ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » «قۇتادغۇبىلىگ» تىكى دۆلەت تەلىماتى ھەققىدە دەسلەپكى مۇھاكىمە

«قۇتادغۇبىلىگ» تىكى دۆلەت تەلىماتى ھەققىدە دەسلەپكى مۇھاكىمە

مەقسۇت ئەكبەر

«قۇتادغۇبىلىگ» مەزمۇن جەھەتتىكى كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى، شەكلى ۋە ئۇسلۇبى جەھەتتىكى ئاممىبابلىقى ۋە بەدىئىيلىكى بىلەن كەم ئۇچرايدىغان قىممەتلىك ئەسەر. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ئەسەرنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى توغرىسىدىكى قاراشلىرى ھەر خىل. بىزنىڭچە، بۇ ئەسەرنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى تەلىمات دەپ ئېيتىش مۇمكىن.
چۈنكى، بىرىنچى، ئەسەرنىڭ نەسرىي ۋە نەزمىي كىرىش سۆزلىرىدە ئەسەر دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەلىماتى دەپ ھېسابلانغان. مەسىلەن: چىنلىقلار «ئەدەبۇلمۈلۈك»(شاھلارنىڭ ئەدەب-قائىدىلىرى)؛ ماچىن مۈلكىنىڭ ھېكىملىرى «ئايىنول مەملىكە»(مەملىكەتنىڭ دەستۇرى)؛ مەشرىقلىقلار «زىننەتۇلئۇمرا» (ئەمىرلەر زىننىتى)؛ ئىرانلىقلار «شاھنامەئى تۈركى»؛ بەزىلىرى «پەندنامەئى مۈلۈك» (پادىشاھلارغا نەسىھەت)؛ تۇرانلىقلار «قۇتادغۇبىلىگ» دەپ ئات قويغان. كىرىش سۆزدە تىلغا ئېلىنغان ئەسەر ناملىرىدىن پەقەت «قۇتادغۇبىلىگ» توغرا قويۇلغان ئات بولسىمۇ، قالغانلىرىنى كىتاب مەزمۇنىغا ئۇيغۇن ئەمەس دېيەلمەيمىز، بەلكى بۇ ناملارنى كىتاب مەزمۇنىغا باھا بېرىشتە ئىنتايىن قىممەتلىك مەنبە دەپ قارايمىز.
ئىككىنچى، «كىتاب تۆت ئۇلۇغ ۋە مۇھىم ئۈل ئۈستىگە بىنا قىلىنغان». بىرىنچىسى، ئەدىل (ئادالەت)؛ ئىككىنچىسى، دۆلەت (بەخت)؛ ئۈچىنچىسى، ئەقىل؛ تۆتىنچىسى، قانائەت بولۇپ، يەنە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە خاس ئات قويۇلغان: ئەدىلگە «كۈنتۇغدى» ئېتى بېرىلىپ، پادىشاھ ئورنىغا قويۇلغان؛ دۆلەتكە «ئايتولدى» دەپ ئات قويۇلۇپ، ۋەزىر ئورنىغا قويۇلغان؛ ئەقىلگە «ئۆگدۈلمىش» دەپ ئات قويۇلۇپ، ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئورنىغا قويۇلغان؛ قانائەتكە «ئودغۇرمىش» ئېتى بېرىلىپ، ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى دەپ ئېيتىلغان.
ئەسەردىكى تۆت قەھرىماندىن ئۈچ كىشى دۆلەت ئەربابى، بىرى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ يېقىنى، ئۇلارنىڭ سوئال-جاۋاب شەكلىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشلىرىمۇ دۆلەت ۋە دۆلەتنى قانداق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان.
ئۈچىنچى، ئەسەردە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا، خانغا بېرىلگەن مەسلىھەتلەر ئىچىدە دۆلەتنىڭ ئاساسىي بەلگىلىرى ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان. دۆلەت ھاكىمىيىتىدە ئارمىيە ۋە قومانداننىڭ رولى ۋە ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى؛ قانۇن ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرى؛ بىلىم ۋە ئەقىل بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى؛ ئەخلاقنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى زۆرۈرلىكى كەڭ سۆزلەنگەن.
تۆتىنچى، دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت، سۈپەتلىرى ھەققىدە بىر قەدەر كەڭ توختالغان. دۆلەتتە خاننىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى قانداق بولۇش، ۋەزىرنىڭ پەزىلىتى قانداق بولۇشتىن تارتىپ تاكى ئوردا ئەمەلدارلىرى، خادىملىرى، كۈتكۈچى، ئاشپەزلەرگىچە ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى، ئەخلاق ئۆلچەملىرى سۆزلەنگەن.
«قۇتادغۇبىلىگ» نىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرلىرى مۇنداق بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

بىرىنچى، ئەلنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىدارە قىلىشتا قانۇن بولۇشنى، يەنى دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ناھايىتى يۈكسەك ئورۇنغا قويىدۇ:

جاھان بەگلىرىدىن كىم ئالىم ئىكەن،
ئۇلار ياخشى قانۇن تۈزەپ، ئۆرلىگەن. (252- بېيىت)

ئەل ئىچرە كىم ئالسا بىر ئۈستۈن ئورۇن،
تۈزىسۇن ئەل ئۈچۈن بىر ياخشى قانۇن. (545- بېيت)

يامان تۈزمە قانۇننى، بەك ياخشى تۈز،
كۈنۈڭ ياخشى بولغاي ھەم بەختىڭمۇ ئۇز. (1456- بېيت)

كىم ئۇ ياخشى قانۇننى بەرپا قىلار،
ئۇنىڭ شۆھرىتى تا ئەبەتكە ياشار. (1461- بېيت)

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەلنى ئادىل قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشى ئەينى زاماندا خانلىق تۈزۈمدە يۈكسەك غەيرەت-جاسارەت، پەم-پاراسەت ئىگىسىنىڭ قىلالايدىغان ئىشى، ئەلۋەتتە.
مۇئەللىپ خانغا «ياخشى قانۇن» تۈزۈشنى تەۋسىيە قىلغىنىدا نېمىلەرنى نەزەردە تۇتقان ؟ ئادالەت سىمۋولى بولغان كۈنتۇغدىنىڭ ئادالەت سۈپىتىنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا ئايتولدىغا ئېيتقان سۆزلىرى شەكلىدە مۇنۇلار بايان قىلىنىدۇ:

قىلۇرمەن ئادالەت بىلەن ھەل ئىشىن،
ئايرىماسمەن بەگ ۋە قۇل دەپ ھېچ كىشىن. (809- بېيت)

كېرەك ئوغلۇم ئولسۇن، يېقىن تۇغقىنىم،
يولۇچى، ئۆتكۈنچى، بىرەر قونىقىم. (817- بېيت)

ماڭا تەڭ ئىككىسى قانۇن ئالدىدا،
بۆلەكچە بولماسمەن ھۆكۈم ۋاقتىدا. (818- بېيت)

مۇئەللىپ بۇ يەردە دۆلەتتە قانۇن بولۇش، قانۇن بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، قانۇن بولغاندىمۇ توغرا، ئادىل بولۇش، قانۇن ھەممە ئۈچۈن بىردەك بولۇش ئىدىيىلىرىنى خان ئاغزىدىن ئېيتىشىش شەكلى بىلەن ئىپادىلىگەن.
خاننىڭ ھەر بىر سۆزى «قانۇن» ھېسابلىنىدىغان ئاشۇ مۇستەبىتلىك ئىجتىمائىي تۈزۈمدە دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى، ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈشنى خان ياكى ۋەزىر ئاغزىدىن بېرىشكىلا بولاتتىكى، باشقا شەخسنىڭ تىلىدىن بېرىش ئەلۋەتتە چوڭ جىنايەت ھېسابلىناتتى. مۇئەللىپنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلىشى خەلق ئۈستىدىكى تۈرلۈك زۇلۇمنى، ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتنى مەلۇم مەنىدە، مەلۇم دائىرىدە پەسەيتىش، يۇمشىتىش، چەكلەش ئارقىلىق مەۋجۇت ئىجتىمائىي تۈزۈمنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان دېيىش _ ئەسەرنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

ئىككىنچى، دۆلەت ھاكىمىيىتىدە قوراللىق قوشۇننىڭ ئورنى ۋە زۆرۈرلىكى، ئەھمىيىتى، قوشۇن قوماندانىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئەسەردە خېلى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ:

قىلىچ بىرلە بەگلەر ئۇزاتۇر قولىن،
قىلىچسىز غاپىل بەگ تۇتالماس ئېلىن. (2139- بېيت)

قىلىچ بىرلە پالتا _ بۇ ئەل ساقچىسى،
قىلىچ بىرلە ئالار ئەل خەلق باشچىسى. (2140- بېيت)

نېمە دەيدۇ ئاڭلا جاھان تۇتقۇچى،
قىلىچ، پالتا بىرلە ياۋنى ئۇتقۇچى: (2141- بېيت)

قىلىچلە پالتىنى ساقچى قىل، ئەي ئەر،
قىلىچ ساقچى بولسا، بەگلەر تىچ ئۆتەر. (2143- بېيت)

كېرەك بەگكە جەزمەن قوشۇن باشچىسى،
ئېچىشقا ياراشماس ياۋنىڭ ئۇيقۇسى. (2270- بېيت)

بۇ ئىشقا جەسۇر، بەك قاتتىق ئەر كېرەك،
بېشىدىن ئىش ئۆتكەن ئەر يۈرەك كېرەك. (2271- بېيت)

ناھايەت چىڭ ئىشتۇر قوشۇن باشلىماق،
تۈزەپ لەشكىرىن، ياۋنى قىرىپ تاشلىماق. (2272- بېيت)

ئەقىللىق كېرەك ھەم يۈرەكلىك كېرەك،
جەسۇرلۇق كېرەك، كەڭ كۆڭۈللۈك كېرەك. (2282- بېيت)

قوماندان ئۆزىنى تۇتاركەن يوغان،
يېگەي دۈشمەنىدىن تاياق بىگۇمان. (2296- بېيت)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ قوراللىق كۈچنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىدىكى تۈۋرۈكلۈك ئورنىنى، دۆلەت بولۇش ئۈچۈن قوراللىق قوشۇن بولماي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ناھايىتى روشەن كۆرسەتكەن. ئۇ قوراللىق قوشۇن دۆلەتنى تاشقى تاجاۋۇزدىن ساقلايدۇ، ئىچكى قارشىلىقنى تىنجىتىدۇ، دۆلەتتە تىنچ-ئامانلىق، مۇقىملىق بولغاندىلا، دۆلەتنى ساقلاپ قالغىلى، ئۇنى باي قىلغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان.

ئۈچىنچى، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىلىم بىلەن ئىدارە قىلىش.
دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىلىم بىلەن، ئەقىل بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە ئەھمىيىتىگە ئەسەردە ناھايىتى كەڭ سەھىپە ئاجرىتىلغان. ئاپتور مەيلى قانۇن، مەيلى ھەربىي قوشۇن، مەيلى خان، ۋەزىر ۋە ئوردا خادىملىرىنىڭ سۈپەتلىرى ئۈستىدە توختالسۇن، قىسقىسى، ئەسەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك ئىلىمنىڭ، ئەقىل-پاراسەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا زۆرۈر شەرت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ مەسىلىنى ئەسەرنىڭ يادروسى، مۇئەللىپنىڭ ئەسەرنى يېزىشتا ئۆز ئالدىغا قويغان ۋە يەتمەكچى بولغان تۈپ مەقسىتى دېيىشكە بولىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق دەيدۇ:

جاھان تۇتقىلى ئەر ئۇقۇشلۇق كېرەك،
كېرەك يۇرت سوراشقا ئەقىل ۋە يۈرەك. (217- بېيت)

ئەقىل بىرلە ئېسىل ئاتىلۇر كىشى،
بىلىم بىرلە بەگلەر قىلۇر ئەل ئىشى. (303- بېيت)

بىلىمسىزگە كەلسە دۆلەت بىلەن قۇت،
پۈتۈن خەلق بۇزۇلۇر، بولۇر ئەلگە جۇت. (1780- بېيت)

كىشى تۈن كەبى بىر قاراڭغۇ ئۆيدۇر،
ئەقىل بىر چىراغدەك ئۇنى يورۇتۇر. (1840- بېيت)

ئەقىل بىر چىراغدۇر، كۆزى يوققا كۆز،
ئۆلۈك تەنگە جان ئول، گاچا تىلغا سۆز. (1861- بېيت)

داۋاسى بۇ دەردنىڭ ئەقىل ۋە بىلىم،
داۋالا ئەقىللە، خۇلقى مۇلايىم.

مۇستەبىت خانلىق تۈزۈمدە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى خان ئۆزىنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىقىگە، زوراۋانلىقىغا تايىنىپ ئىدارە قىلىدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، ئاپتور ئەسەرنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك ئىلىم، ئەقىل-پاراسەتنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىدارە قىلىشتىكى زۆرۈرلۈكىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، ھېچبولمىغاندا، خاننىڭ زوراۋانلىق تەرەپلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ، ئەڭ مۇھىمى، ئادالەتپەرۋەرلىكنىڭ ئىلىم ئۈستىگە قۇرۇلىدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىر فېئوداللىق تۈزۈمى شارائىتىدا ئىلىمنى ئادالەت بىلەن بىر قاتاردا قويۇش، ھەتتا ئىلىمنى ئادالەتنىڭ تايانچىسى دەپ مەدھىيىلەشنىڭ ئۆزى ئۆز دەۋر چەكلىمىسىنى بۆسۈپ ئۆتكەن مۆجىزە، دېيىشكە بولىدۇ.

تۆتىنچى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئىلىم بىلەن قوراللىق كۈچنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش.
مۇئەللىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا قوراللىق قوشۇننىڭ ۋە ئىلىم، ئەقىل-پاراسەتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە بۇ ئىككىسىنى بىر-بىرسىگە ماسلاشتۇرۇش لازىملىقىنى، ئۇنىڭدىن بىرى كەم بولسا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىدارە قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

ئېلىپ قولغا قىلىچ، بىرى ئەل تۈزەر،
قەلەم بىرلە بىرسى، ھەق يول كۆرسىتەر. (268- بېيت)

بولۇر تېز قىلىچ بىرلە يۇرت ئالغىلى،
قەلەمسىز مۇمكىن ئولماس ئەل تۇتقىلى. (2426- بېيت)

جاھان تۈۋرۈكىدۇر مۇشۇ ئىككىسى،
كى مەيلى ئۆتمۈشتە، مەيلى كەلگۈسى. (2716- بېيت)

بۇ ئىككىسى ئەلنىڭ تەرتىپىن تۈزەر،
بىرىكسە بۇ ئىككى ئۇنى كىم ئۈزەر ؟ (2419- بېيت)

مۇئەللىپنىڭ دۆلەت قارىشى ئىچىدە ئىلىم بىلەن قوراللىق قوشۇننى، قەلەم بىلەن ئەلەمنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش ئىنتايىن دانا پىكىر ھېسابلىنىدۇ.

بەشىنچى، ئەدەب-ئەخلاق، ياخشى پەزىلەت ۋە خىسلەتنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىدارە قىلىشتىكى رولى.
مۇئەللىپ پادىشاھدىن تارتىپ ئوردا خادىملىرىغىچە ھەممىسىنىڭ ئەدەب-ئەخلاقلىق، ياخشى پەزىلەتلىك، ئېسىل خىسلەتلىك بولۇشىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسىي شەرتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىر قەدەر كەڭ بايان قىلىدۇ:

ھۆكۈمدارغا خىسلەت كېرەك مىڭ تۈمەن،
ئۇنۇڭلە تۇتسا ئەل، يوقالۇر تۇمان. (285- بېيت)

تېشىدەك ئىچىمۇ، ئىچىدەك تېشى،
بۇ ياڭلىغ بولۇر چىن ۋە توغرا كىشى. (863- بېيت)

ئۆزى ياخشى بولسا بۇ بەگلەر ئەگەر،
بېيىپ ھەممە خەلقى، جاھان تۈزۈلەر. (895- بېيت)

ئېلىگ سەن بۈگۈن خەلقنىڭ باشچىسى،
بول ئويغاق، ئەقىللىق، خەلق ساقچىسى. (1436- بېيت)

گۈزەل بولمىسا بەگدە خۇي، سۆز ۋە تىل،
ئۇ ئەلدە تۇرالماي قاچار بەخت، بىل. (2012- بېيت)

ياماندىن ياماندۇر ئەي ساھىپقىران،
ئەگەر ئاتىنىپ قالسا يالغانچى خان. (2037- بېيت)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ: مۇئامىلىدە سىلىق بولۇش، سەۋرچان ۋە كەمتەر بولۇش؛ خۇلقى- مىجەزى خۇشخۇي بولۇش؛ دىلى بىلەن تىلى بىردەك بولۇش، ئىچى بىلەن تېشى بىر خىل بولۇش؛ تۈز كۆڭۈل، ئىچ قارنى كەڭ بولۇش، ئىنسانپەرۋەر بولۇش، خەلقپەرۋەر بولۇش؛ ئادىل ئىش قىلىش، ئەدەب-يوسۇنلۇق، قائىدە-قانۇنلۇق بولۇش؛ باتۇر، جەسۇر بولۇش، يالغانچى بولماسلىق؛ ئاچكۆز، تاماخور بولماسلىق، تەنتەكلىك قىلماسلىق؛ خەلققە زۇلۇم سالماسلىق، ئوغرىلىق، خىيانەتچىلىك قىلماسلىق، ھاراقكەش، زىناخور بولماسلىق، خۇشامەت قىلماسلىق، پىتنە-پاساتتىن يىراق بولۇش، يوغانچى-تەكەببۇر بولماسلىق … نى ياخشى ئەخلاقىي-پەزىلەت دەپ كۆرسىتىدۇ.
چۈنكى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا، خەلقنىڭ دۆلەتنى سۆيۈشى، خەلق قەلبىنىڭ دۆلەتكە تەلپۈنۈشى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلقنىڭ دۆلەتنى سۆيۈشى دۆلەت ئەربابلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ ئەخلاق، پەزىلەت سۈپەتلىرىگە باغلىق. ھەر قانچە قۇدرەتلىك ۋە مۇستەھكەم مەملىكەتمۇ خان، ۋەزىرلىرىنىڭ، دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇزۇلۇشى، چىرىكلىشىپ-چۈشكۈنلىشىشى تۈپەيلىدىن، ئىچىدىن يىمىرىلىپ ۋەيران بولغان. بۇ ھەقىقەتنى ئالىم ئۆز زامانىسىدا ئۆتكۈرلۈك بىلەن كۆزەتكەن ۋە بۇنىڭدىن توغرا يەكۈن چىقارغان.
مۇئەللىپنىڭ خانغا ئادالەتنى، ۋەزىرگە بەخت- سائادەت يارىتىشنى، دۆلەت ئەربابلىرىغا بىلىم ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئەلنى ئىدارە قىلىشنى دارىتما قىلىشى، دۆلەت خادىملىرىغا خەلقپەرۋەرلىكنى ئاساس قىلغان ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى مۇراجىئەت قىلىشى _ ئۆز زامانىسى ئۈچۈن ناھايىتى زور يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە ئىلغار پىكىر ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنى، زۇلۇمنى يوقىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نۇقتىئىنەزەر ئۆز دەۋرىدە مەھكۇم ئورۇندا تۇرۇۋاتقان كەڭ ئاۋام خەلقنىڭ مەۋجۇت ئىجتىمائىي تۈزۈمگە نىسبەتەن ۋۇجۇدىدا قايناپ تۇرغان قارشىلىقنىڭ ئىنكاسى؛ مەزلۇم خەلقنىڭ ئاھۇ نالىسى، ئازاب-ئوقۇبەتلىك ھاياتىنىڭ مۇئەللىپ تەپەككۇرىدىكى ئىنكاسى. بۇ پىكىرلەر ئۆز زامانىسى ئۈچۈن بىباھا قىممەتلىك پىكىرلەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئوتتۇرا ئەسىر فېئوداللىق تۈزۈمدىكى ئىلغار پىكىر ئېقىملىرى تارىخىنى چۈشىنىشتە بىزنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئەپسۇسكى، دەۋر چەكلىمىسى مۇئەللىپ پىكىرلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا يول قويمايتتى، ئەينى زاماندىكى فېئوداللىق دۆلەتتە مۇئەللىپ تەشەببۇس قىلغان، ئارزۇ قىلغان مەنزىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.
دېمەك، مۇئەللىپ ئۆز تەشەببۇسلىرىنى خان ئارقىلىق، خانلىق تۈزۈم ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان. ئەسەرنىڭ باش تەرىپىدە ئۆز زامانىسى ئۈچۈن ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان يوسۇن بويىچە خۇدا، پەيغەمبەر، چاھاريارلار قاتارىدا خانغىمۇ مەدھىيە ئوقۇلىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ بىلەن مۇئەللىپنىڭ غايىۋىي دۆلەت قۇرۇش تەشەببۇسى مۈجمەللەشمەيدۇ. دەۋر چەكلىمىسى، مۇئەللىپتىكى قۇتۇلغۇسىز ئاجىزلىقلار ئەسەرنىڭ قىممىتىنى ھەرگىز ياپالمايدۇ. بۇ ئەسەر ئۆزىنىڭ ئىلمىي قىممىتى بىلەن جاھان ئەقىل بۇلىقىغا قوشۇلغان بىر تامچە ھېسابلىنىدۇ.

«تارىخىي مىراس ‹قۇتادغۇبىلىگ› ھەققىدە بايان» ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىدىن ئېلىندى.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1197

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش