ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » بىر ئامېرىكىلىق نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلار

بىر ئامېرىكىلىق نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلار

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

ئېلىس ئاندېرسون (Elise Anderson) ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى تەتقىقاتچىسى

كىرىش سۆز

مەدەنىيەت – ئىنسانىيەت تارىخىدىكى دۇنياۋى خاراكتېرگە ئىگەبىر ھادىسە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ تۇرمۇشىتكى ھەر خىل ئوخشىمايدىغان ئىشلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان، پۈتۈن دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا تارقىلىپ كەتكەن بىر تەبىئىي ھادىسىسىدۇر. مەدەنىيەت – ئىنساننى بۇ دۇنيادىكى باشقاجانلىقلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان ھادىسە بولۇپ ئوخشىمىغان ماكان ۋە زامانلاردا ياشاپ كەلگەن خەلقلەرنى بىر -بىرىدىن پەرقلەندۈرىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر مەدەنىيىتى- ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا شەكىللىنىپ مۇكەممەللەشكەن نۇرغۇن ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر خىل مەدەنىيەت سىستېمىسىدۇر.

ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى – بارغۇم يوق مېنىڭ (ئېلىس ئاندىرسون، مۇسكىۋا)

***

ئېلىس ئاندىرسون يىپەك يولى ساداسىدا

***

 ئېلىس ئاندىرسون ئۇيغۇر دىيارىدا

***

كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپلا مەدەنىيەتكە قىزىقاتتىم. رەھمەتلىك دادام دائىم ماڭا مۇشۇ كەڭ، مەدەنىيىتى رەڭگارەڭ دۇنيا توغرۇلۇق ھېكايە سۆزلەپ بېرەتتى. دادام بىر كەمبەغەل ياغاچچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ دۇنيا قامۇسنى كۈندەئوقۇپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ساياھەت قىلىشنى خىيال قىلاتتىكەن. ئۇ 70-يىللىرىدا ئالىي مەكتەپنى تېخى پۈتتۈرمىگەن ۋاقتىدا ھەربىي مەجبۇرىيەت سەۋەبلىك ئىتالىيىگە چىقىپ ، شۇ يەردە نەچچە يىل تۇرۇپتىكەن. دادامنىڭ ئىتالىيىدىكى كۈنلىرى ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا شۇنداق زور تەسىر كۆرسەتكەن بولغاچقا، ئۇ مېنىڭ ۋە ئاكا-ئۇكلىرىمنىڭ ساياھەت قىلىش ۋە دۇنيادىكى ئىشلارنى كۆزىتىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشاتتى. دادامنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا داۋاملىق يات ئەللەرگە بېرىشنى ئارزۇقىلاتتىم ۋە شۇ سەۋەبلىك ئىنسانشۇناسلىق كەسپىگە ئالاھىدە قىزىقاتتىم.
مەن ئۇيغۇر دىيارىدا تۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپ باردى -كەلدى قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتا بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم دەپ قارايمەن. مەن ئوقۇرمەنلەرگە نەق مۇشۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بولغان چۈشەنچەمنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن. مېنىڭ بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان چۈشەنچەم مۇشۇ ئۇيغۇر دىيارى دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ، پەقەت ئۆزۈمنىڭ سۇبيېكتىپ كۆز قاراشلىرى خالاس، بۇ كۆزقاراش، چۈشەنچىلەر ھەرگىز پۈتۈن ئامرىكانلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ئەلۋەتتە، شۇڭا ماقالە تېمىسىنى «بىر ئامېرىكان نەزرىدىكى ئۇيغۇرلار» دەپ بېكىتتىم. كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشى، ناتوغرا دەپ قارىغان تەرەپلىرى بولسا تەنقىدىي ئېنىقلىما بېرىشىنى سورايمەن.
مەن ئۇيغۇر دىيارىدا باشتىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرىم ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆرگەن، ھېس قىلغانلىرىمنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن. بۇ مەن ئۈچۈن قىممەتلىك بىر پۇرسەت دەپ قارايمەن، مەن ئۇيغۇر بولمىساممۇ لېكىن بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرغان بولغاچقا جىق ئىشلار بېشىمدىن ئۆتكەن. مەن يات ئەلدىن كەلگەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ئىچىگە نەزەر سېلىش سۈپىتىم بىلەن، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى بۇ مەدەنىيەت تورى ئىچىدە ئۇزۇن ياشاپ كەلگەنلىك سەۋەبىدىن ھېس قىلالمايدىغان تەرەپلەرنى مەن ھېس قىلدىم ۋە بۇ ھەقتە خېلى ئويلاندىم دېيەلەيمەن.

مەن نىمىشقا ئۇيغۇرلارغا قىزىقىمەن؟

ئۇيغۇر دىيارىدا تۇرۇش جەريانىدا، كىشىلەر مەندىن نىمىشقا ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ۋە مەدەنىيىتىگە قىزىقىدىغانلىقىمنى داۋاملىق سورايدۇ. مەن مۇشۇ سوئال ھەققىدە ئۇزۇن ئويلىنىپ ئىككى سەۋەب تاپتىم، ئەڭ ئاۋۋال مۇشۇ ئىككى سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي. مېنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىزىققانلىقىمنىڭ بىر سەۋەبىنى 2004-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا تۇنجى كەلگىنىمگە باغلاشقا بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن مەن يازلىق تەتىل ۋاقتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇنۋېرسىتېت تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىغابىر ئايلىق ئىنگلىز تىلى دەرس ئۆتكىلى ئەۋەتىلدىم. ئۇ چاغدا ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق بىلىملەردىن خەۋەرسىز ئىدىم. خەنزۇ تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى سۆزلىيەلمەيتتىم. دۇنيادا ھەتتا ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم. دەرس بەرگەن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇلار ناخشا كەسپىدە ئوقۇغانلىقىمنى بىلىپ ماڭا ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى ۋە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى تونۇشتۇرغان ۋە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناشنىمۇ ئازراق ئۆگىتىپ قويغان ئىدى. نېمىشقىدۇر، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ئون ئىككى مۇقام مېنى ئۆزىگە شۇنداق جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا قىزىقىپلا قالماستىن، پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگىمۇ بەكلا قىزىقىپ قالغان ئىدىم. مەن ئۇيغۇر دىيارىدىن يۇرتقا قايتقان ۋاقتىمدا ئۆز ئۆزۈمگە «ۋاي بولدىلا، مەن كەلگۈسىدە ئىنگلىز تىلى دەرس ئۆتمەي، ئۆزۈم ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىپ، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىش ۋە چوڭقۇر چۈشىنىشكە تىرىشىپ باقاي» دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىم. ئىككى يىلدىن كىيىن ئىندىئانا شتاتىغا كۆچۈپ بېرىپ بىلۇمىڭىتون شەھرىدىكى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يازلىق تىل ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇرچىنى ئۆگىنىشكە باشلاپ، 2009-يىلىغىچە ئۈچ يىل دەرس ئاڭلىدىم. 2007-يىلى يازلىق تەتىل ۋاقتىدا قەشقەردە ئىككى ئاي، 2010-يىلى يازدا ئۈرۈمچىدە ئىككى يېرىم ئاي ۋە 2011-يىلى ئۈرۈمچىدە يەنە ئىككى ئاي تۇرۇپ تىلنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشكە تىرىشتىم. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى كەچۈرمىشلىرىم تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قىزىقىشىمنىڭ ئاساسىنى سالغان.
مېنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىزىققانلىقىمنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى، مېنىڭ ئامېرىكىنىڭ نوپۇسى ئەڭ ئاز شتاتلىرىنىڭ بىرىدە، يەنى يېزا-كەنتكە ئوخشاپ قالىدىغان كىچىككىنە بىر شەھەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلىقىمدىندۇر. يۇرتۇم ئوكلاخوما شتاتىنىڭ نوپۇسى تۆت مىليونغا يەتمەيدۇ، مەن چوڭ بولغان شەھەر (نوپۇسى ئاز بولسىمۇ لېكىن ئۇنى شەھەر دەيمىز) نىڭ نوپۇسى ئۈچ مىڭ بولۇپ ۋە پۈتۈن ناھىيىمىزنىڭ نوپۇسى ئون مىڭغا يەتمەيدۇ. ناھىيىمىزدە دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئالاھىدە كۆپ بولغاچقا كالا ئادەمدىن جىق دەپ چاقچاق قىلىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوكلاھوما شىتاتى ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ جايلاشقان بىر رايوندۇر. مەسىلەن، تىشىمىنگودا ئىندىئانلار بىر قەدەر كۆپ. مۇشۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق دېمەكچى بولغىنىم، ئوكلاخوما شىتاتى نوپۇسى بىر قەدەر ئاز، كەمبەغەللەرنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ، يېزا-كەنتكە ئوخشاپ قالىدىغان يەرلىرىمۇ بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، مەن بارغانسېرى يۇرتۇم بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئوخشاشلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدىم. بۇنداق بىر ھېس-تۇيغۇ مېنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان قىزىقىشىمنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۋەتتى. مەن يۇقىرىقى ئىككى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىزىقىپ قاپتىكەنمەن.

مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئۇيغۇرلار: ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى جەمئىيەتتە ساقلىنىۋاتقان ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلەر

مەن جەمئىي 2 يىلدەكلا ۋاقتىمنى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكۈزگەن، ئۇيغۇر تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتى توغرۇلۇق بىلمەيدىغانلىرىم بىلىدىغانلىرىمدىن كۆپ. ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا مەن جىق نەرسىلەرنى ھېس قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشلىرىدا قىزغىن قارشى ئېلىنغان. لېكىن راستىنى دېگەندە مەن ئۆزۈمنى داۋاملىق بىر خىل چەتتە قېلىپ قالغان مېھماندەك ھېس قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بەزىدە مەن ئۆزۈمنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىر مۇساپىردەك ھېس قىلىپ قالىمەن. مەن ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ۋە مۇشۇ ھەم كەڭ ھەم تار بۇ دۇنيا توغرۇلۇق نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ئۆگىنىۋالدىم.
ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇشىدىكى رولىنى قانداق جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلاي دېسەم چوقۇم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياشىشىم، ئۇيغۇرلار بىلەن جىق ئارىلىشىشىم كېرەك ئىدى. مەن بۇلتۇر ئۇيغۇر دىيارىدا بىر يىل تۇرۇپ نۇرغۇن مېنى قىزىقتۇرىدىغان ئىشلارنى كۆردۈم. ئۇيغۇرلار جىق مەھەللىدە ياشاپ، ئۇيغۇرلار بار يەرلەردە يۈرۈپ، ئۇيغۇرلار بىلەن ئەڭ كۆپ ئارىلاشتىم. بۇلتۇر مەن نەچچە قېتىم جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىغا تەكشۈرۈشكە باردىم. بۇ بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى مېنى ھاياجانغا سالغان نۇرغۇن ياخشى ۋە ياخشى بولمىغان ئىشلارنىمۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. مېنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشەنچەم ئۇيغۇرلارنىڭكىگە يەتمىسىمۇ، بىراق خېلى يامان ئەمەس دەپ قارايمەن. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ياخشى يەرلىرى كۆپ ئىكەن، ئەمما، بىرلا ۋاقىتتا نۇقسانلىق يەرلىرىمۇ بار ئىكەن. مەدەنىيەتتىكى ياخشى تەرەپ ۋە نۇقسانلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۇيغۇرلاردىلا كۆرۈنۈپلا قالماي، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قانداق مىللەتتە مەۋجۇت بىر ئەھۋالدۇر. بۇ يەردە مەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ياخشى يەرلىرى بىلەن نۇقسانلىق تەرەپلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتمەكچى.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرى: ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنى قويۇق جەمئىيەت تورى ئىچىدە ئۆتكۈزىدىكەن
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكدا ھېچ كىمنىڭ ھېچ كىم بىلەن كارى بولمىسا ئەڭ ياخشى، باشقىلارنىڭ ئىشىغا بەك كۆڭۈل بۆلۈش ياخشى ئەمەس دەپ ھەر بىر ئادەمنىڭ شەخسىيەت-مەخپىيىتىنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايدىغان كۆز قاراش شەكىللىنىپ قالغان. لېكىن، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ئۇيغۇرلاردا بۇنداق بىر كۆز قاراش يوق ئىكەن. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلاردا كىشىلەر ئۆز ئارا كۆڭۈل بۈلۈشسە ئەڭ ياخشى ھېچ كىمنىڭ ھېچ كىم بىلەن كارى بولمىسا يامان بولىدۇ، دەيدىغان بىر كۆز قاراش بار دېسەك توغرا كېلىدىكەن. مەن ئۆزۈم ھېچ كىمنىڭ ھېچ كىم بىلەن كارى يوق دەيدىغان ئۆرپ-ئادەت بويىچە چوڭ بولغان بولساممۇ، ئەمما مەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلۈشنى ياخشى دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللەت خەلقى بىر-بىرى بىلەن كارى بارلىقىنى ئاشكارا قىلىپ، پالانى ئىش قىلسام خەقلەر نېمە دەيدۇ، پالانى ئىش قىلسام باشقىلارغا قانداق تەسىر بېرىپ قويارمەن دېگەن سوئاللارنى ھەرگىزمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى تۇرمۇشتىكى جىق ئىشلارغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇق جەمئىيەت تور ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ئۇلارنىڭ مېھماندوست خەلق ئىكەنلىكىنىڭ بىر سەۋەبدۇر. بىر مېھمان كەلسە، ئۇيغۇرلار ئۆز ئىشنى تاشلىۋېتىپ، پۇل ۋە ۋاقىتقا قارىماي، مېھمان ئالدىغا چىقىپ، ئۇنى قىزغىن كۈتىۋالىدىكەن. يولدا كېتىپ بارغاندا تونۇش ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، چىرايلىق گەپ قىلىپ پاراڭ قىلىشىدىكەن. بەزىدە ئويلىسام، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە تونۇشتەك تۇرىدىكەن. بۇ خىل ئۆرپ-ئادەت بۈگۈنكى كۈنلەردە راستىنلا ئاز ئۇچرايدىغان بىر ئادەت ھېساپلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلارغا كارى بارلىقى كىيىم-كېچەك، گىرىم قىلىش، گەپ-سۆز قىلىش قاتارلىق ئىشلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئامېرىكىدىكى ۋاقتىمدا مەن ئادەتتە بولدىلا، كارىم يوق دەپ تۇرۇۋېلىپ گىرىم قىلماي سەترەك كىيىنىپ يۈرەتتىم، لېكىن، مەن ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ چىرايلىقراق كىيىنمەي گىرىم قىلماي سىرتقا چىقسام خەقلەر نېمە دەپ قالا دەپ ئۆزۈمنى خېلى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈپ بۇرۇنقىدىن خېلى چىرايلىق بولۇپ كەتكەندەك قىلىمەن، بۇ ئىشنىڭ نەرى يامان؟

ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇق جەمئىيەت تورى ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنىڭ سەلبىي تەرىپىمۇ بار ئىكەن
يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، مۇشۇنداق قويۇق جەمئىيەت تورى ئىچىدە ياشاشنىڭ ياخشى بولمىغان يەرلىرىمۇ بار ئىكەن ۋە بەزى ئىشلار ئۇيغۇرلارغا بەك ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن . مەن يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيەتلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. تويلارنى مىسالغا ئالساق،ئۇيغۇرلار توي ۋە نىكاھنى مۇشۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئىش دەپ قارايدىغۇ دەيمەن. لېكىن، باشقىلارنىڭ تويىغا بارىدىغان ۋاقىتلاردا، مەن تونۇيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى توي دېگەن ۋاقىتنى سۇدەك ئىسراپ قىلىدىغان بىر پائالىيەت دەپ تويغا قاتنىشىشتىن خېلى قاقشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسلى تويغا بارغۇسى يوق، لېكىن بارمىسام سەت تۇرىدۇ دەپ توينى ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدىغان ئىش دەپ زارلىنىدۇ. قويۇق جەمئىيەت تورى ئىچىدە ياشاشنىڭ باشقا بىر يامان يېرىمۇ باركى، ئۇيغۇرلار شەكىل دېگەن ئۇقۇمغا بەك ئېتىبار بېرىدىكەن. بۇ ھاياتتىكى ھەر قانداق ئىشنىڭ شەكلى بار، شۇنىڭ بىلەن شەكىل دېگەن نەرسىنىڭ ئۆزىدە نۇقسانلىق بولۇشى ناتايىن، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىلگە شۇنچە كۆپ ئېتىبار بېرىدىغىنىنىڭ يامان تەرىپىمۇبار دەپ قارايمەن. مەسىلەن، كۆپ قىسىم ئادەملەر باشقىلارغا گەپ قىلغاندا راست گەپنى دېسەم ياخشى بولمايدۇ دەپ ئويلاپ راستىنى ئېيتماي ياخشىچاق بۇلۇپ يالغان گەپ قىلىپ يۈرىدىكەن. بىز ئامېرىكانلارنىڭ ياخشى بىر يېرىمىز شۇكى، بىز گەپنى ئۇدۇلراق قىلىدىكەنمىز. توغرىسىنى ئېيتمايدىغان بۇنداق ئىشنى بىر خىل ئالا كۆڭۈللۈك دېسەك بولارمىكىن دەيمەن.

ئۇيغۇر مەدەنيىتىنىڭ يەنە بىر ياخشى يېرى: ئۇيغۇرلارئارىسىدىكى ئۆزلۈك ئېڭى كۈچلۈك ئىكەن
ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە تۇرمۇشىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىپ، «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامىنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايدىكەن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئۆزلۈك ئۇقۇمى بىر قەدەركۈچلۈك ئىكەن. بۇ مەندەك بەزى ئامېرىكانلارنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش. نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان ئىجتىمائىي پەنلەردە مىللەت دېگەن ئۇقۇمنىڭ رېئاللىقتا زادى مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆز قارىشىدا، مىللەت دېگەن ئاڭ پۈتۈنلەي ساختا، تەبىئەتتە يوق، ئىنسانىيەت تەرىپىدىن ياسالغان بىر ھادىسىدۇر. مەنمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مىللەت دېگەن ئۇقۇمنى بىر خىل ساختىمىكى دەپ يۈرگەن. مەندەك ئاق تەنلىك، تېگى ياۋروپادا لېكىن ئېنىق بىر مىللىتى يوق ئامېرىكانلارغا نىسبەتەن مىللەت دېگەن ئاڭ ئانچە چوڭ بىلىنمەيدۇ. ئالايلى، ئاتا-بوۋىلىرىم نەچچە يۈزيىل ئالدىدا شوتلاندىيە، گېرمانىيە ۋە شۋېتسىيەدىن ئامېرىكىغاكىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قاپتىكەن. «ئاندېرسون» دېگەن فامىلىمىزدىن باشقا بىزدە ئۇلاردىن مىراس قالغان ھېچ نەرسە يوق، تىلمۇ يوق، ئۆرپ-ئادەتمۇ يوق، ئېنىق بىر مىللىي ئوبرازمۇ يوق. «مەن دېگەن كىم؟» دېگەن سوئالغا «مەن ئامېرىكان» دېگەن جاۋابنىلا بېرەلەيمەن. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىتىنىڭ بارلىقىغا قاتتىق ئىشىنىپلا قالماي، بەلكى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مىللەت دېگەن ئۇقۇمغا ئەھمىيەت بېرىدىكەن. ئۇيغۇرلار ئۆز تۇرمۇشىدىكى ھەر قانداق ماددىي ھەم مەنىۋىي نەرسىگە ئۇيغۇرچە ياكى بولمىسا مىللىيچە دېگەن نام بەلگىلەپ قويىدىكەن. مەسىلەن، ئۇيغۇرچە تاماق ، مىللىيچە كىيىم-كېچەك، مىللىيچە مۇزىكا يا ئۇيغۇر مۇزىكىسى، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى دىگەندەك. مەن بۇئىشلاردىن تەسىرلىنىپ، ئۆزۈمنىڭ مىللىي ئۆزلۈك ئېڭىمنىڭ سۇسلۇقىدىن ئەپسۇسلاندىم.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى باشقا بىر نۇقسان: كىملىك دېگەن ئاڭنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر ئەمەسنى پۈتۈنلەي ئايرىم دەپ قاراپ يۈزەكى قاراش بىلەن سىرتقا قاراپ، باشقىلارنى كەمسىتىدىكەن ئۆزلۈك ئېڭى كۈچلۈك بولغىنى بىلەن كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇر» ۋە «ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئەمەسلەر» نى پۈتۈنلەي ئايرىم دەپ قارايدىكەن ۋە پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىدىكەن. نەتىجىدە، بىر قىسىم كىشىلەر ئۇيغۇر ئەمەسلەرگە يامانلىق قىلسام، قالايمىقان گەپ قىلسام، ھېچ نېمە بولمايدۇ دەپ قارايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ ئىش مەندەك ئۇيغۇرلارئارىسىدا تۇرۇۋاتقان چەت ئەللىكنى ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئىش. مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھېكايە ۋە تەسىراتلىرىم بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ھېكايە ۋە تەسىراتلار خەزىنەمدىن بىر نەچچىنى قىسقىچىرەك سۆزلەپ بېرەي.
بىرىنچى تەسىرات: بەزى ئۇيغۇر دىيارىدا ئون، يىگىرمە يىل تۇرغان چەتئەللىكمۇ ئۆز-ئۆزىنى داۋاملىق چەتتە تۇرۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىچىگە سىرتتىن قاراۋاتقاندەك ھېس قىلىپ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قانچە كۆپ يېقىنلىشىۋاتقاندەك ھېس قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلار كۆرۈنۈش جەھەتتىن ئۇيغۇرلاردىن پەرقلىنىدىغان بولغاچقا ۋە داۋاملىق «ئۇيغۇر ئەمەس» دېيىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ئۆزى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىچىگە قوبۇل قىلىنماسلىقىدىن كۆڭلى بىر قەدەر يېرىم بولۇپ قالىدۇ.
يەنە بىر ھېكايە: بۇلتۇر بەشىنچى ئايدا كەچلىك بازارنى ئايلىنىۋاتقاندا، ئامېرىكىلىق بىر ئوغۇل بالا دوستۇم ئىككى ئۇيغۇر تەرىپىدىن بۇلاندى ۋە بوزەك قىلىندى. بىز چەت ئەللىك بولغاچقا ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولساق كېرەك، ئۇلار دوستۇمنىڭ يانچۇقىدا ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن بارلىقنى بايقاپ قېلىپ، بىزنى چوقۇم تىلنى بىلمەيدۇ شۇڭا ئۆزلىرىنى قوغدىيالمايدۇ دەپ چاغلاپ بىزنى بۇلاڭ قىلىشنى مەخسۇس نىشانلىغان ئوخشايدۇ. مەن تىلنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ئەڭ ئاخىرىدا تېلېفوننى قايتۇرىۋالدۇق.
دېمەكچى بولغىنىم، بىز ئۇيغۇر بولمىغاچقا ئۇلار بىزگە يامان غەرەزدە بولغان. مېنىڭ بۇ ھەقتە يەنە بىر ھېكايەم بار. مەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەچچە خىل مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئۇيغۇر دىيارىغا تەتقىقات قىلغىلى كەلگەن دوكتۇر ئاسپىرانت. لېكىن، جىق ئادەم مېنىڭ ئۇيغۇر ئەمەسلىكىمنى،يەنى مېنىڭ ئاق تەنلىك قىز ئىكەنلىكىمنى بىر كۆرۈپلا مېنى دۇرۇس ئەمەس دەپ ئويلايدىغان ئوخشايدۇ. بۇلتۇر مەن كوچىدا كېتىپ بارغاندا خەقلەر كۆپ قېتىم «قانچە پۇل؟»، «بىر كېچە قانچە پۇل؟»، دېگەندەك سوئاللارنى ئانچە-مۇنچە سورايتى. مېنى قوپال، يامان ناملار بىلەن ئاتايدىغانلارمۇ ئاندا-ساندا چىقىپ تۇرغان ئىدى. مەسىلەن، بۇلتۇر يازدا مەن قاراقاشتىكى بىر مېھمانخانىغا چۈشۈپ ياتاققا كىرەي دېگەن ۋاقتىمدا ئەسكى بىر ئادەم يېنىمغا كېلىپ مەندىن «ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقامسىز؟» دەپ سورىدى. ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ «سىز بىلەن ھېچ يەرگە بارمايمەن» دەپ جاۋاپ بەردىم. شۇنداق دېسەم، ئاندىن ئۇ «بەش يۈز كوي بېرىمەن» دەپ تەكىتلىدى. بۇ ئىش مېنىڭ غورۇرۇمغا شۇنداق تەسىر قىلدى. شۇ ۋاقىتتا بۇ سۆيۈملۈك ئۇيغۇر دىيارىدىن يۇرتۇمغا ئۇچۇپ كەتكۈم كەلدى. بۇ بىر ياكى ئىككى قېتىملا يۈز بەرگەن ئىش بولۇپلا قالماي، بەلكى داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئىشتۇر. بۇ ھەم مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەنلەرنىڭ ئىشى بولۇپلا قالماي، بەلكى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى ئادەملەرنىڭ چەتئەللىك قىز-ئاياللارغا ساقال تاشلاپ قىلىپ باقىدىغان ئىشىدۇر.
كۆپ قىسىم ئادەملەر ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن كىنودىكى بەزى قاملاشمايدىغان ئىش ۋە ۋەقەلەردىن تەسىرلىنىپ كېتىپ غەرب دۇنياسىدىكى قىز-ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى كىنودىكى قىزلارغا ئوخشىتىدۇ. بۇ يەردە ئۇيغۇرلار بىلەن غەربلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ بىر پەرق مەۋجۇت ئىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدا كىنولار مەدەنىيەت كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىنىدىغان بولسا، ئامېرىكا ۋە پۈتۈن غەرب دۇنياسىدا كىنولار بېلەت كىرىمى قوغلىشىپ ئىشلىنىدىغان بولۇپ كىنو ھەقىقەتنى يۈزمۇ-يۈز ئەكس ئەتتۈرىدۇ» دەيدىغان ئىدىيە بىزدە يوق. مەن بايا سىلەرگە تەسۋىرلەپ بەرگەن ئادەم پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، لېكىن مېنىڭچە ھەقىقەتەن مەۋجۇت.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان بىر خىل سىرتتىن كەلگەنلەرنى ئۇيغۇرلاردىن پۈتۈنلەي ئايرىم كۆرگىلى بولىدۇ ۋە بۇنداق ئادەمنى كەمسىتكىلى بولىدۇ دەيدىغان بىر كۆز قاراشقا ئىسپات بېرىدۇ. راست، مەن ئۆزۈم بۇ ئىشلارنى بىر خىل كەمسىتىش دەپ قارايمەن. بۇ نۇقتىنى خۇلاسە قىلغاندا كۆڭلۈمدىكى بىر نەرسىنى دەۋالسام دەيمەن ھېچ كىمگە بىر قاراپلا ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن، مەيلى ئامېرىكان بولسۇن، مەيلى رۇس ياكى خەنزۇ ياكى خۇيزۇ ياكى ئاق تەنلىك ياكى قارا تەنلىك بولسۇن ھەممىمىز ئەڭ ئاۋۋال ئىنسان، ئىنسان بولۇش دېگەن ئەڭ ئاۋۋال باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش دېگەنلىك. يۈزەكى قاراش بىلەن سىرتقا قاراپ، باشقىلارنى كەمسىتىش قەتئىي بولمايدۇ دەپ قارايمەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر ياخشى يېرى: ئۇيغۇرلار يۈزەكى قاراش بىلەن سىرتقا قاراپ، باشقىلارنى كەمسىتسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولىدىغىنى ھەقىقەتەن ياخشى ئىش ئىكەن
ئۇيغۇرلار سىرتتىن كىرگەن نەرسىلەرنى قىزىقىش بىلەن قوبۇل قىلىدىكەن. مەسىلەن، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپادا ئىشلەنگەن كىنو، كىيىم-كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىپ، ئەندىزە قىلىپ، مىللىي كىيىم-كېچەك بىلەن بىرلەشتۈرىدىكەن. دۇنيا خەۋەرلىرىنى كۈندە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن، يېقىندا ئامېرىكىدا كۆچمەنلەرگە ۋە ھەر قانداق سىرتتىن كەلگەنلەرگە قارشى تۇرىدىغان بىر خىل كەمسىتىشنى ئاساس قىلغان كۆز قاراش شەكىللىنىپ قالغان. ئالايلى، يېقىندا كوكا-كولا شىركىتى ناھايىتى تەسىرلىك بىر ئېلان ئىشلەپتىكەن، ئېلاندا مىللىتى، تېگى ئوخشىمايدىغان ئامېرىكانلار «گۈزەل ئامېرىكا» ناملىق بىر ناخشىنى يەتتە خىل تىلدا ئېيتىدۇ، كوكا-كولا شىركىتىنىڭ بۇ ئېلاننى ئىشلەشتىكى مەقسىتنىڭ بىرسى ئامېرىكىنىڭ كۆپ خىل تىللىق، كۆپ خىل مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشتۇر. بىراق، بىر قىسىم ئاق تەنلىك ئامېرىكىلىقلار مۇشۇ بىر ئىككى يۈز يىل ئالدىدا ئىنگىلىز تىلىدا يېزىلغان ناخشىنى ئىنگىلىز تىلىدا يېزىلغان سەۋەبىدىن مۇقەددەس دەپ، ناخشىنىڭ ئىنگىلىز تىلىدىن باشقا بىر نەچچە خىل تىلدا ئېيتىلىشىدىن ئاغرىنىپ، رەنجىپ، قاقشاپ، نارازى بولۇشقان. بۇ زادى قانداق ئىش؟ مەن بۇنداق بولسا بولمايدۇ دەپ قارايمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلغا قىزىقىدىغىنى ۋە ئۇلارنىڭ سىرتتىن كىرگەن تىل، مەدەنىيەت، ئاڭنى ئۆزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىشىنى بىر ياخشىئىش دەپ قارايمەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئۆگىنىشكە ئۇستا ئىكەنلىكى ئۇلارنىڭ سىرتتىن كىرگەن نەرسىلەر ۋە ئاڭلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تىلغا ئۈستا ئىكەنلىكى مەندەك كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ 23 ياشقا كىرگەنگە قەدەر بىرلا خىل تىلدا سۆزلەپ كەلگەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلار چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىشكە شۇنچە قېرىقكى، تىل ئۆگەنمەسلىكىمىز توغرۇلۇق مۇنداق بىر چاقچاقمۇ بار.
سوئال: ئىككى خىل تىلنى بىلىدىغان ئادەمنى نېمە دەيمىز؟
جاۋاپ: بايلىنگۇئال – لاتىنتىلىدىن كەلگەن قوشتىللىق ئادەمنى مەخسۇس كۆرسىتىدىغان سۆز
سوئال: ئۈچ خىل تىلنى بىلىدىغانئادەمنى نېمە دەيمىز؟
جاۋاپ: ترايلىنگۇئال- بۇلاتىن تىلىدىن كەلگەن ئۈچ خىل تىللىق ئادەمنى كۆرسىتىدۇ
سوئال: بىر خىل تىلنى بىلىدىغان ئادەمنىچۇ؟
جاۋاپ: ئامېرىكان
بۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ زور پەرقلەرىنىڭ بىرسى دەپ قارايمەن. تىل ئۆگۈنۈش ھەر قانداق ئادەمگە يول ئېچىپ قويىدۇ .

نۇقسان: ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا ئۆگەنمەيدىكەن

بۇ ئىشنىڭ چوقۇم كام، يامان بىر يېرىمۇ بار دەيمەن. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشكە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار بارغانسېرى ئۆز ئانا تىلىدىن ساۋاتىنى چىقارماي ئىنگىلىز تىلى ۋە خەنزۇ تىلىنى پۇرسەت ۋە پۇلنى قولغا كەلتۈرىدىغان تىللار دەپ ئانا تىلىغا ئانچە ئېتىبار بەرمەيدىكەن. ئۇلار باشقا خىل تىللارنى ئۆز ئانا تىلىدىن مۇھىم دەپ چاغلاپ پۈتۈن ۋاقتىنى خەنزۇ ۋە ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشكە سەرپ قىلىدىغان بولۇپ ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىمۇ بىلمەيدىكەن، ئوقۇيالمايدىكەن، بۇ بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ئوقۇشنى ئۆگىنىش تەس ئىش ئەمەس، مەن ئۇيغۇرچىنى ئەمدى ئۆگىنىشكە باشلىغان ۋاقتىمدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ 32 خەتلىك ئېلىپبەسىنى باشتىن ئاداققىچە ئىككى كۈندىلا ئۆگۈنىۋالغان ئىدىم. ئۇيغۇر بالىلارمۇ چوقۇم ئۆگىنەلەيدۇ. مەن ھەپتە بۇرۇن بىلكۈچ كۈتۈپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتى» توغرۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقاندا ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىم بىلەن ئابدۇۋەلى مۇقىيت مۇئەللىمنىڭ سۆزلىگەن لېكسىيىلىرىدىن بەك تەسىرلىنىپ كەتتىم، ئۇلار ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. خۇددى ئابدۇكېرىم ئابلىز «چۈشەنمىدىم» دېگەن ئېتوتتا دېگەندەك، «تىل ئۆگۈنۈش ياخشى ئىش»، لېكىن چوقۇم ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك.
ئامېرىكانلارنىڭمۇ بۇ ئىشتا كەچۈرمىشلىرى بار، دەپ بېرەي: مەن يۇرتۇم ئوكلاخوما شىتاتىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر جىق بولۇپ دەپ تەكىتلەپ ئۆتتىم، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىندىئانلار. ئىندىئانلار تىلىنىڭ يوقىلىشنىڭ نۇرغۇن كەچۈرمىشلىرى بار. 19-ئەسىرىدە ئىندىئانلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ «يىغا يولى» دا نەچچە ئاي پىيادە مېڭىپ ، مىڭ جاپا تارتىپ، ئىندىئانلار رايونى (يەنى ئوكلاخوما شتاتىغا ئولتۇراقلىشىپتىكەنتۇق. ھازىر ئىندىئانلارنىڭ تىللىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئەنئەنىسىنىڭ ھەممىسى يوقتىۋېتىلگىلى تاسلا قالدى. يۇرتۇم تىشومىنگودىكى نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 40 پىرسەنتى چىكاشا (يەنى چىكاساۋ دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇلار كۆرۈنۈش جەھەتتە ئاق تەنلىك ئادەمدىن پەرقلەنسىمۇ، لېكىن تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە پۈتۈنلەي باشقا ئامېرىكانلارغا ئوخشايدۇ، ئامېرىكىلىشىپ كەتكەن دېسەكمۇ بولىدۇ. ھازىر چىكاشا تىلدا راۋان سۆزلىيەلەيدىغانلارنىڭ ئۇمۇمىي سانى 60 نەپەر ئادەمگە يەتمەيدىكەن، مۇشۇ 60 نەپەر چىكاشا تىللىق ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ يېشى 55 دىن ئېشىپتۇ. ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇكى، چىكاشا تىلى پۈتۈنلەي يوقۇلۇپ كەتكىلى ئازلا قالدى. ئۇيغۇر ياشلار تىلنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن دەيمەن، نۆۋەت سىلەرگىمۇ كېلىدۇ ھەم ئاللىبۇرۇن كەلدى، دۇنياغا ئىگە بولۇۋېلىپ ئۆزىنىڭ جېنىدىن، ئۆزىنىڭ روھىدىن ئايرىلىپ كېتىشىنىڭ زادى نېمە پايدىسى بار ؟
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە بىر ئېغىر مەسىلىمۇ بارئىكەن، كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار كىتابنى ئانچە جىق كۆرۈپ كەتمەيدىكەن. مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان ئىش خوتەندە يۈز بەرگەن. 2013-يىلى يازلىق تەتىلدە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىغا تەكشۈرۈشكە ماڭغان ئىدىم. مەن بىر كۈنى تاكسىغا چىقىپ خوتەن شەھەرلىك كۈتۈپخانىغا باراي دېدىم. شوپۇر بالا مۇنداق دەپ سورىدى: كۈتۈپخانا؟ كىتابخانا دېمەكچىمۇسىز؟ بۇ بىچارە 18، 19 ياشقا كىرگەن بالا كۈتۈپخانا دېگەن سۆزنى بىر قېتىممۇ ئاڭلاپ باقماپتىكەن. مەن چەتئەللىك تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا كۈتۈپخانا بىلەن كىتابخانىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا قانداق پەرقى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇپ تاكسىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئىدىم.
بەزى كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ۋاقتى يەتمەيدۇ، توغرا چۈشەندىم. لېكىن، ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيە كۆرگەن بەزى ئۇيغۇرلارمۇ كىتابنى جىق كۆرمەيدىكەن. ئالايلى، مېنىڭ تولۇق كۇرسنى ئۇيغۇر دىيارى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ «مەن پەقەت تۆتلا پارچە كىتاب ئوقۇپ باققان» دېگەن بىر تونۇشۇم بار ئىدى. بۇزادى قانداق ئىش؟ ئەگەر تەربىيە كۆرگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان كىتاب ئوقۇمىسىچۇ؟ يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرمۇ باركى، مەن چەت ئەلدە ئوقۇيمەن دېگىنى بىلەن چەت ئەل تىلىدا يېزىلغان كىتابنى پەقەت ئوقۇپ باقمايدىكەن. ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتىتلاردا ئوقۇغۇچى كىتاب ئوقۇمىسا قەتئىي بولمايدۇ.

خۇلاسە

بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، بىزنىڭ ئارىلىقىمىزدىكى مەدەنىيەت پەرىقلىرىمىز ناھايىتى زور ئىكەن، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئوخشاشلىقمۇ ناھايىتى جىق ئىكەن. مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش شەكىللىرىمىز ئوخشاشمايدىكەن، يوللىرىمىزمۇ ئوخشاشمايدىكەن، لېكىن ئەڭ ئومۇمىي جەھەتتىن دېگەندە بىز ھەممىمىز ئورتاق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىكەنمىز: مەسىلەن، قانداق قىلغاندا ياخشى ئادەم بولغىلى بولىدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا ئەۋلادلىرىمىزغا ياخشىلىقنى مىراس قالدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، قانداق قىلغاندا بىز ياشاپ تۇرىۋاتقان دۇنيانى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىكەنمىز.
لېكىن ھەممىمىز توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىپ ھەر بىر مىللەتتە يەنى ھەر بىر دۆلەتنىڭ خەلقى ئارىسىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي نۇقسانلار شەكىللىنىپ قالىدىكەن. ئۇيغۇرلاردىمۇ شۇنداق بىر ئەھۋال بار ئىكەن. ئامرىكانلارمۇ شۇنداق، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قانداق مىللەت ۋە ھەر قانداق دۆلەت كىشىلىرىنىڭ ئورتاق يېرى مۇشۇ بولسا كېرەك.
گېپىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي، سىلەرنىڭ سوئال سورىشىڭلارنى ۋە پىكىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

بۇ يازما 1,053 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئىنكاسلار (1)

  • بىناۋا

    ‹‹…دۇنياغا ئىگە بولۇۋېلىپ،ئۆزىنىڭ جېنىدىن،ئۆزىنىڭ روھىدىن ئايرىلىپ كېتىشنىڭ زادى نېمە پايدىسى بار؟…››

    بۇ جۈملىدىكى ‹‹زادى›› بېشىمغا بىر مۇشت سالغاندەك بولدى…

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش