You Are Here: Home » ئومۇمى » رامىزان فېستىۋال ئەمەستۇر! – «رامىزان يازمىلىرى»دىن

رامىزان فېستىۋال ئەمەستۇر! – «رامىزان يازمىلىرى»دىن

دىن ئىنسان ئۈچۈندۇر. ئىبادەتلەردىكى پايدا ئاللاھقا ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئېھتىياجلىق بولغىنى ئىنسان، ئىھتىياجىمىزنى تەمىنلىگەن بولسا ئاللاھتۇر.
ئاللاھ-ئىنسان مۇناسىۋىتىدە، ئىبادەت بولسا ئىنساندىن ئاللاھقا يېتىدىغان بىر تۈر ئاڭدۇر. بۇ «تەقۋا» نىڭ دەل ئۈزىدۇر. ئىزۇتسۇ نىڭ دەل تەبىرى ۋە ئەسەد ھەم فازلۇررەھمان كەبى ئەسرىمىزدىكى ئالىملەرنىڭ ئۇنىڭغا قېتىلىشى بىلەن ئېيتىلغان « مەسئۇلىيەت ئېڭى» دېگىنى بەك توغرا تەرىپتۇر.
بۇ بىر مىراجدۇر. ھەر مىراج بىر «روزا»نىڭ، يەنى «ئولۇغۋار بولۇش ۋە يۈكسىلىش»نىڭ ئەسىرىدۇر. ئىبادەتلەر بىلەن ئىنساننىڭ چۈشەنچىسى، ئىنسانلىق دۇنياسىنىڭ ئۇپۇقىغا يۈكسىلىدۇ. بۇ يۈكسىلىشنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ مۇكاپاتسىز قويمايدۇ. ئۇبۇدىيەت يەنى قۇللۇق بىلەن ئۆزىگە يۈزلەنگەن بەندىسىگە، ئو مۇ رۇبۇبىييتى ۋە رەھمىتى بىلەن يۈزلىنىپ «نۇزۇل» ئېتىدۇ.
ئاللاھ تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ھەر نۇزۇل، ئەينى ۋاقىتتا بىر تەنەززۇلدۇر(مەنىۋى چۈشۈش). ئۇنىڭ رەھمىتى بىلەن ئىنسانىيەتكە تەنەززۇلى، پەيغەمبەرلەر ئۈچۈن ۋەھى سۈرىتىدە تەجەللى ئەتتى.
بارلىق ۋەھىيلەرنىڭ چوققىسى بولغان قۇرئان ۋەھىي، دەل مۇشۇنداق بىر ئىلاھى تەنەززۇلنىڭ ئەسىرىدۇر. «نۇزۇل» كەلىمىسى ئەرەپچىدە، «مېھماننىڭ شەرىپىگە ئالدىغا يېيىلغان مول زىياپەت داستىخنى» دېگەن مەنادا كېلىدۇ. بۇ مەنانى ئەقلىمىزدە تۇتۇۋالساق، ۋەھىينىڭ نازىل بولىشىنىڭ نىمە مەناغا ئىگە ئىكەنلىگىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگەن بولىمىز.
شۇنداق، ۋەھىي ئاللاھتىن ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن بىر «مائىدە» (ئۈستىدە ئەڭ مول غىزا بولغان داستىخان)، يەنى ساماۋى داستخاندۇر. بۇ داستىخان ئىنسانغا ئىنسانىي تەرىپىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان غىزالارنى سۇنۇدۇ. ئىنساننىڭ باشقا جانلىقلار بىلەن ئورتاقلاشقا ھايۋانى تەرىپىنى ئەمەس، ئۇنىڭ ئىنسانى تەرىپىنى ئوزۇقلاندىرىدۇ.
ۋەھى، ئىلاھى بىر قۇرۇلۇش لاھىيەسىدۇر. ئىنسان بولۇشنىڭ ئەڭ ئاز بولسىمۇ مەسئۇلىيىتىنىڭ پەرقىدە بولۇپ ئېڭىنى يۈكسەلتكەن ئىنساندا، مۇھتىشەم بىر ئەقىل ۋە كىشىلىك بەرپا قىلىدۇ. بەئەينى تۇنجى مۇخاتىپى بولغان سۆيۈملۈك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەسەۋۋۇرىدەك، ئەقلىنى ۋە كىشىلىكىنى بىنا قىلغىنىدەك.
ئىنسان يەريۈزىدىكى مەۋجۇدىيەت مەقسىدىنى، پەقەت ۋە پەقەت ۋەھىي بەرپا قىلغان ئاڭ-چۈشەنچە بىلەنلا ئەمەلگە ئاشۇرالىشى مۇمكىن. بۇ ئاڭغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئىنساننىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مەنا ۋە مەقسىدى توغرۇلۇق سەمىمى بىر شەكىلدە (يۈرىكىگە قولىنى قويۇپ) ئويلىنىشى كېرەكتۇر.
راستىنى دېگەندە بىر ئىنساننىڭ ھېچ قانداق مەقسەد-غايىسى بولماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ ئورتىچە ئۆمرى ئىنسان ئۆمرىنىڭ يۈزدە بىرىچىلىك كەلمەيدىغان ھەسەل ھەرىسىنىڭ چېغىدا ھەسەل ئىشلەپ چىقىرىشتىن ئىبارەت بىر غايىسى بارئىكەن، پۈتكۈل كائىناتتىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ئىچىدە شاھ ئەسىرى بولغان ئىنساننىڭ ھېچبىر مەقسەت-غايىسى بولماسمۇ؟
ئۆزىنى باشقا جانلىقلاردىن ئايرىغان پىترەت، ئەقىل، ئىرادە ۋە باشقا ئىقتىدارلىرى بىلەن ئىنسان ئەۋلادى بىكارغا يارىتىلدىم، دۇنيا باغچىسىدا خالىغانچە ئات چاپتۇرۇپ ئوينايمەن، قولىغا بېرىلگەن بۇنچە ئىچكى ۋە تاشقى ئىمكانىيەتلىرىنى ئۆز نەفسىنىڭ ئىستىكى بۇيۇنچە بوزۇپ-چېچىپ، ۋەيران قىلىمەن دەپ ئويلامدىغانمۇدۇ؟
ئىنساننىڭ يارىتلىش غايىسى، «يەريۈزىدە باربولۇش مەقسىدىگە لايىق بىر ھايات»نى بىنا قىلىشتۇر. ۋەھىي بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇستىسى بولغان ئىنساننىڭ قوللانمىسى (ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى)، تۇنۇشتۇرۇش قەغىزىدۇر. ئىنسان ئۆز مەجۇدىيەت مەقسىدىنى توغرا ۋە ماكسىموم (ئەڭ يۇقۇرى) سەۋىيەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالىسا، ئالدى بىلەن ئۆزىنى ۋەھىينىڭ بەرپا قىلىشى ئۈچۈن ئېچىشى كېرەك.

ئۇنداق بولمىسىمۇ؟
ئۇنداق بولمىغاندا، دەل بۇ ياشاۋاتقان چېغىڭىزدىكىدەك ئىنسان يوق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىنى ئىنسان قىياپىتىگە كىرىۋالغان پەدازلىق ۋە ماسكىلىق كىشىلەر ئالىدۇ.سىياسى ۋە ئىقتىسادى كىرسىزلەرنىڭ ھەممىسىدىن مەيداغا كەلگەن «ئادەم كىرزىسى» تېخىمۇ بەتتەر ئېغىرلىشىدۇ. ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى يالغان، ھەقىقەتنىڭ يېرىنى سۈرەت، قىممەتنىڭ ئورنىنى باھا، ئەمگەكنىڭ ئورنىنى سىموۋۇل، ئادالەتنىڭ ئورنىنى بىخەتەرلىك تەشۋىشى، دۆلەتنىڭ ئورنىنى دىۋە، مىللەتنىڭ ئورنىنى جانىۋارلاشقان سىيەسىەتپەرەسلەر ئالىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىغىنى تىرىلدۈرۈشتىن باشقا بىر يولىمىز يوقتۇر.
بارچە پەيغەمبەرلەرنىڭ چاقىرىغى، ئىنساننىڭ يارىتىلىش يەنى مەۋجۇت بولۇش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش چاقىرىدۇر.
بۇ چاقىرىقتىن يۈز ئۆرۈش، ئەسلىدە ئىنساننىڭ ئىنسانىيەتكە قىلىدىغان ئەڭ بۈيۈك زۇلۇم ۋە دۇنياۋى ئەخلاقسىزلىقتۇر.
بۇ چاقىرىقنىڭ مۇپەسسەل نوقتىسى يەنى چوققىسىنى تەشكىل قىلغان قۇرئان كەرىمنىڭ چاقىرىغىمۇ دەل بۇ غايىدۇر.
رامىزان، دەل مۇشۇ چاقىرىقنىڭ ساھىپى بولغان ۋەھىينىڭ توغۇلغان ئېيىدۇر. بۇ توغۇلۇشنىڭ روزى بىلەن قۇتلىنىشى، ئەسلىدە ۋەھىينىڭ چاقىرقىنڭ روھى بىلەن مۇكەممەل شەكىلدە بىرلىكىنى ساقلايدۇ. چۈنكى روزا، ئىنساننىڭ ئىنسانىي تەرىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھايۋانى تەرىپىگە «توختا» دېيىشتۇر. ئىنساننىڭ روھىنى بېيىتىپ، ئىچكى ھىسياتلىرىنى تېزگىنلەشتىن ئىبارەتتۇر.
بۇ مەقسەتنىڭ ئەمىللىشىشى، يەريۈزىدە باربولۇش مەقسىتىگە ئۇيغۇن بىر ھاياتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يارتىلغان ئىنساننىڭ، يەنى «ئۇستا» نىڭ تەربىيەلىنىشى دېمەكتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ، رامىزان ئىبادىتى بىلەن بىر تەرەپتىن نەفىس ۋە روھ تەربىيەسى بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەھىي بىلەن بىردەك تەسەۋۋۇر ۋە ئەقىل تەربىيەسىگە ئايلىنىدۇ. پەقەت شۇندىلا غايىسنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ.
ئىبادەتلەر، ئىنسان-ئاللاھ مۇناسىۋىتىدە، ئىنساننىڭ ئاللاھ قا ئىبەرتكەن بىرمەكتۇبى كەبىدۇر. ئىچى قۇرۇق كانۋېرت ئىگىسىگە تاپشۇرۇلدىمۇ دەيلى، بۇ مۇخاتاپ (سالام خەت يېزىلغان كىشى)نىڭ خوشىغا ياققۇدەك بىر خوشخەۋەر بولمايدۇ.
مانا مۇشۇنداق ئىچى بوش ئىبادەتلەر، بۇنداق ئىچى بوش بىر كونۋېرتقا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ، ھېچ بولمىسا بىر سەمىمىيەتسىزلىك دەپ قارىلىپ، مەقسىتىنى ھېچقاچان ئەمەلگە ئاشۇردى دەپ ھېساپلانمايدۇ.
رامىزاننى، ئوسمانلىنىڭ قارنىدا مىكروپلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشقا باشلقىغان ۋەيران بولۇش ۋاقتىنىڭ ئەسىرى بولغان «تېرەكلەر ئارىسىدىكى تاماشالار»، ئۇنىڭ زامانىۋى نۇسخىسى بولغان «كونسېرتلار» بىلەن قۇتلاشقا تىرىشىش، رامىزانغا بىر ياخشىلىق قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈپ، جەسىدىنىڭ ئۈستىدە فېستىۋال قىلغاندەكلام بىر ئىش قىلغانلىقتۇر.
يۇقۇرىدىكىدەك چۈشەنچىلەر، رامىزاننى بودەكلەرنىڭ « ئۇرۇقلاش ئېيى»، يوقسۇل ۋە ۋىجىكلەرنىڭ «يەۋېلىش ئېيى» دەپ بىلىۋېلىشىدىنمۇ ۋەھىمىلىك بىر تۇنۇش شەكلىدۇر.
نىمىشقا ھەمىشە «قۇرئاننىڭ بەرپاقىلىشى» دەپلام يۈرگىنىمىزنىڭ ئەمدى پەرقىدە بولدىڭىزمۇ؟ چۈنكى بۇ چاتاق، «مەن موسۇلمانمەن» دېگەن ۋە سەمىمىيەتلىرىدە زەررىچىلىق شەك بولمىغان ئىنسانلارنىڭ ئىسلامىنى ۋەھىينىڭ بەرپا قىلمىغانلىقىنىڭ سەبەبىدىندۇر.
كىم بۇلىشىڭىزدىن قەتئى نەزەر، قايسى پائالىيەتنى قىلىشىڭىزدىن قەتئى نەزەر، ئالدى بىلەن تەسەۋۋۇرىڭىزنى، ئەقلىڭىزنى ۋە كىشىلىكىڭىزنى ۋەھىينىڭ قولىغا تەسلىم قىلىڭ، ئۈزىڭىزگە بىر ئىستىقامەت نىشانى يەنى يول خەرىتىسى سىزغۇزۇڭ. ۋەھىينىڭ قولق بىلەن ئۈزىڭىزگە ئاساس تۇرغۇزۇۋېلىڭ. دىنىمىزغا، دۇنياغا، ئىنسانغا، نەرسىلەرگە ئاللاھنىڭ «قارا» دېگەن يېرىدىن قارىشىڭىز پەقەت ۋە پەقەت بۇنىڭغا باغلىق… مۇسۇلمانلىقىڭىزنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن مۇھىم دەپ قارىلىشى دەل بۇنىڭغا باغلىقتۇر…
ئونىڭدىن كېيىنمۇ؟ ئۇنىڭدىن كېيىن خالىسىڭىز سىياسەتچى بولۇڭ، خالىسىڭىز ئىقتىسادچى بولۇڭ… خالىسىڭىز سەنەتچى بولۇڭ، خالىسىڭىز پۇتبولچى بولۇڭ… ۋەيا خالىسىڭىز ھاكىم بولۇڭ ۋەيا خالىسىڭىز پېرىزىدېنت بولسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.
(ئەلھەمدۇلىللاھ، بۇ ماۋزۇ بۈگۈن تۈگىدى)

(بۇ ئەسەر رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن كۈندە بىر تېما تەرجىمە قىلىنىپ كۆكلەم تورىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان تۈۋەندىكى ئەسەردىن ئېلىندى.

 

مۇستافا ئىسلامئوغلى: رامىزان يازمىلىرى (تەرجىمە)
http://www.koklem.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4064&fromuid=229 )

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top