ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - مارت يەكشەنبە سائەت 2:00 دە ئىستانبۇل فىندىكزادە زۈبەيدە خانىم كۈلتۈر مەركىزىدە «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە نورۇز شادلىقى» ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر (1)

تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر (1)

بېيجىڭدىن كەشمىرگە سەپەر

ئاپتور Peter Fleming

ئېنگىلىسچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمە قىلدى

 

 

“تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir)

 

 

كىرىش سۆز

 

بۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمى ئۈچۈن يېزىلىدىغان گەپلەر ئانچە كوپ بولمىسا كېرەك. ئەمما شۇنى قەتئىي قىلىپ ئېيتالايمەنكى بۇ كىتاب جۇڭگونىڭ پېكىندىن قورۇقلۇق يولى ئارقىلىق 7 ئاي ۋاقىت ئىچىدە 3500 مىل يول مېڭىپ ھىندىستاننىڭ كەشمىرگە يىتىپ بېرىش يولىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بىر  سەپەر جەريانى بايان قىلىنىدۇ.

 

بەلكىم بىز سەپىمىزدە بېسىپ ئۆتكەن بۇ يەرلەر قانداقتۇر بىر باغلىنىشلار ئارقىلىق بىر قىسىم كىشىلەرگەتونۇشلۇق بۇلىشى ۋەياكى مېنىڭ بۇ سەپىرىمدە بايان قىلغان تەسۋىرلىرىم بىلەن ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بار بولغان بۇ يەرلەر توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىدىن پەرقلىق ھالدا  باشقىچە تەسۋىرلەنگەن بۆلىشى مۇمكىن. بۇ يەرلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىرتقا ناھايىتى ئاز تونۇلغان،  زامانىمىزنىڭ خەرىتىلىرىگە ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق خاتا ئاتالغۇلار بىلەن بىز كەزگەن بۇ يەرلەر تولۇق كۆرسىتىلىپ بېرەلمىگەن ئىدى.

 

بۇ كىتابنىڭ ئىسمىدىلا بىر مەقسەت ئىشرەت قىلىنغان يەنى بۇ سەپەردىكى ئاساسلىق مەقسىتىمىز بۇ يىللاردا سىنكاڭ ياكى جۇڭگو تۈركىستانىدا زادى نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئىدى (بۇ سەپەر بىزنىڭ ئۆز مەيلىمىزچە بولغان ئەمەس بەلكى  بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئىدى). ئالدىنقى قېتىم يەنى 8 يىل ئىلگىرى بىر ساياھەتچى مۇشۇ يولنى ئەينەن بېسىپ پېكىندىن يولغا چىقىپ جاھاننىڭ چېتى بولغان ۋە دائىم قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بۇ ئۆلكىنى كېزىپ ھىندىستانغا بارغان. بۇ يەرلەردە پات- پاتلا ئىچكى ئۇرۇشلار پارتلات تۇراتتى ۋە بىر مەزگىللەردىن كېيىن بۇ ئۇرۇش ئوتلىرى ئۆزلۈكىدىن ئۆچەتتى (ئەلۋەتتە بىز شۇنداق بولۇشىنى تىلەيتتۇق). بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە زېمىنى فىرانسىيە بىلەن تەڭ كېلىدىغان بۇ ئۆلكىنى ئاتالمىش چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئىگىلىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى سۆز – چۆچەكلەر تارقىلىپ يۈرەتتى ئەمما ھېچ كىم بۇ يەرلەرنى ئېلىش ئۈچۈن كىرەلمىگەن ياكى چىقىپ كېتەلمىگەن. (11- بەت)

 

ئەگەر سىز 1935- يىلىدىكى سىنكاڭنىڭ بۇ مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيىتىنى بۇ يەرلەرنىڭ تەبىئىي بار بولغان مۈشكۈل تەبىئەت مۇھىتى بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز، بۇ خۇددى ئۈستىگە چىقىش مۇمكىن ئەمەس دېگەن بىر كۆك لېنتا لەپىلدەپ تۇرغان چومۇلاڭما چوقىسىغا ئوخشايتتى. (11- 12-بەتلەر)

 

1935- يىلىدىكى سىنكاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئالاھىدە ئىدى. بۇ يەرلەرنى كېزىپ سەپەر قىلىش ئىمكانىيىتى ناھايىتى قىيىن بولۇۋاتاتتى. ئەڭ ئاددىيسى سىياسىي مەقسەتلەر بىلەن سەپەر قىلىشقا يول قويمايلا قالماستىن جۇغراپىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈشكىمۇ يول قويمايۋاتاتتى. بۇ ئۆلكىنىڭ ۋەزىيىتى تاشقى دۇنياغا شۇ قەدەر ناتونۇش بولۇپ ۋىكتورىيە دەۋرىدىكى ئافرىقانىڭ ئەڭ قاراڭغۇ، ئىپتىدائىي بولۇڭ پۇشقاقلىرىدەك قاراڭغۇ ئىدى……  (12- بەت)

 

پېتىر فلەمىڭ  (Peter Fleming)

لوندون، ماي، 1936- يىلى

 

ئەسكەرتىش

 

تارتارىيە دېگەن بۇ سۆز بىر جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ بولۇپلا قالماستىن خۇددى بىز قارا-قويۇق خرىستىئان دۇنياسى دەپ ئاتىغىنىمىزغا ئوخشاش كەڭ قوللىنىدىغان بىر ئىسىمدۇر. تارتارىيە تاتارلارنىڭ ئاسىيادىن ياۋروپاغا كۆچۈپ كەلگەن يەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. تاتارلارنىڭ تۈرلىرى كوپ بولۇپ تارىختىكى بىر زامانلاردا ئۇلار سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدىكى تۇپراقلاردىن تارتىپ كاسىپى دېڭىزىدىن كورىيەگىچە بولغان كەڭ زېمىنلارنى باشقۇرغان خەلقلەردۇر. بىراق بۈگۈنكى كۈندە بۇ “تارتارىيە” ئاتالغۇسى ئەتراپىمىزنى ئېگىز تاغلار بىلەن قورشاپ تەبىئىي چېگرا پەيدا قىلىپ تۇرغان ۋە بىز سەپەر قىلماقچى بولغان سىنكاڭ (شىنجاڭ) ياكى جۇڭگو تۈركىستانى ئۈچۈنلا قوللىنىلىدۇ.

(14- بەت)

 

نۆل سائەت

 

كۆپىنچە ھالدا سەپەرنىڭ باشلىنىشى ئاخىرلىشىشىغا ئوخشاش تۇيۇقسىز بولمايدۇ. سەپەرنى ئېنىق باشلىنىش نۇقتىسىدىن باشلاشتىن بۇرۇن ئەلۋەتتە نۇرغۇنلىغان تەييارلىقلارنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، خۇسۇسەن مەن بۇ ئىشلارغا بىپەرۋالىق قىلالمايمەن، ئەلۋەتتە.

 

مەن 1935- يىلى 16- فېۋرال كۈنىنىڭ كەچقۇرۇنلۇقى پېكىندىن خەنكۇغا قاراپ ماڭغان پويىز ۋاگونى ئىچىدە ئولتۇرۇپ كەچلىك تامىقىمنى يېمەكتىمەن. بىز خېبىينى كېسىپ ئۆتۈپ ئۆتۈپ جەنۇب تەرەپكە قاراپ مېڭىپ كېتىپ بارمىز ئەمما پويىزنىڭ سۈرىتى بەك ئاستا ئىدى. دېرىزە سىرتىدا جىلۋىلىنىۋاتقان كەچقۇرۇننىڭ سارغۇچ قۇياش نۇرى يىراقتىن كۆرۈنۈۋاتقان ئېدىرلىقلارغىچە سۈزۈلۈپ، كىچىك – كىچىك ئېتىزلىقلار ئۈستىگە سېپىلمەكتە. گەرچە ئاق قالدۇرۇلغان ئېتىزلار پايانسىز، دەل – دەرەخلەر يوپۇرماقسىز بولسىمۇ ئەمدىلا بىخ سۇرۇپ چىقىشقا باشلىغان يېشىل ئوت- چۆپلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. بۇ يەرلەردە قار-مۇزلار كۆرۈنمەيتتى…. (17-بەت)
بۈگۈن 1935- يىلى 27-فېۋرال، شىئەندىن لانجۇغا كېلىشىمىز ئۇچۇن 8 كۈن كېتىپتۇ. (60-بەت)

 

3_s

 

قولغا ئېلىنىش

 

بيۇروكراتلىق دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار ئىش، بۇ بەلكىم ئىش بېجىرگەندە نېمە قىلىشىنى بىلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان، كۈلكىلىك بولمىغان بىر خىزمەت ئۇسۇلى بولسا كېرەك. ئۇلار ئۈچۈن نورمالسىز كۆرۈنگەن پاسپورتىمىزنى، خاتىرە دەپتەرلىرىمىزنى كۆرۈپ بىزنى كوپ ئاۋارە قىلىشتى. شۇڭا مەن بىز لەنجۇغا كەلگەندىن كېيىنكى بىر قانچە سائەتلەپ ئۇچۇرغان ئاۋارىچىلىكلىرىمىزنى تەپسىلىي بايان قىلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. (شۇنداق قىلىق ئۇلار بىزنى ناھايىتى تەستە ئېھتىيات بىلەن، مۇرەككەپ جەدۋەللەرنى تولدۇرۇپ  تىزىمغا ئالدى). بىز ئۆزىمىزنى تار كوچىلاردا ئالتە قوراللىق ئەسكەرلەرنىڭ ياللىشى بىلەن جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇقى مىسسىئونېرلار ئىدارىسىگە قاراپ مېڭىپ كېتىۋاتقىنىمىزنى بىلگەن ۋاقتىمىزدا ئالمىمۇ بۇرۇن كەچ كىرىپ كەتكەن ئىدى.

 

بىرتانىيىنىڭ جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدا تۇرۇشلۇق مىسسىئونېرلار ئورنىنىڭ سېكرېتارى كەەبلې ئەپەندى خېلى بۇرۇنلا بىزنىڭ ئىز دېرىكىمىزنى قىلغان ۋە بىزنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ بىز ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك دىپلوماتىيە سارىيىغا يېتىپ كەلدۇق ۋە ئەسكەرلەرنىڭ يانلىرىمىزنى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ ئىچىگە كىردۇق.

 

“بۇ ئىشلاردىن تېرىكىپ كەتمەڭ” دېدى ئۇ. “سىلەر تازا ۋەزىيەتنىڭ ناچار ۋاقتىدا كېلىپ قاپسىلەر. چەتئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ يەر ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەزىيەتكە ئوخشايدۇ.”

 

“-ئەمما ئۇلار نېمە ئىزدەۋاتىدۇ؟”

 

“-كوممۇنىستلار تەشۋىقاتىنى ئىزدەۋاتىدۇ. ئۇلار سىزنى بولشېۋىكلەرنىڭ ئىشپىيونى دەپ ئويلاپ قاپتۇ. قايسى بىر كۈنى ئۇلار بىر ئادەمنى تۇتۇۋالدى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەردىكى بارلىق چەتئەللىكلەردىن گۇمانلىنىدىغان بولۇشتى بولۇپمۇ رۇسلاردىن” دېدى ئۇ سمىگۇنوۋس قا قاراپ تۇرۇپ. (61- بەت)

 

كەچلىك تاماق ۋاقتىدا بىز ۋەزىيەت توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشتۇق. بۇ ئۆلكىنىڭ جەنۇبى سىچۈەندىكى قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ھەر ۋاقىت ئېغىر تەھدىت سېلىپ تۇراتتى. غەربىي شىمال بولسا سوۋېتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا ئىدى. يۈزەكى نەزەرىيىۋى ئۇقۇم بويىچە قارىغاندا بىزنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئەندىزىمىز بويىچە ئەمەس، گەرچە پېكىن دائىرىلىرى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ بۈگۈنكى كۈندە ماركسىزمچىلار ئۈچۈن جەننەتكە ئوخشاپ كېتىۋاتقان جۇڭگو تۈركىستانىغا كوممۇنىست كۈچلىرى يىغىلىۋاتاتتى. يېقىندىن بۇيان لەنجۇدا بىر قانچە گۇمانلىق شەخسلەر قولغا ئېلىنغان. (ئۇلارنىڭ بىرى بولسا قولغا ئېلىنغان شاڭخەيدىن كەلگەن رەسمىي سوۋېت ئىشپىيونى ئىدى. گەرچە ئۇ – فېڭ فامىلىلىك خرىستىئان مىسسىئونېر بىلەن ئالاقىدە بولۇپ ئىشلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قالايمىقان قىلىۋەتكەندەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ). ئۇچ ئاينىڭ ئالدىدا نەنجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى كەنسۇ (كەڭ سۇ = گەنسۇ)، كۆك نۇر (چىڭ خەي)، نىڭشىا قاتارلىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ باشلىقلىرىغا تېلېگرامما يوللاپ،  چەتئەللىكلەرنىڭ غەربىي شىمالغا ئۆتۈشىگە يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. يېقىندا ھۆرمەتكە سازاۋەر، باشقىلارغا زىيان -زەخمەت يەتكۈزمەيدىغان ئىككى پولشالىق ۋە بىر قانچە ئاق ئورۇسلار لەنجۇغا يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭلا قولغا ئېلىنىپ، دېڭىز بويلىرىدىكى ئۆلكىلەرگە قايتۇرۇۋېتىلگەن ئىكەن. قارىغاندا ھازىرقى ۋەزىيەت بىز ئۈچۈن ناھايىتى بەك ياماندەك كۆرۈنىدۇ. (62-بەت)

 

لەنجۇنىڭ كوچىلىرى رومانتىك كۆرۈنەتتى. پۇتلىرى بوغۇلغان چوكانلار كوچىلاردا يامغۇردىن كېيىن پەيدا بولغان كۆلچەكلىرىنى ناز بىلەن ئاتلاپ مېڭىشاتتى. ئۇلارنىڭ باشلىرىغا ئارتىۋالغان يىپەك لېنتىلىرى خۇددى قوڭغۇزلارنىڭ باشلىرىدىكى پارقىراق مۈڭگۈزىنى ئەسكە سالاتتى. مەن شىئەندە ياكى بۇ يەردە كۆرگەن مۇسۇلمانلار پەرقلىق كۆرۈنەتتى. ئۇلارنىڭ چىراي شەكلى باشقىچە ئىدى. ئۇلارنىڭ يۈزى قارامتۇل، قورقۇنچلۇق، كۆرۈنۈشى خۇددى قارچىغىغا ئوخشايتتى. كۆپىنچىسى سەللە ياكى باش كىيىمى كىيەتتى. گەرچە ئۇلارنىڭ نوپۇسى 10 % نى ئىگىلىسىمۇ كۆزگە خېلى چېلىقاتتى. سىز بەزىدە كوچىلاردا موڭغۇللاردىن كۆرە ئارىيانلارنىڭ چىراي شەكلىگە بەكرەك ئوخشاپ كېتىدىغان، بۇرۇتلۇق، پۇتىغا قونچلۇق ئۆتۈك، ئۇچىسىغا ئۇزۇن تون چاپان كىيگەن، بەلكىم سىز ئۇلارنى كاۋكازىيەدىن كەلگەنلەرمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىدىغان سىنكىاڭدىن كەلگەن تۈركلەرنى ئۇچۇرتىسىز. جۇڭگودا ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئادەملەرلا ياۋروپا كىيىم- كېچىكلىرىنى كىيىدۇ. بۇ يەرلەردىمۇ ئاز-تولا ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا ئوخشىشىپراق كېتىدىغان بازارلارنى كۆرەلەيسىز. (63-بەت)

 

بىز شاھزادە دزۇن بىلەن سەپەر قىلىۋاتقىنىمىزغا 7 كۈن بولدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە سەپەر قىلىشنى باشلىغان 1- ئاپرېل كۈنى كۆك نور كولىنىڭ قارىسىنى كۆرگەن ئىدۇق. بىز بۇ كۆلنىڭ جەنۇبى قىرغاقلىرىنى بويلاپ ئۈچ كۈن يۈرۈش قىلدۇق. (130-بەت)

 

شۇنداق قىلىپ بىز مىڭ بىر مۇشەققەتلەردە 16- ئاپرېل تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن تۆت تۆگە ۋە ئالىنىڭ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان بىچارە ئېتى بىلەن چايدام ئويمانلىقىغا يېتىپ كەلدۇق. (142-بەت)

 

غايىب بولغان شەھەر

 

بۇ كۆز ئالدىمىزدا بىر غايىب بولغان شەھەر خارابىسى تۇراتتى. بىز خرىستىئان فەۋسېت قائىدىسى بويىچە ئاۋۋال دۇئا قىلدۇق. ئەمەلىيەتتە بۇ شەھەر يوقالمىغان ئىدى ھەم مەن بۇ شەھەرنىڭ يوقالغانلىقىنىمۇ جەزىملەشتۇرەلمەيتىم. مەن چايدامدىن ئۆتۈۋاتقان بىر قانچە كارۋانلاردىن سوراپمۇ بۇ شەھەر خارابىلىكى توغرىسىدا ھېچ قانداق مەلۇمات ئالالمىدىم. بۇ شەھەر خارابىلىكى ئىككى چوقچىيىپ كۆرۈنۈپ تۇغان قورغاندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىزنىڭ چېدىرىمىزنىڭ شىمال تەرىپىدە بىر مىل يىراقتا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ يەردە كەڭىرلىكى 300 كۋادرات مېتىر دائىرىدىكى، ئېگىزلىكى 10 مېتىر، قېلىنلىقى 3مېتىرچە كېلىدىغان بىر سېپىل بار ئىدى. بىز بۇ شەھەر خارابىلىكلىرىنىڭ تارىخى توغرىسىدا خەنلەردىن، موڭغۇللاردىن سوراپ كۆرگەن بولساقمۇ ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدۇق. بۇ شەھەر خارابىلىكلىرى جۇڭگو قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىغىمۇ ئوخشاپ كېتەتتى ياكى ھېچ قانداق بىر قۇرۇلۇش ئوسۇلۇبلىرىغىمۇ ئوخشىمايتتى. بىز تۇرۇۋاتقان مۇشۇ يەرنىڭ غەرب تەرىپىدە 11 -12 كىلو مېتىر يىراقلىقتىن ياسالغان ۋاقتى بۇ شەھەر خارابىلىكلىرى بىلەن ئوخشاش بولغان، قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدىن ئېنىقكى تۈركىلەر تەرىپىدىن ياسالغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان  بىر مازارلىقنى بايقىدۇق. (152-بەت)

 

بىز 27-ئاپرېل ئەتىگەندە توختې دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك ئېرىق بويىدا قۇرغان چېدىرىمىزدىن موڭغۇللارنىڭ ئىبادەت قىلغان ئاۋازى بىلەن ئويغاندۇق. (160- بەت)

 

بىز يۈك ماشىنىنى 20- ئەسىر بىلەن بىللە لەنجۇدا ئارقىمىزدا تاشلاپ قويدۇق. مانا بىزنىڭ سەپىرىمىز ھازىر ناھايىتىمۇ زور مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كېلىۋاتاتتى يەنى زاماندا جاھاننى بويسۇندۇرغۇچى ئىسكەندەرنى ياكى چىڭگىزخاننى ئەسكەرلىرى بىلەن ئات ئۇلاقلارنىڭ يېتىشمەسلىكى، سۇ ۋە ئوت-چۆپلەرنىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن ئېغىر تالاپەتلەرگە يولۇقتۇرغانغا ئوخشاش. بىز ھازىر ماركو پولونىڭ ئەينى ۋاقىتتا يىپەك يوللىرىنىڭ جەنۇبى بۆلىكىنى كېسىپ ئۆتكەن، ئېگىز تاغلارنى بويلاپ سەپەر قىلغىنىغا ئوخشاش ئالدىمىزغا ئىلگىرىلەپ كېتىپ بارىمىز. (167-بەت)

 

ياخشى ھەمراھ

 

بۇ ئۆتۈۋاتقان ھاياتنىڭ رىتىمىدا مەن ئۈچۈن ئالاھىدە بولغان بىر ئىش سەپەر داۋامىدا مېنىڭ سەپەردىشىم كىنى (ئايال) بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈپ ياخشى سەپەرداش بولغانلىقىمدۇر.  بىز بىللە سەپەر قىلىۋاتقىلى ئۇچ ئاي بولۇپ ئاشتى. بۇ سەپەر يەنە تۆت ئاي داۋا قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇ سەپەر داۋامىدا شەرت – شارائىت  تۈپەيلى بىز – بىرىمىزگە ناھايىتى يېقىن يېتىپ قوپۇپ ياشىغانلىقىمىز ئۈچۈن بەزىدە ئۆزىمىزنى راھەتسىز ھېس قىلاتتۇق. بەزىدە بىر بىرىمىزگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلاتتۇق. يەنى بىر “قۇم ئارىلىدىكى ھېكايە”  گە ئوخشاش بىر – بىرلىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشۈپ، مۇھەببەت قايناملىرىغا غەرق بولغان ياكى ئىنساننىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بويىچە بىز  بىر – بىرلىرىمىزدىن تېرىكىپ ساراڭ بولۇپ كەتكەن بولساق بولاتتى ئەمما بىز ئوخشاشلا ئوتتۇرىمىزدا ئېنىق ئارىلىق ساقلاپ مۇنداق خىجالەتتە قالىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىمىزنى ساقلاپ كەلدۇق. (167- 168- بەتلەر)

 

سەپەر داۋامىدا ئادەتتە مەن قىلىدىغان ئىشلار:
– بارلىق ئوۋ ئوۋلاش (ئوق ئېتىش)
– بارلىق ئېغىر ئىشلار
– كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش
– زۆرۈر بولمىغان سەپەر ئالدىراقسانلىقى
– بارلىق خەنچە، كېيىنچە تۈركى تىلىدا سۆزلىشىش

 

كىنى نىڭ قىلىدىغان ئىشلار:
– بارلىق تاماق ئېتىش ئىشلىرى
– بارلىق كىر – قات يۇيۇش ئىشلىرى
– بارلىق ساقلىق ۋە ھايۋانلارغا قاراش قاتارلىق تېببىي ئىشلار
– بارلىق زۆرۈر بولغان دوستانە مۇئامىلىلەرنى قىلىش؛
– بارلىق رۇسچە سۆزلەش

 

(169 بەت)

 

قارىغۇلارچە سەپەر قىلىش

 

بىز تېيجىنارغا يېقىنلاشقانسېرى شۇنى ئېنىق ھېس قىلدۇقكى ئۆزىمىزنى تولۇق سەپلەپ، كۈچلەندۈرمەي تۇرۇپ داۋاملىق غەربكە قاراپ ئىلگىرلىيەلمىگىدەكمىز. سەپەر ياردەمچىمىز ئالىي بىزدىن ئايرىلدى. ھازىر بىزگە لازىم بولغىنى بىز ئىشەنچ قىلالايدىغان، بىزگە ياردەمدە بولالايدىغان لۇ خۇاپۇدەك ياخشى ئانا كېرەك ئىدى. بولۇپمۇ ھازىر بىزگە ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى سەپەر يولىمىز ۋە جەنۇبىي سىنكاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشىش ئىدى.

 

مەن تەخمىن ھالدا بولسىمۇ سەپىرىمىز داۋامىدا بىزنىڭ دۇچ كېلىدىغان مۇھىم ئەھۋاللارنى قىياس قىلىشىم كېرەك ئىدى. بۇ چايدام يولى بىزنى دېڭىز يۈزىدىن 5 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئالتۇن تاغ ئۆتكىلى ئارقىلىق تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلارغا ئېلىپ باراتتى. بىز پېكىندىكى ۋاقتىمىزدىلا ماجوڭ يىڭ قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان قوزغىلاڭچى ئەسكەرلىرىنىڭ سوۋېت ئارمىيىسى ۋە ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن زەربە بېرىلىپ ئۈرۈمچىدىن چېكىندۈرۈلگەنلىكى، كېيىن ئۇلارنىڭ بۇ بوستانلىقلارنى ئىگىلىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقىلىپ يۈرەتتى. ئەگەر بىزنىڭ قىياسىمىز خاتا بولمىغان بولسا، شۇنى جەزملەشتۈرەلەيمىزكى بۇ تۇڭگانلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا دۈشمەن ئىدى، يەنە ئاساسەن سوۋېت تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىگىمۇ دۈشمەن ئىدى. ئەلۋەتتە (تۇڭگانلارنىڭ) نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارىتا بۇ خىل دۈشمەنلىكى ياكى پەرۋا قىلماسلىقى بىزنى بۇ ئۆلكىنىڭ پاسپورتى يوق دەپ ئارقىمىزغا قايتۇرالمايتتى ياكى قولغا ئالالمايتتى (ئۈرۈمچىدە تۇرىدىغان بىر قانچە چەتئەل پۇقرالىرى قولغا ئېلىنىپتۇ).

 

قېنى، بىز جۈرئەتلىك بولۇپ بۇ سىنكاڭ ئۆلكىسىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى تاشقى دۇنياغا خەۋەر قىلايلى.

 

بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەسەۋۋۇر قىلساق (موسكۋا تەرەپنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسلانساق) تۇڭگانلار بىرتانىيە ھىندىستانىدىن قورال – ياراقلارغا ئېرىشىش ئىستەكلىرىدە ت.ئى.لاۋرېنس بىلەن ئىككى قېتىم ئالاھىدە خىزمەت ئالاقىسى ئېلىپ بارغان. بىرتانىيە ۋەكىلىنىڭ (تۇڭگانلار بىلەن) بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئېنىقكى ئاساسلىقى سوۋېت كۈچلىرى ئارقا تېرەك بولۇۋاتقان ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمىتىنى ئىناۋەتسىزلەشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئىدى. مۇشۇ ئەھۋاللارنى نەزەرگە ئالساق، ئەلۋەتتە تۇڭگانلارنىڭ بىزگە تۇتىدىغان مۇئامىلىسى بىزنىڭ سەپىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى.

 

بىزنىڭ بۇ ئىشلار توغرىسىدا سۆزلەشمەكچى بولغىنىمىز بۇ قېتىمقى سەپىرىمىز ئۈچۈن ناھايىتى ئورۇنلۇق بولغان، ئالدىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان بىر پىلان ئىدى. مانا ھازىر بىز ئۈچۈن مۇشۇ پىلانلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىزمۇ – يوق، سىناق قىلىپ باقىدىغان ۋاقىت يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى.  شۇنداقتىمۇ بىز بۇ پىلانلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن خېلى ئۈمىدلىك ئىدۇق. بىرمەھەل ئوتتۇرا ئاسىياغا بوران قۇشىدەك ئۇچۇپ كەلگەن كەلگەن بۇ تۇڭگان ئەسكەرلىرى تولىمۇ ۋەھشىي، رەھىمسىز قاراقچىلار ئىدى. بىز بۇ تۇڭگانلارنىڭ يېقىندا چەتئەللىكلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى توغرىسىدا بىرتانىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن ئاڭلىغان ئىدۇق. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە تۇڭگان ئەسكەرلىرى بىرتانىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى باشلىقىنىڭ ئايالىغا قارىتىپ ئوق ئېتىپ ئۇنى زەخمىلەندۇرگەنلىكى، بىرقانچە مىسسىيونېرلارنى (خرىستىئان دىن تارقاتقۇچىلار -ت) قولغا ئالغانلىقى، سۋىن ھىدىننىڭ قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان يۈك ماشىنىسىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرغان. بۇ بولغان ئىشلارنى نەزەرگە ئالساق ئۇلار خېلىلا تەكەللۇپسىزدەك كۆرۈنىدۇ.

 

ئۇلار (تۇڭگانلار) ھازىرمۇ جەنۇبتىكى بوستانلىقلاردىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۈرۈمچى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتامدۇ؟ بىز شىئەندە ئاڭلىغان خوتەندە پات يېقىندا يۈز بېرىدىغان قوزغىلاڭنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى؟ يۇقىرىدىكى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا بىز جىددىي جاۋاب تېپىشىمىز كېرەك ئىدى گەرچە بۇ يەردە بىزنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن ئاز تولا خەتەرلەر كۆرۈنۈپ تۇرغان بولسىمۇ.

 

بۇ سوئاللىرىمىز ئۈچۈن ئاۋۋال بىز تېيجىناردا جاۋاب تېپىشنى ئومۇت قىلدۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئىككى مۇمكىن بولغان مەنبە بار ئىدى، ئەڭ كەم بولغاندىمۇ بىر مەنبە ئىشەنچلىك ئىدى. سمىگۇنوۋسنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە ھەر يىلى بىر قانچە تۈركى سودىگەرلەر  جەنۇبىي بوستانلىق يوللىرى ئارقىلىق تەىجىنار (كۆك نوردا -ت) غا كېلەرمىش. بەلكىم بىز ئۇلاردىن ھېچ بولمىسا يۈزەكى ھالدا ئۇ يەرلەردە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلىشىمىز مۇمكىن.  (171- 172- بەتلەر)

 

شۇنداق قىلىپ ئاخىردا بىز 4 پوند ستېرلىڭ قىممىتىگە باراۋەر بولغان باھا بىلەن ئۇنىڭدىن ياخشى بىر تۆگىنى سېتىۋالدۇق. كېيىن ئۇنىڭدىن يەنە موڭغۇل –  خەن ئوسۇلۇبىدا ياسالغان، يېرىم ساقلىنىپ قالغان ياندۇق دېگەن قەلئەدە ئۇچ تۆگە سېتىۋالدۇق.
(180-بەت)

 

بۈگۈن 15- ماي كۈنى بولۇپ، بىزنىڭ ھىندىستانغا قاراپ باشلىغان بۇ سەپەرگە يولغا چىققىنىمىزغا دەل ئۇچ ئاي بولغان ئىدى.  (181- بەت)

 

بوران كۆل جىلغىسىدا

 

تومۇز ئىسسىق، تىپ- تىنچ بىر كۈن، قۇياش نۇرى تۆكۈلگەن ۋاقىتتا قالغان نۇر ئىزلىرى يەر يۈزىنى بېغىشلاپ خۇددى كۆز ئالدىمىزدا لىغىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇغا ئوخشاش بىر مەنزىرىلەرنى پەيدا قىلاتتى. بىزنىڭ 4 تۆگىدىن، ئىككى قۇلۇن ۋە 3 ئادەمدىن تەركىب تاپقان بۇ كىچىك كارۋانىمىز قۇچاقلىرى بوشلۇققا تولغان بۇ تاغ ئېتەكلىرىدە ئالدىغا قاراپ ئۆمىلىمەكتە. بۇ يەردە بىر غېرىبلىققا چۆمگەن قاقاس چۆللۈك بولۇپ يە بىرەر تاش، يە ئوت-چۆپ، ئىشقىلىپ ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيتتى. (185- بەت)

 

شىۋىرغانلىق قار توختىغان بولسىمۇ ئەمما داۋاملىق چىقىۋاتقان شامال بىزنى ئارقىمىزغا ئىتتىرىپ، يۈز – كۆزلىرىمىزگە قۇم تىقىپ، بىزنىڭ ئالدىغا مېڭىشىمىزنى توساتتى. شۇنداق قىلىپ بىز بۇ بوران كۆلنىڭ جەنۇبى قىرغاقلىرىنى بويلاپ كۆلگە قۇيۇلۇپ ئاخىرلىشىدىغان بىر دەرياغا كەلدۇق. بۇ دەريا ئۇلان ئۇسسۇ ياكى قىزىل سۇ دەپ ئاتىلىدىكەن. بەلكىم بۇرۇن موڭغۇلچە ئاتالغان بولسا كېيىن تۈركى تىلىدا قىزىل سۇ دەپ ئاتالغان بۆلىشى مۇمكىن. (188- بەت)

 

بىز چېدىرىمىزنى قۇرغان يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر تۈركى مازارلىقى بار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ مازار خېلى چوڭلۇقتىكى بىر توپلۇك ئۈستىگە ياسالغان بولۇپ، ئۈستىدە 8 -9  چە كىچىك قەبرىلەر تۇراتتى. ھەر بىر قەبرىنىڭ ئۈستىگە شادا قادالغان، ئۇنىڭغا قارا قوتاز قۇيرۇقى ئېسىقلىق ئىدى. دېمەك بۇ قەبرىلەر پاكىت ئورنىدا شۇنى كۆرسىتىپ تۇردىكى بۇ بوران كۆل جىلغىسىنىڭ ئىسىملىرى بەزىدە موڭغۇلچە، بەزىدە تۈركى تىلىدا ئاتىلىدىغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە تېيجىنار موڭغۇللىرىنىڭ بۇ تېررىتورىيىسى بىر زامانلاردا سىنكاڭلىق ئوۋچى تۇركىلەرنىڭ ياشىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. (191- بەت)

 

سەللە باشلىقلار

 

بىز ئىككى قېتىم توختاپ ئاخىر ئىسسىق پاختا دېگەن يەرگە كەلدۇق.

 

سەپەر داۋامىدا تۆگىلىرىمىز بەك ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. بىز ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان يەردىن ئىسسىق پاختى ھەربىي لاگېرىنى كۆردۇق.  ئۇ يەر بۇ يەرلەردە چوقچىيىپ تۇرغان 6 دانە كونىراپ جۇلغى چىقىپ كەتكەن يۇرت (چېدىر-ت) كىچىك بىر تۇز كولىنىڭ يېنىدىكى قارياغدى دىگەن يەردە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. (196- بەت)

 

ھازىر بىرنىڭ پەرەز قىلىشىمىز ناھايىتى تەس، بىلمەيمىز، بۇ تۇركىلەر بىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بىر خەن بىلەن بىللە سەپەر قىلىۋاتىمىز. ئۇلار قوشنىسىنى باشتىن ئاخىر مەنسىتمەيدۇ ياكى ئۇلار بىلەن ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىدۇ. مەن ھە قاچان ئالدىمىزغا ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىرى كېلىدۇ دەپ خاتا پەرەز قىلىپتىمەن. ئەمەلىيەتتە شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمەنكى تەرقى تۇرقىدىن شەپقەتسىزلىكى ۋە جاسارىتى تەڭلا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر ئادەم ئالدىمىزغا كېلىپ بىز بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ياۋايى كۆرۈنەتتى. ئۇلار قوي تېرىسىدىن ياسالغان ئۇزۇن تون كىيگەن بولۇپ، موڭغۇللار كىيىدىغان تېرە چاپانلاردەك ئانچە سەت كۆرۈنمەيتتى. ئۇلار پۇتلىرىنى ھايۋانلار تېرىسىدىن ياسالغان قاتتىق خۇرۇم بىلەن قوغدايدىغان بولۇپ، كۆرۈنۈپ تۇرغان پايتىمىلىرى خۇددى قەدىمكى بىرتانىيەلىك قەبىلىلەرنى ئەسلىتەتتى. بەزەنلىرى بېشىغا دوپپا، بەزەنلىرى يۇڭ تۇماق، يەنە بەزەنلىرى بېشىغا سەللە ئورىۋالغان ئىدى.

 

ئۇلارنىڭ يۈزلىرى قۇياش نۇرنىڭ كۆيدۈرۈشى بىلەن قارىداپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى ئەمما ئېنىقكى ئۇلار موڭغۇل چىراي ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ  بۇرنى قاڭشارلىق، كۆزلىرى قىيساق ئەمەس. بەزەنلىرىنىڭ كۆزلىرى كۆكۈش ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل بەدەن كۆرۈنۈشلىرى بىزنى ياۋروپاغا بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرەتتى. بىز ھەر ئىككىلىمىز بۇرۇن مۇشۇنداق كاۋكازىيەلىكلەردىن پەرقلەنمەيدىغان ئادەملەرنى كۆرگەن ئىدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقال – بۇرۇتلۇق، ئارىدىكى تېخى 2 ياكى 3 ئادەمنىڭ چاچلىرى قىزغۇچ ئىدى. ئالدىمىزغا كەلگەن بىر ئايال بىزنى كۆرۈپ رومىلىنى قايرىۋەتتى گەرچە مۇنداق قىلىش تۇركىلەر ئۈچۈن نامۇۋاپىق بىر ئادەت بولسىمۇ.

 

بىز ئۇلارنىڭ يۇرتىغا كەلگەندىن كېيىن تۇركىلەرنىڭ قائىدىسى بويىچە ئۇلار بىزنى يۇرتىغا باشلاپ بىزگە چاي بېرىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى، بىز ھەيران قالدۇق. كېيىن بۇ ئىشلارمۇ ئېنىق بولدى. بۇ تۇركىلەرنىڭ چېيى يوقكەن. چاي بولمىسا مەيلى، بۇ بىر كىچىك ئىش ئىدى ئەمما ھازىرقى ئەھۋاللار شۇنى كۆرسىتىدىكىن سەپىرىمىز ئۈچۈن خەتەر ۋە ئۇزاققا سۈزۈلۈپ كېتىدىغان ئېنىقسىز،  پايدىسىز ۋەزىيەت بىزنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئىسسىق پاختىغا سىنكىاڭدىن سودىگەر كارۋانلىرى كەلمىگەنلىكتىن بۇ تۇركىلەر چاي ۋە ئۇن ئىشلىتىپ باقمىغىلى ئىككى يىل بولۇپتۇ. سىنكاڭدا 1933 – يىلى ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيان، بۇ تۇز كۆلى بويىدىكى كىچىك بىر مەھەللىنىڭ بىر دىن بىر سەپلىنىدىغان تەمىنات يولى ئۈزۈلۈپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەردىكى ئادەملەر نەچچە ئايلاپ جەرەن بىلەن ياۋا ئېشەك گۆشىنى قىزىل مۇچ بىلەن سۇدا قاينىتىپ پۇشۇرۇپ يەپ جان ساقلاپ كېلىۋېتىپتۇ.

 

بىز سەپىرىمىزنى باشلىغاندىن بۇيان جەمئىي ئۇچ يېرىم ئاي يول مېڭىپتۇ. خەرىتىگە قارىساق، بىز ئەمەلىيەتتە ھازىر سىنكاڭ چېگراسى ئىچىدە تۇرۇۋېتىپتىمىز. (197- بەت)

 

سەپەر ھەمراھمىز بورودشىن بۇ يەردىن كېيىنكى ئادەمزات ياشايدىغان يەر باشمالغۇن غا بارغۇچە تۇركىلەرنى يول باشلىغۇچى قىلىپ ئېلىپ مېڭىش پىلانىنى ئۇتتۇرىغا قويدى. بىز ئۇ يەرگە بېرىشىمىز ناھايىتى مۈشكۈل بولۇپ ئەڭ ئاز بولغاندا 10 ياكى 12 قېتىم چۈشكۈن قىلىنغاندىن كېيىن مەنزىلگە يىتىپ بارالىشىمىز مۇمكىن ئىدى. ئەمما بۇ تۇركىلەر بىز بىلەن بىللە بېرىشتىن قورۇقتى ۋە ھېچ قايسىسى بىللە بېرىشنى خالىمىدى. كېيىن بورودشىن تۇركىلەرگە بىزنىڭ زادى قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرۈپ، بىزنىڭ ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئىكەنلىكىمىزنى، ئەگەر ئۇلار بىزگە ياردەم قىلىپ بىللە سەپەر قىلسا باشمالغۇنغا بارغاندا بىز بېرىدىغان دوللارغا ئۇن سېتىپ ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارنى قىزىقتۇرغاندىن كېيىن تۇركىلەردىن ئىككىسى بىز بىلەن بىللە بارىدىغان بولۇپ كېلىشىمگە ئىمزا قويدى.

 

ئىسسىق پاختا دېگەن بۇ يەر جايلىشىشى جەھەتتىن چايدام رايونىنىڭ ئەنئەنىسى بىلەن بىردەك بولۇپ كۆرۈنەتتى ئەمما باشقا بىر يەردە ئۈچىنچى بىر خەلق تەرىپىدىن ئىگەللەنگەندەك قىلاتتى. خەرىتىدە بۇ ئىسسىق پاختا دېگەن يەر سىنكاڭ چېگرىسى ئىچىدە كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ ئەمما يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن بۇ يەرلەر تېيجىنار موڭغۇلىرىغا تەۋە زېمىنلار دەپ قارىلاتتى. ئۆتكەنكى ئىككى يىلدىن بۇيان بۇ ئىسسىق پاختا دېگەن يەردە ئادەم ياشايدىغان ياكى ياشىمايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن پەقەت بىر قېتىم تېيجىنار شاھزادىسى ئەلچى بولۇپ كەلگەن ئىكەن.

 

تۇركىلەر تەرەققىي قىلمىغان، ئارقىدا قالغان، ئاجىز  بىر خەلق. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى پەقەت بوستانلىقلارنى ئاساس قىلغان،  بۇ بوستانلىقلار بولسا ئېرىق-ئۆستەڭلەر ئارقىلىق سۇغۇرۇشقا تايىنىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ دېھقانچىلىقى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يەرلىرىگە قارىغاندا تەبىئىي ھاۋا كىلىماتقا ناھايىتى ئاز بېقىنىدۇ. گەرچە تارىم ئويمانلىقىدىكى يىللىق يامغۇر يېغىش مىقدارى ئاساسەن نۆل بىلەن تەڭ بولسىمۇ، بىراق ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان تاغلار ئۇستىدىكى قار – مۇزلار ھەر يىلى يازدا ئېرىپ، بۇ بوستانلىقلارغا ھاياتلىق بېغىشلايتتى. مۇنداق تەبىئىي بار بولغان مۇھىتقا تايىنىپ قالغان ئىنسان ھاياتى ئاسان ۋە ئاددىي ئەمما ئۇ مۇقەررەرلىكتىن يىراق ئىدى.

 

تۇركىلەرنىڭ ھازىر بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ ئاۋارىچىلىكلەرنىڭ ھەممىسى سىياسىي ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە تاقابىل تۇرالىغۇدەك مادارى يوق ئىدى. مۇندىن كېيىنكى سەپىرىمىز داۋامىدا بىزنى باشلاپ ماڭىدىغان ئۇ ئادەمنىڭ مەقسەتسىز، تەقۋادار، ھاياتقا ھېچ بىر ئارمىنى يوقلۇقى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ تۇرقى بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى چەكسىز كەتكەن بۇ چۆل – جەزىرىلەر ئۇزاق – ئۇزاقلاردا تەبىئىي چېگرالىرى ئارقىلىق بوستانلىقلاردىن ئايرىلىپ تۇرغىنىغا ئوخشاش بۇ مۇھىت مۇشۇ تۇپراق ئاھالىلىرىنىڭ روھىي ھالىتىگىمۇ سىڭىپ كەتكەندەك ئۇلارنى نەزەر دائىرىسى تار، ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىشالمايدىغان قىلىپ قويغاندەك كۆرۈنەتتى. مۇشۇنداق تەبىئىي بەرپا بولغان ئۆزلۈكىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان مۇھىت بۇ يەردە بولغانلىقى ئۈچۈن جۇڭگولۇقلارنىڭ كۈچ سەرپ قىلىپ “پارچىلاپ باشقۇرۇش” مۇستەملىكە سىياسەتنى بۇ يەرلەر قوللىنىشىنىڭ ھىچ بىر ھاجىتى يوق ئىدى. بۇ يەرنىڭ ئىگىلىرى بولغان سىنكاڭ تۈركىلىرى ئۈچۈن بويسۇندۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن قويۇلغان ھەم ئومۇملىشىپ كەتكەن “چەنتو”،  مەنىسى “سەللە باش” دېگەن نامدىنمۇ ئارتۇق بىرلىككە كەلگەن بىرەر ئىسىم بولمىسا كېرەك.  (198- بەت)

 

ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنى پەقەت “مۇسۇلمانلار” دەپ ئاتايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ مىللەت ئۆزلۈك چۈشەنچىلىرى ناھايىتى كەم بولسا كېرەك. گەرچە ئۇلار ھازىرقى سىنكاڭ ئۆلكىسى ئاھالىسىنىڭ 80% دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنى باشقۇرماق ناھايىتى ئاساندەك كۆرۈنىدۇ.

 

ئىسسىق پاختىدا تىلغا ئالغۇدەك ئازراق بىر ئىشلار يۈز بەردى. ئوچۇقچىلىق بىر يەردە مەن بىر قانچە كىچىك جەرەننىڭ پېيىغا چۈشتۈم. ئاخىر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يۈرۈپ مۇۋاپىق پۇرسەت كەلگەندە يىراقتىن مىلتىقىم بىلەن ئېتىپ ئۇلاردىن ئىككىنى ئوۋلىدىم. بۇ ئادەمنى ناھايىتى خۇشال قىلىدىغان ئىش ئىدى چۈنكى بىز سەپەردە گۆشكە ئېھتىياجلىقتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بورودشىن بىلەن موڭغۇل قايتىش يولىدا ئوزۇق – تولۈككە ئېھتىياجلىق ئىدى. بىز بۇرۇن بۇ خىل ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئىچىدە پارازىت قۇرۇتلانى كۆرگەن ئىدۇق. ئەمما بۇ قېتىم بۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلماي بۇ ئولجىمىزنى كۆتۈرۈپ ماڭدۇق. ئۇلارنىڭ يۇڭلىرىدىكى پىتلىرى بىلەنمۇ كارىمىز بولمىدى چۈنكى بىزگە بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يوقتى.

 

پىتلىق بولۇپ ياشاش ئادەمنى بەزىدە ئەپسۇسلاندۇرىدىكەن. بۇ مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم مۇشۇنداق خىجالەتكە قېلىشىم. كىنى بىر قېتىم مېنىڭ كۆينىكىمنى يۇيۇۋېتىپ، ماڭا زارلىغىلى تۇردى. ئۇنىڭ زارلىنىش بىكار ئەمەس ئىدى. مەن پىتلىق بولۇپ قاپتىمەن. ئۇ شۇ قېتىم كىچىك خالتىسىغا ئاز – كەم ئەمەس، توپ توغرا 8 پىت، 171 دانە سىركە تېپىپ قاچىلاپتۇ! مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ كىچىك جانىۋارلارنىڭ مەن بىلەن بىللە ياشىشىدىن مەن نومۇس قىلمايتتىم چۈنكى ئۇلار مەن بىلەن ياشاشقا باشلىغاندىن بۇيان ماڭا ھېچ قانداق بىر قۇلايسىزلىقلار كەلتۈرمىگەن ئىدى. كىنى بۇ قېتىم تۇتۇۋالغان بۇ ئولجىللىرىدىن خوش بولدى. مەن يەنە ئۆز – ئۆزىمگە شۇنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشۇم كېرەككى، مەن يۈزۈمنى يوقاتقان ئىدىم.  (199- 200بەت)

 

بىز تۇنجى قېتىم سۇس كۆكۈش كەندىردىن ياسالغان ھاشىش چەكتۇق. تۇركىلەر ئۇنى نەشە دەپ ئاتايدىكەن. ئۇ بۇ يەردىكى بوستانلىقلاردا ئۆسىدىغان كەندىردىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىرىش مىقدارى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ نورمال ۋاقىتلاردا بۇ يەردىن يىلدا بىر قېتىم ھىندىستانغا ئېكسپورت قىلىنىدىكەن. بىز بۇ يەردىن كېتىشتىن بۇرۇنقى ئاخىرقى كۈنى كەچتە بىر ئادەم بىزگە ۋەزىيەت توغرىسىدا ئازراق بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدى. يېقىندا چەرچەن بىلەن چاقىلىق ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ ئاخىرلىشىپتۇ. ھازىر تۇڭگانلار بۇ ئىككىلا بوستانلىقنى ئوز كونتروللۇقىغا ئاپتۇ.

(200-بەت)

 

(داۋامى بار، تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. پات يېقىندا سىزنىڭ ئوقۇشىڭىزغا تەقدىم قىلىنىدۇ)

 

 

بۇ يازمىنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى تۆۋەندىكى ئۈلنىشتىن ئوقۇيالايسىز:

 

http://uyghurensemble.co.uk/uy/?p=3653

 

 

بۇ تەرجىمە ئەسەر تۆۋەندىكى تور سەھىپىللىرىدىمۇ ئېلان قىلىندى:

 

 

 

يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر  (1)

 

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1163

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش