ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت

ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت

ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت

ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ

ئەختەم ئۆمەر 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىگىرمە يىلى بىلەن دەۋرلەنگەن يېڭى دەۋر ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا، ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ ھەقىقىي بەدىئىي قىممىتىنى نامايان قىلىشتا بەلگىلىك تۆھپە ياراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ چىن ھەم ساددا، رېئال تۇرمۇشتەك سىدام ۋە گۈزەل، مەنىۋىي دۇنياسى باي ھەم مۇرەككەپ ئاددىي ئادەملەر تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىز ياخشى كۆرىدىغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى قوللىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇيدىغان، پىرسۇناژلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان، يادلايدىغان، بەدىئىي ئىدىيىسى ھەققىدە بەس مۇنازىرە قىلىدىغان بولدى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇنىڭغا ئاددىي ھالدا جاۋاب بەرگەندە يازغۇچى ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق خەلىققە ئەدەبىياتنىڭ قىممىتىنى تونۇتالىدى، دېيىش مومكىن.
ئەدەبىيات بىر خىل قىممەت ئىلمىدۇر. ئېنىقراق قىلىپ ئېيىتقاندا، ئالاھىدە بەلگە ئارقىلىق ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىممەت سىستىمىسىدۇر. ئۇ ئىنسان روھىي پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى. ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى ناھايىتى مۇرەككەپ يەككە پىسخىك ئامىل ۋە ئىجتىمائىي، تارىخىي ئامىللارغا باغلىق بولىدۇ. ئۇ كۆپ خىل مۇناسىۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىۋىي مەھسۇلات بولغاچقا، ھەر خىل ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتىسىيەلىرىنىڭ ھەممىسى ئەدەبىياتتا ئۆزىنىڭ ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. ئالاھىدە ئىجتىمائىي رىئاللىق ئۇنىڭغا مۇقەررەر تەلەپ قويغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا ھەر قانداق ئەدەبىي ئەسەرگە مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مەزمۇن ۋە يەككە شەخىسنىڭ پىسخىك مەزمۇنى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇ ئوخشىمىغان مۇناسىۋەتلەرنى ئىپادىلىگەندە، ئوخشىمايدىغان قىممەتنى نامايان قىلىدۇ.
ئەختەم ئۆمەر ئەدەبىياتنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدىغان يەككە، ئىجتىمائىي، روھىي، ئىدراكىي، ئېستىتىكىلىق قىممەتلەرنى جانلىق پېرسۇناژلار ئوبرازلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر خىل مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق ئورگانىك ھالدا ئۆز ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرەلىدى. شۇڭا بىز ئەختەم ئۆمەر پوۋېسىتلىرىنى ئوقۇغان چېغىمىزدا جامال، ھېكىم، پاتىمە، خۇمارخان ( « زېمىن، قارا ئادەملىرىڭگە » )، يۈسۈپ، نۇردۇن، سارەم، نەفىسە ( «قىيامەتتە قالغان سەھرا» )، نۇسرەت، ياسىن مەدەك، مۇھەممەت ئىمىن سەئىدىن ( «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل» )، شەمسىيە، ( «قۇملۇق تىترەۋاتىدۇ» )، قۇۋان توختى ( «مەن قان ئىچمەيىتتىم» ) قاتارلىق پىرسۇناژلارنىڭ ھاياتقا، تۇرمۇشقا، مۇھەببەتكە ۋە رىئاللىققا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەم قىممەت قارىشىنى، ئۇلارنىڭ خارەكتىر، تەقدىر تراگىدىيىسىنى كۆرىمىز. ئاپتور ئۇلار ئارقىلىق بىر پۇتۇن مىللەتنىڭ ئىجتىمائى ۋە روھي چوڭقورلىقىغا شۇڭغۇپ كىرىپ ،تەكلىماكان بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن جەزىرە روھىنى ئوېىراتسىيە قىلىپ، بۇرۇقتۇرمىلىق، نادانلىق، قاششاقلىق، مەنىۋىي گادايلىقنىڭ تۈپ يىلتىزىنى ئىزدەش بىلەن ھەرخىل ئجتىمائىي، تارىخىي جاراھەتلەرنى بەدئىي تەپەككۈر بىلەن ئدىراكي تەپەككۇرنىڭ بىر پۇتۇنلىكىدە ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەرگەن .
ئەختەم ئۆمەر ئەسەرلىرىنڭ بەدئىي قىممىتى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە ئوخشىمىغان قىممەت نوقتىسىدىن كۆزىتىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئېلان قىلغان پوۋىسىتلىرىنى ئېستېتىكىلىق قىممەت نوقتىسىدىن تەھلىل قىلغىنىمىزدا ، كۆپىچە تراگېدىيەلىك بەدئي قىممىتىنڭ ئىزچىللىققا ۋە چوڭقۇرلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. مەزكۈر ماقالىدە مۇشۇ نوقتىنى تۇتقا قىلغان ئاساستا پىكىر يۈرگۇزىمىز .
ئۇيغۇر پىروزىسىدا زۇنۇن قادىرنڭ ‹‹ماغدۇر كەتكەندە›› ھىكايىسىدىكى باقنىڭ تەقدىر تىراگېدىيىسىنى ئېستېتىكا كاتوگورىيىسىدىكى تراگېدىيلىك قىمەت يۈكسەكلىكىگە ئىگە دەپ ئېيتالمىساقمۇ، لېكىن كېيىنكى مەزگىللەردە تىراگېديىلىك چوڭقۇرلىققا يەتكەن ئەسەرلەر كەمدىن – كەم مەيداىغا چىقتى. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا ،ئەختەم ئۆمەر ئەسەرلىرىنى يىڭى بىر باشلىنىش ياكى يىڭى بىر بۇرۇلۇش دىيشكە ھەقلىقمىز. خۇددى مامبەت تۇردى يازغاندەك: ‹‹ئەختەم ئۆمەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئجابىي ۋە سەلبىي ئوبرازلارنڭ بالدۇرقى قۇرۇلمىسىنى، فورمىلىسىنى بۇزىۋەتتى…ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى جانسىز مودىللار جانلىق، مۇرەككەپ ئادەمگە ئورۇن بوشاتتى. بۇ بىلگەن ئادەم ئۈچۇن بىر مىللەت ئەدەبىياتىدىكى تارىخى بۇرۇلۇش. ››
بۇ ئەختەم ئۆمەر ئۈچۈن بېرىلگەن ئوبېكتېپ باھا، بۇخىل ‹‹تارىخي بۇرۇلۇش ›› نىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئەختەم ئۆمەر ياراتقان ‹‹تىراگېدىيىلىك قىمەت ›› ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

بىرىنچى، تىراگىدىيلىك سۇژىت شەكلى ۋە تىراگىدىيلىك پىرسۇناژ، تىراگىدىيلىك ۋەقە تىراگىدىيلىك كەيپىيات قاتارلىقلارنڭ كىتابخاننڭ روھىدا ئەكىس ئېتىشىنڭ مەھسۇلىدۇر.
ئەلۋەتتە تىراگىدىيلىك سۇژىت شەكلىمۇ ئاپتورنڭ پىرسۇناژ ،ۋەقە كەيپىياتنى قانداق ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلغانلىقى بىلەن باغلىنشلىق مۇھىم بىر بايانچىلىق ئامىلىدۇر .بىز ئەختەم ئۆمەر پوۋىستلىرىدىن يىڭچە تىراگىديلىك سۇژىت شەكلىني بايقىۋالالايمىز .
كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىمۇ تېراگىدىيە يىزىلغان .بۇ خىل تىراگىدىيلەر خەلقىمىزنڭ گۈزەللىك قاراشلىرىنڭ ئوبېكتيپ ئىنكاسى بولۇپ ،ئۇلاردا بۇددا تەلىماتلىرىدىكى رەھىمدىللىك ،ئىسلام كۆزقاراشلىرىدىكى ياخشىلىققا ياخشىلىق ،يامانلىقققا يامانلىق دەيدىغان ئەقىدىلەرنى تاق لىنيلىك ھېكايە سۇژىتى ئارقىلىق بايان قىلىش ئاساس قىلىنغان .
رېئال تۇرمۇشىمىزغا بىر قەدەم تىراگىېديلىك سۇژىت قۇرۇلمىسى ئەلشىر نەۋائيدىن تارتىپ ئابدۇرىھىم نىزارىنڭ مۇھەببەت داستانلىرىغىچە ھەم خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنلىرىدىكى مۇھەببەت تىراگىېدىيىلەرنڭ سۇژىىت قۇرۇلمىسىدۇر .بۇ قۇرۇلما بۇگۇنكى زامان پىروزا تارىخىمىزدىكى تۇنجى رومان ‹‹قانلىق يەر›› دىمۇ ئۆز ئپادىسىنى تاپقان ئىدى. بۇ مۇھەببەت تراگېدىيىلىرىنىڭ سۇژىت قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكىدەك:
«1) ئاشىق مەشۇقىنى كۆرۈپ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، ۋىسال ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ.
2) مەشۇق ئاشىقىنى چىن دىلىدىن سۆيىدۇ. ھەر قانداق زورلۇققا باش ئەگمەيدۇ.
3) دادا (ھامىي) ـــ ئاشىق بىلەن مەشۇقنىڭ ۋىسالىغا يول قويمايدۇ، كۈندەشكە يان باسىدۇ.
4) كۈندەش مەشۇقنى زورلۇق بىلەن قولغا كەلتۈرمەكچى بولىدۇ، ئاشىققا زىيانكەشلىك قىلىدۇ.
5) ئانا قىزىغا ھىسداشلىق قىلىدۇ. لېكىن چوڭ ياردەملەر بېرەلمەيدۇ.
6) مېھرىبان دوسىت، ئاشىقنىڭ ياردەمچىسى ئۇنىڭغا يار يۆلەك بولىدۇ.» ③ئەنئەنىۋى مۇھەببەت تراگېدىيىلىرىنىڭ خارەكتىرى قىلىپلاشقان ياكى ئۇلاردا ئۆزگىرىشى چوڭ بولمىغان. بىر خىل قىلىپتىكى سۇژىتنىڭ تەكرارلىنىۋېرىشى ئېستىتىك ئۈنۈمنى ئاجىزلاشتۇرۋەتكەن. ئەختەم ئۆمەر پوۋسېتلىرىدا تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە باي بولغان پېرسۇناژلار خارەكتىرى يارىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاددىي ھالدىكى باغلىنىش ۋە مۇناسىۋەتلىرى ئەمەس بەلكى ھەرىكەتچان، زىددىيەتلىك كۈرەشلىرى تەسۋىرلەندى. پېسۇناژلار ئەخلاقىي نۇقتىدىلا ئىجابىي ياكى سەلبىي دەپ ئايرىلماستىن، بەلكى ھەقىقىي ئادەمدە بولىدىغان، ھەرىكەت ۋە ئىدىيە ئارقىلىق ئىنسان تەبىئىيىتى ئىپادىلىنىدىغان خارەكتىر ۋە تىپلارنىڭ ئۆسۈش تارىخى يورۇتۇلدى.
«قۇرتلاپ كەتكەن كۆل» پوۋېسىتىدىكى ياسىن مەدەك نەشە چېكىدۇ، قىمار ئوينايدۇ، خوتۇنى بار تۇرۇپ، نۇسرەتكە مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ. لېكىن نۇسرەت نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشتىن نەپرەتلەنمەي، پىژغىرىم ئىسسىقتا ئۇنىڭ يولىغا تەلمۈرىدۇ؟ مانا بۇ يازغۇچىنىڭ ئىنسان تەبىئىيىتىدىن ئىبارەت مۇرەككەپ، مەۋھۇم ئۇقۇمنى سەنئەت ئاساسىدا نامايان قىلىش ماھارىتى، خارەكتىر يارىتىشتىكى سىھرىي كۈچى. ھەر قانداق ئەسەردە ئىنسان تەبىئىيىتى رامكىغا چۈشۈپ قالسا تەرەققىياتقا ئىرىشەلمەيدۇ. ئاپتۇر ئىنسان تەبىئىيىتىنىڭ مۇقىم ئۆزگەرمەس، قىلىپلاشقان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزگىرىشچان، چەكسىزلىككە ئىگە ئىكەنلىكىدەك قانۇنىيىتى ئارقىلىق پېېرسۇناژلار خارەكتىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسەتتى. ئۇ «زېمىن، قارا ئادەملىرىڭگە» پوۋېسىتىدا جامال خاراكتىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئوبىيىكتىپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان غايە،جەمئىيەت، كەسىپ، ئائىلە، دەۋر قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ناھايىتى جانلىق كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئەنئەنىۋى قېلىپ ۋە ئەندىزىلەرگە چۈشمەيدىغان جامال ئوبرازى مەيدانغا كەلگەن. ئۇ يەنە ئىنسان تەبئىتىدىكى خاراكتىرلىك خۇسۇسىيەتلەرنىڭ پىرسۇناژ خاراكتىرىنى ئېنىقلىققا ئىگە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتەلىدى. .«مەن قان ئىچمەيتتىم »پوۋېسىتىدىكى قۇربان توختى ئۈچ ئادەمنىڭ بېشىغا چىققان ۋەھشىي قاتىل بولسمۇ، بىز ئەسەرنى ئوقۇغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلىمىز، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە ، ناھەقچىلىقارغا ئېچىنىمىز ، قۇربان توختى بىلەن تەڭ بوغۇلۇپ، تەڭ غەزەپلىنىمىز، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن تەقدىر تېراگىدىيىسىگە ئىچىنىمىز. بۇ دەل ئىنسان تەبئىتىدىكى ئاقكۆڭۈللۈك، رەھىمدىللىك، ھەققانىيەت تۇيغۇسىنىڭ قۇربان توختىدىن ئىبارەت ۋەھشىي قاتىل خاراكتىرىدىكى ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ئاپتۇر ئۇنىڭ خاراكتىرىنى ياراتقاندا مۇشۇ ئىنچىكە ئامىللارنى تەسۋىرلەپ بىرەلىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ خاراكتىر ئېنىقلىققا ئىگە بولدى. «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل»دىكى مۇھەممەتئىمىن سەئىدىنىڭ خاراكتىرىدىكى ھەققانىيلىق، نۇسرەت ئوبرازىدىكى ساددىلىق، رەزىللىككە ئىنتىلىش، «قۇملۇق تىترەۋاتىدۇ»دىكى شەمسىيە، «ئومىقىم كۆزۈڭنى ياشلىما»دىكى مىھرايلارنىڭ مۇھەببەت، تۇرمۇش، ئەخلاق ئۆلچەملىرى دەل بۇ پىرسۇناژلار تەبئىتىاىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەر بولۇپ، مۇشۇ ئۆزگىچىلىكلەر ئۇلارنىڭ خاراكتىرىنى ئاددى، سىدام تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئىچىدە ئىنىقلىققا ئىگە قىلالىدى.
ئىنسان تەبئىتىدىكى زىددىيەتلەر خاراكتىر توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسىي ئامىلدۇر. «زېمىن، قارا ئادەملىرىڭگە»دىكى جامال ئۆزىدە ئۇلۇغۋار غايىلەرنى تىكلىگەن بىر زىيالىي ئىدى. ئۇ ئۆز ۋۇجۇدىدا گۈزەل ئەخلاق- پەزىلەرنى يىتىلدۈرگەن ، ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى چۈشەنگەن ياش ئىدى. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىن ئىبارەت ئاپەتلىك يىللاردا ئۇنىڭ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلرى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،ئۆزىدىكى مەنىۋى گۈزەللىكلەرگە قارىمۇ قارشى بولغان باشقا مۇھىتنىڭ قورشاۋىدا قالىدۇ. ئۇنىڭ غۇرۇرى زەربىگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئېڭىدا ئۆچ ئېلىش، جاھاننىڭ رەپتارىغا كېرىۋىلىشتەك رەزىل خىياللار ئويغىنىدۇ ۋە بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. كېيىن جامالنىڭمۇ رەسۋاسى چېقىپ، قولغا ئېلىنىدۇ. ئۇ بىرقانچە يىل تۈرمىدە يېتىپ قايتىپ كېلىدۇ. تۇرمۇش يەنە ئۇنى قوينىغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە ياشاشقا، تېنىمسىز يۇقىرىغا يامىشىشقا باشلايدۇ.
مانا بۇ ئىنسان خاراكتىرىنىڭ قارىمۇ قارشىلىقتىكى بىرلىكى بولۇپ، ئاپتۇر بۇ ئارقىلىق ھايات چەمبىرىكى ئىچىدىكى ئادەمنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئىزدەندى. بەدئىي تەپسىلاتلارنى چىنلىققا ئىگە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ئادەمگە بولغان تەسىرىنى ۋە ئادەمنىڭ مۇھىتنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىدەك ئاكتىپ ئىجتىمائىي پائالىيەتچانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدا بىرقاتار تىراگىدىيىلىك ئوبرازلارنى ياراتتى. جامال، ھېكىم، پاتەمخان، خۇماخان(«زېمىن،قارا ئادەملىرىگە»)، مۇھەممەتئىمىن سەئىدىن، نۇسرەت، ياسىن مەدەك، ھاشىرخان («قۇرتلاپ كەتكەن كۆل»)، يۈسۈپ، سارەم، نەفىسە(«قىيامەتتە قالغان سەھرا»)،شەمسىيە («قۇملۇق تېترەۋاتىدۇ»)، قۇربان توختى(«مەن قان ئىچمەيتتىم»)، مىھراي(«ئومىقىم، كۆزۈڭنى ياشلىما»)قاتارلىق پېرسۇناژلارنىڭ بىزنىڭ قوبۇل قىلىش ئېستېتىكىمىزگە شىددەت بىلەن سېڭىپ كىرىپ، نېرۋىلىرىمىزنى غىدىلاپ، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئوبرازلارنىڭ تېراگىدىيىلىك قىممىتى ئۈستىدە ئويلىنىپ، بېقىشقا دەۋەت قىلدى.
ئومۇملاشتۇرغاندا، ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى پېرسۇناژلارنىڭ تىراگىدىيىلىرىنى تەقدىر تېراگىدىيىسى دېيىشكە بولىدۇ. «زېمىن، قارا ئادەملىرىڭگە»نى مىسال ئالايلى: پوۋېسىتتىكى جامال كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، تەقدىر تېراگىدىيىسىنىڭ قۇربانى. چۈنكى جامال ئەتراپىدىكى مۇھىت تۈپەيلى تىراگىدىيىلىك تەقدىرگە يولۇقتى. ھېكىم چورۇقنىڭ دەسلەپتە ھوقۇقىغا تايىنىپ، زوراۋانلىق قىلىپ، نۇرغۇن خوتۇن-قىزلارنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىمىز. لېكىن «ئۆتنە ئالەم»دېگەندەك ئۇنىڭ جامال تەرىپىدىن خورلۇققا ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، تەكلىماكان ئىچىگە ئەسەبىيلەرچە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئۇنىڭغا ھېسداشلىقىمىز قوزغىلىدۇ. ھېكىم چورۇقمۇ ئەسەردىكى بىر تېراگىدىيىلىك ئوبراز. ئۇنىڭ تىراگىدىيىسى ئۆزىنىڭ خاراكتىر تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلىدۇر. يەنى ئۇنىڭ تىراگىدىيىسى خاراكتىرا تىراگىدىيىسىدۇر. لېكىن ھېكىم چورۇق گەرچە ئۆز خاراكتىر تەرەققىياتىنىڭ ھەقىقىي جازاسىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خاراكتىرىنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنىمۇ ئېتىبارغا ئېلىش كېرەك. بىز بۇ تېراگىدىيە قەھرىمانلىرىغا نەپرەت كۆزىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىنسان تەبئىتى نۇقتىسىدىن قاراشقا مەجبۇرمىز.

ئىككىنچى ، تىراگىدىيىلىك قاتلام

ئادەم تەبىئەت بىلەن قوشۇلۇپ، بىر ئىكولوگىيىلىك سېستىما شەكىللەندۈرىدۇ. ئادەملەرنىڭ ياشاش مۇھىتىدا تەبىئەتنىڭ ئوينايدىغان رولى ناھايىتى زور بولۇپ، ئادەم تەبىئەتنىڭ كىچىككىنە زەررىسىدىن ئىبارەت. ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى زىددىيەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدىغان دىئالېكتىك بىرلىك مۇناسىۋىتىدۇر. تەبىئەت ئادەملەرنى تەبىئەتتىن ئالغان نەتىجىسىگە لايىق جاۋاپ قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىنسانلار تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى بىلگەندىن كىيىنكى نەچچە مىڭ يىللىق ئىجتىمائىي پائالىيەت تارىخىدا تەبىئەتكە ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارنى كەلتۈردى. بۇ تەبىئەت بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى غايەت زور ئۈزۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خۇددى ئېنگىلىس ئېيتقاندەك:«ئادەملەرنىڭ تەبىئەت ئۈستىدىن قىلغان غەلبىسى ئاخىرقى ھېساپتا ئۇلارنى ئارتۇقى بىلەن جازالىدى.»
ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ بىرلىك مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەشكە دىققەت قىلغان بولۇپ، ئېكولوگىيىلىك تەڭتەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى ھەم ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە روھىيىتىگە بولغان بولغان زەربىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ تىپىك پىرسۇناژلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىىدىكى كۆرەشلەر ۋە بۇ پىرسۇناژلارنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان مۇھىتنى كۈچلۈك ئىچكى بىرلىككە ئىگە قىلىپ، تەكلىماكان ئادەملىرىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولغان ئورمانلارنى، دەريالارنى ئاسراشقا دەۋەت قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئادەم تىراگىدىيىسى بىلەن جىپسىلىشىپ كەتكەن تەكلىماكان، يەنى تەبىئەتنىڭ تېراگىدىيىسىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.
تراگېدىيىلىك ئەسەرلەردە تراگېدىيە توقۇنۇش ئارقىلىق ئاندىن يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلىدۇ. زىددىيەت، توقۇنۇش يېزىلغاندىلا ، ئاندىن تراگىدىيىلىك پېرسۇناژلارنىڭ ھەركىتى چىنلىققا ئىگە بولىدۇ. ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تېراگىدىيە ئادەملەر بىلەن تەبىئەتنىڭ توقۇنۇشى جەريانىدا يۈكسەلگەن. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ قۇرغاقلىقىنى ئىپادە قىلىنغان. ناچار تەبئىي مۇھىت بىلەن ئادەملەرنىڭ كۈرىشى ئاساسىدا پىرسۇناژلارنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى زىددىيەت-توقۇنۇش كۆرسىتىپ بىرىلگەن.
«قۇرتلاپ كەتكەن كۆل»پوۋېسىتى مۇشۇ خىل تىراگىدىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلگەن ئەسەردۇر.بىز بۇ ئەسەردىكى ھەربىر پىرسۇناژنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدىن، گەپ-سۆزلىرىدىن كۈچلۈك چىنلىق ھېس قىلىپلا قالماي، تەبىئەت بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ئادەملەر ئورازىنى ھەقىقىي كۆرەلەيمىز.
ئاياغقۇم يېزىسىنىڭ ناچار تەبئىي شارائىتى، سۇسىزلىق، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ قۇملۇق تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلىشى ۋە بۇنىڭغا ماس بولغان كىشىلەردىكى نادانلىق، كورلۇق، قاششاقلىق قاتارلىقلار بۇ يېزىنىڭ پۈتۈن ھايات مەنزىرىسى سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا ئايان بولىدۇ. مۇھەممەتئىمىن سەئىدىننىڭ يېزىسىنىڭ سۇ مەسىلىسى بىلەن خەلقنىڭ نادان ھالىتىدىن ئاچچىقلىنىپ تېپىرلاشلىرى، نۇسرەتنىڭ قەلبىدە ئويغانغان ئوتتەك مۇھەببەت قىزغىنلىقى بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىنى نەم توپىغا يېقىپ، ئەزەلدىن ھېس قېلىپ باقمىغان ھېسلارغا چۆمۈشى، ياسىن مەدەكنىڭ ئوتتەك قۇملۇق ھاۋاسىدا يېزىدىكى «غوجاملارغا»توختىماي سۇ توشۇشى بىلەن ئۇلارغا بولغان غەزەپ-نەپرىتى قاتارلىقلار ئادەملەرنىڭ تەبىئەت بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى زىچ ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تەقدىرى تەبىئەتنىڭ تەقدىرى، تەبىئەتنىڭ تەقدىرى ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئەختەم ئۆمەرنىڭ زىيالىي ياشلار تېمىسىغا بېغىشلانغان «قۇملۇق تېترەۋاتىدۇ»ناملىق پوۋېسىتىدا«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا چېنىقىش ئۈچۈن ئاق ئۈجمە يېزىسىغا قايتا تەربىيە ئېلىشقا چۈشكەن زىيالىي ياشلاردىن شەمسىيە، جۆرى، مېھرىنسا قاتارلىقلارنىڭ ئاپەتلىك يىللارنىڭ ھەرخىل بېسىملىرى بىلەن كىشىلىك تۇرمۇشتا ئەگرى توقايلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ پاك روھى بۇلغانغان، تېنىگەن ھالەتلىرى، ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك ئارزۇ-غايىلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىر پارچە نان ۋە جەبىر-جاپالىق بۇ يېزىدىن كېتىۋىلىش ئۈچۈن ئىنسانىي خىسلەتلىرىنى قۇربان قىلغانلىقى كونكىرت ۋەقەلەر ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەن.
تەبىئەتنىڭ ئۆزى بىر سىمۋول. پوۋېسىتتا شەمسىيەنىڭ ئوي خىياللىرى بىلەن ئۇنىڭ بىرقانچە قېتىم قۇملۇقنىڭ تېترەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانلىقى يېزىلغان. قۇملۇقنىڭ تېترىشى دەل شەمسىيەنىڭ مۇرەككەپ روھىي ھالىتىدىكى توقۇنۇشقا، ئۇنىڭ تېنى بىلەن روھى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە سىمۋول قىلىنغان. قۇملۇق نېمە ئۈچۈن تېترەيدۇ؟ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تۇرغۇنلۇق يەرشارىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلانغاندا، ئۇ تېترەيدۇ.، يۆتكىلىدۇ، كۆچىدۇ. شەمسىيەنىڭ يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلىرى بار، ئۇ كىلەچەككە ئىنتىلىدۇ ھەمدە بۇ ھەقتە باشقىلاردىن كۆپرەك ئويلايدۇ. لېكىن ئوبىيىكتىپ شارائىت ئۇنىڭ غايىلىرى ئۈچۈن توسالغۇ، بۇ توسالغۇلارنى يېڭىش ئۈچۈن، ئەخلاقنى ۋە پاكلىقنى بەرپات قىلىشى كىرەك. لېكىن ئۇنىڭ غۇرۇرى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بۇ يېزىدا ئالتە يىل ۋاقىتنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ يەرگە كەلگەن زىيالىي ياشلار ناھايىتى تېزلا روھ بىلەن تەن ئوتتۇرىسىدىكى بۇ توقۇنۇشنى ھەل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئىستىقبالى»غا ئىرىشدۇ. لېكىن شەمسىيە ئۇنداق قىلالمايدۇ. شۇڭا ئۇ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە گالۋاڭ، بۇزۇق ۋە ساراڭ. يازغۇچىنىڭ ئەخلاق تېمىسى ئارقىلىق بىزگە كۆرسەتمەكچى بولغىنى روھ مەسىلىسدۇر . تەن بىلەن روھنىڭ توقۇنۇشى ئەزەلدىن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مەڭگۈلۈك تېما بولۇپ كەلدى. تەن بىلەن روھ ئىنساننى تەشكىل قىلغۇچى ئىككى چوڭ ئامىل. تەن بولۇپ روھ بولمىسا، ئۇ ھايۋان ياكى مىخانىك قۇرۇلمىدىنلا ئىبارەت. ئەسەردە مىھرىنسانىڭ بىر كىچىك كەنتنىڭ ساۋاتسىز، زومىگەر دۈيجاڭنىڭ ئاشنىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى، ئىرادىلىك، غۇرۇرلۇق،ھەق- ناھەق قارىشىغا ئىگە جۆرىنىڭ بىردىنلا ئۆز ھايات ئەقىدىسىگە ئاسىيلىق قىلىپ، مىڭ تەستە ئىرىشكەن مۇھەببىتىدىن كېچىپ، دەسلەپ ئەۋۋەلنىڭ «كىچىك خانىشى»غا ئايلانغان مىھرىنساغا تەلەپ قويۇشى، كىيىن شۇجىنىڭ بىر بالىلىق بولغان قىزىغا«كۆيۈپ قىلىشى»روھنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسەتمەمدۇ؟
«ئەدەبىيات ئىلمى ئىنسانىيەت روھىي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىلمى»④يازغۇچىنىڭ روھى چۈشكۈنلۈك، روھىي تۇراقسىزلىق، روھنىڭ بۇزۇلۇشى، تېنىشى، شەخسىيەتچىلىك ۋە باشقا ناچار ھادىسىلەرنى قامچىلىشى، ئەخلاق ۋە روھنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تارىخىي يىللاردا يۈز بەرگەن بىر قاتار تېراگىدىيىلەرنى ئىنكار قىلالايمىزمۇ؟ ئەختەم ئۆمەر ئۆزىنىڭ پوۋېستلىرىدا رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى يادرو قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، ئەخلاقىي،دىنىي قاتلاملىرى بويىچە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، كىشىلىك ھاياتتىكى تۈرلۈك تراگېدىيىلەرنى ھەر تەرەپلىمە ئىچىپ بەردى.
ئاياللار مەسىلىسى ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى يەنە بىر تىراگىدىيىلىك قاتلامدۇر.
ئاپتۇرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىجادىيىتى بولغان«زېمىن، قارا ئادەملىرىڭگە» پوۋېسىتىدىكى پاتىمە، خۇماخان قاتارلىقلار مۇرەككەپ خاراكتىرگە ئىگە پىرسۇناژلاردۇر. ئۇلارنىڭ خاراكتىرىدىكى مۇرەككەپلىك ۋە زىددىيەت رېئال مۇھىتنىڭ ئاياللارنىڭ ئورنىغا ۋە ھوقۇقىغا بولغان كەمسىتىش ۋە بېسىمدىن پەيدا بولغان. «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل»پوۋېسىتىدىكى نۇسرەتنىڭ قەلبىدىكى گۈزەللىك، پاكلىق، ئاددىيلىق بىزنى شۇندا ق سۆيۈندۈرىدۇ. نۇسرەت جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشىگە، ئىشەنچىسىگە ئىرىشەلمەيدۇ. ئەخلاقسىز دەپ ئەيىبلىنىدۇ. ئۇ دادىسىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىنى ئۆتۈنىدۇ. لېكىن دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكى ئاخىرى بىرىپ نۇسرەنىڭ ئۆلۈم تىراگىدىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خۇددى ئارستوتېل ئېيتقاندەك:«ئۇرۇق-تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوقۇشماسلىق(قەبىھ ۋاستىلەر بىلەن ئەمەس)كەلتۈرۈپ چېقارغان ئۆلۈم، ئازاپ، يارىلىنىش قاتارلىقلار كۆپچىلىككە ئېچىپ كۆرسىتىلسە، بۇ يۈكسەك دەرىجىدىكى تراگېدىيىلىك ئىچى ئاغرىتىشنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ.»⑤دېمەك، نۇسرەت تراگېدىيىسى يۈكسەك دەرىجىدىكى تراگىدىيىلىك سەنئەت قىممىتى پەيدا قىلىش بىلەن بىللە ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن،ئاياللارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىدىغان قەلب بولۇشى كېرەكلىكىنى،ئاياللارغا كونا ئەخلاق فېئوداللىق قاراشلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭ باراۋەرلىكنى، ئىشەنچنى چېقىش قىلىپ، ئىنسان تەبئىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئاساسىدا مۇئامىلە كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۈچىنچى، تراگېدىيىلىك گۈزەللىك ۋە تراگېدىيىلىك قىممەت

ئەدەبىياتتا تىلغا ئېلىنىدىغان تراگېدىيە بىلەن تۇرمۇشتىكى تراگېدىيىنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئارستوتېلدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈندىكى تراگىدىيە تەلىماتچىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ ئىككىسىنىڭ ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا بايانلارنى قالدۇرغان. ئەگەر تۇرمۇشتا تراگېدىيە بولمايدىكەن، ئۇنداقتا ئەدەبىياتتىمۇ تراگېدىيىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. تۇرمۇشتىكى تراگېدىيە ئەدەبىياتتىكى تراگېدىيىنى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. لېكىن ئۇلار كۆرگۈچى(قوبۇل قىلغۇچى ياكى كىتابخان)ئۈچۈن ئوبىيىكتىپ ئۈنۈم جەھەتتە ئوخشاشمايدىغان مەزمۇنلارغا ئىگە بولىدۇ. تۇرمۇشتىكى تىراگېدىيە ھەر خىل مۇرەككەپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تراگېدىيىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدۇ. يەنى ئۇنىڭدا تراگېدىيىلىك قىممەت بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ئېستېتىك مەنىدىكى تراگېدىيە يۈكسەكلىكنى ھېس قىلالمايدۇ. تراگېدىيىلىك ئەسەرلەردە بۇ خىل تراگېدىيە «ھېس قىلدۇرۇلغان»تراگېدىيە ھەم «گەۋدىلەندۈرۈلگەن»تراگىدىيە بولىدۇ. شۇڭا ئۇ كۈچلۈك تراگېدىيىلىك ئۈنۈم پەيدا قىلالايدۇ.
ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگىدىيە تۇرمۇشتىكى تراگېدىيىلەرنىڭ ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرلۈشى، تەقلىد قىلىنىشى ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشتىكى ئازاپ ۋە بەختسىزلىكلەرنى كىتاپخانلارغا ھېس قىلدۇرالايدىغان ھەم ئۇلارنىڭ ئېڭىدا «گەۋدىلەندۈرەلەيدىغان» سەنئەت يۈكسەكلىكىگە ئىگە.
ئۇنداقتا تراگېدىيىلىك گۈزەللىك نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟يۇقىرىقى تەھلىلىمىزدىن ئايانكى، تۇرمۇشتىكى تراگېدىيىلەر ھەرگىزمۇ ئېستىتىستېكا مەنىسىدىكى تراگېدىيىلىك گۈزەللىكنى كۆرسىتەلمەيدۇ. تراگىدىيىلىك گۈزەللىك ھەقىقىي يازغۇچى ياكى سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرىدىلا ئۆز قىممىتىنى تاپقان بولىدۇ. ئۇ«ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئازاپ ۋە بەختسىزلىكلەرنى ياكى دراما شەكلىدىكى تراگېدىيىنى ئەمەس، بەلكى گۈزەللىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قۇرۇلمىنى، يەنى تراگېدىيىلىك گۈزەللىكنى كۆرسىتىدۇ.»⑥
ئەختەم ئۆمەرنىڭ پوۋېستلىرىدىكى تراگىدىيە روھى ۋە تېنىقلىرى تەكلىماكان چۆلى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن، ئاپتاپتا چىرايلىرى كۆيگەن، قوللىرى قاپارغان ئاددى ئەمگەكچى خەلقنىڭ تراگېدىيىلىك مۇھىتتىكى ئۆزلۈڭ ئېڭىنىڭ ئىپادىلىنىشى ھەم قىممەت كۆز قارىشىنىڭ ئەكىس ئېتىشى بولدى.
ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدا پروتوتىپ قىلغان نۇرغۇن تراگېدىيىلىك پېرسۇناژلار ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش سەھنىسىدە تراگېدىيىلىك رول ئېلىپ چېقىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياكى ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە تراگىدىيىلىك ئۈنۈم شەكىللەندۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.
«زېمىن، قارا ئادەملىرىڭگە» دىكى جامال يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ غايىۋى دۇنياسى بىلەن زىت رېئاللىقنىڭ قورشاۋىدا قالغاندا ھەم روھىدا ھەرخىل پەسكەشلىكلەر قۇتراپ، ، پۈتۈنلەي ئايىنىپ تۈرمىگە تاشلانغاندىمۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا پىشانىسىنىڭ تەتۈرلىكىدىن زارلىنىدۇ. لېكىن ئۆز كۈلپەتلىرىنىڭ شەخسىي كۈلپەت ئەمەس بەلكى، مۇئەييەن تارىخى دەۋردىكى جەمئىيەت تراگېدىيىسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بولالمايدۇ.«قۇرتلاپ كەتكەن كۆل» پوۋېسىتىدا مۇھەممەتئىمىن سەئىدىن، نۇسرەت، ياسىن مەدەكلەر ناچار تەبئىي مۇھىتنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل مۇھىتنى ئۆزگەتىشكە قىلغان ئەڭ چوڭ جۈرئىتى – مۇھەممەتئىمىن سەئىدىننىڭ ھاشىرخاننى قۇتۇلدۇرۇپ قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرىپ دەككىسىنى يەپ قايتىش، باشلىقلارنىڭ ئالدىغا ئەرزگە بىرىشىغا ئوخشاش ئىشلار بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىكولوگىيىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئىنسانلارنىڭ روھىي گادايلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، خۇراپاتلىق، نادانلىق، ئاساسىي قاتلام كادىرىرىنىڭ چىرىكلىشىشىدىن ئىبارەت بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى بۇنچىلىك ئېغىر تراگېدىيىگە ئۇچرىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
لۇشۈن ئەپەندى تراگىدىيىنى«قەدىر-قىممەتلىك نەرسىلەرنى پارە-پارە قىلىپ كۆرسىتىشسۇن»⑦ دەپ كۆرسەتكەن. ئەلۋەتتە قىممەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تۇرمۇشتىكى تراگېدىيىنىڭمۇ قىممىتى بولىدۇ. «مەن قان ئىچمەيتتىم»پوۋېسىتىدىكى قۇربان توختى گەرچە ۋەھشىي قاتىل بولسىمۇ، ئۇنىڭ تراگېدىيىسىنى ئۇنىڭ قاتىللىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تەبئىتىدىكى ھەققانىيەت بىلەن ھايانىڭ تەتۈر قىسمىتىدىن ئىزدەيمىز. تۇرمۇشتىكى قۇربان توختى ۋەكىللىك قىلغان «ھاياتتىكى قەدىر قىممەتلىك نەرسىلەر»مۇ سۈبھىسىزكى بىر خىل قىممەتتۇر. لېكىن ئۇ سىياسىي، ئەخلاق ۋە باشقا ئىجتىمائىي قىممەت كاتىگورىيىسىگە كىرىدۇ. بۇ ساپ بولغان ئالاھىدە تراگېدىيىلىك قىممەتنىڭ ئۆزى بولالمايدۇ. بارلىق ئىجتىمائىي قىممەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. لېكىن تېراگىدىيىلىك قىممەت پەقەت«قەدىر-قىممەتلىك نەرسىلەر»يوقىتىلغاندا گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئوبىيىكتىپ خۇسۇسىيەت ھەم ئۇنىڭ كىتاپخانلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئېستىتىكىسىدا شەكىللەنگەن ئوبىيىكتىپ ئۈنۈمدۇر. «گەۋدىلەندۈرۈلگەن»،« قەدىر-قىممەتلىك نەرسىلەر»نىڭ يوقىتىلىشى ۋە كىتاپخانلار ئېڭىدا شەكىللەنگەن ئوبىيىكتىپ ئۈنۈمنىڭ بىرلىكى ئەدەبىياتتىكى تراگېدىيىلىك قىممەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
مانا مۇشۇنداق تۇرمۇشتىكى تراگېدىيىلىك ئادەم ۋە ۋەقەلەر كىتاپخانلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىغا ئايلىنىپ، بىرقەدەر يۇقىرى بولغان قىممەت قارىشى ئارقىلىق ئۇ ۋەقە ھەم پىرسۇناژلارنى ئۆلچىيەلىگەندىلا بۇ خىل تراگېدىيىلەر ئاندىن ھەقىقىي«گەۋدىلەندۈرۈلگەن» تراگېدىيىگە ئايلىنىدۇ.
ئومۇملاشتۇرغاندا، ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك گۈزەللىك تەكلىماكان بويىدا ياشاپ، بۇ يەرنى ياشنىتىپ كېلىۋاتقان خەلقنىڭ تىرىشچان، غەيرەتلىك، جاسارەتلىك قەلبنىڭ شۇنداقلا، ئۈنۈمسىز تەبئىي مۇھىت ۋە تارىخىي، ئىجتىمائىي شارائىتلارنىڭ ھەرخىل چەكلىمىلىكرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ساقلىنىپ كىلىۋاتقان تۈرلۈك ئىللەتلەرنى ئوبراز يارىتىش سەنئىتى ئارقىلىق كىتاپخانلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىغا ئايلاندرۇپ، بەدئىي تەسىرلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدا ھەم ئۇلارنىڭ «قەدىر-قىممەتلىك نەرسىلەر»نىڭ گۇمران بولۇشىنىڭ سەۋەبى بىلەن كىتاپخانلاردا ئوبىيىكتىپ تەسرات پەيدا قىلالىغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ.
پايدىلانمىلار:
① مامبەت تۇردى:«روزا بۇزۇلمايدۇ» «تارىم» 1989-يىللىق 11-سان
② بۇ رومان خەنزۇتىلىدا«غەربىي شىمال ئەدەبىيات سەنئىتى» ژۇرنىلىنىڭ 1951-يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان. 1993-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى بۇ كىتاپنى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلغان.
③ كىرىمجان ئابدۇرىھىم«بىر خىل سۇژىت شەكلىنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئىزچىللىقى ھەققىدە» «تارىم»1995-يىللىق 11-سانى
④ «ئەپسانە ۋە ئەدەبىيات» 2-بەت. شاڭخەي ئەدەبىيات سەنئەت نەشىرىياتى. 1995-يىل 4-ئاي نەشىرى
⑤ چېڭ مىڭخۇي «غەرب تراگېدىيە تەلىمات تارىخى»93 -بەت. خەلق ئونۋېرسىتىتى نەشىرىياتى 1994-يىل 11-ئاي 1-نەشىرى (خەنزۇچە)
⑥ لاڭ يىڭ«ماناس»نىڭ تراگېدىيە گۈزەللىكى. مىللەتلەر ئەدىبىياتى تەتقىقاتى. 1990-يىل 3-سان 1-بەت.
⑦ لۈشۈن ئەسەرلىرى 1-توم 297-بەت (خەنزۇچە)

مەنبە: تارىم ژۇرنىلى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1197

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش