You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئالدى-كەينىدە

ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئالدى-كەينىدە

خۇشىد دەۋران (ئۆزبىكىستان)

مىلادىيە 1404-يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنى.
ئەمىر تۈمۈر ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى بولغان چىن مەملىكىتىنى ئېلىش نىيتىدە سەمەرقەندتىن چىقتى.دەسلەپ ئاقسۇلاتقا كېلىپ بىر ئايچە مەنزىل قۇردى.كىيىن ئۇ يەردىن قوزغۇلۇپ،ئۈچ ھەپتە يول يۈرۈپ ئوترارغا يەتتى. سارايمۈلۈك خانىم ئەمىر بىلەن بىرگە ئىدى.ئەمىر تۈمۈر ئوتراردا بىر ئايدىن كۆپرەك تۇردى.ساھىبقىران نەدە بولسا سەلتەنەت تەختى شۇ يەرگە كۈچەتتى. شۇ يىلى شەئىبان ئاينىڭ بېشىدا نەۋكەرلەرگە يېقىنراق بۇلۇپ،تەيياگەرلىككە نازارەتچىلىك قىلىش مەخسىدىدە ئەمىر تۈمۈر شەھەردىن چىقىپ قارارگاھىدا ئوتاغ تىكتى.گەرچە قىش ئەۋجىدە بولسىمۇ ئۇ باھارنىڭ كىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان نەۋكەرلىرىگە:«باھارغا ئاز قالدى،تىزدىن قوزغىلىمىز» دىگەن تۇيغۇنى مۇستەھكەملىمەكچى بولدى.ئەمما ئۇ ئوتغ تىكىپ چىققان كۈندىن ھەپتە ئۆتمەي يەنە قار ياغدى.
بىر كۈن ئالدىدا ياشانغان ساھىپقىراننىڭ قىران يىگىتلىكىدە كەچكەن جەڭلىرىنىڭ بىرىدە شىكەستىلەنگەن پۇتى سىرقىراپ ئاغرىشقا باشلىدى.بۇمۇ قاردىن دىرەك بىرەتتى.بۇ قار ئۈچ كۈن ياغدى،جەزىرە قارغا كۈمۈلدى.قار تىنغان كۈندىن باشلاپ سوغوق كۈچەيدى.
قار تىنغان كۈندىن ئۇزاق ئۆتمەي ئەمىر تۈمۈرگە قالماقلار باش كۆتۈردى،دىگەن خەۋەر يەتتى.ساھىپقىران بۇ گەپنى ئاڭلاپ:«سەپەرگە چىقىلسۇن!» دەپ پەرمان بەردى.ئەمما كۆز ئالدىدىكى جەڭدىن كۆرە پاراغىتىنى ئويلىغان ئايرىم ئەمىرلەر قېلىن قار ۋە قاتتىق سوغۇقتا يول يۈرۈش مۈشكۈل،سەپەرنى كىچىكتۈرۈش مەقبۇل ئىشتۇر،دىگەن مەسلىھەتلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇشتى.بۇ گەپلەر ساھىبقىرانغا ياقمىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن مەسلىھەتچى ئەمىرلەرگە قارشى ھالدا،قار ۋە سوغۇقنى پىسەنتىگە ئالماسلىق روھىنى كۆرسىتىش ۋە لەشكىرىي گۇرۇھنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش مەخسىدىدە قارارگاھنىڭ ئوتتۇرسىدا كۇرس قۇيۇپ ئولتۇرۇپ ساتراشقا چېچىنى ئالدۇردى.مانا مۇشۇ ئويلانمايلا قىلىنغان ئىش سەۋەبلىك بولدىمۇ، كەچكە يېقىن ساھىبقىراننىڭ كۆزلىرى ياشلىنىپ،ئاۋازى بۇغۇلۇپ قالدى. ئىسسىتمىسى كۆتۈرلۈپ،بىر نەچچە كۈن داۋامىدا گېلىدىن بىر چىشلەم نان،بىر يۇتۇم سۇمۇ ئۆتمىدى.ئون كۈنلەرچە ۋاقىت ئۈتۈپ ھۆكۈمدارنى قىززىتىپ ئوت قىلغان،ئازابلىغان دەرت ئۈستىگە يەنە باشقا بىر دەرت قۇشۇلدى.ئۇ بولسىمۇ : «مۇبادا تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بۇلۇپ قالسا،مەندىن كېيىن سەلتەنەتنىڭ تەختىنى كىم ئىگىللىشى مۇمكىن؟»دىگەن سوراق دەردى ئىدى.
جاھاننىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك ئىلكىگە ئېلىپ،يېرىمىنى ۋەھىمىگە سالغان جاھانگىر قايتا ئورنىدىن تۇرالماسلىقىنى پەملەپ،تەغدىرگە تەن بىرىپ ئەڭ سادىق ئەمىرلىرىنى ھۇزۇرىغا چاقىردى ۋە گەپنى سوزۇپ ئولتۇرماي ئۆزىدىن كېيىن پىر مۇھەممەد جاھانگىرنىڭ سەلتەنەت ئىگىسى بۇلۇشى ھەققىدىكى ئاخىرقى ئەمرىنى ئېلان قىلدى،ئەمىرلىرىگە بۇ ئاخىرقى ھۆكۈمىنى بىجىرىشلىرىنى تەلەپ قىلىپ قەسەم ئىچۈردى.ئەمىر تۈمۈر كوراگان 1405-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى 70 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.ئۆلۈمىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بىلمەي ياتقان ساھىبقىران بىردەم كۆزىنى ئېچىپ ئوتاغنىڭ توروسىدىكى تۈڭلۈكتىن قاپقارا كەتكەن پەلەككە تىكىلپ قارىدى:«بۇ نىمە كاراممەتدۇر؟»دەپ پىچىرلىدى-دە،جېنى ئۈزۈلدى.جاھانگىرنىڭ كۆزلىرى ئۇچۇق قالغانلىقىنى كۆرۈپ،ئۇنىڭ كۆز قاپىقىنى ئاستا باسقان تىۋىپ مەۋلانا فەزلۇللاھ تەبرىزى قورقۇپ كەتتى (ساھىبقىراننىڭ كۆزلىرىدىن سىرغىپ چىققان ياش ئادەمنىڭ قولىنى كۆيدۈردىغاندەك ئىسسىق ئىدى) .ئەمىر تۈمۈرنىڭ جەسىدى شەئىبان ئېيىنىڭ 22-كۈنى (23-فېۋرال) مەرھۇم شاھزادە مۇھەممەد سۇلتاننىڭ دەھمەسىگە دەپنە قىلىندى.ئەمما ساھىبقىراننىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندالماي قالدى، مىلادىيە 1405-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى سەمەرقەند تەختىگە مىرانشاھنىڭ ئوغلى،نەۋرىسى -خېلىل سۇلتان ئولتۇردى.
خۇشىد دەۋراننىڭ ئۆزبېكچە «ساھىبقىران نەبىرسى» كىتابىدىن پارچە
مەنبە:مىراس ژورنىلى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top