ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » تەپەككۇرغا تۇتقۇن بىز

تەپەككۇرغا تۇتقۇن بىز

düşünce özgürlüğüئابدۇۋەلى ئايۇپ

”ئۇيغۇرلۇق مۇساپەمدىكى ئامېرىكا“نىڭ داۋامى

    شەنبە ئاخشام ئۆيىمىزگە مىھمان بولۇپ كەلگەن جان ئىسملىك بۇ ئامېرىكىلىقنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئايالىم ئىككىمىزنى ھەيرانۇ-ھەس قىلدى. ئەگەر ئۆزى بۇ ئەلدە چوڭ بولغان تىپىك ئامېرىكان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمىگەن بولسا دېڭىزدەك زەڭگەر كۆزلىرى ۋە ساپسېرىق بۈدۈر چاچلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىيالمىغان بولاتتى. ئۇ قەشقەر ئۇنۋېرسىتىتىدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە ئۈگەنگەندىن كېيىن غۇلجىدا بەش يىلدەك تۇرغانىكەن. شۇڭا ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭكىگە بەكرەك يېقىن ئېدى. ئۇنىڭ تور ۋە تېلفوندىكى ئىلخەت ۋە ئۇچۇرلاردا كۆپرەك قوللىنىۋاتقان لاتىن ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان مەكتۇبى زوقۇمنى كەلتۈرگەچكە كۆرۈشۈشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ۋە ئۆيگە مىھمانغا تەكلىپ قىلغانىدىم.
     ئايالىم بىز بىلەن بىر پەس پاراڭلاشقاندىن كېيىن مەسئۇدەنى ھىكايە سۆزلەپ ئۇخلىتىش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى. ئىككىمىز ۋەتەن پاراڭلىرىغا چۈشۈپ كەتتۇق. جاننىڭ ھېلى قەشقەر، ھېلى غۇلجا ھەققىدە قىززىپ سۆزلەشلىرىدىن ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنى سېغىنغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئىككىلىمىز ئۇيان-بۇياندىن پاراڭلىشىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزنى ئەسلەشتۇق. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئېنگىلىزچىنى جان ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەندەك ئۆگېنەلمىگەن ئېدىم. ئۇنىڭ قانداق قىلىپ ئىككى يىل ئىچىدە بۇنداق راۋان ئۈگىنىۋالغانلىقىنىڭ سىرىنى سورىدۇم . – مەن ئۇيغۇرچىنى مەھەببەت ئۈچۈن ئۈگەنگەن. كىشىلەر تىللارنى خەلقئارا تىل، پەن تىلى، سودا تىلى دەپ ئايرىشىدىكەنغۇ، مەنچە ئۇيغۇرچىنى مۇھەببەت تىلى دېسە بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا خۇداغا، خۇدا ئەزىز قىلغان ئىنسانغا، ھەمدە ئىززەتلىك ئىنسانلار ئۈچۈن يارىتىلغان بارلىق مەۋجۇداتقا بولغان سۆيگۈ بۇلدۇقلاپ تۇرىدۇ. سىز مېنى بايا ئۇيغۇرچىنى سۇدەك سۆزلەيدىكەنسىز دېدىدىڭىزغۇ، ئۇيغۇرچە ماڭا سۇدەكلا بېلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەش كىشنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرىدۇ. جىسمىمىزنى خۇددى سۇدەك پاكلاپ راھەتلەندۈرىدۇ، روھنى ئاۋۇندۇرىدۇ، جانغا جان قوشىدۇ.
    مەن ئەسلى بىر مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى تەركىبىدە قەشقەرگە كەلگەن. بىر كۈنى ئۈچەيلەن شەھەرنى پىيادە ئايلىنىپ بىر كوچىنىڭ دوقمۇشىدىكى ئۈجمە سايسىغا كېلىپ ئولتۇردۇق. ئىككى ئۈچ مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئون ياشلاردىكى بىر بالا چىقىپ كەلدى ۋە بىزگە ئورۇندۇق قويۇپ بەردى. بۇ دىلكەشلىكتىن سۆيۈنۈپ ئولتۇرساق ھېلىقى بالا ئۈچەيلەنگە ئۈچ قاچا دوغ سۇندى. ھاۋا تونۇردەك ئىسسىپ كەتكەن ئۇ كۈنلەردە بىزگە بۇ دوغ شۇنداق تېتىپ كەتتى. بىرەر ئايدىن كېيىن ئامېرىكىغا قايتتىم. ئەمما كۆڭلۈم قەشقەردە قالدى. ماڭا جۇڭگودىكى ھېچقانداق شەھەرگە ئوخشىمايدىغان بۇ يەردە كۆمۈلۈپ قالغان بىر سىر باردەكلا تۇيۇلاتتى. ئاشۇ ئەگرى- بۈگرى تار كوچىلاردىن كەپسىز نەۋرېلىرىنى يېتىلىگەن ساقاللىق بوۋايلار بىلەن ياغلىقلىق مومايلار دەۋرەپ چىقىپ جاھاننىڭ بۈگۈنكى ئىنسانلاردىن مەخپىي قالغان سىرلىرىنى جاكارلىۋىتىدىغاندەكلا بىر ھېسيات ماڭا ھەمراھ ئىدى.
     قەشقەرنىڭ ئىنسانىيەتكە مەخپىي قېلىۋاتقان سىرلىرى ئارام بەرمەي ئاخىر سىياتىلدىكى ۋاشىنگىتون ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى كەسپىگە ئوقۇشقا كىردىم. شۇ يەردە بىر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن مۇرادىم ھاسىل بولۇپ قەشقەرگە ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشكە كەلدىم. ئۇيغۇرچىنى ئازراق ئاڭقارغىدەك بولغاندىن كېيىن قەشقەر كۆزۈمگە تېخىمۇ ئىسسق كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ھەش-پەش دىگۈچە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. گۈپۈلدەپ ئۇيغۇر پۇرايدىغان بۇ شەھەر مېنى مېھىرلىك قوينىغا كۆندۈرىۋالدى. ئۇيغۇرچە سەۋىيەم قىسقىراق لەتىپە ۋە چۆچەكلەرنى ئوقۇپ تولۇق چۈشىنەلەيدىغان ھالەتتىن ئېشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھىيتگاھ ئەتراپىدىكى نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى كىتابپۇرۇشلۇق قىلىپ كەلگەن كىشىلەر بىلەن مىرزا ھەيدەر كوراگان، مۇھەممەد سادىق قەشقەردى، ئابدۇرەھىم نىزارى، موللا مۇسا سايرامى، قۇتلۇق شەۋىقى ئەمىر ھۈسەيىن قازىھاجىم ۋە ئابدۇلئەزىزخان مەخسۇم توغرىلىق مۇڭدىشالايدىغان بولدۇم. ئەمما ئۇلارنىڭ كىتابلارىنى شۇنچە تىرىشساممۇ ئوقۇپ چۈشىنەلمەي قىينىلاتتىم.
    بىر كۈنى ئوقۇتقۇچۇمغا مۇشۇ توغرىدا ئويلىغانلىرىمنى تۆكتۈم. ئۇ ماڭا ئاۋۋال ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلاردىن بىر ئىككىنى پىششىق ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن بۇرۇنقى ئەسەرلەردىن زوق ئالالايدىغانلىقىمنى ئېيتتى. ئوقۇتقۇچىمنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە ”چالىقۇشى“ دېگەن  روماننى ئوقۇماقچى بولۇپ قەشقەردىكى كىتابخانىلاردىن ئىزدەپ تاپالمىدىم. مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا كىرسەم ئوقۇرمەنلەر تېخى قايتۇرماپتۇ. ئەمدى چىقىپ كىتەي دەپ تۇرسام غۇنچە بوي، بۇغداي ئۆڭ، چىرايلىق بىر قىز ئۇسۇلچىلاردەك لەرزان قەدەم ئىلىپ، ئارىيەت شىرەسىنىڭ ئالدىىغا كىلىپ توختىدى. قايتۇردىغان كىتاپلىرىنىڭ ئارىسىدا ”چالىقۇشى“دېگەن ئىسىمنى كۆرۈپ كۆزلۈرۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. ئەپسۇسكى ئۇ قىز باشقا كىتاپلارنى قايتۇردىيۇ ”چالىقۇشى“ نىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتماقچى ئىكەنلىكنى دەپ تۇرۋالدى. كۇتۇپخانا خادىمى خۇددى ئۇ قىز بىلەن كونا تونۇشلاردەك چاقچاقلىشىپ كۆزۈمچىلا كىتابنى قىزغا ئۇزارتىپ بەردى. قىزنىڭ قولدىكى كىتابقا كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرشۇم ئۇنى قىزىقتۇردى بولغاي، مېنى ئوقۇيالماي قاراپ قالغان چېغى دەپ ئويلىدىمۇ ”چالىقۇشى!“ دەپ ماڭا قاراپ كۈلدى. مەن ئۇيغۇر قىزلىرى ئىچىدە ناتونۇش بىر ئەرگە ئەيمەنمەي كۈلۈمسىرىيەلەيدىغان بىرىنى ئاز كۆرگەچكە سەل مەڭدەپ قالدىم.
    گۇلباھار بىلەن تونۇشلىقمىز شۇندىن كېيىن باشلاندى. ئۇ سوۋغا قىلغان 96 تىيىنلىق ”چالىقۇشى“ ئىككىمىزنىڭ دائىملىق پاراڭ تېمىسغا ئايلاندى. ئۇ مېنى ئۇيغۇرچە كىتابلار دۇنياسىغا باشلاپ كىردى. بۇ دۇنيا قەھرىمان يىگىت ۋە ساھىپجامال قىزلار بىلەن گۈزەل ئېدى. مەن ئۆزۇمنى كىتابلاردىكى قەيسەر يىگىت، گۇلباھارنى بەرنا قىز دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. ئۇ ناخشىلارغا ئامراق ئېدى. ”غېرىپ-سەنەم“، ”رابىئە-سەئىدىن“،“غۇنچەم“ قاتارلىق دىراممىلارنىڭ ناخشىلىرىنى چىرايلىق، ھىسىياتلىق ئېيتاتتى. مۇھەببەتلىك كۈيلەرنى ئاڭلاپ، ئاشىقلارنىڭ قىسسىلىرى ئۈچۈن مۇڭلىنىپ، ئۇيغۇرنىڭ پارلاق ئۆتمۇشى بىلەن بىسەرەمجان رىياللىقىغا جۆر بولۇپ بىر يىل ھەش-پەش دىگۈچە ئۆتۇپ كەتتى.
    ئامېرىكىغا قايتىدىغان كۇنلىرىم بارغانچە يېقىنلاشماقتا ئېدى. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىلگە قويىۋەتكەن بولسىمۇ ئۇ كۇندە مەن بىلەن بىللە ئېدى. ئەتىگەندە مەكتەپكە كېلەتتى-دە، كەچكىچە مەندىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمايتتى. ئۇنىڭ ئويىدا باشقىلارنىڭ نىمە دەپ ئويلىشى، ئاتا ئانىسىنىڭ ئەنسىرەشلىرى ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىدا  بولىدىغان جامائەتچىلىكتىن ئىھتىياتسىراش دىگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوق ئېدى. ئاخىرى بىر كۈنى كەچتە ئېغىز ئاچتىم. بىز يۇلتۇزلۇق كېچىدە، خىلۋەت بىر كوچىدا كېتىۋاتقان ئىدۇق. ئۇنىڭغا ھاياتنىڭ مۇشۇنداق ئىككىمزگىلا مەنسۈپ كوچىلىرىدا ئاداققىچە مېڭىش ئارزۇيۇمنى بىلدۈردۈم. ئۇ خۇددى شۇ سۆزۈمنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا ”بۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئۆيدىكىلەر مېنى بىرەيلەنگە ئاللىقاچان دېيىشىپ بولغان!“ دېمىسەممۇ ماڭا ئالەم قازان بولۇپ ئۈستۈمگە دۈم كۆمتۈرۈلگەندەك تۈگىشىپ كەتتىم. شۇنىڭدىن باشقا نېمىلەرنى ئاڭلىغىنىم، يەنە نېمىلەرنى دېيىشكەنلكىمىز پەقەت ئېسمدە يوق.
     شۇندىن كېيىن قەشقەرنىڭ قاقشاللىقى، قۇرغاقلىقى ۋە قۇم توپىلىق ھاۋا رايى جانغا پاتىدىغان بولدى ۋە كېتىشكە كۆزۈم تۆرت بولدى. ئەرتىسى كۆزۈمنى يۇمۇپلا ئۈرۈمچىگە راۋان بولدۇم. ئامېرىكىغا قايىتقاندىن كېيىن ھەپتە ئاغرىپ يېتىپ، ئاران ئەسلىمگە كەلدىم. مەن بىر ئامېرىكىلىق بىلەن بىر ئۇيغۇرنىڭ تويلىشىشىنىڭ مۇمكىنلىكىدىن دەرگۇمان ئېدىم، ئەمما گۈلباھاردىن بۇنداق مۇمكىنسىزلىكلەر ھەققىدە ئۇنچىلىك تەمكىن ئىنكاسنى كۈتمىگەن ئېدىم. جاۋاپ ھەرقانچە ئالدىن تەييارلىنىپ بولغان بولسىمۇ لەۋلەردىن ئۇنچىلىك تەبىئىي، تۇيغۇسىز، بىپەرۋا چىقماسلىقى كېرەك ئىدى. ھىچ نېمە دېمەستىن يىغلاپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ناتىۋانلىقىنى چۈشەنگەن، چارەسىزلىكىگە چات كىرىۋالمىغان بولاتتىم. ئۇنىڭ مېنى ئامېرىكىغا ئۇزاتقان مەغرۇر، تەمكىن ھالىتىدىن ھەممېنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئۇ يەنە شۇنداق بىپەرۋا شۇنچىلىك تەبىئىي ئېدى. تۇنجى ئۇچراشقاندا مېنى مەڭدەتكەن كۈلكىسى بىلەن خوشلىشى مىنۇتلىردىكى كۈلكىسىدە ھېچقاندەك پەرق يوقتەكلا ئېدى. ئۇنىڭ كۈلۈپ ئۇزاتقان قوللىرىنى كۈلەلمەي قىسىپ خوشلاشتىم.
   ئۆزۈم ئامېرىكىدا كۆڭلۈم قەشقەردە، ئۇزاق يىللارنى ئۆتكۈزۈم. بىر قانچە قىز بىلەن مۇھەببەتلەشتىم، ئەمما ھېچبىرىدىن گۈلباھار ھەر كۆرۈشكەندە ھىس قىلدۇرىدىغان گۈزەللىكنى، لىۋەنلىكنى بايقىمىدىم. ھىچ بىرى گۈلباھاردەك سۆيۈملۈك بىلىنمىدى. گۈلباھار بىلەن مۇڭداشقان دەملەردىكى ئۆزۈمنى ۋە ئۆزگىلەرنى ئۇنتۇپ، ۋاقىتنىڭ ۋە مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلغان روھى ئازادىلىككە ۋە بەختىيارلىق تۇيغۇسىغا ھىچ قاچان ئېرىشەلمىدىم. بىز قەشقەرنىڭ ئادەم قاينايدىغان بازارلىرىدىن، ياش-بوغۇنلار سەگىدەيدىغان كوچىلىردىن ۋە سۆز-چۆچەك قانات چىقىرىپ ئۇچىدىغان ئۈستى يېپىق مەھەلىلىرىدىن ئاشۇنداق تۇيغۇلاردا سەيلە قېلىپ ئۆتكەن ئېدۇق.
    بىر قانچە يىل ئۆتۈپ گۈلباھارنىڭ توي قىلغىنىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ توي كۈنى گىرىملەرنى ياراشتۇرۇپ قىلغان ھالىتىدە قانچىلىك چىرايلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى خىيال قىلىپ، قەپەستىكى قۇشتەك يۇلقۇندۇم. شۇندىن كېيىن بەزىدە ئۇنى كۆپىنچە ئۆزۈمنى ئۆلۈپ كېتىپ چۈشەيدىغان بولۇپ قالدىم.
   بىر كۈنى قەشقەرنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەردىن چۆچۆپ كەتتىم. ئوقۇدۇم، سۈرەتلەر بىلەن ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن روھىمنى يۆلەپ تۇرغان مۇھەببەتلىك كەچۈرمىشلىرىم كۆزۈمچىلا بەرباتلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئازاپلاندىم. گۈلباھارنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى بىر قانچە كۈن سۈرۈشتۈرۈپ ئاران تاپتىم. ۋاي خۇدايىم، يەنە بۇرۇنقىدەك قىزغىن، يېقىملىق ئاۋاز، يەنە شۇنداق ۋىلىقلاپ كۈلۈشلەر… ئامېرىكىدىكى ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ ئۇنىڭ بىلەن قەشقەر ئەسلىمىلىرىگە قايتتىم. سەھەردە تېلفۇندا باشلانغان قەشقەر سەپىرىمنىڭ چۈشتىن كېيىنگە قانداق ئۇلاشقانلىقىنى بىلمەيلا قاپتىمەن. شۇ دەملەردە تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا يىللاردىن بېرى قۇرغاق، قىرتاق، زېرىكىشلىك سۆرىلىۋاتقان ۋاقتىنىڭ بىزەڭلەرچە مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپتىمەن.
   ئەتىسى گۈلباھاردىن بىر پارچە ئېلخەت تاپشۇرىۋالدىم، ئۇنىڭ ھېلىقى يۇلتۇزسىز كىچىدە بەرگەن جاۋابى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ نازى ئىكەندۇق. ئۇ پەقەت مېنىڭ ۋىزامنى ئۇزارتىدىغانلىقىمغا، ئۆزى ئۈچۈن قەشقەردە ئوقۇشى تۈگىگىچە ساقلايدىغانلىقىمغا، ئاتا-ئانىسى قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنچە ئاسان بولدى قىلمايدىغانلىقىمغا ئىشەنگەچكە شۇنداق دېگەن ئىكەن. شۇئان ئۇنىڭ يىللار بۇرۇن خاتېرەمگە دائىم يېزىپ قويىدىغان “ you make me cry, you make me angry, you make me disapponted “ ) مېنى يىغلىتىسەن، غەزەپلەندۈرىسەن، ئۈمىتسىزلەندۈرىسەن) دېگەن جۈملىسى ئېسىمگە كەلدى. بۇنىڭ مەنىسىنى ئەمدى چۈشەندىم، ئۇ كۆڭلىدىكىنى ماڭا دىيەلمەي، يا مەندەك دۆت ئامېرىكىلىققا قەلبىنى دائىم تولۇق چۈشەندۈرەلمەي شۇ قۇرلارنى قالدۇرغانىكەن. شۇ كۈندىن باشلاپ بىر ئەپسۇسلۇق ئېچىمنى تاتلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىككىمىز ئۆزىمىز ئادەتلەنگەن تەپەككۇرنىڭ تۇتقۇنلىرى ۋە قۇربانى ئېدۇق. ئۇ مەندەك ئاشكارىلىققا كۆنگەن ئامېرىكىلىقتىن ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس يۇشۇرۇن ئىشارەتلەر بىلەن بىلدۈرگەنلىرىگە جاۋاب كۈتۈپتۇ. مەن ئامېرىكىلىقلارغا خاس سۇئاللىرىمغا تۈز، بىۋاستە جاۋاب ئالالماي ئازابلىنىپتىمەن.
    يىللاردىن كېيىن ئېرىشكەن بەختتىن ئۆزۈمنى ئۇنۇتتۇم. ئەگەر خالىسا، قايتىدىن مېنى تاللىسا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىغۇم بارلىقىنى بىلدۈرۈپ خەت يازدىم، گۈلباھارنىڭ جاۋابى تېخىمۇ ئويلىمىغان يېرىمدىن چىقتى. ئۇ ئۆزىنى ئۈزۈلگەن گۈل، ئېچىلغان سىر دەپ قارايدىكەن، ئۇ ھالەتتە ماڭا يۈزلىنىشنى خالىمايدىكەن، ئۆزىنى مېنىڭ بىغۇبارلىقىمغا لايىق ئەمەس دەپ قارايدىكەن، مەن ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىمەن دەپ قارايتتىم، ئۆزەمنى ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ مۇتەخەسىسىدەك ھېس قىلاتتىم، ئەمما گۈلباھارنىڭ جاۋابى ماڭا ئۆزۈمنىڭ تېخىچە ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىنىڭ بوسۇغىسىدا ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردى. مەن گۈلباھار باشلاپ كىرگەن سۆيگۈ دۇنياسىغا قەدەم قويغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۇنىڭغا قەلبىم بىلەن سادىق بولۇپ كەلدىم، ئەمما ئۇ ماڭا تېنى ۋە روھى بىلەن سادىق ئىكەندۇق. شۇ ساداقىتى سەۋەپلىك قاباھەتلىك توي كېچىسىدىن كېيىن كېچىلەردىن قورقىدىغان بولۇپ قاپتۇ، بۇ تەشۋىش قارشىلىقلار ئاخىرى ئۇنى ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گېرىپتار قىپتۇ. مەن سوۋغات قىلغان كىتابلارنى، يازغان خەتلەرنى ساقلاپ تاياق يەپ، ئازار ئىشتىپتۇ…ھازىر بۇ ئاڭلىغانلىرىم ئېسىمگە كېلىپلا قالسا كۆزۈمنى يۇمۇۋالىمەن. ئۇنىڭ بەختىگە زامىنلىقلىرىم مېنى قىينايدۇ.
    قەشقەر ماڭا گۈلباھارنىڭ ياراشتۇرۇپ كېيىنگەن گۈزەل ھالىتىگە ئوخشايدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى. ئۇ قەشقەرگە ئامراق ئېدى. چېقىلغان قەشقەردىن ئۇنىڭ قانچىلىك ئازاپلانغانلىقىنى ھىس قىلالايمەن. چۈنكى ئۇ چېقىلغان، ئۆرۈلگەن، خاراپ قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، قىرىلغان، قىيسايغان، قاپقاقلىرى كاردىن چىققان ئىشىك دەرىزىلەرنى چېكىپ ئامالسىزلارنى ئامالسىز تىزىملاۋاتىدۇ. ئەسلى قەشقەر بۇرۇنقى تۇرۇقىدا گۈلباھاردەك چىرايلىق، جەلىپكار، ئوتلۇق ئېدى. ئەمدى قەشقەرگە بارغۇم يوق، سۈكۈتلۈك ھاياتقا، مەزلۇم تەپەككۇرغا، مەھكۇم نىشانغا باغلانغانلارنىڭ شاھىدى بولۇۋاتقان گۈلباھارنىڭ سۇلغۇن ھالىنى كۆرۈپ كۆڭلۈمنى غەش قىلغۇم يوق. ئۇ مەھكۇم پەرىشتەمنىڭ نەدە ئېكەنلىكىنى سورىماڭ، ئۇ قەلبىمدە خىياللىرىمدا.
   ئۇنىڭ شىئېر ئوقۇۋاتقاندەك ھاياجان بىلەن سۆزلەۋاتقان كەچۈرمىشىگە بېرىلىپلا كەتتىم. جان شۇ تاپتا قەشقەردە تۇرىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولسا كېرەك، ۋاقىتنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقان ئېدى. ئالدىمىزدىكى دورا دەرمەكلەر بىلەن ئۇيغۇرچە دەملەنگەن چايمۇ سوۋۇپ قالغان ئېدى. ئۇ خۇددى ئۇيغۇرچە سۆزلەش خۇمارىنى بۇ كېچە بىراقلا قاندۇرماقچى بولغاندەك، توختىماي سۆزلەيتتى. مەسئۇدەنىڭ چۈشەكەپ ئىسمىمنى چاقىرىشى ئۇنى گەپتىن توختاتتى. سائىتىگە قاراپ خىجىللىق بىلدۈرۈپ كۈلۈمسىرىدى-دە، خوشلىشىپ قوپتى. ئۇزاش ئالدىدا بىزنى ئايروپىلان ئىستانسىغا ئۇزىتىپ چىققۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلىگە رەھمەت ئېيتتىم، چۈنكى بىر ماۋسۇم بۇرۇن بۇ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغانىدىم.

ئۆزگەرسەڭ دەيمەن. مەن سۆيۈپ يازغانلىرىمنى ھاياتتىن مەنە ئىزدىگەن، يامان ئادەتلەرگە، خاتا پوزىتسىيەگە، ناتوغرا تەپەككۇرغا قۇل بولۇشنى رەت قىلغان، مۇۋەپپەقىيەتتىن ۋاز كەچمەيدىغان بارلىق قەدىردانلىرىمغا سۆيۈنۈپ ھەدىيە قىلىمەن. كۆزلىگىنىم ئورتاق خۇشاللىق، كۈيلىگىنىم ئۆزگىرىش مارشى، ئۈمىد مارشىدۇر.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1197

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش