ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » بىئولوگىيەنىڭ قىسقىچە تارىخى يىلنامىسى – بىلگەجان

بىئولوگىيەنىڭ قىسقىچە تارىخى يىلنامىسى – بىلگەجان

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

تnrm1560-i1[1]ۆۋەندە مەن بىئولوگىيە تارىخدىكى مۇھىم بايقاشلار يىل تەرتىپى بويىچە تىزىپ چىقىلغان يىلنامىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. مەلۇم سەۋەب تۈپەيلى 1700-يىلدىن بۇرۇنقى بايقاشلارنى يىزىپ بولغاندا يوقاپ كەتتى، لىكىن پات ئارىدا ئۇنىمۇ تولۇقلاپ قويىمەن. چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا بىللە مۇزاكىرە قىلىپ ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش يۈزىسىدىن ئاتالغۇلارنىڭ ئېنىقلىمىسىنى بەرمىدىم، شۇڭا تورداشلارنىڭ سۇئاللىرى بولسا تارتىنماي ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تەرجىمىدە خاتالىق كۆرۈلگەن جايلىرى بار بولسا، تۈزىتىپ بىرىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.

                                       -بىلگەجان (2013-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 28-كۈنى، ئامرىكا)

1700-1799
1767: كاسپار فرېدرىك ۋولف يىتلىۋاتقان چۆجىنىڭ توقۇلمىلىرىنىڭ يوقتىن تۇرۇپلا پەيدا بولۇپ قالمايدىغانلىقى ۋە ھەرگىزمۇ تۇخۇمدا ئاللىقاچان بار بولغان تۈزۈلۈشلەردىن ھاسىل بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

1768: لاززارو سپالانزانى يەنە بىر قىتىم تەجىرىبە ئىشلەپ ئۆزلۈكىدىن بارلىققا كىلىش (كۆپىيىش) نىڭ خاتا قاراش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ قاينىغان شورپىنى دەرھال بىر باكتىرىيەسىزلەشتۈرۈلگەن پروبىركىغا يۆتكەپ سوۋۇتۇپ كۆزەتسە ھەرگىزمۇ بىر جانلىقنىڭ ئۆسۈپ چىقمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئۇ يەنە ئۇرۇقلىنىش ئۈچۈن بىر تۇخۇمدىن بۆلەك يەنە مەنىي (ئىسپىرمانى ساقلايدىغان) نىڭمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

1771: جوسېف پرىستلىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھايۋاناتلار سۈمۈرىدىغان (ئىستىمال قىلىدىغان) بىر خىل گازنى قويۇپ بىرىدىغانلىقىنى بايقىغان،ھەم بۇ گازلارنىڭ ئوكسىگېن بىلەن كاربون IV ئوكسىدى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

1798: توماس مالتۇس ئىنسانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا «نوپۇسنىڭ قانۇنيەتلىرى توغرىسىدا بايان» دىگەن كىتابنى يازغان. بۇ كىتاپ شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى، بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلار كىينىچە چارلىز دارۋىن ۋە ئەلفىردە راسسېل ۋاللېس ئوتتۇرىغا قويغان «تەبىئىي تاللىنىش» نەزەرىيىسنى زۆرۈر ئاساسلار بىلەن تەمىنلىگەن.

1800-1899

1801: جېين باپتېستى لامارك ئومۇرتقۇسىز ھايۋانلار تاكسونومىيسى ئۈستىدىكى تەپسىلىي تەتقىقاتلىرىنى باشلىغان.

1802: «بىئولوگىيە» دىگەن ئىسىم تۇنجى بولۇپ ھازىرقى زاماندىكى مەنسىدە گوتفرېد رېيىنخولد ترېۋىرانۇس ۋە لامارك تەرىپىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ئىسىمنى تۇنجى بولۇپ كارل فىرېيدرىك بۇرداك 1800-يىلى ئىجاد قىلغان.

1809: لامارك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئېرسىيەت قىلىشىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەدرىجىي تەرەققىيات يىڭى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

1817: پىيىرى-جوسېف پېللىتېر ۋە جوسېف بىيېنايمې كاۋېنتوۋ بىرلىكتە خلوروپىلنى ئايرىپ چىققان.
ئىزاھات: خلوروپىل بولسا ئۆسۈملۈكلەر فوتوسېنتىز ئىلىپ بىرىشتا ئىشلىتىدىغان بىر خىل يېشىل رەڭلىك پىگمېنت.

1820: كرىستىيان فىرېيىدرىك ناس «ناس قانۇنى» نى بارلىققا كەلتۈرگەن: قان ئېقىش كېسىلى پەقەت ئەرلەردىلا كۆرۈلىدۇ ھەم بۇ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئاياللاردىن ئەرلەرگە ئېرسىيەت قالىدۇ.
ئىزاھات: قان توختىماسلىق كېسىلى بىر خىل ئەرلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئېرسىي كېسەللىك. بۇ كېسەل بىر X-خىروموسوملۇق يوشۇرۇن ئېرسىيەت قالىدىغان گېننىڭ ئاتا-ئانىدىن بالىغا ئېرسىيەت قىلىشى تۈپەيلى كىلىپ چىقىدىغان كېسەل بولۇپ، ئاياللاردا بىر جۈپ (ئىككى تال)  X-خىروموسوم بولىدىغان بولغاچقا، پەقەت ئاتا-ئانا ھەر ئىككىلى تەرەپتە بۇ خىل كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى گېن بولسا ئاندىن قىزلىرىغا ئېرسىيەت قالالايدۇ؛ ئەكسىچە ئەرلەردە ئاران بىر تال  X-خىروموسوم بولغاچقا بۇ گېنگە ۋارىسلىق قىلغان ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى بۇ كېسەلگە مۇتلەق گېرىپتار بولىدۇ.

1824: ج ل پرېۋوست ۋە ج ب دۇماس مەنىي تەركىبىدىكى ئىسپىرمىلارنىڭ كىشىلەر بۇرۇن ئويلىغىنىدەك پارازىت قۇرتلار بولماستىن بەلكى ئورۇقلاندۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

1826: كارل ۋون بار سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تۇخۇمىنىڭ تۇخۇمدا ئىكەنلىكىنى تىپىپ چىقىپ 200 يىلدىن بۇيانقى ئىنسانلارنىڭ تۇخۇمنى ئىزدەش دەۋرىگە خاتىمە بەرگەن.

1828: فىرېيدرك ۋوئېھلېر ئۇرىيەنى سېنتىزلىگەن؛ بۇ دۇنيا تارىخىدا تۇنجى قىتىم ئورگانىك ماددىلارنىڭ ئانئورگانىك ماددىلارنى خام ئەشيا قىلىپ تۇرۇپ سېنتىزلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

1836: تىئودور شىۋان ئاشقازان دىۋارىدىن پېپسىن دىگەن ئېنزىمنى بايقىغان. بۇ تۇنجى ئايرىپ ئېلىنغان ھايۋانلار ئېنزىمى بولۇپ قالغان. ئۇ گرىكچىدىكى پېپسى يەنى ھەزىم قىلىش مەنىسىدىكى سۆزدىن پايدىلىنپ پېپسىن دىگەن سۆزنى ئىجاد قىلغان.

1837: تىئودور شىۋان ھاۋانى قىزىتسا ئېچىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

1838: ماتىئاس شلەيدىن تۇنجى بولۇپ بارلىق ئۆسۈملۈكلەر ھۆجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

1839: تىئودور شىۋان بارلىق ھايۋانات توقۇلمىلىرى ھۆجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، دەپ خۇلاسىلىگەن. شىۋان بىلەن شىلەيدىن ھۆجەيرە ھاياتلىقنىڭ بىرلىكى دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن.

1843: مارتىن باررىي تۇنجى بولۇپ ئىسپىرما بىلەن تۇخۇمنىڭ بىرلىشىدىغانلىقىنى كۆزىتىپ  Philosophical Transactions of the Royal Society (خانلىق جەمئىيەت پەلسەپە يىڭىلىقلىرى) ژورنىلىدا بىر بەتلىك ماقالە ئېلان قىلغان.

1856: لۇيىس پاستىر مىكروئورگانىزىملار ئېچىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ ئېيتقان.

1858: چارلىز دارۋىن ۋە ئەلفىرەد ۋاللېس ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەبىئىي تاللىنىش جەريانىدا «ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىش» نەزەرىيسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان. «تەدرىجىي تەرەققىيات» دىگەن سۆز پەقەت دارۋىننىڭ كىتابىنىڭ كىينىكى نەشىرلىرىدە ئىشلىتىلگەن.

1858: رۇدولف ۋېرچوۋ «بارلىق ھۆجەيرىلەر باشقا ھۆجەيرىلەردىن كەلگەن» دىگەن قاراشنى (يەنى Omnis cellula e celulla، بارلىق ھۆجەيرىلەر ھۆجەيرىلەردىن كىلىدۇ) ئوتتۇرىغا قويغان. دۇنياغا داڭلىق «ھۆجەيرە نەزەرىيىسى» دەل شۇ ۋاقىتتا شىۋان ۋە شلەيدىننىڭ بارلىق جانلىقلار ھۆجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ؛ ۋېرچوۋنىڭ بارلىق ھۆجەيرىلەر ھۆجەيرىلەردىن كىلىدۇ؛ دىگەن قاراشلىرى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن.

1864: لۇيىس پاستىر ھۆجەيرىلىك جانلىقلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن شەكىللىنىش قارىشىنى رەت قىلغان.

1865: گرېگور يوھان مېندېل نۇقۇت ئۆسۈملۈكىنى تەجىرىبە قىلىپ بارلىق ئېرسىيەتلەر بىر قانۇنغا ئىگە، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «ئايرىلىش پىرىنسىپى» نىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ھەر بىر جانلىق بىر خۇسۇسىيىتى ئۈچۈن ئىككى گېن بار، بۇلار ئورگانىزىم تۇخۇم ياكى ئىسپىرما ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ «مۇستەقىل جۈپلىشىش پىرىنسىپى» نىڭ مەزمۇنى مۇنداق: تۇخۇم ۋە ئىپىرما شەكىللىنىش جەريانىدا ھەر بىر جۈپلەشكەن گېنلار باشقا جۈپ گېنلاردىن مۇستەقىل ھالدا تارقىلىدۇ. مېندېلنىڭ بۇ گېنتىكا ئىلىمىدىكى يول ئاچقۇچ ئاساسلىرى كىشىلەر تەرىپىدىن بايقالماي قالغاچقا ئۇنى مەڭگۈلۈك ئۈمىدسىزلىنىش ئىچىدە قالدۇرىدۇ.

1869: فرېدرىك مىشېر ھۆجەيردە يادروسىدا يادرو كېسلاتاسىنى بايقىغان.

1876: ئوسكار ھېرتۋىگ ۋە ھېرمان فول ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىسپىرمىنىڭ تۇخۇمغا كىرگەندىن كىين بۇ ئىككى ھۆجەيرىنىڭ يادرولىرى بىرلىشىپ بىر يىڭى تاق يادرونى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.

1884: ئېمىل فىشېر قەنتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە تەركىبىنى تەپسىلىي ئېنىقلاش تەتقىقاتىنى باشلىغان.

1892: ھانز درېيىش ئىككى ھۆجەيرە باسقۇچىدا تۇرۋاتقان دېڭىز كىرپىسى تۆرەلمىسىنى بۆلۈۋەتكەن (بۇ ئىككى ھۆجەيرىنى ئايرىۋەتكەن) ۋاقىتتا ھەر ئىككىلىسى داۋاملىق بۆلۈنۈپ ئاخىرىدا ئىككى دېڭىز كىرپىسىگە ئايلانغان. بۇ ئارقىلىق ئۇ «ھۆجەيرىلەرنىڭ ئالدىن شەكىللىنىش» نەزەرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھەمدە ھەر بىر ھۆجەيرە بىر جانلىقنىڭ يىتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق ئېرسىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مۇتلەق تولۇق پوتىنسىئاللىق» خۇسۇسىيتىگە ئىگە دەپ خۇلاسىلىغان.

1898: مارتىنۇس بېيجىرېنك فىلتىرلەش تەجىرىبىلىرى ئارقىلىق تاماكا تەمەچ كېسلىنىڭ باكتىرىيەدىنمۇ كىچىك بىر جانلىق تەرىپىدىن كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە بۇ جانلىققا «ۋىرۇس» دىگەن ئىسىمنى قويغان.

1900-1949

1900: ئىككى بىئولوگ (ھىيۇگو دى ۋرېيىس ۋە كارل كورېنز) ئايرىم-ئايرىم ھالدا مېندىلنىڭ ئېرسىيەت قانۇنى ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى بايقىغان.

1902: ۋولتىر سۇتتون ۋە تىئادور بوۋېرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا خىروموسومنىڭ ئېرسىي ماتىرىياللارنى ساقلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نەزەرىيە «بوۋېرى-سۇتتون نەزەرىيىسى» دەپ ئاتالغان.

1905: ۋىللىيام باتېسون بىئولوگىيلىك ئېرسىيەتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن «گېنتىكا» دىگەن سۆزنى ئىجاد قىلغان.

1906: مىكائىل سۋېت ئورگانىك ماددىلارنى ئايرىش ئۈچۈن خراماتوگرافىيە (بىر خىل خېمىيلىك ئارىلاشمىلارنى ئايرىش تېخنىكىسى) نى ئىجاد قىلغان.

1907: ئىۋان پاۋلوۋ شۆلگەي چىقىرىۋاتقان ئىتنىڭ شەرتلىك ئىنكاسىنى بايقىغان ۋە ھايۋاناتلاردا قىسقا مۇددەتلىك ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەجىرىبە ئىشلىگەندىلا ئاندى ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىسىنى توغرا بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىزاھات: ئۇنىڭ فىزىئولوگىيە پېنىگە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن 1904-يىللىق نوبېل مىدىتسىنا ياكى فىزىئولوگىيە مۇكاپاتى بىرىلگەن.

1907: ھېرمان ئىمىل فىشېر تۇنجى قېتىم سۈنىئىي ھالدا پىپتىد زەنجىرى (ئاقسىلنى تۈزگۈچى) نى سېنتىزلىگەن ھەم ئاقسىلنى تۈزگۈچى ئاساسىي بىرلىك بولغان ئامىنو كېسلاتالىرىنىڭ ئامىنو كېسلاتا رادىكاللىرى بىلەن باغلىنىپ پىپتىدا بېغىنى ھاسىل قىلىغدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

1909: ۋىلېم  يوھانسېن «گېن» دىگەن سۆزنى ياسىغان.

1911: توماس خانت مورگان گېنلارنىڭ خىروموسومدا ياندىشىپ تىزىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

1922: ئالىكساندىر ئوپارىن يەر شارىنىڭ دەسلەپكى ئاتموسفېراسىنىڭ مىتان، ئاممىياك، ھېدروگېن ۋە سۇ تامچىلىرىدىن تۈزۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مۇشۇ ماددىلارنىڭ بارلىق جانلىقلارنى تۈزگۈچى خام ئەشىيا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

1926: جامىس سامنىر ئۇرىيە ئېنزىمىنىڭ بىر ئاقسىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

1928: ئالىكساندىر فلېمىڭ تۇنجى ئانتىبىئوتىك (باكتىرىيەگە قارشى دورا) پېنىسېللىننى بايقىغان.

1929: فوبۇس لېۋېن يادرو كېسلاتاسىدا دىئوكسى رىبوزىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.

1929: ئېدۋارد دويسى ۋە ئادولف بۇتىناند مۇستەقىل ھالدا ئاياللىق جېنسىي ھورمۇن ئېستىروگېننى بايقىغان.
ئىزاھات: غەلىتە يىرى پەقەت ئادولف بۇتىناندقا بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 1939-يىلىدىكى  نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى بىرىلگەن.

1930: جون خوۋارد نورتروپ ئېنزىم پېپسىننىڭمۇ بىر ئاقسىل ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

1931: ئادولف بۇتىناند ئەرلىك جېنسىي ھورمۇن ئاندېستېروننى بايقىغان.

1932: ھانز ئادولف كرەبىس «ئۇرىيە ئايلانمىسى» نى بايقىغان.

1933: تادىئۇس رېشتىيىن تۇنجى بايقالغان ۋىتامىن – ۋىتامىن C نى سېنتىزلەپ چىققان.

1935: رۇدولف شونھىيمېر دېيتروگېن (ئېغىر ھېدروگېن) نى ئىشلىتىپ چاشقان بەدىنىدىكى ماينى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن.

1935: ۋېندېل سىتەنلىي تاماكا تەمەچ ۋىرۇسىنى كىرىستاللىغان.

1935: كونرەد لورېنز قۇشلارنىڭ ئۆگىنىش قىلمىشىنى تەسۋىرلىگەن.

1937: دوروسىي كروۋفۇت  خولىستېرولنىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى بايقىغان.

1937: ھانز ئادولف كرەبىس تىرى كاربوكسېل كېسلاتاسى ئايلانمىسىنى بايقىغان.

1937: گېنتىكا ۋە «تۈرلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى» ساھەسىدە، تىئودوسىيۇس دوبزانىسكىي خىروموسوم نەزەرىيىسى ۋە گۇرۇپپا گېنتىكىسىنى نىئو-دارۋېنىزىمنىڭ پىشىپ يىتىلگە سىستىمىسىدا تەبىئىي جانلىقلار گۇرۇپپىلىرىغا تەدبىقلىغان ۋە بۇنى جۇلىيان ھاكىسلىي تەرىپىدىن ئىجاد قىلغان سۆز «زامانىۋى نەزەرىيە» بىلەن ئىپادىلىگەن.

1938: مارجورىي كورتېنىي-لاتىمېر جەنۇبىي ئافرىقا قىرغىقىدا سېلاكانت بېلىقى (سۆڭەكلىك بېلىق، قىلتىرىقلىق ئەمەس) نى بايقىغان.

1940: دونالد گرىففېن ۋە روبېرت گالامبوس شەپەرەڭنىڭ «ئەكىس سادادىن ئورۇن بەلگىلىشى» نى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

1942: ماكىس دېلبراك ۋە سالۋادور لۇرىيا باكتېرىيەنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشقا قارشىلىق شەكىللەندۈرەلىشى توساتتىن ئۆزگىرىش ئارقىلىق بولىدىغانلىقى، بەلكى مۇھىتقا ماسلىشىشتىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

1944: ئوسۋالد ئاۋېرىي ئۆپكە ياللۇغى شارچىسىمان باكتىرىيەسى DNA دا ئېرسىي ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

1944: روبېرت بېرنز ۋۇدۋورد ۋە ۋىللىيام ۋون ئېگىرىز دورىڭ بىرلىكتە خېنىننى بايقىغان.

1945: دوروسىي كروۋفۇت ھاجكېن پېنىسسېللىننىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى بايقىغان.

1948: ئېرۋېن چارگاف DNA زەنجىرىدە گۇئانىننىڭ سانلىرى بىلەن سىېتوزىننىڭ سانلىرىنىڭ تەڭلىكى؛ ۋە ئادېنىننىڭ سانلىرى بىلەن تىمىننىڭ سانلىرىنىڭ تەڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

1950-1969

1951: روبېرت روبېنسون ۋە جون كورنفورسلارنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى بىرلىكتە خولىستېرولنى سېنتىزلەپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان. روبېرت  ۋۇدۋورد كورتىزوننى سېنتىزلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

1951: فرەد سەنگېر، ھانز تۇپىي ۋە تەد تومپسون ئۈچەيلەن بىرلىكتە خروماتوگرافىيە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىنسۇلىننىڭ ئامىنو كېسلاتا رەت تەرتىپىنى ئېنىقلاپ چىققان.

1952: ئامرىكىلىق يىتىلىش بىئولوگىيە ئالىمى روبېرت برىگگس ۋە توماس كېڭ بىرلىكتە تەڭگىسىمان پاقا (يىلپىز پاقا) نىڭ تۆرەلمىسىدىن ھۆجەيرە يادروسىنى ئىلىپ، ئۇنى يادروسىزلانغان تۇخۇمغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق تۇنجى تۇنجى ئومۇرتقىلىق ھايۋاننى كلونلاپ چىققان. يەنە قانچە بەكرەك ئىندۇكسىيەلىنىپ بولغان تۆرەلمە ھۆجەيرسى يادروسىنىڭ تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ بۆلۈنۈشىنى يىتەكلەشتىكى رولىنىڭ شۇنچە ئاجىز بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

1952: ئالفىردە ھېرشىي  ۋە مارسا چېيىس DNA  نىڭ باكتىرىئوفاگ ۋىرۇسىدىكى ئېرسىي ماددا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

1952: روسالىند فىرانكلىن X-نۇردا دېفراكسىيەلەش تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق DNA نىڭ 12nm دىئامېتىرغا ئىگە قوش بۇرمىلىق تۈزۈلۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە قوش بۇرمىنىڭ سىرتىدا فوسفاتلىق قەنتتىن تەشكىل تاپقان ئومۇرتقىدىن تۈزۈلگەنلىكى بايقىغان.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئىككى فوسفاتلىق قەنتلىرىنىڭ ئالاھىدە بىر مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان.

1953: فىرانكلىننىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، جامىس ۋوتسون ۋە فىرانسىس كرىك بىر فوسفاتلىق قەنت ئومۇرتقىسى بىلەن يەنە بىرى قارشى يۆنىلىشتە سوزۇلغان DNA نىڭ قوش بۇرمىلىق تۈزۈلۈشىنى تىپىپ چىققان. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا DNA مولىكۇلاسىنىڭ ئۆزىنى نۇسخىلاش ۋە ئېرسىي ماتىرىياللارنى يەتكۈزۈش مىخانىزىمنى ئېنىقلاپ چىققان. ئۇلارنىڭ ماقالىسى ھېرشىي-چېيس تەجىرىبىسى ۋە چارگافنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئاخىرى بىئولوگلارنى ئاقسىل ئەمەس بەلكى DNA نىڭ ھەقىقىي ئېرسىي ماددا ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈدى.

1953: سىتەنلىي مىللېر بىر سۇ، مىتان، ئاممىياك ۋە ھېدروگېن قاچىلانغان نەيچىنى تەقلىدا قىلىنغان چاقماق ئارقىلىق سوقسا ئامىنو كېسلاتالىرىنى ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

1954: دوروسىي كروۋفۇت ھاجكېن ۋىتامىن B12 نىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى بايقىغان.

1955: ماررىيان گرانبېرگ-ماناگو ۋە سېۋىرو ئوكا يادرو كېسلاتاسى سېنتىزلىنىشىدە رول ئوينايدىغان تۇنجى ئېنزىم (پولىنۇكلىئوتىد فوسفورلاشتۇرۇش ئېنزىمى) نى بايقىغان.

1955: ئارتۇر كورنبېرگ DNA پولىمېرىس ئېنزىمىنى بايقىغان.

1958: جون گۇردون ئافرىقا پەنجىلىك پاقىسىنى يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق كلونلىغان. بۇ تۇنجى قېتىملىق تولۇق ئىندۇكسىيەلەنگەن ھۆجەيرە يادروسىنى ئىشلىتىپ بىر ئومۇرتقىلىق ھايۋاننى كلونلاش ھېسابلىنىدۇ.

1958: ماسىيۋ ستەنلىي مېسېلسون ۋە فرانكلىن سىتال ئۆزلىرىنىڭ مېسېلسون-سىتال تەجىرىبىسى ئارقىلىق DNA نۇسخىلىنىشىنىڭ
يىرىم ساقلىنپ قالىدىغان جەريان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

1959: ماكىس پېرۇتز ئوكسىگېنلانغان ھېموگلوبىننىڭ تۈزۈلۈش مودېلىنى تىپىپ چىقىقان.

1960: جون كېندروۋ مۇسكۇلدىكى ئوكسىگېن يەتكۈزگۈچى ئاقسىل مىيوگلوبىننىڭ تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاپ چىققان.

1960: تۆت مۇستەقىل تەتقىقاتچى ( س ۋېيىس، ج ھۇرۋېتىس، ئادۇرېي سىتىۋىنز، ج بونېر) DNA نى نۇسخا قىلىپ تۇرۇپ RNA نى سېنتىزلەيدىغان باكتىرىيە RNA پولىمىرىنى بايقىغان.

1960: روبېرت ۋۇدۋورد خلورپىلنى سېنتىزلىگەن.

1961: ج خېينرىك ماتايې ماناگونىڭ 1955-يىلىدىكى پولى نۇكلىئوتىد ياسايدىغان ئېنزىم سىستىمىسىنى ئىشلىتىپ تۇنجى گېن سېفىرى (ئامىنو كېسلاتاسى فېنىلئالانېننى ياسايدىغان گېن سېفىرى) نى يەشكەن.

1966: سىناق-ۋە-خاتالىق تەجىرىبە سىستىمىسى ئارقىلىق بارلىق گېنتىكىلىق سېفىرلار يېشىلگەن.

1966: كىماشىگې ئىشىزاكا يىڭى بىر زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان  شارچىسىمان ئىممۇنىت شارچىسىمان ئاقسىلى IgE نى بايقىغان ۋە زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ مولىكۇلالىق، ھۆجەيرە مېخانىزىملىرىنى ئېىنقلاپ چىققان.

1966: لىن مارگۇلىس ئېندوسمبىيوتىك (بىر جانلىقنىڭ ئىچىدە يەنە بىرى بىللە ياشايدىغان مۇناسىۋەت) نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يادرولۇق ھۆجەيرىلەرنىڭ بىر توپ ئىپتىدائىي يادروسىز ھۆجەيرىلەرنىڭ سىمبىيوتىك (بىللە ياشايدىغان) توپلىمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

1968: فرەد سانگېرڭتەرتىپىنىيېشىشتە ئېنقلاشتا خراماتوگورىيەدە رادىئوئاكتىپلىق فوسفورنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىپ 120 ئىشقار رادىكالى ئۇزۇنلۇقىدىكى RNA تەرتىپىنى يېشىپ چىققان.

1969: دوروسىي كروۋۇت ھاجكېن ئىنسۇلىننىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاپ چىققان.

1970-1989

1970: ھامىلتون سىمىس ۋە دانىيال نەيسىنز DNA چەكلىگۈچى ئېنىزىمى (DNA restriction enzyme) نى بايقىغان.

1970: ھوۋراد تىمىن ۋە داۋېد بالتىمور مۇستەقىل ھالدا تەتۈر كۆچۈرگۈچى ئېنزىم (reverse transcriptase) نى بايقىغان.

1972: سېيمۇر جوناسېن سىنگېر ۋە گارس ل نىكولسېن بارلىق ھۆجەيرىلەرنىڭ ھۆجەيرە پەردىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى چۈشەندۈرىدىغان fluid mosaic model سۇيۇق تەمەچ مودىلى؟ (بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى پەقەت بىلەلمىدىم، شۇڭا مۇشۇنداق ئالغاچ تۇردۇم، بىلىدىغانلار تولۇقلاپ قويساڭلار) نى بارلىققا كەلتۈرگەن.

1972: ستىۋېن جەي گوۋلد ۋە نىلېس ئېلدرىج «بۆلۈنمە مۇۋازىنەت» دىگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يىڭى پىرىنسىپنىڭ مەزمۇنى: قەدىمىي تاش قالدۇقلار بولسا تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ قەدىمىنى، يەنى قىسقا مەزگىللىك جىددى ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈرلەرنىڭ شەكىللىنىشى ئارقىلىق بۆلۈنمە دەۋىرلەرنى ھاسىل قىلغان بىر ئۇزۇن مەزگىللىك «ئىزىدا توختاش» جەريانىنى،  ناھايتى توغرا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ.

1972: ئالبېرت ئېسكېنموسېر ۋە روبېرت ۋۇدۋورد ۋىتامىن B12 نى سېنتىزلىگەن.

1974: مانفىرەد ئىيگېن ۋە مانفىرەد سامپېر نۇكلىئوتىد مونومېرلىرى بىلەن RNA نۇسخىلىغۇچى ئېنزىم (RNA replicase) نى ئارىلاشتۇرسا كۆپيىدىغان، توساتتىن ئۆزگىرىدىغان ۋە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدىغان RNA مولىكۇلىسىنى ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

1974: لېسلىي ئورگېل RNA نىڭ RNA نۇسخىلىغۇچى ئېنزىمنىڭ ياردىمىسىز ئۆزىنى نۇسخىلىيالايدىغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا سىنك (Zn) نىڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

1977: جون كورلېس ۋە باشقا ئون ئاپتۇر بىرلىكتە گالاپاگوس يانار تاغلىرىدىكى ھەرىكەتچان ۋولقان ئېتىپ چىقىرىدىغان سۇلۇق رايوندىكى يىرىم سۇدا ياشايدىغان ئىسسىق سۇ ھايۋانلىرىنى بايقىغان.

1977: ۋولتېر گىلبېرت ۋە ئالېن ماكسېم گېننى كلونلاش، ئىشقارنى بۇزغۇچى خىمىيىلىك دورىلار ۋە يېلىم ئېلېكتروفورېزى قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تىز سۈرئەتتە گېن تەرتىپلىرىنى ئېنقلايدىغان ئۇسۇلنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.

1977: فرەدرىك سانگېر ۋە ئالېن كوۋلسېن دى دىئوكسىي نۇكلىئوتىد ئىشلتىتىپ يېلىم ئېلېكتروفورېزى ئارقىلىق تىز تىز سۈرئەتتە گېن تەرتىپلىرىنى ئېنقلايدىغان ئۇسۇلنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.

1978:  فرەدرىك سانگېر ۋىرۇس PhiX174 نىڭ 5،386 ئىشقار رادىكالى ئۇزۇنلۇقىدىكى تولۇق گېنوم (گېن گۇرۇپپىسى) لىرىنىڭ تەرتىپىنى ئېنقلاپ چىققان. بۇ تۇنجى تولۇق گېنومى ئېنقلانغان جانلىق بولۇپ قالغان.

1982: سىتانلى ب پۇرسېنېر بىر خىل يۇقۇملۇق ئاقسىل، يەنى «پرىئون» لارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

1983: كارىي مۇللېس پولىمىرېس زەنجىرسىمان رىئاكسىيەسى (PCR (polymerase chain reaction نى، يەنى ئاپتوماتىك ھالدا DNA نى تىزلىكتە كۆپ مىقدرادا نۇسخىلىيالايدىغان تېخنىكىنى ئىجاد قىلغان.

1984: ئالېك جېففېرېيز گېنتىكىلىق بارماق تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى بارلىققا كەلتۈرۈگەن.

1986: ئالىكساندىر كلىبانوۋ ئېنزىملارنىڭ سۇسىز مۇھىتتىمۇ فۇنكىسيەسىنى جارى قىلدۇرلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

1990- 2002

1990: فرەنچ ئاندېرسون قاتارلىقلار تۇنجى قېتىملىق تەستىقتىن ئۆتكەن گېنتىكىلىق داۋالاشنى مۇۋاپىققىيەتلىك ئورۇنلىغان.

1990: ناپولى، لېمىيۇكىس ۋە جورگېنسون قاتارلىقلار ھەشىقپىچەكنىڭ رەڭ تەجىرىبىلىرىنى ئىلىپ بىرىۋاتقاندا  RNA ئنتېرفېرىيىنىس (RNAi) نى بايقىغان.

1995: بىر مۇستەقىل ياشايدىغان جانلىقنىڭ تولۇق گېنومى (گېن گۇرۇپپىلىرى تەرتىپى) ئېلان قىلىنغان.

1996: بىر يىتلگەن جانلىق – «دولىي» ئىسملىك قوي كلونلانغان.

1999: پېنسېلۋانىيە ئۇنىۋىرستىتى ئىنسان گېنتىكىلىق داۋالاش ئىنىستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچىلار بىر قېتىملىق گېنتىكىلىق داۋالاش سىنىقىدا تەساددىپىي جېسسىي گېلسىنگېرنى ئۆلتۈرۈپ قويغان، بۇنىڭ بىلەن FDA (ئامرىكا يىمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكى ئىدارىسى) تەرپىدىن ئۇلارنىڭ داۋاملىق گېنتىكىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىشى چەكلەنگەن.

2001: ئىنسانلار تولۇق گېنومى ئېلان قىلىنغان

2002: تۇنجى ۋىرۇس سۈنئىي ھالدا سېنتىزلەپ چىقىلغان، بۇ بىر پولىيو (بالىلار پارالچ كېسىلى ۋىرۇسى) بولۇپ چاشقاندا سىناق قىلغاندا چاشقاننى مېيىپ قىلىپ قويغان.

http://en.wikipedia.org/wiki/Timeline_of_biology_and_organic_chemistry

2002-يىلدىن بۇيانقى ئىلگىرلەشلەر تېخى يىلنامە قىلىپ يىزىلمىغان. لىكىن مېنىڭ مۇشۇ تىمىغا يانداش يىزىلغان بىئولوگىيەگە ئائىت نوبېل مۇكاپاتى بىرىلگەن تەتقىقات ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ تىزىملىكىگە قارىساڭلار، ئۆتكەن ئون يىلدىكى مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرىدىنمۇ خەۋەردار بولالايسىلەر.

مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش