ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق؟

بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق؟

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يالقۇن روزى

1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئويغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالى ھەققىدە يېزىلغان ماقالە-ئەسەرلەردە ئۇيغۇرلار ئومۇمەن «باتۇر، ئەمگەكچان، ئەقىل پاراسەتلىك مىللەت » دەپ تەرىپلىنەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىلغان شۇ خىلدىكى ماقالە-ئەسەرلەردە بولسا «ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت» دەپ تەرىپلىنىدىغان بولدى. يېقىندا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، پەلسەپە دوكتۇرى ياۋۋىي خانىمنىڭ بىر يېڭى كىتابىنى كۆرۈپ قالدىم. 2005- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلغان بۇ كىتابنىڭ نامى «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق ھالىتى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە تەتقىقات» بولۇپ، ماۋزۇسىنىڭ ئۆزىلا مېنى ناھايىتى قىزىقتۇردى. دوكتۇر ياۋۋىي خانىم 1-بابنىڭ بېشىدىلا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدە، ئويغۇرلار ‹ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى› دەپ تەرىپلىنىدۇر. بۇ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئويغۇرلارغا بەرگەن باھاسى ۋە ئۇلار ھەققىدىكى تونۇشى» دەپ يازغانىدى. مەن بۇ جۈملىنى ئوقۇپ بىر ھازا ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتىم. «پىسخىكىلىق ھالەت» دېگەن كىشىلەرنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پوزىتسىيىسى، قىممەت قارىشى ۋە ئىنتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئۇقۇم. بىر مىللەتنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىدىكى بۇ خىل ئامىللار يەنى پوزىتسىيە، قىممەت قاراش ۋە ئىنتىلىش ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ئامىلى ۋە قوزغاتقۇچىسى بولۇپ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى چوڭ بىلىدىغان پوزىتسىيىمىز، قىممەت قارىشىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىز جەمىيئەتنىڭ ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدا قانچىلىق قوزغاتقۇچلۇق رول ئوينىيالىشى مۇمكىن؟! «ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئاساس» دەپ تونۇلىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا بىزنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىمىز، قىممەت قارىشىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىز مىللەتنىڭ رىقابەتكە تولغان دۇنيادا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىغا، بىلىم ئىگىلىكىنى بەلگە قىلغان جەمىيئەتتە تىگىشلىك ئىززەت-ھۆرمىتىنى تېپىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتەرمۇ ياكى پاسسىپ تەسىر كۆرسىتەرمۇ؟ ياۋۋېي خانىم كىتابىدا 467 نەپەر ئويغۇرنى ئوبيېكت قىلىپ، ئۇلارنىڭ «ئۆز مىللىتىنى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە دەپ تونۇيدىغانلىقى» نى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ قاتلىمى كادىر، ئوقۇتقۇچى، دېھقان، ئىشچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان: باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان.
تەكشۈرۈلگۈچىلەردىن تۈۋەندىكى 14 تۈر بويىچە ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بىقىش تەلەپ قىلىنغان.
1. دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدۇ:
2. ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر؛
3. يۇمۇرلۇق؛
4. ئۈمىدۋار؛
5. بىكىنمە؛
6. ئوچۇق-يورۇق؛
7. ئۈمىدسىز؛
8. ئەقىللىق؛
9. ئەستايىدىل؛
10. ئىچ-مىجەز؛
11. ئىشچان؛
12. تۈز كۆڭۈل؛
13. باتۇر؛
14. مەرد.
تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان 467 نەپەر كىشىنىڭ 369 نەپىرى «ئويغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر» دەپ كۆرسىتىپ، بۇ جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. تارىختا ئات ئۈستىدە قۇيۇندەك چېپىپ كېتىۋىتىپ ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، ئارقىسىغا قارىتىپمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئېتىپ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندەك دۇنياۋىي غالىب ئىستىلاچىنى ھەيران قالدۇرۇپ «ئوقياچى مىللەت» دەپ ئاتالغان خەلقىمىز؛ چىڭگىزخان دەۋرىدە تۈرلۈك ساھە بويىچە يېتىلگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن «مەرىپەتچى مىللەت» دەپ ئاتالغان خەلقىمىز قانداقلارچە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دىگەن تاجنى كىيىپ قالدى؟! شۇ تاپتا ئۆزىمىزمۇ ئۆزىمىزنى ئۇلۇغلايدىغان، باشقا مىللەتلەرمۇ بىزنى شۇ سۈپەت بىلەن تەرىپلەيدىغان بولدى؟ ئەلۋەتتە، ھەر ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ. مىللىتىمىزنى ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا باغلاپ ئۇلۇغلىشىمىز، باشقىلارنىڭمۇ بىزنى مۇشۇ جەھەتتە تەرىپلىشىنىڭ تۈرلۈك كونكرىت ھەم مۇرەككەپ سەۋەبى بار. ئالدى بىلەن تۇرمۇشىمىزدا رادىئۇ-تېلېۋىزۇر، ئۈنئالغۇ-سىنئالغۇ، VCD ئاپپاراتلىرىنىڭ كەم كۆلەمدە ئومۇملىششى بىر سەۋەب. رادىئۇ ئىستانسىلىرى بىلەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويىۋىلىشى، ئەتىگەندىن كەچكىچە دۇنيادا نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇلدىن بۆلەك ئىشلار يۇقتەك شۇنىلا ئاڭلىتىش، شۇنىلا كۆرسىتىشكە كۈچىشى يەنە بىر سەۋەب. بازار ئىگىلىكىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا سەنئىتىگە كەڭ كۆلەملىك بازارلىشىش پۇرسىتى ئاتا قىلىشى يەنە بىر سەۋەب. روشەنكى بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى تاشقى سەۋەب. ئەڭ مۇھىم سەۋەب يەنى ئىچكى سەۋەب شۇكى، بىزنىڭ «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇش» تەك ھازىرقى ھالىتىمىز بىلەن «نەغمە-ناۋاغا زىيادە ھېرىسمەن بولۇش» تەك پىسخىكىمىز بىلەن ئوڭ تاناسىپتۇر.
مۇشۇ كۈنلەردە نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇلغا مەستانىلەرچە ئىنتىلىش خەلقىمىزنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا ئايلىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ تۈپ، ئەڭ يىتەكچى خومار-ھېسسىياتىغا ئايلىنىپ بولدى، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا جەھەتتە ئەتىراپىدىكى مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئەزەلدىن ئۈستۈن ھالەتتە بولۇپ كەلگەن. ئەمما ھەربىي ئىشلاردىكى جەڭگىۋارلىقنى ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا ھامىي قىلغان. سودا تىجارەتنى مۇھىم، ئىلىم مەرىپەتنى چوڭ بىلىشنى، ھۈنەر ئەمگەكنى قولدىن بەرمەسلىكنى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىش ھېسابلىغان. ئالدى بىلەن موشۇ نەرسىلەرگە ئىنتىلگەن. ئالدى بىلەن موشۇ نەرسىلەرگە ئىنتىلمەي ۋە ئېرىشمەي تۇرۇپ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا دۈم چۈشۈشىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك، نورمالسىزلىق، ئويۇن قېپىلىق دەپ ھېسابلىغان. ئەمەليەتتە بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانىڭ زىيادە ئۈستۈنلۈك ئېلىپ يامراپ كېتىشى جەمىيئەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بىر خىل مىللىي چۈشكۈنلۈك، دەپ قارىلىدۇ. بۇ خىل پاسسىپ پىسخىكىلىق ھالەت «سەنئەتخۇمار مىللەت» دېگەنگە ئوخشاش ھەر قانداق چىرايلىق سۆزلەر بىلەن سۈپەتلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، مىللەتنىڭ ئومۇمىي قىممىتى بىلەن ماسلاشمايدىكەن، ئۇ كۈلكىلىك ئىش بولۇپ قالىدۇ.
بۇنىڭدىن 1000 يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئات ئۈستىدە زەپەر قۇچۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېتەكلىرىدە زور ھەربىي كۈچ بولۇپ تونۇلۇپ، قۇدىرەتلىك خانلىقلارنى قۇرغان، مەدەنىيەت جەھەتتە قېرىنداش مىللەتلەرگە باشلامچى بولغان چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالىرى قوشنا مىللەتلەرنىڭ، ساياھەتچى سەيياھلارنىڭ نەزىرىدە ئاجايىپ زور ئارتۇقچىلىق ھېسابلانغان. ئەمما، بۇنىڭدىن 100 يىللار ئىلگىرى خەلقىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسى تۈۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا، بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىمىز كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سىغماي قالغان. مىسالەن: 1906- يىلى قەشقەرگە كەلگەن فىللاندىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى ماننېر خېيىم (ماننەر ھەئىم) ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە: «ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىتى بىكار تەلەپ، كەيىپ-ساپا تۇرمۇشقا ئادەتلەنگەن، تەييار تاپ، كۈن-كۈنلەپ لاغايلاپ يۈرىدۇ، ئىشلەي دېمەيدۇ. بولۇپمۇ قوغۇن پىششىقىدا ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇرۇشۇپ، بىر-ئىككى قوغۇن تاۋۇزنى پىچىپ داستىخانغا قويىۋىلىپ، ئەتتىگەندىن تۈن يېرىمغىچە نەغمە-ناۋا قىلىشىدۇ»، دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىغا، ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىگە گاھىدا يارىشىدۇ، گاھىدا ياراشمايدۇ.
بۈگۈنكى شارائىتىمىزدا ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا زىيادە ھېرىسمەن بولۇش بىزگە يارىشامدۇ-ياراشمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلگەندە، چوڭقۇرراق ئويلىنىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە بۈگۈنكى دۇنيادا كۆپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ كەينىدە قالغان، ئىقتىسادىي قۇۋۋىتى ئاجىز، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى نىسبەتەن قالاق، پەن-تېخنىكىسى راۋاجلانمىغان، مائارىپ سۈپىتى تۈۋەن ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشالمىغان بىر مىللەتنىڭ ئويۇن-تاماشا ھېسابلىنىدىغان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا خۇددىنى يۇقاتقان ھالدا ھېرىسمەن بولۇشى، شەك-شۆھبىسىزكى چۈشكۈنلۈك، تېخىمۇ كەسكىنرەك ئېيىتقاندا، دەۋىر بىلەن ھاماقەتلەرچە قارشىلاشقانلىق.
بىز كۆزىمىزنى يۇغانراق ئېچىپ بۈگۈنكى دەۋىرگە قاراپ باقايلى! دەۋىر بىزنى نېمىگە چاقىرىدۇ، بۈگۈنكى دەۋىرنىڭ ماھىيىتى نېمە؟ خەلىق نېمە ئويدا، بىز نېمە كويدا؟! بۈگۈنكى دەۋىر بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى، رىقابەت دەۋرى! دەۋرنىڭ تەلىپىگە بىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە- ناۋاغا تەلۋىلەرچە ھېرىسمەن بولغان پىسخىكىلىق ھالىتىمىز بىلەن قانداقمۇ تاقابىل تۇرالايمىز؟! كۆپ خىل ئىقتىدار ئىگىلىرى يېتەرلىك بولغان، ئونۋېرسال ساپاسى ھازىرلانغان مىللەتلەرلا بۇ خىل تەلەپكە يېقىنلىشالايدۇ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ رىقابەتكە قاتنىشالايدۇ. بىزگە ئوخشاش روھىيىتىدە «سەنئەتخۇمارلىق» تەركىبى زىيادە ئارتىپ كەتسە، تەبئىي ھالدا ئەقلىي تەركىبنى چەكلىمىگە ئۇچىرىتىدۇ. ئەقلى تەركىبى كەمتۈك مىللەتلەر قانداقمۇ ئەقىل ۋە بىلىمنى دەسمايە قىلىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلىسۇن؟! بۇنداق بولىۋەرسە ئاخىرقى ھېسابتا رىقابەتتە غەلبە قۇچقان مىللەتلەرگە بىر چەتتە تۇرۇپ ئالقىش ياغدۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان «چاۋاكچى مىللەت» بوپقالمايمىزمۇ؟
بەزىلەر «خەلق نېمىنى ياخشى كۆرسە، شۇ نەرسە قەدىرلىق بولىدۇ، ئۇلۇغ بولىدۇ؛ خەلقىمىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ياخشى كۆرىدۇ، بىز خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك» دەيدۇ. بۇ تولىمۇ ئاددىي قاراش. خەلىقنىڭ تاللىشى، خەلىقنىڭ ياخشى كۆرىشى ھەممە ۋاقىتتا توغرا بولىۋەرمەيدۇ. خەلقىمىز ئېلى ھارىقىنىمۇ ئادەمنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە ئىستېمال قىلىدۇ. بۇمۇ خەلقىمىزنىڭ بىر خىل تاللىشى. ئۇنى ھېچكىم زورلىغان ئەمەس. خەلق ھەقىقەتەن ئۇلۇغ. خەلىقنىڭ ئۇلۇغلۇق مەسلىسى مەڭگۈلۈك مەسىلە. ئەمما، خەلىقنىڭ تۇتقان يولىنىڭ توغرا-خاتا بولىشى باشقا مەسىلە. ئۇلۇغ ئالىم ئېيىنىشتىيىن «مېنىڭ قارىشىم» دىگەن ماقالىسىدە: «ئاۋام ئىدىيە جەھەتتىن ئومۇمەن قاشاڭ كېلىدۇ» دەپ ئېيتقان. خەلقىمىز ئاپاق خوجىدەك لەنەتگەردىلەرنى 300 يىللاپ ئەۋلىيا بىلىپ مازىرىغا تاۋاپ قىلىپ كەلگەن. ھەقىقەتنى كۆپ ھاللاردا دانىشمەن-مۇتەپپەككۈرلارلا تونۇيالايدۇ ۋە ئاشكارلىيالايدۇ. خەلىقنىڭ تاللىشى ۋە مايىللىقى ھەرگىزمۇ بىردىنبىر ئۆلچەم بولالمايدۇ. ئەگەر ھەممە ئىشتا، ھەر ۋاقىت خەلىقنىڭ تاللىشى ۋە مايىللىقى ئۆلچەم قىلىنسا، ئۇ ھالدا خەلىقنى يېتەكلەيدىغان، يىراقنى كۆرەر يېتەكچى-داھىيلارنىڭ، پايدا-زىيان ياخشى-ياماننى ئېنىق ئايرىش، ھەقىقەتنى پەرق ئېتىش قابىليىتىگە ئىگە دانىشمەن-مۇتەپپەككۈرلەرنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ.
خەلق ئۆزىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ياشاۋەرسە، نېمىنى ياخشى كۆرسە قەدىرلەۋەرسە، نېمىنى خالىمىسا چۆرۈپ تاشلاۋەرسە ئۆزىنىڭ تاللىشى. ئەمما، ئاخىرىدا ھالاك بولىدىغىنى خەلق! بىلىشىمىز لازىمكى، ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن باشلاپ يېتەكچى داھىيلار بىلەن دانىشمەن مۇتەپپەككۈرلارغا ئىزچىل مۇھتاج بولۇپ كەلگەن. شۇڭا، ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈر بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىب ئۆز داستانىنىڭ 265-بىيىتىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق يازغان: «قارا، ئېسىل كىشىلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى بەگ، بىرى دانا، (ئۇلار) ئىنسانلارنىڭ باشلامچىسىدۇر». بۇ يەردىكى بەگ ئەل باشچىلىرىنى يەنى يېتەكچى داھىيلارنى، دانا دېگىنى دانىشمەن-مۇتەپپەككۈرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىب بىزگە ئۇلارنى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئەڭ ئۇسسۇل كىشىلەر، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ باشلامچىلىرىدۇر، دەپ كۆرسىتىپ بەرگەن.
بەزىلەر «بىزگە سەئىدىيە خاندانلىقىدىن 12 مۇقام مىراس قالغان. بۈگۈنكى كۈندە بىزنى 12 مۇقام دۇنياغا تونۇتتى، بىز دۇنيادا «ناخشا -ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ ئېتىراپ قىلىندۇق. بىز يا ئىلىم-پەندە، يا تېخنىكىدا تونۇلمىدۇق، شۇڭا خەلىقىمىزنى دۇنياغا تونۇتىۋاتقان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ئۇنداق-مۇنداق دېيىش خاتا!» دەيدۇ. توغرا، بىز مىللتىمىزنى باشقىلارغا، دۇنياغا تونۇتىدىغان مىللىي بايلىقلىرىمىزنى قەدىرلەيمىز، ھەم ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز. ئەمما بىزنى ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر بىر مىللەت سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇتۇشتىنمۇ ئاۋۋال، بىز مىللىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى مىللەتلەر قاتارىدا ئۇزاق مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھاياتى كۈچكە ئىگە مىللىي بايلىقلارغا تېخىمۇ مۇھتاج. ئويغانغان مىللەتلەر ئونۋېرسال مىللىي كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولىۋاتسا، بىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالىرىمىز مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتىۋاتىدۇ، دەپلا قانائەت قىلساق بولمايدۇ، چۈنكى تونۇلۇشقا قارىغاندا مەۋجۈتلىقنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش تېخىمۇ مۇھىم! دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ خىللىرى تولا، بەزى ھاللاردا ئۇ بىر دەملىك ئىش. ئەمما مەۋجۈتلۇققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يوللىرى ئىنتايىن تار ۋە مۈشكۈل. شۇڭا بىز ناخشا-ئۇسسۇلدىن ئىبارەت بىرلا ئىشقا بەنت بولۇپ قالمايلى، نەغمە-ناۋادىن ئىبارەت بىرلا ئىشنى ئۇنچىۋالا چوڭ بىلىۋالمايلى، ئونۋېرسال مىللىي كۈچىمىزنى ھازىرلاشقا تىرىشايلى. نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇل بىزنىڭ بايلىقىمىز، ئەمما بارلىقىمىز ئەمەس! ئەگەر ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمىز بىلەنلا قانائاتلىنىپ، پەخىرلىنىپ، مىللىتىمىزنىڭ مىللىي خاراكتېرىنى «سەنئەتخۇمار» دېگەن سۈپەتكە مىخلىۋېتىپ، نەغمە-ناۋا، ناخشا -ئۇسسۇلنى مىللىتىمىزنىڭ تۈپ خۇمارى قىلىپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ كەتسەك، ئۆمۈرى كوتام بەختى قارا تەغدىرگە مۇپتىلا بولماي قالمايمىز.
مۇتەپپەككۈر ئالىمىمىز ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش» ناملىق چوڭقۇر مۇلاھىزىلىك ماقالىسىدە، قاراخانىلار خانلىقى ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئونۋېرسال ئەۋزەللىكىمىز، ئەقلىي تەپەككۈرگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمەليەتچىل، ھاياتى كۈچكە ئىگە جۇشقۇن مىللىي خاراكتېرىمىز ھەققىدە سۆيۈنۈش بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ كېلىپ، 1400 يىللاردىن كېيىنكى مىللىي ھاياتىمىز ھەققىدە ئۆكۈنۈش بىلەن مۇنداق قۇرلارنى يازغان: «ئۇلۇغبەگ پاجىئەسىدىن كېيىن ئەدىب-شائىرلىقتىن باشقا بىزدە كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئالەمشۇمۇل ئالىملىرىمىز چىقمىدى. مەنىۋىي مەدەنىيەت خەزىنىمىز ھېسسىي سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنى بىردىن-بىر ئىپتىخار پەللىسى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسسۇل، دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى! بىز «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» كاتىگۇرىيىسىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇپ قېلىۋەردۇق، بۇياقچىدىن ئارتۇق خىمىك، تۆمۈرچىدىن ئارتۇق فىزىكلىرىمىز بولمىدى ….. سەنئەتتە داڭق چىقارغان، سەنئەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىگانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت-ماكانسىز جاھان كىزىپ، تىلەپ-تېرىپ ياشاشقا، چۈشكەنلا ماكانلىقى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ نەزەرىيۋىي تەپەككۈر ۋە ئۆتكۈر پەنلەرگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارىدىن «ئالىملار مىللىتى»، قۇدىرەتلىك، زامانىۋىي مىللەت كامالىتىگە يەتكەنلىكىنى نېمىشقا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمەيمىز؟!» (ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش »، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 1995-يىل 5-6 (قوشما سان)؛ «يىپەك يولىدىكى 9 ھېكمەت» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000- يىل نەشرى)
ئىنسانىيەت يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغان مۇشۇ شارائىتتا، دۇنيادىكى بارلىق چوڭ-كىچىك مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىشى زۆرۈرلىكىنى كۈنسايىن چوڭقۇر تونۇپ يېتىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي خۇمارى، ئەڭ ئالىي خوشاللىقى قىلىشنىڭ كويىدا ئىزدەنمەيۋاتىدۇ. بەلكى، مەدەنىيەتنىڭ ھەممە ئامىللىرىغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ، بىرلەمچى ئامىللار بىلەن ئىككىلەمچى ئامىللارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى، ماھارەت تىپلىق كىشىلەر بىلەن پاراسەت تىپلىق كىشىلەرنىڭ قىممەت تەرتىپىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ.
قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان «قازاقىستان، ئۆزبىكىستان، قىرغىزىستانلاردا 20-ئەسىردە تونۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇرلار» دېگەن بىر قىممەتلىك كىتاب يېقىندا قولۇمغا چۈشۈپ قالدى. شۇ كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىگە قارىساقلا، ئەسلى نېمىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈش، قايسى خىلدىكى كىشىلەرنى كۆپ يېتىلدۈرۈشكە كۈچەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ. بۇ كىتابنىڭ مۇندەرىجە تەرتىپى مۇنداق:
1. ھاكىمىيەت ئۈستىدە بولغانلار؛
2. ئىقتىسادىي ساھەدە باش كۆتۈرگەنلەر؛
3. ئارمىيىدە داڭق چىقارغانلار؛
4. تەشكىلاتچىلار؛
5. ئالىملار-ئاكادېمىكلار؛
6. دوختۇرلار؛
7. مائارىپچىلار؛
8. ئەدىبلەر؛
9. ئاخباراتچىلار؛
10. ئارخىكتورلار؛
11. رەسسام-ھەيكەلتاراشلار؛
12. تىياتىر، مۇزىكا، كىنۇ، ئۇسسۇل ساھەسىدىكىلەر؛
13. تەنھەرىكەتچىلەر.
ھازىر بىزدە بولسا ئەھۋال باشقىچە: ئىككى كۆزىمىز نەغمە-ناۋا، ناخشا ئۇسسۇلچىلارغىلا تىكىكلىك؛ روھىمىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالارغىلا كۆڭۈل بۆلۈكلۈك . ئەڭ ئالىي ھەۋىسىمىز، ئەڭ يوقىرى ئىنتىلىشىمىز، ئەڭ ئومۇمىي خوشاللىقىمىز پەقەتلا نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇل! مىللىي ئىپتىخارىمىزمۇ شۇنىڭغا مەركەزلىشىكلىك. شۆھبىسىزكى، بۇ بىر غەلىتە قىسمەت.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1108

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش