You Are Here: Home » ئومۇمى » «بەرىكەتلىك مۇسۇلمان» لاردىن «بەرىكەتلىك رامىزان » تورى

«بەرىكەتلىك مۇسۇلمان» لاردىن «بەرىكەتلىك رامىزان » تورى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداش بۇرادەرلەر، كېلىۋاتقان رامىزان ئېيىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ئۇزۇندىن بېرى ئىنگىلىزتىلىنى ئۈگۈنۈپ، ئۇنىڭ ۋاستىسى بىلەن ھەم ئىمانىنى كۈچەيتىپ ۋە ئىنگىلىزتلىنى كۈچەيتىپ ، «بىرچالمىدا ئىككى پاختەك »سۇقۇشنى ئويلاپ كېلىۋاتقان ئىنگىلىزتىلى ھەۋەسكارلىرىغا تۇنۇشتۇرۇشنى ئويلاپ كېلىۋاتقان ئەڭ ياخشى توربەتلەر ئىچىدىن «بەرىكەتلىك مۇسۇلمان»ناملىق تور بېتى بار ئىدى. ئەسلى ئىنگىلىزچىدە «http://productivemuslim.com/» بۇنى ئاددى ۋە چۈشۈنۈشلۈك بولسۇن دەپ «بەرىكەتلىك مۇسۇلمان » دەپ ئالدىم. بەلكى،ئۈنۈملۈك مۇسۇلمان،تۆھپىكارمۇسۇلمان،پايدىلىق مۇسۇلمان دەپ ئېلىشىمىزمۇ مۇمكىن.

Self-Motivation-Poster-600x848[1]ئىسمىدىن مەلۇم بولغىنىدەك مۇسۇلمان شەرىپىگە نائىل بولغاندىن كېيىن يېتىۋالغان ئەمەس ، توختىماي يېڭىلىق يارىتىمەن ، ئىنسانىيەتكە تۆھپە قۇشۇمەن دەپ ، تىنىم تاپماي تىرىشىۋاتقان «ئاكتىپ مۇسۇلمان»لارغا ئايلىنشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى تۇنۇتۇۋاتقان ،چەتئەلدىكى ئىنگىلىزتىلى ئاناتىلى بولغان ۋەياكى ئىككىنجى تىلى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنگىلىزتىلى بىلىدىغانلىقى كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان خەيىرلىك توربېتىدۇر.

ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئەڭ تىلغا باي ۋە چەتئەل تىلىنى ئەڭ تىزئۈگۈنۈپ چىققان ۋە ئۈگەنگەن مىللەتلەرنىڭ بىرىدۇر.بۇنىڭغا 1992-يىلدىن بېرى كۈتۈرۈلگەن چەتتىلى ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقى ۋە ئۇچاغلاردا 6 ئايدا پۈتۈن «يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىزتىلى»كىتابىدىكى تېكىستلەرنى يادلاپ بولدۇم ۋە يا بىر ئىنگىلىزچە لوغەتتىكى سۆزلۈكلەرنى باشتىن ئاياغ ئۈگۈنۈپ چىقتىم ۋەيا ئىنگىلىزچە قۇرئاننى ئۇقۇپ چىقتىم دىگەن بۇرادەرلەر،ئۈرۈمچىنىڭ تېشىغا چىقماي تۇرۇپ ئىنگىلىزتىلى ئۈگەنگەن قېرىنداشلىرىمىزھەتتا 13-14يىل ئىنگىلىزچە ئۈگەنگەن خەنزۇلار بىلەن پاراڭلاشقاندا «سىز لوندۇندا قانچە يىل ئۇقۇدىڭىز؟»،«نىيويوركتا قانچە يىل تۇرغانتىڭىز؟» دىگەنگە ئوخشاش تەئەججۈپ سۇئاللىرى ۋە ياكى ھەيران ئارىلاش گۇمانلىق قاراشلىرى ھېلىمۇھەم پاكىت بۇلالايدۇ.بۇپەقەت ئىنگىلىزتىلى ئەمەس ياپۇن تىلىدىمۇ شۇنداق.بەزىدە ياپۇنلاربىلەن پاراڭلاشقىنىمىزدا «توكيودا قانچە يىل تۇردىڭىز؟»دىگەنگە ئوخشاش سۇئاللىرى ، بىزگە ئوخشاش چەتتىلى ئۇتىدا كۈيۈپ-پىشقان ھەۋەسكارلار ئۈچۈن «ئالتۇن مىدال»ئىدى،پەخىرلىنەتتۈك ۋە تېخىمۇ كەمتەرلىك بىلەن داۋاملىق تىرىشاتتۇق.

تىل ئۈگۈنۈش ھاياتىمىزدىن ئايرىلىپ تىلنى ئىشلىتىش،ئۈگۈتۈپ كۈچلەندۈرۈش ۋە ئىشلىتىپ بېيىتىش   ئۈچۈن شەرت -شارائىت يارىتىشقا توغرا كەلگەندە ،بىر چەتتىلىنى جاپا تارتىپ ئۈگۈنۈپ ئىشلىتەلمەي ۋەيا ئىشلەتمەي تاشلاپ قۇيۇپ ، ئۇنتۇپ كېتىش تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ئىشتۇر.بۇ خۇددى قۇربانلىق قىلىمەن دەپ ئاتاپ قويغان قارارقوچقانى ،نەچچە ئايدىن بۇيان توختىماي بېقىپ ،پەرۋىش قىلىپ ، قۇربانلىققا ئاز قالغاندا كىسەل تىگىپ ، مەكرۇ قىلىشقىمۇ پىچاق ئۈلگۈرمەي ، كۆزئالىدىمىزدا، ئىچىمىزنى لەختە قىلىپ ئۈلۈپ كەتكەن قۇربانلىق مېلىمىزغا ئوخشايدۇ.شۇڭلاشقا بۇخىل دەرتكە مۇپتىلا بوپقالماسلىغىمىز ئۈچۈن ئىنتىرنېتىنى ۋە ۋاقتىمىزنى ئۈگەنگەن ئېنگىلىز تىلىمىز ئارقىلىق ساۋاپلىق ۋە  توغرا ئىشقا ئىشلىتىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ.بۇنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئىنگىلىزچە ئەڭ ياخشى توربەتلەردىن پايدىلىپ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن پايدىلىق توربەتلەرنى ھەركۈنى ئەڭ ئاز بىر-ئىككى سائەت مۇنتىزىم  كۆرۈپ-ئۇقۇپ چىقىشتۇر.

ئۇلۇغ رامىزان بايرىمىنىڭ بەرىكىتى بىلەن سىزمۇ ئۈگەنگەن ئىنگىلىزتىلىڭىزدىن مەنىۋى پايدا ئېلىشىڭىز ئۈچۈن ،«بەرىكەتلىك مۇسۇلمانلار»گۇرۇپىسىنىڭ ھازىرلىغان «بەرىكەتلىك رامىزان »تورىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىپ بۇ توربېتىنى سىزلەرگە تۇنۇشتۇرۇشنى مۇۋاپىق تاپتۇق.پايدىلانغايسىلەر ۋە باشقىلارغىمۇ تەۋىسىيە قىلغايسىلەر.بولسا تەرجىمە قىلىپ چىقىرىپ قويساق تېخىمۇ ياخشى.

مەنبە: ھالال رىزىق تورى «بىر چالمىدا 2 پاختەك»سەھىپىسى

بۇتوربېتىدە تۈۋەندىكى مەزمۇنلار بار.

7 Spiritual Productivity Habits to Develop this Ramadan

Start Your ‘Guilt-Free’ Ramadan Here

How to Set Realistic Ramadan Goals – And Stick to Them!

5 Ways to Improve your recitation fluency

Benefit from Fasting and Avoid these food items!

Seeking Approval

ProductiveRamadan Animation – Energize with Suhoor & Stay Positive!

Top 10 ProductiveRamadan Tips – if you read nothing else!

About Us

ProductiveRamadan.com is part of the ProductiveMuslim.com project which is an online project that aims to inspire young Muslims to become Productive through Islam & applying the latest productivity techniques. Both website are run by a dedicated global team of volunteers who seek Allah’s pleasure through helping the Ummah become more productive..

مەنبە: كونا ئۇيغۇر كاكادېمىيىسى تورى

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top