ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - مارت يەكشەنبە سائەت 2:00 دە ئىستانبۇل فىندىكزادە زۈبەيدە خانىم كۈلتۈر مەركىزىدە «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە نورۇز شادلىقى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم – بىلگەجان

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم – بىلگەجان

şöhretmutellip

قەدىرلىك ئوقۇرمەن،

بىزنىڭ ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان بۈيۈك ئالىملىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى توغرىسىدا ئازراق بولسىمۇ توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىمىزنىڭ ئەھمىيتى زور دەپ قارايمەن. ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ دەل شۇنداق كىشىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆجەيرە بىئولوگىيىسىنىڭ ئەڭ يۈكسەك چوققىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى پۈتۈن دۇنيانى بىر ئەمەس بىر نەچچە رەت زىلزىلگە سېلىپ ئۇيغۇر ئوغلانلىرىنىڭمۇ ئىلىم-پەندە دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭالايدىغانلىقىنى ھەممىگە بىلدۈرۈپ قويدى!
مەن بۇ پەخىرلىك ئالىمىمىزنىڭ تەتقىقاتلىرىغا يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقىلى مانا 6 يىل بوپتۇ، مۇشۇ 6 يىل جەريانىدا ئالىمىمىزنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ. شۇنداقكەن، ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنى ۋە ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تەتقىقاتلىرىنى ئۇيغۇر جامائىتىگە تونۇشتۇرۇشنى مۇھىم ئىش دەپ ئويلىدىم. ئالىمنىڭ نەتىجىلىرىنى ئاممىباپ تىلدا چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆزەمنىڭ ئالىم بىلەن بولغان ئالاقىلىرىم ئاساسىدا ئۇ توغۇرلۇق بىلگەنلىرىمنى جامائەتكە سۇنۇش نىيتىدە ئالىمنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كىيىن بۇ يازمىغا تۇتۇش قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەزكۇر يازمىدىكى يىتەرسىزلىكلەرگە كەڭ قورساق مۇئامىلىدە بولۇشىنى ۋە خاتالىقلار بولسا تۈزىتىش بىرىشىنى سەممىي ئۆتۈنىمەن.

-بىلگەجان (2013-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئامرىكا)

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم (1) – ئۈرۈمچىدە تۇنجى ئۇچرىشىش
  (ئەسلىمە)
<ignore_js_op>

2008-يىلى قەھىرىتاننىڭ سوغۇق كۈنلىرى. شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى كۈتۈپخانىسىنىڭ ئايرىم كىشىلىك مۇزاكىرە ئۆيىگە ئۆزۈمنى سولىۋالغان ئىدىم. سىرتنىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي، بۇ كىچىككىنە، لىكىن يورۇق ۋە ئازادە بىر قول كومپىيۇتىرى، بىر چايدان، بىر نەچچە نان، قەھۋە ۋە بىر دۆۋە كىتاب ماڭا ھەمرا بولۇپ ئاجايىپ ئىللىق بىر تۇيغۇ ۋە خۇشال كەيپىياتتا پات ئارىدا بەرمەكچى بولغان بىر ئېمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم. بۇ كۈنلەر مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلماس كۈنلەر بولغاچقا، شۇ ۋاقتتىكى ئىشلار ھېلىھەم شۇ پېتى يادىمدا تۇرۇپتۇ. تاڭ ئەمدى سۈزۈلىشىگە ئېغىر سومكامنى ئاسقان ھالدا كۈتۈپخانا ئىشكى ئىچىلىشىنى كۈتەتتىم ۋە ئىشىك سائەت 7:00 دە ئىچىلىشى ھامان ھەممىدىن بۇرۇن بۇ ئىللىق ماكانىم بولغان كىچىك ئۆيگە كىرىپ ئىشىكىنى تاقايتتىم. شۇ ئولتۇرغانچە كەچ سائەت 9:00 دا كۈتۈپخانا تاقىلىش ئالدىدا ياتاققا قايتاتتىم چۈنكى ھەر بىر مىنۇت مەن ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم ئىدى. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئېمتىھان ئۈچۈن ئاخىرقى تەييارلىقلىرىمنى قىلىۋىلىش نىيىتىدە ئادىتىم بويىچە كۈتۈپخانىغا سەھەردە كەلدىم ۋە ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئېمتىھان تەقلىد سۇئالىنى ئشىلەپ ئۆزەمنى يەنە بىر نۆۋەت سىناپمۇ باقتىم. بۇ بىر چەتكە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار بىرىدىغان توفىل (TOEFL) دەپ ئاتىلىدىغان ئېنگىلىز تىلى ئىمتىھانى بولۇپ، شۇ كۈنى كەچتە ئېمتىھان بىرىش ئۈچۈن شىئەنگە ماڭغاچقا ئاخىرقى بىر ئىش، يەنى مەن ئېمتىھان نەتىجىسىنى ئەۋەتمەكچى بولغان مەكتەپلەرنى تاللىشىم كىرەك ئىدى. ئالىي مەكتەپ 3-يىللىقىدا قەدىردان ئۇستازىم پرافىسور پاتىگۈل ماخمۇت ئۆتكەن «يىتىلىش بىئولوگىيىسى» دەرىسىدە غول ھۆجەيرە توغۇرلۇق دەسلەپكى مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن باشلاپ، غول ھۆجەيرىگە ناھايتى قىزىقىپ قالغان ئىدىم. شۇنداق بولغاچقا ئامرىكىدىكى غول ھۆجەيرە تەتقىقاتى بىر قەدەر ئىلغار بولغان مەكتەپلەرنى ئىزدەشكە باشلىدىم. كىم ئويلىغان، ئىزدەۋىتىپ تۇيۇقسىز بىر خۇشاللىققا ئېرىشتىم. ئۇ بولسىمۇ دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ 2007-يىلى «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلغان  «تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش ئارقىلىق مايمۇن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى» ناملىق ماقالىسىنى تىپىۋالغان ئىدىم. ئالىمنىڭ ئىسمىدىنلا ئۇيغۇر ئوخشايدۇ، دىگەن ئويغا كىلىپ يۈرەكلىرىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتكەن ئىدى، شۇڭا ماقالىنى ئوقۇشنى قويۇپ بۇ كىشى توغرىسىدا ئىزدىنىشكە چۈشتۈم. شۇنداق قىلىپ شۇ ماقالىدا قالدۇرغان ئاپتۇر تەۋە ئورۇن بويىچە ئۇ ئىشلەيدىغان ئامرىكا ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتىغا قاراشلىق ئورىگون دۆلەتلىك پىرىماتلار تەتقىقات مەركىزى تورىدىن ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئۇچۇرلارنى تىزلا ئىزدەپ تاپتىم. شۇ ھاياجاندا بۇ مەكتەپنى بىرىنچى بولۇپ مەن دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلماقچى بولغان مەكتەپلەر قاتارىغا تىزدىم. ئېمتىھاننىمۇ ئوڭۈشلۇق بىرىپ قايتىپ كەلدىم، لىكىن ئەس خىيالىم شۇ كىشى توغۇرلۇق بىلىپ بىقىشتا قالدى. ئاخىرى ئۇ توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ ئۇنىڭ دەرۋەقە ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلىپ بىشىم كۆككە يەتكەندەك خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدىم. سەۋەب، شۇ چاغقىچە مەن ئەزەلدىن بىرەر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ، ياكى جۇڭگودىكى بىرەر تەتقىقاتچىنىڭ «تەبئىەت» ژورنىلىدەك دۇنياغا داڭلىق ۋە ئەڭ يۇقىرى ئۇنىۋىرسال نوپۇزغا ئىگە تەبئىي پەن ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئالىمىمىز دەل مەن ئىنتايىن قىزىقىدىغان غول ھۆجەيرە ساھەسىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن ئەمەسمۇ. ئۇنىڭ ئېلان قىلغان ماقالىسىنى تەپسىلي ئوقۇپ چىققاندىن كىين بۇ ماقالىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتتىم ۋە بۇ ماقالە توغرىسىدا دۇنيادىكى نوپۇزلۇق گېزىت، تىلىۋىزىيە پروگراممىلىرىدا نۇرغۇن ئوبزورلارنىڭ ئېلان قىلنىغانلىقىنىمۇ بىلدىم.

بۇ ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
http://www.nature.com/nature/jou … ll/nature06357.html

تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش ئارقىلىق مايمۇن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى

قىسقىچە مەزمۇنى: تەن ھۆجەيرسىدىن يادرو كۆچۈرۈش (SCNT) ئۇسۇلى ئارقىلىق گېنتىكا جەھەتتىن بىمارغا ئوپمۇئوخشاش تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلىش قېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن كېسەللەرنى ساقايتىش ياكى يەڭگىللىتىشتە بىمارنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىسىنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىمىغاچقا زور ئىشلىتىلىش يوشۇرۇن كۈچىكە ئىگە. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ خىل ئۇسۇل پەقەت چاشقاندىلا مۇۋاپىىققىيەت قازانغان بولۇپ، مايمۇنلاردا قىلىنغان سىناقلار قايتا پروگراممىلاشنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى ۋە تۆرەلمىنىڭ ئوبدا يىتىلەلمەسلىكى سەۋەبىدىن مەغلۇپ بولۇپ كەلگەن ئىدى. بىز SCNT ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، گانگې دەريا مايمۇنىنىڭ يىتىلگەن تىرە ھۆجەيرىسىدىن بلاستۇلا باسقۇچىغىچە يىتىلگەن تۆرەلمىنى ھاسىل قىلدۇق ۋە بۇ تۆرەلمىلەردىن مۇۋاپىققىيەتلىك ھالدا ئىككى غول ھۆجەيرە لىنىيىسىنى ئايرىپ ئالدۇق. DNA ئانالىزى بۇ غول ھۆجەيرىلەرنىڭ يادرو گېنلىرىنىڭ يادرو تەقدىم قىلغۇچى تىرە ھۆجەيرىسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكى، خوندىرىئوسوملۇق گېنلارنىڭ بولسا تۇخۇم ھۆجەيرىسى بىلەن ئوپمۇئوخشاش ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.  ئايرىپ ئېلىنغان ھەر ئىككى غول ھۆجەيرە لىنىيىلىرى نورمال مورفولوگىيەگە ۋە ئاچقۇچلۇق غول ھۆجەيرە بەلگىلىرىگە ئىگە بولۇپ، گېنلىرى نورمال غول ھۆجەيرىلەرگە ئوخشايدۇ. بىز يەنە بۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ تەن سىرتىدا ۋە تەن ئىچىدە كۆپ خىل ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدۇق. بىزنىڭ بۇ نەتىجىلىرىمىز بىر يىتىلگەن تەن ھۆجەيرە يادروسىنىڭ مۇۋاپىققىيەتلىك ھالدا قايتا پروگراممىلىنىپ تولۇق پوتىنسئالغا ئىگە تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىگە ئايلىنالايدىغانلىقى، شۇندقلا پىرىمات (مايمۇنسىمانلار) تىپىدىكى ھايۋانلار داۋالاش ئۈچۈن كلونلاشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ بىرىدۇ.

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ يۇقىرىدىكى ماقالىدە ھەل قىلغان مەسىلە ۋە ئەھمىيتى تۆۋەندىكىچە:
بولسا باشقا تۈردىكى نۇرغۇن سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار (مەسىلەن قوي، كالا، ئىت، چاشقان، ئات …قاتارلىقلار) نىڭ تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان تەن ھۆجەيرىسدىن يادرو كۆچۈرۈش (SCNT) دەپ ئاتىلىدىغان تېخنىكا ئارقىلىق يتىشتۈرۈلگەن ۋە شۇ ھۆجەيرىلەردىن پايدىلىنپ بۇ ھايۋانلار كلونلانغان. تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈشنى ئاددى بولسۇن ئۈچۈن قوينى مىسالغا ئىلىپ چۈشەندۈرسەك، بىر يىتىلگەن قوينىڭ بەدىنىدىن بىر ھۆجەيرىنى ئىلىپ (ئىسپىرما ۋە تۇخۇمدىن باشقا) بۇ ھۆجەيرىنىڭ يادروسىى ئايرىۋىلىنىدۇ. ئاندىن باشقا بىر قوينىڭ تۇخۇم ھۆجەيرىسىنى ئىلىپ، ئۇنىڭ يادروسى چىقىرىۋىتىلىدۇ. ئاخىرىدا تەن ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسى ھېلىقى يادروسىز تۇخۇم ھۆجەيرىسى ئىچىگە قويۇلىدۇ. بۇ جەرياندا تۇخۇم تەن ھۆجەيرىسى يادروسىنى قايتا پروگراممىلاپ بۇ بىرىكمە ھۆجەيرىنى پەقەت تۆرەلمىلەردە بولىدىغان تولۇق پوتىنسئالغا ئىگە (بەدەندىكى بارلىق ئوخشىمايدىغان تىپتىكى ھۆجەيرىلەرگە ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان) غول ھۆجەيرىگە ئايلاندۇرىدۇ (بۇنى ھۆجەيرىنىڭ كلونلىنىشى دەپمۇ ئاتايمىز) ۋە داۋاملىق يىتىلىپ خۇددى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمغا ئوخشاش بىر يىڭى تۆرەلمە ھاسىل قىلىدۇ. دىمەك بۇ ئۇسۇلدا بىر چىشى قوي بىلەن ئەركەك قوي بىرلەشمەي تۇرۇپ تۆرەلمە ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ھاسىل قىلىنغان تۆرەلمە يىتىلىپ بلاستۇلا باسقۇچىغا كەلگەندە (بىر نەچچە كۈن كىتىدۇ) ئاندىن شۇ تۆرەلمىدىن غول ھۆجەيرىلەر ئايرىپ ئىلىنىپ ساقلىنىۋىلىدۇ دە، غول ھۆجەيرە لىنىيىلىرى يىتىشتۈرۈلۈپ كىيىنكى تەتقىقاتلار ئۈچۈن ئشىلەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇسۇل بولمىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئەمەليەتتە بىر تۆرەلمىنى ئۆلتۈرۈپ غول ھۆجەيرىنى ئايرىۋىلىشقا توغرا كىلەتتى. تاكى يۇقىرىدىكى ماقالە ئېلان قىلىنغۇچە، ئالىملار پىرىماتلاردا بۇ تېخنىكىنى ئىشلەتكەندە پەقەت مۇۋاپىققىيەت قازىنالماي پىرىماتلارنى كلونلاشتا بىرەر بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان توساق بار دەپ قاراپ كەلگەن ھەم كىشىلەر غول ھۆجەيرىنى كلونلاشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىگە زور گۇمان بىلەن قاراشقا باشلىغان. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ دەل مۇشۇنداق دۇنيادا ھىچكىم ھەل قىلالمىغان تېخنىكا ۋە نەزەرىيە مەسلىسىنى يۇقىرىدىكى ماقالىدا ھەل قىلىغان، شۇڭا بۇ ماقالە دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. مايمۇنلار ئادەملەرگە ئېرسىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئەڭ ئوخشىشىدىغان ھايۋانلار بولۇپ، مايمۇندا سىنقا مۇۋاپىققىيەتلىك بولماي تۇرۇپ ئادەمدە مۇۋاپىققىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ ماقالىنىڭ نەتىجىسى كىشىلەرنىڭ ئىنسان غول ھۆجەيرىسىنىڭمۇ ھاسىل قىلىنىشىغا ۋە غول ھۆجەيرىنى كلونلاش تېخنىكىسىنىڭ كەلگۈسىدە ئىنسانلاردىكى داۋالىغىلى بولمايدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش مۇمكىنچىلىكىگە بولغان ئۈمىدىگە يەنە بىر قېتىم  زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى.

شۇنداق قىلىپ بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىكى ھاياجىنىم تۈگىمەستە 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپكە تۇنجى پارچە ئىلخەتنى يوللىدىم. خېتىمدە ئۆزەمنى بىر قۇر تونۇشتۇرغاندىن كىين، ئۇنىڭ «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىنى كۆرۈپ غايەت زور ئېلىھام ۋە مەدەتكە ئېرىشكەنلىكىمنى ھەم مۇمكىن بولسا ئامرىكىغا بىرىپ ئۇنىڭ قولىدا غول ھۆجەيرە تەتقىقاتى يۆنىلىشىدە تەربىيىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقمنى، نۆۋەتتە ئامرىكىدا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقمنى ئېيتتىم. كۈتە-كۈتە ئاخىرى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇنىڭدىن جاۋاپ خەت كەلدى. ئۇ خېتىدە ئۆزىنىڭ سەپەردە بولغاچقا سەل كېچىكىپ جاۋاپ قايتۇرۇپ قالغانلىقىدىن ئەپۇ سورىغاچ، مېنى قوللايدىغانلىقىنى ھەم مېنى تەربىيەلەشنى بەكمۇ خالايدىغانلىقىنى ئيېيتىپتۇ. ئۇ مېنىڭ ئېنگىلىزچەمنىڭ ناھايتى ياخشىلىقىنى ماختىغاچ، ئۆزىنىڭ شۇ كەمگىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ باقمىغانلىقى، لىكىن كىلەركى يىلىدىن باشلاپ ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ مولىكۇلا ۋە مىدىتسىنا گېنىتىكىسى فاكۇلتىتىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە مېنىڭ شۇ فاكۇلتىتقا ئىلتىماس قىلىشىم كىرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ. مەن دەل كىلەر يىلى ماگىستىرلىقنى تاماملايدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بۇ پىلانى خۇددى مەن ئۈچۈن بولغاندەك بىشىم كۆككە يەتتى! ئاجايىپ ئىلھاملىنىپ ئامرىكىدا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشتا كىتىدىغان ئېمتىھانلارغا بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچەپ تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم.

شۇ ئېلىھامنىڭ تۈرتكىسىدە ئىلتىماس ئىشلىرىمنىڭ مۇۋاپىققىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ئامرىكا ئاسپىرانىتلىق ئېمتىھانى (GRE) دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئېمتىھانغا پۇختا تەييارلىق قىلىش نىيىتىدە شىئەنگە بىر يىرىم ئايلىق سەپەر قىلدىم. بۇ ئېمتىھاننى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى شىئەندە تۈگىتىپ ئاندىن بىر شۇ يەردە مەزگىل تۇرۇپ قايتىمەن دەپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئويلىمىغان يەردىن 9-ئاينىڭ 6-كۈنى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن يەنە بىر پارچە خەت تاپشۇرىۋالدىم. ئۇ خېتىدە ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىغا بىرىپ لىكسىيە سۆزلەيدىغانلىقىنى ئىيتقان ئىدى. مەن بۇ خەتنى كۆرۈپ ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال بولماي تۇرالمىدىم ھەم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمەيمۇ قالارمەنمۇ دەپ ئويلاپ دەرھال بۇ ئېمتىھاننىڭ كومپيۇتىردا ئېلىنىدىغان يىزىقچىلىق قىسىمنى تۈگىتىپلا قاتتىق ھاياجاندا ئۈرۈمچىگە قاراپ يول ئالدىم.

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ 9-ئاينىڭ 10-كۈنى (چارشەنبە) شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى فىلولوگىيە ئېنىستىتۇتى بىناسىدا ھەر كەسىپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتتىن قەدەم تەشىرىپ قىلغان بىلىمخۇمار كىشىلىرىمىزگە بىر مەيدان ئىلمىي لىكسىيە سۆزلەپ ھەممىنى ھاياجانغا سالغان ئىكەن. بۇ لىكسىيە توغۇرلۇق شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس خەۋەر بەرگەن بولۇپ، تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:

http://www.akademiye.org/ug/?p=2816

2008-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى (دۈشەنبە) مەن ئۈچۈن ئەڭ ئۇنتۇلماس بىر كۈن بولدى. مەن ئالىم لىكسىيە سۆزلىگەندە شىئەندە ئېمتىھان بىرىۋاتقان بولغاچقا ئۈلگۈرۈپ كىلەلمەي ناھايتى ئەپسۇسلانغان ئىدىم. لىكىن شەنبە ئەتىگەندە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ماڭا تېلىغۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتىتىدىكى پرافىسورلار ۋە ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلارغا يەنە بىر مەيدان لىكسىيە سۆزلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ قويۇق قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار شىۋىسدە قىلغان ئۇيغۇرچە سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنمدا ھاياجاندىن نىمە دىيىشىمنىمۇ بىلەلمەي قالغانتىم. ئاھ….خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتتىم! شۇ كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋىرىستىتى گېن قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق تەجىرىبخانىسغا تەۋە بىر كىچكرەك يىغىن زالىدا ئالىم يەنە بىر قىتىم تەرجىمانسىز لىكسىيە سۆزلىدى. بۇ لىكسىيە ھاياتىمدا تاكى ھازىرغىچە مەندە ئەڭ زور قىزىقىش پەيدا قىلغان ۋە مېنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە رام قىلغان بىر ئىلمىي دوكلات بولدى. ئۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماقالىنىڭ نەتىجىسىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان ئىدى. لىكسىيەدىن كىيىن مەن ۋە باشقا ساۋاقداشلىرىم ئالىمدىن كاللىمىزدىكى نۇرغۇن سۇئاللارنى سوراپ بىر مۇنچە ياخشى مۇنازىرىلەردە بولدۇق. بۇ ھەقىقەتەنمۇ «ھاياتتا بىر كىلىدىغان» پۇرسەتلەردىن ئىدى. ئۇ كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسدىكى دوستۇم ئابدۇۋەلى، ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇۋاتقان دوستلۇرۇمدىن نىزامىدىن، ئەكرەمجان…قاتارلىقلارنىڭ يىتەكلىشى بىلەن ئالىمىمىزغا تون كىيگۈزدۇق (بۇ يازمىنىڭ ئۈستىدىكى بىرىنجى رەسىمگە قاراڭ).  تۆۋەندىكىسى شۇ كۈنىدىكى لىكسىيەدىن بىر قىسىم سۈرەتلەر:

<ignore_js_op>10948_1266019284404_5670004_n.jpg

<ignore_js_op>10948_1265906841593_5008237_n.jpg

<ignore_js_op>10948_1265906681589_5473658_n.jpg

ھاياتىمغا زور تەسىرلەرنى ئىلىپ كەلگەن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن بىرىنچى قېتىملىق ئۇچىرىشىش مانا مۇشۇنداق ھاياجانلىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئىدى.

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم (2) – پورتلانددا ئىككىنچى رەت كۆرۈشكىچە

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ شىنجاڭدىكى مەزگىلىدە ئۇنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەن ئاساسلىق پروفىسورلاردىن شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىدىكى دوكتۇر مىجىت غوپۇر ۋە دوكتۇر ھېمىت راخمان مۇئەللىملەرنىڭ ھەمراھلىقىدا قەشقەر ۋە تۇرپاندا 4 كۈنلۈك ساياھەتتە بولدى. 9-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ قايتىپ كىلىپ ئەتىسىلا ئۇ بىئولوگىيە فاكۇلتىتى ئوقۇغۇچىلىرىغا لىكسىيە سۆزلىدى، پەقەت شۇ پۇرسەتتە ئۇنىڭ لىكسىيەسىنى ئاڭلاشقا ۋە ئۇنىڭ بىلەن قىسقا پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم. كۆڭلۈمدىكى نۇرغۇن سۇئاللىرىم، ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسى ۋە تەتقىقاتتا ئىلگىرىلەش يوللىرىغا بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم ھىچبىر جاۋاپسىز قالدى. ئەپسۇس، ئۇنىڭ ۋاقتى قىس بولغانلىقتىن بىزلەر بىلەن بىرەر سائەت ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىش ۋە ھەمسۆھبەت بولۇش پۇرسىتى بولماي قويدى. شۇنداقتىمۇ شۇ قىسقىغىنە ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۇنىڭدىن سورىغان سۇئاللىرىم ۋە ئۇستازلىرىمنىڭ ئۇنىڭغا مەن توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرگەنلىرى قوشۇلۇپ ھەر ھالدا ئۇنىڭدا ياخشى تەسىر قالدۇرغان ئىدىم. ئۇ كەتكەندىن كىيىن ئۇ ئېلان قىلغان نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىلخەت ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇردۇم، نۆۋىتى كەلگەندە ئۇ مەن چۈشەنمىگەن نۇقتىلارنى تېلىفوندا چۈشەندۈرۈپ قوياتتى. شۇ يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ئامرىكىدا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش ماتىرىياللىرىنى تەقلەپ ئەۋەتىشكە تەييار بولدۇم. مەن شۇ باھانىدە ئالىمغا بىر خەت يېزىپ ئۇنىڭدىن مەن ئۈچۈن ئامرىكا مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىشتا كىرەك بولىدىغان بىر پارچە تونۇشتۇرۇش خېتى يىزىپ بىرەلەيدىغان-بىرەلمەيدىغانلىقىنى ئىككىلىنىش ئىلكىدە سورىدىم. ئۇ 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى جاۋاپ قايتۇرۇپ، مەن ئۈچۈن تونۇشتۇرۇش خېتى يىزىپ بىرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغانلىقى ۋە ئۆز تەرجىمھالىمنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بىرىشىمنى سوراپ جاۋاپ قايتۇردى. بۇ ماڭا يەنىمۇ زور ئىلھام ۋە ئىشەنچ ئىلىپ كەلدى. 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇ تونۇشتۇرۇش خېتىنى مەن ئىلتىماس قىلغان 4 مەكتەپكە ئەۋەتىپ بولغانلىقىنى، مېنىڭمۇ كۆرۈپ بىقىشىم ئۈچۈن بىر نۇسخىسىنى ماڭا ئەۋەتكەنلىنى يازغان ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالدىم. بۇ خەتنى كۆرگىنىمدە خۇشاللىقىم ۋە تەسىرلەنگىنىمدىن ئۆزەمنى قويىدىغان يەر تاپالمايلا قالدىم…مەن ئەزەلدىن ناھايتى مۇنەۋۋەر بىر ئوقۇغۇچى بولساممۇ بىرەر پرافىسورنىڭ ماڭا مۇنچىلىك ياخشى باھالارنى بىرىشى ئۆمرۈمدە تېخى تۇنجى قېتىم ئىدى. ئادەتتە، جۇڭگودىكى پرافىسورلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بىرەر پارچە تونۇشتۇرۇش خېتى يىزپ بىرىشنى سورىسىڭىز ئادەتتە ناھايتى ئوخشاش بىر قېلىپتا بىر خەتنى يىزىپ ئەۋەتىدۇ. ئەمەلىيەتتە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ مەن ئۇنىڭغا خەت يازغانلىقىمدىن ئۇنى ئاۋارە قىلىپ ۋاقتىنى ئىلىپ قويدۇم دەپ خىجىل بولاتتىم. ئۇنىڭ ھەر كۈنى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن كەلگەن خەتلەرگىمۇ ئەسىتائىدىللىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئۇنىڭ ماڭا ئۇزۇن بىر تونۇشتۇرۇش خېتىنى شۇنچە ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يىزىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. چەتئەلدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن يىزىلغان تونۇشتۇرۇش خېتىنىڭ ئەسلى مۇشۇنداق يىزىلىشى كىرەكلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ خەتنى تۆۋەنگە چاپلاپ قوياي، بەلكىم چەتئەلدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىۋاتقانلارغا پايدىسى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس (ئەگەر زۆرۈرىيتى بولسا كىينچە تەرجىمە قىلىپ قويۇشۇممۇ مۇمكىن):

<ignore_js_op> Recommendation Letter.pdf (201.69 KB, چۈشۈرۈش سانى: 3)

ئۇ خەتتە ئېنىق قىلىپ مىنى تەجىرىبىخانىسغا قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.  ئەگەر مەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بولمىغان بولسام، بۇ تەلەي ماڭا ھەرگىز نېسىپ بولمايتتى. ئالىم بىلەن بىرەر قېتىم ئۇيغۇرلار توغۇرلۇق سۆزلىشىپ باقمىساممۇ، ئۇنىڭ ماڭا ۋە مەن تونۇيدىغان باشقا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قىلىۋاتقان ياردەملىرىدىن ۋە بىرىۋاتقان ئىلھاملىرىدىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرنى سۆيىدىغان بىر يۈرىكىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايتتىم.

گەرچە مەن ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىدا ئۆگەنگەن دەرىسلىرىم دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئىشلەۋاتقان ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى(Oregon Health & Science University, OHSU) مىدىتسىنا ئېنىستىتۇتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا چوقۇم ئوقۇغان بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان دەرىسلەرگە ماس كەلمىگەنلىكى تۈپەيلى ئۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرەلمىگەن بولساممۇ  (OHSU نىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى كەم قالغان ئۈچ دەرىسنى ئوقۇپ ئاندىن كىلەر يىلى قايتا ئىلتىماس قىلىشىمنى ئىيتتى، لىكىن ئۇ دەرىسلەرنىڭ ھىچقايسىسى شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىدا ئۆتۈلمەيدۇ)، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ مېنىڭ ئامرىكا مەكتەپلىرىنى ئىلتىماس قىلىشىمغا قىلغان ياردەملىرى مىنى ھەر ۋاقىت خۇشال قىلىدۇ. 2009-يىلى 3-ئايدا OHSU دىن قوبۇل قىلىنمىغانلىقىم توغرىسىدىكى ئىلخەتنى تاپشۇرۋالغىنمىدا بەكمۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم. لىكىن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ماڭا يەنىمۇ زور ئىلھاملارنى بىرىپ بەلكىم ئامرىكىغا كەلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ مەكتىپىگە ئالمىشىپ بىرىشىمنىڭ ئىمكانىيتىمۇ بارلىقى ياكى بولمىسا كىيىنچە پوستدوكتۇرلۇققا بارساممۇ بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئىشەنچىمنى ئۇرغۇتتى. دىگەندەك بىر ئايدىن كىيىن ئامرىكىدىكى باشقا بىر ئۇنىۋىرستىت تەرىپىدىن مەكتەپنىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغانلىقىم توغرىسىدىكى چاقرىقنى تاپشۇرۋالدىم. بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپمۇ ناھايتى خۇشال بولدى ۋە ئامرىكىغا كەلگىنىمدە ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بىرىشقا تەكلىپ قىلدى.

ئامرىكىغا كىلىپ ئوقۇشۇم رەسمىي باشلانماستىلا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنى يەنە ئاۋارە قىلىشقا باشلىدىم. مەكتەپكە كەلگەن بىرىنچى يىلىدا پروفىسور تاللاش باسقۇچى بولغاچقا، ئوخشىمىغان تۆت پرافىسورنى تاللاپ تەجىرىبىخانىسىدا ئىشلەپ كۆرگەندىن كىين يىلنىڭ ئاخىرىدا ئەگەر شۇ پرافىسورلارنىڭ ئىچىدىن ھىچبولمىغاندا بىرىنى قايىل قىلغۇدەك ياخشى نەتىجە چىقىرالىساق ئاندىن مەكتەپتە داۋاملىق قالىدىغانلىقىمىز ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭدىن قايسى تەجىرىبخانىلاردا تۇرسام ئۆزەم قىزىقىدىغان يىتىلىش بىئولوگىيسىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئەڭ ياخشى ئىگەللىيەلەيدىغانلىقىمنى سوراپ 60 دىن ئارتۇق پرافىسورنىڭ تەتقىقاتلىرى تونۇشتۇرۇلغان تور بەتنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەردىم. شۇلار ئىچىدىن ئۇ ماڭا 3 پرافىسورنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇنىڭ توغرا تەۋسىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە شۇ پرافىسورلارىنىڭ بىرى مېنىڭ ئاخرىدىكى ماڭا ئۆزىنىڭ ئاجايىپ مول بىلىملىرىنى ئۆگەتكەن سۆيۈملۈك يىتەكچى ئۇستازىم بولۇپ قالدى.  2009-يىلى 8-ئايدا ئامرىكىدىكى ئوقۇشۇم باشلانغاندىن تارتىپ بەكلا ئالدىراش بوپكەتتىم ھەم ئۆزەمنى بۇرۇن ناھايتى تىرىشچان ئوقۇغۇچى دەپ ئويلىغان بولساممۇ تىرىشىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بۇ يەرگە كىلىپ ئاندىن ھېس قىلىشقا باشلىدىم. بىرىنچى يىلىدا «تەجىرىبىخانا نۆۋەتلىشىشى» (Lab rotation) دەپ ئاتىلىدىغان ئۆزىمىز قىزىقىدىغان ھەر بىر پرافىسورنىڭ تەجىرىبىخانىىسدا 2 ئايدىن تۇرۇپ (4 قېتىم ئالمىشىمىز) كىچىك بىر تەتقىقات ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ئاخىرىدا دوكلات بىرىشىمىز تەلەپ قىلىنغاچقا دەرس يوق بارلىق ۋاقىتلاردا ۋە كەچلىرى تەجىرىبخانىدا ئىشلەيتتىم. پەقەت كېچىلىرى ۋە شەنبە-يەكشەنبىلەردىلا ئېمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىش، تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ۋاقىت چىقاتتى. ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر دىگۈدەك ئېلىنىدىغان چارەكلىك ئېمتىھانلار ۋە دەرىسلەردە توختىماي سۆزلىشىمىزگە توغرا كىلىدىغان دوكلاتلارغا تەييارلىق قىلىپ بولالماي نۇرغۇن ۋاقىتلاردا شەنبە-يەكشەنبىدە جىق ئېىتىپ توڭلاتقۇغا سىلىۋالغان پولۇ ۋە دوخۇپكىدا پىشۇرغان نانلار بىلەن ھەپتە ئاخرىغا ئاران ئۇلىشاتتىم. بەزىدە شۇ يىلى ئوقۇشقا بىللە كەلگەن دوستلىرىمىز بىلەن بىز ئويلىغان ئامرىكا مائارىپى بىلەن بىز كۆرگەن ئامرىكا مائارىپىنىڭ ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا قىزغىن سۆزلىشىپ كىتەتتۇق ھەم 3-4 سائەت ئۇخلاشقا ۋاقىت چىققان كۈنلىرىمىزنى ئاجايىپ بىر تىپىلغۇسىز ئىش يۈز بەرگەندەك ماختىنىپ سۆزلىشەتتۇق. مەيلى ئامرىكىنىڭ قەيىرىدە، تەبىئي پەننىڭ قايسى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان دوستلۇرۇم بولسۇن ھەممىمىزنىڭ ھېكايسىى ئانچە كۆپ پەرقلىق ئەمەس ئىدى. بۇرۇندىن كەسپىي دەرسلەردە 85، 90 لەردىن چۈشمەي ئوقۇپ كۆنگەن مەن ئۈچۈن بۇ يەردىكى ئېمتىھانلاردا B, C دىگەندەك نومۇرلارنى ئىلىش ھەقىقەتەن ئېغىر كىلەتتى. پروفىسورلارنىڭ تەلىپىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە ئېمىتىھان سۇئاللىرىنىڭ تەسلىكى ۋە ئىنچىكىلىكىدىن، ۋە قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ شۇنچىۋالا تەس سۇئاللارنى ئويلاپ تاپالايدىغانلىقىدىن ئەقلىم ھەيران بولاتتى. دەسلەپكى ئىككى ئايدا بىرەر قېتىم A ئىلىش ئۈچۈن شۇنچە كۈچىگەن بولساممۇ ئۇنداق تەلەي ئەسلى نېسىپ بولماي، ئۆزەمنى دۆت ھېس قىلىشقا باشلىدىم…قانداقلا بولمىسۇن تۇنجى مەۋسۇمنى ئوتتۇرىچە B بىلەن تاماملىۋالغانلىقمدىن ئاجايىپ خوش ئىدىم. ئاران 15 كۈنلۈك قىشلىق تەتىلدە ئۆيدىن چىقماي ئۇيقۇمنى ئۇخلاپ، چارچاپ كەتكەن نېرۋىلىرىمنى ئازراق بولسىمۇ ئارام ئالدۇراي دەپ ئويلىسام، بىر پرافىسور مەندىن تەجىرىبخانىدا ياردەملىشىشنى خالامسەن دەپ سوراپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن تەتىلمۇ تەجىرىبىخانىدا ئىشلەپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ پرافىسورنىڭ تەتقىقاتىغا راستىنلا قىزىقىپ قالغان ئىدىم. دىگەندەك ئاخىردا «جاپانىڭ تىگى ئالتۇن» دىگەندەك ناھايتى ياخشى نەتىجىلەرنى چىقارغاچقا سۆزلىگەن دوكلاتىم ۋە سۇئاللارغا بەرگەن جاۋابىم فاكۇلتىتىمىزدىكى پرافىسورلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى (بۇ ئاسان قولغا كەلمەيتتى…). شۇ مەزگىلدە ئامرىكا ۋاشىنگىتون شىتاتىدا ئوقۇۋاتقان دوستۇم تۇرسۇنجان ئابلىكىم (تور نامى جېك)   ۋە كالىفورنىيە شىتاتىدىكى قۇربانجان روزى ئاكىمىز 2007-يىلى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنى زىيارەت قىلغان فىلىمنى Youtube تورىدا كۆرۈپ ئالىم توغۇرلۇق تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. بۇ ئىككەيلەننىڭ ئالىمنى تونۇشتۇرۇش يولىدا قىلغان ئەمگىكى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن. بۇ زىيارەت فىلىمىنىڭ يوۋكۇ تورىدىكى ئۇلىنىشىنى كۆرۈپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن:

http://www.soku.com/search_video/q_mitalipov

2009- يىلى كۈزدە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ «پىرىمات ئەۋلادى ۋە تۆرەلمە غول غوجەيرىسىدە خوندىرىئوسوملۇق گېنلارنى ئالماشتۇرۇش» نامىدىكى يەنە بىر يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات نەتىجىسى «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسىمۇ مېنى ئوخشاشلا ئاجايىپ قىزىقتۇردى ۋە زور ھاياجانغا سالدى. شۇنداق بولغاچقا 2010-يىلى ئۈچىنچى ئايدا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنڭ بۇ ماقالىسىنى بىر قېتىملىق «ئىلمىي ژورنال كۇلۇبى» دەرىسىدە ساۋاقداشلىرىمغا چۈشەندۈرۈپ شۇ ماقالە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئىلىپ باردۇق. شۇ ئارىدا ئالىمدىن سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىم بارلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا خەت يازدىم. ئۇ ئىككى كۈندىن كىيىن چۈشتە تېلىفۇن قىلىشىمنى ۋە ئۆزىنىڭ سۇئاللىرىمغا جاۋاب بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلەن بۇ ماقالە توغرىسىدا توپتوغرا بىر سائەت مۇنازىرە قىلىشتۇق، ئۇ ۋاقىت مەن ئۈچۈن خۇددى 15 مىنۇتتەكلا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. تەييارلىقىم پۇختا بولغاچقا بۇ دوكلاتىم بەكلا ئوڭۇشلۇق بولدى. بۇ ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pmc/ … df/nihms-137913.pdf

<ignore_js_op> nature08368 – 2009.pdf (584.86 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

پىرىمات ئەۋلادى ۋە تۆرەلمە غول غوجەيرىسىدە خوندىرىئوسوملۇق گېنلارنى ئالماشتۇرۇش

<ignore_js_op>nature08368-f1.2.jpg

<ignore_js_op>nature08368-f2.2.jpg

قىسقىچە مەزمۇنى: 

داۋامى بار……

ئەسكەرتىش: بۇ يازما تېخى داۋاملىشىدۇ ۋە پەقەت قۇتادغۇ بىلىگ تورىدا ئېلان قىلىندى. بۇ يازما پۈتۈپ بۇ ئەسكەرتىش ئۆچۈرۈلمىگىچە ھىچكمنىڭ بۇ يازمىنى باشقا ھەر قانداق مۇنبەرگە يۆتكىمەسلىكىنى سورايمەن.

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم
http://www.qutad.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=5159&fromuid=5341

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1172

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش