ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 6 ـ قېتىملىق خەلىقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزىلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 6 ـ قېتىملىق خەلىقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزىلدى

ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئۇيۇشتۇرغان 6 ـ قېتىملىق « خەلقئارا ئۇيغۇر دوكتۇر ـ تەتقىقاتچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە » يىغىنى 2014 ـ يىلى 20 ـ سېنتەبىردە، ئىستانبۇل توپ قاپى رايۇنىغا جايلاشقان، فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقىپ ئۇنىۋېرسىتىدا ئېچىلىپ 21 ـ سېنتەبىردە چۈشتىن كېيىن غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.

يىغىن ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ۋە خىزمەت نىشانى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، سابىق پەخرى رەئىس ئەركىن سىدىق ئەپەندى ۋە پەخرى رەئىس شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا، شىۋىتسىيە، ئەنگىلىيە، ياپۇنىيە ۋە تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپ ياكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دوكتۇر ـ تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان تىبابەت، كومپىيوتېر، تارىخ، تىل ـ ئەدەبىيات ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. بۇ قېتىمقى يىغىندا، ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئىككى نەپەر تۈرك تەتقىقاتچىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۆز تەتقىقات ساھەسىنى ئىنگىلىز تىلىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئىككى كۈنلۈك پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا، يىغىندا تېما سۇنغانغۇچىلار ۋە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئەركىن سۇئال ـ جاۋاپلار شارائىتى ھازىرلاپ بېرىلدى.

ئەركىن سۇئال ـ جاۋاپ پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا مۇكاپات تەقدىم قىلىش مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا سۇنۇلغان ماقالىلەر پات يېقىندا سىن شەكلىدە تور بېتىمىزدە ئېلان قىلىنىدۇ.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1197

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش