ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىك

غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىك

غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىك

تەييارلىغۇچى: تۆمۈر ھەسەن

1. نوپچان بەگلىكى — ھازىرقى چارقىلىق ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا.
2. كروران بەگلىكى — ھازىرقى چارقىلىق ناھىيە بازىرى ئەتراپىدا.
3. چورچان بەگلىكى — ھازىرقى چەرچەننىڭ غەربىي جەنۇبىدا.
4. ئەندىر (كىچىك پەرغانە) بەگلىكى — ھازىرقى چەرچەن دەرياسىنىڭ يۇقىرىسىدا.
5. نىيا بەگلىكى — ھازىرقى نىيە ناھىيىسىدە.
6. روڭلو بەگلىكى — ھازىرقى نىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كوئېنلۇن تېغى ئارىسىدا.
7. ئۇزۇنتات بەگلىكى — ھازىرقى كېرىيە ناھىيىسىدە.
8. توخارا بەگلىكى — ھازىرقى كېرىيە دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا.
9. ئۇدۇن بەگلىكى — ھازىرقى خوتەن.
10. ساكارائۇل بەگلىكى — ھازىرقى يەكەن – قاغىلىق ئەتراپىدا.
11. سۇلى بەگلىكى — ھازىرقى قەشقەر.
12. سەپەرباي بەگلىكى — ھازىرقى ئاقچى ناھىيىسىدە.
13. ئونسۇ بەگلىكى — ھازىرقى كۇچا ناھىيىسىدە.
14. قۇم بەگلىكى — ھازىرقى ئاقسۇ.
15. كۈسەن بەگلىكى — ھازىرقى كۇچار.
16. ئۇرۇياپ بەگلىكى — ھازىرقى بۈگۈرنىڭ شەرقىدە.
17. چېدىر بەگلىكى — ھازىرقى كورلىنىڭ غەربىدە.
18. ۋائىرىيە بەگلىكى — ھازىرقى كورلىنىڭ شەرقىي شىمالىدا.
19. ئۇشاق بەگلىكى — ھازىرقى خوشۇت ناھىيىسىدە.
20. كىنگىت بەگلىكى — ھازىرقى قارا شەھەرنىڭ شەرقىدە.
21. قۇرۇقتاغ بەگلىكى — ھازىرقى توقسۇننىڭ جەنۇبىدىكى قۇرۇقتاغدا.
22. خۇزخور بەگلىكى — ھازىرقى تۇرپاننىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدە.
23. قوش بەگلىكى — ھازىرقى تۇرپان ئىدىقۇتتا.
24. جامبالىق بەگلىكى — ھازىرقى ئۈرۈمچىنىڭ شىمالىدا.
25. پاسئان بەگلىكى — ھازىرقى گۇما ناھىيىسىدە.
26. يۆلئېرىق بەگلىكى — ھازىرقى قاغىلىقنىڭ غەربىدە، يەكەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا، كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدە.
27. لىچىخەۋەز بەگلىكى — ھازىرقى پامىر ئېگىزلىكىدە، كىچىك پامىرنىڭ شەرقىدە.
28. سارىقول بەگلىكى — ھازىرقى تاشقورغان ناھىيىسىدە.
29. سىغناق بەگلىكى — ھازىرقى تاشقورغاننىڭ جەنۇبىدا.
30. مالور بەگلىكى — ھازىرقى تاشقورغاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى پامىر رايونىدا.
31. داردا بەگلىكى — ھازىرقى پامىرنىڭ لاداق تېغى بىلەن ۋاخان دەرياسى ۋادىسىدا.
32. ئۇدىيانا بەگلىكى — ھازىرقى كانجۇت رايونى، كەشمىرنىڭ شىمالىدا.
33. فەرغانە بەگلىكى — ھازىرقى فەرغانە ئويمانلىقىدا.
34. جۈەندۇ بەگلىكى — ھازىرقى ئۇلۇغچادنىڭ شىمالى، ئۇلۇغچاد ئەتراپىدا.
35. ئېركەشتام بەگلىكى — ھازىرقى ئاقتۇنىڭ غەربىي قىسمى، پامىرنىڭ شىمالى.
36. دارۋاز بەگلىكى — ھازىرقى فەرغانىنىڭ شەرقىگە يېقىن تاغ رايونىدا.
(«كىتاب مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1999- يىللىق 1- ، 2- سانىدىن ئېلىندى)

مەنبە: گۇلىستان ئەدەبىياتى

ھازىرقى شىنجاڭ دائىرىسىدە، 36 ئەلنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىنىشىچە بۇ ئەللەر تۆۋەندىكى جايلاردا:
1. ئويسۇن — غۇلجا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىرنەچچە ناھىيەلەرنى، ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى چارروسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان.
2. كۈسەن — كۇچار ، باي ئەتراپى.
3. كىنگىت — قاراشەھەر ئەتراپى.
4. ئۇدۇن — خوتەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى.
5. چارقىلىق — چارقىلىقنىڭ شەرقىي جەنۇبى، لوپنۇرنىڭ غەربىي شىمالى، قەدىمكى ياڭگۇەن قورۇلىغا يېقىن.
6. روران — لوپنۇرنىڭ يېنىدىكى قۇملۇقتا، كېيىن ئۇنىڭ نامى پىشامشان دەپ ئۆزگەرتىلگەن، ھازىر روران خارابىسى بار.
7. چەرچەن — چەرچەن ناھىيىسىنىڭ غەربى جەنۇبىدا، ھازىر ئۇنىڭ ئەتراپىدا 20 نەچچە چاقىرىملىق قەدىمكى شەھەر سېپىلى چوقچىيىپ تۇرماقتا. تاملىرىنىڭ بەزى جايلىرى ئۆرۈلۈپ كەتكەن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ راھىپى شۈەنزاڭ مۇشۇ يەردە قونۇپ ئۆتكەن ئىكەن.
8 . شاۋۋەن — ھازىرقى چەرچەن دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا.
9. ئۇزۇن تەتى — چىرىيە ناھىيىسىنىڭ شەرقىدە.
10. روڭلۇ — ھازىرقى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدا.
11. چېدىر — ھازىرقى چىرىيە ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدا.
12. گۇما  — گۇما ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا، زاڭگۇي ئەتراپىدا. گۇما ئېلىنىڭ خارابىسى تېخىچە ساقلانماقتا. شۇ يەردىكى كىشىلەر بۇ يەرنى پوچىڭزا دەپ ئاتىشىدۇ.
13. قاغىلىق — گۇمىنىڭ غەربى جەنۇبىدا.
14. تاشقورغان — ھازىرقى يېڭىسا ناھىيىسىنىڭ شەرقىدە .
15. يېڭىسار — چازىرقى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى شەرقى لاكور.
16. يەكەن — ھازىرقى يەكەن ناھىيىسى، كېيىن ئودۇن تەرىپىدىن ئۆزىگە قوشىۋالغان.
17. سۇلى — قەشقەر شەھىرى ۋە قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيەسىنىڭ ئەتراپى.
18. سەپار باي — ئۈچ تۇرپان-مارالبېشى ئەتراپى.
19 . ئۈچتۇرپان — ئاقسۇ ۋە ئونسۇ ئەتراپى.
20 . لوپنۇر — كورلا لوپنۇر.
21 . ئوتەن — ھازىرقى ماناس ناھىيىسىنىڭ شىمالى ۋە سانجىنىڭ ئەتراپى.
22 . قۇم — باي ئەتراپى.
23 . بىلو — ھازىرقى فۇكاڭ ناھىيىسىنىڭ شىمالىدا.
24 . ئارقا بىلو ئېلى — ھازىرقى فۇكاڭ ناھىيىسىنىڭ شەرقىدە.
25 . چاقىلىق — ماناسنىڭ شەرقى شىمالىدا.
26 . بارىكۆل — ھازىرقى بارىكۆل ناھىيىسىنىڭ، مورى قازاق ناھىيىسىنىڭ ۋە گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ شەرقى.
27 . ئارقا بارىكۆل ئېلى — بارىكۆل ناھىيىسىنىڭ غەربى شىمالى.
28 . غەربى چەرچەن — ھازىرقى شىخۇ ناھىيىسىنىڭ شەرقى جەنۇبى.
29 . شەرقى چەرچەن — ھازىرقى سانجى ناھىيىسىنىڭ غەربى تەرىپى.
30 . چى ئېلى — ھازىرقى قۇتۇبى ناھىيىسىنىڭ شەرقى.
31 . قۇتغۇز — تۇرپاننىڭ شىمالى.
32 . قۇرۇق تاغ — لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ شەرقى تەرپىدە .
33 . ئالدى قانقىلى — تۇرپان يارغول شەھىرى.
34 . ئارقا قانقىلى — ھازىرقى ئۈرۈمچىنىڭ ئەتراپى.
35 . قانقىلى تۇتۇق بەگلىگى — ھازىرقى تۇرپاننىڭ شەرقى جەنۇبىدا.
36. ئارقا قانقىلى شەھەر ئالى — ھازىرقى گۇچۇڭ ئەتراپى.
بۇلاردىن باشقا يەنە پەرغانە، ئارساڭ، ئۇلۇغ ياۋچىلار قاتارلىق ئون نەچچە ئەل بولۇپ، ئۇلار ھازىر شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدە ئەمەس.

مەنبە بىلەن تەمىللىگۈچى: قۇمۇل ۋىلايەتلىك نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىدىن: قادىر سالى.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1184

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش