ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىشى ئىسىملىرى ۋە نۆۋەتتىكى كىشى ئىسىملىرىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا

ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىشى ئىسىملىرى ۋە نۆۋەتتىكى كىشى ئىسىملىرىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىشى ئىسىملىرى ۋە نۆۋەتتىكى كىشى ئىسىملىرىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا

رۇقىيە ھەمدۇللا

مۇھىم مەزمۇنى: كىشى ئىسىملىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەرنى بىر- بىرىدىن پەرقلەندۈرۈشتىن باشقا ئالاھىدە مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بىز كىشى ئىسىملىرىنى ئىنچىكىلەپ كۆزەتكىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى سۈپىتىدە بىر مىللەتنىڭ ئىدېئولوگىيىسى، دىنىي ئېتىقادى، ئىجتىمائىي ئەخلاقى ۋە ئېستېتىك قاراشلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى بايقايمىز. مەزكۇر ماقالىدە، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىشى ئىسىملىرىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى قويۇلۇش ئادىتى، قوللىنىلىش ئەمەلىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر تەھلىل قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋى كىشى ئىسىملىرى ئىسلاھ قىلىش
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاقى، ئېستېتىك قاراشلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتىنىڭ ئۆزگىچە ئىپادىلەنگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. ئۇيغۇرلاردا ئىسىم قويۇشتا مەلۇم بىر قېلىپ ياكى ئىزچىللىق شەكىللەنمىگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھاياتىدا شەكىللەندۈرگەن مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى، دىنىي ئېتىقادى، ياشىغان مۇھىتى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، ئۆز ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى، ھەر خىل مەزمۇن ۋە شەكىللەردىكى ئىسىملارنى قوللىنىپ، مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئىسىم قويۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى قويۇلۇشى ۋە ئىستېمال قىلىنىشى ئوخشاش ئەمەس. چۈنكى ئۇيغۇرلاردا فامىلە قوللىنىش ئىزچىللىقى شەكىللەنمىگەن، ئىسىم قويۇشتا مەلۇم تەرتىپ ياكى قېلىپ بولمىغان، بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى دەۋرلەردە ئىسىم قويۇش ئۇسۇلى ۋە شەكلى تۈپتىن پەرقلەنگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئادەتلىرى، ياشاش مۇھىتى ئاساسىي سەۋەب سۈپىتىدە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئىسىم قويۇش، ئىستېمال قىلىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى كۆرسىتىشتە، ئۇيغۇرلارنىڭ توتېم قاراشلىرى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ياشىغان مۇھىت-شارائىت مەزگىللىرىنى كىشى ئىسىملىرىنىڭ دەۋرىنى ئايرىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلى دەپ قاراشقا بولىدۇ. مەزكۇر ماقالىدە دەل مۇشۇ نۇقتىلار بويىچە ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى كىشى ئىسىملىرى كۆرسىتىلىدۇ.
1. ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى ۋە توتېم دەۋرلىرىدىكى كىشى ئىسىملىرى
ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بولغاچقا، ئۇلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەۋجۇدات ۋە ھادىسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلارنى، شەيئىلەرنى سىرلىق ھېس قىلىپ، شۇ شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە بولغان چوقۇنۇشىنى ئىپادىلەپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى شەيئىلەر ۋە ھايۋانلارنىڭ نامىنى كىشى ئىسىملىرى ئورنىدا ئىشلەتكەن. مەسىلەن:
1) «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدا ئوغۇز خاقاننىڭ ئالتە ئوغلىغا «كۈن، ئاي، يۇلتۇز، كۆك، تاغ، دېڭىز» دەپ ئىسىم قويغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
2) قەدىمكى ئۇيغۇرلار تاشقى كۆرۈنۈشى، خاراكتېر-خۇسۇسىيىتى، كۈچ-قۇدرىتى، سۈر-ھەيۋىسى، يۈكسەك ۋە ئۇلۇغ تۇيۇلغان ھايۋانات ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ نامىنى ئىسىم ئورنىدا ئىشلەتكەن. مەسىلەن:
يولۋاس ئارسلان قاپلان
قوچقار بۇقا بۆكە (ئەجدىھا)
ياغان (پىل) چاغرى (لاچىن) بۇغا
بۈركۈت بۆرە ئارغۇن (ئارغىماق)
3)گۈزەل، كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان ھايۋانلارنىڭ نامىنى ئىسىم ئورنىدا ئىشلەتكەن. مەسىلەن:
قۇندۇز بۇلغۇن بۇلبۇل كاككۇك
4) تەبىئەت دۇنياسىدىكى سىرلىق، شۇنداقلا ئىنسانلارغا نىسبەتەن خەۋپلىك، خەتەرلىك بىلىنگەن شەيئى ۋە جىسىملارنىڭ نامىنى ئىسىم ئورنىدا ئىشلەتكەن. مەسىلەن:
ياشىن (چاقماق) ئاقىن (كەلكۈن)
ئۆركۈچ (ئۆركەش) ياغمىر (يامغۇر)
5) ئاسمان جىسىملىرى ۋە گۈزەل، مەزمۇت ئۆسۈملۈك، گۈل-گىياھلارنىڭ ناملىرىنى ئىسىم ئورنىدا ئىشلەتكەن.مەسىلەن:
شەمس (قۇياش) قەمەر (ئاي) يۇلتۇز
چىنار قارىغاي چىمەن
چېچەك جىنەستە ئانار ئالما
2. ئۇيغۇرلار مۇقىم ئولتۇراقلىشىش مەدەنىيىتىگە قەدەم قويغاندىن تارتىپ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا قوللانغان كىشى ئىسىملىرى
ئۇيغۇرلار ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى ۋە توتېم ئېتىقادى دەۋرىدىن مۇقىم ئولتۇراقلىشىش دەۋرىگە ۋە دىنىي ئېتىقاد دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، كىشى ئىسىملىرىدا زور ئۆزگىرىش بولغان. چۈنكى ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە تۈرلۈك دىنلارنىڭ تەسىرىدە، ئۇيغۇرلار ئىسىم قويۇشتىمۇ ئىسلاھات ۋە ئۆزگەرتىش قىلغان.
1) ئۇيغۇرلار مىلادىيىنىڭ ئالدى-كەينىدە بۇددا دىنىنى رەسمىي قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. چۈنكى، شىنجاڭ تارىختا ھىندىستان بىلەن قويۇق ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىدە بولۇپ كەلگەچكە، بۇددا دىنى ۋە مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارغا خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار بۇددىزم تۈسى قويۇق بولغان كىشى ئىسىملىرىنى ئىشلەتكەن. مەسىلەن:
ماخادۋى (بۇددا نومىنىڭ نامى) چاشتانى
ئاچارى (ھەزرەت) خايماۋادى
تويىن (راھىب) بۇرھان (تەڭرى، بۇددا)
2) قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئەرلىك خاراكتېرىدىكى يۈكسەكلىك ۋە مەنىۋى گۈزەللىكنى بىلدۈرىدىغان ناملارنى كىشى ئىسىملىرى ئورنىدا ئىشلەتكەن. مەسىلەن:
تۆلىك (غەيرەت، جاسارەت) تۈرك (كۈچ-قۇدرەت) تۈركلۈگ (كۈچلۈك، قۇدرەتلىك) تىغراق (باتۇر، قەيسەر) ئالپ (جەسۇر، باتۇر) بۆكە (جەسۇر، باتۇر)
كۈچلۈگ (كۈچلۈك، قۇدرەتلىك) بۆگۈ (ئالىم، دانىشمەن)
چالىش (كۈرەش) قادىر (قەيسەر، كەسكىن)
3) ئۇيغۇرلار يەنە بۇ مەزگىللەردە ئەخلاق، گۈزەللىك، پاكىزلىقنى ئۇلۇغلايدىغان مەزمۇندىكى ناملارنى كىشى ئىسىملىرى ئورنىدا ئىشلەتكەن. مەسىلەن:
ئارىغ (پاكىز) يىدلا (پۇراقلىق) سىلىگ (مۇلايىم)
قۇتلۇغ (بەختلىك) ياچانغىر (ئۇياتچان )
بۇ دەۋردىكى كىشى ئىسىملىرىغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈرلۈك قاراش ۋە ئادەتلىرى سىڭگەن بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شۇ دەۋرلەردىكى ئىنكاسلىرىنى ئىپادىلىگەن. بۇ دەۋردىكى كىشى ئىسىملىرى ئاساسەن تاق سۆزلۈك بولغاندىن سىرت، ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرچە ئىسىملاردۇر. يەنى سىرتتىن قوبۇل قىلغان ياكى باشقا تىللار ئارىلاشقان ئىسىملار ئىنتايىن ئاز سالماقنى ئىگىلىگەن.
3. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى كىشى ئىسىملىرى
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنى ھەر ساھە، ھەر قايسى قاتلاملارغىچە سىڭىپ، كىشى ئىسىملىرىمۇ ئاساسەن قويۇق ئىسلام دىنى تۈسىنى ئالغان، پۈتۈنلەي ئەرەبچە ئىسىملار ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.
1) ئىسلام دىنىنىڭ تەڭرىسى «ئاللاھ »نىڭ 99 خىل سۈپىتىگە «ئابدۇ-بەندە، قۇل» مەنىسىدىكى سۆزنى قوشۇپ، ئىسىم ئورنىدا ئىشلەتكەن. مەسىلەن:
ئابدۇقادىر ئابدۇغەنى ئابدۇۋاھاب ئابدۇساتتار
2) ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ 99 خىل سۈپىتىنى كىشى ئىسىملىرى ئورنىدا ئىشلەتكەن. مەسىلەن:
مۇھەممەد مەھمۇد ياسىن ئىمام ھەككىم مۇختار
3) ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان كەرىم» دە تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەر ۋە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىسىم-ناملىرىنى ئىسىم ئورنىدا ئىشلەتكەن. مەسىلەن:
داۋۇد ئىسا مۇسا يۇنۇس ھارۇن زۇلەيخا ھاۋۋا بۈۋى مەريەم
4) ئىسلام تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەر ۋە قەھرىمانلارنىڭ ئىسىم-ناملىرىنى كىشى ئىسىملىرى ئورنىدا قوللانغان. مەسىلەن:
ئابابەكرى ھەزرىتىئېلى ئوسمان ئابباس ئائىشە خەدىچە (خەلىچە، خەلچەم)
5) ئۇيغۇرلارغا 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىردىن باشلاپ، سوفىزم تەلىماتى سىڭىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، سوفىزمنىڭ تۈرلۈك ئۇنۋان ناملىرى، مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرىنى كىشى ئىسىملىرى ئورنىدا ئىشلىتىش ئادىتىمۇ شەكىللەنگەن. مەسىلەن:
سوپىئاخۇن شەيخ خوجا سەئىد ئاپپاق (ئاپپاقخان)
6) ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان خىلمۇ خىل نام، ئەمەل ۋە ئۇنۋان ناملىرىمۇ كىشى ئىسىملىرى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن:
داموللا قارى مەخسۇم سۇلتان مەلىكە
7) ھېيت-بايرام ۋە خاتىرە كۈن، ئايلارنىڭ نامىنى ئىسىم ئورنىدا ئىشلەتكەن. مەسىلەن:
بارات (باراتئاخۇن، باراتجان) رامىزان روزى (روزاخۇن، روزىخان)
8) شەرق مۇسۇلمان ئەللىرىگە مەشھۇر بولغان رىۋايەت، چۆچەك ۋە تارىخىي ۋەقەلەردىكى شەخسلەرنىڭ ۋە ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ نام-شەرىپى كىشى ئىسىملىرى ئورنىدا ئىستېمال قىلىنغان. مەسىلەن:
پەرھات مەسئۇد رۇستەم جەمشىد دىلئارا شېرىن
9) پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن بىر قىسىم پارسچە كىشى ئىسىملىرىنى ئۇيغۇرلار كىشى ئىسىملىرى قىلىپ ئىشلەتكەن. مەسىلەن:
بەختىگۈل پەرىزات ئەختەر (يۇلتۇز) پەرمان پولات باھادىر
10) ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئۆزئارا بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن بىرىكمە ئىسىملارنى كىشى ئىسىملىرى ئورنىدا قوللانغان. مەسىلەن:
ئەختەرنىسا باھارنىسا گۈلنىسا نۇرمىرزا مىرشاد دوستىمۇھەممەد.
11) ئۇيغۇرچە ۋە پارسچىدىن ئۆزئارا بىرىكىپ ھاسىل بولغان ئىسىملارنى كىشى ئىسىملىرى ئورنىدا قوللانغان. مەسىلەن:
ئاينىگار گۈلئايىم تۇرنىسا گۈزەلئاي ئايخۇمار ئايدىل
12) ئۇيغۇرلاردا يەنە مەشھۇر ئىلىم ئەھلىلىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئاتاقلىق شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرىنىمۇ كىشى ئىسىملىرى ئورنىدا قويۇش ئادىتى خېلى كەڭ ئومۇملاشقان. مەسىلەن:
مەھمۇد (مەھمۇد كاشغەرىي) ئەلىشىر (ئەلىشىر نەۋائىي) ئاماننىسا (ئاماننىساخان)
13) ئۇيغۇرلاردا يەنە ھەر خىل خۇراپىي قاراش، بىدئەت ئەمەللەر ۋە ساددا قاراشلارنىڭ تۈرتكىسىدە قويۇلغان كىشى ئىسىملىرىمۇ بار، شۇنداقلا بالىسى تۇرمىغان، تۇغۇلۇپلا ئۆلۈپ قالغان ياكى كېسەل سەۋەبى بىلەن بالدۇر ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، پەرزەنتىلىرىگە تۆۋەندىكىدەك ئىسىملارنى قويۇشقا ئادەتلەنگەن. مەسىلەن:
تۇرسۇن تۇردى توختى تۇرسۇنخان تۇرسۇنگۈل توختىخا تۇرغۇن تۇرغۇنئاي
14) ئۇيغۇرلاردا يەنە پەرزەنت ئاغرىپ قالسا «كۆز تەگدى، قويۇلغان ئىسىم كۈچلۈك كەتتى» دەپ قاراپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئوبرازى تۆۋەن بولغان شەيئى ۋە نەرسىلەرنىڭ نامىغا ئۆزگەرتىش ئادىتىمۇ بار. مەسىلەن:
چاۋار سۈپۈرگە بوسۇق سامساق يانتاق كۆسەي ئەخلەت
بۇ دەۋردە قويۇلغان ئىسىملارنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى ئىسلام دىنىنى مەركەز قىلغان بولۇپ، كىشى ئىسىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەرەبچە ئىسىملار، پارسچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىسىملار ناھايىتى ئاز سالماقنى ئىگىلىگەن.
4. ئازادلىقتىن كېيىنكى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
دۆلىتىمىز ئازاد بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈم ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىغىمۇ ئۆزگىچە مەزمۇنلار قوشۇلغان.
دۆلىتىمىز يېڭى ئازاد بولغان مەزگىللەردە، تۈرلۈك سىىياسىي ھەرىكەت ۋە ئىسلاھاتلار كۆپرەك ئېلىپ بېرىلغانىدى، بۇنى ئەينى دەۋردە قويۇلغان كىشى ئىسىملىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
1) يەر ئىسلاھاتى مەزگىللىرىدە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئازاد، ھۆرىيەت، ئەركىن، ئىسلاھات» دېگەندەك ئىسىملار كۆپرەك قويۇلغان.
2) چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان مەزگىللەردە بولسا «دولقۇن، غەيرەت،ئۆركەش» دېگەندەك ئىسىملار كۆپرەك قويۇلغان.

3) مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىللىرىدە بولسا «ئۇچقۇن، يالقۇن، كۈرەش، قەيسەر، جۈرئەت، ئەزىمەت» دېگەندەك ئىسىملار كۆپرەك قويۇلغان.
80-يىللاردىن كېيىن، دۆلىتىمىزدە ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلدى.
1) ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى، گۈزەللىك ۋە ئېتىكا قاراشلىرىنى ئىپادىلەيدىغان مەنىلىك، يېقىملىق، چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان ئىسىملارنى قويغان. مەسىلەن:
بەختىيار راھەت سائادەت ئىليار سالامەت ئەسئەت ساداقەت
2) ئىلىم-مەرىپەتكە ئىنتىلىش، مىللىي مەدەنىيەتنى سۆيۈش، ئەقىل-پاراسەت ۋە ھەقىقەتنى ئۇلۇغلاش ئىدىيىسى ۋە روھى ئىپادىلەنگەن كىشى ئىسىملىرى قوللىنىلدى. مەسىلەن:
ئالىم مەرىپەت ئېرپان ئېرشاد مەدىنە مەدەنىيەت ھېكمەت ئاقىل.
3) ئادىللىق، ۋاپادارلىق، كۆيۈمچانلىق ۋە رەھىمدىللىق ئىدىيىسى ۋە روھىغا ئىگە مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان كىشى ئىسىملىرىمۇ كۆپلەپ قويۇلدى. مەسىلەن:
ئادىل ئادالەت مېھرىبان رەپقەت مېھرىگۈل مۇھەببەت ئېھسان رەھىمە
4) چەت ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىكى پېرسوناژلارنىڭ ئىسىملىرىنى كىشى ئىسىملىرى ئورنىدا ئىشلىتىشمۇ ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ قالدى. مەسىلەن:
ئەسمەت مارىيە فىلورە كامران شەكىلە
5) مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ زۇڭتۇڭ ۋە پادىشاھلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى كىشى ئىسىملىرى ئورنىدا قوللىنىشمۇ ئەۋج ئالدى. مەسىلەن:
مۇستاپا ئەرافات ھۈسەيىن ئەزىز مۇبارەك
يۇقىرىقى كىشى ئىسىملىرىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، ھەر قايسى دەۋرلەردە ئوخشاش بولمىغان مەزمۇن ۋە شەكىلدىكى كىشى ئىسىملىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكى ۋە قوللانغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇشتا مەلۇم بىر ئىزچىللىقنى شەكىللەندۈرمىگەنلىكىنى، ھەر قايسى دەۋرلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى كىشى ئىسىملىرىدىمۇ ئىپادىلىنىپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. كىشى ئىسىملىرىنىڭ تىل تەركىبىنى كۆزىتىدىغان بولساق، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئومۇمەن دېگۈدەك ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملار ئىكەنلىكىنى، ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئىسىملار بولسا ئاساسىي جەھەتتىن ئەرەبچە ئىسىملار ئىكەنلىكىنى، قىسمەن پارسچە ئىسىملارمۇ ئارىلاشقانلىقىنى بىلەلەيمىز.
ئۇيغۇرلاردىكى ئىسىم قويۇشتىكى ئەنئەنىۋىلىك ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئېستېتىك قارىشى، ئارزۇ- ئارمانلىرىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ تەرەپلەرنىڭ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىغا چوڭقۇر ۋە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ.
80- يىللاردىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىدىمۇ زامانغا ماس ھالدىكى يېڭى يۈزلىنىشلەر بارلىققا كەلدى. ئۇندىن باشقا، 90 – يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا فامىلە قوللىنىش تەشەببۇسىنىڭ كۈچىيىشى، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىملەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەر داۋاملىق شەكىللەندى ۋە كېڭەيدى. بۇ خىل ھالەتنى ئويغۇر كىشى ئىسىملىرىدا شەكىللەنگەن ئىسلاھات ياكى يېڭى يۈزلىنىش دېيىشكە بولىدۇ.
تۆۋەندە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا شەكىللەنگەن ۋە شەكىللىنىۋاتقان يېڭى ۋە ئىسلاھات خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن.
1) ئىلگىرىكى خۇراپىي قاراش ۋە كونا ئەقىدە- چۈشەنچىلەر بويىچە قويۇلىدىغان، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئوبرازى تۆۋەن بولغان نەرسە-شەيئىلەرنىڭ ئىسىملىرىدىن«بوسۇق، سۈپۈرگە، چاۋار»دېگەندەك ئىسىملار ئىستېمالدىن قېلىپ، مەنىسى ۋە ئوبرازى چىرايلىق مەنىلىك بولغان ئىسىملار قويۇلۇۋاتىدۇ.
2) ئىسلام دىنىدىكى نام-ئەمەل ۋە ئۇنۋان ناملىرىنى ئىسىم ئورنىدا قويۇش ئادىتىمۇ يوقىلىشقا باشلىدى.
مەسىلەن: ئىلگىرىكىدەك «ئىمام، داموللام، سوپائاخۇن، قارىي» دېگەندەك ئىسىملار قويۇلمايدىغان بولدى.
3) ئىسلام دىنى تۈسىنى ئالغان ۋە ئىسلام دىنى پۇرىقى كۈچلۈك بولغان كىشى ئىسىملىرىمۇ بارغانچە ئازىيىۋاتىدۇ. مەسىلەن: «ھەبىبۇللا، نەسرۇللا، زاھىردىن،سىراجىدىن» دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشمۇ ئازايدى.
4) ئۇيغۇرلاردا ئىسىملارنىڭ ئىخچام، قىسقا بولۇشىنى ياقىلاشمۇ نۆۋەتتىكى يېڭى يۈزلىنىش بولماقتا. ئىلگىرىكىدەك « مۇھەممەدتۇرسۇن، مۇھەممەدئىمىن، مىرزىئەخمەت» دېگەندەك نەچچە سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلىدىغان بىرىكمە ئىسىملار ئازىيىپ، تاق سۆزدىن تۈزۈلگەن ئىسىملارنى قويۇش ئادەتكە ئايلانماقتا.
5) قىز – ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىدىكى «خان، نىسا، گۈل» سۆزلىرى قوشۇلغان ئىسىملار ئازىيىپ، ئىلگىرىكىدەك «رەناگۈل، پاتەمنىسا، رەھىمخان» دەپ ئاتالماستىن «رەنا، پاتىمە، رەھىمە» دەپلا ئىستېمال قىلىنىدىغان ھالەت شەكىللەندى.
6) قىز-ئاياللار ۋە ئەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنىڭ كەينىگە ئەركىلىتىش ۋە يېقىن كۆرۈشنى مەقسەت قىلىپ، ئىسىملارنىڭ تەۋەلىك شەخس قوشۇمچىسى «م» ھەرىپىنى قوشۇپ ئىشلىتىش ئادىتى تەدرىجىي ئازىيىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئىلگىرىكى «رەشىدەم، خاتەم، ساجىدەم، ئابدۇللام» دېگەندەك ئىسىملار ئۆلچەملىك ھالدا «رەشىدە، خاتىمە، ساجىدە، ئابدۇللا» دەپ ئىستېمال قىلىنىۋاتىدۇ.
7) ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە مەنىلىك، يېقىملىق ۋە گۈزەل ئاڭلىنىدىغان چەت ئەل كىشى ئىسىملىرىنىمۇ قويۇش ئادىتى شەكىللەندى ۋە شەكىللەنمەكتە. مەسىلەن: «ئەلفىرە، مەرفىنە، نىگارە، ئىلدانە(قىز)، رافائىل(ئوغۇل)» دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇش خاھىشى نىسبەتەن كۈچلۈك ئىپادىلەنمەكتە.
8) ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە كىشى ئىسىملىرى قويۇشتا ساپ ئۇيغۇرچە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىللە، چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان، مەنىلىك ئىسىملارنى قويۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. مەسىلەن: غەيرەت كۈرەش ئۆركەش ئازاد ئەركىن يالقۇن جۈرئەت
9) ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نۆۋەتتە ئەنئەنىۋى ئىسىملارنى قويۇش، يەنى مەردلىك، قەھرىمانلىق، قەيسەرلىك ۋە بىلىملىكنى ئىپادىلەيدىغان قەدىمكى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى قويۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. مەسىلەن:
ئالپ ئايتېكىن قۇتلۇق ئايقۇت بىلىكزات ئەلقۇت بىلىكيار
10) يېقىنقى يىللاردا باشلانغان فامىلە قوللىنىش قىزغىلىقى سەۋەبلىك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەم فامىلە ھەم ئىسىم بولالايدىغان، شۇ ئىسىمنى كەلگۈسىدە ئەۋلادلىرىغا فامىلە ئۈچۈن قوللانسا بولىدىغان سۆزلەرنى ئىسىم ئورنىدا قويۇش خاھىشى كۈچەيمەكتە. مەسىلەن:
بۇغراخان ئەلتېكىن ئىخلاس ئالماس ئارسلان ئېلتەبىر ئېلتەرىش تۇمارىس
11) ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە قىسقا، خەنزۇچە خەت بويىچە يېزىشقا قۇلايلىق، ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىمۇ چىرايلىق، مەنىلىك ئىسىملارنى قويۇش قىزغىنلىقى شەكىللەنمەكتە. مەسلەن:
ئەلى ئادىل ئەركىن گۈلى زىبا رەنا
نۆۋەتتە، كىشى ئىسىملىرىنى ئىسلاھ قىلىش، ئاساسەن يۇقىرىقى تۈر ۋە ساھەلەر بويچە داۋاملاشماقتا. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلاردىكى يىراق قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئىسىم قويۇش ۋە ئىستېمال قىلىشتىكى ئەنئەنىۋىلىك مىللىتىمىزنىڭ تۈرلۈك ئېتىقادلىرى، تۇرمۇش قاراشلىرى، ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەن زىچ بىرلەشكەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئىسىملار زامان تەرەققىياتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ماسلاشقان ھالدا تەرەققىي قىلىپ ئۆزگەرمەكتە. بىز يەنىلا ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىكى ئەنئەنىۋىلىكنى مىللەتنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى بويىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم، شۇنداقلا كىشى ئىسىملىرىدا شەكىللىنىۋاتقان يىڭى ئىسلاھاتنىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى تونۇش، قاراش ۋە مىللىي پسىخىك ئالاھىدىلىكى بويىچە راۋاجلاندۇرۇش، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا فامىلە ئىشلىتىش ۋە ئىسىم قويۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز لازىم.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. ئەنۋەر سەمەت غەربى: «ئۇيغۇرلاردا فامىلە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002- يىل 12- ئاي 1- نەشرى.
2. «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىش قائىدىسى»، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى، 2002- يىل 11- ئاي 1- نەشرى.
3. ئابدۇرەئوپ پولات: «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1994- يىل 12- ئاي 1- نەشرى.

ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: گۇچۇڭ ناھىيە شىبېيۋەن ئوتتۇرا مەكتەپ

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1108

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش