ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » پەلسەپە تۇيغۇلىرى – ساداقەتجان ھاجى

پەلسەپە تۇيغۇلىرى – ساداقەتجان ھاجى

image

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ساداقەتجان ھاجى (كەتمەنباي) 1969-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە بىر دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1975-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە قەشقەر شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1987-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان. 1991-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
ساداقەتجان ھاجىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا باشلانغان بولۇپ، شېئىرلىرى 1985-يىلدىن باشلاپ مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنىشقا باشلىغان. ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدىكى تۈرلۈك گېزىت ۋە ئەدەبىي ژورناللاردا 250 پارچىگە يېقىن شېئىرى ۋە 10 پارچىدىن ئارتۇق نەسىرى ئىلان قىلىنغان.
ساداقەتجان ھاجى 2008-يىلىدىن باشلاپ تور ئەدەبىياتىغا يۈزلىنىپ، كېيىنكى مەزگىللەردە يازغان شېئىر، نەسىر ۋە ماقالىلىرىنى ئۆزىنىڭ بلوگى ۋە باشقا توربىكەت-مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

(1)
ماكان بىلەن زامان پۈتۈندۇر،
قۇشتىكى جۈپ قاناتقا ئوخشاش.
ئەڭ ياخشى بىر زامان ئۈچۈندۇر
كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ ياشاش.
ماكان بولۇپ زامان بولمىسا،
ئۇنداق ماكان لەھەتتۇر يەنە.
زامان بولۇپ ماكان بولمىسا،
ئۇنداق زامان بەكمۇ بىمەنە.
شۇڭا دەسسە زىمىنغا مەھكەم،
يول ماڭغاندا مەزمۇت قەدەم باس.
قاناتلىرى قاتمىغان بىغەم
ئۆز بەختىنى قولغا ئالالماس.
(2)
سەن نىمىنى يوشۇرساڭ خەقتىن،
دەل شۇنىڭغا ئىنتىلەر ئۇلار.
سەن ئۆزۈڭنى قاچۇرساڭ ھەقتىن،
تاجۇ-تەختىڭ ئاخىر گۇم بولار.
ياخشى دىسەڭ ئۆزۈڭنى ئالداپ،
ئاقىۋىتىڭ بولىدۇ يامان.
گۈزەل دىسەڭ سەتنىمۇ ماختاپ،
گۈزەل بولماي قالىسەن ھامان.
ئارزۇلىرىڭ كۆپۈك بولىدۇ،
ئويغانمىساڭ ئۇيقۇدىن ئەگەر.
مىۋىلىرىڭ شۆپۈك بولىدۇ،
ئۈمىت كۈتسەڭ تۇيغۇدىن ئەگەر.
تىلىڭ بىلەن دىلىڭ بىر بولسا،
ئەلدىن ساڭا يانار ياخشىلىق.
كاللاڭ رەزىل خىيالغا تولسا،
ھامان بىر كۈن چانار ساختىلىق.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
1989-يىل 10-ئاي.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(3)
تىكلىيەلمەيسەن قەددىڭنى ئاخىر،
ئەگەر يول قويۇپ ئېگىلىۋەرسەڭ.
بولىدۇ قەدرىڭ يەر بىلەن يەكسان،
بىپەرۋا قاراپ يېڭىلەرسەڭ.
بىر چېكى بار ھەرقانداق ئىشنىڭ.
سۇنى مۇۋاپىق باشلا ئېرىققا.
بۇغداينى ياخشى پەرۋىش قىلمىساڭ
مۇھتاج بولىسەن ئاخىر تېرىققا.
ئېگىلسە مەيلى دوڭغاق سۆگەتلەر،
تېرەكنىڭ تېرەك بولغىنى ياخشى.
ياشىغان ئىكەن، ئادەم دىگەننىڭ
بىر ئىشقا كېرەك بولغىنى ياخشى.
(4)
گۈزەللىك-شاتلىقتۇر، گۈزەللىك-قۇتتۇر.
ئۇ گويا لاۋۇلداپ تۇرغان بىر ئوتتۇر.
ۋە لېكىن جەلىپكار شەكلەن گۈزەللىك
ئەقىلنى ئارماندا قويغان قۇرۇتتۇر.
گۈلنى كۆر، ئۇ گۈزەل پۇرىقى بىلەن.
كۈننى كۆر، ئۇ گۈزەل يورۇقى بىلەن.
تەڭرىمۇ گۈزەلدۇر قىيامەت كۈنى
ھەممىگە باراۋەر سورىقى بىلەن.
گۈزەللىك-ئۇ، گۈزەل چىرايىڭ ئەمەس.
گۈزەللىك-ئۇ، شىرىن خىيالىڭ ئەمەس.
گۈزەللىك-ھەقىقەت، گۈزەللىك-سۆيگۈ،
گۈزەللىك-ئۆلۈككە جان بەرگەن نەپەس.
گۈزەللىك-ئەڭ ياخشى ھەرىكىتى بىلەن،
ئىنساننى ئىنسانغا تونۇتقۇچىدۇر.
گۈزەللىك-زۇلمەتتەك قاراڭغۇ روھنى
تاڭدىكى قۇياشتەك يورۇتقۇچىدۇر!
(5)
يىقىلغاندا تۇرۇشنى ئۈگەن.
مۇش يىگەندە ئۇرۇشنى ئۈگەن.
بۇزماق بولساڭ ئۆيۈڭنى ئەگەر،
ئاۋال قايتا قۇرۇشنى ئۈگەن.
چۈشمىكى بار كۆككە ئۆرلەشنىڭ.
زاۋالى بار ئىشتا گۈللەشنىڭ.
خازانى بار كۈز بىلەن قىشتا،
باھار بىلەن يازدا كۆكلەشنىڭ.
ھەر نەرسىدە ئىككى تەرەپ بار.
تەمكىنلىكتە چۇڭقۇر غەزەپ بار.
پەيغەمبەر ئەرەپ بولغىنى بىلەن،
رۇس مۇسۇلمان بار، كاپىر ئەرەپ بار.
زەھەر زەھەرنى قايتۇرالايدۇ.
ئۆلۈم ئۆلۈمنى ياندۇرۇلايدۇ.
داناراق بولساڭ، ئاچچىق بىر ئەقىل
تاتلىق ئارزۇنى قاندۇرالايدۇ.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
1996-يىل 9-ئاي.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(6)
ياشاشنىڭ يولىنى بىلمىگەن ئىنسان
ھاياتنىڭ قەدرىنى قىلىدۇ يەكسان.
قاناتسىز قۇشلارغا قىلمايدۇ نىسىپ
سۆيۈملۈك ۋەسلىنى قۇياشلىق ئاسمان.
ئەرزىمەس تاشلىقتۇر بەھەيۋەت تاغلار،
چوققىغا چىقىشنى بىلمىگەنلەرگە.
باياۋان كۆرۈنەر چىرايلىق باغلار،
گۈلدىن زوق ئېلىشنى بىلمىگەنلەرگە.
بىر تىلسىم ماكاندۇر دولقۇنلۇق دېڭىز،
دەريادا ئېقىشنى بىلمىگەنلەرگە.
تۇيۇلار ئۆگزىمۇ شۇقەدەر ئېگىز،
يامىشىپ بېقىشنى بىلمىگەنلەرگە.
شان-شەرەپ، غەلىبە باقمايدۇ كۈلۈپ،
پەم بىلەن يېڭىشنى بىلمىگەنلەرگە.
ئەي دوستۇم، ئەقلىڭنى بەرمىگىن بۆلۈپ،
يېڭى يول ئېچىشنى بىلمىگەنلەرگە.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
1997-يىلى 4-ئاي.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(7)
ئاسان ئىكەن ئاچچىقىڭدا ئالايماق.
ئاسان ئىكەن ئاق ئادەمگە قارايماق.
بىراق شۇنچە قىيىن ئىكەن ئويلىسام،
قارىلانساڭ ئاقايماق.
كېسەل بولساڭ ساقايماق.
ئاسان ئىكەن ئالداپ كېتىش باشلىقنى.
ئاسان ئىكەن بوستان ئېتىش تاشلىقنى.
بىراق شۇنچە قىيىن ئىكەن ئويلىسام،
ساقلاپ قىلىش ئۆمۈرۋايەت ياشلىقنى.
ئىزدەپ تېپىش غەمدىن خالى شاتلىقنى.
ئاسان ئىكەن ئوڭ كۆز بىلەن قارالماق.
شېئىر يېزىپ تۆتنىڭ بىرى سانالماق.
بىراق شۇنچە قىيىن ئىكەن ئويلىسام،
ئەل سۆيگىدەك شائىر بولۇپ ئاتالماق.
ئەلنىڭ ئۈمىد بايرىقى بوپ قادالماق.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
1997-يىل 8-ئاي.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(8)
ماددىنى تولۇق بىل، ئاڭنى ئۇلۇغ بىل.
ئۆزۈڭنى دۇنياغا ئېتىلغان ئوق بىل.
تۇرقىدىن زۇلمەتكە ئوخشايدۇ بۇ تەن،
ۋە لېكىن روھنى سەن مەڭگۈ يورۇق بىل.
ھاياتىم كۆرمىسۇن دىسەڭ گەر زاۋال،
ئەركىگە قويۇپ بەر روھىڭنى ئاۋال.
قۇياشتىن نۇر تەلەپ قىلغۇچە ئۆزۈڭ
قۇياشقا ئايلانغىن قىلىپ بىر ئامال.
ھەممىدىن قىممەتلىك يورۇقلۇق دىگەن.
ئۇنىڭسىز بولمايدۇ ئۇلۇغلۇق دىگەن.
يورۇقلۇق تاپار ھەم ئۇلۇغلۇق تاپار،
روھىنى چوغدانغا سېلىپ ئۆرتىگەن.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
1997-يىل 4-ئاي.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(بۇ شېئىرلار «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»نىڭ 1996-يىللىق 10-سىنتەبىر ۋە 29-ئۆكتەبىر سانىدا، 1998-يىللىق 26-يانۋار سانىدا، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2001-يىللىق 12-ئىيۇن سانىدا ئېلان قىلىنغان.)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1190

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش