ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » كوچىدىكى ئۇيغۇر بالىسى – خەندان

كوچىدىكى ئۇيغۇر بالىسى – خەندان

balaئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 2015-يىلى 4-يانۋار يەكشەنبە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5-قېتىملىق دوكتور ۋە ماگىستېر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر قىزى خەنداننىڭ دېكىلماتسىيە قىلىپ بەرگەن شېئىرى.

كوچىدىكى ئۇيغۇر بالىسى
(خەندان)

كۆردى كۆز، كۆردى كۆڭۈل، كۆرگەندە سەزگۈ،
ئۇيغۇرنىڭ بالىسى كوچىدا يۈرەر.
ئۇھ بىلەن، ئاھ بىلەن تىترىدى تۇيغۇ،
بۇ كۈنلەر كىملەردىن كىملەرگە يېتەر؟

مەن–
كوچىدىكى تىلەمچى بالا،
قولۇمدا يارا،
دىلىمدا يارا،
كۆزلىرىم ئۇيغۇرنىڭ كۆزىدەك قارا!
ھاياتىم–
بوران ئۇچقان بىر كوچا،
كۈن تۇتۇلغاندا
ئىز دېرەكسىز يوقالغان شولا…
يىغلاش نېمە؟
ئۇنۇتتۇم،
مەن ھاياتنىڭ يىغىلىرىنى
قېنىپ قېنىپ يىغلىغان تولا.
مەن–
كوچىدىكى تىلەمچى بالا،
تۆرەلدىم
بەلكى شۇنىڭ ئۈچۈنلا.

مەن–
كوچىدىكى يانچۇقچى بالا،
يۈرىكىم چالا،
ئەتراپىم ئالا،
قىسمىتىم
كۆيۈشكە يارالغان كۆمۈردەك قارا!
كۈل بولغاندا
قۇتۇلۇش كۈلكىسى بولارمۇ ھەمراھ؟
ئامانلىق نېمە؟
ئەسلىيەلمەيمەن،
ساقلانغان شېرىن بىر خىياللار ئارا.
مەن كوچىدىكى يانچۇقچى بالا،
كەلگىنىم
بىر ھەسرەت، بىر ئاچچىق دۇنيا.

مەن–
كوچىدىكى سېتىقچى بالا،
قولۇمدا سودا،
يۈرەكتە نىدا،
كۈنلىرىم
ئازۇدىن ھەۋەستىن بولغاندەك جۇدا!
يامغۇر ياغقاندا
ياشلىرىم پارچە پۇل خىياللىرىدا.
ئوقۇش نېمە؟
ئوقۇيمەن ھاياتنىڭ كىتابلىرىنى
تۈرلۈك–تۈمەن نەزەر ئاستىدا.
مەن–
كوچىدىكى سېتىقچى بالا،
كۆز ئاچتىم
ئەتراپىم بىر ئۆكسۈش، تويۇنغان يىغا.

مەن–
كوچىدىكى مايلامچى بالا،
قولۇمدا بىر چوتكا،
يېنىمدا قۇتا.
توختاڭ، ئەي ئاكا،
ئولتۇرۇپ بىر قېتىم مايلىتىڭ ماڭا!
ئۇيقۇ باسقاندا
ئەسلەيمەن ئەسلىدە مەنمۇ بىر بالا.
ئارمان نېمە؟
كۆرۈپ باقمىدىم،
ئۇنۇتتۇم نان تېپىش قايناملىرىدا.
مەن–
كوچىدىكى مايلامچى بالا،
تۇغۇلدۇم
جاپانىڭ قىرتاقلىرىدا.

كۆز بىلەن كۆرمەك نە؟ كۆڭۈل بىلەنچۇ؟
بىر غايە يېنىڭدا يېنىپلا ئۆچەر.
يۈرەكنىڭ قولىدىن نېمە كېلىدۇ؟
ئاچچىقتىن ئۆزىنى قامچىلاپ ئۆتەر.

2015–يىلى 4-يانۋار

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1202

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش