ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 5-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى كۈن تەرتىپى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 5-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى كۈن تەرتىپى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

5UUAS_PAALIYET_KUNTERTIPI_UYGURCA_BET_1

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار ۋە قەدىرلىك قېرىنداشلار،
ئۇقتۇرۇشىمىزدا ئېيتىلغاندەك، 2013 – يىلى 10 – ئاينىڭ 5-6- كۈنلىرى (شەنبە، يەكشەنبە ) ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 5-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېچىلدى. بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر، داڭلىق بىئولوگىيە ئالىمى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ، دورىگەرلىك ئىلمى ئالىمى دوكتور رىشات ئابباسلاردىن باشقا يەنە ئامېرىكا، ياپونىيە، ياۋروپا، تۈركىيىدىن بولۇپ، ئىلىم-پەن ساھەسىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن 22 نەپەر پەخىرلىك دوكتور-مۇتەخەسسىسلىرىمىز ئىنتايىن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ يىغىنىمىزغا قاتنىشىپ، ئالەم تەتقىقاتى، تىبابەت، فىزىكا، بىلگىسايار ۋە ئۇيغۇر تىلى ( كومپىيوتېر ) ساھەلىرىدە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئەھمىيەتلىك لېكسىيە بەردى.  بۇ يىغىنغا يەنە، تۈركىيە بىلىم جەمئىيىتى باش مۇتەخەسسىسى فاتىھ م شاھىن ئەپەندىمۇ ”چەتئەللىك تەتقىقاتچى، ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭ دۆلەتلىك تەتقىقات مۇكاپات ياردەملىرى ئېلىش ئىمكانلىرى“ ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، يىغىن ئەھلىنى ئىنتايىن پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى.

پائالىيىتىمىزنىڭ تەپسىلى خەۋىرى يېزىلىپ ئېلان قىلىنغىچىلىك تەپسىلاتىغا قىزىققان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 5-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى كۈن تەرتىپىى ئارقىلىق قىسقىچە بولسىمۇ پىروگرام مەزمۇنىدىن خەبەردار بولۇشىڭلارنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز.

4-كۈنىدىكى چاناققەلئە ساياھىتىنىڭ ئورنىغا ئىستانبۇلدا دولما باغچە سارىيى ۋە مىنىياتۈرك ساياھىتى ئېلىپ بېرىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 5-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى كۈن تەرتىپىنى تۈۋەندىكى رەسىملەردىن كۆرۈۋېلىڭ:5UUAS_PAALIYET_KUNTERTIPI_UYGURCA_BET_25UUAS_PAALIYET_KUNTERTIPI_UYGURCA_BET_35UUAS_PAALIYET_KUNTERTIPI_UYGURCA_BET_45UUAS_PAALIYET_KUNTERTIPI_UYGURCA_BET_55UUAS_PAALIYET_KUNTERTIPI_UYGURCA_BET_65UUAS_PAALIYET_KUNTERTIPI_UYGURCA_BET_7

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1108

ئىنكاسلار (2)

  • ئۆمەرجان

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مېھنەتكەش قېرىنداشلىرىم،ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرگەي!
    گەپكە كەلسەك مۇشۇ قېتىملىق يىغىندا شۆزلەنگەن ماقالىلەرنى تورغا چىقىرىپ قويادىغان پىلانىڭلار بارمىدۇ؟بۇنداق بولغاندا قىزىقىدىغانلار ئۆزى قىزىقىدىغان ساھىدىكى ماقالىلارنى چۈشۈرۈپ كۆرۆش،تېخىمۇياخشى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولاتتىكەن.

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئۆمەرجان ئەپەندىم، بىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن رەخمەت!
      يىغىندىكى ھەر بىر تېمىنىڭ فىلىمى رەتلىنىۋاتىدۇ. پات يېقىندا سىزلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكىسى.
      ماقالىلارنى تورغا چىقىرىش پىلانىمىز بار. ئۇمۇ رەتلىنىپ يوللىنىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش