ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 26 - ئاۋغۇست فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ھەققىدە خۇلاسە دوكىلاتى قىلىندى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » غېنى باتۇرنىڭ ئېيتقانلىرى

غېنى باتۇرنىڭ ئېيتقانلىرى

Geni Baturيادىكار سابىتوۋ

تاشكەنت: «مۇساپىرلار  بېغىدىكى» ئۇچرىشىش

1967-يىلنىڭ ياز ئايلىرى ئىدى. تاشكەنتكە ئوقۇشقا بارغان ئاغىنەم خەمىت دۇگاشېۋ ئىككىمىز دەم ئېلىش كۈنى «ئەسكىجۇۋا» بازىرىنىڭ ئالدىدىكى ئۇيغۇرلار ژىغىلىدىغان «مۇساپىرلار بېغى» دەپ ئاتىلىدىغان يەردە دەم ئېلىپ ئولتىراتتۇق. بىر چاغدا: «غېنى باتۇر كەپتۇ» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
ئانچە چوڭ بولمىغان ئىستىراھەت بېغىدا دەم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاشۇ ئاۋاز چىققان تەرەپكە بېرىپ توپلىشىشقا باشلىدى. ئۇلارنى بىزمۇ ئەگەشتۇق. قوش قويۇلغان ئىككى بەندىڭدە مويسەپىتلەر قاتار ئولتارغان بولۇپ، ئەتراپتا ياشلار ئۆرە تۇرۇشاتتى، خەمىت ئىككىمىز كېلىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۇق. بېشىغا بادام دوپپا كىيگەن، زور بەستلىك، لېكىن يېشى يېتىپ، سەل مۈكچىيىپ قالغان، قولىدا ھاسا تايىغى بار ئادەم قىزىق بىر ۋاقىەنى سۆزلەۋاتقان ئىكەن. بۇ كىشىنىڭ خەلق ئىچىدە رىۋايەتكە ئايلانغان غېنى باتۇر ئىكەنلىكىنى بىردىنلا تونۇدۇم.

بىز كۆرۈشكەندە غېنىكام قولۇمنى قاتتىق قىسىپ، «كىمنىڭ بالىسى بولىسەن؟ پاھ، چاچلىرىڭ پۇشكىننىڭكىگە ئوخشاپ كېتىپتا» دەپ چاقچاق قىلدى-دە، ماڭا سىنچىلاپ قاراپ، ئېغىز ئاچقۇزماي: «توختا، كۆزلىرىڭگە قارىغاندا، سەن مەرھۇم تېيىپھاجىكامنىڭ بالىسىغۇ دەيمەن، شۇنداقمۇ؟»، دېدى . مەن، «ھە-ئە»، دېيىشىمگە، ئۇ قولۇمنى قويۇپ بەرمەي، «شۇ، كۆزۈڭدىن تونۇدىم»، دەپ پېشانەمدىن سۆيۈپ، يېنىغا ئولتارغۇزدى.

—            بۇنىڭ ئىسمى يادىكار، دادىسى تېيىپھاجى سابىتوۋ ئۆز ۋاقتىدىكى ئىلغار زىيالىيلاردىن بولىدىغان. خەلقنى نادانلىقتىن مەرىپەتكە دەۋەت قىلىپ، ئېلىپ بارغان ئىشلىرى جاللات شېڭ شىسەيگە ياقمىغانلىغى ئۈچۈن مىڭلىغان كىشىلەر قاتارىدا ئۇمۇ تەقىپلىنىپ، يەتتە يىل تۈرمىدە ئازاب چەككەن. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن مانا بۇ تۇغۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن تېيىپھاجىكام بۇ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى يادىكار دەپ قويغاڭ، شۇنداققۇ دەيمەن؟ — دېدى غېنىكام سۆھبەتداشلىرىغا مېنى تونۇشتۇرۇپ.

مەن تۇنجى قېتىم غېنى باتۇرنى بەش-ئالتە ياش ۋاقىتلىرىمدا كۆرگىنىم چۈشۈمدىكىدەك ئېسىمدا. غۇلجا شەھىرى دۆڭمەلىنىڭ باي كوچىسىدىكى چوڭ قورا-جايدا 1944-يىلقى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھارپىسىدا مەلۇم ۋاقىت غېنىكام تۇرغان ئىكەن، كېيىن بۇ ئۆيدە بىز تۇردۇق. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى بولسا كېرەك، ئەتىمالىم، بىر كۈنى ئاق بوز ئات مىنگەن ئېگىز بويلۇق، گەۋدىلىك ئادەم ئۆيۈمىزگە كەلگەندە، ئاپامدىن بۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى سورىغىنىمدا، ئۇنىڭ غېنى باتۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ كۈنى غېنى باتۇر بىلەن دادام مۇڭدىشىپ تاڭ ئاتقۇزغان ئىدى. ئۇ چاغدا غېنىكام ناھايىتى زور بەستلىك، قەددى-قامىتى كېلىشكەن، بېشىدىكى سۈسەر تۇمىغى ئۇنىڭغا بۆلەكچە ياراشقان، ئەللىك ياشلار چامىسىدىكى ئادەم ئىدى.

…مانا باتۇرنى 17 يىلدىن كېيىن كۆرۈشۈم. بۇ قېتىم ئۇ ماڭا سەل ياشىنىپ قالغاندەك تۇيۇلدى. لېكىن ناھايىتى تېتىك، ھەربىر سۆزى دانىشمەنلەردەك ئورۇنلۇق ۋە ئۆتكۈر، ھازىرجاۋاپ بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە تەمكىن، خۇشچاقچاق ئادەمدەك بىلىندى.

—            ھە، يادىكار، سۆزلە، بۇ يەرلەردە نېمە قىلىپ يۈرىسەن، — دېدى غېنىكام.

مەن ئاغىنەم خەمىت ئىككىمىزنىڭ تاشكەنتكە ئوقۇشقا كەلگىنىمىزنى ئېيتتىم.

—            ھە، شۇنداقمۇ، ياخشى بوپتۇ. ئوقۇغانغا نېمە يەتسۇن، «ئوقۇغان ئوزار، ئوقۇمىغان توزار» دېگەن ئىكەن ئاتا-بوۋىلار، ئوقۇڭلار بالىلىرىم، — دېدى غېنىكام ۋە بىر دەقىقە جىم بولۇپ، بىر ۋاقىەنى ئەسكە ئېلىۋاتقاندەك كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ قالدى.

ھەممە باتۇرنىڭ ئېغىزىغا قاراپ، جىم ئولتىراتتى.

— 1944-يىلنىڭ كۆكلەم ئايلىرى بولسا كېرەك، مەن جاللات شېڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى  4-تۈرمىسىدە ياتقان مەزگىلىم ئىدى، — دېدى ئۇ بىرئاز سۈكۈتتىن كېيىن. — بىر كۈنى مېنى تۈرمە ھويلىسىغا بىر پەس كۈن كۆرۈشكە ئېلىپ چىقىشتى. پۇتۇمدا ئېغىر كىشەن، بىر چەتتە ئاپتاپقا قاخلىنىپ تۇرغان ئىدىم، گۇندىپايلار مەھبۇسلارنى ئېتىزغا ئادەم گېزەندىسىنى توشۇتۇۋاتقان ئىكەن. بۇ ۋاقىتتا تۈرمىلەر خەلق ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، ئىلغار زىيالىي، مەرىپەتچى ۋە خەلقپەرۋەر، ئاڭلىق ئادەملەر بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. قارىسام، يىراقتىن ئەپكەش كۆتۈرگەن تېيىپھاجىكامنى كۆردۈم. ئۇنىڭ يېنىدا زىيا (يازغۇچى زىيا سەمىدى  ) ۋە يەنە بىرلىرى كېلىۋاتاتتى. ئۇلارنى كۆرۈپ،  باسقۇنچى زالىملىرىغا بولغان ئۆچمەنلىكىم تېخىمۇ ئېشىپ، قاتتىق غەزەپلەندىم. زالىملارنىڭ زىيالىيلىرىمىزنى ھايۋان ئورنىدا خورلاپ، ئىشلىتىۋاتقانلىغى ئىنتايىن چوڭ ھاقارەت ئىدى… ئۇلار يېقىنلاشقاندا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، سالام بەردىم ۋە ھەممىسىدىن چوڭ تېيىپھاجىكامغا: «ھاجىكا، ئەپكەشنى ماڭا بەر، سەن بىردەم ئارام ئال، مەن ئاپىرىۋېتەي، بۇ ئەبلەخلەر سېنىمۇ ئايىماپتۇ» دېسەم، «غېنەم ئۇكا، ئادەمگەرچىلىگىڭگە رەھمەت، ئۆزۈمنىڭ دەردىنى ئۆزۈملا تارتاي، سەنمۇ ئۆزۈڭنىڭ دەردىنى ئۆزۈڭ تارت، پۇت-قولۇڭدا كىشەن، ئىككى يېنىڭدا ئىككى «پەخرىي قاراۋۇل ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ» دەپ كۈلدى. شۇندا مەن يېقىندا بۇ يەردىن قاچىدىغانلىغىمنى ئىشارە بىلەن ئۇقتۇرۇپ، نېمە ئامانەت سۆزۈڭ بار دېسەم: «ئۆيدىكىلەرگە بىزنىڭ تىرىك ئېكەنلىگىمىزنى ئېيتىپ قويساڭ بولغىنى، ئۇلار مانا يەتتە بىل بولدى، ھېچ نېمىدىن بېخەۋەر»، دېدى. ئارىدىن بىر جۈمە ئۆتۈپ، قەدىناس ئاغىنەم قازاق يىگىتى قۇسەن ئىككىمىز تۈرمىدىن قاچتۇق.

بۇ توغرىلىق قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمىدى «غېنى باتۇر»  رومانىدا غېنىكامنىڭ ئۈرۈمچى 4-تۈرمىسىدىن قانداق قاچقانلىقى ھەققىدە مۇنداق يازغان ئىدى: «…زىنداننىڭ ئادەتتىكى مۇدھىش كېچىسى. ئاندا-ساندا جۆلۈپ، ئىڭرىغان مەھبۇسلارنىڭ دەرمانسىز ئاۋازلىرىنى ۋە قەيەردىندۇ، يەرنىڭ تېگىدىن چىققاندەك ئاڭلىنىدىغان تۆمۈر ئىشىكلەرنىڭ جالاقلاپ ئېچىلىشىنى دېمىسە، ھايات بەلگۈسى يوقتەك سېزىلىدۇ. پەقەت ئىككىلا كىشى ئويغاق — ئۇلار ھاياجان ئىچىدە ۋاقىت كۈتۈشۈپ جىم يېتىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قوللىرى ئاخىرقى دەقىقىگىچە تىنماي ھەرىكەتتە: كىشەنلەرگە سامساق سۈركەش بىلەن بەند.

—            يا، خۇدا، ئۆزۈڭ مەدەت بەرگەيسەن! — دەپ تەڭرىگە نىدا قىلدى غېنى.

—            ئارۋاق، — دېدى قۇسەن تىترەك ئاۋازدا.

—            ئاتام سادىر پالۋاننىڭ روھى قوللىغاي! — دېدى-دە، ۋۇجۇدىغا پۈتۈلگەن كۈچ-قۇۋەتنى ئىككى قولغا جەملەپ، لېۋىنى چىشلىگەن ھالدا بىرىنچى كىشەننىڭ چاتمىسىنى تولغاشقا كىرىشتى غېنى. چىڭقىلىپ كۈچەشتىن ئۇنىڭ ئۇيۇل تاشتەك گرەنلىرى كۆپۈپ، تومۇرلىرى ئېتىلىپ كەتكەندەك، كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ، ئورغۇپ چىقىدىغاندەك ھالەتكە يەتسىمۇ، تولغاشنى بوشلاشتۇرمىدى ۋە ئاخىرى تەلۋە كۈچ غالىپ كەلدى — بىرىنچى كىشەننىڭ بېغى ئۈزۈلدى… ئىككىنچى كىشەن بىرىنچىسىدىن، ئۈچىنچىسى ئىككىنچىسىدىن ئاسانىراق ئۈزۈلگەندەك سېزىلدى غېنىغا…

كۆپلىگەن تۆشۈك-سۈڭگۈچلەرنى تېشىپ، كىرىپ-چىقىشنى مەشىق قىلىۋالغان غېنى بوشىتىلغان خىشلارنى ھەش-پەش دېگۈچە قومىرىپ چىقاردىدە، باش پاتقىدەك كاما ئېچىپ، سىرتقا قارىغاندىن كېيىن، يەنە بىرنەچچە خىشنى قومىرىپ، تۆشۈكنى كەڭەيتتىدە، ئاۋۋال ئىككى قولىنى، ئاندىن بېشىنى چىقىرىپ، تايغاندەك تىرەجەپ ئالغا سوزۇلدى ۋە مۇشەقەتسىزلا سىرتقا چىقىۋالدى. لېكىن پەمىسىزرەك قۇسەن تۆشۈككە كەپلىشىپ قالغاچقا، ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ، پۇتلىرىنى تامغا تىرەپ تارتىۋېدى، ئۈچ-تۆرت خىش بىلەن قۇسەن بىللىلا سۇغىرىلىپ چىقتى…».

— 1944-يىلنىڭ ئاخىرىلىرى بولسا كېرەك، — دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى غېنى باتۇر. — بىر كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار نازارىتىگە (مىنىسترلىك) بىر ئىش بىلەن بارسام، نازىر (مىنىستر) رەخىمجان سابىرھاجىېۋ تېيىپھاجىكام بىلەن ئىش يۈزىدە بىر مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىۋېتىپتۇ. تېيىپھاجىكام ئىچكى ئىشلار نازارىتى 4-بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئىكەن. قەدىناس تۈرمىداش بۇ قېرىنداشلىرىم بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۈم. ھال-ئەھۋال سورىشىپ، رەخىمجانغا كۆزۈمنى قىسىپ قويۇپ، «ھاجىكا، ھېلىقى 4-تۈرمە باشلىقى لومودىنى قولغا چۈشەردۇق، ئۆچۈڭنى ئېلىپ بېرەيمۇ؟» دەپ كۈلسەم، ھاجىكام «ئۇنىڭ قولغا چۈشكىنى ياخشى بوپتۇ، ئۇنى قانۇن بويىچە سوتلاش كېرەك»، دېدى. مەنزە: «ھەي ھاجىكا، ئۇ لومودىنى ئۆزۈم ئېتىپ تاشلايمەن. ئۇ قانخورغا ئوقمۇ زايە، ئەمدى ئۆچۈڭنى ئېلىپ بېرەي دېگىنىم، ئۇنىڭ تەتىيىنى (بۇ يەردە ئايالى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، ) ساڭا توقاللىققا چېتىۋېتەيمېكىن دەيمىنا»، دەپ چاقچاق قىلدىم.

رەخىمجان بىلەن تېيىپھاجىكام ئىككىسى قاتتىق كۈلۈۋەتتى.

—            ھەي، غېنى، سېنىڭ مۇشۇ چاقچىغىڭ قىزىقتە، بىز  ھەرقانداق ئىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك، شۇ چاغدىلا بىز باشقىلارنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرىمىز. قاراملىق قىلىپ يۈرمە يەنە، دېدى ھاجىكام— دەپ سۆزىنى يەكۈنلىگەن ئىدى غېنى باتۇر

ئالمۇتا: رېداكسىيادىكى سۆھبەت

غېنىكام يىگىرمە يىلدىن ئوشۇق تاشكەنتتە ئىستىقامەت قىلدى. ئۇ يىللىرى ئۆزبېكىستان كومپارتىياسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى كاتىپى بولۇپ جۇمھۇرىيەتنى ئۇزۇن يىللار باشقۇرغان شەرەپ رەشىدوۋ غېنى باتۇرغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۆز ھۇزۇرىدا بىرنەچچە قېتىم قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ 70 ياشلىق تەۋەللۇدى جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدە تەنتەنىلىك نىشانلانغانلىقىنى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزبېكىستان س س ر ئالىي كېڭىشى پرېزىدىۇمى پەخرىي يارلىق بىلەن مۇكاپاتلىغانلىقىنى بىلىمىز.

ئەتىمالىم، 1976-يىلىنىڭ ياز ئايلىرى بولسا كېرەك. بىر كۈنى تاشكەنتتىن غېنىكام ئالمۇتىغا «قوممۇنىزم تۇغى» (ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى») گېزىتى تەھرىراتىغا كەلدى. مەن ئۇ چاغدا گېزىتنىڭ تەرجىمە بۆلۈمىدە ئىشلەتتىم. شائىر ھېزىم ئاكا بەخنىيازوۋ بۆلۈم باشلىقى، تۇرسۇن دەريا، ئەنۋەر لوقمان، مۇڭلۇق باقىېۋ ۋە مەن تەرجىمان ئىدۇق. غېنىكام تۇرسۇن دەرىيا بىلەن ئەنۋەر لوقماننى ياخشى تونۇيتتى.

—            ھوي، تۇرسۇن، بىر چاغدا دەرىيادەك ئېدىڭ، سوغىلىپ كۆلچەكتەكلا بولۇپ كېتىپسەنغۇ؟!— دەپ چاقچاق قىلدى غېنىكام. ھەممىمىز پاراققىدە كۈلۈۋەتتۇق. تۇرسۇن ئاكا بۆلۈمدىكىلەرنى غېنىكامغا تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى. نۆۋەت ماڭا كەلگەندە غېنىكام تۇرسۇن دەرىياغا ئېغىز ئاچۇرمايلا: «ھوي، سەنمۇ  بۇ  يەردىمۇ، ھاجىكامنىڭ ئوغلىغۇ بۇ»، دەپ قولۇمنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق قىستى. ھال-ئەھۋال سورىشىپ، غېنىكام ئۆزىنىڭ ئالمۇتىغا كېلىش مەقسىتىنى ئېيتتى.

—            يېشىم يېتىپ قالدى، مۇشۇ غۇلجا يولىدا قازاقىستان دېگەن مەلە بولۇپ، ئۇ يەردە مېنىڭ قاياشلىرىم، بەش-ئالتە بۇرادىرىم ياشايدۇ. ئاخىرقى ئۆمرۈمنى شۇ يەردە ئۆتكۈزسەم، ئەگەر باقى دۇنياغا سەپەر قىلغىدەك بولسام، يۇرتداشلىرىم يول بويىغا دەپىنە قىلسا، ئۇ ياق-بۇ ياققا ماڭغانلار دۇئا قىلىپ ئۆتەر دەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن گېزىتنىڭ باشلىقىغا كەلدىم. (ئۇ يىللىرى گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى ئىلگىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدا ئىشلىگەن ئابدۇللا مەشۈروۋ ئىدى). ئۇ مېنى قوناېۋقا( س س ر قازاقىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ باش سېكرېتارى)
ئاپارسا بولغىنى، قالغان ئىشنى ئۆزۈم توغرىلايمەن. مەن ئۇنى 40-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن ياخشى تونۇيمەن، — دېدى غېنىكام.

خەيرىيات، غېنىكام ئابدۇللا مەشۈروۋ بىلەن كۆرۈشۈپ چىقتى. ئۇ قازاقىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىغا بېرىپ غېنىكامنى قوناېۋنىڭ  قوبۇل قىلىشى توغرىلىق ئۇقۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىر جۈمەدىن كېيىن خەۋەرلىشىشنى جېكىلەپتۇ.

—            مەن بىر ئون كۈنلەردىن كېيىن كېلىمەن، — دېدى غېنىكام، ئاندىن «ھەي، يادىكار، مېنى ئۇزىتىپ قوي، بۇ 8-قەۋەتتىن ئەۋۇ ئېلېكتر شوتاڭدىن چۈشۈشنى بىلمەيمەن» دېدى. مەن باتۇرنىڭ تاپقۇر-زېرەكلىگىگە شۇ چاغدا ھەيران قالغان ئىدىم، ئۇ لىفتنى بىردەمدىلا «ئېلېكتر شوتا» دەپ ئاتىغان ئىدى. ئارىدىن بىرئاز ۋاقىت ئۆتۈپ، غېنىكام سېۋى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان كومپارتىياسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى كاتىپى دىنمۇخامېد قوناېۋنىڭ ھۇزۇرىدا بولۇپ، مەسىلىسىنى ئىجابىي ھەل قىلىپ چىقتى.

غېنى باتۇر بىرنەچچە كۈندىن كېيىن يەنە رېداكسىياگە كەلدى. بۇ قېتىم كۆپلىگەن ۋاقىەلەرنىڭ تىرىك شاھىتى بىلەن خېلى ئۇزاق پاراڭلاشتۇق. غېنىكام ئۆزىنىڭ ھاياتىدا يۈز بەرگەن قىزىق ۋاقىەلەرنى ناھايىتى ئوبرازلىق بىلەن بايان قىلىپ، بىزنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغان ئىدى. ئاخىرىدا مەن ئۇنىڭ جۇمھۇرىيەت رەھبىرى قوناېۋ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشى توغرىلىق سۆزلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدىم. غېنىكا بۇنىڭ نېمە ھاجىتى بار دېگەندەك ئىككىلىنىپ تۇرغاندا، باشقىلار مېنىڭ ئىلتىماسىمنى قوللاپ، باتۇرنىڭ كۆندۈردى.

—            مەن قوناېۋنى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن ياخشى بىلىمەن، — دەپ سۆزىنى باشلىدى غېنىكام، — مەن دەسلەپ 1947-يىلى ئالمۇتىغا كېلىپ داۋالانغاندا قوناېۋ بىلەن مېدېۇدىكى ساناتورىيدا بىر بۆلۈمدە ياتقان. ئۇ يىللىرى دىماش جۇمھۇرىيەت پەنلەر ئاكادېمىياسىنىڭ پرېزىدېنتى ئىكەن، ئىككىمىز شۇ چاغدا كۆپ مۇڭداشقان. ئۇ ئۇيغۇرچىنى خېلى راۋان سۆزلەتتى، ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ئالمۇتادىكى سوپى زەرۋات نامىدىكى ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئوقۇغان، ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن خېلى قويۇق ئارىلاشقان ئىكەن.

1955-يىلى س س س رغا بىرەتولا كۆچۈپ چىققىنىمدا، ئۇ قازاقىستان س س ر مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئسى بولۇپ ئىشلەۋېتىپتۇ. بۇ چاغدىمۇ ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا بىرنەچچە قېتىم بولغانمەن. مېنىڭ قوناېۋ بىلەن تونۇشلۇقۇم شۇنداق ئىدى. يېقىندا بولسا، ئىنىمىز ئابدۇللا مەشۈروۋ ئىككىمىز بەلگىلەنگەن كۈنى مەركىزىي كومىتېتقا باردۇق. قوناېۋنىڭ قوبۇل قىلىشىنى كۈتۈپ ئولتارغانلار خېلى نۇرغۇن ئىكەن. ئابدۇللا قوبۇلخانىدىكى كاتىپقا بىر نېمە دېۋىدى، ئۇ كىشى دەررۇ ئىچكەركى بۆلمىگە، يەنى قوناېۋنىڭ كابىنېتىغا كىرىپ كەتتى ۋە ھايال قىلمايلا چىقىپ، بىزگە كىرىشكە ئىجازەت بەردى ۋە ئابدۇللاغا «قوناېۋنىڭ ۋاقتى قىس، سىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى بەش مىنۇت، ۋاقىت توشقاندا، دەررۇ چىقىپ كېتىڭلار»، دەپ جېكىلىدى. مەن ئىچىمدە ئاۋۋال كىرىۋالايلىچۇ، ئۇ يەردىن قاچان چىقىشنى ئۆزۈم بىلىمەنغۇ دەپ ئويلىدىم.

ئىشىكتىن كىرىشىمىزگىلا چوڭ ئىشكاپنىڭ تۆرىدىكى ئۈستەلدىن تۇرۇپ قوناېۋ ئالدىمىزغا كەلدى. بىز قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق. مەن ئۇنىڭغا: «بىرىنچى قېتىم كۆرۈشكىنىمىزدە ئاكادېمىيىنىڭ باشلىقى ئېدىڭ، ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشكىنىمىزدە ھۆكۈمەت باشلىقى ئىكەنسەن، مانا ئەمدى سوۋېت كومپارتىيىسىمەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى كاتىپى، يەنە ئىككى قېتىم سوتسىالىستىك ئەمگەك قەھرىمانى بوپسەن، مۇبارەك بولسۇن،  دېدىم قولىنى قاتتىق قىسىپ. ئۇ ھاياجانلىنىپ، قىزىرىپ، قولىنى مۈرەمگە ئېلىپ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى. بىز ھال-ئەھۋال سورىشىپ، بىر پەستىن كېيىنلا ئابدۇللا ئۈستەل ئاستىدىن پۇتۇمنى دەسسەپ، تامدىكى سائەتكە ئىشارە قىلدى. مەن ئېرەڭ قىلمىسام، ئۇ يەنە پۇتۇمنى نوقۇپ، سائەتكە ئىشارە قىلغىلى تۇردى.

ئاچچىقىم كېلىپ: «ھوي ئۇكا، چوڭلار پاراڭلاشقاندا، كىچىكلەر جىم تۇرىدىغان، بىرئاز چىداپ تۇر»، دېدىم.

قوناېۋ نېمە بولدى دېگەندەك، ماڭا سوئال نەزىرىدە قارىدى. مەن بۇ يەرگە كىرىش ئالدىدا قوبۇلخانىدا كاتىپ بىزگە بەش مىنۇت ۋاقىت بەرگەنلىكىنى ئېيتتىم. قوناېۋ كۈلۈپ قويدى-دە، «ھېچ ۋاقىەسى يوق، بەھۆزۈر ئولتىرايلى» دېدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن ئىشلار توغرىلىق قىزغىن پاراڭلاشتۇق. ئارىدىن بىر سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. ئاخىرىدا قوناېۋ مەندىن: «بۇ يەرگە كېلىش مەخسىتىڭنى ئاڭلاي»، دەپ سورىدى.

مەن تاشكەنتتىن كۆچۈپ كېلىش نىيىتىمنى، غۇلجا يولىدىكى قازاقىستان مەلىسىدە يۇرتداشلىرىم بىلەن بىللە تۇرۇش مەخسىتىمنى ئېيتتىم. دىنمۇخامېد قوناېۋ بولسا: «ئاقساقال، ئالمۇتىنىڭ خالىغان يېرىدىن ئۆي بېرەي. ئۇ سىرتتا نېمە قىلىسەن ياكى بولمىسا ئۇيغۇرلار زىچ تۇرىدىغان مەھەللىلەرنىڭ بىرىگە ئۆي سالدۇرۇپ بېرەي»، دەيدۇ. مەن ئەمدى ئاخىرقى ئۆمرۈمنى ئاشۇ يەردە ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلدىم. قوناېۋ: «ئانداقتا، ئۆزەڭچە بولسۇن»، دەپ دەرھال ئالمۇتا ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى كاتىپى ئاسانباي ئاسقاروۋقا تېلېفون قىلىپ، مېنىڭ ئىلتىماسىم توغرىلىق ئېيتتى ۋە مەسىلىنى تېز ھەل قىلىشنى تاپىلىدى.

قوناېۋ بىلەن سەمىمىي خوشلاشتۇق. ئۇ ھەرقانداق ئىش بولسا، تارتىنماي كېلىشىمنى ئېيتىپ، ئابدۇللىغا قاراپ: «ياشانغان ئادەملەرنىڭ ئىلتىماسىنى يەردە قويماي ئىجرا قىلىش كېرەك. باتۇرنى ئېلىپ كەلگىنىڭىز ياخشى بوپتۇ. يەنە ئىلتىماس قىلسا، ئېلىپ كېلىڭ»، دېدى. بىز قوناېۋنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقساق، قوبۇلخانىدا ئۆز نۆۋىتىنى كۈتۈپ ئولتارغانلار، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئالاھىدە كۆرۈشۈپ كەتتى.

ئەتىسى ئابدۇللىنىڭ ماشىنىسىدا قازاقىستان يېزىسىغا بارساق، بىز كەلگۈچە قوشنا چېلەك ۋە ئەمگەكچىقازاق ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ بىرىنچى كاتىپلىرى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن. سوۋخوز(كوممۇنا ) مۇدىرى بىزنى مەلىگە باشلىدى. مەن خالىغان يەرگە ئۆي سېلىش ئۈچۈن قوزۇق قېقىلدى. بىر يازدا ئۆي قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، كۈزدە كۆچۈپ كېلىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق»، دېدى غېنىكام.

گۇندىپاينىڭ غىزا بىلەن ئۆلتۈرۈش پىلانى

شۇ كۈنى مەن يەنە غېنى باتۇردىن ئۈرۈمچىدە شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ياتقان چاغلىرىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلدىم. غېنىكام سەل ئويلىنىپ قالدى-دە ئاندىن ھېكايىسىنى مۇنداق باشلىدى: «بۇ گومىنداڭچىلارنىڭ زۇلۇم-سىتەملىرىنى ئېيتىپ تۈگىتەلمەيسەن. جاللات شېڭ شىسەي دېگەن لومودىنىڭ ئادەملىرى 1937 — 1944-يىللىرى يۈز مىڭلىغان بېگۇنا، ئاق كۆڭۈل ئادەملەرنى قولغا ئېلىپ، ئۇرۇپ-قىينىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئامان قالغانلىرى ساناقلىقلا. 1942 — 43-يىللىرى بولسا كېرەك، تۈرمىدە يالغۇز كامېرىدا ياتىمەن. گومىنداڭچىلار
مېنى ئالاھىدە خەۋپلىك جىنايەتچى ھېسابلاپ، ئەنەشۇنداق ئۆزۈمنى يالغۇز بىر كامېرىغا سولىغان ئىدى. بىر ئايدەك بولدى، ماڭا تۇزلۇق بەسەيدىن (سۈيى بىلەن) باشقا ھېچ نەرسە بەرمەيدۇ. ئۈچ ۋاق بەسەي يەپ سېسىق كېكەردىم. تېنىمدا ماي قالمىدى. بىر ئۇستىخان، بىر تېرە بولۇپ، ئەرۋالارغا ئايلىنىپ قالدىم. ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ماڭا يوغان بىر تاۋاقتا پېتىر مانتا، يوغان بىر چۆگۈندە ئاچچىق دەملەنگەن چاي ئېلىپ كىردى. ئېغىزىمدىن سېرىق سۇ ئېقىپ، بۇ مانتىنى دەررۇ يەۋەتكۈم كەلدى، لېكىن ئۆزۈمنى تۇتتۇم. مانتىدىن بىرنى يېدىم. قوينىڭ قۇيرۇق مېيىدا ئېتىلگەن بۇ شورپىلىق مانتا ئېغىزىمدا ئېرىپلا كەتتى. قولۇمنى ئىككىنچى مانتىغا سوزۇپ، ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇۋالدىم. تۇزلۇق بەسەي بىر ئايدىن ئوشۇق ۋاقىتتا مېنى تامامەن ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۈچەيلىرىمدە ماي قالماي، نېپىزلەپ كەتكەن ئىدى. ئەگەر بىر تاۋاق مانتىنى يېسەم، ئۈچەيلىرىم يېرىلىپ، ئوڭايلا جان بېرىمەن. ئۇلارغا مانا شۇ كېرەك. «غېنى ئوغرى ئاچكۆزلۈك قىلىپ، تاماقنى كۆپ يەپ ئۆلدى»، دەپ ھۆججەت يېزىپ قويىدۇ، خالاس. مەن ئەنە شۇلارنى ئويلاپ، نەپسىمنى باستىم. بىر پىيالە چاي ئىچتىم. قالغان مانتىلارنى ئاستا ياستۇقنىڭ ئىچىگە تىقتىم. بىر پەستىن كېيىن ئاشپەز  كىرىپ: «ئەينى (غېنى دېمەكچى ) مانتىنى ياڭرودىن (قوي گۆشىدىن) ئەتتىم، ئوخشاپتىمۇ، خالىساڭ يەنە ئەكىرەي»، دەپ ھېجايدى. مەن «مانتاڭ بەك ئوخشاپتۇ، ھەممىسىنى قالدۇرماي يەۋەتتىم» دېسەم، بەك خۇشال بولۇپ قاقاقلاپ كۈلدى. تاۋاقنى ئېلىپ كېتىپ، يەنە مانتا ئەكەپتۇ. كۆزىچە بىر مانتىنى يېگەندەك قىلدىم، ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ مانتىلارنىمۇ ياستۇقنىڭ ئىچىگە تىقىۋەتتىم… ئەنە شۇنداق نەپسىمدىن كېچىپ، ئۆلۈمدىن ئامان قالغان ئىدىم. ئۇلار بۇنىڭ سىرىنى بىلەلمەي، خېلىغىچە ھەيران بولۇپ يۈرگەن ئىدى.

«ئاق ئىشت، قارا ئىشت، ھەممىسى بىر ئىشت»

1978-يىلنىڭ بىر كۈنى «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئابدۇللا مەشۈروۋ تەرجىمە بۆلۈمىدىكى خادىملارنى كابىنېتىغا چاقىردى. ئادەتتە، ئۇ بىزنى مۇھىم بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ياكى ناھايىتى ئالدىراشلىق ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندىلا ئۆزىگە چاقىراتتى. بۇ قېتىممۇ شۇنداق بىر تەرجىمە قىلىدىغان ئىش چىقتىمېكىن دەپ، ئۇنىڭ كابىنېتىغا كىردۇق. ئۇ  بىر كونۋېرتنى ئالدى: «مونۇ خەت موسكۋادىن، س س س ر تاشقى ئىشلار مىنىسترلىگىدىن كەپتۇ. ھازىر مەن ئۇنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي. بۇ ھۆججەتتىن سىلەرمۇ خەۋەردار بولۇپ قېلىڭلار» دېدى-دە، ئۈنلۈك ئوقۇشقا باشلىدى.

ئۇ يىللىرى مېنىڭ بىلەن تەرجىمە بۆلۈمىدە بىللە ئىشلىگەن ئاكىلارنىڭ ھەممىسى، شۇ جۈملىدىن ئابدۇللا مەشۈروۋمۇ ئاللىقاچان دۇنىيادىن ئۆتتى. مەزكۇر ھۆججەت توغرىلىق بىلىدىغانلاردىن پەقەت مەنلا قالدىم. ئەلۋەتتە، ئارىدىن 30 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ ھۆججەتنى تەل-تۆكۈس تولۇق ئېيتىپ بېرىشىم مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ماھىيىتى خاتىرەمدىن چىقمىدى. خەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى  تۆۋەندىكىچە ئىدى: «يولداش ئى.ۋ. ستالىننىڭ 1947-يىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمانى غېنى باتۇر مەمەتباقىېۋ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنىڭ ستېنوگرافىيالىك ھېساۋىتى. (ئۇچرىشىشقا س س س ر تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى ۋ.مولوتوۋ، ۋكپ(ب) مەركىزىي كومىتېتى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى (ئىسىم-شەرىپى يادىمدا يوق) ۋە بىر تەرجىمان ئىشتىراك قىلغان).

ئى.ۋ. ستالىن غېنى باتۇردىن ئىلىدا ئىنقىلابنىڭ پارتلاش سەۋەبلىرىنى، گومىنداڭچىلارغا قارشى بولغان ئۇرۇش جەرىيانلىرىنى سورىغان.

غېنى باتۇر ئەكسىيەتچى گومىنداڭ باسقۇنچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇم-سىتەملىرى، بولۇپمۇ ئاخىرقى يىللىرى جاللات شېڭ شىسەينىڭ ئومۇميۈزلۈك قاتتىق دىكتاتورا ئورنىتىپ، خەلقنى دەھشەتلىك ئېزىپ، ئازراق ساۋاتى بار، كۆزى ئوچۇق ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى تۈرمىلەرگە، لاگېرلارغا قاماپ يوقاتقانلىقى، پىچاق سۈيەككە يەتكەندىن كېيىن خەلقنىڭ زالىملارغا قارشى كۆتىرىلگەنلىگى ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ بېرىدۇ.

ئى.ستالىن غېنى باتۇرنىڭ بايانىنى دىققەت بىلەن تىڭشاپ: «كوممۇنىستلارغا نىسبەتەن مۇناسىۋىتىڭىز قانداق، ئۇلارنى قانداق باھالايسىز؟» دەپ سورايدۇ.

غېنى باتۇر ئىككىلەنمەيلا: «ئاق ئىشت، قارا ئىشت، ھەممىسى بىر ئىشت. چۈنكى گومىنداڭمۇ، گوڭسەنداڭمۇ ئوخشاشلا . مەن ئۇلاردىن ياخشىلىق كۆرمىدىم»، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. غېنى باتۇرنىڭ كوممۇنىستلارغا نىسبەتەن بەرگەن مۇنداق كەسكىن، چوس، سەلبىي باھاسىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋ.مولوتوۋنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، قاپىغى تۈرۈلۈپ كەتتى. لېكىن يولداش ستالىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىققا بولغان تەشنالىقىنى چۈشەنگەن ھالدا، غېنى باتۇرنىڭ سۆزلىرىگە ئانچە پەرۋا قىلمىغاندەك ئىپادە بىلدۈردى»، دەپ تەكىتلەنگەن ئىدى مەزكۇر خەتتە.

ئابدۇللا مەشۈروۋ بۇ خەتنى ئوقۇپ بولۇپ: «س س س ر تاشقى ئىشلار مىنىسترلىگى بۇنى گېزىتتا پايدىلىنىشقا تەۋسىيە قىپتۇ. ئەمدى بىر ئىمكانىيەت تېپىلسا، پايدىلىنىشنى ئويلاشتۇرۇپ كۆرەرمىز. مېنى غېنى باتۇرنىڭ ستالىننىڭ سوالىغا بەرگەن جاۋابلىرىنىڭ جۈرئەتلىكلىگى ھەيران قالدۇردى»، دېگەن ئىدى ئابدۇللا ئاكا شۇ چاغدا.

«چالا ساۋات بولساممۇ، ئۇلار بىلەن بىر قاتاردا تۇردۇم»

س س س ر تاشقى ئىشلار مىنىسترلىگىدىن غېنى باتۇرنى ئى.ستالىننىڭ قوبۇل قىلغانلىقى توغرىلىق ستېنوگرافىيالىك ھېسابات ھۆججىتىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، بۇ مۇھىم ۋاقىئە ھەققىدە بىۋاسىتە غېنى باتۇرنىڭ ئۆزىدىن سوراپ بېقىشنى قارار قىلدىم. مۇنداق پۇرسەت ئاز ۋاقىتتىن كېيىنلا كەلدى. غېنىكام نۆۋەتتىكى قېتىم بىر ئىشلار بىلەن تەھرىراتقا كەلگىنىدە، سۆزئارا بۇ ھەقتە سورىدىم. غېنىكام سەل ئويلىنىپ تۇرۇپ: «ئاشۇ ئورۇسنىڭ يازغىنى (موسكۋادىن كەلگەن ھۆججەتنى دېمەكچى) توغرا. مەن گومىنداڭ بىلەن گوڭسەنداڭنىڭ ھېچ پەرقى يوق، «ئاق ئىشت، قارا ئىشت، ھەممىسى بىر ئىشت»، دېگىنىم راست. كېيىنكى ۋاقىەلەر مېنىڭ سۆزۈمنى تولۇق ئىسپاتلىدى»، دېگەن ئىدى ئۇ.

مەن ژۇرنالىستلارغا خاس، ھېچ نەرسىنى قويماي سوراپ بىلىۋېلىش ئىنتىلىشىم بىلەن، ستالىن بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن يەنە قانداق پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلغانلىقىغا قىزىقتىم. بۇ چاغدا غېنىكام مىيىغىدا كۈلۈپ قويۇپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «يا ئاللا، بۇ يېزىقچى دېگەن خەقزە يىپتىن يىڭنىسىگىچە سوراپ بىلىۋالمىغىچە، تىنىم تاپمايدېكەندە. خوپ، ئېسىمدا قالغىنىنى ئېيتىپ بېرەي. ئەتىسى موسكۋادىكى ئاتاقلىق چوڭ تېاترغا باردۇق. ماڭا تۇرسۇن رەھىموۋ (ئۇ يىللىرى ۋ ك پ(ب) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇل خادىمى)، يەنە بىر كاتتىۋاش (يۇقىرى لاۋازىملىق دېمەكچى ) ئورۇس ھەمراھ بولدى. مېھمانلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئالدىنقى ئورۇنلاردا ئولتاردۇق. بىر ۋاقىتتا پەردە ئېچىلىپ، بالېت ئويۇنى باشلاندى. يېرىم يالىڭاچ ئوغۇل-قىزلار سەھنىدە بىر قىسمىلا ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا باشلىدى. مۇنداق بالېت دېگەننى ئۆمرۈمدە كۆرمىگەنلىگىم ئۈچۈن بۇ ماڭا غەلىتى، تېتىقسىز ۋە لاۋزا بىر نەرسىدەك تۇيۇلدى. بۇ غەرب مەدەنىيىتىنىڭ دۇردانىسى مېنىڭ دىتىمغا زادىلا سىغمىدى. مەن يېنىمدا ئولتارغان تۇرسۇن رەخىموۋتىن: «ئۇكا، بۇ نېمە ئىش. سەھنىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يېرىم يالىڭاچ، قانداق ئويۇن بۇ؟» دېسەم، ئۇ: «بۇ مەشھۇر «ئۇيقۇدىكى گۈزەل» دېگەن بالېت»، دېدى. مەن بىردەم سەھنىگە قاراپ زېرىكتىمدە: «تۇرسۇن ئۇكا، مەن بۇ گۆزىلىڭدىن زېرىكتىم، چىقىپ كېتەيلى» دېسەم، «ئۇيات بولىدۇ»، دەپ زادىلا ئۇنىمىدى. چىشىمنى چىشلەپ ئولتاردىم. بىرىنچى تەنەپۇستىلا: «تۇرسۇن ئۇكا، سەن قالساڭ قال، مېنى يولغا سېلىۋەت، زېرىكتىم» دېۋىدىم، ئۇ ئاران ماقۇل بولدى.

ئەمدى ئەتىسى موسكۋادا چوڭ بىر بايرام بولدى. مېنى قىزىل مەيدانغا، يەنە كېلىپ، مۇنبەرگە تەكلىپ قىپتۇ. مۇنبەردە ستالىن باشلىق شۇ چاغدىكى بارلىق رەھبەرلەر بار ئىدى. بۇ يەردە شۇنداقلا ھەربىي قولباشچىلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. مەن ۋوروشىل بىلەن بۇدىلنۇك  ئوتتۇرىسىدا تۇردۇم. ھە، چالا ساۋات بولساممۇ، ئەنە شۇلار بىلەن بىللە بىر پەس تۇرغىنىم بار.

بىراق ھەي، ئىسسىت يۈز مىڭلىغان مەسۇم جانلارنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە قولغا كەلگەن مىۋىمىزنى ئەنە شۇ بۇرۇتلۇق (ستالىننى دېمەكچى) نابۇت قىلدى. بىزنى ئالداپ، ئەخمەتجان قاسىمىي باشلىق بارلىق رەھبەرلىرىمىزنى يوق قىلىشتى، بۇ خۇمپەرلەر. بىز نېمە ئۈچۈن، كىم ئۈچۈن كۈرىشىپ، قان كېچىپ، ئىنقىلاب قىلدۇق؟ خەير، دانا خەلقىمىزدە «بىر ئەرگە نۆۋەت، بىر — يەرگە»، دېگەن تەمسىل بار. ھە، ئۈمىد بىلەن ياشاش كېرەك…»

غېنىكام بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلارنى ۋە ئۇنىڭ ژۇقۇرىدىكى ئېيتقانلىرىنى زادىلا ئۇنتۇمايمەن. ھە، ئۇنتۇشمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

يادىكار سابىتوۋ

مەنبە: «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى تورىدىن ئېلىندى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1194

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش