ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » تۈركىيە جۇڭگونى «ئىلىكترونلۇق ۋىزا» ئالالايدىغان ئەللەر قاتارىغا كىرگۈزدى

تۈركىيە جۇڭگونى «ئىلىكترونلۇق ۋىزا» ئالالايدىغان ئەللەر قاتارىغا كىرگۈزدى

evisa.gov.trتۈركىيەگە ساياھەت ياكى سودا مەقسەتلىك كېلىدىغان ۋە چېگرا ئېغىزلىرىدا ۋىزا ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ئىنتېرنت ئارقىلىقمۇ ۋىزا ئالالىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان «ئېلېكترونلۇق ۋىزا» سىياسىتىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ.

بۇ سىياسەتنىڭ تۈركىيەنىڭ ساياھەت كىرىملىرى بىلەن تاشقى سودىسىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى كۈتۈلمەكتە.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيەگە ساياھەت قىلىش ئۈچۈن كەلمەكچى بولغان 94 دۆلەت پۇقراسى ئۈچۈن ئاپرېل ئېيىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «ئېلېكترونلۇق ۋىزا» سىياسىتىنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يېڭى بەلگىلىمىگە كۆرە، 15- مايدىن باشلاپ جۇڭگو ۋە ئافغانىستان «ئېلېكترونلۇق ۋىزا» بىجىرىش سىياسىتىنىڭ دائىرىسىگە ئېلىنىدۇ، ئىراق ۋە مىسىر پۇقرالىرىغا بىر قىسىم قوشۇمچە ئىمكانىيەتلەر يارىتىپ بېرىلىدۇ.
www.evisa.gov.tr
– تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

E-Visa&China

مەنبە: كۆكلەم تورى  http://www.koklem.net/forum.php?mod=viewthread&tid=3857

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1190

ئىنكاسلار (7)

  • تىزناپ دەريا

    ‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىلىكتىرونلۇق ۋىزا
    ‏سىز قالدۇرۇپ قويغان تېلفۇن نۇمۇرىغا تېلفۇن قىلغانتىم قەتتىي ئالغىلى ئادەم يوققۇ داۋاملىق ئۇلىندىغان تېلفۇن نۇمۇرى بولسا يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

  • تىزناپ دەريا

    ‏ئىلىكتىرونلۇق ۋىزا
    ‏مىنىڭ تاغام جوڭگو پاسپورتىنى يىڭى بىجىرگەن پاسپورىتتا باشقا دۆلەتنىڭ ئىناۋەتلىك ۋىزسى يوق لىكىن تۈركىيەنىڭ ئىلىكتىرونلۇق ۋىىزىسىنى قويدۇرۇپتۇ تۈركىيەگە چىقالامدۇ ئەگەر چىقالمىسا باشقا بىرە دۆلەتكە ئىناۋەتلىك ۋىزا قويدۇرۇپ ئۇ دۆلەتكە چىقماي بىۋاستە تۈركىيەگە چىقسا بولامدۇ ئەگەر چىقالىسا قايسى قايسى دۆلەتلەرگە ۋىزا قويدۇرسا بولىدۇ مالايسىياغا ۋىزا قويدۇرۇپ مالايسىياغا چىقماي تۈركىيەنىڭ ئىلىكتىرونلۇق ۋىزىسى ئارقىلىق تۈركىيەگە چىقسا بولامدۇ تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز يەنە ئالاقىلشىش تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى قالۇرۇپ قويسىڭىز تور تېلفۇندا تەپسىلى پالاڭلاشساق چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بولامدۇ

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
      ئەگەر ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ شەنگەن ۋىزىسىنى قويدۇرغان بولسا كىرەلەيدۇ. بولمىسا قايتۇرۇۋېتىدۇ.
      ئەڭ ياخشىسى مالايسىياغا بېرىپ ۋىزا ئالغىنى تۈزۈك. تېلىفۇن: 0090-212-5897667

  • ئىسيان

    خەۋەرنى تولۇق بەرگىنىڭىز ياخشى. چۈنكى خىتاي پاسسپورتى بارلارنىڭ ھەممىسى ئىلىكترونلۇق ۋىزا ئېلىپلا تۈركىيىگە كىرەلمەيدۇ. ئۇلاردا چوقۇم Schengen ياكى OECD تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرەرسىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋىزىسى بولۇشى كېرەك. تۈركىيە ئىلىكترونلۇق ۋىزا ئالغان بىلەنلا چېگرىدىن كىرەلمەيدۇ.

  • يۇسۇپجان

    ەەەە

  • غۇلامجان

    ئېلېكترونلۇق دەيدىغانمىز،تېمىنى خاتا يىزىپ قويدىڭزمۇ قانداق

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش