ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » سامساقنىڭ شىپالىق رولى

سامساقنىڭ شىپالىق رولى

تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
تەركىبى: ھەر 100 گىرام سامساق تەركىبىدە 4.4 گرام ئاقسىل، 0.2 گرام ياغ، 23 گرام قەنت، 5 مىللىگرام كالىتسىي، 44 گرام فوسفور، 0.4 مىللىگرام تۆمۈر، ۋىتامىن B1 دىن 0.9 مىللىگىرام، 3 مىللىگرام ۋىتامىن C بار.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز مىقداردا سىنىك، مىس، ماگنىي قاتارلىق مىكرو مىقدارلىق ئېلىمېنىتلارمۇ بار.
خۇسۇسىيىتى: بەدەننى قۇۋۋەتلەش، يەل ماڭدۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قاننى تازىلاش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش، تەرلىتىش، تەم پەيدا قىلىش، قاننى جانلاندۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، ھەرخىل مىكروپلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە تورمۇزلاش.
ئىشلىتىلىشى: پۇتىغا قاداق پەيدا بولۇپ قالغاندا، سامساقنى سوقۇپ تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن قاداق ئورنىنى پاكاز يۇيۇپ، ئىتتىك پىچاق بىلەن قاداقنىڭ قاسرىقىنى ئېلىۋېتىپ، قاداقنىڭ مەركىزىي قىسمىدىن ئازراق قان چىقىرىپ ياكى قان چىققۇدەك دەرىجىگە كەلتۈرۈپ، يۇمشاق سوقۇلغان سامساقنى قاداق ئورنىغا 2~3 قېتىم تەكرار تېڭىپ بەرگەندە قاداقنى يىلتىزىدىن تۈگەتكىلى بولىدۇ.
سامساقنى سىركىگە چىلاپ يەپ بەرسە، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، پالەچ-لەقۋا، نىقرەس، مۇپاسىل، رەئىشە(ئۇسۇل كېسەللىكى)، ئولتۇغۇچ نېرۋا ئاغرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سامساقنى قاينىتىپ، ھورىغا يەڭگىگەن ئاياللارنى ئولتۇرغۇزسا بالا ھەمراھىنى چۈشۈرىدۇ، سامساق بېشىنى ئاقلاپ شۈمۈپ بەرسە ياكى ئاساسلىق شىرنىسىدىن ھەر ئۈچ-تۆت سائەتتە بىر قېتىم 12-25 گرام يەپ بەرسە، گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سامساقنى پۇراپ بەرسە، دەسلەپكى كۆكيۆتەلگە ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولىدۇ. سامساقنى ئېزىپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يالاپ بەرسە، كۆكيۆتەلگە  كۆرىنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ. سامساق شىرنىسىنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئۇزۇن مۇددەت كۈندە تۆت قېتىم ئېستىمال قىلىپ بەرسە، بەلغەمنى بوشىتىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئۇيقۇنى كەلتۈرىدۇ، تۇبېركليوز كېسەللىكىگە كۆرىنەرلىك ئۈنۈمى بولىدۇ.
سامساقنى داۋاملىق يەپ بەرسە يەل ھەيدەيدۇ، قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.
سامساقنى كۈنجۈت يېغى بىلەن پىشۇرۇپ يەرلىك ئورۇننى مايلاپ بەرسە، بوغۇم ۋە بەل ئاغرىقىغا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ.
سامساقنى نوشۇدۇر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ ئاق كېسەلگە، بەھەقكە سۈرۈپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇنۇتقاقلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سامساقنى زەھەرلىك ھاشارەتلەر چېقىۋالغان ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، ئاغرىق پەسەيتىدۇ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ.
سامساقنى ئېزىپ ھەسەل سۈيى بىلەن ئېستىمال قىلسا، پالەچ، لەقۋا كېسەللىكلىرىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. سامساقنى سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، سۇ بىلەن ياكى مۇۋاپىق كېلىدىغان شەربەتلەر بىلەن چوڭلار4-6 سائەتتە 2-4 مىللىلېتىر، بالىلار1-2 مىللىلېتىر ئىچىپ بەرسە، ئۈچەي كېزىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە ھەر كۈنى بىر نەچچە تال خام سامساقنى يەپ تۇرسا، تولغاق كېسەللىكى ۋە ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
قىش پەسلىدە سامساقنى يۇمشاق سوقۇپ، سۈيىگە 10 ھەسسسە سۇ قوشۇپ، بۇرۇنغا كۈندە بىر قېتىم تېمىتىپ تۇرسا، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يەنە سامساقنى يۇمشاق سوقۇپ، سۈيىنى ئۈششۈگەن يەرگە كۈندە بىر قېتىمدىن ئۇدا 5-6 كۈن سۈرسە، ئۈسۈك يارىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كېكىرتەك ئاغرىپ قالغاندا ياكى ئانگىنا كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغاندا، سامساقنى چايناپ سۈيىنى شورىسا، ئاللۇغنى ياندۇرۇپ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ. ھەرە چېقىۋالسا، سامساقنى يۇمشاق سوقۇپ سۈيىنى ھەرە چېقىۋالغان يەرگە سۈرسە، ئىششىقنى ياندۇرۇپ ئاغرىقنى توختىتىدۇ.
چىش ئاغرىغاندا، چىشنىڭ قۇرۇت يېگەن يېرىنى پاكىز تازىلاپ، سوقۇلغان سامساقتىن بىر ئاز تىقىپ قويسا ئاغرىقنى توختىتىدۇ.
ئەگەر ئاچچىق- چۈچۈك مېۋىلەرنى يېگەنلىك سەۋەبىدىن چىش قاماپ قالسا، خام سامساقنى چاينىسا ئوڭشىلىپ قالىدۇ.
سامساق يەپ ئېغىزى سېسىق پۇرىسا، قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىۋەتسە ياكى چاي شامىسىنى چاينىسا، سېسىق پۇراق يوقىلىدۇ.
سامساقنىڭ تەمى ئاچچىق، تەسىر قوزغاش خاراكتىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇنى كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان كېسەللىكى بار كىشىلەر سامساقنى كۆپ يېيىشتىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم.

مەنبە: خۇتەن ئۇچۇرى  http://hotanuqur.cn/tibabat/article.asp?mid=1120

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1190

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش