ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ سىز بىلمىگەن ئەسىرى – كۈز پاجىئەسى
ئىلبالىق
ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ 1948-يىلى نەشىر قىلىنغان بىر پارچە شئېرىنى تاسادىپىي بايقاپ قالدىم. بەلكىم مەن كۆرمىگەندىمەن. بۇ شئېر شۇ دەۋىرلەردە ھەددىدىن ئاشقان گومىنداڭ ئەكسىيەتچى كۈچلىرىگە قارىتا يېزىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ ئۇچۇرنى سىزلەرگە يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
بۇ شئېر 1948-يىللىرى يۇرتىمىزدا چىقىدىغان ئاساسلىق گېزىتلەردىن « ئەرك » گېزىتىنىڭ 28-نويابىر 209-سانى، تۆرتىنچى بېتىدە بېرىلگەن. شئېرنىڭ تېمىسى « كۈز پاجىئەسى» ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر.
كۈز پاجىئەسى
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
كۈز- ئەي قۇتىرىغان كۈز، تۆمۈر قوللۇق كۈز،
سارغايتتى گۈللەرنى كۆكلەمدىن ئايرىپ.
توزۇتۇپ ۋاقىتسىز چېچەكلەرنى ھەم،
باشلىدى خازانغا شاخلارنى قايرىپ.
دەرەخلەر يالىڭاچ قالدى تىتىرىشىپ،
ئېرىقتا ئاقىدۇ ئۆكسىز ياپراقلار.
نە ھايات، نە سۆيگۈ، نە بىر تەنتەنە،
قاپلىدى جانلىقنى دەردۇ پىراقلار.
كۈز- ئىسيانچى كۈز، ئىتائەتىسىز كۈز،
چاپتۇرۇپ ئېتىنى كەلگەندە يەنە،
كېچىلەپ قۇترىغاچ بوران شامىلى،
يىرتىلدى گۇناھسىز نەچچە پەنجىرە.
بورانلار باستۇرۇپ ھويلىمۇ ھويلا،
سۇندۇردى، يىقىتتى نەچچە ئىشىكنى.
ئۆچۈرۈپ ھەر ئۆينىڭ چىراقلىرىنى،
ئەللەيسىز قالدۇردى نەچچە بۆشۈكنى.
يەلكىدە ساچلىرى سەرسان ئانىجان،
گاھ ئىشىك، گاھ بۆشۈك تامان يۈگۈرۈر.
ئىڭرىغان بوۋاقنىڭ نالە-زارىسى،
بۇ قارا تۇپراقنى كۆككە كۆتۈرۈر.
تەكچىدىن چىنىلەر چۈشەر جاراڭلاپ،
ھەر ياندا قۇترىغاچ بوران غەۋغاسى.
بۆشۈككە تېڭىلغان بوۋاق چىقىرار،
سورالماي كېتەرمۇ ئۇنىڭ دەۋاسى.
1948 – يىلى