ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ئەھۋال سوراش قائىدىلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ئەھۋال سوراش قائىدىلىرى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

   زۇلخۇمار ئابدۇۋەلى

   ئۆزئارا ئۇچراشقاندا، سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ھال ئەھۋال سورۇشۇش ھەربىر مىللەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ياخشى خىسلەتلەرنىڭ بىرى. ئادەتتە ئۇ ئۆرپ – ئادەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئۆرپ – ئادەت شۇ مىللەتنىڭ مىللىي خۇسۇسىيىتىنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللارنىڭ بىرى. شۇڭا بىز مەلۇم بىر كىشىنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى سورىماي تۇرۇپلا، ئۇنىڭ كىيىم – كېچەك، سالاملىشىش – كۆرۈشۈش يوسۇنلىرىغا قاراپلا، ئۇنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز.

   ھەر مىللەتنىڭ سالاملىشىش ئادىتى بىر – بىرىگە ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن: زاڭزۇلار بىر – بىرىگە قاراپ تىللىرىنى چىقىرىدۇ. ياۋروپالىقلار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا بېشىدىن شىلەپىسىنى ئېلىپ، باش ئەككەندىن كېيىن‹‹ياخشىمۇسىز›› دېيىشىدۇ. ئۇيغۇرلار بولسا بىر بىرى بىلەن كۆرۈشكەندە،

      — ئەسسالامۇ ئەلەيكوم!

      — ۋەئەلەيكوم ئەسسالام!

      دەپ كۆرىشىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ سالاملىشىش قائىدىمىز. سالاملىشىش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مۇناسىۋىتى بولغاچقا، سالام بەرگۈچى: ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكوم›› دېسە، سالامنى قوبۇل قىلغۇچى: ‹‹ۋەئەلەيكوم ئەسسالام›› دەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ ۋە ‹‹سالامەتمۇ سىز، تىنچلىق تىلەيمەن›› دەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ ۋە ‹‹سالامەتمۇ سىز، ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ، بالا – چاقىلار ئامانمۇ›› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ھال – ئەھۋال سورايدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتىدا سالامەتلىك، تىنچلىق، ئامانلىق ئىنتايىن مۇھىم. بىزنىڭ سالاملىشىش قائىدىمىزدە مانا مۇشۇ مۇھىم نۇقتىنى ئاساس قىلىپ، ياخشى تىلەك – ئارزۇلىرىمىزنى بىلدۈرگەنلىكىمىز، بىزنىڭ سالاملىشىشىمىزنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

      سالاملىشىش – كىشىلىك ھاياتتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر پەزىلەت بولۇپ، ئۆزئارا ئالاقىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، شۇنداقلا ئەدەبلىك، ئەخلاقلىق ۋە مەدەنىيەتلىك بولۇشنىڭ ئۆلچەملىرىدىن بىرى. شۇڭا ئاتا – بوۋىلىرىمىز ‹‹سالام بېرىش پەرز، ئىلىك ئېلىش قەرز›› دەپ تونۇپ، بۇ ئىشقا بەكمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ ياخشى پەزىلەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئىگىلەش، جارى قىلدۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ياش ئەۋلادلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى.

      لېكىن بىزنىڭ بەزى ياشلىرىمىز سالاملىشىش، كۆرۈشۈش، ئەھۋال سورىشىشنىڭ مىللى ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەدەبلىك، ئەخلاقلىق ۋە مەدەنىيەتلىك بولۇش بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئانچە چۈشۈنىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بەزى چاغلاردا بۇنىڭغا رىئايە قىلمايدۇ، يوللاردا ئۇچراشقاندا ئۆزئارا سالاملاشماي يەرگە قاراپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بەزى ياشلار سالاملىشىش ئورنىغا باش لىڭشىتىپ ياكى ھىجىيىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

     شۇڭا بىز تۆۋەندە ئەدەپ – ئەخلاق بابىدا ئاتا – بوۋىلارنىڭ ئەڭ ياخشى تەۋەرۈكى بولغان سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ھال ئەھۋال سورىشىشنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

     ئادەتتە يېقىن دوستلار، تونۇش بىلىشلەر ئۆزئارا ئۇچراشقاندا بىر – بىرى بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ، كۆرۈشۈپ، ھال ئەھۋال سورىشىپلا قالماي، بەلكى توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم، سەپەرگە چىقىش، سەپەردىن قايتىش، مېھماندارچىلىق قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلاردا سالام ئارقىلىق ئۆزئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. سالام ئارقىلىق ئۆزئارا بېرىش -كېلىش، دوستلۇق، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىدۇ. شۇڭا بۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئالاقە ۋاستىسى.

      ئاۋۋال سالاملىشىش ھەققىدە توختىلايلى، سالاملىشىش — سالام بېرىش ۋە ئىلىك ئېلىشدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ئۇ خۇددى تارازىنىڭ ئىككى پەللىسىگە ئوخشايدۇ.

      سالاملىشىشنىڭ ئوبيېكتى ۋە ئۇسۇلى مۇنداق: ئۆزى ياخشى كۆرگەن، ھۆرمەت قىلىدىغان مېھرىبان، قەدىردان دوستلىرىنى، ئۇرۇق– تۇققان، قوشنا – قۇلۇملىرىنى، ياشانغان كىشىلەرنى، ئۇستازلارنى ئۇچراتقاندا، قولنى كۆكرەككە قويۇپ، بېشىنى سەل ئىگىپ، خۇش چىراي بىلەن ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكوم›› دېيىلىدۇ. ئىلىك ئالغۇچىمۇ خۇش چىراي، مۇلايىم ئاۋاز بىلەن ‹‹ۋەئەلەيكوم ئەسسالام›› دەيدۇ. مۇنداق سالاملىشىش سۆزلىرىنى ئىشلەتكەندە سۆز مەنىسىنى بۇزۇشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: ‹‹سالامىلەيكوم››، ‹‹ۋەئىلەيكە›› دەپ ئىشلىتىلسە، بۇ سالاملىشىش سۆزىنىڭ ئەسلىدىكى لۇغەت مەنىسىنى بېرەلمەيدۇ.

      سالاملىشىش ئاساسەن تۆۋەندىكى ئەھۋاللار ئاستىدا ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ: 1) كوچا – كويلاردا تونۇشلار بىلەن ئۇچراشقاندا: 2) ھۆرمەتلىك ئادىمىنى كۆرگەندە: 3) تونۇش بولمىسىمۇ، قېرى – پېشقەدەملەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە؛ 4) كۆپچىلىك جەم بولغان سورۇنلارغا كەلگەندە، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش مۈمكىن بولمىغان جايلاردا ‹‹ ئەسسالامۇ ئەلەيكوم›› دەپ سالام بېرىپ ئۆتۈپ كەتسىلا كۇپايە، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، ئەھۋال سوراش ھاجەتسىز.

      سالاملاشقاندا كىمنىڭ بالدۇر سالام بېرىشى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭ قائىدىسى مۇنداق: ئوقۇغۇچىلار ئۇستازلارغا، يېشى كىچىكلەر يېشى چوڭلارغا، ئاتلىق ئادەم پىيادىلىكلەرگە، پىيادىلىك ئولتۇرغانغا، ئۆيگە كىرگەن كىشى ئۆيدىكىلەرگە، مەرتىۋىلىك كىشىلەر ئادەتتىكى كىشىلەرگە، مەنسەپدارلار خىزمەتچىلەرگە ئاۋۋال سالام بېرىش كېرەك.

      يەنە تونۇش بولغان تەقدىردىمۇ تاپتىن چىقىپ كەتكەن، غەرق مەست، بەد قىلىق ۋە ئالدامچى، لۈكچەكلەرگە ئادەتلەنگەن كىشلەرگە سالام بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنداق قىلىش ئۇلارنى يېتىم قالدۇرۇپ، ئىزا تارتقۇزۇپ، ياخشى يولغا باشلاش ئۈچۈن تەنبىھ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ.

      ئۆزئارا ھۆرمەت يۈزسىدىن بالىلار ۋە ياشلار چوڭلار بىلەن ئۇچراشقاندا،‹‹ ئەسسالامۇ ئەلەيكوم›› دىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ‹‹ئانا، تاغا، ئاتا، ئاكا، ئاچا›› سۆزلىرىنىڭ قوشۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ. لېكىن ‹‹ھاكىم ، باشلىق›› قاتارلىق ئەمەل سۆزلەرنى قوشۇشقا بولمايدۇ. بۇنى قوشۇپ ئاتاش ھۆرمەت ئەمەس، خوشامەت تۈسىنى ئالغان بولىدۇ. بىزدە ھازىر ‹‹پالانى شۇجى››، ‹‹پالانى شەنجاڭ›› دەپ ئاتاشلار كۆپىيىپ كەتتى. بۇنداق قىلىقلار باشلىقلاردا ئالاھىدە بولۇۋېلىش، خوشامەتكە بېرىلىش خاھىشىنى ئۆستۈرۈپ قويىدۇ، شۇنداقلا ئەدەپ – ئەخلاق، ئۆرپ – ئادەت مىزانىغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس.

      كۆرۈشۈش: بىز كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، سالاملىشىپلا قالماي، قول ئېلىپ كۆرۈشىمىز، قول ئېلىپ كۆرۈشكەندە سەمىمىي، ئوچۇق چىراي بولۇش، كۆزنى كۆزگە تىكىپ تۇرۇپ كۆرۈشۈش لازىم. بەزى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە نائىلاج قول ئۇزىتىدۇ، بەزىلەر قولىنىڭ ئۇچىنى بېرىپ قويۇپ سوغۇق كۆرۈشىدۇ، مۇنداق قىلىشلارنىڭ ھەممىسى ھاكاۋۇرلۇق، ئەدەپسىزلىكنىڭ ئالامىتى، ئاداۋەتلىشىپ قالغان كىشى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي كۆرۈشسە ئاداۋەت تۈگەپ، ئىتتىپاقلىق كۈچۈيىدۇ.

      خەلقىمىز ئارىسىدا ئۆزئارا كۆرۈشۈشنىڭ تۆۋەندىكىدەك شەكىللىرى بار:

      بىرىنچى، ئىككى قوللاپ كۆرۈشۈش: بۇنداق كۆرۈشۈش ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كۆپچىلىك مىللەتلەرگە ئورتاق بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئىككى قولنىڭ ئالقىنىنى بىر – بىرىگە بىرلەشتۈرۈپ بىر نەچچە قېتىم يېنىك قول سىقىشىدۇ، بۇ ئۆزئارا دوستلۇق، سەمىمىيلىكنىڭ ئىپادىسى.

      ئىككىنچى، قول بېرىپ كۆرۈشۈش: بۇ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە ئورتاق بولغان غەرپچە كۆرۈشۈش ئۇسۇلى بولۇپ، خەلقئارا ئالاقىلاردا ئومۇملاشقان كۆرۈشۈش ئۇسۇلىدۇر. بۇ ئۇسۇل ھازىر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغىمۇ سىڭىپ، زىيالىيلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر، ياشلار ئىچىدە ئومۇملىشىپ كەتتى. قول بېرىپ كۆرۈشكەندە، ھەر ئىككى تەرەپ ئوڭ قولىنى بىر – بىرىگە ئۇزىتىپ، جۈپلەشتۈرگەندىن كېيىن يېنىك سىقىپ بىر نەچچە قېتىم يەڭگىل سىلكىيدۇ. بۇنداق كۆرۈشكەندە بىر – بىرىنىڭ قولىنى قاتتىق سىقىپ ئاغرىتىش- قوپاللىق ۋە ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. قول ئېلىپ كۆرۈشكەندە، ئاياللار قول ئۇزاتمىغۇچە ئەرلەر قول ئۇزاتماسلىقى كېرەك. شۇنىڭدەك كۆرۈشۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، يامان نىيەت بىلەن ئاياللارنىڭ ئالقىنىنى غىدىقلاشقا، كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ. بۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئەدەپسىزلىك بولىدۇ.

      ئۈچۈنچى، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش: قېرىنداشلار، يارۇ – دوستلار، ئۆزئارا قەدىردان كىشىلەر ئۇزاق ۋاقىت ئايرىلىپ كېتىپ قايتا ئۇچراشقاندا قوچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ. بۇنىڭ قائىدىسى: ئەرلەر بىلەن ئەرلەر، ئاياللار بىلەن ئاياللار، ئانا بىلەن بالا، ئانا بىلەن بالا ،ئاكا بىلەن ئۇكا، ئاچا بىلەن سىڭىل ، تەڭتۇش بىلەن تەڭتۈشلەر باغرىنى باغرىغا يېقىپ يېنىك قۇچاقلىشىدۇ، بىر – بىرىدىن ھال سورايدۇ . ياۋروپالىقلاردا ئەرلەر بىلەن ئاياللار مەيلى ئۆز ياكى ياد بولسۇن، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىۋېرىدۇ، لېكىن بىزدە ئەرلەر بىلەن ئاياللار قۇچاقلىشىپ كۆرۈشمەيدۇ. ھەتتا ئۆز ئايالى بولغان تەقدىردىمۇ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشكە بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش ھاياسىزلىق بولىدۇ.

      تۆتىنچى، سۆيۈپ كۆرۈشۈش: ئاتا – ئانا بىلە بالىلار، ئاكا بىلەن ئۇكا، ئاچا بىلەن سىڭىل، ئەڭ يېقىن قېرىنداش، يارو– بۇرادەرلەر ئۇزاق كۆرۈشمەي كېيىن ئۇچراشقاندا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىر – بىرىنىڭ پېشانىسىگە ۋە ئىككى مەڭزىگە سۆيىدۇ. لېكىن ئېغىزغا سۆيۈشكە بولمايدۇ. ئېغىزغا سۆيۈش بىر تەرەپتىن تازىلىق قائىدىسىگە خىلاپ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆرپ – ئادەتكە توغرا كەلمەيدۇ.

      بەشىنچى، ئاياللار بىلەن ئاياللارنىڭ كۆرۈشۈشى؛ ئۇرۇق – تۇققان ۋە ئۆزئارا يېقىن بولغان ئاياللار كۆرۈشكەندە بىر– بىرىنى يېنىك قۇچاقلاپ مەڭزىنى مەڭزىگە ياقىدۇ. يېشى چوڭراق ئاياللار قىزلار بىلەن كۆرۈشكەندە پېشانىسىگە ياكى مەڭزىگە سۆيۈپ قويىدۇ. ناتونۇش ياكى ئانچە تونۇش بولمىغان ئاياللار بىر – بىرى ىلەن كۆرۈشكەندە ، ھەر ئىككى تەرەپ قولنىڭ ئۇچىنى بىر- بىرىگە تەككۈزۈپ، بېشىنى ئالدىغا سەل ئېگىپ، ئامانلق سورىشىدۇ.

      ئالتىنچى، چوڭ ياشلىق كىشىلەر بىلەن بالىلارنىڭ كۆرۈشىشى: چوڭ ياشلىق كىشىلەر ئۆز يېقىنلىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارغاندا، قائىدە بويىچە چوڭلار بىلەن كۆرۈشكەندىن تاشقىرى بالىلارنىڭ روھىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇلارغا كۆرۈشۈش قائىدىسىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن، بالىلار بىلەنمۇ كۆرۈشۈش لازىم. بۇنىڭ ئۇسۇلى بالىنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويۇش ياكى باش كۆزلىرىنى سىلاپ قويۇشتىن ئىبارەت. قول ئېلىشىپ كۆرۈشسىمۇ بولىدۇ. لېكىن چوڭلار قول ئۇزاتمىسا، كىچىكلەر قول ئۇزاتماسلىقى كېرەك.

      تەكەللۇپ سۆزلىرى: سالاملىشىش ۋە كۆرۈشۈشتە ھال سوراش مەنىسىدىكى بىر مۇنچە تەكەللۇپ سۆزلىرى بولۇپ، بۇنى بىلىۋېلىش ۋە ئۆز جايىدا ئىشلىتىش لازىم.

      ئۆزئارا ئۇچراشقاندا سالاملاشقۇچى ‹‹سالامەتمۇسىز، ياخشى تۇرۇۋاتامسىز، ئۆي ئىچى تىنچلىقتۇ، بالا – چاقىلار ئامانمۇ›› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ھال سورايدۇ. سالام قوبۇل قىلغۇچىمۇ: ‹‹خۇداغا شۈكرى، ئۆزىڭىز سالامەت تۇردىڭىزمۇ، بالىلار سالامەت تۇرىۋاتقاندۇ، ئۆيدىكىلەر سالام ئېيتتى، سىز بىلەن كۆۈشمىگەنگە ئۇزۇن بولۇپتۇ›› دېگەندەك تەكەللۇپ سۆزلىرى بىلەن ياندىشىدۇ.

      ئىشىك ئالدىدىن ئۆتكەن ياكى يولدا ئۇچراشقان كىشىلەردىن ھال سورىغاندا: ‹‹ئۇچراشقىنىمىز بەك ياخشى بولدى، خىزمىتىڭىزدە بولاي، ئۆيگە كىرىپ بىر پىيالە چاي ئىچىپ كېتىڭ›› دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلىدۇ. ئۇچرىغان كىشىمۇ : ‹‹ئۆزىڭىز ياخشى تۇرۇۋاتامسىز، خوش، ئايرىم يوقلاپ كېلىمەن›› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ.

      ئومۇمەن، سالاملىشىش، كۆرۈشۈش، ئەھۋال سوراشلار بىر – بىردىن ئايرىلمايدىغان بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، سالاملىشىپ كۈرۈشكەندىن كېيىن چوقۇم تەكەللۇپ سۆزلىرى بىلەن ھال ئەھۋال سورىشى لازىم. بىر تەرەپ ھال – ئەھۋال سورىسا يەنە بىر تەرەپنىڭ جىم تۇرۇۋېلىشى ياكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سالاملىشىپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرۇش كۆرۈشۈش كەيپىياتىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. شۇڭا ھال ئەھۋال سوراشتا قىزغىن، روھلۇق بولۇش كېرەك.

بۇ يازما 333 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش