You Are Here: Home » ئومۇمى » ھەدىس بىزگە نېمە دەيدۇ؟ – مۇھەممەد سالىھ داموللام

ھەدىس بىزگە نېمە دەيدۇ؟ – مۇھەممەد سالىھ داموللام

٭٭٭٭٭٭٭٭٭

(بۇ ماقالە مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىمنىڭ «ياخشىلار باغچىسى» ناملىق كىتابقا يازغان كېرىش سۆزى.)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭
بىسمىللاھ دەپ كىتابنى ئاچقىنىڭىزدا، كۆز ئوڭىڭىزدا ھەدىسلەر خەزىنەسىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان گۆھەر نايابلار جۇلالىنىپ تۇرىدۇ، ئۇلاردا مۇجەسسەملەنگەن ئىمان دەرىخىدىن شاخلىنىپ چىققان رەڭگارەڭ مەنالار ئەقىل كۆزىڭىزنى نۇرلاندۇرىدۇ. كىتابنى مۇتالىئە قىلىپ ھەدىسلەر قاينىمىدا ئۈزگەنسىرى زېھنىڭىز ئېچىلىپ، قەلبىڭىز يورۇپ، ھىدايەت كانىدىن تېخىمۇ كۆپ جاۋاھىراتلار قازغۇڭىز كېلىدۇ. سىزگە توغرا تونۇش، پاك، يارقىن تۇيغۇ بەخش ئەتكەن، خۇش ھىدلىرى بىلەن ۋۇجۇدىڭىزنى مۇئەتتەر قىلىۋەتكەن بۇ باغچە – «ياخشىلار باغچىسى»دۇر.
«ياخشىلار باغچىسى» – ھەدىس كىتابلىرى ئىچىدە مەنبەسى ساغلام، مەزمۇنى رەڭدار، ھەممە ئېتىراپ قىلغان ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن مەيدانغا كەلگەندىن تا ھازىرغىچە ئەھلى ئىسلام تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشلىنىپ كەلمەكتە. بۇ كىتاب «قۇرئان كەرىم»دىن قالسىلا تارقىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولۇپ، تەۋەررۈك كىتاب سۈپىتىدە مۇسۇلمانلار جامائەسىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى. كىتابتا ئىككى مىڭغا يېقىن ھەدىس بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنى نوپۇزلۇق ھەدىسشۇناس ئىمام نەۋەۋى ئىشەنچىلىك، سەھىھ ھەدىس مەنبەلىرىدىن ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن زەر كانلىرىدىن قېزىۋېلىنغان ساپ ئالتۇندەك تاللاپ ئالغان. ئىمام نەۋەۋى ھەدىسلەرنى تاللاشتا «كۇتۇبى سىتتە» ياكى «سىھاھى سىتتە» دەپ ئاتالغان «سەھىھۇلبۇخارى»، «سەھىھۇل مۇسلىم»، «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد»، «سۇنەن تىرمىزى»، «سۇنەن نەسەئى»، «سۇنەن ئىبن ماجە» قاتارلىق مەشھۇر ھەدىس كىتابلىرىنى ئاساس قىلغان. كىتاب 372 بابقا بۆلۈنگەن. ھەر بىر بابقا ئايرىم ماۋزۇ قويۇلغان. ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر كەلتۈرۈلۈپ، ئاندىن ھەدىسلەر بېرىلگەن. بۇ ھال كىتابنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمدارلىقىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرگەن، «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى بىلەن «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى، ھەدىسلەر بىلەن ھەدىسلەرنىڭ، «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى بىلەن ھەدىسلەرنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ بولۇپ، بىر-بىرىگە چىڭ باغلانغان. ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ئىزاھلايدۇ، يېشىپ بېرىدۇ، بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. بىرىدە ئومۇمىي رەۋىشتە تىلغا ئېلىنغان مەنا يەنە بىرىدە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. بىرىدە چۈشىنىش قىيىن تۇيۇلغان مەزمۇن يەنە بىرىدە چۈشىنىشلىك بولۇپ كېلىدۇ. كۆز ئوڭىمىزدا جۇلالانغان لەفزى ئىخچام، مەزمۇنى تىرەن ھەدىسلەر تىلىنىڭ گۈزەللىكى، پىكرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالىدۇ، دۇررى-جاۋاھىراتلاردەك يالتىراپ تۇرغان ئېسىل مەزمۇنلار يۈرەكنى تىترىتىپ دىللارنى ھاياجانغا چۈمدۈرىدۇ. ئوقۇغانسىرى قەلبىمىز يورۇپ، بەردەملىكىمىز ئاشىدۇ، ھاياتنىڭ چوڭ-كىچىك كۆڭۈلسىزلىكلىرى ئارىسىدا يۈرىكى ياپراقتەك تىترەپ، قامغاقتەك ئۇچۇپ يۈرگەن ئىنسان ئىمان بىلەن مەڭگۈلۈك يىلتىزىنى تاپىدۇ، نىجاتلىق يولى ئىزدەۋاتقان ئىنسانغا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق توغرا يول ۋە بەخت بارمۇ؟
ھەر بىر ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا شۇ ھەدىسنىڭ قايسى ھەدىس كىتابىدىن ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. پېقىر ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرىنىڭ مەتنى(ئەرەبچە تېكىستى)نى بەردىم. ھەدىسلەر ئاخىرىغا «ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى» ماۋزۇسى ئاستىدا ھەدىسلەرنىڭ شەرھى بېرىلدى. ھەدىسلەرنىڭ شەرھى بىلەن قوشۇلۇپ كېلىشى ئەرەب ئىلىم ساھەسىدە بۇرۇنلا ئومۇملاشقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىن تەتقىقاتىدىكى تۇنجى قەدەم ھېسابلىنىدۇ. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەۋىيەسىدىكى پەرق تۈپەيلىدىن ھەدىسنى ئەسلىي روھى بويىچە چۈشىنىش ئۈچۈن جەزمەن ھەدىسلەرنىڭ شەرھىسىگە مۇراجىئەت قىلماي بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى پاساھەت-بالاغەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىدە تۇرىدۇ. ئاللاھتائالا رەسۇلۇللاھقا ئىخچام ئىبارەلەر بىلەن چوڭقۇر مەنەلەرنى ئىپادىلەيدىغان بالاغەت ئاتا قىلغانىدى. ھەدىسنىڭ شەرھىسى ھەدىستىكى مۈشكۈللەرنى يېشىپ بېرىدۇ. چوڭقۇر مەنەلەرنى تەپسىلىي، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك قىلىپ بېرىدۇ. شۇڭا، ھەدىسنىڭ شەرھىسى ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىلىش-چۈشىنىش چوڭقۇرلۇقى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئېنىق بىلىۋىلىشىدا چوڭ رول ئوينايدۇ.
مەسىلەن، كىتابتىكى «دوزاخ ھاۋايى-ھەۋەس بىلەن ئورالغان، جەننەت كىشىنىڭ نەپسى ياقتۇرمايدىغان نەرسە بىلەن ئورالغان» (1-ھەدىس) «قىيامەت كۈنى مۇئەززىنلەرنىڭ (يەنى، ئەزان ئېيتقۇچىلارنىڭ) بويۇنلىرى ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ.» (2-ھەدىس) دېگەن ھەدىسلەردىن ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ ھاسىل قىلىدىغان چۈشەنچىسى پەرقلىق بولىدۇ،
ئەمدى ئۇلارنىڭ كەينىگە بېرىلگەن شەرھىلىرىنى ئوقۇپ باقايلى:
1-ھەدىسنىڭ شەرھى: «ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىس ئەرەب تىلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پاساھەت بالاغىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. جەننەتكە ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالا چەكلىگەن، تەرك ئېتىش نەپسىگە قىيىنراق تۇيۇلىدىغان ئىشلارنى تەرك ئېتىش بىلەنلا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى، ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمەي، توغرا يولدىن مېڭىش بىلەنلا دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
2-ھەدىسنىڭ شەرھى: مۇئەززىنلەرنىڭ شەرىپىنى ۋە ئۇلارنىڭ قىيامەتتىكى مەرتىۋەلىرىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بايان قىلىش، چۈنكى مۇئەززىن كىشىلەرنى نامازغا چاقىرىپ ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ، كىمكى ياخشلىققا يېتەكلىسە، شۇ ياخشىلىقنى قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابى ئۇنىڭغىمۇ يېتىپ بارىدۇ.
يۇقۇرىدىكى شەرھىلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەر ھەدىسلەرنى ئەسلى روھى ۋە مەزمۇنى بويىچە توغرا چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. 1980-يىللىرى دىنىي ساھەدىكىلەرگە ئېچىلغان بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسلىرىدا «قۇرئان كەرىم» تەپسىرى، «سەھىھۇلبۇخارى»، «رىيازۇس-سالىھىن» قاتارلىق كىتابلاردىن دەرس بەرگەنىدىم. «رىيازۇس-سالىھىن»نىڭ ھازىرقى شەرھىنىڭ خېمىر تۇرۇچى ئەينى چاغدا «رىيازۇس-سالىھىن» دەرسىدە ھەدىسلەرنى ئىزاھلاش، شەرھىلەش يۈزىسىدىن بەرگەن چۈشەندۈرۈشلىرىم ئاساسىدا شەكىللەنگەن. بۇ قېتىم ھەدىسنى پىششىقلاپ ئىشلەش يۈزىسىدىن «رىيازۇس-سالىھىن»نىڭ ئۆلچەملىك شەرھى «نزھە المتقين»نى ئاساس قىلىپ، ياپىلاق تىل بىلەن ئاممىباب قىلىپ قايتا ئىشلىدىم. كىتابتا بايان قىلىنغان ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ ئەقىدەلىرى، ناماز، روزا، زاكات، ھەج قاتارلىق ئەركانلىرى، شەرىئەت ئەھكاملىرى بىلەن بىللە يەنە ئەھلى ئىسلامدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەدەپ-ئەخلاققا ئائىت سەمىمىي دەۋەتلەر، ئاقىلانە تەشەببۇسلار، دانا پەند-نەسىھەتلەر نەۋباھاردا ئېچىلغان رەڭگارەڭ چېچەكتەك كۆزىمىزنى قاماشتۇرىدۇ.
ئەلۋەتتە، بىز زىممىمىزگە يۈكلەنگەن پەرز، ۋاجىپلارنى ئادا قىلىش، ھارامدىن ساقلىنىش، ئىبادەت-ئەھكاملارنى جايىدا بەجا كەلتۈرۈش بىلەن بىللە يەنە ئىجتىمائىي ئەخلاققا دائىر ھەدىسلەرنى ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە تەتبىقلاپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك. كىشى ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنى تۈزىتىپ، قەلبىنى تازىلاپ، نەپسىنى پاكلىغاندىلا ئاندىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەختىگە ئېرىشىشنىڭ يولىنى تاپقان بولىدۇ. ساغلام پاك ئېتىقادنى، دۇرۇس، گۈزەل ئەخلاقنى ئۇل قىلمىغان ئىبادەت جانسىز بولۇپ، سەمەرىسىز دەرەخقە ئوخشايدۇ. ھەدىس روھى بويىچە ئېڭىمىزدا توغرا دۇنيا قاراش ۋە ئەخلاق قارىشىنى ھەقىقىي تۇرغۇزۇپ، ھاياتىمىزنى چۇلغىۋالغان غەلدى-غەشلەردىن پاكلىنالىساق ۋە ئەخلاق ئۆلچىمى، ئەدەپ مىزانلىرىغا ھەر ۋاقىت ئەمەل قىلالىساق ئاندىن ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئەھلى ئىسلامدىن بولالايمىز. پۈتكۈل ھەدىسلەر مەزمۇنىنى بىر گەۋدە قىلىپ تۇرۇپ ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا تونۇشىمىز چوڭقۇرلاپ، كۆڭلىمىزدىكى چىگىش سوئاللارغا تولۇق جاۋاب تېپىلىدۇ. ئۇ ھايات سەپىرىمىزدە يولۇققان مۈشكۈللەرنى يېڭىشىمىزغا مەنىۋى كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ. ھەدىسلەرنىڭ روھى ۋۇجۇدىمىزغا سىڭگەندە قەلبىمىزدىكى بوشلۇقلار تولدۇرۇلىدۇ. روھ ماددىنىڭ، ئەخلاق مەنپەئەتنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھەدىسلەرگە تەتبىقلاپ تۇرۇپ شەخسىيىتىمىز ۋە ئىجتىمائىيىتىمىزنى دەۋر قىلغان ھالدا ئەخلاق كاتىگورىيىسىگە ياتىدىغان ئىشلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن. ئىجتىمائىي ئەخلاق ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن جەمئىيەت، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. گۈزەل ئەخلاق كىشىلەرنى يۈكسەك ھاياتقا يېتەكلەيدۇ. پەيلاسوپلار ۋە جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ئەخلاق-پەزىلەت شەخسنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ھالقىلىق ئامىل. كىتابتىكى ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە دائىر ھەدىسلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە كىتابخاننىڭ كۆز ئوڭىدا تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چىن ئىنسانىي خىسلەتلەرگە يېتەكلەيدىغان مۇكەممەل بىر سېستىما نامايان بولىدۇ. ھەدىس قۇرلىرىدا گۈزەل ئەخلاق مۇسۇلمانچىلىقنىڭ مۇھىم بەلگىسى سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى: «ھەقىقەتەنمۇ بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن» دەپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىنى ئالاھىدە مەدھىيەلىگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ «مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى كامالەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم» دېگەن ھەدىسىدىن بىز رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆگىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۆز دەۋىتىدە ناھايىتى مۇھىم ئۇرۇنغا قويغانلىقىنى بايقايمىز. رەسۇلۇللاھنىڭ «مۇئمىن ئادەم ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى ئىبادەت قىلغانلارنىڭ دەرىجىسگە كۆتۈرۈلىدۇ» دېگەن سۆزىدىن گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشنىڭ ساۋابىنىڭ نەقەدەر كاتتىلىقىنى بىلىۋالالايمىز. «ئىچىڭلاردىكى كىشىلەرنىڭ ياخشىلىرى ئەڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغانلاردۇر»، «مۇئمىننىڭ تارازىسىدا چىرايلىق خۇلۇقتىن ئېغىر كېلىدىغان نەرسە يوق» دېگەن ھەدىسلەردىن گۈزەل ئەخلاقنىڭ مۇئمىننىڭ ئىمانىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالىمىز. شۇنداق، گۈزەل ئەخلاق ساماۋى نۇردۇركى، ئۇنىڭسىز ھايات، ئۇنىڭسىز جەمئىيەت قاراڭغۇ تۇيۇلىدۇ. ئەخلاقسىز تۇرمۇش قانچە زىننەتلىك كۆرسىتىلگىنى بىلەنمۇ بەرىبىر زەئىپ، مەنىسىزدۇر.
ئەخلاق ھەققىدە توختالغىنىمىزدا، ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنى ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. «قورئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»لەردە ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشتىن قالسىلا ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش ئەڭ چوڭ گۇناھ سۈپىتىدە بايان قىلىنىدۇ. «جەننەت ئانانىڭ ئايىغى ئاستىدىدۇر». ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئاتا-ئاناغا ياخشىلىق قىلىش ئەڭ سۆيۇملۈك ئەمەل ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، بەزى ھەدىسلەردە ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىن-يورۇقلارغا ياخشىلىق قىلىش تەكىتلىنىپ «رىسقىم كەڭ بولسۇن ياكى ئۆمرۈم ئۇزۇن بولسۇن دېگەن ئادەم خىش-ئەقرىبا ۋە يېقىنلىرىغا سىلە-رەھىم قىلسۇن» دېيىلسە، يەنە بەزى ھەدىسلەردە ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق ھەققى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ «سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويغان ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ»غانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى غەيرىي مۇسۇلمان بولسۇن، تەقۋادار بولسۇن ياكى پاسىق بولسۇن، دوست بولسۇن ياكى دۈشمەن بولسۇن ئىنسانغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش، ياخشىلىق قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقەمسايەسىگە زىيان زەخمەت يەتكۈزۇشتىن ئۆزىنى ساقلىمىغان ئادەم كامىل مۇئمىن بولالمايدۇ» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قوشنىنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىپ «ئۆينىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ ھەر تەرىپىدىن 40 ئائىلىگىچە قوشنا ھېسابلىنىدۇ» دېگەن. (بىزدىكى ھازىرقى قوشنىدارچىلىقنىڭ قانچىلىك بولۇۋاتقانلىقى ھەر بىرىمىزگە ئايان)
ئاللاھنىڭ كالامى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىدە ئىمانىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا بايان قىلىنغان. نۇرغۇن ھەدىسلەر كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىنساپ-ئىشەنچنى، دوستلۇق-ئىناقلىقنى كۈيلەيدىغان، ئۆزئارا قېرىنداشلارچە مۇئامىلىدە بولۇپ، ئاسايىشلىققا ئۈندەيدىغان ئىدىيىلەرنى ئىماننىڭ بىر جۈملىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئىمان ئېيتمىغۇچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، ئۆزئارا دوستلاشمىغۇچە ھەقىقىي مۇئمىن بولالمايسىلەر»، «كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا دوستلىشىشى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن قالسىلا ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر» دېگەن ھەدىسلەر شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. «كىمكى قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدە بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىدە بولىدۇ، كىمكى قېرىندىشىغا ياردەمدە بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەمدە بولىدۇ»، «ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىدىن چىققان ئادەمنى ئاللاھ قىيامەت كۈننىڭ قورقۇنچىسىدىن ئەمىن قىلىدۇ». مەيلى ماددىي جەھەتتە بولسۇن ياكى مەنىۋى جەھەتتە بولسۇن، باشقىلارغا ھاجىتى چۈشۈشتىن خالىي بولغىلى بولمايدىغان كىشىلىك تۇرمۇشتا بۇ ھەدىسلەرنىڭ روھىنى قانچە ئىخلاس بىلەن ئۆزلەشتۈرسەك، ئىسلام دىنىغا بولغان چۈشەنچىمىز شۇنچە چوڭقۇر، ئەتراپلىق بولىدۇ. ئېتىقادىمىز چىڭىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھايات يولىدا باسقان قەدەملىرىمىز شۇنچە مۇستەھكەم بولىدۇ. ئىجتىمائىي كەيپىيات، گۈزەل ئەخلاقى ساپا، ساغلام مەدەنىيەت ئاساسىدا تەرەققىياتىمىزمۇ شۇنچە راۋان بولىدۇ.
ئىسلامنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ساھابىلارنىڭ ھايات مۇساپىسىغا نەزەر سالساق، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر-بىرىنىڭ ئوتىدا كۆيۇپ، سۈيىدە ئاقىدىغان ھەقىقىي قېرىنداشلىقنىڭ ئۈلگىلىرىنى كۆرىمىز. مېھىر-مۇھەببەت، خالىسلىق، ھەمكارلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ غەم-قايغۇسى ۋە خۇشاللىقى ئورتاق بولىدۇ. مەككىدىن بارغان مۇھاجىرلار بىلەن مەدىنىدىكى ئەنسارىيلارنىڭ ئۆزئارا قېرىنداشلىقى شۇ قەدەر چوڭقۇر ئىدىكى، ئەنسارىيلار مۇھاجىرلارنى ئۆزلىرىدىنمۇ چارىراق كۆرەتتى. ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇلار سېنىڭ-مېنىڭ قىلمىغان. ئەنسارىيلار مۇھاجىرلارغا ئۆيلىرىنى، باغلىرىنى، نېمىسى بولسا شۇنى تەڭ بۆلۈپ بەرگەن. دوستلاشتۇرۇلغان ئىككى ئادەمنىڭ (مۇھاجىر بىلەن ئەنسارىينىڭ) قايسىسى ئۆلسە ئىككىنچىسى ئۇنىڭغا مىراسخور بولاتتى. قان-قېرىنداشلىرى مىراسخور بولمايتتى. ئەنسارىيلار مۇھاجىر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قىلغان غەمخورلۇقلىرىنى تېخى قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنىدىن ئاز دەپ قارايتتى. مانا بۇ ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ يۇقىرى دەرىجىسى. بۇ يۈكسەك، ئالىيجاب قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەتنى چۈشەندۈرۈشكە قەلەم ئاجىزلىق قىلىدۇ. «ئۇلار مۇھتاج تورۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئىتىدىن) ئەلا بىلىدۇ» (سۈرە ھەشىر 9- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن ئايەت ئەنە شۇ ئەنسارىيلار ھەققىدە نازىل بولغان. «سىلەردىن ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرگەندىلا ئاندىن كامىل مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ» (ھەدىس). بۇگۈنكى كۈندە پۇل ھەممىگە ھۆكۈمران دەيدىغان ئىدىيىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا يامراپ كېتىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك دىللىرىمىزنى قاساۋەتلەشتۈرۈپ كېتىۋاتسا، بىزدە نەدىمۇ «ئەلنىڭ مەنپەئىتى ھەممىدىن ئەلا» دەيدىغان ئىدىيە بولسۇن؟! ھەممىلا ئىشتا پۇلنى، پايدىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش خاھىشى كاللىمىزنى چىرمىۋالغان تۇرسا، خالىسلىق، غەرەزسىزلىك، رىياسىزلىقنى قانداقمۇ ئىزچىللاشتۇرغىلى بولسۇن؟! پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئۈممىتىم تىللا بىلەن تەڭگىنى چوڭ بىلىپ كەتسە ئۇنىڭ قەلبىدىن ئىسلامنىڭ ھەيۋىسى كۆتۈرۈلۇپ كېتىدۇ». كىشىلەرنىڭ سورۇنلاردا ئۆزئارا: «ھازىر خەقتە ئىنساپ يوق…» دېيىشىۋاتقانلىقىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز، شەخسىيەتچىلىك ۋە مەنپەئەتپەرەسلىكنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كېتىشى بىلەن ئارىمىزدىن مېھىر-مۇھەببەت، ئىنساپ كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ بارماقتا. قەلبىدىن دىيانەت كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئادەمدىن يەنە نېمىنى كۈتۈش مۇمكىن!
«ياخشىلار باغچىسى» ھەقىقەتەن تۈرلۈك-تۇمەن، رەڭگارەڭ، ھۆسنى ۋە پۇرىقى دىلنى لال قىلىدىغان ھەدىس گۇل-چېچەكلىرىگە تولغانكى، ئۇنىڭدا يەنە يېتىم-يېسىر، ئىگە-چاقىسىزلارنىڭ بېشىنى سىلاش، مۇساپىرلارغا، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قوتقۇزۇش ۋە ماددىي، مەنىۋى جەھەتتىن ھېسداشلىق قىلىش، باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى يېپىش قاتارلىق ئوقۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەل قىلىدىغان، كىشىنى مەنىۋى كامالەتكە يەتكۈزىدىغان ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. «كىمكى بىر ئەمانى 40 قەدەم يۆلەپ ماڭسا، ئۇنىڭغا جەننەت تېگىشلىك بولىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ ئۆزىلا ئاقساق-چولاق، مېيىپ-ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇپ ئۇلارنى قوتقۇزۇشنىڭ، دارىلئېتام، دارىلئاجىزىنلارنى ئېچىپ، ئۇلارنى تەربىيىلەشنىڭ نەقەدەر ساۋابلىق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە يېتەرلىكتۇر. گۇزەل ئەخلاقى بىلەن بىزنىڭ ياخشى ئۈلگىمىز بولغان پەيغەمبىرىمىز: «مەن يېتىمنى باققۇچى ئادەم بىلەن جەننەتتە مۇشۇنداق يېقىن تۇرىمەن» دەپ باش بارمىقى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئارىسىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبىرىمىز يەنە: «مېنى ئاراڭلاردىكى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن تېپىڭلار، چۈنكى سىلەرگە شۇ ئاجىز كىشىلەرنىڭ بەرىكىتىدىن رىزىق بېرىلىدۇ» دېگەن. كىتاب بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، كىشىنى ئەخلاقىي يۈكسەكلىككە يېتەكلەيدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر كۆزىمىزگە چېلىقىپ تورىدۇ. ئەمما، رىئاللىقىمىزغا قارايدىغان بولساق، شۇ ئېسىل تەرغىباتلارنىڭ ئېتىبارسىز قېلىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمىز. مېيىپلىقنى پۇل تىلەشكە دەستەك قىلىپ ياكى ئىگىلىرىنىڭ پۇل تېپىش ۋاسىتىسى بولۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئاجىز مەجرۇھلارنىڭ قەھرىتان قىش، پىژغىرىم ئىسسىقلاردا توپا- تۇمانغا مىلەنگەن ھالىتى يۈرىكىمىزنى ئېچىشتۇرىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دىكى: «يېتىمنى خارلىما …» دېگەن ئەمر رەببانىيغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇلارنىڭ بېشىنى قانچىلىك سىلىيالىدۇق؟ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىدىن قانچە يىراقلاشقانسېرى ھەممىدە چېكىنىشكە يۈز تۇتۇۋاتىمىز. نىھايەت، ئەقىل كۆزى بىلەن ئىدراك قىلغۇچىلار ئۈچۈن چاقناپ تۇرغان تاڭ نۇرىدەك روشەن تۇيۇلىدىغان ھەدىس مەنالىرىنى زالالەت تۇمانلىرى ئىچىدە تىڭىرقاپ يۈرگەنلەر ئاڭقىرالماي قالىدۇ-دە، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەختتىن قۇرۇق قالىدۇ.
«قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەردە خەير-ئىھسان قىلىشنىڭ، ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل-مال سەرپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى سۆزلىنىدۇ. سەدىقە نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ خاسىيەتلىك ئىشنى ھەممە ئادەم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. سەدىقە سۆزىنىڭ مەناسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە بۈگۈنكى كۈندە سەدىقە كىشىلەر تەرىپىدىن مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن نامراتلارغا ئىقتىسادى ياردەم بىرىش دەپ چۈشىنىلىۋاتقان بولسىمۇ، ھەدىسلەردە ياخشى ئىش ۋە ياخشى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى سەدىقە دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئۆزىگىمۇ پايدا يەتكۈزۈشىنى، سەدىقىمۇ قىلىشىنى، مۇنداق قىلالمىسا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ يامان ئىشلاردىن قول يىغىشىنى، بۇنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ئورنىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزىدە مۇئمىننىڭ قولىدىن كېلىشىچە كىشىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشى، باشقىلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىك كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. يەنە بەزى ھەدىسلەردە «كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ، ئۇلارنى ئەپلەشتۈرۈشمۇ سەدىقە ھېسابلىنىدۇ» دېيىلگەن. يەنە بەزى ھەدىسلەردە ئۆزىنىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرى ئۈچۈن قىلغان ئائىلە راسخۇتىمۇ، ھەتتا كىشىلەرگە قىلغان بىرەر ئېغىز ياخشى سۆزنىڭمۇ سەدىقە ھېسابلىنىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. بۇ ھەدىسلەردىن بىز ھۈنەر-سانائەت بولسۇن، تېرىقچىلىق بولسۇن، تىجارەت بولسۇن، ھەر ئادەمنىڭ بىرەر كەسىپ بىلەن ئىش-ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكىنى، ئەجرىدىن كەلگەن كىرىم بىلەن ئاۋۋال ئۆزىنى تەمىنلەپ ئاشقان قىسمىنى يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشقا ئىشلىتىش تەكىتلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. سەدىقە- ئىھسان ئاز بولسىمۇ، ئۇنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقى ئوبرازلىق رەۋىشتە مۇنداق ئىپادىلەنگەن. «كىمكى ھالال كەسىپ بىلەن تاپقان مېلىدىن خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا، ئاللاھ پەقەت ھالال مالنىلا قوبول قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبول قىلىدۇ، ئاندىن ئۇ خورما چاغلىق نەرسىنى خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ تايچىقىنى ئوبدان بېقىپ ئۆستۈرگەندەك ئۆستۈرۈپ، سەدىقە قىلغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭ ساۋابىنى تاغدەك زورايتىپ بېرىدۇ». ھەدىسلەردە مەيلى باي بولسۇن، مەيلى نامرات بولسۇن مۇسۇلمان كىشىنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن بىر پايدىلىق ئېلىمىنت بولۇشى كېرەكلىكى، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئاۋامغا پايدا يەتكۈزۈشى، بايلارنىڭ كەڭ قوللۇق بىلەن كۆپلەپ خەير-ساخاۋەت قىلىشى، كەمبەغەللەرنىڭمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولماسلىقى قەيت قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەن ئادەمنى ئەڭ ئارتۇق ھېسابلىغان. «كىمكى ئۆزى نېمە يېسە خىزمەتچىسى (ياكى قۇلى) گە شۇنى يېگۈزسۇن، ئۆزى نېمە كىيسە ئۇنىڭغا شۇنى كىيگۈزسۇن. ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا سالماڭلار. ئەگەر شۇنداق ئىشلارغا سېلىپ قالساڭلار ئۇلارغا ياردەمدە بولۇڭلار» دېگەن. «كىمكى بىرەر مۇسۇلمانغا ئەزىيەت يەتكۈزسە ماڭا ئەزىيەت يەتكۈزگەن بولىدۇ»، «ناھەق رەۋىشتە بىر مۇسۇلماننىڭ ئابرويىنى تۆكۈش ھەقىقەتەن ئەڭ چوڭ گۇناھتۇر». يۇقىرىدىكى ھەدىسلەردە مۇئمىنگە ئەزىيەت يەتكۈزۈش قاتتىق ئەيىپلىنىدۇ.
رەسۇلۇللاھ ئىپپەتلىك، پاك مۇسۇلمان ئاياللارغا بۆھتان چاپلاشنى يەتتە خىل ھالاكەتلىك گۈناھ قاتارىدا سانىغان. ھالبۇكى، ئارىمىزدا ئاياللارغا، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئايالى بولغان تەقدىردىمۇ قارا چاپلاش تۈسىنى ئالغان سەت تىللار بىلەن ھاقارەتلەيدىغان ئەھۋاللار ئاز ئەمەس.
بىر مۇنچە ھەدىسلەردە ئىناقلىق، ھەمكارلىق، مىھرىبانلىق روھى تەكىتلىنىدۇ. ئۇنىڭغا زىت كېلىدىغان تەپرىقچىلىك، ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك ، ئىككى يۈزلىمىچىلىك، چېقىمچىلىق، غەيۋەت-شىكايەت قاتارلىق ئىللەتلەرگە لەنەت ئوقۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىڭلار، كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى كولىماڭلار. تىڭ-تىڭلاپ يۈرمەڭلار. ئۆزئارا دۈشمەنلەشمەڭلار. ئۆزئارا قىرىنداشلارچە بولۇڭلار»، «كىمكى بىر قىرىندىشىنىڭ غەيۋىتى قىلىنغان يەردە ئۇنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاپ قالسا، ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنى دوزاختىن ساقلاپ قالىدۇ»، «ساھابىلىرىمدىن ھېچبىر ئادەم ماڭا بىراۋ ئۈستىدىن سۇخەنچىلىك قىلمىسۇن»، «سۇخەنچى ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ»، «كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەيىبىنى تۈزەش بىلەن بولغان ئادەم چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ»، «ئىككى يۈزلىمىچى ئادەم قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئادەملەرنىڭ ئەڭ يامىنى بولۇپ قالىدۇ»، «ھەسەتتىن ساقلىنىڭلار، ھەسەت قىلىش ياخشىلىقلارنى خۇددى ئوت ئوتۇننى يېگەندەك يەيدۇ» قاتارلىق دانا سۆزلىرىنى مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا ئۆم-ئىناقلىقنىڭ ھۇزۇر بەخش كۆرۈنۈشلىرى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئۆزئارا قىزغىن، سەمىمىي، خالىس ھېسسىياتتا بولۇش دىللارنى سۆيۈندۈرىدۇ. چېقىمچىلىق، غەيۋەتخورلۇق، ھەسەتخورلۇقلار مۇسۇلمانچىلىق بىلەن زادى كىلىشەلمەيدۇ. قەيەردە بولمىسۇن بېشىغا كۈن چۈشكەنلەرگە ھەقىقىي ھېسداشلىق قىلىنسا، موھتاجلارغا ھاجىتى راۋا بولغۇدەك ياردەم قىلىدىغان ساخاۋەتلىك قوللار سۇنۇلسا ئارىمىزدا تەبىئىي ھالدا بەرگۈچىنى رىيا-كىبىردىن خالىي قىلىدىغان، ئالغۇچىنى خورلۇق-ئىزادىن خالاس قىلىدىغان ساغلام ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى شەكىللەنگەن بولاتتى. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە تۈرلۈك كۆڭۈلسىزلىكلەر، ئۇقۇشماسلىقلار بولۇپ تۇرىدۇ. كىشى ھەرقاچان ئەزىيەت، ئازار-كۈلپەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. مۇنداق چاغلاردا مۇسۇلمان ئادەم پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «مۇسۇلمانغا كەلگەن ھەرقانداق كۆڭۇلسىزلىكنى ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھىغا كەففارەت قىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ پۇتىغا بىر تىكەن كىرىپ كەتسىمۇ، ئۇ گۇناھىغا كەففارەت بولىدۇ»، «ئاللاھ كىمگە بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى ئوڭۇشسىزلىققا دۇچار قىلىدۇ»، «ھېچ كىشىگە سەۋرىدىن ئەۋزەل ۋە چوڭ سوۋغات بېرىلگىنى يوق» دېگەن سۆزلىرىگە ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ئۇمىدۋارلىق ۋە ئەقىل ھەمراھ بولۇپ، قىيىن ئۆتكەلدىن غەيرەت-پاراسەت بىلەن ئۆتۈۋالىدۇ، شۇنداقلا قارنى-كۆكسىنى كەڭ تۇتقانلىقى، چىداملىقلىقى ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىقلارغا ئېرىشىدۇ. باشقىلارغا قوپال، سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈستىدە خاپا بولۇشۇپ، قىزىرىشىپ چاپان سېلىشىدىغان، ياقا سىقىشىدىغان قىلمىشلار بىزگە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۇرۇشقاندا ئېغىز بۇزۇشنى مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىن» سانىغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ مۇلايىملىق، ئەپۇچانلىق، مېھرىبانلىق، سەۋرچانلىق، چىدامچانلىق، ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق خىسلەتلىرى بىلەن ئۆز ئۈممىتىگە ناھايىتى ئېسىل ئۈلگە ياراتقان. بۇ مەزمۇنلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مۇلايىملىقتىن مەھرۇم قىلىنغان ئادەم پۈتۈن ياخشىلىقتىن مەھرۇم قىلىنغان بولىدۇ»، ئاللا بىر قەۋمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇلار ئىچىدە مۇلايىملىقنى ئومۇملاشتۇرىدۇ»، «كىشىلەرگە رەھىم قىلمىغان ئادەمگە ئاللاھ رەھىم قىلمايدۇ»، «كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھ يامان كۆرىدىغان ئادەم دۈشمەنلىكى قاتتىق، خۇسۇمەتچى ئادەمدۇر»، «بىر ئادەمنىڭ بىر دىنىي قېرىندىشىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ بىر-بىرىگە تەتۈر قاراپ يۈرۈشى دۇرۇس ئەمەس»، «روزىدىنمۇ، سەدىقىدىنمۇ، نامازدىنمۇ ئارتۇق ئىش كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەشتۇر، ئارىنىڭ بۇزۇلۇشى دىللارنى خاتىرجەمسىزلەندۇرىدۇ»، «كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش گۇناھ ھېسابلانمايدۇ» قاتارلىق ھەدىسلىرىدە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر ئىپادىسىنى تاپقان. كىشىلەرنى ئاسراشتا، ئۇلارغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىشتە رەسۇلۇللاھ نەمۇنىلىك رول ئوينىغان. ئۇ «نامازدا تۇرۇپ بالىسىنىڭ يىغلىغانلىقىنى ئاڭلىسام، ئانىسىنى بىئارام قىلىپ قويماي دەپ نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇيمەن» دېگەن. ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئاسىراشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ياشتا چوڭلىرىمىزنى ھۆرمەتلىمىگەن، كىچىكلىرىمىزگە كۆيۈنمىگەن ئادەم بىزگە مەنسۇپ ئەمەس» دېگەن دانا سۆزى بار. تۈرلۈك سورۇنلىرىمىزنىڭ يالغان-ياۋىداق، پىتنە-پاسات، سۆز-چۆچەكلەر تارقىتىش ئۇۋىسى بولۇۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىشىنىڭ ئاڭلىغانلىكى نەرسىنى سۆزلەپ يۈرۈشىنىڭ ئۆزى كىشى ئۈچۈن يېتەرلىك يالغانچىلىقتۇر» دېگەن سۆزى مۇسۇلماننى ھەر ۋاقىت ئېغىزىغا ھېزى بولۇشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. ساھابىلاردىن بىرى رەسۇلۇللاھتىن مۇنداق سورىغان: بەندىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئەمەل قايسى؟ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «تەقۋالىق بىلەن گۈزەل ئەخلاق». ئەمىسە دوزاققا كىرىشگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەلچۇ؟ «ئېغىزى بىلەن ئەۋرەت». ئادەمنىڭ ياخشى يامىنى ئەمەلىيەتتە كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە سىنىلىدۇ. بولۇپمۇ ئىقتىسادىي مۇئامىلە كىشىنى سىناشنىڭ ھالقىلىق ئىمتىھانىدۇر. سەمىمىيلىك، توغرىلىق، راستچىللىق، خالىسلىق، ئىنساپ، تەۋپىق، ئىشەنچ، ھەققانىيەتلەر ھەدىسلەردە مەدھىيىلىنىپ، مەككارلىق، ئالدامچىلىق، ھىيلىگەرلىك، يالغانچىلىق، نامەردلىك، خىيانەتچىلىك، قويمىچىلىق، جازانىخورلۇق، پارىخورلۇق، ۋىجدانسىزلىق، ۋاپاسىزلىق، كىشىنىڭ ھەققىنى يېۋېلىش قاتارلىق رەزىللىكلەر قاتتىق ئەيىبلىدۇ.
ھەدىستە يالغان گەپ قىلىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىق مۇناپىقلىقنىڭ ئۈچ تۈرلۈك بەلگىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ، «كىمكى ئۆزىدە بىراۋنىڭ مەنىۋى ياكى ماددىي ھەققى قالغان بولسا، ئۇنى قىيامەت كۈنىگە قالدۇرماي مۇشۇ دۇنيادا رازى قىلىۋەتسۇن. زۇلۇم قىلغۇچى ئادەم ھەق ئىگىسىنى بۇ دۇنيادا رازى قىلىۋەتمەي ئاخىرەتكە قالدۇرسا زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ھەق ئىگىسىنىڭ قانچىلىك ھەققى بولسا شۇنچىلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ. زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، ھەق ئىگىسىنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ زۇلۇم قىلغۇچىغا يۈكلىنىدۇ». ھەدىسلەردىن مەيلى قايسى رەۋىش قايسى ئۇسۇلدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىشىنىڭ (مىسۋاك ياغىچى چاغلىق نەرسە بولسىمۇ) ھەققىنى يېۋىلىشنىڭ ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ئىگىسىگە قايتۇرۇلمىسا بولمايدىغان قورقونچلۇق ھەق ئىكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز. يەنە بىر ھەدىستە: «خىيانەت قىلماسلىق، راست سۆزلۈك بولۇش، گۈزەل-خۇلۇقلۇق ۋە بىتەمە بولۇپ، ھالال كەسىپ قىلىشتىن ئىبارەت 4 خىسلەت» ئۈستىدە توختالغان. بىر ھەدىستە: «جازانىنى يېگۈچى، يېگۈزگۈچى، يېزىپ بەرگۈچى ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغۇچىغا لەنەت قىلىنغان». يەنە بىر ھەدىستە: «ئىشلەمچىنىڭ ھەققىنى بەرمەسلىك چوڭ گۇناھقا ياتىدۇ» دېيىلسە، باشقا بىر ھەدىستە: «ياللاپ ئىشلىتىلگەن ئادەمنىڭ بەدىنىدىن چىققان تەر قۇرۇپ بولغۇچە ئۇنىڭ ھەققىنى بېرىپ بولۇشنىڭ لازىملىقى» تەكىتلىنىدۇ. قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماي ئارقىغا سۈرۈش زۇلۇم ھېسابلىنىش بىلەن قىينچىلىقى بار قەرزدارنىڭ مۆھلىتىنى ئۇزارتىپ بېرىش ساۋابلىق ئىش سانىلىدۇ. «كىمكى ساختىلىق قىلىدىكەن، ئۇ بىزگە مەنسۇپ ئەمەس» دېگەن ھەدىستە ئېلىم-بېرىمدە ساختىپەزلىك قىلىش، يالغان قەسەم قىلش، ساختا ماللارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇلارنى سېتىشمۇ ئوخشاشلا ھارام قىلىنغان. ئىسلامدا بىرلىشىپ تىجارەت قىلشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ، ھەدىستە «شىرىك بولۇپ تىجارەت قىلىش بەرىكەتلىك ئۈچ ئىشنىڭ بىرى» قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. ھەدىسى قۇدسىدا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مۇنداق دېيىلىدۇ: «مادامىكى بىر-بىرىگە خىيانەت قىلىشمايدىكەن، مەن ئىككى شىرىكنىڭ ئۈچىنچىسى بولىمەن، قاچانكى ئۇلارنىڭ بىرى خيانەت قىلىدىكەن، مەن چىقىپ كېتىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شەيتان كىرىۋالىدۇ». بىزنىڭ ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىز شىركەت بولۇپ ئۇيۇشۇپ مەبلەغ ئۈستۇنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈپ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ بازار قانۇنىيىتى بويىچە سودا قىلىشنى ۋە ئوبراز تىكلەشنىڭ، زۆرۈرلۈكىنى تېخى دېگەندەك تونۇپ يەتمىگەندەك قىلىدۇ. بىزنىڭ روھانىيىتىمىزگە تەپرىقىچىلىق ھەسەتخورلۇق سىڭىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، سودا-تىجارەت ئىشلىرىمىزدىمۇ بىرلىك، ئويۇشقاقلىق، ئۆزئارا يۆلەشتىن يىراقمىز. بىرمۇنچە كىشىلىرىمىز سودا ساھەسىدە ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە چېۋەرلىكى بىلەن ئۈزۈپ چىقىپ ياقا يۇرتلاردا كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان بولسىمۇ، تەشكىللىنىپ بىرەر قانۇنلۇق شىركەت شەكلىنى ئالمىغانلىقى ئۈچۈن سودا رىقابىتىدە «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دىڭى چىقماس» دېگەندەك چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىقا قۇربى يەتمەيۋاتىدۇ، ھەممىدىن يامىنى «ئايرىلغاننى بۆرە يەر» دېگەندەك ئۇلار بۇلاڭ-تالاڭ، سۇيىقەستلەرگە ئۇچراپ ھەم جىنىدىن، ھەم مېلىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ، «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دېگەن ئاتىلار سۆزىمۇ يۇقىرىقى ھەدىس روھىغا ماس ھالدا ھەممە بىرنىيەتتە بىر ياقىدىن باش بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئىش كۆرۈشىمىز لازىملىقىنى تەكىتلەپ تۇرۇپتۇ.
«قۇرئان كەرىم»دىكى: «(ئۆلچەم ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي، ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا تولۇق ئالىدۇ، كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا كەم بېرىدۇ» دېگەن ئايەتلەردە تارازا-ئۆلچەمدە ئادىل بولۇش ئالاھىدە تەكىتلىنىشتىن تاشقىرى ھەدىستە: «ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ تارازا-ئۆلچەمدە ساختىلىق قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك بولغانلىقى» ئەسلىتىپ ئۆتۈلىدۇ. ھەدىسلەردە ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ، ھالال يەپ ھالال ياشاشنىڭ يوللىرى كۆرسىتىلىدۇ، ئەھمىيىتى سۆزلىنىدۇ. «ھالال رىزىق ئىزدەش ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن ۋاجىپتۇر»، «كىمكى ھالال كەسىپ قىلىش يۈزىسىدىن ئاغرىپ قالسا گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ »، «رىزىقنى زىمىننىڭ يوشۇرۇن جايلىرىدىن تەلەپ قىلىڭلار»، «كىشىنىڭ ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ يېگەن تامىقى ئەڭ ھالال تاماقتۇر، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسالام ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشايتتى»، «كىمكى ھالال يېسە، سۈننەتكە ئەمەل قىلسا، كىشىلەرگە يامانلىق قىلمىسا ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ». مانا بۇ ھەدىسلەردە يۇقىرى-تۆۋەن، پاكىز-مەينەت، جاپالىق-يېنىك دېمەي بىرەر كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىدىغان، ھالال-ھارامنى پەرق قىلىدىغان، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشنى شەرەپ بىلىدىغان، تۇتقان ئىشىدا نەتىجە قازىنىپ باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغان مېھنەتسۆيەر، ئەمگەكچان كىشىلەرنىڭ تىپى سۈرەتلەپ بېرىلىدۇ. داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ شۇنچە كاتتا پادىشاھلىقى، سەلتەنىتى بىلەن يەنىلا قول ئەمگىكىدىن يالتايمىغان. ئۆزى ئىشلەپ يېگەن ھالال ناننىڭ تەمى باشقىچە بولىدۇ. ئەمگەكچان ئادەم چىداملىق ۋە ساغلام كېلىدۇ، ئەمگەكچانلار قانچە كۆپ بولسا ئىشلەپچىقىرىش يۈكسىلىپ، يۇرت روناق تاپىدۇ. ھورۇنلۇق، تىلەمچىلىك، تەييارتاپلىق كىشىنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ، تەمەخورلۇق، تىلەمچىلىك، پىخسىقلىق مۇسۇلمان ئادەمگە ياراشمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تىلەمچىلىك توغرىسىدا مۇنۇلارنى دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار تىلەمچىلىك دەرۋازىسىنى ئاچسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا پېقىرلىقنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ»، «كىشى تىلەمچىلىك قىلىۋەرسە، قىيامەت كۈنى يۈزىدە گۆش دىدارى بولمىغان ھالدا ھازىر بولىدۇ»، «كىمكى ماڭا كىشىلەردىن بىر نەرسە تىلىمەسلىككە كېپىللىك قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جەننىتى بولۇشىغا كېپىللىك قىلىمەن». كوچىلاردا دوقمۇش-دوقمۇشتا تىلەمچىلەر كۆزىمىزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارغا 30~40 تىيىن بېرىش بىلەن قارىماي ئۆتۈپ كېتىش ياكى ئۇلارنى تەنبىھ بېرىپ ئەيىبلەش بىلەن ئىش پۈتەمدۇ؟ مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا، جان بېقىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئەنسارىيلاردىن بىر ئادەم نەرسە تىلەپ كەلگەن. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن ئۆيىدە بىرەر نەرسىسى بار يوقلۇقىنى سورىغان. ئەنسارىي ئۆيىدە پەقەت يېرىمىنى ئاستىغا سېلىپ، يېرىمىنى ئۈستىگە يېپىنىدىغان بىر يېپىنچىسى ۋە بىر دانە سۇ ئىچىدىغان ياغاچ تاۋىقى بارلىقىنى ئېيتقان. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئىككىسىنى ئالدۇرۇپ كېلىپ ئۇ نەرسىلەرنى كىمنىڭ سىتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، بىر تەڭگىگە خېرىدار چىققان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى-ئۈچ قېتىم كىمنىڭ ئېشىپ ئالىدىغانلىقىنى سورىغاندا، بىرەيلەن ئىككى تەڭگە بېرىپ ئۇلارنى سېتىۋالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۇلنى ئەنسارىيغا بىرىپ: «بۇ پۇلنىڭ يېرىمىغا ئائىلەڭدىكىلەرگە يېمەكلىك ئېلىپ بەرگىن، يېرىمىغا بىر پالتا سېتىۋېلىپ، مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن» دېگەن، ئەنسارىي پالتىنى ئېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پالتىغا ساپ ئورنىتىپ بېرىپ: «بۇنىڭ بىلەن جاڭگالدىن ئوتۇن كېسىپ كېلىپ بازاردا ساتقىن، 15 كۈنگىچە ماڭا كۆرۈنمىگىن» دېگەن، شۇنىڭ بىلەن ئەنسارىي ئوتۇنچىلىق قىلىپ ئون تەڭگە تېپىپ ئۇنىڭ بىر قىسىمىغا يېمەكلىك، بىر قىسمىغا بولسا كىيىم- كېچەك سېتىۋالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مانا بۇ تىلەمچىلىكتىن ياخشى، تىلەمچىلىك قىلساڭ بۇ قىيامەت كۈنى يۈزىگە داغ بولۇپ قالىدۇ» دېگەن. تەندۇرۇس، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش ئىمكانىيىتى بارلارمۇ پۇل يىغىپ پارازىتلارچە ياشاش مەقسىتىدە دىۋانە قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ «سەدىقە بالانى يەر، تەۋبە گۇناھنى» دەپ تىلەيدۇ. تىلەمچىلىك قىلىش پەس تەبىئەتلىكلەرنىڭ ئىشى بولۇپ، تۆۋەن بولسىمۇ، بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ جان بېقىش ئەلۋەتتە شەرەپلىكتۇر.
كىشىلىك جەمئىيەتتە ئائىلە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ئائىلە جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ گەۋدىنى تەشكىل قىلغۇچى كىچىك ھۈجەيرە. ئائىلە تۈزەلسە جەمئىيەت تۈزۈلىدۇ، شۇڭلاشقا ئىشنى ئالدى بىلەن ئائىلىنى تۈزەشتىن باشلاش كېرەك. ھەر ئادەم ئائىلىگە نىسبەتەن ئەقىدىلىك، تەربىيىلىك، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان، جىددىي پوزىتسىيىدە بولۇشى لازىم. ھەدىستە خۇددى پادىچى ئۆز پادىسى ئۈستىدە مەسئۇل بولغاندەك قىيامەتتە ئەر- ئايالنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ئۈستىدە سوئال- سوراق قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. بالىنىڭ ئەقىدىسىنىڭ، ئەخلاقىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ پۈتۈنلەي ئاتا- ئانىسىدا ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ھەدىستە: «ئادەم بالىسى ‹ھەر نۇقسان ئىللەتلەردىن خالىي ھالدا› ساپ ھالەت بىلەن دۇنياغا كېلىدۇ. ئاتا-ئانىسى ئۇنى يا خرىستىئان، يا يەھۇدىي، يا مەجۇسى قىلىپ چىقىدۇ، قۇلىقى كېسىك تۇغۇلغان بىرەر ھايۋاننى كۆرگىنىڭ يوقتۇر!» دېيىلگەن. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى نېمە دېگەن چوڭقۇر! ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنى كىچىكىدىنلا توغرا ئەقىدە ئاساسىدا ئىتىقادلىق، سەمىمىي، تىرىشچان، پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيىلىشى لازىم. قورامىغا يەتمىگەنلەرگە قانچىلىك ئەخلاق تەربىيىسى بېرىۋاتىمىز؟! ئۇلارغا تەلقىن قىلىنىۋاتقان، سىڭدۈرۈلۈۋاتقان تەربىيىنى سەگەكلىك بىلەن قانچىلىك كۆزىتىۋاتىمىز؟! مۇقەررەركى، پەرزەنتلەرگە ئەجدادلارنىڭ ساپ ئەقىدىسىنى سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى دىيانەتلىك، ئەخلاق-ھايالىق قىلىپ تەربىيىلىمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. تەربىيىسىزلىكتىن تاپتىن چىققان پەرزەنتلىرىنىڭ دەردىدە پۇچۇلۇنۇپ يۈرگەنلەر ئازمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇۋالى ئاتا-ئانا بولغۇچىلارغىمۇ ياكى پەرزەنتكىمۇ؟ ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنىتلەردىن تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى ئالدى بىلەن ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئۆزى كۆرسىتىشى لازىم. ئاتا-ئانىنىڭ ئەقىدىسى، گەپ سۆزى، يۈرۈش-تۇرۇشى، كىيىنىشى، ئالاقە-مۇناسىۋەتلىرى بالىغا ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا- ئانا قانداق بولسا پەرزەنتلىرىنىڭمۇ شۇنداق بولۇشىنى چۈشەندۈرۈشتە «ئالا ئىنەكنىڭ بالسى چالا قۇيرۇق» دېگەن تەمسىل ناھايىتى جايىدا ئېيتىلغان. بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىق تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىدا ئائىلە تەربىيىسىنى يادرۇلۇق ئورۇنغا قويۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەقەززا قىلماقتا. لېكىن، ئۆزىنىڭ بىردەملىك راھىتى ئۈچۈن ئائىلىنى بۇزۇپ باغرىنى يېرىپ چىققان بالىلىرىنىڭ بەختىنى قۇربان قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلاردا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئىمانى بۇرچ نېمە ئىش قىلسۇن؟
ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ئەر-خوتۇننىڭ ئىناق ئۆتۈشى ئاساسىدا تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ. ئىجتىمائىيەتتە ئەڭ كىچىك ھۇجەيرە بولغان ئائىلىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىناقلىقى جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ گەۋدىنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ساداقىتى، ئۆزىنى ئەمەس قارشى تەرەپنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ئائىلە مۇھەببىتىنى پەرۋىش قىلىشى، ئىككىلا تەرەپنىڭ ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشى ئاساسىدا ئائىلە گۈللىنىدۇ، ئائىلىگە بەرىكەت ياغىدۇ، ئەر-خوتۇننىڭ ئىناق ئۆتۈشى ئۈچۈن يالغۇز ھېسىسىيات بىرلىكى كۇپايە قىلمايدۇ، ئىتىقاد بىرلىكى، مەسلەك بىرلىكى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئائىلىنىڭ ئۇلى مۇستەھكەم، تەربىيىلىگەن پەرزەنتلىرى ساپالىق بولىدۇ. ھەدىسلەردە ئاياللارنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلىش، ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن ئېتىبار بېرىش ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىرىڭلاردۇر»، «ئاراڭلاردىكى ياخشى ئادەم ئايالىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغان ئادەمدۇر. ئايالىغا ھەممىدىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم مەن بولىمەن» دېگەن. ئەر-ئايال جېدەللىشىپ ئۆتكەن تۇرمۇشتا ئائىلىۋى بەختتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. مۇنداق ئائىلىدە نە ياخشى پەرزەنت، نە ياخشى ئائىلە مۇھىتى يېتلدۈرۈش بەك مۇشكۈل. يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللار ھەققىدە ئېيتقان: «دۇنيا پايدىلىنىدىغان جايدۇر. دۇنيادىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ياخشى ئايالدۇر»، «ئى ئاللاھ، شۈبھىسىزكى مەن يېتىم بىلەن ئايالدىن ئىبارەت ئىككى ئاجىزنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلمىغان ئادەمنى گۇناھكار ھېسابلايمەن» (ئەلۋەتتە بۇ يەردە دېيىلگەن ھەق مەنىۋى ھەقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق ھېكمەتلىك سۆزلىرىمۇ بار. ئاللاھ تائالا «سۈرە نىسا»دا: «… ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن» دېگەن. ئەپسۇس، ئايالىنى كەمسىتىدىغان يولسىزلىقلارنى، زورلۇق- زۇمبۇلۇقلارنى، قىلدىن قىڭغىر كەتسە ئايالىنى «گەپ ياندۇردۇڭ» دەپ تىل ئاھانەتكە كۆمۈشلەرنى، كىشىلەر ئالدىدا سەتلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «ئەرلىكىنى» نامايان قىلىشلارنى، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن «ئاغىزىمدىن گەپ چىقىپ كېتىپتۇ» دەپ، پەتىۋا ئىزدەپ يۇرتمۇ يۇرت كېزىشلەرنى، ئىشىكمۇ ئىشك دوقۇرۇپ يۈرۈشلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە، ھەدىس روھىدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىمىز.

ئىمانلىق، ئىنساپلىق، پەزىلەتلىك، مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانا قولىدا تەربىيىلەنگەن بالىلار ئىتىقادلىق، ھايالىق، تىرىشچان، ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك بولۇپ ئۆسىدۇ. ئىجتىمائىي رېئاللىقىمىزغا قارايدىغان بولساق ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئەخلاق جەھەتتىن بۇزۇلۇۋاتقانلارنىڭ كۆپلۈكى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. پەيغەمبىرىمىز: «ھايا قىلمىساڭ، خالىغىنىڭىنى قىل» دېگەن. كېچىلىك بەزمىخانا، قاۋاقخانا، دېسكۇخانا، مېھمانخانا، يەنە ئاللىقانداق «خانا»لاردا چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ كېتىۋاتقانلارنى، زەھەر چېكىش، قىمار ئويناش، پاھىشىۋازلىقلار بىلەن جەمئىيەت ھاۋاسىنى بۇلغاۋاتقانلارنى، كۈندە دېگۈدەك كۆزىمىزگە چېلىقىپ، قولىقىمىزغا ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان نومۇسسىزلىقلارنى ھېس قىلغىنىمىزدا، «نەئۇزۇبىللاھ» دېمەي تۇرالمايمىز. زامانى ئاۋۋالدىن تارتىپ روھىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئەدەب، ئىنساپ، دىيانەت، نومۇس دېگەنلەرنى بىر يولىلا دو تىكىپ، ئاقىۋەتتە ھەممىدىن ئايرىلىپ گاڭسا-جىسا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. شەرمى-ھايا ھەدىسلەردە ئىماننىڭ بىر شاخچىسى دېيىلىپ، ناھايىتى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلغان. يەنە «كىمكى ئادەملەردىن ئۇيالمىسا، ئاللاھتىنمۇ ئۇيالمايدۇ» دېگەن ھەدىسمۇ بار. يۇقىرىقىدەك نومۇس تۇيغۇسىنى يوقىتىپ، گۇناھلار قاينىمىغا چۆكۈپ كەتكەنلەردىن شەرمى-ھايانى كۆتۈش مۇمكىنمۇ؟ كىشىلەرنىڭ دىلىدىن ئىنساپ-تەۋپىق كۆتۈرۈلۈپ، ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلىپ كېتىشى ئەخلاق- پەزىلەتنىڭ خاراپلاشقانلىقىنىڭ، زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىنىڭ ئالامىتى، ھايانى ئۇنتۇغان ئازغۇنلارنىڭ قەلبىنى قەۋەتلەپ كىر باسقان بولىدۇ، ئۇنى ئېرىغداشقا ھەسسىلەپ كۈچ كېتىدۇ. سەنئەت نامى ئاستىدا بەزى قىز-ئاياللارنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدا ئوينىغان يېرىم-يالىڭاچ ھاياسىز ئۇسۇللىرىنى، كوچىلاردا بەدەنلىرىنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى (شەھۋانى كۆزلەرنىڭ كۆرمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ) ئەتەي ئېچىپ قويۇپ، تاراقشىپ يۈرۈشلىرىنى، ساياق ئوغۇل- قىزلارنىڭ كۈپكۈندۈزدە ئوچۇقچىلىقتا ئۇيالماستىن قىلىپ يۈرگەنلىرىنى نېمە دېگۈلۈك؟! پەيغەمبىرىمىزنىڭ :«ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر»، «شەرمى، ھايا پەقەت ياخشىلىقلا ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن ھەدىسلىرىگە رىئايە قىلمىغاننىڭ تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيىنىنى تارتماقتىمىز. ئىمانى بوھران، ئەخلاقى كرىزىس تۈپەيلى ئارىمىزدا يامراپ كېتىۋاتقان زەھەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەغلۇبىيەتچىلەردىن بولۇپ قېلىۋاتىمىز. نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ ئېزىپ گۇمراھلىق قاراڭغۇلۇقلىرىدا گاڭگىراپ يول تاپالماي تىمىسقلاپ يۈرۈشى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ.
ئىجتىمائىي توغرا كەيپىيات تىكلەشتە ئالدى بىلەن ئەخلاقسىزلىق، رەزىللىكلەرنى چەكلەشكە پايدىلىق ئومۇمىي جامائەت پىكرى ھازىرلاشقا تىرىشىش لازىم. ناچار ئىش، ناچار ھادىسىلەرگە، ناتوغرا كەيپىياتلارغا قارىتا ھەر ئادەم تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك. ئىسلامىيەتتە كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىش قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن توسوش — ئەھلى ئىسلامنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى سانىلىدۇ. بۇ ئەمرىمەرۇپ دېيىلىدۇ. «ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ. ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. خەيرلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ. ئەنە شۇ ياخشىلاردىندۇر» («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 114- ئايەت) «سىلەردىن كىمكى بىرەر يامان ئىشنى كۆرسە ئۇنى ھەرىكىتى ئارقىلىق توسسۇن. مۇنداق قىلىشقا قادىر بولالمىسا سۆزى ئارقىلىق توسسۇن. بۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا ئۇنىڭغا دىلىدا نارازى بولسۇن، بۇ ئىماننىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىدۇر» (ھەدىس) ھەدىسلەر روھىي بويىچە ئېيتقاندا ئەمرىمەرۇپ تولىمۇ ساۋابلىق ئىش. «بىرەر ياخشى ئىشنى قىلىشقا ئۈندىگەن ئادەمگە شۇ ياخشى ئىش قىلغۇچىغا قانداق ساۋاب بېرىلگەن بولسا، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق ساۋاب بېرىلىدۇ» (ھەدىس). «ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بىرەر ئادەمنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا سەۋەبچى بولساڭ سېنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ساۋاب بولمايدۇ» (ھەدىس). شۇڭا، ئارىمىزدا ياخشى ئىشلارغا مەدەت بىرىپ، يامان ئىشلارغا لەنەت ياغدۇرىدىغان توغرا كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم. كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان يامان ئىشلارغا، يامان ھەرىكەتلەرگە، ئەخلاقسىزلىقلارغا قارشى ئىنكاس قايتۇرماي، قۇلاقنى يۇپۇرۇۋېلىپ، كۆرسەكمۇ كۆرمەسكە سېلىپ يۈرۈشىمىز شۇنداق ئىشلارنىڭ ئەدەپ كېتىشىگە يول قويغانلىق بولۇپلا قالماي يەنە ئەمرى رەببانى (ئاللاھنىڭ ئەمرى)دىن باش تارتقانلىق بولىدۇ. ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان ناشايان ئىشلارنى كۆرمەسكە سېلىۋالساقمۇ، كۆزىمىزنى يۇمۇۋالساقمۇ بەرىبىر رېئاللىققا «نېمە ئامال!» دەپ سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرۇش بىلەنلا ئەھلى جامائەتنىڭ مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى مۇنۇ ھەدىستىن كۆرۈۋالساق بولىدۇ. «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ يامان ئىشلاردىن توسۇشۇڭلار كېرەك. ئۇنداق قىلمىساڭلار، پات يېقىندا ئاللاھ سىلەرگە ئۆز تەرىپىدىن بىر بالا ئەۋەتىدۇ-دە، ئۇ ۋاقىتتا دۇئا قىلساڭلار دۇئايىڭلار ئىجابەت بولمايدۇ (يەنى بالا-قازا قايتۇرۇلمايدۇ)» (ھەدىس). يەنە بىر ھەدىستە: «كوچىلاردا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقۇچىلارنىڭ يول ئۈستىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنىڭ بىرسى يولدىن ئۆتكۈچىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش، يامان ئىشلاردىن چەكلەش» دېيىلگەن. ئەمرىمەرۇپ ئەھلى ئىسلامغا قارىتا چىقىرىلغان ئاممىۋى چاقىرىق بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ھەربىر جەمئىيەت ئەزاسىنى توغرا يولغا سېلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى تۈزەش مەقسەت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ ئۈممىتىم ئەمرىمەرۇپنى تەرك ئەتسە، ئۇلاردىن ئىلاھى ۋەھىينىڭ بەرىكىتى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ» دەپ ئېيتقان. قەلبلەردىن ۋەھىينىڭ بەرىكىتى كۆتۈرۈلۈپ كەتسە، كىشىنىڭ بۇرچ تۇيغۇسى ۋە ۋىجدانى يوقىلىدۇ، كىشىنىڭ كىشى بىلەن كارى بولمايدىغان، ھەممە ئادەم ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ يۈرىۋىرىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە يەھۇدىي دىنىدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر-بىرىنى توسمىغانلىقى — ئۇلارنىڭ لەنەتگەردە بولۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
يۇرت ئاكابىرلىرى ئۆزلىرىنى پىنھان تۇتۇپ، ھالىمىزنىڭ تۈزۈلۈشى ئۈچۈن سەئيى كوشىش قىلمىسا، ئەخلاقىمىز بۇزۇلۇشقا يۈزلەنمەي نېمە بولماقچىدى؟ ھۈنىرىڭ نېمە دېسە ھەشەمەتچىلىك، سۆلەتۋازلىق قىلىپ، ساختا شۆھرەت قوغلىشىپ، رېستورانمۇ رېستوران بەزمە سورۇن تۈزۈش بولىدى. بۇلاردىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، ئاش-نان ئىسراپچىلىقى، مەنىسىز پاراڭلارنى دېمەيلا قويايلى. ئىسراپچىلىقنىڭ، چوڭچىلىقنىڭ زىيىنى توغرىسىدا ئايەت، ھەدىسلەردە نۇرغۇن بايانلار بار. ئۇلاردا ئىسراپچىلىق قىلماي، نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. «ئىسراپ قىلماستىن ۋە چوڭچىلىق قىلماستىن يەڭلار ئىچىڭلار، كىيىڭلار ۋە سەدىقە قىلىڭلار» (ھەدىس). «ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىش كۆرگەن ئادەم كەمبەغەللىشىپ قالمايدۇ» (ھەدىس). يەنە بىر ھەدىستە: «پۇل-مالنى ئىسراپ قىلىشىڭلارنى ئاللاھ يامان كۆرىدۇ» دېيىلگەن، قەۋمنىڭ چوڭلىرى، كاتتىلىرى مىدىرلىمىسا قەۋمنىڭ ئىشلىرىدا جانلىنىش بولمايدۇ. ئادەتتە ئاۋام بىلىمدارلار، پۇلدارلار، ئەمەلدارلارغا ئەگىشىدۇ، ئۇلار چېكىدىن ئاشقان قائىدە-يوسۇنلار، بىدئەتلەرنى تۈگىتىشتە ئەمەس، ئەۋج ئالدۇرۇشتا باشلامچىلىق قىلىۋاتسا «ۋادەرىخا» دەپ ساقال سىيپاپ ئولتۇرماقتىن باشقا نېمە ئامال! ئىككى نان تاپساق، بىرىنى داپ چالىمىز. مەنمەنلىك قىلىپ، چاكىنا نام-ئاتاق ئۈچۈن باشقىلار بىلەن پۇل خەجلەشتە بەسلىشىپ، قەرزگە بوغۇلۇپ قالغانلىرىمىز ئازمۇ؟ ھەدىسلەردە ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارنىڭ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغانلىقى، قەلبىدە زەررىچە كىبىرى بار ئادەمنىڭ جەننەتكە كىرمەيدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئىسراپخورلۇق قاتتىق چەكلەنگەن. ھەتتا، «قۇرئان كەرىم»دە: «ئىسراپخورلار شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرى» دەپ تەسۋىرلەنگەن. باشقىنى قويۇپ تۇرايلى، ئەقەللىيسى سورۇنلاردا زىيادە ئارتۇق ھازىرلانغان تاماقلارنىڭ قاچا-قاچىلاردا تۆكۈلىۋاتقانلىقى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ داستىخانغا چۈشۈپ كەتكەن يېمەكلىكنى ئادالىۋىتىپ يەۋىتىشنى، قولىدىكى ئاشنىڭ يۇقىنى يالىۋىتىشنى جىكىلىگەنلىكىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە قانچىلىك ئەمەل قىلىۋاتقانلىقىمىز مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرمامدۇ؟
بىزنىڭ مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزدە، ئەنئەنەۋى قائىدە-يوسۇنلىرىمىزدا قەدىرلەشكە تىگىشلىك قىممەتلىك ئەنئەنەلەر، روشەن خاسلىقلار ساقلىنىپ كەلگەن. ئىسلامىي ئېلېمېنتلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئەنئەنەلەردە ھەدىسلەرنىڭ ئىزناسى ناھايىتى روشەن ئايان بولۇپ تۇرىدۇ، ئىمانى سۇسلۇق ئەخلاقى جەھەتتىكى ياتلىشىش تۈپەيلى سىرتنىڭ بەزى ناچار تەسىرلىرى ئارىمىزدا ئۆزلىشىپ، ئىجتىمائىي ئەخلاقىمىزنى چىرىتىپ، زاۋاللىققا يۈزلىنىشنىڭ كەڭ يولىنى ئېچىپ بەرمەكتە. ئەسلىي ئىمان بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، چىن ئېتىقاد بىلەن پەرۋىش قىلىنىپ، مەۋجۇدىيىتىمىزگە، تەبىئىيىتىمىزگە ئىنتايىن ماس ھالدا تۇرمۇشىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە، ۋۇجۇدىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن يارىشىملىق ئېسىل ئەنئەنەلىرىمىزنى چۆرىۋېتىپ، يات ئەللەردىن ئىمپورت قىلىنىپ بىزگە سۇنۇلغان بەتتام، تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال تۆمىلەرگە ئېسىلىۋىلىشىمىز، ئامراقلىق قىلىشىمىز «ئوتتا تۇرماي، پوقتا تۇرغان»دەك ئىش ئەمەسمۇ؟ ئېسىل ئەنئەنەلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشتا سەلەف- سالىھلارنىڭ ئىزىدا مېڭىپ، پاك روھ يېتىلدۈرمىسەك، ئەۋلادلارنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئەجدادلارنىڭ ئەرۋاھى ئاھ ئۇرمامدۇ؟
مۇسۇلمانلار جامائەسىنىڭ رېئال ھاياتىغا قارايدىغان بولساق ئىسلام ئەقىدەلىرىگە، ئىبادەتلىرىگە، ئەھلى ئىسلامنىڭ ئۆرپ-ئادەت، قائىدە-يوسۇنلىرىغا دىن نامى بىلەن قوشۇلۇپ قالغان كۆپلىگەن بىدئەت، خۇراپاتلارنى كۆرىمىز، كىشىلەر ئويدۇرۇپ چىقىرىپ شەرىئەتكە تاڭغان بۇ بىدئەتلەر ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ تائالا: «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۇن قىلدىم، سىلەرگە نېئمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم» (سۈرە مائىدە 3-ئايەت) دەۋاتسا، ئۇلار قانداقتۇر ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە يېتەرسىز بوشلۇقلار بولۇپ، ئۇنى تولدۇرماقچى بولغانمىدۇ؟ «كىمكى بىرەر بىدئەت ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، بۇ بىدئەتكە ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەستىن پەيدا قىلغۇچىغا ئوخشاش گۇناھ يۈكلىنىدۇ» (ھەدىس). ئۇلارنى بىدئەتچىلىك يولىدىن: «ھىدايەتنىڭ ئەۋزىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىدايىتىدۇر. ئىشلارنىڭ يامىنى دىندا ئەسلىي يوق بولۇپ كېيىن پەيدا بولغان ئىشلاردۇر. بىدئەتنىڭ ھەممىسى گۈمراھلىقتۇر» دېگەن سۆزىمۇ توسۇپ قالالمىغان. «كىمكى ئىسلامدا بولمىغان ئىشنى پەيدا قىلسا، ئۇ نەرسە قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ روھى بويىچە چوڭ-كىچىك بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسى رەت قىلىنىدۇ. نۇرغۇن ھەدىسلەردە ئاللاھنىڭ كىتابى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بويىچە ئىش قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ بىر ئادەم چۈشكۈرۈپ: «الھمد للھ والھلاە والسلام ىلۈ رسول اللھ» دېگەندە ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۇنىڭغا: «رەسۇلۇللاھ بىزگە چۈشكۈرگىنىمىزدە سەن ئېيتقاندەك تەلىم بەرگىنى يوق. بىرگە چۈشكۈرگەندە پەقەت ‹الھمد للھ› (ھەمدۇسانا ئاللاھقىلا خاس) دېيىشىمىزنى تەلىم بەرگەن» دېگەن. دېمەك، ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىدئەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشنى خوپ كۆرمىگەن. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «كىشىلەر بىرەر بىدئەتنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇنىڭ بەدىلىگە بىرەر سۈننەتنى يوقاتقان بولىدۇ» دېگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە يېقىندىن ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ بىدئەت ئىشلارغا يولىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان. ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر نۇتقىدا: «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىمەن. بىدئەتتىن يىراقمەن» دېگەن. ئىبن مەسئۇد، ئىبن ئابباس، ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىق ساھابىلەرمۇ سۈننەت بويىچە ئىش قىلىشنى، بىدئەت پەيدا قىلماسلىقنى، بىدئەتكە ئەگەشمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.
كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە بىدئەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قارالغانلىقتىن، مەيلى ئەقىدە، مەيلى ئىبادەت، مەيلى ئادەت جەھەتلەردە بولمىسۇن نۇرغۇن بىدئەتلەر مەيدانغا كېلىپ، تارىلىشقا باشلىغان. ئالايلۇق پالچىلىق، رەمچىلىق، قۇرچىلىقلار خېلى باش كۆتۈرۈپ قالغان. «قۇرئان كەرىم»دە، ھەدىسلەردە غەيبنى بىلىش ئاللاھقىلا خاس بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىمنىڭ بىلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلار كۆپ. «كىمكى بىر كاھىنغا (يەنى رەمچىگە) كېلىپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشەنسە، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ» (ھەدىس). «كىمكى بىر پالچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسە ئۈستىدە سوراپ (ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنسە) ئۇنىڭ 40 كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ» (ھەدىس). بىر قىسىم ئالدامچىلارنىڭ پال سېلىش، رەم بېقىش ئارقىلىق غەيبتىن خەۋەر بېرىمەن دەپ جۆيلۈشلىرى قىپقىزىل ئالدامچىلىقتۇر. ھەدىس روھى بويىچە ئېيتقاندا، بەزىلەرنىڭ پالچىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىشى كۇفرىغا ئېلىپ بارىدىغان يامان قىلىقتۇر. كېسەل داۋالاش مەقسىتىدە باخشىلارغا پىر ئوينىتىش، داخانلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ چۈشىنىكسىز بىمەنە نەرسەلەرنى ئوقۇتۇپ رەم سالدۇرۇش، ئەپسۇن ئوقۇتۇش ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ھارام ئىشلاردۇر. شۇنداقلا كۆز تېگىش، بالا-قازالاردىن ساقلىنىش مەقسىتىدە تۇمار، كۆزمۇنچاق، ھەرخىل مارجان، تاش، بۆرە ھوشۇقى، بۈركۈت تىرنىقى… قاتارلىقلارنى ئېسىۋېلىشمۇ «كىمكى (پايدا ئېلىپ كېلىدۇ ياكى زىيان-زەخمەتنى دەفئى قىلىدۇ، دەيدىغان ئىتىقاد بىلەن تۇمارغا ئوخشاش) بىرەر نەرسە ئېسىۋالىدىكەن، ئۇنىڭ قەلبى ئاللاھتىن شۇ نەرسىگە بۇرۇلۇپ كېتىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە گۈناھلىق ئىشلاردۇر. سەلەف ئالىملاردىن بەزىلەر: «ئايەتلەر ۋە ئاللاھنىڭ نامى زىكرى يېزىلغان تۇمارلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ بۇنىڭ كارايىتى يوق» دەپ قارايدۇ، شۇنىڭدەك «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ۋە رەسۇلۇللاھتىن ئوقۇلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان دۇئالارنى ئوقۇپ دەم سالسا دۇرۇس بولىدۇ. مۇسۇلمان بەندە مۇمكىن قەدەر قەسەم ئىچىشتىن ساقلىنىشى، ھەرقانداق ئىشقا قەسەم ئىچىۋەرمەسلىكى كېرەك. قەسەم ئىچىشكە توغرا كەلگەندە ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى بىلەن قەسەم ئىچىش كېرەك. ھەدىستە: «كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم ئىچىدىكەن، ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ» دېيىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-بوۋالارنىڭ، مازارى-ماشايىخلارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلىشقا، نان ھەققى، تۇز ھەققى، نان ئۇرسۇن، تۇز كور قىلسۇن ۋەھاكازا دەپ قەسەم قىلىشقا بولمايدۇ. شۇم پال ئالماسلىق توغرىسىدىكى ھەدىسلەردە «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇم پال ئالمايتتى» دېيىلىدۇ. «ھۇقۇشنىڭ ھۇۋلىشى، سول قاپاقنىڭ تارتىشى شۇملۇقنى چىللايدۇ»، «ئايىغى ياراشمىدى»، «ئارا ئايدا توي قىلسا بولمايدۇ»، «پوكۇنى ئىشنى پوكۇنى ۋاقتىدا قىلسا بولمايدۇ…» قاتارلىق قاراشلارنىڭ ھەممىسى ئاساسسىز، خۇراپىي قاراشلاردۇر. كىشىنىڭ تەقدىرىنى يۇلتۇزلارغا باغلاش، جادۇ-سىھىر قىلىش، ئىسسىتقۇ، سوۋۇتقۇ، ئىسرىق سېلىش، نوكچا قاداش، كۆچ-كۆچ قىلىش، ئاشلاش، ئوت كۆچۈرۈش، مىيىت چىققان ئۆيدە 40 كۈنگىچە چىراغ ئۆچۈرمەسلىكلەر بىدئەت، خۇراپاتلىقنىڭ تىپىك ئىپادەلىرىدۇر. ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى دەپ قاراپ مىيىتنىڭ ئۈچ نەزىرىسىنى، يەتتە نەزىرىسىنى، قىرىق نەزىرىسىنى، يىل نەزىرىسىنى ئۆتكۈزۇشنى، مۇسىبەتنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىق تۇتۇش، بەلگە ئاق باغلاش، ئاق سېلىشلارنى ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسى دېيىشكە بولمايدۇ. مىيىت ئۈچۈن ئۈن سېلىپ يىغلاش، نوغۇچقا تايىنىپ ھازا قوشاقلىرىنى قوشۇپ يىغلاش، ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ھازا تۇتۇش (پەقەت ئېرى قازا قىلغان ئايال كىشىلا ئېرى ئۈچۈن تۆت ئاي ئون كۈن ھازا تۇتۇشى كېرەك) دۇرۇس بولمايدۇ.
ھەدىسلەردە قەبرە قاتۇرۇش، گۈمبەز ياساش، قەبرىگە گەج ئىشلىتىش، قۇرۇلۇش قىلىش، قەبرە ئۈستىدە ئولتۇرۇش، قەبرە يېنىغا مەسجىد سېلىش قاتارلىق ئىشلار مەنئىي قىلىنغان، ھەنەفى، شافىئى، مالىكى، ھەنبەلى مەزھەپلىرىنىڭ ھەممىسىدە قەبرە ياساشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى بىردەك تەكىتلىنىدۇ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ شاگىرتى ئىمام مۇھەممەد رەھىمەھۇللاھ «ئاسار» ناملىق كىتابىدا: «قەبرىگە گەج ئىشلىتىش، قەبرە قاتۇرۇش، قەبرە يېنىغا مەسجىد سېلىشلارنى يامان كۆرىمىز» دېگەن. ئىبن ئابىدىن «دۇررۇلمۇختار» كىتابىنىڭ شەرھىسىدە «قەبرە ياساشنى دۇرۇس دەيدىغان ئادەمنى كۆرمىدىم» دەيدۇ. مىيىتنى دەپنە قىلىپ بولۇپ قەبرە ئۈستىگە زېمىندىن بىرغېرىچچە ئېگىز توپا دۆۋىلەپ قويۇش مانا بۇ سۇننەتتۇر. بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ قاراڭغۇ گوردا ياتقانلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ ئەسلەيدىغان جايى ئىبرەت بولغان قەبرىستانلىق ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان، ياسىداق قەبرىلەر ئەقىدە نامراتلىقىنىڭ ئىزناسى، سۈننەتتىن يىراقلاپ بىدئەتكە بېرىلىپ كەتكەنلىكىمىزنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا چوقچىيىپ تۇرماقتا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەھۇدى، ناسارالارنىڭ دىنى قائىدە-يۇسۇنلىرىنى دورىماسلىق، ئۇلارغا تەقلىد قىلماسلىق ھەققىدىكى ھەدىسىلىرىنىڭ روھى بويىچە ئېيتقاندا، غەيرى دىندىكىلەرنىڭ قەبرە بېشىغا مىيىتنىڭ سۈرىتىنى تىكلەپ قويۇش، ئاخىرەتنى ئەسلىتىپ، ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان قەبرىستانلىقنى گۈل-گىياھقا پۈركەپ، باغچە تۈسىگە كىرگۈزۈش ئىسلام شەرىئىتىگە يات، يامان ئادەتلەردۇر. باشقىلىرى ئاز كەلگەندەك بىھۇدە ھەشەمەتچىلىك، سۆلەتۋازلىقلىرىمىزنى قەبرىستانلىققا كۆچۈرۈپ بېرىپ دەي-دەيگە سېلىۋاتىمىز، مىسىرلىق ئالىم باقۇرى: «ئىسلام دىنى تىرىكلەر ئارىسىدا باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن تۇرسا، ئۆلۈكلەر ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىشقا قانداقمۇ قاراپ تۇرسۇن» دېگەن. ئىسراپچىلىق ھارام تۇرسا نۇرغۇن ئىقتىسادنى سەرپ قىلىپ مىيىت ئۈچۈن قىلچە پايدىسى يوق بىدئەت ئىش – قەبرە ياساشقا بۇنچە ئەھمىيەت بەرگەندىن كۆرە، شۇ پۇلنى مىيىت روھىغا ئاتاپ سەدىقە، خەير-ئىھسان ئىشلىرىغا ئىشلەتسەك، مىيىت ئۈچۈن ساۋابى بولىدۇ ئەمەسمۇ. ئەھلى ئىسلامنىڭ قەلبى ھەدىس روھى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى سۈننەت مىزانى بىلەن ئۆلچىنىپ قېلىپلاشتۇرۇلغاندا، بىدئەتلەرگە بەرھەم بېرىلىپ، سۈننەتنىڭ راۋاجىغا يول ئېچىلغان بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك كىتابخان! يۇقۇرىدا پېقىر ھەدىس گۈلشىنىنى سەير قىلىپ، مۇئەتتەر غۇنچىلارنى ئۈزۈشكە تەمشەلدىمكى، سىزلەرگە سۇنغىنىم پەقەت بىر غۇنچە. ھەدىس مەزمۇن دائىرەسىنىڭ كەڭلىكىدە مىسالى دېڭىزدۇركى بۇ پەقەت شۇ دېڭىزدىن بىر تامچە. ھەدىس ھېكمەتلىرىگە چوڭقۇرراق چۆكمەكچى بولسىڭىز، «ياخشىلار باغچىسى»نى مۇتالىئە قىلىپ كۆرۈڭ.
سىزگە تەۋپىق، ھىدايەت يار بولغاي!
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: «ياخشىلار باغچىسى»
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://bbs.bilik.cn/thread-20702-1-1.html
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top