ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » NASA: مارستا قۇرۇق مۇزنىڭ ئىزى بايقالدى

NASA: مارستا قۇرۇق مۇزنىڭ ئىزى بايقالدى

ناسا مەركىزى JPL دىكى پلانېتا مۇتەخەسسىسى «Serina Diniega» يېتەكلىگەن بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى، «مارسنى تەكشۈرۈش ئالەم ئۇشقۇرى» (Mars Reconnaissance Orbiter) بۇرۇن ۋە يېڭىدىن تارتقان رەسىملەرنى سېلىشتۇرۇش، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ كەلىفورنىيە ۋە ئارىزونا شتاتىدا قۇرۇق مۇزنى يانتۇ قۇملۇقتىن ماڭدۇرۇپ تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، مەزكۇر رەسىمدە(رەسىمنى بۇ تورغا قانداق چىقىرىشنى بىلىدىغانلار تۆۋەندىكى رەسىمنى مۇشۇ سەھىپىگە چىقىرىپ قويغان بولساڭلار. رەخمەت) كۆرسىتىلگەن مارسنىڭ يۈزىدىكى قۇم ئېرىقلارنى مارسنىڭ يۈزىدىكى بىر دوڭ ئورۇندىن پەسكە ئېقىپ چۈشكەن قۇرۇق مۇز (dry ice) لار كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى جەزىملەشتۇردى. بۇ ئېرىقلارنىڭ ئۇزۇنلىقى ئىككى كىلومېتىر، كەڭلىكى بىر قانچە مېتىر بولۇپ، ئۇ ئېرىقلارنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى ئۇچىدا مۇز پارچىلىرى توختاپ، پارغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىزلارمۇ كۆرىنىپ تۇرىدۇ. بۇ بايقاش «Icarus» ژۇرنىلىنىڭ 6-ئىيۇندىكى ئىنتېرنېت سانىدا ئېلان قىلىندى.

رەسىمنىڭ مەنبەسى:
martian-lineargullies-600x442[1]

پايدىلىنىش ماتېرىيالى: «National Geographic» ژۇرنىلىنىڭ 2013-6-12 دىكى ماقالىسى:

« MysteriousMartian Grooves Carved by Dry Ice Chunks?»:

http://newswatch.nationalgeographic.com/2013/06/12/mysterious-martian-grooves-carved-by-dry-ice-chunks/

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1202

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش