ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » يولنامە – مۇستافا ئىسلامئوغلى

يولنامە – مۇستافا ئىسلامئوغلى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

307077_279833885378878_217766594918941_1037763_1124188268_n[1]

 (  ئۇستاز مۇستافا ئىسلامئوغلىنىڭ «يولنامە» ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقىنى بۇيەردىن ئاڭلاڭ: http://pan.baidu.com/s/1cPWWm )

دوستۇم، قوياشقا، زېمىنغا، سۇغا، بۇلۇتقا قارا، لېكىن ئارقاڭغا قارىما… كىمنىڭ كەلگەنلىكى، كىمنىڭ كەلمىگەنلىكى مۇھىم ئەمەس…

ئۇنۇتما، يولچى ئالمىشىدۇ، يول ئالمىشىدۇ ئەمما مەنزىل ئۆزگەرمەيدۇ.

يولچىغا قاراپ يولغا باھا بەرمە

يولغا قاراپ يولچىنى تونىغىن، يولچى ھەققىدىكى قىممەتلىك باھاڭنى ئۇنىڭغا قارىتا بەرگىن

قورقۇنچلىق بولغان، يولنىڭ يولچىسى قېلىشى ئەمەس، ئەكسىچە يولچىنىڭ يولسىز قېلىشى ئەڭ خەتەرلىكتۇر. يولسىز، نىشانسىز، مەقسەتسىز، تېڭىرقىغان…

ئەڭ توغرا يول، تىكەنسىز يولدۇر دېگەنلەر سېنى ئالداۋاتىدۇ. پەرۋا قىلما، پۇتۇڭغا سانجىلغان تىكەنلەر، ئىزدىگەن گۈلىڭنىڭ خەۋەرچىسىدۇر.

تىكەندىن ۋايسىغانلار ئۆزىنى ئاشىقتەك كۆرسەتكەنلەردۇر، ئەگەر ھەقىقەتەن ئاشق بولسا، تىكەننىمۇ سۆيىدۇ.

دوستۇم، يوللار مېڭىش ئۈچۈندۇر. لېكىن شۇ ھەقىقەتنى ھەرگىز ئۇنۇتما

مېڭىش بىلەن مەنزىلگە يەتكىلى بولمايدۇ، لېكىن يېتىپ بارغانلار ماڭغانلاردۇر. يول بويى سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭالماي قالغانلارنى، يولدا ئولتۇرۇپ، كېتىۋاتقانلارنىڭ پۇتىغا پۇتلاشقانلارنى، چىتلار بىلەن توسىغان يولنى ئۆزىگە زىندان قىلىپ ئۇياقتىن – بۇياققا چېپىپ يۇرگەنلەرنى

ماراتونغا گويا 100 مېتىرغا يۈگۈرگەندەك ئوقتەك كىرىپ 50 مېتىردا توختاپ قالغانلارنى، سەپەرنىڭ ئۇزۇن ۋە مۇشەققەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، سەپەردە ھوشۇق ئاتقانلارنى؛ مېڭىشنى تاشلاپ يول، يولچى ۋە مەنزىل ھەققىدە قەلەم يورغىلتىشقا باشلىغانلارنى؛ پۇتىغا سانجىلغان بىر تال تىكەننى سازايى قىلىپ ئۆزىنى قەھرىمان كۆرسەتكەنلەرنى، ئاق ئاتلىق نىجادكارنى كۆزلەپ ئۇپۇقلارغا قاراپ ئولتۇرغانلارنى، خاتا يولباشچىغا ئەگىشىپ يولنى ساتقانلارنى كۆرىسەن.

پەرۋا قىلما، يولۇڭغا ماڭ.

كۆكسىڭگە يۈرىكىڭدىن باشقا تۇمار ئاسما. ۋەھىي خەرىتەڭ، نەبى يولباشچىڭ ، ئەقىل كومپاس، ئىمان دەسمايەڭ، ئەمەل ئوزۇقىڭ، سۆيگۈ كۈچ – مادار، ئەخلاق خاراكتېرىڭ، ئەدەپ زىننىتىڭ، مېھرىبالىق سۈپىتىڭ، شەرەپ ۋە ئىززەت ئىسمىڭ بولسۇن…

توغرا يول ئىنسانلارنىڭ كۆپىنىڭ ماڭغان يولى ئەمەس، تەپەككۇر قىلغان ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ يولىدۇر

يولدا ئالىدىغان ھەر ئارامنى، ئۆزەڭنى تەكشۈرۈش ئۆتىڭىدە ئېلىشىڭ كېرەك. ئۇنۇتما، تەۋبە ئۆزىنى تەكشۈرۈشتۇر. ئۆزىدىن ھېساپ ئېلىپ تۇرغانلار، باشقىلارنىڭ ھېساپ سورىشىدىن قۇتۇلىدۇ.

ھەر ئارام ئالغاندا، يولدىمۇ ئەمەسمۇ، يېتىپ بارماقچى بولغان مەنزىلگە قاراپ ماڭغان – ماڭمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرشۇڭ، پۇشايمانغا قالماسلىقىڭ ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم. پات – پات يۆنلىشىنىڭنى بەلگىلەپ تۇرۇش زۆرۈر بولىشى مۇمكىن. خەرىتىنى ئامانەت قىلالايدىغان ئەڭ ئىشەنچلىك يېرىڭ قەلبىڭدۇر.
يەنە بىر ئىش، كومپاسنى يالغان ماگنىتلىق جايلاردىن، دولقۇنلاردىن، نەرسىلەردىن يىراق تۇت. ئىستىرىلكىنى خاتا تەرەپكە قارىتىپ قويىدۇ، بىلمەي قېلىشىڭ مۇمكىن

يولدا بىخەتەر ئىلگىرلىشىڭ ئۈچۈن زۆرۈر شەرتلەرنىڭ بېشىدا ئىدراك كېلىدۇ. ئىدراكىڭنى بۇزىدىغان ھەرقانداق ئەپيۇندىن يىراق تۇرشىڭ كېرەك. قىزىقىشىنىڭ، ئەندىشەڭنىڭ، قورقۇڭنىڭ ئىدراكىڭ ئۈستىدىكى ئاداشتۇرغۇچى تەسىرىنى ئوبدان بىلىشىڭ لازىم.
ئاللاھتىن باشقىدىسىن قورقساڭ، قورققان نەرسەڭنىڭ بېشىڭغا كېلىدىغانلىقىنى ئىنىق بىلىشىڭ كېرەك. يولدا چۈشىدىغان ئەڭ چوڭ توزاق، ئورۇنسىز ئەندىشىلەرنىڭ توزىقىدۇر. يەنى نەپسىڭ ساڭا قۇرغان توزاقتۇر

سەپىرىڭ خەيىرلىك بولسۇن دوستۇم

مۇستاپا ئىسلامئوغلى

تەرجىمە: باتۇر قاراخانلې

———————-

بۇ ئەسەرنىڭ تۈركچە ئاۋازلىقى بۇيەردە : http://www.youtube.com/watch?v=bGspdedZoXo

http://www.youtube.com/watch?v=DKqMXoW_49g

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1108

ئىنكاسلار (1)

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش