You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » موللا مۇسا سايرامى ۋە «تارىخى ئەمىنيە»

موللا مۇسا سايرامى ۋە «تارىخى ئەمىنيە»

موللا مۇسا سايرامى ۋە ئۇنىڭ «تارىخى ئەمىنيە» سى موللا مۇسا سايرامى (تولۇق ئىسمى، موللا مۇسا بىننى موللا ئەيسا خوجا سايرامى) 1836- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى باي ناھىيسىگە تەۋە سايرام رايونىنىڭ ئانىقىز كەنتى توغايلا مەھەللىسىدە (ھازىرقى توخسۇن يېزىسى ئانىقىز كەنتى توغايلا مەھەللىسى) بىر دىنى ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئۇ يېقىنقى زاماندا يۇرتىمىزدىن چىققان ئۇلۇغ ئالىم ۋە دىنى ئۆلىما، موللا مۇسا سايرامى 1847- يىلى 9- ئايدا، دادىسنىڭ تەشەببۇسى بىلەن كۇچاردىكى ساقساق مەدىرىسىدە ئۇقۇيدۇ. ئۇ يەردە ئۇيغۇر ئالىمى موللا ئوسمان ئاخۇننىڭ تەربىيسىدە ئەدەبىيات، تارىخ، كالىندارچىلىق، ئاگرو بىئولوگىيە، جوغراپىيە، ئاسترونومىيە، گرامماتىكا، ماتېماتىكا، ۋە ئىسلامىيەت پەنلىرىنى ئۇقۇيدۇ. ئەرەب، فارىس، ئوردو تىللىرنى ئۆگىنىپ، ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا زور ئۇتۇق قازىنىدۇ. 1854- يىلى موللا مۇسا سايرامى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، بايغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە سايرام مەدىرىسىدە مۇدەرىسلىك قىلىدۇ.
موللا مۇسا سايرامى XIX ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ بىر قاتار ئىلىمى ئىجادىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇ يازغان ئەسەرلەر ئىچىدە «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا» (ئەۋلىيالار تەزكىرسى)، «دەر بايان ئەسھەبۇلكەف» (ئەسھەبۇلكەف ھەققىدە بايان)، «تارىخى ئەمىنيە»، «تارىخى ھەمىدىيە»، «قەسسىدە ئىي سىدىق»، «غەزەليات»، «سالامنامە» قاتارلىق تارىخ، ئەدەبىياتقا ئائىت ئەسەرلەر بار.
«تارىخى ئەمىنيە» 1903- يىلى يېزىلغان، 1904- يىلى روسىيىنىڭ تاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ قازان شەھىرىدىكى«مەدىرسەئىي ئۇلۇم» مەتبەسىدە بېسىلغان. كېيىن بۇ نادىر ئەسەر قازان شەھىرىدە بېسىلغان نۇسخىسىغا ئاساسەن 1988- يىلى11- ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا نەشىر قىلىندى.
بۇ ئەسەردە يەتتە شەھەر ھەققىدە شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى تەپسىلى سۆزلەنگەن بولۇپ، زىمىنىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن چوڭ-كىچىك تارىخى ۋەقەلەر، چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۈكۈمرانلىق قىلغان چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ھەققىدىكى شىنجاڭ تارىخى، تۇغلۇق تۈمۈرخان ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاشقان ئەۋلاتلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تارىخى، بۇ تەرەپلەرگە ئۆتكەن نەمەنگانلىق خوجىلارنىڭ سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇش يولىدىكى سۈيقەستلىك ھەرىكەتلىرى، ھەم ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزۈۋالغانلىقى توغرىسىدا، ھىدايىتۇللا ئىشان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈزۈبەرگەن يېغىلىقلار، ئىشان-سوپىلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى جاھالەتتە قالدۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان ئستېلاچىلىق ئۇرۇشلىرى، مانجۇ ئىستىبداتىغا قارشى قوزغالغان، رەھمىتۇللا بەگ، ئەسمىتۇللا بەگ باشچىلىقىدىكى ئۈچتۇرپان «جىىگدە يېغىلىقى» قاتارلىقلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ.
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئالىمى موللا مۇسا سايرامى بىزگە قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرۇپ ھىجىرىيە 1335- يىلى ماھى جامادى ئاخىردا (1917- يىلى4- ئايدا)، 81 يېشىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا سەپەر قىلىدۇ. شۇ يىلى ماھى شەۋۋالدا (6-ئاي)، ئۇنىڭ توغقانلىرى ۋە يۇرتداشلىرى قەشقەرلىك مەشھۇر نەققاش ۋە تامچى يۈسۈپ ئۇستام دېگەن كىشىنى تەكلىپ قىلىپ، ھازىرقى ئاناقىز ئۆستىڭى بويىدا موللا مۇسا سايرامىغا ئىگىز گۈمبەز تىكلەپ، ئۇنىڭ يېنىغا يۈز كىشلىك بىر مەسچىت بىنا قىلىدۇ، بۇ گۈمبەز بىلەن مەسچىت ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋىرىدە تامامەن بۇزۇلۇپ تۈزلىۋېتىلىنىدۇ ۋە بىرقىسىم نادان كىشلەر ئۇنىڭ ئورنىغا چوشقا قوتىنى سېلىپ چوشقا باقىدۇ!! «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن كېيىن بۇ مەسچىت بىلەن گۈمبەز قايتا سېلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

مەنبە:بىلىك تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top