ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » تۈركىيە سىياسىي ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم سايلىمى ئاخىرلاشتى، ئەردوغان 12-تۈركىيە رەئىسجۇمھۇرى بولدى.

تۈركىيە سىياسىي ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم سايلىمى ئاخىرلاشتى، ئەردوغان 12-تۈركىيە رەئىسجۇمھۇرى بولدى.

Saylamغەيرىي رەسمىي نەتىجىلەرگە كۆرە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاۋاز بېلەتلىرىنىڭ 52% سىنى ئېلىپ، تۈركىيەنىڭ 12- نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى بولدى.

سايلاملارغا ئىشتىراك قىلىش نىسبىتى 73% بولدى، تاشلانغان ئىناۋەتلىك بېلەت سانى 38 مىليونغا يېقىنلاشتى. چەتئەللەردە ياشايدىغانلارنى قوشقاندا 56 مىليونغا يېقىن سايلىغۇچىنىڭ 73% ى تۈركىيەنىڭ يېڭى جۇمھۇر رەئىسىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى.
غەيرىي رەسمىي نەتىجىلەرگە كۆرە، باش مىنىستىر ئەردوغان ئۈچ نامزات ئىچىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى؛ ئەردوغان ئىناۋەتلىك بېلەتلەرنىڭ 52% گە يېقىنى ئېلىپ يېڭى جۇمھۇر رەئىس بولدى. سايلامدا ئورتاق نامزات ئەكمەلۇددىن ئىھسانئوغلۇ ئىككىنچى، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ نامزاتى سەلاھاتتىن دەمىرتاش ئۈچىنچى بولدى. ئىھسانئوغلۇ 38% ئەتراپىدا، دەمىرتاش 9.7% ئاۋازغا ئېرىشتى.
بېلەت تاشلىغۇچىلار نىسبىتى 73% ئەتراپىدا بولدى، تاشلانغان بېلەتلەرنىڭ 39 مىليونىنىڭ 38 مىليونى ئىناۋەتلىك ھېسابلاندى. تۈركىيەنىڭ مىقياسىدىكى 55 ۋىلايەتتە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 15 ۋىلايەتتە ئەكمەلۇددىن ئىھسانئوغلۇ، 11 ۋىلايەتتە سەلاھاتتىن دەمىرتاش رەقىبلىرىدىن يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشتى.

zeperباش مىنىستىر ئەردوغان سايلام غەلىبىسىنى ئىستانبۇلدا ئېلان قىلدى.
غەيرىي رەسمىي نەتىجىلەرگە كۆرە، جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا غەلىبە قىلغان باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىستانبۇل خالىچ يىغىن مەركىزىدە ئىستانبۇللۇقلارغا رەھمەت ئېيتتى.
ئەردوغان، ساندۇقلارنىڭ تولۇق ئېچىلىپ بولۇشى بىلەن بىرلىكتە ئەنقەرەدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي بىناسىدا بالكوندىن خەلققە خىتاب قىلىدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان سۆزىنى «ۋەتىمىزگە، مىللىتىمىزگە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. تېخىمۇ ئىلغار دېموكراتىيەگە ۋە (تېررورلۇق مەسىلىسىنى) ھەل قىلىش چارىسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

مەنبە: TRT ئۇيغۇرچە

تۈركىيە  باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ تەرجىمھالى

thumb

تۈركىيىنىڭ 59 , 60 ۋە 61 – قېتىملىق باش مىنىستىرى. ئۇ بىر نامرات مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ،ئىلگىرى بىر كەسپى پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى.

كېيىن مەرمەر ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ سودا ئىقتىساد ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. 1994-يىلى 3-ئايدا ئىستانبۇلنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغان. 1998-يىلى جامائەت ئالدىدا دىننى كۈيلەيدىغان شېئىرنى ماختىغىنى ئۈچۈن 10ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان .

2002-يىلى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلغان ۋە 2003-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۆزى يالغۇز مىنىستىرلار كابىنېتى تەشكىل قىلىپ ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن .تۈركىيە ئۇنىڭ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن ،كىشى بېشىغا كىرىدىغان كىرىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ ھەسسە ئاشقان .ئىچكى جەھەتتىن كۇردلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ ،تاشقى جەھەتتى ئىسرائىلىيىگە كۈچلۈك قارشى تۇرغان . ھەم باشقىلار تەرىپىدىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ رەھبىرى دەپ قارالغان .2011-يىلى ، ئامېرىكا ‹دەۋر ›ژورنىلىنىڭ يىللىق شەخىسكە تاللانغان .


ئىسمى :رەجەپ تايىپ ئەردوغان
خەنزۇچە ئىسىم يېزىلىشى :埃尔多安
ئېنگىلىزچە ئىسىم يېزىلىشى :Recep Tayyip Erdogan
دۆلەت تەۋەلىكى: تۈركىيە
تۇغۇلغان يۇرتى: ئىستانبۇل
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1954-يىلى 2ئاينىڭ 26-كۈنى
ھازىرقى كەسپى: تۈركىيە زۇڭلىسى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى: مەرمەر ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ سودا ئىقتىساد ئىنىستىتوتى
دىنىي ئېتىقادىي: ئىسلام دىنى
ئاساسلىق تۆھپىسى: تۈركىيە دۆلەت ئىچىدە كىشى بېشىغا كىرىدىغان كىرىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ ھەسسە ئاشۇرغان
ئۆسۈپ يېتىلىشى
رەجەپ تايىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ھازىرقى زۇڭلىسى ، ئۆكتىچىلەر ئۇنى ‹تۈركىيەنىڭ بىرىنچى تەلۋىسى ›دەپ ئاتىشىدۇ . 1954-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەردوغان بىر نامرات مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .بالىلىق مەزگىلىمۇ نامراتلىق ئىچىدە ئۆتكەن .كېلىشكەن يىگىتلەر كۆپ تۇغۇلىدۇ دېيىلىدىغان بۇ مەملىكەتتە ،ئۇنىڭ تەققىي تۇرقىمۇ خېلى راۋۇرۇس ھېسابلىناتتى.

بىراق ئۇنىڭدا كىچىكىدىنلا بىرخىل ئەجداتلىرىنىڭ ئارزۇسى بار ئىدى ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىش مەقسىتىدە ،ئۆگىنىش جەھەتتىن مەرمەر ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ سودا ئىقتىساد ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈردى ،تەنتەربىيە جەھەتتىن :پۇتبول كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولدى .ئىزچىل دۆلەت كوماندىسىغا كىرىشنى مەقسەت قىلدى ،سىياسىي جەھەتتە ،ئۇ 15ياش ۋاقتىدىلا تۈركىيە گۈللىنىش پارتىيىسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولدى .

ئەردوغان تۇغۇلۇشتىن ئىككى يىل بۇرۇن ، تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرگەن ئىدى ،ئۇ بەش ياشقا كىرگەن يىلى ،تۈركىيە ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە قوشۇلدىغانلىقىنى بىلدۈردى ،شۇ ۋاقىتتا ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا بولغان دۆلەت پەقەت ئالتە ئىدى .،شۇنداق دېيىشكە بۇلىدۇكى ،تۇغۇلغان ۋاقتىدىن باشلاپ ئۆسۈپ يېتىلگۈچە ،ئەردوغان تۈركىيەدىن ئىبارەت بۇ چوڭ دۆلەتنىڭ ‹ئاسىيانى تاشلاپ ياۋروپا كىرىش ›تىن ئىبارەت جاپالىق كەچۈرمىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى . 1963-يىلى ،تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى كېلىشىم ئىمزالىدى ،گېرمانىيە خرىستىئان دېمۇكىراتىك بىرلەشمىسىگە ئەزا بولدى ،ياۋروپا ھەيئەت يىغىنىنىڭ تۇنجى رەئىسى تۈركىيەنىڭ ياۋروپانىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى جاكارلىدى .

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ،ئۇ ۋاقىتلار پەقەت تۈركىيە بىلەن ياۋروپانىڭ گۈزەل بىر ئەسلىمىسى بولۇپ قالدى ،يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتتى ،ھازىرقى ھەيئەت رەئىسى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ ،تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەت بۇلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
دۆلەت ئىچى سىياسىتىمۇ ئوخشاشلا ئۆزگەردى ،تۈركىيىدە ،ھەققانىيەتچىلەر تېز پەيدا بولۇپ ،تېزلا يوقاپ كەتتى . ھەرخىل شەكىلدىكى پارتىيىلەر قۇرۇلدى ،قىساسكارلار كۆپەيدى ،ھەربىي قىسىم ھەر ۋاقىت ھۆكۈمەت سەھنىسىنىڭ ئاستىغا كېلىپ تۇردى ،1994-يىلى ،40ياشلىق ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم شەھىرى ئىستانبۇلنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا سايلاندى .ئۇ ۋاقىتتا تۈركىيە ئەمدىلا 15يىللىق كۇردلار قوزغىلىڭىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى ،ئىچكى ئۇرۇشتا 30مىڭ ئادەم ئۆلدى .ئەردوغان ۋەزىپىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى بارلىق مەينەتچىلىكنى ،پارىخورلۇقنى تازلاپ چىقىرىپ ،سىياسەتنى تەڭشىدى .

دىنغا بولغان ئىخلاسمەنلىكى
ئامېرىكا ‹دەۋر ›ژۇرنىلى ئۇنىڭغا باھا بېرىپ :ئەردوغان قارىماققا بىر دىندىن خالىي ئېقىمغا تەۋە ،بىراق ئۇ ئىچىدىن بىر ئىسلام كونسېرۋاتىست ئېقىمىدىن دېدى .ئۇ ئادەتتە كاستىيوم كىيىپلا يۈرۈيدىغان ،ئاممىۋىي سورۇنلاردا چۈمبەل ئارتماسلىق پىكرىدە چىڭ تۇرىدىغان كىشى .بىراق ئۇنىڭ ئايالى قانداقلا ۋاقىتتا بولسۇن ياغلىق بىلەن چاچلىرىنى مەھكەم يۆگەيدىغان ،چۈمپەردە ئارتىدىغانلار تىپىدىن ،ئۆكتىچىلەرنىڭ نەزىرىدە ،ئەردوغان بىر تەلۋە دىن تەرغىباتچىسى .ئۇ ھاراق ئىچمەيدۇ ،تاماكا چەكمەيدۇ ،ھەر ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى جۈمە نامىزىغا بارىدۇ .

تۈركىيە دكلەت ئاتىسى كامال تۈركىيىنى دىنۋە سىياسىسى ئايرىلغان دۆلەت دەپ بېكىتكەن ھەمدە تۈركىيلىكلەرنى ئەرەب يېزىقىنى تاشلاپ لاتىن يېزىقى قوللىنىشقا ،بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ ،ئەرلەرنىڭ ساقىلىنى ئېلىۋېتىپ ،ئاياللارنىڭ چۈمپەردە ئارتماسلىقىنى بەلگىلىگەن .ھەتتا مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ياغلىق ئارتىشنى قانۇنغا خىلاپ دېگەن .بىراق ،بۇ بىر قاتار تۈزۈملەر ئەردوغاننىڭ قىزى ۋە ئايالىنىڭ جەڭ ئېلان قىلىشىغا دۇچ كەلدى .ئۇلار ياغلىق ئارتىپ ،ئەنئەنىۋىي ئۇزۇن كىيىملەر بىلەن ھەرخىل ئاممىۋىي سورۇنلارغا قاتنىشىۋېرەتتى .باشقىلار بىر كىچىككىنە چۈمبەلنىڭ تۈركىيە سىياسى جېڭىنىڭ قوزغىلىش نۇقتىسى بولۇپ قالغانلىقىنى بەك تەستە چۈشىنىشى مۇمكىن .بىراق تۈركىيىلىكلەر چۈمبەلنى ‹ساقلاش ›ۋە ‹ئەنئەنە ›نىڭ مۇھىم تەركىبى دەپ بىلىدۇ .


1998-يىلى ئۇنىڭ نۇتۇق سۆزلىگەندە :‹ئەزان سۇپىسى بىزنىڭ خەنجىرىمىز ،مەسچىت بىزنىڭ ھەربىي گازارمىمىز ›دېگەندەك بىر پارچە شېئىر بىلەن دىننى كۈيلىشى ،ئىپتىدائىي دىنىي ئەقىدىچىلىكنىڭ چېكىدىن ئاشقان ئىدىيسى يۇشۇرۇنغان شېئىر ئوقۇدى دەپ قارىلىپ ،ئەردوغان شۇ بىر نەچچە جۈملىنى ئۇقۇپ بولىشىغىلا ساقچىلار ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى ،ئۇ تۇتۇلۇپ ئېلىپ مېڭىۋاتقاندا ئۈنلۈك ئاۋازدا ‹مەن تېخى شېئىرنى ئۇقۇپ بولالمىدى ›دېگەن ئىدى ،شۇنىڭدىن كېيىن ،ئۇ خىيالىي دۇنيا چاكىنىلىقىنى تەشۋىق قىلىش جىنايىتى بىلەن 4ئايلىق قاماق جازاسى ۋە 5يىللىق مەمۇرىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىش جازاسىغا قالدى .كېيىن تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگىرىش كىرگۈزۈلۈپ ئەردوغاننىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئەسلىگە كەلدى ،2003-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇ يەرلىك سايلامغا قاتناشتى .شۇ ئاينىڭ 11-كۈنى ،ئەسلىدىكى زۇڭلى ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى ،5يىللىق سەزگۈرەشتىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ،ئەردوغان ئاخىرى سىياسىي ساھەدە باش كۆتۈرۈپ چىقتى .
ئىقتىسادىي مۆجىزە


ئەردوغاننىڭ شۇنچە تېز باش كۆتۈرۈشىدىكى مۇھىم سەۋەپنىڭ بىرى ،تۈركىيە 1990-يىلى ۋە 2001-يىلى كەينى-كەينىدىن ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچ كەلدى ،1مىلىيون تۈركىيە لىراسى ئاران بىر دوللارغا تەڭ كېلىدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدى .تۈركىيە ئامالسىز خەلقئارا قەرز پۇل فوندىدىن 110مىلىيارد قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولدى ،ھۆكۈمەت جىددىي ھالدا پىلان تۈزەشكە كىرىشتى ،ئەردوغان تەخىتكە چىققاندىن كېيىن ،ئۇ ئۆزنىڭ ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە سىياسىتىنى چىڭ تۇتتى . ئىقتىساد جەھەتتىن روسىيە ۋە كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئاشتى ،2003-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە ،،كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغا ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى غان كىرىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2500ئامرىكا دوللىرىدىن 10522دوللارغا يەتتى .سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مەبلەغ مەنبەسى كۆپەيدى ،تۈركىيە كارخانىللىرى سۇرىيە ،ئىراق ،ئىران قاتارلىق جايلار بىلەن سودا ھەمكارلىقى تۈزىدى . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا تۈركىيە جۇڭگونىڭ تەكرارلانغان نۇسخىسى .كېيىنچە ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش كەسپى ، ئىشلەپچىقىرىشى تېز تەرەققى قىلىپ جۇڭگو بىلەن رىقابەتچى بولدى . 2007–يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى تۈركىيە يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا ئەردوغان :‹ئەگەر مەن مۇستەقىل بىر تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقالمىسام ، بۇ ساھەدىن چېكىنىپ ،سىياسىيغا يېقىن يولىمايمەن ›دېگەن .
ئىچكى سىياسەت ۋە تاشقى ئالاقە


ئەردوغان سىياسىي ئۆزگەرتىشكە كەلگەندە بەكلا قاپ يۈرەك بولۇپ ،ھەربىي تەرەپ ئەمەلدارلىرى ئىچىدىمۇ ،تۈركىيە تارىخىدا بۇنداق ئادەم ئاز ئۇچرايدۇ ، ئلتۈپ كەتكەن 40يىلدا ، ھەربىي جەھەتتە تۆت قېتىم ئۆزگىرىش بولدى ،ۋە خەلق سايلايدىغان ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ چىقتى ،ھەمدە ھەربىيلەرگە ئەڭ كۆپ ھوقۇق بېرىلگەن قانۇننى ئۆزگەرتىۋەتتى ،شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش ھەربىي تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويدى .

ئۇ يەنە خەلق رايىغا ئاساسەن ، كۆپ قېتىم ھەربىي ئەمەلدارلارنى تەڭشىدى . تاشقى ئالاقە جەھەتتە ئەردوغاننىڭ قولىدا يەنە ئىككى خىل لىنىيە بار .ئۇلار ئايرىم ئايرىم ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا قارىتىلغان بولۇپ بىرى ،ئېراق مەسىلىسى لىنىيەسى ئۇ مۇنداق دېگەن :‹ئەگەر بىر دانە پىچاق قاتىلنىڭ قولىدا بولسا ئۇ كېلىپ ئادەم ئۆلتۈرىدۇ ،دوختۇرنىڭ قولىدا بولسا ئادەم قۇتقۇزىدۇ ›.يەنە بىر لىنىيە بولسا ياۋروپاغا قارىتىلغان بولۇپ ،ئۇنىڭ بۇ لىنىيە پىلانى ئىستانبۇلنىڭ شەھەر باشلىقى بولغان چېغىدىلا بار ئىدى .99%ئادەم ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۈركىيە زادى غەرپكە ئەگىشەمدۇ ياكى شەرىققمۇ دېيىلگەندە ،ئەردوغان جاۋاب بېرىپ :‹غەرپكە مېڭىپ ياۋروپاغا قۇشۇلىدۇ ›دېگەن .


2010-يىلى ئامرىكىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام دۆلەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشتە ،تېما چىقىرلىپ :كىم سىلەر ھۆرمەت قىلىدىغان ئىسلام دۆلىتى رەھبىرى ؟دەپ سورالغاندا ، ئەردوغان ئەڭ يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن .

ئەردوغاننىڭ قوللىغۇچىلىرى

مەنبە: لەگلەك تورى،  لەگلەك تورى تەرجىمىسى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1197

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش