ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 23- ۋە 24-فېۋرال كۈنلىرى «ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى: خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 3-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئەتلىرىنى سايلاپ چىقتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 3-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئەتلىرىنى سايلاپ چىقتى

UA 3.Yighin 1ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 23 – ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى سەفىرەئى ئالەم خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىدە 3 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ ئاكادېمىيە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ يېڭىدىن سايلىمىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىلغان بۇ يىغىن ئالدى بىلەن تۈركىيە ئىستىقلال مارشىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن باشلاندى. ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئابلەت تۇران ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىشلەنگەن خىزمەتلەر، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە يىتەرسىزلىكلەر ئۈستىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى. ئۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ  ئۇيغۇر زىيالىلار تەرىپىدىن چەتئەلدە قۇرۇلغان  تۇنجى ئىلمىي جەمىئىيەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئاكادېمىيەنىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئوينىغان رولىنىڭ مۇھىم ۋە مىللىي ۋەزىپىسىنىڭ تولىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختالدى.

Ablet

ئابلەت تۇران ئەپەندىنىڭ دوكلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار سايلام تەرتىپى ۋە ئۇسۇلى بويىچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 2- نۆۋەتلىك ھەيئەت ئەزالىرى ھەممىسى بىردەك ئىستىپا بەردى ۋە 3-نۆۋەتلىك يېڭى رەئىسى ۋە ھەيئەت ئەزالىرى يۇشۇرۇن ئاۋاز بېرىش بىلەن دېمۇكراتىك شەكىلدە يېڭىدىن سايلاپ چىقىلدى.

يىغىندا، دوكتۇر ئابلەت تۇران ئەپەندى خىزمەت ئالدىراشچىلىقى سەۋەبلىك رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ۋە تەكرار رەئىس نامىزاتى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇشۇرۇن ئاۋاز بىلەن نامىزاتلار ئارا كەسكىن رىقابەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، 2009-يىلى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ۋە ھازىر تۈركىيە تاشقىي تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ ئۆزبېكىستانغا مەسئۇل مۇتەخەسىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان دوختۇر ئەخمەتجان پولات مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلاندى.

Abdulhamit

 ئەسلىدىكى 5 كىشىلىك ئاكادېمىيە ھەيئەت ئەزالىرى 7 كىشىگە  كۆپەيتىلىپ، ئىستانبۇلدىن 5 كىشى ۋە ئەنقەرەدىن 2 كىشى ئاكادېمىيە باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى بولۇپ يۇشۇرۇن ئاۋاز بىلەن سايلاندى.

يىغىندا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ نازارەت ھەيئەتلىرىمۇ سايلانغان بولۇپ، ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندى باش نازارەتچى بولۇپ سايلاندى.

بۇ قېتىمقى سايلامدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى باشقۇرۇش كومېتىتىدا 7 دائىمىي ھەيئەت ۋە 7 زاپاس ھەيئەت سايلاپ چىقىلىش بىلەن بىرگە، نازارەت كومېتىتىدا 3 دائىمىي نازاەت ھەيئىتى ۋە 3 زاپاس نازاەت ھەيئىتىمۇ سايلاپ چىقىلدى.

ئاكادېمىيە رەئىسى بولۇپ سايلانغان ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 3 يىللىق پائالىيەت پىلان – لايىھەلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئىدارى خىزمەتلەرنى تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر زىيالىي ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىشىدا ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلىق ۋە كەسپىي سەۋىيەدە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر ئىككى ئايدا بىر ئاكادېمىك ۋە مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ لىكسىيە پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى، يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئىلمىي ژۇرنال چىقىرىلىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى بايراملىرىنى ئۇيغۇر زىيالىي ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىدەك بىر قاتار پائالىيەتلەرنىڭ قەرەللىك ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىدارى خىزمەتلەرنى تەرتىپكە سېلىش ۋە پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇشتىن باشقا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق «تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈركچە، تۈركىيەنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە قائىدە-قانۇنلىرى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئىسلام دىنى ساۋاتلىرى بۇيىچە تەربىيىلەش خىزمىتى»، «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى ۋە تارىخىغا ئائىت كىتاب تەرجىمە خىزمىتى» ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت كىتابلاردىن تەركىپ تاپقان «كۈتۈپخانا ۋە ئېلكترونىك كۈتۈپخانا قۇرۇش خىزمىتى» قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەت لاھىيەلىرىنى تۈزۈپ دۆلەت ئورگانلىرىغا سۇنۇش ئارقىلىق، تۈركىيە دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ بەرگەن ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردىمى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ھاياتىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زىيالىلارغا خاس ئادىل ۋە دېمۇكراتىك ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى سايلام، ئاكادېمىيە ئەزالىرىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد – ئارزۇلىرى بىلەن قىزغىن كەيپىياتتا غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش