ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - مارت يەكشەنبە سائەت 2:00 دە ئىستانبۇل فىندىكزادە زۈبەيدە خانىم كۈلتۈر مەركىزىدە «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە نورۇز شادلىقى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئىسمائىل غاسپىرالى – تۈرك دۇنياسى ئاقارتىش ھەرىكىتى يىتەكچىسى

ئىسمائىل غاسپىرالى – تۈرك دۇنياسى ئاقارتىش ھەرىكىتى يىتەكچىسى

gaspirali
ۋاپاتىنىڭ 100 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسمائىل غاسپىرالى

نەجىپ ھاملەمىتئوغلۇ

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىلجان ئەرئۇيغۇر

ئىسمائىل غاسپىرالى (1851 – 1914)
قىرىملىق ئىدىئولوگ، مائارىپچى ۋە نەشىرىياتچى ئىسمائىل غاسپىرالى 1851 – يىلى 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى قىرىم باغچە سارايغا يېقىن بولغان ئوۋچى يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دادىسى – مۇستاپا ئەلى ئوغلى گاسپىرىنىسكىي، قىرىمنىڭ ساھىل بۆلىكىدىكى گاسپىرا يېزىسىدا تۇغۇلغان چاررۇسىيە ئارمىيسىنىڭ پىنسىيەگە چىققان گېنرالى، ئانىسى – فاتىمە سۇلتان خانىم بولسا نوپۇزلۇق بىر ۋەزىر ئائىلىسىنىڭ قىزى ئىدى. ئىسمائىل ئەپەندى مەھەللىسىدىكى بىر دىنىي مەكتەپتە باشلىغان ئوقۇشىنى، ئاق مەسجىد ئوغۇلار گىمنازىيسىدە داۋاملاشتۇرغان.
گىمنازىيەدىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئاۋۋال ۋورونەژدىكى بىر ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن، كىيىن يەنە موسكوۋادىكى يەنە ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان.
ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇ موسكۇۋادا ئوقۇش جەريانىدا، دەۋىرنىڭ ئىلغار پىكىر – ئېقىملىرى ۋە مۇتەپەككۇرلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئەينى چاغدىكى ئۇنىڭدىكى جەمئىيەت مۇتەپەككۇرلىرىغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى ۋە مەكتىۋىدىكى پانسىلاۋىسىتىك «كەيپىيات ،» ئۇنىڭدا رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى تۈرك خەلقلىرىنى ئويغۇتۇش چۈشەنچىسىنى شەكىللەندۈرگەن. گىرىت ئىسيانىدا رۇم قوشۇنلىرىغا قارشى جەڭ قىلغان ئوسمانلى ئەسكەرلىرىگە قوشۇلۇپ، يېقىن دوستى لىتۋانىيە تاتارلىرىدىن مۇستاپا مىرزا داۋىدوۋىچ بىلەن بىرگە يوشۇرۇنچە تۈركىيەگە كىرمەكچى بولغىنىدا، ئودىسادا تۇتىۋېلىنغان. چار روسىيەدىكى ھەربىي ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى بۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشقان  1868 – يىلى باغچە سارايغا قايتىپ بېرىپ، زەنجىرلى مەدرىسىدە رۇسچە دەرس بېرىشكە باشلىغان. بۇ جەريانىدا ئۇ رۇس ئەدەبىي ۋە پەلسەپىۋى ئەسەرلىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىققان.
1872 – يىلى قىرىمدىن ئايرىلىپ ئىستانبۇل، ۋىيانا، مىيۇنخىن ۋە سىتۇتگارىت ئارقىلىق پارىژغا بارغان. پارىژدا تۇرغان ئىككى يىل ئىچىدە مەشھۇر رۇس يازغۇچىسى تۈرگىنىۋنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، نۇرغۇن تەجرىبە توپلىغان. 1874 – يىلى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئوسمانلى ئىمپىرىيسىدە خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا بارغان. قايتا – قايتا ئىلتىماس يېزىپ، بىر يىلغا يېقىن كۈتكەن بولسىمۇ، قوبۇل قىلىنالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن قىرىمغا قايتىپ كەتكەن.

1878 – يىلى باغچە ساراي رايۇنلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ياردەمچىسى قىلىپ سايلانغان ئىسمائىل غاسپىرالى ئەپەندى، كىيىنكى يىلى رايۇنلۇق ھۆكۈمەت باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ھەمدە 1884 – يىلغىچە بۇ ۋەزىپىنى ئىشلىگەن. غاسپىرالىنىڭ مەيلى قىرىمدا ياكى باشقا جاياردا باشتىن كەچۈرگەنلىرى ئۇنى باشقا «ئۇيقۇ » ھالىتىدىكى قىرىم تاتارلىرىغا ئوخشىمايدىغان تەجرىبە ۋە پىكىر ئېقىملىرىغا ئىگە قىلغان. ئۇ ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىللەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتقان بولغاچقا، باشقا بىر ھاكىمىيەتنىڭ كونتىروللىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان مىللىتى ۋە دىنداشلىرىنى ئويغىتىش، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلىب سادالىرىنى باشقىلارغا ھېس قىلدۇرۇش مەقسىتىدە نەشىرىيات ساھەسىگە قەدەم قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1881 – يىلى ئاق مەسجىدتە نەشىر قىلىندىغان Tavrida گېزىتىدە «رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى » تېمىسىدا كۆپ قىسىملىق رىسالە شەكلىدە ئەسەر ئىان قىلغان.
غاسپىرالى ئۆز پىكىرلىرىنى باشقىلارغا ئىھتىياتچانلىق بىلەن يەتكۈزۈش ئۈچۈن تۈركچە بىر نەشىرىيات ئورگىنىنىڭ بولۇشىنىڭ زۈرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. ئۇ بۇ يولدا رەسمىي مۇراجات ۋە ئىلتىماسلىرىنىڭ تەستىقلانماسلىقىغا قارىماستىن، تىفلىستە ئوخشىمىغان تېمىاردا بەزى ماقالىلارنى ئىان قىلغان. ئۇ بىر تەرەپتىن گېزىت چىقىرىش ئۈچۈن ئىجازەت ئېلىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ۋولگا بويلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئارسىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ مۇشتەرى توپلىغان. ھەمدە نەشىر قىلىندىغان گېزىتنىڭ پۈتۈن بېتى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىش شەرتى بىلەن 1883 – يىلى تاتارچە بىر گېزىت نەشىر قىلىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن. بۇ گېزىتنىڭ تۇنجى نۇسخىسى 1883 – يىلى 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى «تەرجىمان » نامىدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ھەپتىدە بىر سان چىقىرىلغان. 1903 – يىلىدىن باشاپ ھەپتىدە ئىككى سان، 1912 – يىلىدىن كىيىن كۈندە بىر سان نەشىر قىلىنغان. «تەرجىمان » نامىدا نەشىر قىلىنغان بۇ گېزىت قىرىم تاتارلىرىنىڭ تۇنجى تۈركچە گېزىتى، پۈتۈن روسىيە مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن تۈركچە نەشىر قىلىنىدىغان ئۈچىنچى گېزىت بولۇپ قالغان. «تەرجىمان » ۋە باشقا بەزى ئەسەرلىرىنى قولاي بېسىپ تارقىتىش ئۈچۈن باغچە سارايدا ئەرەبچە يېزىقتا ماتىرىيال بېسىپ چىقالايدىغان باسمىخانا قۇرۇپ چىققان غاسپىرالى، دەسلەپتە گېزىت چىقىرىش ئىشلىرىنى ئۆزى يالغۇز ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىغا تايىنىپ يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. ئىسمائىل غاسپىرالى بۇرۇندىنا كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەنمائارىپ ئىسلاھات ھەركىتىنى، 1884 – يىلى باغچە ساراينىڭ قايتاز ئاغا مەھەللىسىدە بىر باشانغۇچ سەۋىيىدىكى مەكتەپ ئېچىش بىلەن باشلىغان بولۇپ، ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ نورمال داۋاملىشىشى ئۈچۈن كېرەكلىك سەرمايىنى ئۆزى چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش، ئوقۇتۇش پىروگىراممىسى تەييارلاش، ئوقۇتۇش قوراللىرىنى تەييارلاش ۋە دەرىسلىك كىتاپلىرىنىڭ بېسىلىشى قاتارلىق ئىشارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان. ئوقۇتۇش تەشەببۇسىغا گۇمان بىلەن قاراۋاتقان باغچە ساراي خەلقگە يېڭىچە مەكتەپنى قۇبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن قىرىق كۈندە تۈركچە ساۋات چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئىان قىلغان. «ئۇسۇلى ساۋتىييە » ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئوقۇتۇش مىتودىنى قوللىنىش ئارقىلىق قىرىق كۈندىن كىيىن پۈتۈن خەلقنىڭ شاھىتلىقىدا بارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتاھان ئېلىپ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى خەلققە تونۇتقان. ئۇنىڭ بۇ تۇنجى سىنىقى، يېڭىچە ئوقۇتۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا، كىيىنچە روسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان پۈتۈن مۇسۇلمان مەكتەپلىرگە نىسبەتەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ تۇنجى قەدىمى بولغان. «“ئۇسۇلى جەدىد »» نامى بىلەن ئاتىغان بۇ ئوقۇتۇش سېستېمىسى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە كەڭ تارقىلىپ، شۇ دەۋىرنىڭ ئاساسلىق ئوقۇتۇش شەكلىگە ئايلانغان. بۇ سەۋەپتىن 1917 – يىلىغىچە رۇسىيەدە بۇ خىل ئوقۇتۇش سېستىمىسى قوللىنىلغان مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر « جەدىتچىلەر » دەپ ئاتالغان.
«ئۇسۇلى جەدىد »نى يولغا قويۇش جەريانىدا، يەنى 1880 – يىللىرى غاسپىرالى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، ھەمدە روسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارغا كۆپ قېتىم بېرىش ئارقىلىق ئۇسۇلى – جەدىدنى تارقىتىشقا تىرىشقان. تۈركلەر ياشاۋاتقان رايۇناردا ئاستا – ئاستا تارقىلىشقا باشلىغان «تەرجىمان » گېزىتى، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. تۇنجى «ئۇسۇلى جەدىد » مەكتىۋى ئېچىلىپ ئارىدىن ئون يىل ئۆتمەستىنلا، تۈركلەر ياشاۋاتقان رايۇنلاردىن غاسپىرالىنى قوللايدىغانار مەيدانغا كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلغار پىكىرلىك موللىار، مۇئەللىملەر، ھۈنەرۋەنلەر ۋە مۇسۇلمان بايار بار ئىدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىدىل بويى تاتارلىرىدىن ھۈسەيىنوفلار، ئاپانايار، ئاقچۇرالارغا ئوخشاش باي تىجارەتچىلەرنىڭ، تاغزادەگە ئوخشاش كاۋكازىيەلىك نېفىت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇسۇلمان بايلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئۇسۇلى – جەدىد مەكتەپلىرى تېزلا كېڭەيگەن. بۇ خىلدىكى مەكتەپلەر ناھايىتى تېزلا ئىدىل بويى، كاۋكاز ۋە قىرىمدا يېزا – قىشاقلارغىچە كېڭىيىپ بارغان. 1895 – يىلى پۈتۈن روسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى رايۇناردا ئۇسۇلى – جەدىد مەكتەپلىرىنىڭ سانى 100 دىن ئاشقان بولۇپ، 1914 – يىلىغا كەلگەندە سانى كۆپىيىپ 5000 غا يېقىنلاشقان.

غاسپىرالى مۇسۇلمان تۈرك قىزلىرىنىڭمۇ تەربىيلىنىشىگە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، 1893 – يىلى باغچە سارايدا تۇنجى «ئۇسۇلى جەدىد » قىزلار مەكتىۋىنى ئاچىسى پەمبە خانىم بولاتكوۋاغا ئاچقۇزغان. بۇنىڭ بىلەن باشقا رايۇنلاردىمۇ بۇ خىل مەكتەپلەر ئارقا – ئارقىدىن ئېچىلغان. غاسپىرالى مەدرىسلەرنىمۇ «ئۇسۇلى جەدىد »نىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى سىنىپلىرىغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن دەرس پىروگىراممىلىرىنى تۈزۈپ چىققان. ئەمما مەدرىسلەرنى باشقۇرۋاتقان مۇتەئەسسىپلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇ ئىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت ئاجىرىتالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن مەدرىسلەرنى ئىساھ قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان. غاسپىرالىنىڭ ئۇنىڭدىن كىيىنكى سىياسى پائالىيەتلىرى، ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيەدە تۈرك مىللەتچىلىكى ۋە ئىسام ھەركەتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشكە تۈرتكە بولغان.

كىتابنىڭ داۋامىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز PDF نۇسخىسىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ. ئىسمائىل غاسپىرالى – تۈرك دۇنياسى ئاقارتىش ھەرىكىتى يىتەكچىسى

 

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1172

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش