ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەمتىلى تەۋپىق فوندى دوكتور ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەمتىلى تەۋپىق فوندى دوكتور ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

UA_LOGO

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار،

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەسمى ئىش باشلىغان 5 يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تىرىشىپ-تىرمىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىك، زىيالىي ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ، قوللىشىغا ئېرىشتى. بىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، ئوت يۈرەك ئالىملىرىمىزنىڭ سېپىگە تېخىمۇ كۆپ ۋەتەنگە كېرەكلىك جاسارەتلىك ياشلارنى قوشۇش مەقسىتىدە، ئەلسۆيەر ساخاۋەتچىلىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇزۇن يىللىق پىلان-لاھىيەلىرىمىز ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قۇربىتى يەتمەي كەلگەن «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەمتىلى تەۋپىق فوندى» دوكتور ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تەسىس قىلدۇق.

1. بۇ مۇكاپاتقا پەقەت تۈركىيىدە ماگىستىرلىق، دوكتورلۇقتا ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارلا ئىلتىماس قىلالايدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ياش چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ.

2. ھەر يىل ئوقۇش ياردەم پۇلى ئۈچۈن بېرىلگەن سان 5 ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى.

3. مۇكاپات بېرىش مۇددىتى بىر يىل ۋە كېيىنكى يىللىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاساسەن قايتا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

4. ھەر ئايلىق مۇكاپات سوممىسى دوكتور ئاسپىرانتى ئۈچۈن 450 تۈرك لىراسى، ماگىستىر ئاسپىرانتى ئۈچۈن 350 تۈرك لىراسى.

5. ئىلتىماس قىلغۇچى چوقۇم تۈركىيىنىڭ ھەرقانداق بىر ئالى مەكتىپىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. يۇقارقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر يىلى 8-ئايدا تۆۋەندىكى ماتېرىياللار بىلەن بىۋاستە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

(ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەمتىلى تەۋپىق فوندى دوكتور ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈۋېلىڭ: UA Burs Iltimas Jediweli)

تەلەپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللار:

1. ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى (Öğrenci Kimliği) ۋە ئوقۇشىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىسپات (Öğrenci Belgesi)

2. ئوقۇش نەتىجىلىرى بىلەن ئىككى كىشىنىڭ تەۋسىيە خېتى (بىرى چوقۇم ئوقۇتقۇچىسىدىن ۋە باشقا بىرى جەمئىيەتتىكى مەلۇم بىر كىشىدىن).

3. پاسپورتى ۋە ئىقامىتىنىڭ كوپىيىسى

4. يېقىنقى بىر پارچە سۈرىتى

5. قىسقىچە تەرجىمىھالى

6. تۈركىيىدە ئوقۇش مەقسىتى، ئوقۇش ۋە تەتقىقات نىشانى ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى پىلان-لاھىيىسىى ھەققىدە قىسقىچە يازما.

7.ئوقۇش ۋە خىزمەت ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى (ئەگەر 5 يىل ئىچىدىكى چەتئەل تىلى خەلقارا ئىمتىھان نەتىجىلىرى بولسا تېخى ياخشى).

8. تۈركىيىدە ئوقۇش مۇكاپاتى ئالمىغانلىق ھەققىدە ئەھدىنامە ۋە بۇ مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىش سەۋەبلىرى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەمتىلى تەۋپىق فوندى ئوقۇش مۇكاپاتى تاللاش كومىتېتى

ئالاقىلاشقۇچى: ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق

تېلېفۇن: 02125897667    ,05378112235     ئېلخەت: uyghuracademy@gmail.com

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1112

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش