ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » كانادانىڭ يەرلىك خەلقى دې نې (Dene)لارنىڭ تىلى ۋە رىۋايىتى (يېڭى نۇسخىسى) -خەلچىگۈل پەتتار

كانادانىڭ يەرلىك خەلقى دې نې (Dene)لارنىڭ تىلى ۋە رىۋايىتى (يېڭى نۇسخىسى) -خەلچىگۈل پەتتار

بۈگۈن يەنى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى سىنىپىمىزدا «كانادانىڭ يەرلىك خەلقى دې نې لارنىڭ تىلى ۋە رىۋايىتى« دىگەن تېمىدا دې نې خەلقىدىن بولغان قارىماققا 80ياشلار ئەتراپىدىكى مارىئە خانىم بىزگە لىكسىيە سۆزلەپ بەردى.كانادانىڭ يەرلىك خەلقى ناھايىتى كۆپ مىللەتلەرگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ،دې نې لار شۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق بىر مىللەتتۇر.
مارىئە خانىم ئوچۇق-يورۇق ھالدا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ،ئاندىن بالىلىرىنى،ئاندىن يەنە 8نەۋرە،10ئەۋرىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.دې نې تىلىدا سالام-سائەت قىلىشنى ئۆگەتتى،ئارىدا رىۋايەتمۇ سۆزلەپ بەردى.مارىئە خانىم يەنە كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى مۇنداق سۆزلەپ بەردى:
-بىز نې دې لار باشقىلار قىيىنچىلىققائۇچراپ،ياردەم تەلەپ قىلسا ياردەم بېرىدىغان خەلىق ئىدۇق.بىز يېرىمىزنىڭ نېمەتلىرىنى ئارتۇقچەئېلىۋلمايتتۇق،بېلىقلارنى كۆپ تۇتۇۋالمايتتۇق.كۈندىلىك كېرەكلىك نەرسىلەرنى كۈندە ئېلىپئىشلىتەتتۇق.بىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىمىزنى كۆرگەن ياۋروپالىقلار ھەيران قالغانىدى.
بىزنىڭ توپىمىز كۆڭۈللۈك ئىدى.لېكىن بۇندىن 130يىل بۇرۇن باشلاندىغۇ دەيمەن،ھۆكۈمەت بىز يەرلىك خەلقنىڭ 3ياشتىكى بالىلىرىدىن تارتىپ مەكتەپ( Residential school ،يەنى ئولتۇراق مەكتەپ)تە تەربىيلەيمىز دەپ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ،خىرىستىئان چېركاۋلىرىغا ئەكىلىۋالغاندىن تارتىپ،بىز يەرلىك خەلقلەرنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگىلى تۇردى.ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا قارشى چىقسا تۈرمىگە كىرەتتى ياكى ئېتىلاتتى.ئاتا-ئانىلار يىل-يىل بالىلىرىنى كۆرەلمەيتتى.قېرىنداشلار بىر مەكتەپكە بۆلۈنگەن تەقدىردىمۇ بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشەلمەيتتى ھەم گەپلەشكىلى قويمايتتى.تاكى 1996-يىلى بۇ مەكتەپلەر تاقالغۇچە 150،000دىن ئارتۇق يەرلىك مىللەت خەلقى بالىلىرى مۇشۇ مەكتەپلەردە بولدى.بۇ مەكتەپلەردە بالىلار نۇرغۇن ئېغىر ئىشلارنى بېشىدىن كەچۈردى.
بۇ مەكتەپكە كىرىپلا ئۇزۇن چېچىمنى قىسقا كېسىۋەتتى.مىللىيچە كىيىمىمنى سالغۇزۇپ،مەكتەپ فورمىسى كىيگۈزدى.شۇندىن كېيىن مەن ئاشۇ مىللىيچە كىيىمىمىزنى كۆرۈپ باقمىدىم.ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا سۆزلىشش پۇرسىتى يوق،ئېنگىلىزچە ئۆگىنەتتۇق ھەم سۆزلىشەتتۇق.ئۇندىن بۇرۇن مەن ئېنگىلىزچىنى پەقەت بىلمەيتتىم.ئېنگىلىزچىنى ياخشى تەلەپپۇز قىلالمايتتىم.شۇ سەۋەبلىك مېنى ئوقۇتقۇچۇم ئۇرغان.دىنىمىزنى تاشلاتقۇزۇپ،خىرىستىئان دىنىغا كىرگۈزۈشكە تىرىشتى.مەكتەپنىڭ تەلىۋىدىن چىقالمىساق بىزنى جازالايتتى.قاراڭغۇ ئۆيلەرگە سولاپ قوياتتى.شۇ جازالاشلارغا چىدىيالماي ئۆلۈپ كەتكەن بالىلارمۇ بار.مەكتەپ بىزگە يۇقىرى سەۋىيىلىك بىلىملەرنى ئەمەس،ئېنگىلىز تىلىنى ،ئاددى نەرسىلەرنى قايتىمۇقايتا ئۆگىتەتتى.شۇ ئارقىلىق بىز تىلىمىزنى يوقاتتۇق،مەدىنىيىتىمىزنى يوقاتتۇق.بىزنى باشقىلار تۆۋەن كۆرەتتى.ئوقۇش،خىزمەتلەردە باشقىلاردىن تۆۋەن ئورۇندا تۇردۇق.يەرلىك خەلقتىن قىمار ئويناپ،ھاراققا بېرىلىپ،زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلارنى كۆپ ئۇچراتتىم.ئۇلارنى كۆرسەم شۇنداق ئازابلىنىپ كېتىمەن.ئۇلارنى شۇ كۈنگە قويغىنى ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئاتا-ئانىسىدىن كىچىكلا ئايرىپ،ئولتۇراق مەكتەپلەردە خالىغانچە تەربىيلەپ،تولا جازالىغانلىقىغانلىقىدىن،جەمىيەتتە كەمسىتىلگەنلىكىدىن بولغان.ئۇ چاغلاردا بىزنىڭ كۈچىمىز يوق ئىدى.شۇڭا دەيدىغىنىم تىرىشىپ ئۆگىنىپ كۈچلۈك بولۇڭلار.ھازىر كانادا ھۆكۈمىتى بىزگە قاراتقان سىياسىتىنى كۆپ ياخشىلاپ بەردى.بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز تىرىشسا بىر كۈنلەردە چوقۇم بىزدەك يەرلىك خەلىقتىن كانادانىڭ رەھبىرى چىقىدۇ(بۇنى ئاڭلاپ،سىنىپتىكى ھەممەيلەن ئالقىشلىدۇق).
مەن ھازىر ئىمكانىيىتىمنىڭ بارىچە تىلىمىزنى،مەدىنىيىتىمىزنى قايتۇرۇپ كېلىشكە تىرىشىۋاتىمەن.بۇ يولدا تىرىشىۋاتقان دې نې تونۇشلىرىممۇ بار.لېكىن بەزى مەدىنىيىتىمىز يوقالدىمۇ يوقالدى،تۈگىدى.بىزنىڭ ئۇنى قايتۇرۇپ كېلەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.مەن ئېسىمنى بىلىپ مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە بىز يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھاياتىدا نۇرغۇن ئاجايىپ زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردۈم ھەم كۆردۈم.
بۇ لىكسىيىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز بىر نەچچىمىزنىڭ كۆزىگە ياش كەلدى. مەن ئاۋال مارىئە خانىمغا رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم .
لىكسىيە تۈگەپ ئەمدى قايتاي دەپ تۇرسام بىر ئوقۇتقۇچى چىراي ئادەم يېنىمغا كېلىپ،
-مەن سىلەر ئۇيغۇرلارنى بىلىمەن.مارىئە خانىمنىڭ دېگىنىدىن باشقا يەنە مەدەنىيىتىڭلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يېىزپ،ھۈججەت (Document)لەشتۈرۈپ ساقلاپ قويۇڭلار.-دېدى.
بۇ ئىككى ئۇستازغا ھەشقاللاھ.بۇ تەلىملەرگە ئۆزەمنىڭ قوشۇپ قويىدىغىنى، ياشانغانلاردىن مەدىنىيىتىمىزنى سوراپ،ئۇنىمۇ يېزىپ قالدۇرساق.ھەر بىر ئائىلە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا ئائىلە مائارىپى بەرپا قىلىپ،مۇستەھكەم بولساق.ئەڭ كىچىك توپ دائىرىسىگىچە بولغان ،مەسىلەن مەھەللە،مەھەللە دائىرىسىگىچە بار مەدىنىيتىمىزنى ئىمكان بار ھەر خىل تىلدا يېزىپ ھۈججەتلەشتۈرسەك.چەتئەلدىكى قېرىنداشلارمۇ ئىمكانىيىتىمىز بارلار .ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان ئەلدە قوللىنىۋاتقان تىللاردا ئۆزىمىزنى،مەدەنىيىتىمىزنى يازساق.ئەلۋەتتە دىمەك ئاسان،ئەمىلىلەشتۈرۈش تەس.لېكىن بۇلارنى نىشان قىلىپ،توختىماي تىرىشساق ئاللاھ خالىسا ئاستا-ئاستا چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.ئامىن.

ئەسكەرتىش:بەزى ئېنگىلىزچە ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغىنىم مۇۋاپىق بولدىمۇ ،بولمىدىمۇ سەل ئىشەنچىم يوق.شۇڭا ئۇ سۆزلەرنىڭ ئېنگىلىزچىسىنىمۇ تىرناق ئىچىگە يېزىپ قويدۇم.بىلىدىغانلار تەلىمىڭىزلەرنى ئايىمىغايسىزلەر.
2014-يىل3-ئاينىڭ13-كۈنى كانادا ئالبېرتا

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1181

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش