ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » بۈيۈك ئۇيغۇر پەلسەپە ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ

بۈيۈك ئۇيغۇر پەلسەپە ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىردىكى بۈيۈك، مۇتەپپەككۈر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىگاھى قەشقەر شەھىرىدىكى ئەسكىھىسار قەدىمكى شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان «پايناپ» يېزا تەۋەسىدىكى «ئالتۇنبېلىق» تا ئىكەنلىكى تارىختىن بۇيان ھەممىگە ئايان. بۇ قىل سىغمايدىغان ئەمەلىي پاكىت. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى كىشىلەر: «بۇ قەبرىگاھ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەمەس، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىمنىڭ ئىدى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلاد ساغۇنلۇق بولغاندىن كېيىن، قەبرىگاھىمۇ بىلاد ساغۇندا بولىشى كېرەك.» دېگەن دەۋالاردا بولۇپ، جامائەتچىلىك ئارىسىدا بەزى مۈجىمەل قاراشلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ كىشىلەر يۇقۇرىقىدەك ئاساسسىز دەۋالاردا بولۇشقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنىڭ ئورنى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر پاكىت ئاساسنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. مانا بۇ يۇقۇرىدىكى دەۋانىڭ يالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
قايتا ياساپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىغا ھۇل قويۇشتىن ئىلگىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، باشقۇرۇش ئورنى 3 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئاجرىتىپ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنىڭ ئورنىغا دائىر بىرمۇنچە پاكىتلارنى توپلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئالىم، مۇتەخەسىسلەرنى ئەۋەتىپ، پاكىتلارنى دەلىللەش خىزمىتىنى ئېلىپ باردى. ئالىم ۋە مۇتەخەسىسلەر پاكىتنى تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تېپىلغان ھۆججەتلەرنىڭ ھەقىقىيلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
ھازىر قولىمىزدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھىجىرىيە 410- يىلى بالا ساغۇندا تۇغۇلۇپ، ھىجىرىيە 478- يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغانلىقى، جەسىتىنىڭ دەسلەپ قەشقەر شەھىرىنى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا كېسىپ ئۆتىدىغان تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى دۆلەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق «بارىگاھ» دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغانلىقى، ھىجىرىيە 514- يىلى ئۇ جايدىن ھازىرقى «ئالتۇنبېلىق» قا يۆتكەپ دەپنە قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خېلى كۆپ پاكىتلار ساقلانماقتا. مەن ھازىرغىچە بۇ پاكىتلاردىن 19- ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان ئىككى پارچە ھۆججەتنى جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
بىرىنچى ھۆججەت «بەھرۇل-ئەنساب» (نەسەب دەرياسى) ناملىق ئەسەر بولۇپ، بۇنى 19- ئەسىردە قەشقەردە ياشىغان ئۇيغۇر شائىرى ئېمۇر ھۈسەيىن سەبۇرى تۈزگەن. بىراق، سەبۇرىنىڭ ئۆمرى «بەھرۇل-ئەنساب» نى ئاخىرلاشتۇرۇشقا يار بەرمىگەنلىكتىن، شاگىرتى قازى مۇھەممەت سايىم سۇفىئاللايارىغا ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاپشۇرغان. ھەمدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋاپات بولغان يىلنامىسىنى، قەبرىگاھ ئورنىنى شۇ ئەسەرگە كىرگۈزۈپ قويۇشنى ۋەسىيەت قىلغان. قازى مۇھەممەت سايىم سوفىئاللايارى ئۇستازى سەبۇرىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن «بەھرۇل-ئەنساب» نىڭ ئەڭ ئاخىرىسىنىڭ سول بۇرجىكىگە: «ئەز ھەزرىتى يۈسۈف خاس ھاجىپ دەرسىنە چەھارسەد ھەجتاد ھەشت ھىجىرىيە ۋەفات شۇدە. قەبرى شىمالىي كۇھنە ھىسار زەمىنى فابى ئاب مەدفۇن شۇدەست، ئامىن. مىن شەيخى دۇئاگۇي مۇھەممەت سائىم سۇفى ئاللايارى سۇبھۇ شام، بەلكى ئەلەددۋام مەرازى مەزكۇر سېھتەن بۇزۇرۇكۋار روھى پۇرفۇتۇھ دۇئايى قۇرئان مىكۇنەم»، دەپ يېزىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋاپاتىنىڭ ھېجىرىيە 478- يىلى ئىكەنلىكىنى، قەبرىگاھنىڭ شىمالىي كوھنە ھىساردىكى «فايى ئاب» تا ئىكەنلىكىنى، بۇ قەبرىگاھتا يەنە يۈسۈپ قىدىرخان غازى پادىشاھىنىڭ ۋە يۈسۈپ قىدىرخان ئىسىملىك شاھزادىنىڭ مازىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىزاھلىغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، يۈسۈپ قىدىرخان مىلادى 1040- يىلى غەربىي قاراخانىيلار زېمىندىن شەرقىي قاراخانلار زېمىنىگە قېچىپ كەلگەن يۈسۈپ ئىبنى ئەلى ئىسىملىك شاھزادە ئىكەن. قارى مۇھەممەت سايىم سوفى ئاللايارى «بەھرۇل- ئەنساب» نىڭ ئاخىرقى بېتىنىڭ، تۆۋەنكى ئوڭ بۇرجىكىگە: «ئەر ھەزرىتى ساھىب قەلەم ئۇستازىم موللا مىر ھۈسەيىن سەبۇرى بۇ مەزكۇر ‹بەھرۇل- ئەنساب› نىڭ تەمامىغە يۈسۈج خاس ھاجىپنىڭ قەبرى شەرىفىلىرى شىمالىي كۇھنە ھىسادۇر. مەزافىئىي فايى ئابتا مەدفۇن ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىپ، يېزىپ تاماملاشنى پەقىرگە تەماملاشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇستازىم مەرھۇم موللا مىر ھۈسەيىن سەبۇرىنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن يۈسۇف خاس ھاجىپنىڭ دەفىنگاھىنى بۇ ‹بەھرۇل- ئەنساب› قا كىرگۈزۈپ، جامائە مۇسۇلمان، ئەۋلادى تۈرك خەلقلىرىگە يادىكار قىلدىم. قازى مۇھەممەد سايىم سۇفى ئاللايارى» دەپ يېزىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتىنى، قەبرىگاھىنىڭ ئورنىنى، كىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، نېمە سەۋەبتىن بۇ «بەھرۇل- ئەنساب» قا كىرگۈزۈپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ قازىلىق مۆھىرىنى باسقان.
ئۇزۇنلۇغى 8.20 مېتىر، كەڭلىكى 26 سانتىمېتىر كېلىدىغان بۇ «بەھرۇل- ئەنساب» نى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان قەشقەر كونىشەھەر ناھىيە قوغان يېزىسىنىڭ ئاياقچىلا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۆلىما شائىر ئابدىرىھىم ھاجىم ساقلاپ كەلگەن. (1877- 1845- يىللار). ئابدىرىھىم ھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇ «بەھرۇل- ئەنساب» مەرىپەتسۆيەر ئوغلى مۇھەممەتئىمىن قارىمغا مىراس قالغان. 1965- يىللاردا بۇ «بەھرۇل- ئەنساب» مۇھەممەتئىمىن قارىمنىڭ قولىدىن 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا ياشىغان تارىخچى ئالىم تالانتلىق شائىر ئېمىر ھەسەن قازى ھاجىم (1900- 1985-يىللار) نىڭ قولىغا ئۆتكەن. مەرھۇم ئىمىر ھەسەن قازى ھاجىم 1985- يىلى بۇ «بەھرۇل- ئەنساب» نى ئاۋۋال قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، باشقۇرۇش ئورنىغا، كېيىن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكاددىمىيىسىگە تەقدىم قىلغان. بۇ «بۇھرۇل ئەنساب» ھازىر شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكاددىمىيىسىنىڭ ماتېرىيال بۆلۈمىدە ساقلانماقتا.
ئىككىنچى ھۆججەت: «قەلەمىي قۇرئان» (كىتابنى تىزىمغا ئېلىش جەريانىدا قويۇلغان ئىسىم بولۇپ، ئەسلى قۇرئاندا بۇ ئىسىم بۇ مەۋجۇت ئەمەس. قۇرئان قولدا، قۇمۇش قەلەمدە خوتەننىڭ يىپەك قەغىزىگە خوش خەت قىلىپ يېزىلغانلىقتىن، تىزىمغا ئالغۇچىلار شۇنداق دەپ نام قويغان بولسا كېرەك. ئاپتوردىن) بولۇپ، خوتەندىن تېپىلغان. بۇ قۇرئاننى خوتەنلىك بىر يارى بۇرادەر ئېمىر ھەسەن قازى ھاجىمغا ھەدىيە قىلغان. ئېمىر ھەسەن قازى ھاجىم بۇ قۇرئاننى 1984- يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، باشقۇرۇش ئورنىغا تەقدىم قىلغان.
قۇرئان 726 بەت بولۇپ، ئۇزۇنلۇغى 34 سانتىمېتىر، كەڭلىگى 22 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 6 سانتىمېتىر، ھەر بىرىدە 13 قۇردىن خەت بار. قۇرئاننىڭ تاش مۇقاۋىسى بىلەن باشتىكى ئىككى بېتى يوقالغان. قۇرئاننى ساقلىغۇچى تاش مۇقاۋىسىنى ھازىرقى زامان رەختىنى ئىشلىتىپ قاتتىق قەغەز بىلەن مۇقاۋىلاپ قويغاندىن باشقا، ئىچ بېتىگە: «قۇرئاننى بىتەرەت قولغا ئالساق گۇناھكار بولىمىز» دېگەن خەتنى ۋە يوقالغان ئىككى بەت ئورنىغا: «سۈرە فاتىھە» بىلەن «سۈرە ئەلىف، لام، مىم» نى خۇش خەت قىلىپ يېزىپ، تولۇقلاپ قويغان. قۇرئاننىڭ ئاخىرىدا يەنە ئەسلى كۆچۈرگۈچى كاتىپ تەرىپىدىن يېزىپ قويۇلغان «ئەللاھۇممە ئەنفەئىنا» دېگەن دۇئا بار.
بۇ قۇرئاننى قەشقەر شەھىرىنىڭ تاشقىرىقى سېپىلىنى سوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مىلادى 1835- يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ، ئەڭ كەم دېگەندە 155 يىللىق تارىخقا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ قۇرئان ئەسلىدە 1830- يىلىدىن 1848- يىلىغىچە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھېكىمبەگلىككە ئەۋەتىلگەن زوھۇرىدىن ھېكىمنىڭ دىۋانىدىكى كىتاب بولۇپ، بۇ كىتابنى زۇھورىدىن ھېكىمبەگ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىغا چىقىپ، ئون بىر كۈن ئېئىتىكاپتا ئولتۇرۇپ، ئىستىخارە قىلىپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ تاشقىرىقى شەھەر سېپىلىنى سوقسا خەيرلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇش-خەۋەر بىشارىتىنى ئېلىپ كەلگەن شۇ زاماننىڭ مەشھۇر مۆتىۋەر ئۆلىمالىرىدىن نېئىمەتۇللا كاشىغەرىغە تەقدىم قىلغان. زۇھورىدىن ھېكىمبەگ نېئىمەتۇللا كاشىغەرىنى بۇ ئىشقا ئۆزى بۇيرىغان. بۇ ھەدىيەدىن ئىنتايىن سۆيۈنۈپ كەتكەن نېئىمەتۇللا كاشىغەرىنى بۇ ئىشنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە قۇرئاننىڭ 723- بېتىنىڭ ھاشىيەسىگە (چەت چۆرىسىدىكى بىكار جايغا) تۆۋەندىكىلەرنى يېزىپ قويغان: «بۇ سۇرەتنى ۋاقىمىئە تەھرىر ئولدىكىم، ھەزرەتى ۋاڭ زۇھورىدىن ھاكىم ئالىيلىرى فەقىر دەرۋىش كەمتەرنى كاشىغەر قەلئەسىنىڭ تەئىمىراتى ئۈچۈن نەھىس-سەئىدلىككە بىر ئىستىخارە قىلدىم. كاشىغەر قەلئەسىنىڭ تەئىمىراتىنىڭ ياخشى ئاقىبىتىگە رۇخسەت بولدى. بۇ رۇئىيانى ھەزرەتى ھاكىم ئالىيلىرىغە بەيان قىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەزراتى ھاكىم دىۋانە شاھانەدىن بۇ كەلام شەرىفتى فەقىرغە ھەدىيە، ئىنئام قىلدى. رەھمەت، فەقىر ساھىب دۇئا نېئىمەتۇللا كاشغەرى مۇھۇرۇمنى باستىم. 1253- ھىجىرى».

تامغا (مۆھۇر) ھىجىرىيە 1238- يىلى ئويۇلغان. تامغىدىكى خەت «نېئىمەتۇللا بىن سەدرىددىن» دۇر.

مانا بۇ ئىككى پارچە ھۆججەت يالغۇز يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىنىڭ ئورنىنى، ۋاپات بولغان ۋاقتىنى ئىسپاتلايدىغان قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئۇ، كىشىلەرنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىغا بولغان ئېتىقادىنى ۋە 19- ئەسىردە ئۆتكەن ئېمىر ھۈسەيىن سەبۇرى، قازى مۇھەممەت سايىم سوفى ئاللايارى، زۇھۇرىدىن ھېكىمبەگ، نېئىمەتۇللا كاشىغەرىدەك بەزى تارىخىي شەخسلەرنىڭ پائالىيىتىنىمۇ يورۇتۇشتا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان مۇھىم ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش