن باش كىيىمگە قاراپ شۇ كىشىنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى، قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ھەمدە ياش قۇرامىنى بىلگىلى بولىدۇ .

ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيمى شەكىل جەھەتتىن ئومۇمەن قىشلىق تىرە تۇماق، سىدام دوپپا ۋە گۇللۇك دوپپىدىن ئىبارەت ئۇچ خىل بولىدۇ. بۇ باش كىيىملەرنىڭ ھەر قايسى تۇرىدە يەرلىك رايۇن پەرقى روشەن گەۋدىلەنگەن.

دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىتىك قارىشىدا ئەكىس ئەتكەن تەبىەت گۇزەللىكىنىڭ ئوبرازى سۇپىتىدە روشەن مىللىيلىككە ئىگە بولغان ياز لىق باش كىيىم ھىساپلىنىدۇ. ئۇيغۇر دوپپىلىرى نۇسخىسىنىڭ كۆپ خىللىقى ، ھۆنەر سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى  بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. قەشقەر شەھرىنىڭ «دوپپا بازىرى» گويا تۇمەن مىڭ خىل رەڭدار گۇللەر بەس – بەستە  ئىچىلغان باغچىغا ئوخشايدۇ.  قەشقەر شەھرىدە دوپپىچىلىق كەسپى ناھايىتى تەرەققى قىلغان.

ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرلىرى ناھايتى كۆپ؛ بادام دوپپا، تاشكەنىت دوپپا، گىلەم دوپپا،  مەنپۇ دوپپا ، ئىلمە گۇللۇك دوپپا، چىمەن دوپپا، تور باسقان دوپپا، مارجان دوپپا ، سىدام دۇخاۋا دوپپا، شاپاق دوپپا قاتارلىق يۇز خىلدىن ئاشىدۇ. بۇدوپپىلار نوقۇل باش  كىيىملا  بولوپلا قالماستىن، ئۇ يەنە بىر خىل گۈزەل سەنئەت بويومى ھىساپلىنىدۇ.

ئۇيغۇر دوپىپىلىرى ئىچىدە  ئەڭ كۆپ ئوموملاشقىنى بادام دوپپا بولوپ ،ئۇ ئۇيغۇر لرنىڭ سىموۋلى ھىساپلىنىدۇ. بادام دوپپىنىڭ تۇرلىرىمۇ بىر قانچە تۇرلۇك بولوپ، ھەممىسىگە تۆت دانە بادام  شەكىلىك يىرىم ئاي نۇسىخىسى ۋە جىيەكنىڭ ئۇستىگە چۇشۇرۇلگەن  گومبەز شەكىلىك گۇل نەقىش قىلىپ جۇلالىق ئاق مەشۇت بىلەن تىىكلگەن .بۇگوياكى ئاي ئەتراپىداجمىرلاپ تۇر غان سانسىز يۇليۇزلارنى ئەسلىتىدۇ. گۇلۇك ۋە زەر باسقان دوپپىلار  ئاياللارغا خاس بولوپ ،ئۇنىڭ نۇسىلىرىمۇ كۆزنى چاقنىتىدۇ.
قىزىل ۋە يىشىل دۇخاۋىدىن تىكىلگەن سىدام دوپپىلار كۆپرەك شىمالىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئوموملاشقان بولوپ، بۇدوپپىلارنىڭ رەڭگى ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭ ھەققىدىكى ئەنئەنىۋى چۇشەنچىلىرى بىلەن  زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ئۇيغۇرلاردىكى دوپپا سوۋغا قىلىش ئادىتى

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە دىپلوماتىيەگە ئەھمىيەت بىرىدىغان خەلق. ئۇلار ئۆزى ياقتۇرغان كىشىلەرگە ماددى سوۋغا (قەدىمدە ئالتۇن-كۈمۈش،يىپەك،ئات،بۇغا مۈڭگۈزى،بۆرە ھوشۇقى ،كىتاب، راۋاب-تەمبۇر…) قاتارلىق  سوۋغاتلار بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن .دوپپا بىر ئېسىل باش كىيىمى ، بىر خەلقنىڭ ئورتاق بەلگىسى بولۇپلا قالماي ئۇ يەنە بىر قىممەتلىك سوۋغات بۇيۇمى.

ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ دوستى ، مىھمنى دەپ قارىغان كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ بىلىدىغان باش كىيىمى دوپپىنى سوۋغا قىلىدۇ. بۇنىڭ كۆپ ئەھمىيتى بار بولۇپ ئۆز نۆۋىتىدە مەدەنىيەت تەشۋىقاتى رولىنى ئۆتەيدۇ.

ھازىر دۆلەت رەھبەرلىرىدىن باشلاپ ، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇراسىم -يىغىلىرىشدا، چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ۋە سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرنىڭ دوپپا سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ چىن دوسىتلۇقى ۋە مۇھەببىتىنى ئىپادە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ئۇزاق ئەسىرلەردىن بىرى دوپپا ئەزىز مىھمانلارغا ،دوستلارغا ھەدىيە قىلىدىغان قىممەتلىك سوۋغات بۇيۇمى بولۇپلا قالماي يەنە ساداقەتلىكنىڭ .مۇھەببەتنىڭ سىموۋلى سۇپتىدە قىزلارنىڭ ئۇز يىگىتىگە تۇتىدىغان ئەتىۋارلىق يادىكارلىقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى .

مەنبە: قەلىب سەنياسى تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

Comments (1)

  • غۇلامجان

    بۇرۇن ساۋاقداشلار ئارا داۋاملىق دوپپىنى «ئانداق كىيىسەن، ئۇنداق ئەمەس مۇنداق » دەپ تالىشىپ قالاتتۇق، مانا ئەمدى ئىنىق بولدى، مەنمۇ مۇشۇنداق كىيگەن ئىدىم،بۇندىن كىينمۇ شۇنداق كىيەي!

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top