You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى پائالىيىتى ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى پائالىيىتى ئۇقتۇرۇشى

Tilning Kuchi

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار!

بۈگۈنكىدەك مۇرەككەپ تارىخى ۋەزىيەتتە، ئانا تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن، ۋەتەن ئىچى-تېشىدىكى ئىلىم سۆيەر زىيالىيلىرىمىز، ۋەتەن سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئورتاق قوللىشى ۋە قاتنىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش نامىدا، 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى (يەكشەنبە) سائەت 13:00 دىن 16:30 گىچە ئىستانبۇل فاتىھتىكى سەفىرەئى ئالەم خەلقئارا ئۇقۇغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا 4-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى.
1. ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا 4 تېما قوبۇل قىلىنىدۇ.
2. ئانا تىلنى قوغداش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئائىت مەلۇم تەتقىقات تېمىسى ۋەياكى ئىلمىي ماقالىسىنى سۇنسا بولىدۇ.
3. سۇنۇلماقچى بولغان تېما چوقۇم ئۆلچەملىك ئۇيغۇر يېزىقىدا ھازىرلىنىشى ۋە دوكلات تىلمۇ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا بولىشى شەرت.
4. ھەر بىر دوكلات ئۈچۈن 30 مىنۇت دوكلات ۋە 5 مىنۇت سوئال-جاۋاب شەكلىدە بولىدۇ.
5. سۇنماقچى بولغان ماقالىڭىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە تەرجىمىھالىڭىز بىلەن بىرلىكتە ئەڭ كېچىككەندىمۇ 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بىزگە يوللاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئانا تىلىمىزنى ئەمىلى ھەرىكىتىمىز بىلەن قوغداش ۋە كەلگۈسى ئالىملىرىمىز ئۈچۈن ياخشى مۇنبەر ھازىرلاپ بېرىش نىيىتىدە ئېلىپ بارغان بۇ تۈر پائالىيەتلىرىمىزگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
تىل- بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئامىلىدۇر. پۈتۈن دۇنيادىكى مىللەتلەر ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىۋاتقان ۋە تەتقىق قىلىپ، تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوغۇز سۈتى بىلەن تەڭ قېنىمىزغا، ئەللەي ناخشىسى بىلەن ھاياتىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئانا تىلىمىزنى قوغداش ھەربىرىمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر.
مانا شۇنداق بىركۈندە، مىللى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا، ئۆز ئانا تىلىغا ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ ھىسياتىغا ئىگە ھەربىر قېرىندىشىمىزنىڭ، قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى چىن يۈرەكتىن ئۈمىد قىلىمىز ۋە سىلەر بىلەن مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتتە بىللە بولالىغانلىقىمىزدىن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلىمىز.
بۇ ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىمىزنىڭ ئانا تىل سەھىپىسىگە ھەرخىل ئەدەبىي ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى (يەكشەنبە) سائەت 13:00 دىن 16:30 گىچە تۆۋەندىكى ئادرېستا ئېلىپ بېرىلىدۇ:
سەفىرەئى ئالەم خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى فاتىھ يىغىن زالىدا
ئالاقە تېلېفونى : 2235 811 0537 7667 589 0212
uyghuracademy@gmail.com www.akademiye.org
Sefire-i Alem Uluslararası Öğrenci Derneği
Akşemsettin Mahallesi Ocaklı Sokak No : 4 Fatih / İstanbul, Turkey
ەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 4-قېتىملىق ئاناتىل ئىلمىي مۇھاكېمە يىغىنىغا ئاتاپ ئىشلىگەن ھۆسۈنخەتلىك ناخشىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
فېيىسبۇكتىكى ئۇقتۇرۇش: www.facebook.com/events/591508430983860
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئاناتىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى (تولۇق فىلىم)
ئاناتىل يولىدا – باتۇر قاراخانلې (فىلىم)
ئاناتىل ئانا ۋەتەن – دوكتور ئەركىن سىددىق (تەبرىك سۆزى)
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 4-نۆۋەتلىك ئاناتىل كۈنى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى كۈنتەرتىپى
ئانا تىلىم – جان تىلىم: تۈركىيەدە ئانا تىل (ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى سۆھبەتلىرى)
خەلقئارا ئانا تىلى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئانا تىلى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
3-قېتىملىق ئۇ.ئا. ئانا تىل مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن پەخرى رەئىسىمىز دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تەبرىك سۆزى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 3-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى پائالىيىتى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top