ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ﺑﯜﮔﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪزﯨﺰﻟﯩﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺧﺎر ﺑﻮﻟﻤﺎس

ﺑﯜﮔﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪزﯨﺰﻟﯩﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺧﺎر ﺑﻮﻟﻤﺎس

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد

«ئادەم دۇنيادا باي بولۇس ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بەختلىك بولۇس ئۈچۈن ياشايدۇ» دەيدۇ يازغۇچى ستېندال. ناھايىتى چوڭقۇر مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ھېكمەت ھەرقانداق ئادەمنى ئويغا سالماي قويمايدۇ، ئەلۋەتتە. ۋەھالەنكى، «بەخت» دېگەن نەرسە مەۋھۇم ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ پەقەت ھەر بىر كىشىنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئېڭىدا ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ بىز ئۇنىڭ بارلىق مەزمۇنىنى «خاتىرجەملىك» تىن ئىبارەت بىر مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرەلەيمىز. چۈنكى، خاتىرجەملىك — ماددىي، مەنىۋى، جىسمانىي جەھەتلەردىكى بارلىق ئېھتىياج- تەلەپلەرنىڭ نورمال ياكى ئوبدان قاندۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە پەيدا بولىدىغان روھىي ھالەت، ھەقىقىي خاتىرجەملىك — بىز ئىنتىلىۋاتقان «بەخت» نىڭ ئۆزىدۇر. خاتىرجەملىكنىڭ قانداق پەيدا قىلىنىشى ئىچكى- تاشقى سەۋەبلەرگە زىچ باغلىنىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ مۇناسىپ ئەجرى ياكى تىرىشچانلىقى بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم تەرەپتۇر. گەپنى ئۇدۇل ئېيتقاندا، ھايات مۇساپىمىزنى تەشكىل قىلىدىغان ۋاقىت ۋە ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىش — بىزنىڭ خاتىرجەملىكىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئەڭگۈشتەردۇر. جانلىقلارنىڭ، جۈملىدىن ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەس بايلىقى بولغان ۋاقىت — تەبىئەتنىڭ ھەممىگە يۈكسەك باراۋەرلىك بىلەن بەرگەن ئېسىل سوۋغىسى ھەم نېمىتىدۇر. ۋاقىت بايغىمۇ، گادايغىمۇ تەس تەقسىم قىلىنغان؛ كۈنبويى تىنىم تاپماي ئىشلەيدىغان ئىشچى، دېھقان، كادىرنىڭمۇ، ھەتتا كۈنبويى ھاياتىنى ئەرزىمەس ئىشلارغا سەرپ قىلىپ يۈرگەن ناداننىڭمۇ، ھېچ ئىش خوشياقمايدىغان ھۇرۇننىڭمۇ بىر يىلى 365 كۈن، بىر كۈنى 24 سائەت بولىدۇ. ھەرگىزمۇ باينىڭ بىر يىلى 400 كۈن، بىر كۈنى 30 سائەت؛ گاداينىڭ بىر يىلى 200 كۈن، بىر كۈنى 12 سائەت ئەمەس…
ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر چوڭلار مائارىپى ئالىمى، پەيلاسوپ دالىې كارنېگنىڭ قارىشى بويىچە، ۋاقىت — سان- ساناقسىز «بۈگۈن»دىن تەشكىل تاپىدۇ. ھاياتنى (ئۆمۈرنى) قەدىرلەس — ۋاقىتنى قەدىرلەس؛ ۋاقىتنى قەدىرلەس — بۈگۈننى قەدىرلەس، دېگەنلىكتۇر. دېمەك، «بۈگۈن» بىزنىڭ ھاياتىمىز، «بۈگۈن» بىزنىڭ نەتىجىمىز، «بۈگۈن» بىزنىڭ شان- شەرىپىمىز، «بۈگۈن» بىزنىڭ بارلىقىمىزدۇر.
دانالار ئادەمنىڭ ھاياتىنى مۇنداق ئۈج كۈندىن تەركىب تاپقان دەپ ئېيتىدۇ: «تۈنۈگۈن، بۈگۈن، ئەتە». «تۈنۈگۈن» — ئۇ مەيلى ئادەتتىكىچە ياكى سەلتەنەتلىك يېزىلغان بولسۇن ئاللىقاچان ئۆتمۈشكە ئايلانغان. «ئەتە»— ھەممە كىشى ئۈمىدۋارلىق بىلەن تەلپۈنىدىغان ھەم ئەنسىزلىككە تولغان كەلگۈسى، شۇنداقلا «بۈگۈن»نىڭ داۋامى. پەقەت «بۈگۈن» لا بىزنىڭ ھەقىقىي ھاياتىمىز. «بۈگۈن» ىمىزنى قەدىرلىيەلمەي بىھۇدە كەتكۈزۈپ قويساق، شادلىققا تولغان ئەتىمىزمۇ، شان- شەرەپلىك گۈزەل كەلگۈسىمىزمۇ بولمايدۇ.
ئەگەر «بۈگۈن»نى بىر تال قەلەمگە ئوخشاتساق، بۈگۈنلۈك ئىشىنى بۈگۈن قىلىدىغان ئەقىللىق، تىرىشچان، قەيسەر ئادەملەر ئۆز ھاياتىنى بىر پارچە نەپىس، رەڭدار رەسىم قىلىپ سىزىپ چىقىدۇ. ھەممە ئىشنى «ئەتە قىلىش» نى ئويلايدىغان ھۇرۇن كىشىلەر ئۆز ھاياتىنى گۈل- گىياھ ئۈنمەيدىغان، قۇرغاقچىلىقتىن چاك- چاك يېرىلغان چۆللۈك قىلىپ سىزىپ چىقىدۇ.
سىز مەيلى قانداق ئىش ياكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، «بۈگۈن» نى قەدىرلىمەي، «بۈگۈن» كى ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماي تۇرۇپ، ئۆمۈربويى بەختلىك بولۇشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، «ۋاقىت — مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى. ۋاقىت — ھايات مەنىسىنىڭ، بەخت- سائادىتىنىڭ سەرمايىسى. ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويغان ئادەم سەرمايىسىدىن ئايرىلىپ قالغان سودىگەرگە، ئۇلاغدىن ئايرىلىپ قالغان كارۋانغا ئوخشاس مەغلۇب بولغۇچىدۇر» («ياشاس مەنتىقىسى» دىن.)
كىچىكىمىزدىن تارتىپلا دائىم: «ۋاقىتنى قەدىرلەڭلار، ۋاقىتتىن ياخشى پايدىلىنىڭلار»؛ «ۋاقىت گويا ئاققان سۇغا، ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ھەرگىزمۇ قايتىلانمايدۇ…» دېگەندەك نەسىھەت، ھېكمەتلەرنى ئاڭلاس بىلەن چوس بولدۇق. لېكىن، بىز قەدىرلىمەكچى بولغان شۇ ۋاقىتنىڭ زادى قاچان ئىكەنلىكى كاللىمىزدا ئايدىڭ بولمىدى. بىز ئەتىدىكى ۋاقىتنى قەدىرلەمدۇق ياكى بۈگۈننىمۇ؟ چۈنكى، بىزگە تەنبىھ ياكى تەكلىپ بەرگەن كىشىلەر، ھەتتا دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭمۇ «بۈگۈن» توغرۇلۇق مەخسۇس تەكىتلەپ باققىنى يادىمدا يوق. مانا ئەمدى، ھاياتىمىزنىڭ خېلى بىر قىسمى ئاق ھالەتتە كېتىپ بولغاندا بىلدۇقكى، بىز قەدىرلەيدىغان ۋاقىت دەل «بۈگۈن» ئىكەن!
ھېلىمۇ ئېسىمدە: تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلاردا «تۈنۈگۈن — قولۋاق، بۈگۈن — پالاق، ئەتە — نۇرانە قىرغاق» دېگەن تېمىدا يېزىلغان بىر ماقالىنى ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە ئوقۇپ بەرگەن. بۇ ماقالە شۇنچە ئەتراپلىق، تەسىرلىك ۋە چۈشىنىشلىك يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەنسەك، ھارماي تىرىشساق ھەرقانداق ئىشتا چوقۇم نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىمىز تەكىتلەنگەن ئىدى. ئەينى چاغدا بىز ئەس مۇھىم نۇقتا بولغان «بۈگۈن» دىن ئىبارەت «پالاق» تىن ياخشى پايدىلىنىش توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولالماپتىكەنمىز، «شۇ نۇرانە قىرغاققا ئەتە يېتىمىز» دەپ قاراپ، «بۈگۈن» نى بوس قويۇۋەتكەن ئىكەنمىز. شۇنداق، «بۈگۈن»نى چىڭ تۇتماي، ئەتىنى ئويلاپ نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىمىز ھايات دولقۇنلىرىنىڭ ئۆركەشلىرىگە تاقابىل تۇرالماي سۇغا غەرق بولدى؛ ئاشۇ چاغدىكى «بۈگۈن» دىن ئازراق پايدىلىنالىغان ساۋاقداشلىرىمىز گەرچە «نۇرانە قىرغاق» قا مەردانە ھالدا چىقالمىغان بولسىمۇ، ھەرھالدا ھايات مەنزىلىدىكى قىرغاققا ئاخىر چىقتى. نىسبەت جەھەتتە قىرغاققا ئامان- ئېسەن چىققۇچىلارغا قارىغاندا، سۇغا غەرق بولغۇچىلار كۆپ سالماقنى ئىگىلىدى. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، ئۆگىنىش، خىزمەت، سودا، ھۈنەر- كەسىپلەردە بۇنداق ئىشلار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
ھېكايەت: بىر كۈنى، بىر باي بىلەن بىر گاداي «بەخت» توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىپ قاپتۇ. گاداي: «ھازىرىمنىڭ ئۆزى بەخت» دەپتۇ بايغا. تەكەببۇر باي بۇ گاداينىڭ نامراتچىلىق چىقىپ تۇرغان كەپىسىگە ۋە يىرتىلىپ جۇل- جۇل بولۇپ كەتكەن ئۈستۋېشىغا قاراپ، كۆزگە ئىلمىغان ھالدا ئېغىز ئېچىپتۇ: «مۇشۇ ھالىڭ بىلەن سەن بەختلىكمۇ؟ توۋا، بەختلىك دېسە، مېنى دېسە بولىدۇ. قارا، ھازىر مېنىڭ 100 ئېغىزلىق ئېسىل قورۇ- جايىم، سان- ساناقسىز بايلىقىم، 1000 دىن ئارتۇق ئىشلەمچى- چاكىرىم بار!»
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، بىر قېتىملىق زور ئوت ئاپىتى بۇ باينىڭ بارلىق مال- مۈلكىنى، قورۇ- جايىنى كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۇپتۇ، ئىشلەمچى- چاكارلىرى تەرەپ- تەرەپكە قېچىپ كېتىشىپتۇ… تەكەببۇر باي بىر كۈندىلا ھېچنېمىسى يوق قەلەندەرگە ئايلىنىپ قاپتۇ. قاتتىق ئىسسىق بولۇۋاتقان ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، پۈتۈن بەدىنىدىن ئاچچىق تەر قۇيۇلۇپ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئاغزىدا نەم دىدارى قالمىغان، ھالسىرىغان بۇ «قەلەندەر» ھېلىقى گاداينىڭ كەپىسى ئالدىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ ۋە كەپىدىكى ھېلىقى گادايدىن بىر چىنە سۇ سوراپتۇ. گاداي ئۇنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇپ، ھال- مۇس بوپتۇ ۋە: «سېنىڭچە بەخت دېگەن نېمە ئىكەن؟» دەپ سوراپتۇ. قەلەندەر كۆزلىرىنى يوغان ئاچقان ھالدا: «ھازىر سېنىڭ قولۇڭدىكى سۇ مېنىڭ بەختىم. چۈنكى، ئۇ مېنىڭ ئۇسسۇزلۇقۇمنى قاندۇرىدۇ، مېنى سەگىتىدۇ، ماڭا راھەت ئاتا قىلىدۇ…» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
يۇقىرىقى بايان بىر قىسىم ئوقۇرمەنلىرىمىزدە «مۇنداقمۇ تاسادىپىيلىق بولامدۇ؟» دېگەن ئوي پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ھەممە باينىڭ ئوت، سۇ ئاپىتىگە ئۇچرىشى ياكى بىرەر كېلىشمەسلىك تۈپەيلى بىر كېچىدىلا قەلەندەرگە ئايلىنىپ قېلىشى ناتايىن. لېكىن، بىزدە بەختلىك تۇرۇپ بەختنى ھېس قىلمايدىغان، ھەممىگە ئىگە بولۇپ تۇرغان ۋاقتىنى قەدىرلىمەيدىغان، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلمەيدىغان، دائىم چېكىدىن ئاشقان ئارزۇ- ئۈمىدكە غەرق بولۇپ، ئەس ئاخىردا بەربات بولىدىغان كىشىلەر ۋە بۇ ھەقتىكى مىساللار كۆپ. ئەس ئاددىي مىسال كەلتۈرسەك، ئاتا- ئانىمىز ھايات چېغىدا ئۇلارنىڭ ھەربىر كۈنى بىز پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئەس چوس بەخت. بىر كۈننىمۇ بىكار، ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزۈۋەتمەي، كۈچىمىزنىڭ بارىچە ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، بۈگۈنىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلساق، ئۇلارمۇ بىزدىن رازى بولىدۇ. ئۇلاردىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئارتۇقچە ئۆكۈنۈس، بىھۇدە ئازاب- ھەسرەت ئازابىغا دۇچار بولمايمىز. بۈگۈنى بىلەن كارىمىز بولماي «ئەتە ئۇنداق قىلىمەن، ئۆگۈن مۇنداق قىلىمەن» دەپ يۈرسەك، تەقدىر چاقى بىزگە باقمايدۇ. تۇيۇقسىز كېلىشمەسلىك يۈز بەرسە، شادلىق ئورنىغا ھەسرەت- نادامەت بىزگە ھەمراھ بولۇپ، ئېغىر ۋىجدانىي ئازابقا قالىمىز. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىزمۇ قېرىغاندا بالىلىرىمىزدىن شۇنداق تارتقۇلۇقلارنى تارتىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا ئىشلارمۇ ئوخشاس، ئەلۋەتتە.
قىسقىسى، ھاياتلىقىڭىز يالغۇز سىزنىڭ نېسىۋىڭىز ئەمەس. ئاتا-ئانىڭىزنىڭ، قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ، پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ، يۇرتداس، ئەل- قوۋمنىڭ سىزدە مۇناسىپ ھەققى بولىدۇ. كىشىلىك ھاياتتا سىز قىلىشقا، بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلار، يېتىشكە تېگىشلىك نىشانلار، ۋايىغا يەتكۈزۈشكە تېگىشلىك ئارزۇ- ئارمانلار بولىدۇ. گەرچە، سىزنىڭ مىليون- مىليون پۇلىڭىز، ئېشىپ- تېشىپ تۇرغىدەك مېلىڭىز بولمىسىمۇ، ئىناقلىق- باراۋەرلىككە تولغان بىر ئىللىق ئائىلىڭىز بولسا؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزىڭىزنىڭ ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق ئائىلىڭىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلىسىڭىز؛ ئاتا- ئانىغا، قېرىنداشلارغا، پەرزەنتلەرگە، يۇرتداشلارغا ئۆزىڭىزنىڭ ۋاپادارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى مۇناسىپ دەرىجىدە رازى قىلالىسىڭىز… سىز ئەس بەختلىك. ھەرگىزمۇ شۇ ۋاقىتلىرىڭىزنى قەدىرلىمەي، ئائىلىڭىزگە، جەمەتىڭىزگە، ئەل- يۇرتىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلماي، قانداقتۇر بىر ئىشلارنى دەپ بۇ قايتا كەلمەس ۋاقىتنى، يەنى «بۈگۈن» ىڭىزنى زايە قىلىۋەتسىڭىز، ئاخىردا بىھۇدە ۋىجدان ئازابى تارتىپ قالىسىز.
نورمال ئادىمىيلىكنى، ئىنسانىي مېھىر- مۇھەببەتنى، ئېسىل پەزىلەتنى ئۇنتۇپ، مىليونلاپ پۇل، ساناقسىز مال- دۇنيا تاپقاندا، ئاتا- ئانىڭىز بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان، بالىلىرىڭىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئاتا- ئانا مېھرىدىن مەھرۇم قالغان ۋەياكى قېرىندىشىڭىز، يۇرتدىشىڭىز بىچارە، ھاجەتمەن ھالەتتە يۈرگەن بولسا، بۇنداق پۇل- مالنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ ئەلۋەتتە، ھەرگىزمۇ «كۆپ پۇل تېپىش خاتا» دېمەكچى ئەمەسمىز. سىز بۈگۈن تىرىشىپ ھۈنەر- كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسىڭىز ياكى مەلۇم بىرخىل ئىش ياكى خىزمەت قىلسىڭىز، ئەلۋەتتە ئەجرىڭىزگە مۇناسىپ نەتىجە بولىدۇ. مەسىلە «بۈگۈن» ىڭىزنى قەدىرلەس ۋە تىرىشىپ ئىشلەس، ئاشۇ «بۈگۈن» ئۆز ئىچىگە ئالغان بەختنى ھېس قىلىش- قىلالماسلىقىڭىزدا! ئىشىنىمىزكى، «بۈگۈن» نىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئۇنى ئاق قالدۇرماي، مەنىلىك- ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە ھەرىكەت قىلغان ياكى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق، كۈنلىرى كۆڭۈللۈك بولىدۇ.
كۆپىنچە ھاللاردا، بىز نېمىشقىدۇر ئۆزىمىزدە بار نەرسىلەردىن مەھرۇم بولغاندىلا، ئاندىن شۇ نەرسىلەرنىڭ قەدرىگە يېتىمىز. يېگانە قالغاندا ئائىلىنىڭ بەخت ئىكەنلىكىنى، قورساق ئاچقاندا توقلۇقنىڭ بەخت ئىكەنلىكىنى، ئاغرىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغاندا ساغلاملىقنىڭ چەكسىز بەخت ئىكەنلىكىنى، ئىقىتىسادىي جەھەتتە قولىمىز قىسقا بولۇپ قالغاندا ئازراق پۇلنىڭ بارلىقىمۇ بەخت ئىكەنلىكىنى… ھېس قىلىمىز. ئادەتتە، ئاتا- ئانىمىز، قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە سالامەتلىكىمىزگە ئېتىبارسىز قاراپ، سۇس چاي بىلەن گۆشسىز تاماققا، ئازراق ئىقتىسادىمىزغا قانائەت قىلمايمىز. خىزمەت قىلىۋاتقانلارنى مىسال قىلساق، ياس ۋاقتىمىزدا تىرىشىپ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىشكە جېنىمىزنى تىكىپ ئۆگەندۇق. ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆتكەندىن كېيىن، تېزرەك خىزمەتكە چىقىشقا ئىنتىزار بولدۇق. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، توي قىلىشقا، بالىلىق بولۇشقا تەلپۈندۇق. بالىمىزنىڭ تېزراق چوس بولۇپ، يۈكىمىزنىڭ بالدۇرراق يېنىكلىشىنى ئارزۇ قىلدۇق… بالىمىزمۇ چوس بولدى، ئۇ چاغدا ئارامغا چىقىپمۇ قالدۇق، شۇنداقلا قېرىلىقتىن مەزمۇت ماڭالماس بولۇپ قالدۇق… بارغانسېرى ھاياتنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا يېقىنلاپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلىشقا باشلىدۇق. مانا بۇ، نۇرغۇن ئاددىي ئادەملەرنىڭ ھاياتى. ئومۇمەن، بىز ھاياتنى ئۇنداق- مۇنداق ئىشلار بىلەن ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، ھەر ۋاقىت ھاياتتىن ئەنسىرەپ، تۈگىمەس ئەتە ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ كەلدۇق، لېكىن «بۈگۈن» ىمىزگە چوس ئېتىبار قىلالمىدۇق. ئەتىنى، كېلەر يىلىنى، ئاخىرقى ھاياتىمىزنى ئويلاپ، تۈرلۈك ئوي- خىيال ئىچىدە ئۆتتۇق. كۆپرەك پۇل تېپىشنىڭ، چوڭراق ئۆي ئېلىشنىڭ، چوڭراق مەنسەپ- ئىمتىيازلىق بولۇشنىڭ كويىدا ياشىدۇق. قانائەتنى «ئەتە» گە باغلاپ، «بۈگۈن» ىمىزدىكى بارلىقىمىزنى ئۇنتۇدۇق… ئەمەلىيەتتە، ھاياتلىقتىكى ئىشلار دائىم كۆڭۈلدىكىدەك، كەم- كۈتىسىز بولۇۋەرمەيدۇ. مەلۇم جەھەتلەردە بىز ھاياتنى قانائەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈشىمىز؛ ھاياتقا، تۇرمۇشقا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلىدە بولۇپ، ئەستايىدىل ياشىشىمىز لازىم ئىدى.
«قەلب ئۆزگەرسە، پوزىتسىيە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، پوزىتسىيە ئۆزگىرىدىكەن، ئادەتمۇ ئۆزگىرىدۇ؛ ئادەت ئۆزگەرسە، خاراكتېرمۇ بىللە ئۆزگىرىدۇ؛ خاراكتېر ئۆزگەرسە، كىشلىك ھايات ئۆزگىرىدۇ» دەيدۇ ئۇلۇغلار. ئېنىقكى، ھەركىم ئۆزىگە تەۋە بولغان «بۈگۈن»ىنى ھەقىقىي قەدىرلەيدىكەن، ئۇنداق ئادەمنىڭ ئەتىسىمۇ چوقۇم گۈزەل ۋە پارلاق بولىدۇ.

(ئاپتور: مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاس شۆبىسىدە)

مەنبە: http://www.seltenet.com

بۇ يازما 84 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1080

ئاكادېمىيە ئورگان تورى © 2017

ئۈستىگە قايتىش