ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » تارىخ پروفىسورى قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارغا ”قەدىمكى قەشقەر تارىخى“ تىمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى.

تارىخ پروفىسورى قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارغا ”قەدىمكى قەشقەر تارىخى“ تىمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى.

 

Ercilasun

تۈركىيە غازى ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى، ”قەدىمدىن 19-ئەسىرگىچە قەشقەر تارىخى“ كىتابىنىڭ يازغۇچىسى پروفىسورى قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن 2014 – يىلى 3 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چارشەنبە كەچ سائەت 07:00 دە تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى تەستىقى بىلەن ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەڭگۈتاش تىل تەربىيىلەش مەركىزى سىنىپىدا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر زىيالىلارغا ”قەدىمكى قەشقەر تارىخى“ تىمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى. پىروفىسور قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىلارغا ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ھۇنلار دەۋرىدىن كۈنىمىزگىچە بولغان ئۇيغۇر دىيارى ۋە قەشقەر تارىخى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئەنقەرەدىكى ئىلىمخۇمار 27  نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە زىيالىلار بۇ ئىلمىي دوكىلاتتىن بەھرىمان بولدى.

باشلىنىش قىسمىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىلىمي سۆھبەتنىڭ ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ مەنىۋىي ھاياتىدىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، قاتناشقۇچىلارغا پىروفىسور قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇننى قسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

پىروفىسور قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن لېكسىيەسىدە، ھونلار دەۋرىدىن تاكى 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قەشقەرنىڭ پۈتۈن تۈركلەر ئۈچۈن ئوينىغان مۇھىم رولىنى سۆزلەپ ئۈتتى.

ئۇ دوكىلاتىدا، ھۇنلار، كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر دۆلىتى دەۋرلىرىدە، قەشقەر بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپلا قالماي، بەلكى ھۇنلار، كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى جان تومۇرى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھۇنلار دۆلىتى دەۋرىدە، قەشقەرنى مەركەز قىلغان پەرغانە ۋە تارىم ۋادىسى بويلىرىدا شەھەرلەشكەن تۈرك قەۋىملىرىنىڭ نۇپۇسى كۆپەيگەن، دېھقانچىلىق ۋە سودا گۈللەنگەن ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. ھۇنلار دەۋرىدە، خەن سۇلالىسىدىن بىر گۇرۇپ كىشىلەر سودىگەر قىياپىتىدە قەشقەر ۋە ئەتراپلىرىنى كېزىپ، شەھەرلەشكەن مەدەنىيەت ۋە جانلانغان ئىقتىسادنى كۆرۈپ قەشقەرگە كۆز تىككەن. تارىم ۋادىسى بويلىرىدا ھۇنلارنىڭ ئەسكىرى كۈچىنىڭ كۆپ ئەمەسلىكى، ئەگەر تارىم ۋە پەرغانە ۋادىسى بويلىرىنى ئىگەللىۋالغاندا، ھۇنلارنىڭ ئىقتىسادى جان تومۇرىنى ئۈزىۋىتىپ، ھۇنلار دۆلىتىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە خەن سۇلالىسى پادىشاھىغا دوكىلات سۇنۇلىدۇ. بۇ ئانالىز نەتىجىسىدە، خەن سۇلالىسى قەشقەرنى مەركەز قىلغان تارىم ۋە پەرغانە ۋادىسى بويلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ بېسىۋالىدۇ ۋە ھۇنلارنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

840- يىلى ئۇيغۇر دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىن، ئۇرخۇن – يىنسەي ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك قەۋىملىرى تۈرپان ئويمانلىقى ۋە قەشقەرنى مەركەز قىلغان پەرغانە ۋە تارىم ۋادىسى بويلىرىدا بۇرۇندىنلا يەرلەشكەن ۋە شەھەرلەرنى قۇرغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك قەۋىملىرىنىڭ يېنىغا كۆچۈپ كەلگەن. نەتىجىدە، ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدىكى نۇپۇس بىردىنلا ئارتىپ، شەھەرلەر ئاۋاتلاشقان ۋە دېھقانچىلىق، قول – ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ بەك گۈللەنگەن.

840- يىلى قەشقەرنى پايتەخت قىلغان قاراخانىلار دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، قەشقەر پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد مەركىزى بولۇپلا قالماي، بەلكى سىياسىي مەركەز ھالىغا كەلگەن. قەشقەر قاراخانىلاردىن كېيىنكى مۇڭغۇل ئىستىلاسى ۋە سەئىدىيە دۆلىتى دەۋىرلىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى رولىنى يوقاتمىغان. خۇجىلار ھاكىمىيىتى، 1759 – 1864 – يىللىرى ئارىسىدىكى 1- قېتىملىق چىڭ سۇلالىسى ئىشغالى، 1864 – 1883 – يىللىرىدىكى ياقۇپبەگ قەشقەرىيە دۆلىتى ۋە 1883- يىلىدىكى 2 – قېتىملىق چىڭ سۇلالىسى ئىشغالى ۋاقىتلىرىدىمۇ، قەشقەر ئوخشاشلا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت مەركىزىلىك سالاھىيىتىنى يۇقاتمىغان.

خۇلاسە قىلىپ ئېيىتقاندا، مىلادىدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىردىن باشلاپ، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان 2100 يىللىق تۈرك تارىخىدا، قەشقەر ئىزچىل تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە سىياسىي مەركىزى بولغان بۇلۇپ، مەھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك بىلىم ئىگىلىرى بىلەن  ئابدۇقادىر داموللا ۋە مەمتىلى تەۋپىقتەك ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر ئەزىمەتلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا شەرت شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.

دوكلات سۇنۇلغاندىن كېيىنكى چاي ۋە پاستا زىياپىتىدە، ئىلمىي سۆھبەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىلار قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قەدىمدىن بۇيانقى قەشقەر تارىخى ھەققىدە بەس- بەستە سوئال سوراپ پائالىيەتنىڭ جانلىقلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. ئۇيغۇرلار ۋە قەشقەرنىڭ پۈتۈن تۈرك تارىخىدىكى تارىخى زور ئەھمىيەتلىك رولىنى بىر تارىخ تەتقىقاتچىسى تۈرك پىروفىسوردىن ئاڭلاش، يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە زوق بېغىشلىغۇچى يەنە بىر ئامىل ئىدى.

ئاخىرىدا، ئابدۇلھەمىد قاراخان يېپىلىش نۇتىقىدا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ توغرا يولىنىڭ يەنىلا ئىلىم ئۆگىنىش ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مەمتىلى تەۋپىقنى مىسال كەلتۈرۈپ تۇرۇپ تەكىتلەپ ئۆتتى ۋە پائالىيەتكە قاتناشقانلارغا مەڭگۈتاش نامىدىن چۇڭقۇر رەھمەت ئېيتتى.

قوشۇمچە – 1:  پىروفىسور قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇننىڭ تۈرك تارىخ قۇرۇمى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ”قەدىمدىن 19-ئەسىرگىچە قەشقەر تارىخى“ كىتابى

Kitap

توردىن سېتىۋېلىش ئادرىسى: http://www.kitapyurdu.com/kitap/default.asp?id=682440

قوشۇمچە – 2: تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى تەستىقى بىلەن ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەڭگۈتاش تىل تەربىيىلەش مەركىزى ئالاقە ئۇچۇرلىرى:

Web: http://www.mengutas.com

E-mail: bilgikut@gmail.com

Tel: 0090 312 231 67 57

Mobile: 0090 530 038 67 37

Adres: Kızılay Mah. GMK Bulvarı. Sümer 2 Sokak.  No: 32/1, Kızılay,

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1202

ئىنكاسلار (2)

  • قۇتلۇق

    كىتاب يۇرتى تورى ھېساباتى چەتئەلدىكى بانكىلارنىلا قوللايدىكەن.

  • قۇتلۇق

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن بۇ يۇقىرىقى قەدىمكى 19- ئەسىرگىچە قەشقەر تارىخى دېگەن كىتابنى ۋە قاراخانىيلار ناملىق كىتابنى سېتىۋالماقچى ئىدىم. لېكىن. كىتاب يۇرتى ھېساباتىغا شىنجاڭدا تۇرۇپ پۇل سېلىشنى بىلمىگەچكە سېتىۋالالمىدىم. شۇڭلاشقا، يول كۆرسەتكەن بولساڭلار.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش