ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 26 - ئاۋغۇست فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ھەققىدە خۇلاسە دوكىلاتى قىلىندى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » رامىزان بىر ئىمكاندۇر

رامىزان بىر ئىمكاندۇر

090254tqvcq0ycvgpl00cv[1]
«ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىركىلەرگە (يەنى ئىلگىركى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى.» [سۈرە بەقەر، 183-ئايەت]

(« ئەي ئىمان ئېيىتقانلار! روزا، سىزدىن بۇرۇنقىلارغا پەرىز قىلىنغىنىدەك سىزلەرگىمۇ پەرىز قىلىندى، ئىنشا ئاللاھ ئاللاھ قا بولغان مەسئۇلىيەتلىڭىزنى بايقىۋېلىشىڭىز مەقسەت قىلىنغاندۇر! » (سۈرە بەقەرە 183) مەنا تەرجىمىسى قىلىندى)
«رامىزانىڭىز مۇبارەك بولسۇن!» دېگىم كېلىدۇ ئەمما رامىزان ئەسلىندىنلا مۇبارەك ئىدى.
«خوش كەلدىڭ ئەي رامىزان ئېيى» دېگۈم بار ئەمما، رامىزان دائىما خوش كېلىدۇ. پەقەت ئىنساننىڭ قىلىشقا تېگىشلىگى ئىنساننىڭ ئۇنىڭ بەرىكىتىدىن ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدە پايدىلىشىدۇر. ئۇنى خوشل-خۇرام كۈتۈۋېلىش، ئۇنى خوش قىلىش ۋە خوش ۋىدالىشىىڭز  كېرەك !
دائىم  ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدىغان  شۇنداق بىر ھەقىقەت بار. ئىبادەتلەر يالغۇزلا مەقسەت ئەمەس. بەلكى، ھەربىر ئىبادەت ئۈزىدىن يۈكسەك دەرىجىدىكىى باشقا بىر غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بىر ۋاسىتىدۇر. ئو مەقسەتكە سەل قارالغىنىدا نەدە ئۇ ئىبادەتلەر ئادا بولسۇن! نەدە ئۇ ئۇ ئىبادەتلەر چۈشۈنىلسۇن! روزا ئىبادىتىنىڭ مەقسىدى، بۇ ئىبادەتنى پەرىز قىلغان يۇقۇرىدىىكى ئايەتتە ئوپ-ئوچۇق ھالەتتە ئېيتىلغىنىدەك : مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن دىدار كۆرۈشۈش…
بۇ، ئالدى بىلەن ئىنساننىڭ ئۈزىنى تونۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. ئۆزىنى تۇنۇۋېلىشى ئۈچۈن ئىنسان دىققىتىنى ئۆزىگە قارىتىشى كېرەك. دىققىتىنى ئۆز ئۆزۈگە تارتىش دېگىندىن قەسىتىمىز، گۆشىدىن سۆڭىكىچە، چاچ-ساقاللىرىغىچە، بەدەن ئېغىرلىغى ۋە بوي ئۇزۇنلىقىغا، ئاشقازىنىغا ۋە تېنىگە ئېتىبار بېرىشى دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى بۇلار، ئىنساننى ئىنسان قىلغان تەرەفلىرى ئەمەستۇر.
ئۇنداقتا، نېمە؟
ئەلبەتتە، ۋەھىينىڭ «قەلب» دىگەن ئىچ دۇنيامىزغا، تۇيغۇمىزغا، چۈشەنچىمىزگە، ئەقىل يۈرگۈزىدىغان قەلبىگە يۈزلىنشتۇر! دىققەت ئېتىبارىنى ئىچكى يۈزلىنىشكە قارتقان ئىنسان، ئۆزىنى تونۇشقا باشلايدۇ. ئۆز-ئۆزىنى، يەنى ئاللاھ ئالدىدىكى ئاجىز ۋە مۇھتاجلىقىنى، دۇنيالىق ئالدىدىكى  شانۇ-شەرەپ ۋە ئۈستۈنلىكتۇر!
بۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىنسان، «مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تۇرغۇزغان» ئىنساندۇر.
بۇ ئۈچ بويۇتلۇق (يۆلىنىشلىك) ئاڭدۇر. ئاللاھ قا قارىتا، ئۆز ئۆزىگە قارىتا ۋە باشقىلارغا قارىتا. ئاچ-يالىڭاچلارغا مەسئۇلىيىتى بارلىقى، يوقسۇللارغا، يىتىملەرگە، ئىگە-چاقىسىزلارغا، قىين كۈندە قالغانلارغا قارىتا مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ھەر ئىنسان روزىنىڭ باناسىدا ئۆگەنگەن بولىدۇ.
رامىزاننى فېستىۋالغا ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر، ئۇنى ئۇرۇقلارنىڭ يەپ سەمىرىۋېلىش، سېمىزلەرنىڭ يېمەي ئۇرۇقلىۋېلىش ئېيى كەبى قارىغانلار، بۇ مەقسەتنى قانداقمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالىغان بولسۇن؟
ئەسلىدىلا، بۇ خىل كۆز-قاراشقا ئىگە بولغانلارغا نىسبەتەن، رامىزاننىڭ تۇنجى بولۇپ ئەقلىگە كەلتۈرىدىغنىنى ئىستانبۇلدىكى غەرىپچە ناخشىچى سەتەڭلەرنىڭ سەنئەت ئىجراسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تېرەكلەر ئارىسى تاماششا»سىدۇر.
ئوسمانلىنى تىرىلدىرىمىز دەپ ئىستانبۇلنىڭ «ئىسلامبول» تەرپىنى ئەمەس ئىستانبۇلنىڭ «پېررا» تەرىپىنى (غەرىپچە يۈزىنى) تىرىلدۈرۈشكە تىرىشىش، تەتۈرىدىن قوپۇشتۇر.
پەقەت ئۇنچىلىكلا ئەمەس، ھەتتا ئۆز ئىتىقادىدا «فىرانسىز» (ھېچ بىلىمى يوق) قېلىش، ھەتتا يەرلىشىپ قالغان غەرىپلىكتەك بوپ قىلىشتەك بىر ئىش.
ئىفتار چېدىرلىرىنى قۇرۇش نە قەدەر ياخشى بىر ئىش. مانا بۇ نەخ ئىستانبۇلنىڭ «ئىسلامبول» تەرىپىنى خاتېرلىتىدىغان مۇشۇ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەردۇر.
توغرا دەيسىز، بەلەدىيەلەر نىمىشقا پەقەتلام چېدىرغا كەلگەن كىشىلارنىلا ئويلاپ، دەل ئىفتار ۋاقتىدا قاتناش قىستاڭچىلىقىدا قالغانلارنى ئويلىمايدىغاندۇ؟ بەك كۆپ بوممىسىمۇ، پەقەت ئېغزىنى ئاچالىغۇدەك (ئىفتار قىلغۇدەك) لا (ئىفتارنى بوزۇش ئەمەس) بىر خورما، كىچىك سۇ، كىچىك بىر توقاچتىن تەركىپ تاپقان ئاددى بىر تاماق تىزىملىكى يېتەرلىك بولاتتى.
ئەگەر ئۆرنەك تەلەپ قىلىدىغان بولسا، بىر قانچە يىلدىن بېرى بۇ ئىشنى ۋەتەن يولىدا قىلىپ كېلىۋاتقان ئەقەبە ۋەقفىدىن ئالسا بولىدۇ. ھەتتا ياردەملىشىشىمۇ مۇمكىن. دەل ئىفتار ۋاقتىدا قاتناشتا قىسىتىلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ماشىنىسىنىڭ دېرىزىسىدىن سۇنۇلغان ئىفتارلىق ئېكراملىرىنى ئالغىنىدا كۆزلىرىنىڭ قانداق نۇرلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالالايسىز. ئۇلارنىڭ ئورنىدا سىز بوپقالغان بولسىڭىز، سىزنىڭمۇ كۆزلىرىڭىز نۇرلانغان بولاتتى.
ئەلۋەتتە، قارنمىزغا قىلىنغان ئېكرام، رامىزاننىڭ ئەڭ ئۇششاق تەرىپىدىن ئېكرامدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن ئېكرامى بار. كاللىمىزغا ۋە قەلبىمىزگە ئېكرام. ئۇ بولسىمۇ، يەنى ئىنسانىيەتكە قۇرئان ئېكرام قىلىشتۇر، ۋەھىينىڭ داستىخنىغا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاچارچىلىقتا قاغجىراپ كەتكەن يۈرەكلىرىنى ۋە كاللىسىنى تويغۇزۇش دېمكتۇر.
گەپنىڭ نەخ پوسكاللىسى: رامىزان بىر ئىمكاندۇر؛ كىرلەشكەنلەرنى يۇيۇشنىڭ، بۇزۇلغانلارنى ئوڭشاشنىڭ، يېقىلغانلارنى ئورنىدىن دەس تۇرىدىغان، تەسپىينىڭ تانىسىدەك چېچلىپ كەتكەنلەرنى توپلاپ، پارچىلانغالارنى پۈتۈنلەشتۈرىدىغان، يۇقاپ كەتكەنلەرنى تېپىۋېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىدۇر.
(بۇ ئەسەر رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن كۈندە بىر تېما تەرجىمە قىلىنىپ كۆكلەم تورىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان تۈۋەندىكى ئەسەردىن ئېلىندى.
مۇستافا ئىسلامئوغلى: رامىزان يازمىلىرى (تەرجىمە)
http://www.koklem.biz/forum.php? … 064&fromuid=229 )

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1194

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش