ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ماي جورج ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىملىك كرىزىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە چەتئەل تىلى كۇرسلىرى ئېچىلىدۇ

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە چەتئەل تىلى كۇرسلىرى ئېچىلىدۇ

multi-language[1]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر،

2014/2015-يىللىق ئوقۇ- ئوقۇتۇش مەۋسۈمى باشلىنىپ كەتتى، ھەركىم قەلبىگە پۈككەن يۈكسەك غايىلىرى ئۈچۈن، ئالتۇندىن قىممەت ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ كېلەچەكنىڭ پاسپورتى ۋە ئىلىم- پەن ئۆگۈنۈشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى بولغان ئۆز ئانا تىلىنى پىششىقلاپلا قالماستىن، بەلكى بىر ۋەيا ئىككىنچى ھەتتا بەزىلەر ئۈچۈنچى بىر چەتئەل تىلى ئۈچۈن ئاساس سېلىشقا تىرىشماقتا.

تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە ئانا تىلى تۈركچە ۋەياكى باشقا چەتئەل تىلى بولغانلار ئۈچۈن، بۇرۇنقى تەجرىبىلىرىمىزگە ئاساسەن «ئۇيغۇر تىلىدىن ئاساس» دەرسلىكىدىن ھەپتىدە 2 قېتىم، 3 سائەتتىن جەمئىي ئالتە سائەت 3 ئايلىق كۇرس ئېچىلماقچى. ئۇيغۇر تىلى ئۆگۈنۈش ئارزۇسى بولغان تۈركى ۋەياكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچى، دوست- بۇرادەر، تۇنۇش- بىلىشلىرىڭلار بولسا، ئۇلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز.

باشقا چەتئەل تىلى  ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ تەلەپلىرىگە بىنائەن، ھەپتە ئاخىرى ۋەيا ھەپتە ئىچىدىكى مۇۋاپىق زامانغا، ئوقۇغۇچىلار بىلەن كېڭىشىپ بىرلىك ھاسىل قىلىپ بېكىتىلىدۇ.

ئوقۇغۇچى- ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچى ۋە سودىگەر- تىجارەتچىلەردىن ھەرقاندىغى كۇرسىمىزغا تىزىملاتسا بولىدۇ. پىشقان، تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ چەتئەل تىلى ئۆگۈنۈش تېخنىكىلىرى بىلەن سىزنىڭ ئۆگۈنۈش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلىرىڭىزگە توغرا مەسلىھەت بېرىپ، يىتەكلەپ مېڭىش ئۈچۈن  سىزگە قولىدىن كېلىشىچە مەنىۋى ياردەمدە بولۇشقا تىرىشىدۇ.

ھەپتىدە 6 سائەت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، بىر ئىككى يىل ئۈزلۈكسىز دەرس ئاڭلاپ، مەشىق قىلىش ئارقىلىق ھاياتىڭىزغا تېخىمۇ كۆپرەك مەنا قېتىش ۋە ئۇچۇرلاردىن تەرجىمانسىز بەھرىمەن بولۇپ، باشقىلاردىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرى ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇپ، تالانتىڭىزنى جەۋلان قىلىشنى نېمىشقا ئويلىمايسىز؟  «بىر تىل بىر ئىنسان، ئىككى تىل ئىككى ئىنسان»، ئۆزىڭىزنى كۇلۇنلاشنىڭ ئورنى يوق، تېخىمۇ كۆپرەك چەتئەل تىلى ئۆگۈنۈشكە ۋاقىت ۋە ئىقتىساد ئاجراتسىڭىزلا كۇپايە. دۇنيا تارلىشىپ، كىچىك كەنت ھالىغا كەپ قالغان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە، ئىككىنچى بىر تىلى بولماسلىق ساۋاتسىزلىقتىن دېرەك بەرمەكتە. قارار سىزنىڭكى، سىزگە مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمىز.

ئېچىلماقچى بولغان كۇرسلار: ئۇيغۇر تىلى، تۈرك تىلى، ياپۇن تىلى، ئىنگلىز تىلى. ھەپتىدە 2 قېتىم 3 سائەتتىن جەمئىي 6 سائەت دەرس ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ

ئالاقە تەپسىلاتلىرى:

 

    Uygur Akademisi / Uyghur Academy / ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

Add: Şehrimeni  Mah. Börekçi Veli Sok. No:38/4, Çapa, Fatih, İstanbul /Türkiye

www.akademiye.org    E-mail: uyghuracademy@gmail.com

Tel/Fax: 0090-212 589 7667, Mobile: 0090- 537 811 2235 / 0090-507 134 6121

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1177

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش