ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - مارت يەكشەنبە سائەت 2:00 دە ئىستانبۇل فىندىكزادە زۈبەيدە خانىم كۈلتۈر مەركىزىدە «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە نورۇز شادلىقى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 4-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى پائالىيىتى ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 4-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى پائالىيىتى ئۇقتۇرۇشى

ana tilim jan tilim

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار!
بۈگۈنكىدەك مۇرەككەپ تارىخى ۋەزىيەتتە، ئانا تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن، ۋەتەن ئىچى-تېشىدىكى ئىلىم سۆيەر زىيالىيلىرىمىز، ۋەتەن سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئورتاق قوللىشى ۋە قاتنىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش نامىدا، 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى (يەكشەنبە) سائەت 13:00 دىن 16:30 گىچە ئىستانبۇل فاتىھتىكى سەفىرەئى ئالەم خەلقئارا ئۇقۇغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا 4-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى.
1. ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا 4 تېما قوبۇل قىلىنىدۇ.
2. ئانا تىلنى قوغداش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئائىت مەلۇم تەتقىقات تېمىسى ۋەياكى ئىلمىي ماقالىسىنى سۇنسا بولىدۇ.
3. سۇنۇلماقچى بولغان تېما چوقۇم ئۆلچەملىك ئۇيغۇر يېزىقىدا ھازىرلىنىشى ۋە دوكلات تىلمۇ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا بولىشى شەرت.
4. ھەر بىر دوكلات ئۈچۈن 20 مىنۇت دوكلات ۋە 5 مىنۇت سوئال-جاۋاب شەكلىدە بولىدۇ.
5. سۇنماقچى بولغان ماقالىڭىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە تەرجىمىھالىڭىز بىلەن بىرلىكتە ئەڭ كېچىككەندىمۇ 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بىزگە يوللاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئانا تىلىمىزنى ئەمىلى ھەرىكىتىمىز بىلەن قوغداش ۋە كەلگۈسى ئالىملىرىمىز ئۈچۈن ياخشى مۇنبەر ھازىرلاپ بېرىش نىيىتىدە ئېلىپ بارغان بۇ تۈر پائالىيەتلىرىمىزگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
تىل- بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئامىلىدۇر. پۈتۈن دۇنيادىكى مىللەتلەر ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىۋاتقان ۋە تەتقىق قىلىپ، تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوغۇز سۈتى بىلەن تەڭ قېنىمىزغا، ئەللەي ناخشىسى بىلەن ھاياتىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئانا تىلىمىزنى قوغداش ھەربىرىمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر.

مانا شۇنداق بىركۈندە، مىللى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا، ئۆز ئانا تىلىغا ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ ھىسياتىغا ئىگە ھەربىر قېرىندىشىمىزنىڭ، قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى چىن يۈرەكتىن ئۈمىد قىلىمىز ۋە سىلەر بىلەن مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتتە بىللە بولالىغانلىقىمىزدىن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلىمىز.
بۇ ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىمىزنىڭ ئانا تىل سەھىپىسىگە ھەرخىل ئەدەبىي ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى (يەكشەنبە) سائەت 13:00 دىن 16:30 گىچە تۆۋەندىكى ئادرېستا ئېلىپ بېرىلىدۇ:
سەفىرەئى ئالەم خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى فاتىھ يىغىن زالىدا
ئالاقە تېلېفونى : 2235 811 0537 7667 589 0212

uyghuracademy@gmail.com  www.akademiye.org
Sefire-i Alem Uluslararası Öğrenci Derneği
Akşemsettin Mahallesi Ocaklı Sokak No : 4 Fatih / İstanbul, Turke

Seferi_Alem_MAP

 

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1172

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش