ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ماي جورج ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىملىك كرىزىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » كېرىيەدىكى بىر قىسىم يەر – جاي ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا قاراشلىرىم

كېرىيەدىكى بىر قىسىم يەر – جاي ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا قاراشلىرىم

ئابلەت ئابدۇللا

(كېرىيە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدىن)

كېرىيە — قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي غول لېنىيىسىگە جايلاشقان تارىخىي ئۇزۇن يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە ياشىغان خەلق چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئېقىن قوغلىشىپ كۆچمەنلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان. كېيىن ھەم دېھقانچىلىق، ھەم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان جايلارغا ھەر خىل ناملارنى بېرىشكە باشلىغان. ئۇلار بۇ جايلارنىڭ بەزىلىرىگە شۇ جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن، يەنە بەزىلىرىگە شۇ جايدا ياشىغان قەبىلە، جەمەتنىڭ ئىسمى بىلەن نام قويغان. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا بۇ ناملاردا فونىتېكىلىق ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ھازىرقى نامى شەكىللەنگەن. بۇ يەر — جاي ناملىرىنىڭ كۆپىنچىسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئاتالغانلىقى ئۈچۈن، بۇنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۆۋەندە مەن كېرىيەدىكى بىر قىسىم يەر — جاي ناملىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى، مەنىسى، ھازىرقى ئاتىلىشى ئۈستىدە قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇلاھىزىسىگە سۇنماقچىمەن:
بۇ يەردە ئالدى بىلەن گەپنى «كېرىيە» دېگەن بۇ نامدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. تارىخى خاتىرىلەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىرقى كېرىيە بۇرۇن «ئۇرۇنتات، ئۇدۇن، يۈتىئەن …» دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغانىكەن. كېرىيە دېگەن ئىسىم توغرىسىدا كىشىلەر ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر “ كېرىيە “ دېگەن ئاتالغۇ «كەمەك» دېگەن سۆزدىن كەلگەن دېسە، بەزىلەر «كېيىن كەلگەنلەر» دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن دەيدۇ. يەنە بەزىلەر «قىريەر» دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن، دەپ قارايدۇ.
«كەمەك» دېگەن سۆزگە كەلسەك، بۇ سۆز «ھىيلىگەر، ساختىپەز، سېھىر — جادۇ قىلغۇچى»، «قاڭشىرى يوق، پاناق بۇرۇن» دېگەن ئىككى خىل مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن كېرىيەلىكلەرنىڭ ئاددى — ساددا، ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست خەلق ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى پاناق بولماستىن، بەلكى قاڭشارلىق، بۇغداي ئۆڭ بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى «كەمەك» لەرنىڭ ئەۋلادى دېيىش ئەقىلگە سىغمايدۇ.
«كېيىن كەلگەنلەر» دېگەنگە كەلسەك، بۇ يەردە ياشىغانلار باشقا يۇرتتىن كۆچۈپ كەلگەنلەر بولماستىن (تارىخى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كەلگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا)، بەلكى ئېقىن بويلىرىدا چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلەر. شۇڭا، «كېرىيە» دېگەن سۆزنى «كېيىن كەلگەنلەر» دېگەن سۆز بىلەن باغلاش تارىخقا ئۇيغۇن ئەمەس.
«قىريەر» دېگەن سۆزنى «كېرىيە» دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى دەپ قاراش رىئاللىققا بىر قەدەر ئۇيغۇن. چۈنكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «قىر» دېگەن سۆز [يۇرت – ماكان] دېگەن مەنىنى، «يەر» دېگەن سۆز جاينىڭ داڭلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، قەشقەرىيە، موڭغولىيە، خاقانىيە. دېگەنلەرگە ئوخشاش. مەلۇم ۋاقىتلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «قىريەر» دېگەن سۆزدىكى «ق» تاۋۇشى «ك» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىپ، «ر» تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىش نەتىجىسىدە «كېرىيە» دېگەن نام شەكىللەنگەن، دەپ قاراشقا بولىدۇ.
كېرىيە خەلقى ئەنە شۇنداق كۆچۈش، ماكانلىشىش، بوستانلىقلارنى بەرپا قىلىش داۋامىدا ئۆزى ياشىغان جايلارغا ھەر خىل ناملارنى بەرگەن. كېيىنچە تەلەپپۇز جەريانىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، ھازىرقى ناملار شەكىللەنگەن.
«مۇغاللا»: مۇغاللا ھازىر كېرىيەدىكى بىر بازارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر بۇنى قەبىلىنىڭ نامى دېسە، يەنە بەزىلەر بۇ جاينى تۇنجى بولۇپ بەرپا قىلغۇچىنىڭ نامى بىلەن «مۇغاللا» دەپ ئاتالغان، دەپ قارايدۇ. بۇرۇن ئۇيراتلار «مۇغالا» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قەبىلە بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە ئۆزى ئولتۇراقلاشقان بۇ جاينى «مۇغۇللا» دەپ ئاتىغان . كېيىن بۇ سۆز «مۇغاللا» بولۇپ ئۆزلەشكەن.
«قاچۇن»: بەزىلەر بۇ يەرنى سىرتتىن قېچىپ كەلگەنلەر ئولتۇراقلاشقان جاي دېسە، بەزىلەر «قاچۇن» دېگەن بۇ سۆز «قاچقۇنلار» دىن ئۆزگەرگەن دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر «قاچۇن ئۆستەڭ» بۇرۇن «قاچا ئۆستەڭ» دەپ ئاتىلاتتى، «قاچا» دېگەن سۆز «قاچۇن> غا ئۆزگەرگەن دەپ قارايدۇ. بۇلار بىر پەرەز بولسىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. لېكىن، ئۇيراتلار قەبىلىسى ئىچىدە «قاچۇلى» دېگەن بىر جامىئە بار بولۇپ، ئۇلار قارلۇقلار بىلەن بىرگە كۆچۈپ، ھازىرقى «قاچۇن> نى شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۈمكىن.
«قارقى»: بۇرۇن كىشىلەر كۈن چىقىش تەرەپنى يورۇيدىغان تەرەپ، كۈن پېتىش تەرەپنى قارا بولىدىغان تەرەپ دەپ ئاتاپ كەلگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «قىر» دېگەن سۆز يۇرت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، بۇ جاي «كۈن پېتىشتىكى يۇرت» بولغاچقا، كىشىلەر «قارا قىر» دەپ ئاتىغان . كېيىنچە بۇ سۆزدىكى «ر» ۋە «ئا» تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ «قارقى» بولۇپ ئۆزلەشكەن.
«شىۋول»: كونىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەر ئەسلىدە توغراقلىق بولۇپ، ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى شىر بار ئىكەن. ھازىر بۇ يەردە شىرنى كۆرگىلى بولمىسىمۇ، قەدىمكى توغراقلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كېيىن بۇ يەرنىڭ قىسمەن جايلىرى بوستانلىققا ئايلىنىپ، «شىر ئوۋۇل»، يەنى شىرلار ياشىغان جاي دەپ نام بېرىلگەن. كېيىنچە تەلەپپۇز جەريانىدا بەزى تاۋۇشلار چۈشۈپ قېلىپ «شىۋول» دەپ ئۆزلەشكەن.
«ئويتاغراق»: «ئوي» دېگەن سۆز “ نېرى تەرەپتىكى “ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. توغراق بولسا دەرەخنىڭ ئىسمى. ئەسلىدە بۇ جاي بىپايان توغراقلىق بولۇپ، كېرىيە دەرياسىغا يېقىن توغراقلىق «باش توغراق»، كېرىيە دەرياسىدىن يىراقراق بولغان توغراقلىق «ئويتوغراق» دەپ ئاتالغان، ھەمدە شۇ بويىچە ئۆزلەشكەن.
«يەتتە باش»: بۇ ئەينى ۋاقىتلاردا كېرىيە دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدىكى يەتتە مەھەللىنى كۆرسىتەتتى. بۇ جاي ئېقىننىڭ بېشىدىكى مەھەللە بولغاچقا، كىشىلەر «سۇ بېشىدىكى يەتتە مەھەللە» دەپ ئاتىغان. كېيىنچە بۇ ئىسىمدا مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، «يەتتە باش» دەپ ئاتالغان.
«قارا تۇغان»: بەزىلەر بۇ يەردە ئىلگىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن چوڭ تۇغان سېلىنغان، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئاساسى بولمىسىمۇ، ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، “ قارا “ دېگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يەنە “ چىڭ، پۇختا، مەزمۇت “ دېگەن مەنىلەرنى، “ تۇغان “ بولسا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا “ دامبا، قاش، تۇغان “ دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.
«قالۇق»: بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى يەتتە سۇ رايونى ۋە قەشقەردىكى قارلۇقلار مەجبۇرى كۆچۈرۈلۈپ، بىر قىسمى جەنۇبقا، يەنە بىر قىسمى كېرىيە دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنلىرى بويىغا ئولتۇراقلاشقان. بۇلار ئولتۇراقلاشقان كەنت كېيىنچە شۇ قەبىلىنىڭ نامى بىلەن «قارلۇق» دەپ ئاتىلىپ، تەلەپپۇز جەريانىدا “ ر “ تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بىلەن «قالۇق» دەپ ئۆزلەشكەن.
«ئاتچان»: بۇ كېرىيەدىكى تاغلىق يېزا بولۇپ، «ئارتچان» دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇز ئۆزگىرىشىدىن شەكىللەنگەن. «ئارت» — قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «تاغ باغرى» دېگەن مەنىنى، «چان» — جاي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كېيىن تەلەپپۇزدا «ر» تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ، «ئاتچان» دەپ ئاتالغان.
«ھېيتكا»: بۇ «ھېيتگاھ» دېگەن سۆزنىڭ بۇزۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىشى بولۇپ، “ ھېيت “ دېگەن تۈپ سۆزنىڭ كەينىگە “ گاھ “ دېگەن تۈپ سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىنىڭ ئۇلىنىشى بىلەن ياسالغان. تەلەپپۇز جەريانىدا بۇ سۆز «ھېيتكا» دەپ ئۆزلەشكەن.
«ئۇرايىم كۆلى» ؛ بۇ كۆل كوئېنلۇن ( قۇرۇم ) تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، 1929-يىلى ئۇرايىم ئىسىملىك كىشى بۇ كۆلنى تۇنجى بولۇپ بايقىغانلىقى ئۈچۈن، شۇ كىشىنىڭ نامى بىلەن «ئۇرايىم كۆلى» دەپ ئاتالغان.
يۇقۇرىدا مەن كېرىيەدىكى بىر قىسىم يەر-جاي ناملىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۈم. يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق، يەنە نۇرغۇنلىغان يەر- جاي ناملىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى، مەنىسى ھەققىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولۇشىمىز، بۇ ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۇنى ھازىرقى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشىمىز مۈمكىن.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1177

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش