ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇيغۇرلاردىكى يەرلىك مەشرەپلەر ھەققىدە ئىزدىنىش –ئاتۇش باراۋەت مەشرىپى ھەققىدە (مۇختەرجان توختى بۇغراخان)

ئۇيغۇرلاردىكى يەرلىك مەشرەپلەر ھەققىدە ئىزدىنىش –ئاتۇش باراۋەت مەشرىپى ھەققىدە (مۇختەرجان توختى بۇغراخان)

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

image
مۇھىم مەزمۇنى: «باراۋەت مەشرىپى» ئىجادچان، ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەلئارا مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. مەزكۇر ماقالىدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسى بولغان ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ بىر تۈرى بولغان «باراۋەت مەشرىپى» نىڭ كېلىپ چىقىشى، تۇرلىرى، ئېلىپ بېرىلىش تەرتىۋى، رولى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: مەشرەپ؛ ئاتۇش،؛باراۋەت
مەشرەپ  دىگەن نىمە؟
مەشرەپ ـ ئەجدادلىرىمىز ئىجاد قىلغان ، ئۈزلۈكسىز بېيىتقان كاتتا سەنئەت مىراسى بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ ھاياتى ۋە تىرىكچىلىكىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن سەنئەت شەكلىدۇر.
مەشرەپنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقتى گەرچە ھېيت- ئايەملەرنىڭكىدەك ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن مەشرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ شادلىق بايرىمى. چۈنكى، ئۇنىڭدىكى ۋاقىتتىن تارتىپ ئىپادىلەشكىچە ئىختىيارىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. مەشرەپ ئادەتتە يازدا ھويلا- ئاراملاردا، قىشتا كەڭرەك قورۇ- جايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەشرەپ يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان ئەر- ئايال، ئەل ئاۋام تەڭ ئىشتىراك قىلىدىغان ئاممىۋى سورۇن بولۇپ، مەشرەپكە قاتنىشىدىغان ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ.
مەشرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ئوچىقى. ئۇيغۇرلار ئاشۇ مەشرەپلەردە ئالدىنقىلارنىڭ ساز چېلىش، مۇزىكا ئورۇنداش ۋە ئۇسسۇل ئويناش جەھەتتىكى ماھارىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق مىللىي خاس سەنئەت قارىشى ۋە سەنئەت ئادىتىنى ھەم ئېتنىك چۈشەنچىسىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن خاسلىق ھاسىل قىلغان. خەلق سەنئەتكارلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغان مەكتەپ، كۆڭۈل ئاچىدىغان ئېستېتىك تەربىيە سورۇنى. مەشرەپتە ئاساسلىق داپ، دۇتتار، تەمبۇر، غىجەك، ساتتار، نەي، راۋاب قاتارلىق 10 نەچچە خىل ساز- مۇزىكا تەڭكەش قىلىنىدۇ. بەزى سورۇنلاردا شوخ سازەندىلەر تاش، قوشۇق قاتارلىقلارنى جۈپلەشتۈرۈپ، ئۇلارغا ماس چاقىلدىتىپ ئۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن سورۇن كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ. بۇنداق چاغدا ھاياجانلانغان، شادلانغان بايمۇ، گادايمۇ، بالىلارمۇ ھەتتا ئاقساق- چولاق، بوۋاي، مومايلارمۇ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئۆز ھېسسياتىنى، شادلىقىنى ئۇسسۇل بىلەن ئىپادىلەيدۇ. مۇبادا ئوينىغۇچىنىڭ پۇت- قولى سازنىڭ ئۇدارىغا كەلمەي، قاملاشتۇرالماي قالسىمۇ ھېچكىم «ئوينىيالمايدىكەنسەن» دەپ سورۇندىن چىقىرىۋەتمەيدۇ. چۈنكى، مەشرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ساز، مۇزىكا ئاڭلاپ ئۇسسۇل ئۆگىنىدىغان مەكتىپى. ئۇنىڭغا ھېچقانداق بەدەل كەتمەيدۇ. بالىلار ئاتا- ئانىلىرىغا ئەگىشىپ مەشرەپكە تۇنجى بارغاندىن تارتىپ تا قېرىغىچە بۇ سورۇندىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «تىلى چىقسىلا ناخشىچى، ئايىقى چىقسىلا ئۇسسۇلچى» بولۇپ كېتىشىنىڭ تۈپ مەنبەسى.
مەشرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئەدەب-ئەخلاق، قائىدە- يوسۇن ئۆگىتىدىغان مەكتەپ. ئۇيغۇرلاردا: «بالاڭنى چوڭ قىلىپ مەكتەپكە بەر، مەكتەپتىن يانغاندا مەشرەپكە بەر»، «ئالىم بولاي دېسەڭ مەكتەپكە بار، ئادەم بولاي دېسەڭ مەشرەپكە بار» دېگەندەك ئەقلىيە سۆز ۋە ماقال بار. ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان خەلق بولۇپ، پەرزەنتلىرىنى مەشرەپكە ئاپىرىپ ئەدەب- ئەخلاق، قائىدە- يۇسۇن ئۆگىتىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئەخلاقسىز، قائىدە- يوسۇندىن چەتنىگەن سوغ نەپەس، قىلىقى سەت بالىلارنى كۆرسە، چوڭلار «مەشرەپ كۆرمىگەن» دەپ ئەيىبلەيدۇ. شۇڭا، ئاتا- ئانىلار ئوغۇللىرى بويىغا يەتكەندە، بالىلىرىنى مەشرەپ ئەھلىگە قوشۇپ مەشرەپكە ئەۋەتىش ئارقىلىق، ئۇلارغا ئەدەب- ئەخلاق تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنى كوللېكتىپ پائالىيەتتە تەربىيەلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەن. پەرزەنتلەر مەشرەپتىكى مېھمان كۈتۈش، داستىخان سېلىش، داستىخان سورۇنىدىكى قائىدە- يوسۇن، ئەدەب-قائىدىلەر، مۇزىكا چېلىش، ناخشا ئېيتىش، بىر- بىرىنى ئۇسسۇلغا تارتىش، سورۇن ئىنتىزامى دېگەندەك ئەمەلىي پائالىيەتتىن بىۋاسىتە تەربىيە ئالىدۇ. ئۇلاردا ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، ئەخلاقلىق، ئەدەبلىك، قائىدە- يوسۇنلۇق بولۇش، ئۆزئارا ئىناق- ئىجىل بولۇش ئېڭى يېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەردلىك، سېخىيلىق داستىخانلىرىنى كۆرۈپ، چىدام جاسارىتىنى تاۋلاپ، مەرد- سېخىي، مېھماندوست، چىداملىق، قەيسەر كىشىلەردىن بولۇپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەشرەپ ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھازىرقى زامان مەكتەپلىرىدىكى ئېتنىك تەربىيە ۋە ئىدىيە- ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ رولىنى ئوينىغان.
ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئېسىل ئەخلاق قۇرۇلمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ھازىرقى زامان مائارىپ تەربىيەسىدىن ئارتۇقراق رول ئوينىغان سەييارە ئەخلاق دەرسخانىسى. ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ مەردلىك، سېخىيلىقىنى سىنايدىغان تارازا. چىدام جاسارىتىنى تاۋلايدىغان ئوچاق،
مەشرەپ ـ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا تارقالغان بولۇپ، ھەرقايسى يۇرتلاردا ئوخشىمىغان مەزمۇن ۋە شەكىلگە ئىگە. ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلىشىپ ياشايدىغان ماكاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، ئىجتىمائىي مۇھىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى، ئۆرپ- ئادەت شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن، ھەرقايسى رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان مەشرەپلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئاتۇش باراۋەت مەشرىپى ئۆزگىچە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرىدۇر.
«باراۋەت» دېگەن سۆز «باراۋەر» ۋە «ئەت» دېگەن ئىككى سۆزدىن تەشكىل تاپقان. «باراۋەر» سۆزى تەڭلىك، ئۆلچىمى، سانى، ھەجىمى، مىقىدارى، قىممىتى، چوڭ- كىچىكىلىكى، ئەھمىيىتى، تەڭ پەرق، بىردەك، بىر پەيتتە، بىر مەزگىل، بىر ۋاقىتتا دېگەندەك مەنىدە باراۋەرلىكنى كۆرسەتسە، «ئەت» سۆزى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ «گۆشنى تەڭ تەقسىم قىلىدۇ»، «گۆش بىر پەيتتە ئۆلچەم بىلەن تەڭ تەقسىم قىلىندۇ» دېگەنلىك بولىدۇ. «باراۋەت» بىز ھازىر دەپ كېلىۋاتقان كىم ئارتۇق سودىسىنىڭ ئەڭ قەدىمكى شەكلى بولۇپ، قوينىڭ تۆش، بويۇن، بۆرەك، ياغ، تېرە قاتارلىق مۇھىم ئەزالىرى كىم ئارتۇق سودىسى سورۇنىغا قويۇلىدۇ. بۇ مەشرەپ شىنجاڭدىكى باشقا يۇتلاردا يوق دېيەرلىك بولۇپ كەتتى، ئەمما ئاتۇشتا يەنىلا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ قىز- يىگىت تويىدا بۇ مەشرەپ چوقۇم ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ مەشرەپ توغرىسىدا تولۇق چۈشەنچە بېرىشكە قۇربۇم يەتمەيدۇ، ئەمما چوڭلاردىن ئاڭلىۋالغىنىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن: ئاڭلىشىمچە، بۇ مەشرەپتە كىم ئاشتى قىلىش پائالىيىتىگە ئوخشاش بىر سورۇن ھازىرلىنىدىكەن، ئاندىن پىشۇرۇلغان بىر قانچە قوينىڭ گۆشى تۈرگە بۆلۈنۈپ شۇ سورۇننىڭ ئۆزىدىلا كىم ئاشتى قىلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن كىرگەن كىرىم ئوقۇ- ئوقۇتۇش ۋە يېتىم- يىسىرلار ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بېرىلىدىكەن. مۇشۇنداق سورۇندا ئادەتتىكى 1000 يۈەن ئەتراپىدىكى قوي نەچچە مىليوندىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان ئەھۋاللار بولىدىكەن. ئەمما قىز- يىگىت تويىدا ئوينىلىدىغان باراۋەت مەشرىپى يۇقىرىدىكىدىن ئازراق پەرقلىنىدۇ، قىزنى كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن، كەچقۇرۇن يىگىتنىڭ دوستلىرى يىغىلىپ بىر قانچە قوينى سويۇپ بىرلىكتە كىچىك كۆلەمدىكى باراۋەت مەشرىپى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنداق يۇقىرى باھادا كىم ئاشتى قىلىنماي مۇۋاپىق مىقداردا قىلىنىدۇ. بۇ، بىرخىل كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلسا كېرەك. ئاتۇش خەلقى مەشرەپ ئويناشقا ناھايىتى ئامراق بولۇپ، ئاساسلىق ئوينايدىغان مەشرىپى ناخشا ئۇسسۇللۇق مەشرەپ، دولان مەشرىپى، ناماقۇللۇق مەشرىپى ۋە مۇشۇ مەشرەپلەر بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان «باراۋەت مەشرىپى»دۇر. «باراۋەت مەشرىپى»نىڭ ئەڭ قىزىق نۇقتىسى بولغان «تۈۋرۈك سېلىش» پائالىيىتىگە ئاساسلىقى يۇرت كاتتىلىرى قاتنىشىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ئىچكىرى ئۆلكىلەر ھەتتا چەت ئەللەردە سودا قىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلىسىلا، ئۇلار ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي قايتىپ كېلىپ قاتنىشىدۇ. مەشرەپ باشلىنىشتىن ئىلگىرى يۇرت چوڭلىرى، يۇرت كاتتىلىرى، باي سودىگەرلەر ئارىسىدىن بىرسىنى مەشرەپنى باشقۇرۇش ئۈچۈن يىگىت بېشى قىلپ سايلايدۇ. يىگىت بېشىنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداشقا تۈۋرۈك بېگى سايلاپ چىقىلىدۇ. يىگىت بېشى مەشرەپتىكى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. تۈۋرۈك بېگى مەشرەپ تەرتىپىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ.
مەشرەپكە باراۋەت قىلىش ئۈچۈن يۇڭى قىرقىلمىغان قوزا ياكى ئوغلاق سويۇلىدۇ. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە ئوغلاق توغرىسىدا مۇنداق بايان بار: «ئەركەچ گۆشى ھەم بولار، ئەچكە گۆشى يەم بولار. يۇڭىنى قىرقىمىغان قوزا ياكى ئوغلاقنى سويۇشنى شەرت قىلىش، خەلقىمىزنىڭ سالامەتلىككە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىغانلىقىنىڭ شاھىدىدۇر.
«باراۋەت» توغرىسىدا تارىخىي ماتېرىياللاردا مۇنداق دېيىلگەن: سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان (ئابدۇكېرەم) ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە، قېلىپلاشقان تۈر پائالىيتى بولغان باراۋەت مەشرىپى 980- يىللاردىن باشلاپ ئوينىلىپ كەلمەكتە. قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلاپ 1000 يىللىق تارىخقا ئىگە.(بۇ باياننىڭ تارىخى ئاساسى؟ئىزاھات؟) بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇنداق كاتتا پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلمايتتى، چۈنكى، قۇللۇق ۋە قۇلدارلىق جەمئىيەتتە ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى، چۈنكى بۇ باراۋەت پائالىيىتىدە بوردالغان قويلارنى سويۇپ، ئەل- جامائەت يۇرت- كەنىتلەرگە جەم بولۇپ، يۇرت ئاقساقاللىرى يۇرتنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن، پىشۇرۇلغان گۆشنىڭ بىر قىسمىنى تۆرە قىلىپ، چۈشكەن پۇلنىڭ بىر قىسمىنى قوي ئىگىسىگە، ئارتۇقچە قىسمىنى خەير- ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ كەلگەن. كەنت- مەھەللىلەردىكى ئاجىز، يېتىم- يىسىرلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەن. باراۋەت مەشرىپى ئاساسلىقى ھەزرىتى سۇلتان دەۋرىدىن قالغانلىقى، كۆپرەك ئوينىلىشى بىلەن شىنجاڭدىكى 40 نەچچە مەشرەپنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.(يۇقۇرقى باياندىكى پىكىرلەردە زىتلىق بار، قايىل قىلارلىق ئەمەس.) شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتۇش باراۋەت مەشرىپىدە ئاساسلىقى تۆرە ئويناش (كىم ئاشتى) ئۇسسۇلى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بولۇپمۇ ئاتۇش شەھرىگە قاراشلىق ئازاق يېزىسى، كاتتا يايلاق يېزىسى، ئاغۇ يېزىسى، سۈنتاغ يېزىسى، ئۈستۈن ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا ئاساسلىقى سۈننەت توي، قىز- يىگىت تويىدا باراۋەت مەشرىپى ئۆتكۈزۈلىدۇ. يەنە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككي، قىز- يىگىىت تويىدا يىگىت قولدىشىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھەقىقىي دوستلۇقىنى سىناشتىن باشقا يەنە توي قىلغان قىز- يىگىتنىڭ بىر ئۆمۈر بىللە ياخشى ئۆتۈپ كېتىشى مەقىسىتىدە توي كۈنى ئاتۇش شەھرىنىڭ كاتتا يايلاق يېزىسى ۋە باشىقا يېزىلىرىدا باراۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىگىتنىڭ يېقىن دوست– ئاغىينىلىرى بىر داستىخانغا جەم بولۇپ يىگىت قولدىشىغا قوينىڭ تۆش ياكى بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئالدۇرىدۇ ھەم شۇ باراۋەتتىن يىغىلغان پۇلنىڭ بىر قىسمى ۋە ئۆي ئىگىسىگە قالغان قىسمىنى توي قىلغان يىگتىكە بېرىدۇ. يەنە ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى كەچتە يۇرتتىكى ياشلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئاتۇش شەھىرىنىڭ كاتتىيايلاق يېزىسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن يەرلىك قارا قوچقار ياكى ئوغلاقنى سويۇپ، ئەل- دوستلارغا، يۇرت ئاقساقاللىرىغا داستىخان سالىدۇ. مەشرەپ ئۈچۈن باراۋەت قىلىنغان مالنىڭ سانىمۇ ئەجدادلىرىمىز ئۇلۇغلايدىغان «بەش»، «يەتتە»، «توققۇز»، «قىرىق» دېگەن ساننىڭ بىرى بولىدۇ. باراۋەت قىلىش ئۈچۈن سويۇلغان قوينىڭ گۆشى پىشىپ مەشرەپ سورۇنىدا ھازىر بولغىچە، مەشرەپ ئەھلى ئەلنەغمە قىلىپ مەشرەپ سورۇنىنى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ.
«باراۋەت» ــ ئەسىرلەردىن بۇيان ئاتۇش خەلقى ئارىسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەشرەپ تۈرى. باراۋەت ئۈچۈن سويۇلىدىغان قوينىڭ گۆشى پىشىپ بولغاندىن كېيىن، مەشرەپنىڭ ئەڭ قىزىق نۇقتىسى بولغان تۆرە سېلىش باشلىنىدۇ. يىگىت بېشى تۆرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ، تۆرە سېلىشنى باشلايدۇ.
ـ ھۆرمەتلىك يىگىت بېشى! قازاندىكى يەتتە قارا قوچقارنىڭ گۆشى پىشتى، ئەمدى تۆرە ئويناشنى باشلاشقا ئىجازەت بەرگەن بولسىلا؟ (دەپ يىگىت بېشىدىن سورايدۇ)
ـــ يىگىت بېشى: ئىجازەت! (دەپ ماقۇللۇق بىلدۇرىدۇ)
ـ پاششاپ: بۆرەك، ياغ، گۆش، تېرە، بويۇن، تۆش قاتارلىق ئەزالار ئايرىم- ئايرىم ھالدا تۆرە قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن تىرە، بۇ يەتتە قوچقارنىڭ پالاستەك كەڭ- كەڭ تېرىسى بولۇپ، يۇڭى قىرقىلمىغان، تەڭگەتاغنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، تەڭگەتاغنىڭ گۈل- چىچىكىنى يەپ چوڭ بولغان پاقلانلارنىڭ تېرىسى، قېنى ئەركەكلەر! ئۈچ يۈز يۈەن بىر، 300 يۈەن ئىككى…
ئارىدىن بىرى چىقىپ 700 يۈەن دەپ باھا تالىشىدۇ، كېيىن يەنە بىرى چىقىپ 750 يۈەن… بۇ تېرە شۇنداق قىلىپ كىم ئارتۇق قىلىنىپ، 3000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە باھا تالاشتۇرۇلۇپ سېتىلىدۇ. قالغان ئەزالىرىمۇ ئۇنىڭدىن يۇقىرى باھادا 30 مىڭ يۈەنگىچە بولغان ئارىلىقتا باھا تالاشتۇرۇلۇپ سېتىلىدۇ.
ئېيتىش كېرەككى، باراۋەتتىكى «تۆرە قىلىش»نىڭ مەزمۇنى باشقىچىرەك بولۇپ، كىم ئارتۇق قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا قوينىڭ بۆرەك، ياغ، گۆش، تېرە، بويۇن، تۆش قاتارلىق مۇھىم ئەزالىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا كىم ئارتۇق سودىسى سورۇنىغا قويۇلۇپ، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىۋاتقان ۋاقىتتا مەشرەپ سورۇنى ۋە مەشرەپ ئەھلى شۇنچىلىك جىددىي ھالەتكە ئۆتىدۇ. كىم ئارتۇق قىلىش باراۋەت مەشرىپىنىڭ ئەڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ، مەشرەپ ئەھلى كىم ئارتۇق قىلىشقا قاتنىشىش ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىغا ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سېخىي مەردلىكىنى، مېھىربانلىقىنى، ئاۋام ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئادىمىيلىكىنىڭ يارقىن بەلگىسىنى يارىتىپ بېرىدۇ. كىم ئارتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كىم ئارتۇق قىلىنغان قوي گۆشى مەشرەپكە قاتناشقان مەشرەپ سانىغا قاراپ بىر ئۈلۈشتىن پارچىلىنىپ، مەشرەپ ئەھلىگە بۆلۈپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەشرەپ ئەھلىنىڭ ئالدىدىلا باراۋەتتىن چۈشكەن پۇل مەشرەپ ئەھلىگە جاكارلىنىپ، يېتىم يىسىرلارغا، كەمبەغەللەرگە، ئاجىز مىسكىنلەرگە، تۇل خوتۇنلارغا، شۇنىڭدەك كۆۋرۈك سېلىش، ئەھمىيەتلىك كىتابلارنى كۆچۈرگۈزۈپ قويۇشتەك ساۋابلىق، ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
دېمەك، «باراۋەت مەشرىپى» كىشىلەرنىڭ تەۋەككۈلچىلىكىنى، سېخىي- مەردلىكىنى، ساخاۋەتچىلىكىنى، ئىلىمگە تەشنالىقىنى سىنايدىغان كاتتا سورۇن بولۇپ، ئۇ مەشرەپ ئەھلىنىڭ ئىجتىمائىي كۈچ سۈپىتىدە ئۇيۇشۇپ، ئاجىز، مىسكىنلەرگە ياردەم بېرىشكە ئوخشاش ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىشىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، باراۋەت مەشرىپى ئارقىلىق ئاجىز-مىسكىنلەرگە، ئوقۇشسىز قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەشرەپ ئەھلىنىڭ دائىملىق ئىشىغا ئايلانغان. مەشرەپكە قاتناشقان ساخاۋەتلىك، مەرد- سېخىي كىشىلەر مۇشۇ ئۇسۇلدا مېھىربانلىق يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۆز يۇرتىدا تېخىمۇ زور ئىناۋەت تىكلەپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. قىسقىسى، مەشرەپتە كىم ئارتۇق سودىسىغا قاتناشقان ساخاۋەتلىك كىشىلەر ئاجىز مىسكىنلەرنىڭ بېشىنى سىلاش ئارقىلىق، ئادىمىيلىكنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى يارىتىدۇ. «باراۋەت مەشرىپى» ــ دوستلۇق ئەلچىسى سۈپىتىدە ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق كۈيىنى ياڭرىتىپ، دوستلار ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان دوستلۇق سورۇنىغا ئايلانغان. باراۋەت مەشرىپىگە ئاتۇش خەلقىدىن باشقا يەنە باراۋەت مەشرىپىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەنگەن باشقا يۇرتتىكى مەشرەپخۇمار ساخاۋەتلىك كىشىلەرمۇ ئالاھىدە كېلىپ قاتنىشىدۇ. مەشرەپكە قاتناشقان پۈتۈن مەشرەپ ئەھلى ئۆزئارا تونۇشۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، بىر-بىرى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىدۇ. دېمەك، باراۋەت مەشرىپى ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ نەمۇنىسىنى يارىتىپ بېرىدۇ.
باراۋەت مەشرىپى يەرلىك خاسلىقى بىلەن ئالاھىدە ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاممىۋى، ئەڭ باي مەزمۇنلۇق مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ يەتتە ياشتىن 70 ياشقىچە ئەل ئاۋام تەڭ ئىشتىراك قىلىدىغان، مۇقاملار ۋە خەلق ناخشىلىرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنىپ، ئەلنەغمە، غەزەل- قوشاق، ئۇسسۇل، بېيىت، قىزىقچىلىق، چاقچاق ۋە ھەرخىل ئويۇن بىلەن تەركىبلەنگەن سورۇندۇر. بۇ مەشرەپ سورۇنى ھەربىر مەشرەپ ئەھلىگە ئۆز قابىلىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىپ ھالدا پۇرسەت ۋە سورۇن ھازىرلاپ، ساز چالالايدىغانلارغا ساز چېلىش پۇرسىتى، ناخشا ئېيتالايدىغانلارغا ناخشا ئېيتىش پۇرسىتى، ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغانلارغا ئۇسسۇل ئويناش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ياخشى مەيدان ھازىرلاپ بەرمەكتە، شۇنداقلا ياش- ئۆسمۈرلەرگە ئەدەب- ئەخلاق ئۆگىتىدىغان سورۇن بولۇپ كەلمەكتە، ھەرخىل شەكىل ۋە مەزمۇندىكى باراۋەت مەشرىپى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتلىق سەرگۈزەشتىلىرى بىلەن سىڭىشىپ، كۆڭۈلنى شادلاندۇرۇش، جاپا- مۇشەققەتلەرنى يېڭىش ئىرادىسىنى تىكلەش، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.

پايدىلانمىلار
1. ھاجى مۇختار بۇغرا-ئاتۇش: «جۇڭگو ئۇيغۇر مەشرەپلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2009-يىلى 8-ئاي نەشرى، 361-بەت.
2. ئەكبەر نۇرۇللا: «ئاتۇشلۇقلارنىڭ ‹باراۋەت مەشرىپى›توغرىسىدا»، قىزىلسۇ ئەدەبىيات ژۇرنىلى، 2001-يىللىق 2-سان.
4 . «دۇنياۋى مىراس-مەشرەپ»، مىراس ژۇرنىلى، 2001-يىللىق 1-سان.
5.. نىياز ئىمىن: «مەشرەپ ھەققىدە ئويلىغانلىرىم»، مىراس ژۇرنىلى، 2005-يىللىق 4-سان.
6. تۇرسۇن مۇھەممەد ساۋۇت ئۈمش: «ئۇيغۇر فولكلور»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2003-يىلى 12-ئاي نەشرى، 254~ 259-بەتكىچە.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1108

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش