ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 26 - ئاۋغۇست فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ھەققىدە خۇلاسە دوكىلاتى قىلىندى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » غەرىپلىكلەر راستىنلا مۇسۇلمانلارنى ياقتۇرمامدۇ؟—ئەنگلىيىدە ئۇقۇش جەريانىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىمنىڭ بىر قىسمى(1)

غەرىپلىكلەر راستىنلا مۇسۇلمانلارنى ياقتۇرمامدۇ؟—ئەنگلىيىدە ئۇقۇش جەريانىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىمنىڭ بىر قىسمى(1)

204[1]

ئايشەمگۈل نۇرئەمەت

 

      مەن ھەممە پىروفىسسورلىرىمدىنمۇ  ئەڭ ھۆرمەتلىك سانايدىغان مېھنەتكەش دادامنىڭ بىر دوستىغا ” ئەگەر بالىلىرىم ياخشى ئوقۇيالىسا، بىر چاپاننى 10 يىل كىيسەممۇ مەن ئۇلارنى مۇرادىغا يەتكۈچە ئوقۇتۇشقا رازى“ دېگىنى ئېسىمدە.
     مەيلى مەن نەگە باراي، نېمە ئىش قىلاي، مېھرىبان ئاتا-ئانام ماڭا جانابى ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەڭ قىممەتلىك بايلىقلىرىم ھەم بىردىن بىر مەدەتكارىم بولۇپ كەلدى. چىداملىق ئاتا-ئانامنىڭ مۇشۇنداق پىداكارانە قوللىشى ۋە ئۆزۈمنىڭ توختىماي تىرىشچانلىقى بىلەن ئاخىرى ئۇلارنىڭ ۋە ئۆزۈمنىڭ ئارزۇلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، دۇنيا بويىچە مائارىپى ئەڭ ئىلغار ئەللەردىن بىرى بولغان ئەنگلىيەگە دوكتورلۇق ئوقۇشقا كېلەلىدىم. بۇ جەرياندا مەيلى بۇ يەردىكى مەن ئوقۇشقا كىرگەن ئالىي مەكتەپنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى بولسۇن ياكى ئوخشىمىغان فاكۇلتېتلار ئارا ھەمكارلىقلار، بىز ئۆگەنگۈچىلەرگە يارىتىپ بېرىلگەن قۇلاي ۋە ئۈنۈملۈك شارائىتلار بولسۇن، ئوقۇ ۋە ئوقۇتۇش جەھەتتىكى مېتودلىرى بولسۇن… ۋە ياكى بىز ياشايدىغان بۇ شەھەرنىڭ ھەر تۇردىكى جەمئىيەت مۇلازىمەتلىرى بولسۇن، بۇ خىزمەتلەرنى ئاقتۇرغان ئادەملەرنىڭ ئاددىي-ساددا ئادىمىيلىك ساپا ھەم ئۆز ۋە ئۆزگىنى ھۆرمەت قىلىشتەك ئېسىل ئادەتلىرى ماڭا بۇ ئەلنىڭ نېمىشقا تەرەققىي تاپقان دۆلەت دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن ھېس قىلدۇرغان ئىدى…
      شۇنى ئالدىدىن ئوقۇرمەنلەرگە بىلدۈرىمەنكى بۇ يازمام ئارقىلىق مېنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئوقۇشۇم داۋامىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تولۇق يېزىپ چىقىشىم ھازىرچە مۇمكىن بولمايدۇ. شۇ سەۋەبلىك مەن تۆۋەندە ئاددىي بولسىمۇ ئۆزۈمگە كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدا تەسىر قىلغان، ھەم بىزنىڭ ياشاپ كۆنگەن جەمئىيىتىمىزگە ئاز-تولا مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىغان بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سېلىشتۇرما بايانلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ تۇنجى قېتىم قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
      ھېلىمۇ ئېسىمدە، ۋەتەندىن ئايرىلىشقا ئاز قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مېنىڭ ئۇقۇشقا مېڭىشىمدىن خەۋەر تاپقان خېلىلا ئوقۇمۇشلۇق بىر زىيالىي ئاكا ماڭا ”ئەنگلىيەگە بېرىشنى ئويلاپ قاپسىز، دىققەت قىلىڭ، ئۇلار مۇسۇلمانلارغا بەك ئۆچ دەپ ئاڭلىدىم“ دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. مەن ئۇ چاغلاردا بۇ ئاكىمىز تىلغا ئالغان تەرەپلەردىن پەقەتلا خەۋەرسىز ئىدىم،  ھەم نۇرغۇن مەسىلىلەرگە كۆپ يىللىق تەبىئىي پەن ئۇقۇش ۋە نەچچە يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتىمدە كۆزۈم كۆرگەن پاكىتلارغا ئاۋۋال ئىشىنىدىغان تەپەككۇرغا كۆنگەن ئادىتىم بويىچە،  ” قېنى شۇنداق ئىشلارنى كۆرگەندە ئاندىن بىر نېمە دەيچۇ…“ دەپلا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىگەن ئىدىم.  مېنى ئۆز ۋاقتىدا ئەڭ قىزىقتۇرغىنى ئەنگلىيەنىڭ پەن-مائارىپ جەھەتتىكى دۇنياغا غوجىدارلىق ئورنى، ھەم بۇلارنىڭ نەچچە يۈز يىللىق كۈچلۈك سانائەت دۆلىتى بولغانلىقى بۇ دۆلەتنى تاللىشىمغا ئەڭ چوڭ تۈرتكە بولغان ئىدى. مەن كېلىپ كۆرگەن نۇرغۇن ئىشلىرىم يۇقىرىقىغا ئوخشاش كوچا پاراڭلارنىڭ بۇ ئەللەرنىڭ ئەمەلىي رېئاللىقىغا ئانچە ماس كەلمىگەن ياكى تولىمۇ بىر تەرەپلىمە قاراشلار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇنى تۆۋەندىكى كەچۈرمىشلىرىم ئارقىلىق سۆزلەپ بېرەي:

 

ياۋروپالىق دوستلار ياردىمىدە تېپىلغان ”ھالال“ ئورۇنلار
      مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئوقۇشقا كىرىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، ماڭا مەسئۇل بولىدىغان يېتەكچى ئوقۇتقۇچىم پروفېسسور Gill Stephens غا تونۇشتۇرۇلدۇم. بۇ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىم مېنى بىر دوكتور ئاشتى قىزغا تونۇشتۇردى. ئۇ قىزنىڭ ئىسمى Ingrida  بولۇپ مېنىڭ ئوقۇش ۋە تەتقىقاتىمدىكى كونكرېتنى ئىشلارغا ياردەمچى بولدى. چۈنكى مەن دوكتورلۇق ئوقۇشقا يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچى بولغاچقا، بۇ يەردە سىزدىن بىلىمى يۇقىرى ھەم سىز قىلىدىغان ئىشلاردا بىر نەچچە يىللىق ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسى بارلار ئادەتتە سىزگە ھەر كۈنلۈك خىزمەتتە يېتەكچى ياردەمچى بولىدىكەن. بۇنداق بولغاندا سىز ئالدىراش پروفىسسورىڭىز بىلەن ۋاقتىدا ئۇچۇرۇشۇپ، بىلىپ-بىلمىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە دەل ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرالماسلىقتەك قىيىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يېنىڭىزدىكى يېتەكچىدىن ئەمىلى ياردەمگە ئېرىشەلەيدىكەنسىز. بۇ تەرىپىدىن قەۋەتلا خوش بولغان ئىدىم.
      ئەمدى مەن بۇ ياش دوكتور ئاشتى قىز Ingrida توغرىلىق ئازراق ئۇچۇر بېرىپ ئۆتەي: ئۇ شىمالى ياۋروپاغا جايلاشقان Lithuania (بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئەڭ دەسلەپتە مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن، ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت) دېگەن كىچىك بىر دۆلەتتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ مەن بىلەن تونۇشقاندىن كىيىن مىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىمنى سورىدى. بۇ يەردىكىلەر ئادەتتە ئۆزىنى دۇنيا خەرىتىسىگە قاراپ دۆلىتىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن تونۇشتۇرۇشقا كۆنگەن ئىكەن. شۇڭا ئۇ قىز ماڭا ئوز دۆلىتىنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ قىسقىچە تارىخىنى دەپ بەردى. ئۇلارنىڭ نوپۇسى 3 مىليون ئەتراپىدىلا ئىكەن. ئاندىن مەندىن سېنىڭ تەلەپپۇزۇڭ ھەرگىز مەن بۇرۇن ئۇچراتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشىمايدىكەن، ئۆزۈڭ توغرىلىق ئېنىقراق دەپ بەرگىنە دېدى (بۇ نۇقتىغا تۇنجى كۆرۈشكەندە يېتەكچى مۇئەللىممۇ قىزىقىپ قالغان ئىدى). مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكىمنى، ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىدە، جۇڭگونىڭ غەربى-شىمالىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىلىدىغان بىر رايوندا ياشايدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەت بولۇپ جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ سانلىق مىللەت بولغان خەن مىللىتىدىن (خەنزۇلار) پەرقلىق تىل-يېزىق، ئۆرپ-ئادىتىمىزنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ بەردىم. ئۇ قىز مەندىن” سىلەر ئاز سانلىق دەيسەن، نوپۇسۇڭلار قانچىلىك؟ “ دەپ سورىغىنىدا مەن” ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 18 مىليوندىن ئاشىدۇ… “  دېسەم ئۇ شۇنداق ھەيران بولغان ئىدى. دېمىسىمۇ ئۇلاردەك بىر پۈتۈن دۆلەت نوپۇسىدىن 6 ھەسسە كۆپ ساندە بۇ!
       شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ قىزىقارلىق تونۇشۇشىمىز ۋە كەسپى ھەمكارلىقىمىز باشلىنىپ كەتتى. ئۇ قىزنىڭ ئەستايىدىل يېتەكلىشى بىلەن تەجرىبىخانىدا تۇنجى كۆرگەندە ئاجايىپ مۇرەككەپ تۇيۇلغان ئەسۋابلار، ۋە ئۇلارنى خاتا ئىشلىتىپ قالسام بۇزۇپ قويارمەنمىكىن دېگەن ئەنسىرەشلەر بارا-بارا مېنىڭدىن يىراقتا قىلىۋاتاتتى… چۈنكى بۇ يەردە سىزگە ئەڭ ئاددىي ئۈسكۈنىدىن تارتىپ، مۇرەككەپ ھەم تولىمۇ قىممەت ئۈسكۈنىلەرگىچە ئىنچىكىلىك بىلەن تولۇق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قويۇشنى خالايدىغان يېتەكچىلەر تەييار ئىدى. ئۇلار شۇنچىلىك سەمىمىي بولۇپ، سىزگە بىلمىگەن بولسا ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ يۈزى چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماي، سىزنى شۇ ئىشنى ياخشى بىلىدىغان بىرسىگە تونۇشتۇرۇپ قويىدىكەن. بۇ كىچىك مۇئەللىمە ماڭا 3 ئايلا يېتەكچى ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كېيىن باشقا بىر دۆلەتتىن ئىش تېپىپ مېنى تاشلاپ كەتتى.
       Ingrida مەن يېڭى كەلگەن مەزگىللىرىمدىكى مېنىڭ تەتقىقاتتىكى ئەڭ كۆيۈمچان، ھەم تەلەپچان يېتەكچىلا بولۇپ قالماي ئۆزىنىڭ قىزغىن، ئوچۇق چىراي، چىقىشقاق مىجەزى بىلەن قىسقا مۇددەت ئىچىدىلا بىر يېقىن دوستۇمغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇ ھەتتا مېنى يېڭى كەلدى، قورۇنۇپ قالمىسۇن دەپ قەھۋە ئىچىشكە چىققاندا ياكى چۈشلۈك تاماق يېگىلى ماڭغانلاردا ئېرىنمەي ساقلايتتى. مەكتەپتىن سىرتقى پائالىيەتلەر بولسا دائىم تەكلىپ قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. ئۇنىڭ ياردىمىدە ئۆزۈم تۇرغان تەجرىبىخانىدىكى ۋە يىراق-يېقىندىكى بىر فاكۇلتېتتا ئوقۇيدىغان ئاسپىرانتلار ۋە ئىشلەۋاتقان دوكتور ئاشتى بالىلار بىلەن خىلى تىزلا تونۇشۇپ كەتتىم. Ingrida كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن تونۇشقان بەزى تونۇشلىرىم مىنىڭ كەسىپ ۋە ئادەتتىكى تۇرمۇشۇمدا ياخشى كەسىپداش، پىكىرداش ۋە مەسلىھەتداشلىرىم بولۇپ قالدى.
      ھېلىمۇ ئېسىمدە، ھېلىقى Ingrida مەن كەلگەن تۇنجى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە سىرتتا بىللە تاماق يېيىشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. بىز شۇ چاغدا تاماققا تەجرىبىخانىدا بىر مەزگىل بىللە تەجرىبە قىلغان ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيەدىن كەلگەن بالىلار بىلەن بىللە بارغان ئىدۇق. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ”ھالال“ تائام دېگەن ئۇقۇمنى ياخشى بىلىدىكەن. مېنىڭ ۋەتەندە خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم ياكى خىزمەتداشلىرىمغا ئەزۋەيلەپ چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرغىنىمدەك چۈشەنچە بېرىشىمنىڭ ھېچ بىر ھاجىتى يوقكەن.
       بۇ يەردە شۇنى قىستۇرما قىلىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم: بۇ ياۋروپالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوخشىمىغان دۆلەتتىن بولغىنى بىلەن دائىم ئارىلىشىپ قوشنىلار ئارا قويۇق باردى كەلدى قىلىپ تۇرغاچقىمۇ، خىزمەت ۋاقتىدا ئەستايىدىل باش چۆكۈرۈپ ئىشلىسە، ئىشتىن سىرتقى چاغلاردا دۇنيادا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا شۇنچىلىك ئەركىن-ئازادە ھەم قىزغىن سۆزلىشەلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى مەندەك دۇنيانىڭ يىراق بۇلۇڭىدىن كەلگەن بىر ئوقۇغۇچىغا تولىمۇ قىزىق ھەم مول مەزمۇنلۇق تۇيۇلۇپ، مېنى بۇلار ئەجەب جىق ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار ئىكەنغۇ دېگەن قاراشقا كەلتۈرگەن ئىدى. بىز مىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىم ئۈچۈن ھالال ئاشخانا تېپىشىمىز كېرەك ئىدى. ئۇلار مېنى ئۆزى بىلىدىغان، مەكتەپكە ئانچە يىراق بولمىغان يەردىكى بىر ھىندىستانلىقنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىسىغا باشلاپ باردى. خۇداغا شۈكرى دېگەنتىم ئىچىمدە، چۈنكى ئىچكىرىدە ئوقۇغاندا نەچچە سائەت قاتناپ مۇسۇلمانچە ئاشخانىنى ئاران تاپاتتۇق ئەمەسمۇ. ھەتتا بىر قېتىمقى دۆلەت بايرىمىدا شاڭخەيگە ئوينىغىلى بېرىپ، كالا گۆشلۈك ئۈگرىخانىنىمۇ بىر يېرىم كۈندىن كىيىن تاپقىنىمىز ئېسىمدە ئىدى.
      مىنىڭ جۇڭگودىن كەلگەن مۇسۇلمانلىقىم ئۇلارنى قانداق ھەيران قالدۇرغان بولسا، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى خېلىلا ئوبدان بىلىشى مېنىمۇ شۇنچىلىك ھەيران قالدۇرغان ئىدى. بۇ خىل ھېسسىياتىمنى ئۇلاردىن يوشۇرالمىدىم. بۇيرۇتقان تاماقلار كۆزۈمگە غەلىتىرەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ماڭا  ئەڭ ئىسسىق كۆرۈنگىنى يەنىلا شۇ نان بولغان ئىدى (ئۇلارنىڭ نېنى قازان نېنى شەكىلدىكى نېپىز تاۋ نېىنىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن. ئۇلار ناننى بىزنىڭ ئۇسۇلىمىزدا پىشۇرمايدىكەن). تاماقتىن كىيىن ھېلىقى يېتەكچى قىز قالغان تاماقلارنى ئىلىۋالايلى دېگەندە، مەن ھېچ ئىككىلەنمەيلا مەن ماۋۇ ناندىنلا ئالغاچ كەتسەم بولامدۇ دەپ سورىسام، ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتكەن ئىدى. سەۋەبى ئۇلار بىلەن بۈگۈنكى تاماق ئارىسىدىكى پاراڭلاردا ئىلگىرى چىڭدۇ، بېيجىڭلاردا ئوقۇغاندا ۋاقىتلىرىمدا ئاتايىن ئۇيغۇر ئاشخانىسىنى ئىزدەپ تېپىپ نان سېتىۋالىدىغانلىقىمنى، ھەر قېتىم تەتىلدىن مەكتەپكە كەلگەندە شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ ئويىدىن يەشىكلەردە نان ئىلىپ قايتىدىغىنىمىزدەك ” ساماۋى ھېكايىلەر“ نى دەپ بەرگەن ئىدىم.
     بۇ قىزىقارلىق ”چۆچەكلەر“  نى ئاڭلىغان ئىسپانىيەلىك دوكتور ئاشتى بالا بىر قىزىقچى ئىكەن، ئۇ ئەمسە ئەنگلىيەگە قانچە كىلو نان ئەكەلدىڭ، تاموژنىدىن تۇتۇلۇپ قالمىغانسەن دەپ كۈلكە قوشقان ئىدى. ئاندىن ماڭا ئۆزى بىلىدىغان بىر قانچە ھالال رېستورانلارنىڭ ئورنىنى دەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىملىق ياۋروپالىقلار بىلەن بىللە تاماقلىشىشم ”ھالال“ بولدى، ھەم تۇرمۇشۇمغا قۇلايلىق نەرسىلەرنى بىلىپ خېلىلا كۆڭلۈم توق بولۇپ قالدى چۈنكى بۇنداق ھېسىياتنى يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا مۇساپىر بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ.
     كىيىن تۈرۈكلەرنى ئوبدان بىلىدىغان بىر ئىتالىيەلىك دوستىمىز ماڭا ھەتتا ساپ تۈرك ئاچقان 2-3 ئاشخانا، رېستوران ۋە باشقا قاسساپ دۇكانلىرىغىچە ئاپىرىپ كۆرسىتىپ قويدى…مۇشۇنداق قىلىپ كاللامغا باشقىلار تەرىپىدىن سىڭدۈرۈۋېتىلگەن ئاتالمىش ”ئاز سانلىق مىللەت“ ئۇقۇمى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خاتىرەمدىن ئاستا –ئاستا يۇيۇلۇشقا باشلىدى.

 

خىزمەت مۇھىتىدىكى سېلىشتۇرما رېئاللىق

 

     ئادەم ئوخشىمىغان يەرگە بارسا ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان ياكى ئوخشاپراق قالىدىغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى، ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى تەبىئىيلا بۇرۇنقى ئۆزى ياشىغان ھايات كەچمىشلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ باققۇسى كېلىدۇ. مەنمۇ ئوخشاش زامان ئەمما ئوخشىمىغان ماكاندا ياشاۋاتقان كىشىلەردىكى ئوخشاش مەسىلىلەرگە، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى ھادىسىلەرگە  قارىتىلغان پەرقلىق مۇئامىلىلەرنى دائىم سېلىشتۇرۇپ قالىمەن. بۇ سېلىشتۇرمامدا ئەڭ ئاۋۋال يەنە مېنىڭ بىلەن بىر قانچە يىللارنى تەڭ سەرپ ئەتكەن ۋەتىنىمدىكى سۆيۈملۈك ساۋاقداش ۋە خىزمەتداشلىرىم ئورۇن ئالىدۇ، ئەلۋەتتە!
      بىزنىڭ بۇرۇنقى ئىشخانىدا شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان خەنزۇلار ۋە ئىچكىرىدىن كەلگەنلەر ئاساسلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يەرلىكلىرىمۇ ئۇيغۇرلار توغرىلىق لەغمەن، پولۇ، كاۋاپ… لاردىن باشقا جىق نەرسىلەرنى بىلمەيتتى، ھەم بىلىشكىمۇ ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدىغاندەك كۆرۈنەتتى. بەكرەك بىلىدىغانلىرى بولسا بەزىدە ئۇيغۇرلار ياسىنىشقا ئامراق، كىچىكىدىن ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينىيالايسىلەر دېگەندەك سەلبىي ئومۇمىيلىققا ئايلانغان ئەمما تولىمۇ بىر تەرەپلىمە ياكى بۇرمىلانغان چۈشەنچىلەردە بولاتتى… ھەم بۇ خىل قاراشلىرى مەكتەپ ياكى ئىدارىدە بىرەر پائالىيەت ئۇيۇشتۇرماقچى بولغاندا ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنەتتى. چۈنكى شۇ چاغدا بىز ئۇلارنىڭ ئېسىگە بەك ئاسان كېلىمىزكەن…
       بۇنداق يېڭى يىل، چاغان، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش دېگەندەك پائالىيەتلەردە بىزنىڭ ئۇسۇلىمىز ۋە ناخشىمىز ئۆزلىرىگە لازىم بولغاندا، زورلاپ ئېتىراپ قىلىنىدىغان سىزدىكى ئارتۇقچىلىقلاردىن قانداقمۇ كۆڭلىڭىز كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ پەخىرلەنگىڭىز كەلسۇن؟ ئەمما نۇرغۇنلىرىمىز بۇ ئاتالمىش تەشكىلىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا بويسۇنۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ ئىدارىمىزدىكى  رەھبەر ۋە خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئېچىشقا مەجبۇرلىنىمىز.
       بۇ خىلدىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھادىسىلەرنى ھەممىگە قىزىقىپ قارايدىغان ياۋروپالىقلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ ۋەتەندىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق خەنزۇلار گەرچە كىچىكىدىن تارتىپ شۇ زېمىندا بىز بىلەن ئارىلىشىپ ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزى بىلەن تەڭ كۈن ئېلىۋاتقان ئوخشىمىغان كىشىلەر ھەققىدە ئىزدىنىشنى بىر يېڭى بىلىم ياكى ئۇچۇر ئىگىلەش دەپ ئويلىغان بولسا ئاشۇ جەمئىيىتىمىز ئۇنچە كۆپ ئۇقۇشماسلىقلارغا تولمىغان بولاتتى دەپ قارايمەن. ئەپسۇس تاكى بۈگۈنگىچە ئۈرۈمچىدىكى خەن ئاھالىسىنىڭ كۆپچىلىكى دەل ئاشۇنداق بىر تەرەپلىمە قاراش سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆڭ كۆۋرۈك تەرەپلەرنى تىنچ  ئەمەس، ئۇيغۇرلار ياۋايى، مەينەت،  قالاق دەپ ئويلايدۇ… ئۇلارغا ھەقىقىي ئۇيغۇر تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتىن ئېغىز ئېچىش تەس، چۈنكى دۆلىتىمىزدىكى مائارىپ ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىدا بۇ توغرىلىق ئەمەلىي تەشۋىقاتلار تېخىچە بەك كەمچىل.
       ۋەتەندىكى خىلىلا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاننىڭ خىزمەتچىلىرى، ئاز دېگەندىمۇ ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە كىشىلەر شۇنداق قارىسا، ئۇلارنىڭ ئاققۇن كەلگۇندىللىرىگە نېمە دېگۈلۈك؟! دەل مۇشۇنداق بولغاچ، ھازىرقىدەك چۈشنىشمەسلىكلەر، ئۆزىدىن باشقىلارنى بىلمەي تۇرۇپلا تۆۋەن كۆرىدىغان ئىرقىي كەمسىتىشكە مايىل چۈشەنچىگە ئىگە جەمئىيەت كىشىلىرىدە مەن كۆرگەن بۇ ياۋروپالىقلارغا ئوخشاش كەڭ قورساقلىق، باراۋەرلىك ئۇقۇملىرىنىڭ يېتىلىش ئىمكانىيەتلىرى تولىمۇ ئاز بولىدىكەن.
       ھەممىگە ئايانكى ئوخشىمىغان تىل، دىن ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىيئىناقلىقى  ئوز-ئارا چۈشىنىش، ئوخشىماسلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ھۆرمەتلەش، ئۆز-ئارا يول قويۇش ئاساسىدىلا قۇرۇلىدۇ. ھەممە ئارزۇ قىلىدىغان ھەقىقىي ئىناق جەمئىيەت شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ھەممە كىشىلەر تەرىپىدىن ئوز-ئارا ئىشەنچ ۋە ھۆرمەت بىلەن ئورتاق كۈچ چىقىرىلسا ئاندىن بەرپا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟! نېمىدەپ مېنىڭ شۇ ئۈرۈمچىدىكى خەنزۇ خىزمەتداشلىرىم ۋە باشقىلار ئاشۇ ئالىي تەتقىقاتقا، مۇرەككەپ خىزمەت ۋە تىجارەتلىرىگە ئىشلەتكەن ئەقىللىق كاللىسى بىلەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئوز رېئاللىقىنى، ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتنى ئېتىراپ قىلالمايدىغاندۇ دەپ ئويلاپ كېتىمەن.
       ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ يېڭى مەنە قوشۇلاتتى. بۇ يەردە بىر مىسالنى قوشۇمچە قىلىپ ئۆتمەكچىمەن. مەن ئىچكىرىدە ئوقۇغاندا بىر خەنزۇ دوستۇم مەندىن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا باشقا خەنزۇ بالىلارنىڭ مېنىڭ كىملىكىم ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا ئاكتىپلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، بىر يېڭى مەدەنىيەتنى ئاز-تولا چۈشەنگەنلىكىدىن ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىدىغىنىنى ئېيتقان ئىدى. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئايرىلىدىغان چاغدا ئۇ مېنىڭ خاتىرەمگە ئۆزىنىڭ تىلەكلىرىن  ئۇيغۇرچە
يېزىپ قالدۇرغان ئىدى. بىز ھازىرغىچە ياخشى دوستلاردىن.
        تىنچلىق ۋە ئىناقلىق مۇھىتىدا خۇشال-خۇرام ياشاشنى كىممۇ چىن كۆڭلىدىن ئارزۇ قىلمىسۇن دەيسىز!؟ مېنىڭ ھازىر ئۇقۇۋاتقان مەكتىپىمدە 150 دىن كۆپرەك دۆلەتتىن كەلگەن 200 چە مىللەت ۋە ئوخشىمىغان دىنىي-ئىتىقادى بار ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدۇ. بىزنىڭ مەكتىپىمىزدە ئاي ۋە يىللاپ ھېچ قاچان ۋەتەندىكىگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارغا بولسۇن ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بولسۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا ئۆگىنىش ۋە تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلمايدۇ. مەن فاكۇلتېتنىڭ تاملىرىدا بولسۇن ياكى مەن ياشايدىغان شەھەردە بولسۇن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق قىلىنغان تەشۋىقات ياكى ئېلان ۋاراقلىرىنى ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم. بىر قېتىم مەن بىر ساۋاقدىشىمغا ۋەتەندە ھەر ۋاقىت ئېلىپ بېرىلىدىغان ”سىياسىي ئۆگىنىش“ ئۇقۇمىنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي شۇنداق قىينالغىنىم ئېسىمدە.
      بۇ يەردىكى ئادەملەردە قانۇن ئۇقۇمى يۈكسەك دەرىجىدە ئومۇملاشقان ئىكەن. ھەممە كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا بىر ئىشقا قارتا ئۇ ئىشنى قىلىشتىن ئىلگىرى شۇ قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدىكەن. كۆپىنچە بىر بىرلىرىنى سەمىمىي ھالدا ” بۇ ئىش قانۇنسىز“، ”ئۇ ئىش قانۇنلۇق“ دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىدىكەن. دېمەكچىمەنكى بۇ دۆلەتتە ھەممە ئادەم ساقچىدىن ياكى ھۆكۈمەتتىن ئەمەس بەلكى ئۆزلىرى پارلامېنتتا ئاۋاز بېرىپ تەستىقلىغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشتىن قورقىدىكەن. ئاددىيسى بىر مىسال، بىر چاغدا يەرلىك بىر ساۋاقدىشىم بىلەن مەكتەپكە يېقىن تۆت كوچا چاسىسىدىن پىيادىلەر يولىنى بويلاپ ئۆتۈۋاتساق يولنىڭ قىرغىقىدا ماشىنىلار لىق توختىتىلغان بولۇپ، بىر ماشىنا پىيادىلەر يولىنى ئازراق توسقان ھالدا قىستاپ يەنە بىر ماشىنىنىڭ يېنىغا توختىتىپ قۇيۇلغان ئىكەن. ھېلىقى دوستۇم ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى  بۇ ماشىنا بۇ يەرگە قانۇنسىز توختىتىلىپتۇ. “ مەن دەرھاللا ” نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟ “ دېسەم ئۇ جاۋابەن” قاتناش قانۇنىدا ماشىنىلارنىڭ قىزىل چىراغقا يېقىن يول بەلگىسى سىزىلغان يەردە توختىتىلىشى مەنىي قىلىنغان“…. دەپ بۇ ھەقتە ماڭا بىر مۇنچە ساۋاتلار بەرگەن ئىدى.
       بۇ دۆلەتتە ھۆكۈمەت باشقىلارنى ھۆرمەتلەش توغرىلىق ماڭدامدا بىر ئەسكىرتىپ تۇرمىسىمۇ، ئاق تەنلىك، قارا تەنلىك ياكى ھىندىستانلىق، ۋە ياكى جۇڭگولۇق دەپ ئايرىلماي خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملارنى مەكتەپ، دوختۇرخانا، بانكا، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە تاللا بازارلىرى دېگەندەك ھەر بىر ئورۇندا ئۇچۇرتالايسىزكەن. كوچىلاردا ياغلىق چىگىپ، يېنىغا تاپانچا ئېسىپ يۈرگەن ئەنگلىيەلىك مۇسۇلمان ساقچى ئاياللارنى، دوختۇرخانىلاردا يوغان سەللە ئورىۋالغان ھىندىستانلىق دوختۇرلارنى ھەمىشە ئۇچۇرتۇپ تۇرسىز. ھەتتا دوختۇرخانىلاردا تىل سەۋەبىدىن ھاجىتىڭىزنى بىلدۈرۈشكە ئىمكانىيىتىڭىز بولمىسا، سىزگە ياردەملىشىدىغان تەرجىمان بولغاندىن سىرت سىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىڭىز سەۋەبلىك ئەر ياكى ئايال دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى تاللاش ئەركىنلىكىڭىزمۇ بولىدىكەن تېخى! ھەر بىر ئورۇندىكى خىزمەتچىلەرنىڭ چىرايىدىن خىزمەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق، قارشى تەرەپنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقا بولغان تەقەززالىق ۋە ياكى خېرىدارغا بولغان قىزغىنلىقنى بايقايسىزكى، ھەرگىزمۇ تۇرقىڭىز ياكى ئىسمىڭىزغا قاراپ قىلىنىدىغان پەرقلىق مۇئامىلىنى كۆرەلمەيسىز. شۇنداقلا بۇ يەردە ھەر قانداق يوسۇندىكى ئىرقىي كەمسىتىش قانۇن بويىچە قاتتىق چەكلىنىدىكەن ۋە جازاسىمۇ ئېغىر بولىدىكەن. بۇ خىلدىكى ئىرقىي كەمسىتىلىشكە ياتىدىغان  قىلمىش ۋە ئىش ھەرىكەتلەر جەمئىيەت تەرىپىدىنمۇ قارشى ئېلىنمايدىكەن. ھەتتا كىشىلەر ” ئىرقىي كەمسىتىش“خاھىشىدە بولغانلارنىمۇ پەقەت ياقتۇرمايدىكەن.
        بىر  قېتىم لوندوندىن قايتىشىمدا، كەينىمدە ئولتۇرغان بىرى ئازراق ئىچىۋالغانمۇ، ياندىكى ئورۇندا ئولتۇرغان قارا تەنلىك ئايالنىڭ مۇزىكا ئاڭلاۋاتقان كىچىك بالىسىنى”black monkey “ (قارا مايمۇنەك) دەپ بىر نېمىلەرنى قوشۇپ غودۇڭشىغان ئىدى، شۇئان ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى يەنە بىر ئاق تەنلىك ئايال ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۈنلۈك ئاۋازدا رەددىيە باردى. كىيىن قارىسام ھېلىقى كەمسىتىش ئىبارىسىنى ئىشلەتكەن ئايالمۇ ئىنگلىز ئىكەن. قارىغاندا ئۇلار ئوخشىمىغان ئېرىق، دىنلارغا تەۋە بولغىنى بىلەن، ياراتقۇچىنىڭ ئوخشىمىغان ئىنسانلارنى دەل بىر-بىرى بىلەن تونۇشسۇن، ئوز-ئارا بىر-بىرىدىن ئۆگىنىپ كەم-كۈتىلىرىنى تولۇقلىسۇن دەپ ياراتقىنىنى ياخشى بىلگىنى ئۈچۈنمۇ بۇ ھەرىكىتىدىن بىر ھەقىقىي ئىنسانلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.  
        بەرھەق، مانا مۇشۇنداق ئىلمى باراۋەرلىك ئاساسىغا ئېگە جەمئىيەت ئەلۋەتتە تەرەققىي قىلىدۇ دە!  دەل مۇشۇنداق جەمئىيەتتە ياشايدىغان ئىنسانلار ئۆزىنىڭ باشقىلار بىلەن باراۋەرلىكىنى ھەر قەدەمدە ھېس قىلىپ تۇرغاچقا، ئاساسلىق زېھنىنى ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشىغىلا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ يەنىمۇ روناق تېپىشى، تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ مەنىلىك ۋە باياشات ئۆتۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. ئۇلار ئۆز جەمئىيىتىنىڭ ھەقىقىي باراۋەر ۋە ئىناق جەمئىيەت بولۇشى ئۈچۈن ئوز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئۈستىگە ئالغان كىشىلەردۇر.

 

گۇرۇپپىمىزدىكى ۋە فاكۇلتېتتىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىغا قىلىنغان ھۆرمەت

 

       مەن تەۋە بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىمۇ بىر خەلقئارالىق ئائىلىدەكلا بولۇپ، مەندىن ۋە  يەرلىك ياكى كۆچمەن ئەنگلىيەلىكلەردىن باشقا ، ئىتالىيە، پولشا، مالايسىيا، پەلەستىن، چىلى قاتارلىق كەلگەن ئۇقۇغۇچىلار بار بولۇپ،  بەزىدە يېقىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن كېلىپ-كېتىپ تېخنىكا ھەمكارلىقى قىلىپ تۇرىدىغان يەنە باشقا دۆلەتلىك تەتقىقاتچىلارنىمۇ دائىم كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا بىر مەزگىل تۇرسىڭىز سىزدىكى ياتسىراش ياكى يالغۇزلۇق پسىخىكىسى ئاسانلا يوقاپ، مەن يالغۇز دەيدىغان ياكى باشقىلاردىن ئۆزىڭىزنى پەرقلىق كۆرىدىغان ھىسىياتنى ئۇنتۇپ ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغىلا ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ كېتىسىزكەن.
       گورپپىدىكىلەر بىلەن بىللە تاماق يېگىلى چىقمىغۇچە مۇئەللىم ۋە باشقا ساۋاقداشلىرىم مېنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمنى بىلمەپتىكەن. گۇرۇپپىمىزدا مەندىن بۇرۇن كەلگەن بىر مالايسىيالىق قىز بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ھەمىدە. ئۇ يارىشىملىق ياغلىقلارنى چىگىپ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز بىر كۈنى كەچلىك تاماق بۇيرۇتماقچى بولدۇق، ئوقۇتقۇچىم مەندىن ” سەن نېمە يەيسەن؟ “ دەپ سورىغاندا مەنمۇ ھەمىدەگە ئوخشاش ھالال تىزىملىكتىن تاللايمەن دېسەم ئۇ ھە دەپ ھەيران قالغانىدى. ئەمما تېزلا چۈشەنچە بېرىپ ” كەچۈر مەن سېنى ماۋۇ قىزدەك كېينىپ يۈرمىگەچ بىلمەپتىمەن“ دېگەن ئىدى. باشقىلارمۇ ئۇنى تەستىقلىغاندەك بىر-بىرىگە مەنىلىك قاراپ قويۇشقان ئىدى. شۇ كۈنى مەن كىيىم-كېچەكنىڭ بىر مۇسۇلمان قىز-ئايالغا باھا بېرىشتە تولىمۇ مۇھىم ئۆلچەم بولىدىغىنى بۇلار ئەجەب تەبىئىيلا قوبۇل قىلالايدىكىنە دېگەننى تونۇپ يەتكەن ئىدىم.
          ئۇنىڭدىن  باشقا، بۇ يەردە نەگە بارماڭ، ھېچكىم سىزنى ھاراق ئىچمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن يەكلىمەيدۇ، ياكى سىزدىن ئورنى يۇقىرىلارغا ” ھۆرمەتسىزلىك “ قىلدى دەپمۇ قارىمايدۇ. ھەر قانداق بىر ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چېكىش قەتئىي مەنىي قىلىنغان بولۇپ، سىز بۇ يەردىكى چوڭ-كىچىك يىغىن ياكى باشقا يىغىلىشلاردا ھېچكىمنىڭ پۇرقىرىتىپ تاماكا ئىسىغا ئارىلاشتۇرۇپ تاماق يېگىنىنى ۋە ياكى سىزگە يىغىن ئاچقىنىنى ئۇچراتمايسىز. شۇڭا بۇ يەردىكى ئاڭلىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇنداق ئاممىۋى ئەخلاق كەيپىياتى خىلىلا كۆڭلۈمگە ياققان، توغرىسى مېنى ئۆزۈم خالىمىغان ئىشنى قىلماسلىق ياكى قىلمايمەن دېيىش سەۋەبلىك بىكاردىن-بىكار كۆڭلۈمنى رەنجىتىۋالدىغان ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىقللاردىن پۈتۈنلەي قۇتۇلغان ئىدىم.
        كىيىن يەنە مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى. مەن تەجرىبىخانىدىكى كومپيۇتېردىن ئالدىنقى كۈنلۈك ئىشلىگەن تەجرىبەمنىڭ ئانالىز قىلىنىدىغان سانلىق قىممەتلىرىنى كۆچۈرۈۋالغىلى تەجرىبىخانىغا چېچىمنى تۈگمەيلا كىرىپ قايتىمەن. چۈنكى خىيالىمدا دورىغا يېقىنلاشمىغاندىكىن، 2-3 مىنۇتلا تۇرۇپ تىزلا ئۈستىگە چىقىپ كېتىمەنغۇ دەپ ئويلىغانىدىم. بىزنىڭ فاكۇلتېتتا بىخەتەرلىككە قويۇلغان تەلەپ باشقا فاكۇلتېتلاردىن قاتتىق بولۇپ ئادەتتە خالات، بىخەتەرلىك كۆز ئەينەك، پۇتقا بىخەتەرلىك ئايىغى ۋە قولىڭىزغا پەلەي كىيىشتىن باشقا خانىم-قىزلار چاچلىرىمىزنى چوقۇم تۈگۈپ يۈرۈشىمىز، بارماقلىرىمىزدا خېنە دېگەنلەر بولماسلىقىمىز شەرت ئىدى. شۇ ئارىدا بىخەتەرلىككە مەسئۇل خادىم (safety officer) يەردىن ئۈنگەندەكلا پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇ مېنى كۆرۈپ ” كەچۈرۈڭ، سىز چېچىڭىزنى تۈگمەپسىزغۇ“ دېدى. ھەمدە مېنىڭ تولىمۇ جىددىيلىشىپ كەتكىنىمگە قاراپ، ئۇدۇل تەرەپتە تەجرىبە ئىشلەۋاتقان ھەمىدەنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ” قاراڭ، ماۋۇ قىز تولۇق ئورالغانلىقى ئۈچۈن ھەممە تەرەپتىن ئەڭ بىخەتەر…“ دەپ چاقچاق قىلىپ قويدى. مەن چېچىمنى تۈرۈپ كىرىشكە دەررۇ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئىشخانىغا ماڭدىم. مىنۇت ئىچىدە بولۇپ ئوتكەن بۇ كىچىككىنە كارتىنا ماڭا يەنە بىر قېتىم ياغلىق دەرسى بەرگەندەكلا  بىلىندى… توۋا دېدىم ئىچىمدە، بۇلار ئۈچۈن سىز قايسى مىللەت بولۇڭ ۋە نېمە كىيىم كىيىڭ پەقەت خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن بىخەتەر، ئۆلچەمگە لايىق چىقالىسىڭىزلا سىز ھەرگىزمۇ كونىلىقنى ياقىلىغان، زامانىۋىلىقتىن يىراق ياكى ” مەدەنىيەتسىز“ بولۇپ كورۈنمەيسىزكەن… نېمە دېگەن ئەمەلىي باراۋەرلىك ھە بۇ…ئەسلى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى دەپ ئويلىدىم.

 

مۇسۇلمان ئەللىرىدىن كەلگەن دوستلىرىم

 

        ئارىلىقتىن نەچچە ئاي ئۆتۈپ قوشنا شەھەرگە بىر دوستۇمنى يوقلاپ باردىم. قايتىشىمدا پويىزدا بىر مالايسىيالىق ئالىي مەكتەپ مۇەللىمى بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ قالغانلىقتىن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇ ئايال ئوزىنىڭمۇ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تىببى ئىنستىتۇتىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇيدىغىنىنى، بۇ يەرگە ماڭا ئوخشاشلا بىر دوستىنى كۆرگىلى كەلگىننى دەپ بەردى. ئاندىن مېنىڭ ئەھۋالىمنى سوراپ، ئۆزىنىڭ ئويلىمىغان يەردىن بىر جۇڭگۇلۇق مۇسۇلمان بىلەن تونۇشقانلىقىدىن تولىمۇ خوشال ئېكەنلىگىنى بىلدۇرگەن ئىدى. بۇ ھەيرانلىقلارنى تەكرارلىمايلا قوياي، چۈنكى ھىلىھەممۇ دائىم مۇسۇلمان ئەللىرىدىن كەلگەنلەر بىلەن تۇنۇشسام ئوخشاش”ماشااللاھ “ لارغا ئۇچراپ تۇرىمەن.
        مېنىڭ ئەڭ ھۆرمىتىمنى قوزغىغىنى ئۇ ئايالنىڭ 4 بالىسى بىلەن يەنىلا يۇقىرلاپ ئۇقۇش ئۈچۈن ئاىلىسى بويىچە چەت  ئەلگە كەلگەنلىكى بولدى. ئۇ ھەقىقەتەن ھەر جەھەتتىن يېتىلگەن ئۇقۇمۇشلۇق مۇسلىمە ئىكەن. بىز مۇسۇلمان قىز-ئاياللارنىڭ كۆپلەپ بىلىم ئېلىشى كېرەكلىگى توغرىلىق جىق پىكىرلاشتۇق، ئۇ مېنى بەكمۇ ئېلھاملاندۇرغاندى. ئۆزىنىڭ ئوقۇشىنىڭ ئاخىرقى نەچچە ئېيىلا قالغانلىقىنى، ئەمما مەن بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرغۇسى بارلىقى ۋە قانداق چاغدا پۇرسەت تاپسام كورۈشۈپ تۇرۇشۇمنى تاپىلىدى. كېيىنچە بۇنداق ” ئاجايىب خانىم-قىزلار“ ماڭا خېلى كۆپ ئۇچرىدى. ئۇلار تۈركىيە، مالايسىيا، جوردان، ئىراق، سۇدان، پەلەستىن، ھىندونېزىيە ۋەسەئۇدىدەك مۇسۇلمان ئەللەردىن كەلگەن تىرىشچان قىز-ئاياللاردىن ئېدى.
       مەن بۇ يەردە شۇنى دېمەكچىمەنكى، بىزنىڭ خەلقىمىز ئىچىدە قىز بالىنى بەك يۇقىرى ئوقۇتۇپ نىمە قىلىدۇ دەيدىغان ”ھەقىقى خۇراپىي“ قاراشلار ھېلىمۇ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. دەل مۇشۇنداق قاراشلىرىمىز سەۋەپلىك ھېلىمۇ ھەقىقى ئىلىم، ئەخلاقنىڭ نىمەلىگىنى بىلىش پۇرسىتىدىن كوپ مەھرۇممىز. شۇڭلاشقا، بىزدىن ھەر تەرەپتىن ساغلام ۋە دەۋرىمىزگە لايىق ساپالىق بولۇپ يېتىشكەن بالىلىرىمىز يانىلا ئاز چىقىۋاتىدۇ، چۇنكى شۇ پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيەلەيدىغان ئانىلارنىڭ مائارىپ سەۋىيەسى، جەمىيىتىمىزدىكى ئىجتىمايى ئورنى خىلىلا توۋەن… قاراڭ ماۋۇ ئانىلارغا، بۇلار ھەم ئىسلامى ئېتىقادىنىڭ ھۆددىسىدىن ، ھەم ئۆز جەمئىيىتىدىكى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قوش قوشلاپ ئادا قىلىپ، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنىڭ ھەر تەرەپتىن ھەقىقى ئۇقۇمۇشلۇق بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن قانچىلىك بەدەللەرنى تۆلەۋاتىدۇ ھە؟! … بىز تېخى بۇنداق مۇسۇلماندارلىقتىن خېلىلا يىراقتا ئىكەنمىز. شۇڭا، بىز ئۇ بۇ كىتابلاردىن يۇلۇپلا ئۆگىنىۋالغان، ياكى قۇلاق موللىلىرىدىن ئاڭلىۋالغان يېرىم-ياتا بىلىمىمىز بىلەن ئىلىمگە تەشنا قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى چۇشىمەيلى، ئۇلارغا ئەڭ ئاددىيسى ئەۋلادلارنى ياراملىق تەربىيىلەش يۈزىسىدىن بولسىمۇ پۇرسەت بېرەيلى. ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ بىلىم ئېلىشىنى رىغبەتلەندۈرەيلى، ئۇلارغا ھەقىقىي مەدەتكار بولايلى. چۈنكى ئادەم ئۆزى قانچە چوڭقۇرراق بىلگەن شەيئىنى ئاندىن ئەڭ قەدىرلەيدۇ. بىلىم ئىلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر ۋە ئايالغا ئوخشاشلا پەرھىزدۇر . بىزنىڭ قىز-ئاياللىرىمىز پەندە ئوقۇپ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشسۇن ياكى تەرەققىياتنىڭ ھەقىقىماھىيىتىنى چۈشەنسۇن ۋە ياكى دىندا مادارىنىڭ يېتىشىچە ئوقۇپ ئەخلاقلىق، نېيتى ساپ، ئەقىدىسى ساغلام بالىلارنى يېتىشتۈرۈپ جەمىيىتىمىزدىكى  بۇزۇقچىلىقلارنى تۈزىسۇن… چۇنكى ئانىنىڭ مەسۇلىيىتى ئوز پەرزەنتىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەشتۇر. مەيلى قايىسىدا ئوقۇسۇن، ئىلىمدە بولامدۇ ياكى دىندا بولامدۇ، چۈشۈنۈپ تۇرۇپ بىلىم ئىلىش پۇرسىتىنى بېرەيلى. ئاندىن بىزگە ياراملىق ئەۋلاتلارنى تەربىيلەپ،ئەلسۆيەر ئەركەكلىرىمىزنىڭ ھەقىقى سەپدىشى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملىگۈسى كېرەكلىك ئىزباسارلارنى ھۇجۇدقا كەلتۈرەلەيمىز ئەمەسمۇ ؟!

 

مۇستەھكەم ئېتىقادتىن ئېرىشىلگەن ھۇزۇر – بىر خرىستىئان دوكتۇر قىزىدىن ئالغان تەسىراتىم

 

          بۇ يەردە مەيلى قانداق ئورۇندا ئوقۇڭ ياكى ئىشلەڭ، ھېچكىم سىزنى نېمىشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىسەن يېمەيدىكەن ، ئەكسىچە ھەر بىر توپقا ئۆزىگە لايىق شارائىتلارنى ھازىرلاپ بېرىدىكەن. شۇڭىمۇ مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر ھادىسە غەرب مەكتەپلىرىدىكى مەسجىد ۋە چېركاۋ دىگەندەك ئېتىقاد سورۇنلارنىڭ مەكتەپ تەرىپىدىن تەييارلىنىپ بىرلىشى بولدى. مىنىڭ ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرىدىغان بىر ئىنگىلىز قىز ساۋاقدىشىم بار بولۇپ، ئۇ مەكتەپتىكى خرىستىئانلار  جەمئىيىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ھەپتە ئاخىرلىرىدا يەنە تېخى مۇشۇ شەھەردىكى يوقسۇل، ماكانسىزلار ئۈچۈن تاماق يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى، بەزىدە ياردەم كېرەك بولغانلارنىڭ كىچىك بالىلىرىنى ھەقسىز بېقىش دېگەندەك خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنىمۇ خوشاللىق بىلەن قىلىدۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە شەنبە ياكى يەكشەنبە كۈنى ئىبادەتكە بارىدىغىنى شۇنچە سۆيۈنۈپ تۇرۇپ دەپ بېرىدۇ.
        ئۇ ئۆزىنى ھەرگىزمۇ بىر كونىلىققا يىپىشقۇچى دەپ قارىمايدىكەن. ئۇ بىر قېتىم ئوز-ئارا پارىڭىمىزدا مۇنداق دېگەن ئىدى ” گەرچە بۇ دۆلەتتە ھازىر يېرىمدىن كۆپرەك ئادەم بەك دىندار بولمىسىمۇ مەن يەنىلا كۆپچىلىك بىلەن بىللە چېركاۋلاردا دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى، ئوز-ئارا ئېنجىلنى ئۈگۈنۈپ، تەسىراتلىرىمىزنى ئالماشتۇرۇشنى ياخشى كۆرىمەن… “. ئۇنىڭ ھېس قىلىشچە ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادى ئۇنىڭ مەنىۋىيتىنى بېيىتىپ، ئۇقۇش ۋە تۇرمۇشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنى ئازادە كەيپىيات بىلەن ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەت قىلىشىغا چوڭ تۈرتكە بولدىكىن. ئۇنىڭ مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى خالىسانە ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىسىڭىز، ھەممە ئادەم باشقىلاردىنلا ياخشىلىق قىلىشنى كۈتمەي، مۇشۇلاردەك ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ يوقسۇللارغا ياردەم بەرسە، ئۆز دېنىنى ئەركىن ئۈگۈنۈپ، روھىي ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ناچار خاھىشلارنى ئەمەلىي ھەرىكتى بىلەن توسىيالىسا، بۇنىڭمۇ جەمئىيەتكە بولغان ئۈنۈمى ئۆزگىچە بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم.


مەكتەپتىكى قارىم زىيالىيلار

 

        مەكتەپتە قارىم سۈپەت ، ساقاللىق بالىلارنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئۇلارنى ھېچكىم ساقال-بۇرۇتى بولغانلىقى ئۈچۈن دەرسكە كىرگۈزمەيدىغان ، ياكى ئىش ئورنىدا كەمسىتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەيدىكەن. بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەنلەردىن باشقا مۇشۇ دۆلەتتە چوڭ بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولسا، يەنە ئاز ساندىكىلىرى يېڭىدىن ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان يەرلىك ئەنگلىزلارمۇ ئىدى. ئاساسەن زور كۆپچىلىكى دېگۈدەك زېھنى ئۆتكۈر، ئوقۇشىدا ئىلغار نەتىجە ئالغان ۋە ئېلىۋاتقان دوكتۇر، ئېنجىنىرلار، دوختۇرلار ۋە ياكى كەلگۈسىدىكى جەمىيەتشۇناسلاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلىرى مەكتەپ مەسچىتلىرىدە قوش تىلدا قايىل قىلارلىق خۇتبىلەرنى سۆزلىيەلەيدىغان ئىمام-مەزىنلەردىن ئىكەن.
        فاكۇلتېتنىڭ خىمىيىلىك ئانالىز ئەسۋابلارنى ئىشلىتىشنى ئۆگىتىدىغان بۆلۈمىدە بىر مۇئەللىم بولۇپ، ئۇنىڭ تېگى ھىندىستانلىق مۇسۇلمان ئىكەن. دەسلەپ كەلگەندە بىزگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بىر قېتىملىق تەربىيىلەش دەرسى جۈمە ۋاقتىغا توغرا كىلىدىكەندۇق، ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن بىزگە ”مەن چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30 غا ئورۇنلاشتۇرسام قانداق چۈنكى نامازغا قولايلىق ئەمەس“ دېدى. كېيىن بالىلاردىن ئۇنىڭ نامازلىرىنى ۋاقتىدا ئۆتەيدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ئۇ تەربىيىلەش دەرسىنىمۇ تولىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن، ئەستايىدىل ئۆتەتتى. بۇ يەردە تەكىتلەيدىغىنىم،  بۇلار سىزنى ناماز ئۇقۇغانلىقىڭىز سەۋەپلىكلا قالاق، رومال سالغانلىق بىلەن مەدەنىيەتسىز دەپ قارىمايدىكەن. پەقەت باشتا دەپ ئۆتكىنىمدەك، خىزمەتنىڭ، ئوقۇشنىڭ ھۆددىسىدىن تۈزۈپ بەرگەن ئۆلچەمگە لايىق چىقالىسىڭىزلا شەخسى تۇرمۇش ئاداتلىرىڭىزگە ھەددىدىن زىيادە كۆز-قۇلاق بولۇپ ياكى چەكلەپ سىزنى ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا بېرىلگەن ھوقۇقىڭىزدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە ئۇرۇنمايدىكەن… شۇڭا ئادىمىيلىكىڭىز دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىمىغاچقىمۇ كۈنىگە 12-14 سائەت ئىشلىسىڭىزمۇ روھىي جەھەتتىن ئازادە بولغاچ ھارغىنلىق ياكى ئارتۇقچە بېسىم ھېس قىلمايدىكەنمىز.

 

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن كىم دۇئا قىلىدۇ؟

 

         قۇربان ھېيت ۋە روزى ھېيىتلاردا مەكتەپتىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار يىغىلىپ بىللە ھېيتنى تەبرىكلەيدىكەن. مەن تۇنجى قېتىم كۆرگىنىم 200 گە يېقىن ھەر يەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ چوڭ بىر زالدا ئۆزىنىڭ مىللى كىيىملىرى بىلەن چىرايلىق ئۆتكۈزگەن ھېيتلىق پائالىيىتى بولدى. ھېيت نامىزىدىن كېيىن ھەممەيلەن رەتلىك ئولتۇرۇپ دوكتۇر ئىمامنىڭ خۇتبەسىنى ئاڭلىدۇق. ئاخىرىدا كۆپچىلىك بىللە دۇئا قىلدۇق. بۇ يەردىنمۇ كۆپلىگەن “ماشائاللا” لارنى ئاڭلىدىم. ئۇلار مېنىڭ جۇڭگودىن كەلگەن، يېڭىدىن ئىسلامغا كىرگەن بىرسى بولماستىن، تۇغۇلۇشۇمدىنلا مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمنى بىلگەندىن كىيىن شۇ  قەدەر ھەيران قالدى. مەن 18 مىليون نوپۇسى، 1000 يىللارچە ئىسلامى ئەقىدىسى بار بىر قەۋىمنى بىلمىگەن بۇ مۇسۇلمانلارغا ”ماشااللاھ “ دېدىم. ئاخىرىدىكى دۇئادا ھەممە پەلەستىن، ئىراق، ئافغانىستان، كەشمىر ، مىسىر، سۇرىيە دېگەندەك ئەللەردىكى قىيىنچىلىقتا قالغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىشقان بولدۇق. ئەمما ھېچكىم ئۇيغۇر ياكى جۇڭگولۇق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن يۇقارقىلەردەك ئىسمىنى ئاتاپ دۇئا قىلمىدى. بۇنىڭدىن كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قايتتىم.
        بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى بىلىدىغىنى بىر قىسىم تۈرۈكلەردىن قالسا مالايسىيا ۋە ھېندونىزىيەلىكلەرلا ئانچە-مۇنچە بىلىدىكەن. مەن ماڭا ھەيران بولغانلارغا جاۋابەن ” بىز 5 مىنۇتلۇق دۇنيا خەۋىرىدىن بولسىمۇ مۇسۇلمان ئەللىرىدە بولىۋاتقان ئىشلارنى ئاڭلاپ، كۆڭۈل بۆلۈپ تۇراتتۇق، سىلار ئۆزەڭلاردىن باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىكەنسىلەر… “ دەپ چاخچاق قىلدىم. ئەمما بۇ گېپىم كۆڭلۈمدىن چىققان گەپ ئېدى. دېمىسىمۇ كېيىن لىبىيە، سۇدانلىق قىزلار بىلەن خوشنا تۇرغاندا ئۇلارنىڭ بىزنى قەتئىي ئاڭلاپمۇ باقمىغىنى بىلگەن ئىدىم. شۇڭا بىزنىڭ ئارىمىزدىن يەنىمۇ كۆپلەپ تىرىشچان ئوغۇل-قىزلىرىمىز بولسا مۇسۇلمان ياكى باشقا يۇرتلارغا ۋە ياكى يات ئەللەرگە ئوقۇشقا چىققاندا، ئوز بىلىمىمىزنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، مەكتەپلەردىكى ” International day / Cultural show “ (خەلقئارالىق كۈن / مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى) دىگەندەك پائالىيەتلەرگە ئامال بار ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇ دۇنيادا مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى كۆپرەك باشقىلارغا تونۇشتۇرىمىز مۇھىم ئىكەن دەپ ئويلىدىم.
        چۈنكى بىلىش ھەم يېتەرلىك چۈشىنىش بولمىسا، سىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىڭىزنى ھېچكىم بىلمىسە، باشقىلارنىڭ بىزنى بىلمەسلىكتىن رەنجىشىگە ھەققىمىز يوقكەن. شۇندىلا بىز چوڭ كۆرگەن مۇسۇلمانلار بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشى مۇمكىن. بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى باشقا ئەل مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى خېلى ياخشى بىلىدىكەنمىز ئەمما بىزنى شۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە شۇ دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ياخشى بىلمەيدىكەن. بۇ نېمە ئۈچۈن دەپ ئۆزۈمگە سوئال قويدۇم. بىز ئۇيغۇرلار ئەمدى باشقىلارنىڭ قانداق ياشايدىغىنىنى بىلىش بىلەنلا ئەمەس بەلكى باشقىلارنىڭ بىزنىڭ قانداق كۈندە ياشايدىغانلىقىمىزنى بىلىشىنى ئويلىشىمىز زۆرۈر ئىكەن دەپ ئويلىدىم. بىز ئۆزىمىزنىڭ تەكلىماكانغىلا مەركەزلىشىپ قالغان تار دائىرىلىك چۈشەنچىمىزنى يەنە بىر قېتىم شاللىشىمىز، تولۇقلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش يوللىرىنى ئىزدىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم.

 

2013 – يىلى 11- ئۆكتەبىر (ئەنگلىيە)
مەنبە: غەرىپلىكلەر راستىنلا مۇسۇلمانلارنى ياقتۇرمامدۇ؟—ئەنگلىيىدە ئۇ…
http://bbs.bagdax.cn/thread-20693-1-1.html

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1194

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش