ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » «ئۇيغۇر تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى كۈنتەرتىپى

«ئۇيغۇر تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى كۈنتەرتىپى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

Teklip1-753x1024

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 7 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلەر «ئۇيغۇر تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى كۈنتەرتىپى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم، ياۋرو-ئاسىيا قىتئەسىنىڭ كۆۋرۈكى، دۇنيانىڭ مەدەنىيەت پايتەختى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ”ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلەر خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان پائالىيەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە ئەڭ تەسىرلىك پائالىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 7-قېتىملىقى، 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 10-11 كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلمەكچى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، مىللىتىمىزنىڭ پەن-مائارىپ سەۋىيىسىنىڭ ۋە بۇ ئارقىلىق ئومۇمى مىللى كۈچ-قۇدرىتىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە، 2009-يىلى 9-ئايدا ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بىر ئىلمى جەمئيەتتۇر. جەمئىيىتىمىز ئالتە يىلدىن بېرى، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ماددى ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يىللاردىن بېرى ھەرخىل  ئەھمىيەتلىك ئىلمى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ  خىل ئىلمى پائالىيەتلەر، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىلىم-مەرىپەت ئىشقىدا كۆيۈپ، جاپالىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىم-تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ، ۋەتەن-ئىچى سىرتىدىكى خەلقىمىزگە زور  ئۈمىت ۋە ئىلھام بېرىپ كەلمەكتە. ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان ئىشتىياقنىڭ كۈچىيىشىگە، ئومۇمى خەلق  پەن-مائارىپقا يۈزلىنىشتەك بىر ئىلمىي كەيپىياتنىڭ بىخ سۈرۈشىگە تۈرتكە بولماقتا. ئەلۋەتتە، بۇ نەتىجىلەر مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ئولتۇرغان ھەربىر ئېزىز قېرىندىشىمىزنىڭ پىداكارلىقى، ئۆز مىللىتىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە مەسئۇليەتچانلىغىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
بۇ يىلقى يىغىنغا، چەتئەلدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن پەن – تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسىسلەر قاتنىشىدىغان بولۇپ،  بۇ يىغىن، ئۇلارنىڭ ئىلمىي دوكلاتىنى بىۋاستە ئاڭلاش، ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولۇش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتتۇر. ھەتتا، بىردىنبىر پۇرسەت بولۇپلا قالماستىن، ئىستانبۇل، ئۆزىنىڭ تەبىئي گۈزەللىكى، ھەيۋەتلىك تارىخى ئەسەرلىرى، ئۆز خەلقىمىزگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇچۇق -يۇرۇق، قىزغىن ئىنسانلىرى، تىلى، تۇرمۇش پۇرىقى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن سىزدە ئىسسىق ۋەتەن تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ، كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ…

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ يوقىرى سۈپەتلىك، پىلانلىق ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.  يىغىن كۈنتەرتىپى تۆۋەنكىدەك:

Kuntertip-774x1024

Kuntertip 1

Kuntertip 2

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1108

ئىنكاسلار (1)

  • Quddus Hafiz

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئۇيغۇر ئىلىم – مەرىپەت دۇنياسىنىڭ نۇرلىنىشى ، گۈللىنىشى ئۈچۈن تاشلىغان قەدىمىڭلاردىن ئۇنتۇلماس تارىخىي ئىزلار قالغۇسى، ئىنشا ئاللاھ!
    نۆۋەتتە مەن بەكمۇ كىچىكىپ قالغانلىغىم ئۈچۈن بەكمۇ خىجىلمەن…….!

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش