ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ماي جورج ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىملىك كرىزىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرىدىن

ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرىدىن

 

ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھلەپ ياسالغان ئالاھىدە بىر «كارۋات» بولۇپ، ئۇ بۆشۈك دەپ ئاتىلىدۇ. بۆشۈك قەدىمدىن باشلاپ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈرك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئارىسدا ئىنتايىن كەڭ ئۇمۇملاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر بۆشۈكى قۇرۇلما جەھەتتىكى پۇختىلىقى، ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى، ئومۇملىشىش دائىرسىنىڭ كەڭلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆزگىچە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.
ئادەتتە بۆشۈكنىڭ ئېگىزلىكى 60 نەچچە سانتىمېتر، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتر، كەڭلىكى 50 سانتىمېتر ئەتىراپىدا بولۇپ، پۈتۈنلەي ياغاچتىن ياسىلىدۇ. بۆشۈك قۇرۇلمىسىغا ھەتتا بىر تال تۆمۈر مىخمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ. بۆشۈكنىڭ لاھىيلىنىشى جەھەتتىن، بۇ ئىشلىتىش ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تولىمۇ مۇۋاپىق بولۇشتىن تاشقىرى، ئۇنىڭ ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىكى كۆركەم ۋە نەپىسلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، ئۇنى يەنە بىر خىل گۈزەل-سەنئەت بۇيۇمى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇرلار بۆشۈككە بىر خىل مۇقەددەس ئېرىملىق نەرسە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭا بوۋاقنى بۆشۈككە سېلىشتىن ئىلگىرى «بۆشۈك توي» مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ مۇراسىم بالا تۇغۇلۇپ قىرقى توشقىچە ئارىلىقتا بولىدۇ. يەنى بوۋاق ھاياتقا كۆز ئاچقاندىن كېيىنلا «كىندىكئانىسى» بالىنىڭ كىندىكىنى كېسىدۇ.
«كىندىكئانىسى» نىڭ قولى يەڭگىل بولسا بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە كىندىك يارىسى ساقىيىپ كېتىدۇ. بۇ «كىندىكى چۈشتى» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بالىنى بۆشۈككە سالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا، بالىنى بۆشۈككە سېلىش بىر خىل ئېرىملىق ئادەت تۈسىنى ئالغاچقا، بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا بۆشۈك ۋە ئۇنىڭ بىر يۈرۈش يېڭى جابدۇقلىرى تەييارلىنىدۇ. بوۋاقنى تۇنجى بۆشۈككە سېلىشتا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن پېشقەدەم «بۆشۈكئانىسى» تەكلىپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت-بالىنىڭ «بۆشۈكئانىسى» نىڭ ئۇدۇمىنى ئېلىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. خەلق ئارىسىدا «بۆشۈكئانىسى»، «ئېرىمچى» دەپ ئاتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەقىدە قىلىنىدۇ. «بۆشۈكئانىسى» بالىغا تەييارلىغان بۆشۈكنى قىبلە تەرەپكە قويۇپ، دۇئا-تەكبىر قىلغاندىن كېيىن، بۆشۈكنى رەت تەرتىپى بويىچە راسلاشقا باشلايدۇ. ئالدى بىلەن بۆشۈكنىڭ ئاستىدىكى ئويۇقچىغا جاك (كۈلتۈك) نى ئورنىتىدۇ. جاكنىڭ تۆشۈككە تۇتاشقان يېرىگە جاك تۇمىقىنى كىيدۈرىدۇ. ئۇنىڭ تۆت تەرىپىگە 15 سانتىمېتر كۋادرات چوڭلۇقتا تۆت دانە تېز ياستۇق قويۇلىدۇ. ئۈستىگە بۆشۈكنىڭ چوڭلۇقىدا «ئودا» (جاكقا ئۇدۇل قىلىپ تۆشۈككە قويۇپ تىكىلگەن پاختىلىق كۆرپە) قويۇلىدۇ. ئودىنىڭ ئۈستىگە يۇمشاق پاختىلىق كۆرپە (بۇ ئادەتتە ئىككى پارچە بولىدۇ) سېلىنىدۇ ۋە زاكا (كىرلىك) بىلەن ئورىلىدۇ. باش تەرىپىگە بوۋاققاماس كېلىدىغان كىچىك ياستۇق قويۇلىدۇ. ئاستى تەرەپ تەكشى بولغاندىن كېيىن «بۆشۈكئانىسى» بوۋاقنى يالىڭاچلاپ، بەدەنلىرىنى يۇمشاق سىيلاپ ئېرىم قىلىدۇ ۋە ئاۋايلاپ بۆشۈككە سالىدۇ. ئاندىن جاكقا توغرىلاپ شۈمەك (ياغاچتىن نەيچە قىلىپ ياسالغان سۈيدۈك يولى ئېغىزى) سالغاندىن كېيىن، ئىككى پۇتىنى تۈزلەيدۇ ۋە يۆگەك بىلەن مەھكەم ئورايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئىككى تىزىغا «تىزلىق» كۆرپە قويۇپ، پۇت تارتقۇ (بىر سويام كەڭلىكتە ئەستەرلىك قىلىپ تىكىلگەن رەخىت كاشا) بىلەن بۆشۈكنىڭ ئاستىدىن ئايلاندۇرۇپ چىگىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، بالىنىڭ قورساق ۋە كۆكرەك تەرىپىمۇ يۆگەك بىلەن چۈمكىلىدۇ. ئىككى قولىنى بالىنىڭ بىقىنىغا تەكشى رۇسلاپ، ئىككى جەينىكىگىچە جەينەكلىك قويۇپ «قولتارتقۇ» (پۇتتارتقۇغا ئوخشىشدۇ) بىلەن تېڭىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىنى بۆشۈككە بۆلەش ئاخىرلىشىدۇ. بۆشۈكنىڭ باش تەرىپىگە بوۋاققا دائىم ھەمراھ بولسۇن دەپ بۆرە ئوشۇقى ياكى بىر پارچە نان ئېسىپ قويۇلىدۇ. قاپارتما نەقىشلىك قىلىپ ياسالغان بۆشۈكنىڭ ئۈستىدىكى گورىزونتال ياغاچ (بۆشۈك تۈرمىلى) گە بالىنى يامان كۆزدىن ساقلاش ئۈچۈن ئېرىملىق تۇمار ئېسىلىدۇ ۋە بەزىدە كۆز مۇنچاق مارجان بېكىتىلىدۇ. بۆشۈكنىڭ ئۈستىگە رەڭلىك ئېسىل رەختلەردىن ياسالغان «بۆشۈك ياپقۇ» يېپىلىدۇ. بۆشۈكنىڭ باش تەرىپىگە ئوغۇل بالا بولسا تىغ (پىچاق)، ئەگەر قىز بولسا ئەينەك قىستۇرۇپ قويۇلىدۇ. بۇ بالىنى «قارا بېسىپ قالماسلىق» نىڭ ئېرىمىدۇر. تۇنجى قېتىم بالىنى بۆشۈككە بۆلەپ بولغاندىن كېيىن، «بۆشۈكئانىسى» ئادراسمان ياكى ئالما قېقى (بىر چىمدىم يىرىك تۇز قوشۇلىدۇ) بىلەن ئىسرىق سېلىپ، بۆشۈكنىڭ ئۈستىدىن توققۇز قېتىم ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق بالىغا چاپلىشىۋالغان «يامان روھ» لارنى قوغلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۆشۈككە سېلىش مۇراسىمى ئاياغلىشىدۇ.
بۆشۈكنىڭ ياسىلىش شەكلى ۋە ئۇنىڭغا بالىنى بۆلەش مۇئەييەن ئىلمىي قائىدىگە ئاساسلانغاچقا، ئۇ مەلۇم ئەۋزەللىككە ئىگە :
بىرىنچىدىن، بالىنىڭ ياتقان ئورنى پاكىز بولىدۇ. چۈنكى، بالىنى ھەر قېتىم بۆشۈككە سېلىشتىن بۇرۇن، بۆشۈك كۆرپىلىرى ئاپتاپقا سېلىنىدۇ ياكى ھاۋالاندۇرۇلىدۇ. بالىنىڭ ئاستى ھۆل بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال سادىر بولمايدۇ. بالىنىڭ چوڭ-كىچىك تەرىتى خۇددىي يەر ئاستى پاسكىنا سۇ تۇربىسىدەك تەبىي ھالدا جاكقا قويۇلىدۇ ؛ ئىككىنچىدىن، بالا ئېچىلىپ قېلىپ سوغۇق تېگىپ قالىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ ؛ ئۈچىنچىدىن، كېچىلىرى ئانىنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشىغا ۋە دەم ئېلىشىغا پايدىلىق پۇرسەت يارىتىلىدۇ ؛ تۆتىنچىدىن، بالىنىڭ فىزىنومىيە جەھەتتىن ساغلام ئۆسىشىگە پايدىلىق. چۈنكى، ئادەمنىڭ بوۋاق مەزگىلى خۇددى يۇمران نوتىغا ئوخشىشىدۇ، بۆشۈككە بۆلەشتە بالىلارنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكى نەزەرگە ئېلىنىپ، قول-پۇت ۋە بەدەن رۇسلاپ قائىدىلىك تېڭىلغاچقا، بەدەن قۇرۇلمىسى ئۆلچەملىك ئۆسىدۇ. ئۇمۇمەن ئالغاندا، بۆشۈك ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەنئەنىۋى بۇيۇم بولۇپ، مەيلى يېزا ياكى شەھەرلەردە بولسۇن، بۆشۈك تەۋرەتمىگەن ئانىلارنى تېپىش تەس. ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئەڭ كەڭ تارقالغان «ئەللەي ناخشىسى» (بۆشۈك ناخشىسى) ئەمەلىيەتتە خەلقىمىزنىڭ بۆشۈككە بولغان قەسىسىدىسىدۇر.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1177

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش