ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » مائارىپىمىزدا بىلىم كرىزىسى

مائارىپىمىزدا بىلىم كرىزىسى

Uyghur-Osmurlerئابدۇقادىر جالالىدىن

ئابدۇقادىر جالالىدىن : مائارىپىمىزدا بىلىم كرىزىسى

كىتاب مېنىڭ دۇنيانى كۆزىتىشتىكى ۋاستەم بولۇپ قالدى. گەرچە بۇ ئۈزۈل – كېسىل ھەم ئەمەلىي كۆزىتىشكە كىرمىسىمۇ، ھەرھالدا ئاز – تولا قىممەتكە ئىگە كۆرۈش بۇلۇڭى بولالايدۇ. پەخەس بولمىغاندا، مەتبۇئات كىشىنى تۇيۇق يولغا، ئۆلۈك پىكىر ئادىتىگە باشلاپ قويىدۇ. ئەمما ۋىجدان، مەسئۇلىيەت ۋە ئۆتكۈر سەزگۈرلۈكىنى يوقاتمىغان ئادەم مەتبۇئاتلاردىن پايدىلىق ئېلېمېنتلارنى قوبۇل قىلالايدۇ، ئۇلارنى تەپەككۇر ۋە ھاياتلىق ھەرىكىتىنىڭ خام ئەشياسى قىلالايدۇ. ھەممە ئىقلىملارنى بىۋاسىتە ئارىلاش، يېڭى ئالامەتلەرنى ئۆز دىتى بىلەن تاسقاش، ئىنسانىيەتنىڭ مۆجىزىلىرىگە كەڭ – كۇشادە نەزەر سېلىشتىن مەھرۇم ھالدا، بىلىم ۋە ئۇچۇر قورۇمىچىلىقىنىڭ ئىسكەنسىجىسىدە روھى قاغجىراۋاتقان ئادەم ئۈچۈن پەقەت كىتابلا كۆزنەكلىك رول ئوينايدۇ. كىتاب مەن بىلەن كۆزىتىش نۇقتىسى ئارىلىقىدىكى بوشلۇقنى سۇبيېكتىپنىڭ تۇمانلىرى بىلەن تولدۇرۇۋەتسىمۇ، ئەقىل ھامان ئۆزىگە تېگىشلىك پائالىيەت مۇھىتى يارىتالايدۇ. ئەقىل كۆزى خىرەلەشمىسىلا، ھەرقانداق شارائىتتا مۆجىزىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. پىكىر قىلىش ئەقىل گىمناستىكىسىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن جەمئىيەتشۇناس ئەمەس، جەمئىيەتنى سىستېمىلىق كۆزىتەلمەيمەن، ئەمما مەندە بىر ئەدەبىياتشۇناستا بولۇشقا تېگىشلىك ئۇنىۋېرسال كۆزىتىش كۈچى ۋە ھالال يۈرەك بار، يەنە بىر مائارىپچىغا خاس مەسئۇلىيەت ۋە يېنىپ تۇرغان ۋىجدان بار. مانا مۇشۇلار ۋۇجۇدۇمنىڭ كۆلىگە تاش ئېتىپ تىنماي داۋالغۇتۇپ تۇرىدۇ. بەزىدە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان شىددەتلىك بورانلار مېنى لەرزىگە سالىدۇ. بۇنداق چاغدا، مەن ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا قولۇمغا قەلەم ئالىمەن، پۈتۈپ چىققانلىرى بەزىدە شېئىر، بەزىدە نەسر، بەزىدە پوبلىستىك ماقالە بولۇپ چىقىدۇ. بۇلار مەن ئۈچۈن بەرىبىر، مەن شۇ ئارقىلىق ئازراق يەڭگىللىسەملا بولغىنى. يېزىپ بولغانلىرىم مەن ئۈچۈن روھىمنىڭ قاسراقلىرى سۈپتىدە ئەينى مەزگىلدىن ئاز – تولا دېرەك بېرەلەيدۇ، خالاس. مېنىڭ يازغانلىرىم پىكىر قىلىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ مەھسۇللىرى، ھەرگىزمۇ ئابىدە تىكلەشكە ئۇرۇنۇشنىڭ مەھسۇللىرى ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانىيەتىڭ قەھرىمانلارغا چوقۇنۇش دەۋرى ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن.بىز 21 – ئەسىرگە كەتمەن بىلەن كاۋاپداننى كۆتۈرگەن ھالدا كىرىپ كەلدۇق. ئىنتېر تورى ئارقىلىق سېكۇنتىغا 10 مىليون ئۇچۇر ئالىمىشىپ تۇرۇۋاتقان مۇشۇ كۈندە، زىيالىيلىرىمىز ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئايىغى چىقماس يىغىلىشلاردا، چوڭ – كىچىك چاي سورۇنلىرىدا ئۆتكۈزمەكتە. ۋاقىت سېكۇنت بىلەن ئۆلچىنىۋاتقان شارائىتتا، كېۋەزلىكتىكى ئاتا – ئانىلىرىمىز ۋاقىتنى كۈن بىلەن ئۆلچەيدۇ. كۈن بولسا قۇياشنىڭ چىقىشى ۋە پېتىشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. غەربتە ۋاقىت گويا نۇر تېزلىكىدە چاپماقتا، بىزنىڭ بۇ يەردە ۋاقىت توختاپ قالغاندەك، تارىخنىڭ ئۆزىمۇ قىمىرلىماي يېتىۋالغاندەك بىلىنىدۇ.بىزدە ئەسىر ئالىمىشىشقا دائىر يىرىك مۇلاھىزىلەر بولمىدى. كېلەچەكنىڭ قىياس خاراكتېرلىك تەسۋىرىنى سىزىپ بېرىدىغان كىشىلەر غەرب ئىقلىمىلىرىدا شۇنچە كۆپ بولۇشىغا قارىماي، قىزغىن ئېتىبارغا سازاۋەر. ئەكسىچە، بىزدە ئىغىۋاگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار شۇنچە مۆتىۋەر. بۇ بىلىم ئەھلىنىڭ جەمئىيتىمىزدىكى ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ شائىر فۇرقەتنىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ:چەرخى كاج رەپتارنىڭ بىر مېۋىسىدىن داغمەن،ئەيشنى نادان سۈرۈپ، دەردىنى دەنا تارتىدۇ.(مەنىسى: پەلەكنىڭ مۇنۇ قىلمىشىدىن داغ – ھەسرەتكە گىرىپتارمەن، زاماننىڭ راھىتىنى نادانلار سۈرۈپ، دەردىنى دانالار تارتىدۇ.)21- ئەسىر ئەقىل دەۋرى، لېكىن بىز ئۇنىڭغا ھېسسىيات مىللىتى سۈپتىدە كىرىپ كەلدۇق. 21 – ئەسىر رىقابەت دەۋرى، لېكىن بىز ئۇنىڭغا تايىنىشچان مىللەت سۈپىتىدە كىرىپ كەلدۇق. 21 – ئەسىر ئۇچۇر دەۋرى، لېكىن بىز ئۇنىڭغا بېكىندۈرمە مىللەت سۈپىتىدە كىرىپ كەلدۇق.20- ئەسىردە غەرب ئەقىدىسىنى مەنبە قىلغان قىممەت قاراشلىرىنىڭ قارىمۇ قارشى قۇتۇپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلارنى كۆردۇق، بۇ ئۇرۇشلار جاھاننىڭ بارلىق “ئۇنتۇلغان بۇلۇڭ” لىرىغا ئۆز تەسىرىنى ئېلىپ كەلدى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىنگلىز يازغۇچىسى كىپلىڭ (1865- 1936): “شەرق دېگەن شەرق، غەرب دېگەن غەرب، ئۇلار مەڭگۈ كېلىشەلمەيدۇ، پەرۋەردىگار ئاسمان بىلەن يەرنى ئۆز ئورنىغا بېكىتىۋەتكەندەك ئۇلار مەڭگۈ ئاشۇنداق تۇرىدۇ” دېگەندە، بۇنىڭغا جاۋابەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھىندىستان شائىرى تاگور (1861- 1941) مۇنداق دېگەنىكەن: “ئادەم دېگەن ئادەم، ماشىنا دېگەن ماشىنا، بۇ ئىككىسى مەڭگۈ سىغىشالمايدۇ”. روشەنكى، غەرب قىممەت قارىشى ماددىنى، شەرق قىممەت قارىشى روھنى نېگىز قىلغان. بىراق 20 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، غەرب مەدەنىيىتى شىددەتلىك پارتلاپ ھە دېسىلا تېشىغا كېڭەيدى. تاگورنىڭ ۋەتىنى بۈگۈنكى كۈندە غەرب قىممەت قارىشىنىڭ زىلزىلىسىدە قالدى. بىزمۇ قەدىمكى شەرقنىڭ چۈشكۈنلەشكەن پېرسوناژى سۈپىتىدە بۇلۇڭ – پۇچقاقلاردا رول ئېلىپ، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئاخىرقى بېكەتلىرىگە ئايلاندۇق. غەرب مەدەنىيىتى 20 – ئەسىردە ھە دېسە تېشىغا پارتلىدى، بىز بولساق ئىچىمىزگە پارتلاپ كەلدۇق. غەرب مەدەنىيىتىدىكى پارتلاشنىڭ ئەۋجى يېتىپ كېلىۋاتقان 21 – ئەسىردە مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ قانداق شەكىلدە بولۇشى بىز ئۈچۈن ئەڭ ماھىيەتلىك سوئال. بۇ سوئال خۇددى سىفنىكىسىنىڭ تېپىشىمىقىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىش – بېرەلمەسىك ھاياتىمىزغا بېرىپ تاقىلىدۇ.ئارقىدا قالغانلارنىڭ دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلىرى ھەممىدىن كۆپ بولىدۇ. چۈنكى تەرەققىيات ئۆزىنىڭ ئەخلەتلىرىنى ئارقىدا قالغانلارنىڭ دۇنياسىغا تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارقىدا قالغانلار ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىچى ۋە تېشىنى پاكلىمىسا بولمايدىغان بىر باسقۇچ كېلىپ چىقىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ باشقىلار زېرىكىپ تاشلىۋەتكەن نەرسىلەرنىڭ مىراسخورى بولۇپ قېلىشىمىز يۇقىرىقىنىڭ بىر پاكىتى. بۇ خۇددى تېنى ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئادەم ئاسان كېسەل بولغاندەك بىر ئىش. 21 – ئەسىر بىزگە يەنە قانداق مەسىلىلەرنى يۈكلەيدۇ؟بۇ مەسىلىنى ھەممىمىز ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان نۇقتا، كەسىپ، ئارزۇ – يۆنىلىشلەر بويىچە تەتقىق قىلغاندىلا يورۇتۇپ بەرگىلى بولىدۇ. ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ قىرلىرى بولىدۇ، ھەر بىر قىر مەلۇم كەسىپ ۋە بىلىملەر ئاساسىدىكى رېئال ھالەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇنى ئەنە شۇ ساھەنىڭ ئادەملىرى يېتەرلىك سەزگۈرلۈك ۋە ئىدراك بىلەن تەھلىل قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە ئىلغار ئىدىيە، جانلىق مېتود كېتىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى زىيالىي قۇرۇلمىمىزدا “ئاڭ فورمىسى زاپچاسلىرى” مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار راستىنى ئېيتقاندا، ئاڭ فورمىسى كۈتكەن ئۈمىدنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان كېرەكسىز “زاپچاسلار” بولۇپ، ئەينى دەۋرلەرنىڭ قالدۇق “تەۋەرۈك”لىرى. مانا بۇ ئىجتىمائىي پەن ئۈچۈن تېگىشلىك بولغان مەۋجۇت مەسىلىلەرنىڭ دىئاگىنوزسىز قېلىشىدىكى بىر سەۋەب. پەن – تېخنىكىنى يېتەكچى ئورۇنغا قويغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادنى نېگىز قىلغان ئىجتىمائىي ھالەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلغاندا، بىزدە ھەرخىل ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۆتكۈر پەن – تېخنىكا خادىملىرى يوقنىڭ ئورنىدا. بۇ ئەھۋاللار جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرگە توغرا، ئىلمىي جاۋاب تېپىپ، ئۆزىمىزنى تۈزەشنىڭ قىينچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.ئاتوم فىزىكىسى ئاتوم دەۋرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئېلېكترون ۋە ئۇچۇر تېخنىكىلىرى ئۇچۇر دەۋرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ دەۋرلەرنىڭ ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشى دۇنيانىڭ سىياسىي تەرتىپىنى غايەت زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ تاشلىدى. بۇ دەۋرلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن يۇقىرىقى ساھەلەر بويىچە يېتىلگەن ئالىملارنىڭ، باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ، پەيلاسوپلارنىڭ، تارىخچىلارنىڭ، مەدەنىيەتشۇناسلارنىڭ ۋە تۈرلۈك سىياسىي تەھلىلچىلەرنىڭ ماسلاشما ئەمگىكى تەلەپ قىلىنىدۇ. لېكىن بىزدە بۇنداق ئىلمىي قۇرۇلمىدىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇنداق شارائىتتا، كەلكۈن ئېقىنى نەگە باشلىسا شۇ يەرگە قاراپ ئېقىپ يۈرگەن سەرسان ئالىمدەك ياشاش كېلىپ چىقىدۇ.يېقىندا مەن ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس دانىئىل بىللنىڭ “كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ يېتىپ كېلىشى” ناملىق ئەسىرىنىڭ خەنزۇچىسىنى كۆرۈپ قالدىم. ئاپتور 1973 – يىلى يازغان بۇ ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆزىدە “كېيىنكى 30 – 50 يىل ئارىلىقىدا كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرىمىز” دېگەنىكەن. ئىنسانىيەت دانئىل بىلل بەرگەن بېشارەتنى مانا ئەمدى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمەكتە. بىلل كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى مۇنۇ گرافىك ئارقىلىق تەسۋىرلەيدۇ.كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنىڭدىكى مەسىلىلەرمەركىزىي ئوق پرىنسىپى:نەزەرىيىۋى بىلىملەرنىڭ جۇغلىنىشى ۋە كونكرېتلىشىشىئاساسلىق ئورگان:ئىقتىساد ئۇلى: ئاساسلىق مەنبە:سىياسىي مەسىلىلەر:قۇرۇلما مەسىلىسى: ئىجتىمائىي تەبىقە: نەزەرىيە مەسىلىسى: ئىجتىمائىي ئىنكاس:ئالىي مەكتەپلەر ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى تەتقىقات شىركەتلىرى پەننى ئاساس قىلغان سانائەت ئەمگەك كۈچى كاپىتالى پەن سىياسىتى مائارىپ سىياسىتى شەخس بىلەن ئاممىۋى ئورۇنلارنىڭ مۇۋازىنىتىئاساس – تېخنىكا جەريان – مائارىپ”يېڭى تەبىقە”نىڭ ئىچكى جۇغلانما كۈچى بيۇروكراتلىشىشقا قارشى تۇرۇش مەدەنىيەت قارىمۇ قارشىلىقىبىلل يۇقىرىقى گرافىكنى ئىزاھلاپ، كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئۇچۇر، بىلىم، تېخنىكا، كەسپىي خادىم، رىقابەت، ئۇچۇر، كېلەچەك قاتارلىق نۇقتىلىق ئىبارىلەرگە مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، كېيىنكى سانائەت دەۋرىدە بىلىم ئەھلى جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق قاتلىمىغا، مائارىپ ۋە بىلىم مۇئەسسەسىلىرى جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئورگانلىرىغا ئايلىنىدۇ. “بىلىم ھەممىگە قادىر” دېگەن سۆز “ھوقۇق ھەممىگە قادىر” دېگەن سۆزنىڭ ئورنىنى باسىدۇ.كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىيەت يۇقىرىقىلارنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا باشلىدى. كىشىلەر دانىئىل بىلل تەسۋىرلىگەن جەمئىيەتنى “بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى” دەپ قوبۇل قىلىشتى. مانا ھازىر “بىلىم ئىگىلىكى”گە ئائىت ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرلىك ئوقۇشلۇقلار ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئىشخانىسىدىكى كىتاب ئىشكاپىدا ئاز – تولا پەيدا بولدى، ئۇ ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە نۇقتىلىق مۇھاكىمە تېمىسىغا ئايلاندى.دانىئىل بىلل يۇقىرىقى ئەسىردە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىگىلىك تەرەققىياتىنى مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا بۆلگەن.ئالدىنقى سانائەت جەمئىيىتى جىسمانىي ئەمگەك ئارقىلىق تەبىئەتتىن خام ئەشيا ئېلىش. مەسىلەن، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، كانچىلىق، بېلىقچىلىق دېگەنلەردەك. ئەنئەنىگە ۋە ئۆتمۈشكە سېغىنىش ئاساسىي ئېقىم. كىشىلەر يەرگە باغلانغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىلىش دائىرىسى تار مەھەللە ياكى رايون بىلەن چەكلەنگەن بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رىتىمى پەسىل، يېغىن، سۇ مەسىلىلىرىگە زىچ چېتىلغان بولىدۇ.سانائەت جەمئىيىتى تاۋار ئىشلەپچىقىرىشنى مەركەز قىلىپ تەشكىللەنگەن جەمئىيەت. مەسىلەن، ياساش، ئىش قوشۇش دېگەنلەردەك. بۇ دەۋردە ماشىنا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، تۇرمۇش رىتىمى ماشىنا بىلەن باغلانغان بولىدۇ، ئېنېرگىيە جىسمانىي كۈچنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۆسۈشىگە زور دەرىجىدە تۈرتكە بولىدۇ.بىز يۇقىرىدىكى گرافىكتا كۆرسىتىپ ئۆتكەن جەمئىيەت بولۇپ، كەسپىي خادىملار ۋە تېخنىك خادىملار يېتەكچىلىك ئورنىدا تۇرىدۇ.شائىر نىمشېھىت بىلىم بولسا يەر شارىنىمۇ توپ قىلىپ ئوينىغىلى بولىدۇ، دېگەنىدى. دەرۋەقە، يەر شارىنى كىملەرنىڭ توپ قىلىپ ئويناۋاتقانلىقى بىزگە ئايدىڭ بولۇپ قالدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى بوسۇغىمىزغا كېلىپ قالدى.يۇقىرىقى جەمئىيەت ئەندىزىلىرى ئەمدىلىكتە بىر قىياس ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت بولۇپ قالدى. بىز بۇ ئەمەلىيەتكە قانداق يۈزلىنىشىمىز كېرەك؟رايونىمىز پايانسىز كەتكەن خام ئەشيا بازىسى بولۇپ، دېھقانچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېھقانچىلىق ۋاسىتە جەھەتتە تراكتور قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەندەك قىلسىمۇ، كەتمەن يەنىلا ئاساسىي سالماقنى ساقلاپ كەلدى. گەرچە ۋاسىتىلەر قىسمەن ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئىگىلىكنىڭ ماھىيىتى ئوتتۇرا ئەسىردە شەكىللەنگەن ئەنئەنىنى مەزمۇن قىلدى. دېھقانلار ئەنئەنىدىن كەلگەن دېھقانچىلىق تەدبىرلىرى ۋە ساۋاتلىرى بويىچە تىرىكچىلىك قىلىدۇ، زامانىۋى جەمئىيەت كىشىلىرىگە خاس ئاڭ ئۇلاردا شەكىللەنمىدى. تېلېۋىزورنىڭ ئۇلارغا بەرگەنلىرى، ناخشا – ئۇسسۇل، ھىندىستاننىڭ بىر خىل قېلىپتىكى ئاشىق – مەشۇق ھېكايىلىرى، ۋۇسۇڭنىڭ ئاجايىپ چامباشچىلىقى بولدى.نەچچە ئەسىرلەر ئىلگىرى ياغاچ ئات، تۆمۈر بېلىق قاتارلىق فانتازىيىلىك خىياللارنى سۈرگەن بۇ خەلق ئۆزىنىڭ ئاشۇ قىممەتلىك ئازۇرلىرىنىمۇ تونۇماس بولۇپ كەتتى. تەييار ماللارنىڭ بازارلارنى ئىگىلىشى ئارقىسىدا، ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە شەكىللىنىپ، سىستېمىلاشقان قول ھۈنەرۋەنچىلىك شاللىنىش جەريانىدا كېتىپ بارىدۇ.چەت ئەلنىڭ كىيىملىرىنى قاملاشتۇرۇپ كىيىۋالغان، لېكىن، زامانىۋى ئىلىملەردىن خەۋرى يوق ھالدا شاھادەتنامە ئالغان ستۇدېنت يىگىت بىلەن ئۆزىنىڭ چورۇقىنى ئۆزى تىكىپ كىيگەن دېھقاننىڭ روھىنى سېلىشتۇرغاندا قانداق خۇلاسىگە كېلىش مۇمكىن؟ ئۆزى سالغان كەپە باشقىلار سېلىپ بەرگەن شاھانە قەسىردىن نەچچە ھەسسە ئەلا. چۈنكى ئاشۇ كەپىدە ئىجادكارلىق ۋە ھالال مېھنەت بار. مېھنەت بىر خىل ئالىي ھوقۇق.جەمئىيەت بىلەن مەكتەپ ئەسلىدىلا بىر گەۋدە. ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى بىلىملىرى تەبىئەتتىن، جەمئىيەتتىن كەلگەنىدى. مەكتەپلەر بارغانسېرى ئايرىم بىر قورۇ بولۇپ، جەمئىيەتتىن ئۆزىنى ئايرىم تۇتىدىغان بولدى. مەكتەپتىكى بىلىملەر تەبىئەت ۋە جەمئىيەت بىلىملىرىنىڭ فوكۇس نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەتنى ئەۋزەل غايە ۋە ۋاسىتىلەرگە ئىگە قىلىدۇ. مەكتەپلەر بارچە ئىجتىمائىي تەرەققىياتلارنىڭ غۇرۇرى ۋە نوپۇزلۇق ئورگىنى. ئوقۇتقۇچىلار ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ھەم تەرەققىياتىنىڭ خەۋەرچىلىرى ۋە لايىھىچىلىرى. ئەمما بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىز جەمئىيەتنىڭ ۋە دۇنيانىڭ چاقىرىقلىرىنى ئەڭ كېچىكىپ ئاڭلايدىغان، جەمئىيەتتىكى ئورنىنى دىپلومغا تايىنىپ تىكلىگۈچى جان باقارلارنى تەربىيىلەيدىغان خىلۋەت قولتۇققا ئايلىنىپ قالدى.رايونىمىزدىكى مەۋجۇت ئىگىلىك ئەنئەنە رەۋىشىدە بولغاچقا، مەكتەپلەرگە ئارتۇقچە تەلەپلەرنى قويۇشتىن يىراق. ساۋاتسىز بىر يېزا باشلىقى ياكى كەنت باشلىقى خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان ئەھۋالدا، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ زامانىۋى بىلىملەرگە تەقەززا بولۇپ كېتىشى ناتايىن. باشقا تەرەپلەرنى قويۇپ تۇرغاندىمۇ، ئالىي مەكتەپ تەتقىقات ئورۇنلىرى، نەشرىيات تارماقلىرىدا كەسپىي خادىملارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىغا ئورۇن يوق. ئۇلار كەسپىي ئىشلاردىمۇ مەمۇرىي خادىملارنىڭ يېتەكلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ. بىزدە رەھبەر دېگەندە كەسپىي يېتەكچىلىككە ئائىت تەرەپلەر نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىلىدۇ. نۆۋەتتە جۇڭگوغا جىددىي كېرەك بولۇۋاتقىنى دەل مەخسۇس كەسپىي تالانت ئىگىلىرى بولۇپ، بۇ ساھەدىكى بوشلۇق تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىغا كاشىلا تۇغدۇرماقتا. بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى، ئىقتىسادىي دۇنياۋىلىشىش بىزدە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلسىمۇ، دەماللىققا ئامالىمىز يوق. چۈنكى كەسپىي تالانت ئىگىلىرى ۋە سۈپەتلىك جەمئىيەت ئەزالىرى بىردەمدىلا يېتىشىپ چىقمايدۇ.مائارىپ كرىزىسى بىز قۇتۇلالمايۋاتقان زور ئىجتىمائىي خەۋپ بولۇپ، مەزكۇر كرىزىس دەل بىلىم كرىزىسىدە كۆرۈلمەكتە. بىلىمنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، بىلىم ۋە زىيالىيلار ھەققىدىكى تەبىرلەرمۇ ئۆزگەردى، تۈرمۇ كۆپەيدى. بىلل “كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ يېتىپ كېلىشى” دېگەن ئەسىرىدە بىلىمگە مۇنداق تەبىر بېرىدۇ: “بىلىم شەيئى ياكى ئىدىيىگە سىستېمىلىق شەرھى بېرىش ئارقىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئورۇنلۇق ھۆكۈم ياكى تەجرىبە خاراكتېرلىك خۇلاسە بولۇپ، ئۇ مۇئەييەن ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى، مۇئەييەن سىستېما ئارقىلىق باشقىلارغا يەتكۈزۈلىدۇ”. بىلل بىلىمنى كەسپىي بىلىم، سودا بىلىمى، ئەمگەك بىلىملىرى، سىياسىي بىلىم، ئائىلە بىلىملىرى، پەننىي بىلىم، روھىي بىلىم قاتارلىق كونكرېت تۈركۈملەرگە ئايرىپ بىرمۇ بىر ئىزاھلاپ ئۆتىدۇ. بۇلار بىزنىڭ ھازىرقى رېئاللىقىمىزغا تولۇق ئۇيغۇنلىشىپ كەتمىگەندىمۇ بەرىبىر رېئاللىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان سىرتقى كۈچنى پەيدا قىلغۇچى بىر جەمئىيەتنىڭ ئەينى دەۋردىكى قىياپىتىنى پەرەز قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇنلاشمىساق پاكىت بىزنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىدۇ. ئۆزىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتمىگەنلەر سىرتقى كۈچ تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىدۇ.ھازىرقى مەكتەپلىرىمىز جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ يەردىكى بىلىملەر دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە ئۆزىنى ئىسلاھ قىلالمىدى. خۇددى “ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق” دېگەندەك، قالاق ئىگىلىكنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان جەمئىيەتتىكى مەكتەپلەر ئۆز دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىختىساسلىقلارنىڭ بۆشۈكى بولالمايدۇ. رۇس نەسرچىسى مىخائىل پىرشىۋېن “ئەگەر سۇ بولۇپ، ئۇنىڭدا بېلىقلار بولمىسا، مەن ئۇنىڭ سۇ ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن، ئەگەر ھاۋا بولۇپ، ئۇنىڭدا پەرۋاز قىلىپ يۈرگەن قارلىغاچلار بولمىسا، مەن ئۇنىڭ ھاۋا ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن” دېگەنىدى. بىر ئالىي مەكتەپ ياكى بىر ئاكادېمىيىدە مەملىكەتتىكى ئىلىم تارماقلىرى ھۆرمەت قىلىدىغان، خەلقئارادىكىلەرمۇ تونۇيدىغان سەرخىللار بولمىسا، ئۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟!بىزدىكى بىلىم كرىزىسى مۇنداق ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، كارغا كېلىدىغان بىلىمنىڭ بولماسلىقى، يەنە بىرى، ناھايىتى ئاز ساندىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان رىقابەت مۇھىتىنىڭ بولماسلىقى. بىزدە كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە ئىلھام بولغۇدەك جانلىق ئىجتىمائىي مېخانىزم شەكىللىنىپ بولالمىدى. ئەكسىچە، ئاز – تولا ئۆگىنىش، ئىجاد قىلىش روھىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقى تۈرلۈك توسالغۇلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار ئەركىن رىقابەت تەرىپىدىن شاللىنىپ قېلىشتىن ئەمەس، بەلكى ئىمتىھاندىن قورقىدۇ. ئىمتىھان ئۇلار ئۈچۈن نەق ۋەھىمە بولۇپ، بۇ بىۋاسىتە دىپلومغا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئىمتىھان يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋە تۇتۇپ تۇرۇشتىكى ياخشى كوزىر بولۇپ قالدى. نۇرغۇن لاياقەتسىز ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھان ئېلىش، تەكشۈرۈش، نوپۇزىنى پەش قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا “خاقان” بولماقچى بولىدۇ. مائارىپ باشقا ئىشلار قولىدىن كەلمەيدىغانلارنى ئالمان – تالمان قوينىغا ئالىدىغان، بەرداشلىققا باي سېخىي ماكان بولۇپ قالغاچقا، لاياقەتسىز ئادەملەر ئۇ يەردىن ئاسانلا پاناھلىق تاپىدۇ. ئىمتىيازلىقلارنىڭ ئائىلىۋى باش ئاغرىقى مەكتەپلەر ئارقىلىق شىپا تاپىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىكى تولدۇرغۇسىز زىيانلار ئەلنىڭ سەۋرچان روھىدا غەلىتە لاتقىلارنى ھاسىل قىلىدۇ.بىزدە بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھەقىقىي باھا بېرىش مەسىلىسى توغرا ھەل قىلىنمىدى. ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەردە پۇل تۆلەپ ئوقۇيدۇ يۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى تاللاش، ئوقۇتقۇچىلارغا باھا بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكى سائەت مىقدارى بىلەن ئۆلچەندى. كىمنىڭ دەرس سائىتى كۆپ بولغان بولسا شۇ ئىلغار بولۇپ سايلاندى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدىكى ئىنكاسى نۇرغۇن مەكتەپلەردە ھېچنېمىگە دال بولالمايدۇ. بىر ئۇن تارتىش ماشىنىسىنىڭ ئەمگىكىنى ۋاقىت (سائەت) بىلەن ئۆلچەش مۇمكىن، چۈنكى ئۇنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدىكى خىزمەت ئىقتىدارى ۋە مىقدارى تېخنىك خادىملار تەرىپىدىن مېخانىك يوسۇندا بەلگىلەنگەن بولىدۇ. بىراق ئوقۇتقۇچى ئەقلىي ئەمگەكچى، ئۇ روھ، كەيپىياتقا ئىگە ئادەمنىڭ ئەمگىكى بولغاچقا، ماشىنىنىڭ ئەمگەك مىقدارىنى ئۆلچىگەندەك ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. ئەقەللىيسى، ئادەم ماشىنا ئەمەس، ئۇ مېخانىك ھەرىكەت قىلمايدۇ. ئادەمنىڭ ئەمگىكىنىڭ سۈپىتى قابىلىيەت، روھىي كەيپىيات، تەجرىبە، جانلىق ئۇسۇل قاتارلىق نۇرغۇن كونكرېت ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا 10 سائەتتە بېرەلمىگەن ئۈنۈمنى يەنە بەزى ئوقۇتقۇچىلار بىرەر سائەتتە بېرەلىشى مۇمكىن. جايىنى تاپقان بىرەر سائەتلىك تەربىيە قارىسىغا بېرىلگەن 10 سائەتلىك تەربىيىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ياخشى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ۋە ئۇچۇر بېرىپلا قالماستىن، يەنە شۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىدىنمۇ بېشارەت بېرىدۇ. زېرەك ئوقۇغۇچىلار ھەممە تەرەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدۇ. بەزى ئوقۇتقۇچىلار بىر سائەت ئىچىدە ماھىيەتلىك بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى بېرىشكە قادىر ئەمەس، يەنە بەزى ئوقۇتقۇچىلار بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى بىلدۈرۈپلا قالماي، نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنى ھاياجانغا سېلىۋېتىدۇ. مانا مۇشۇنداق كونكرېت تەرەپلەر ئەقلىي ئەمگەكنىڭ سۈپىتىدىكى زور ئىچكى پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەرسلەرنىڭ قىممىتىنى نوقۇل سائەت بىلەن ئۆلچەش ئەقلىي ئەمگەكنىڭ سۈپەت قانۇنىغا تۈپتىن خىلاپ. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرەر فاكۇلتېتىدا ياكى بىرەر ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كوزىر ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرقانچىسى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمگىكى كۆپ ھاللاردا ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكى بىلەن ئوخشاش قىممەتتە باھالىنىدۇ. ھەتتا تۆۋەن باھالىنىدۇ.مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆگەندىم ۋە تەتقىق قىلدىم. نەتىجىلىرىم ئاز – تولا ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما باش كۆتۈرمەي قىلغان ئەقلىي ئەمگەكلىرىم مېنى ئەقەللىي موھتاجلىقتىن ساقىت قىلالمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، ۋىجدان ۋە مەسئۇلىيەت دېگەن نەرسە بولمىسا، بولۇشىغا ياشاش يولىغا مېڭىپ كېتىش نورمال ھادىسە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھالەت ئوقۇتقۇچىلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە (ئېغىر ياكى بىر قەدەر ئېغىر دەرىجىدە) مەۋجۇتتۇر.بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە ئالىملار، تېخنىكلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدۇ دېدۇق، بۇنى جەمئىيەتشۇناس ئالىملارنىڭ بايانلىرى بىلەن دەلىللىدۇق. كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىيەتمۇ بىزگە شۇنداق بىر ھەقىقەتنى نامايان قىلماقتا. كىتابخانلار ئۇنداق يۈزلىنىشلەر بىزدە قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ، دەپ سوراپ قالسا، مەنمۇ ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيمەن. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، مۇقەررەرلىك ئاز – تولا كېچىكسىمۇ ھامان يۈز بېرىدۇ. تەرەققىياتنىڭ سادالىرى ئاخىرقى ھېسابتا خۇددى ئىسراپىلنىڭ نەرىسىدەك گاس ئادەملەرنىمۇ چۆچۈتۈپ تاشلايدۇ.
2000- يىل يانۋار

مەنبە : ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى (شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى)

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1197

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش