ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇراجىئەتنامىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قوللىغىۇچىلىرى، ئۇلۇغ رامىزان ئېيىڭلار مۇبارەك ۋە ئىبادىتىڭلار مەقبۇل، تېنىڭلار سالامەت بولسۇن!
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2010-يىلىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايىسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئالىم-تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچى-مۇتەخەسسىسلەرنى گۈزەل تارىخى شەھەر ئىستانبۇلدا جەم قىلىپ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەك نەتىجىلىرىنى ئامماباپ ئۇيغۇر تىلىدا ئەزىز ئۇيغۇر خەلقىمىز بىلەن ئورتاقلىشىشىغا سەھنە، خەلقىمىزگە بولسا ئىلىم- پەننىڭ چوققىسىدا چاقنىغان چولپانلىرىمىزنىڭ تەتقىقات تېمىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشكە تىرىشىپ كەلمەكتە. ھەر بىر بىلىمنى سۆيگەن ۋە ئىلىم ئىشقىدا كۆيۈۋاتقان ياش ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى ئىلىم – پەن ئىشتىياقىنى ئۇلغايتىش ئۈچۈن، ھەر يىلى « ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ خەلقارا ئىلمىي مۇھاكېمە يىغىنى » پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ.
2013- يىلىدىكى« 5-قېتىملىق خەلقارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى »نى بىر قانچە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن 25 نەپەر ئالىم – تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ قىزغىن ئىشتىراك قىلىشى ۋە ھەر قايسى ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋىى جەھەتتىن ياردەم قىلىشى ۋە قوللىشى بىلەن تولىمۇ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلگەنىدى.
بۇ يىل 9-ئاينىڭ 20،21-كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان« 6-قېتىملىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى »غا قاتناشماقچى بولغان 18 نەپەر ئالىم – تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچى- مۇتەخەسسىسلىرىمىزنىڭ لېكسىيە تېمىلىرى قىسقىچە مەزمۇنلىرى بىلەن قوبۇل قىلىنىپ، يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئېلىندى. 9-ئاينىڭ 20- ۋە 21-كۈنلىرىگە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، 22- ۋە 23-كۈنلىرىگە سەيلى- ساياھەت ۋە زىيارەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاساستا، « 6-قېتىملىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى »نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى باشلاندى. ئاللاھ خالىسا يىغىن كۈنتەرتىپى بىر قانچە كۈن ئىچىدە توربېتىمىز https://www.akademiye.org/ug دە ئېلان قىلىنىدۇ.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ۋە مول نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خالىسانە ياردەم قوللىرىنى سۇنۇشىنى تۆۋەنلىك بىلەن سورايمىزھەمدە ھەرتۈرلۈك ياردەملىرىڭلار بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قۇشىشىڭلارنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.
ئىئانە قىلىش شەكلى: نەق پۇل ياكى تۈۋەندىكى بانكا ھېساپ نۇمېرىمىزغا ياكى Paypal ھېسابىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە كۆڭلىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىز بۇلىدۇ.
ئىئانە ۋە بانكا ھېسابى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى — پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئالىملىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ئۇيغۇر ئىلىمىي جەمئىيىتى بولۇپ، ئۇيغۇر پەن-مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ۋەتەن ئىچى-سىرتىكى ئۇيغۇر مەرىپەت سۆيەر قېرىنداشلارنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە ماددى جەھەتتىن ياردەم قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ كۈچلۈك پەن-تەتقىقات مەركىزى بولۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
– ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى Paypal تور بانكا ھىسابى ئېلخەتى: uyghuracademy@gmail.com
ئۇيغۇرئاكادېمىيسى بانكا ھېساباتى
(تۈركىيە ئىش بانكىسى) Türkiye İş Bankası
Hesap Sahibi : Uluslararası Uygur Akademisyenler Derneği
TL Hesap No : 1068-931248
Müşteri No : 223926880
1068 – Fındıkzade Şube
IBAN NO: TR 6100 0640 0000 1106 8093 1248
==============================================
(تۈركىيە فىنانس ئىسلامى بانكىسى) Türkiye Finans Katılım Bankası
Hesap Sahibi : Uluslararası Uygur Akademisyenler Derneği
TL Hesap No : 1104815-1 (تۈرك لىراسى ھىسابى)
86 – Fındıkzade Şube
IBAN NO: TR92 0020 6000 8601 1048 1500 01
USD Hesap No : 1104815-101 ( ئامېركا دوللىرى ھىسابى)
IBAN NO: TR11 0020 6000 8601 1048 1501 01
Euro Hesap No : 1104815-102 ( ياۋرو ھىسابى)
IBAN NO: TR81 0020 6000 8601 1048 1501 02
==============================================
(كۈۋەيت تۈرك ئىسلام بانكىسى) Kuveyt Türk Katılım Bankası
Hesap Sahibi: Uluslararası Uygur Akademisyenler Derneği
Müşteri No : 6158672
Fındıkzade Şube – 67
Cüzdan No : 1
Hesap Türü : TL (تۈرك لىراسى ھىسابى)
IBAN NO: TR 52 0020 5000 0061 5867 2000 01
Hesap Türü : USD (ئامىركا دوللىرى ھىسابى)
IBAN NO: TR 68 0020 5000 0061 5867 2001 01