ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۈمىدسىز مىللەت ئۆلۈك پۇرايدۇ

ئۈمىدسىز مىللەت ئۆلۈك پۇرايدۇ

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0
Buway-we-Newreمۇستافا ئوغۇز
ئۈمىدسىز شارائىت يوق، ئۈمىدسىز ئىنسانلار باردۇر.
مۇستافا كامال

مەن ئۆز تىرىكچىلىكىم بىلەن مەشغۇل بولۇش جەريانىدا، ئەتراپىمدىكى كىشىلىرىمىزنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە ئازدۇر-كۆپتۇر قۇلاق سالىمەن، مۇڭدىشىمەن، پىكىرلىشىمەن. تەبىئىيكى، ئۇلار ئىچىدە ھۈنەرۋەنلەر، خىزمەتچىلەر، خىزمەت كۈتىۋاتقانلار، سودىگەرلەر ۋە ئالىي بىلىم يۇرتى ئوقۇغۇچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، ھەم پرۇففىسسۇرلارمۇ بار. پاراڭلىرىمىز داۋام قىلىپ شۇنداق بىر تىمىغا كەلگىنىدە نۇرغۇنلىرىدىن، خۇددى ئۇلار دىيىشىۋالغاندەك بىردەك خۇرسىنىشلارنى، ۋايساشلارنى ئېشىتىمەن. ئۇ تىمىنىڭ شۇلار ئۆزلىرى تەۋە ئۇيغۇر مىللىتى ئىكەنلىكى يۈرۈكۈمنى ئېزىدۇ.
– بەك ناچار مىللەت جۇمۇ بىز، بىرسى ئازراقلا روناق تاپسا ئۇلىنى كولايمىز.
– بىز خەققۇ زادى پىتىشمايمىز، نەگە بارساق يۇرتۋازلىق قىلىمىز.
– ئىشقىلىپ، بىر تۈگەشكەن مىللەت بولدۇق، ئوڭشالمىقىمىز تەس…..
– يامان نامىمىز كۆپ بولغاچقىمۇ، ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى باشقىلاردىن يۇشۇرىمەن.
– ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىمغا راستىمنى ئىيتسام پۇشايمىنىم بار.
بۇ تۈردىكى ۋايساشلارنىڭ بەزىلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەربىرىمىزنىڭ قۇلاقلىرىغا سوقۇلۇپ تۇرىدۇ. ماقالەمنى ئوقىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىز ئىچىدە بەلكىم يۇقارقى دارتىملاشلارنىڭ ساھىبلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بەزىدە باشقا كىشىلەردىن ئاغرىنىپ ئۇلارنى ئەيىپلەش نورمال بىر ھادىسە. ئەمما شۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خاتالىقىنى مەۋھۇم مىللەت ئۇقۇمىغا يۈكلەپ ئۆز مىللىتىگە ھاقارەت كەلتۈرۈش، مىللىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىش، يات مىللەتنى زىيادە چوڭ بىلىش، ھەتتا شۇ مىللەت پۇشتى بولغىنىدىن خىجىل بولۇش ئۆزى پەۋقۇلاددە بىنورمال ھادىسىدۇر. گەپنىڭ ئېغىرىنى دىگەندە تۇزكورلۇقتۇر. رىئالنىي تۇرمۇشىمىزغا قارايدىغان بولساقمۇ، ئانىلىرىمىز پولۇ ئەتكەندە ئىشلەتمەكچى بولغان گۈرۈچنى ئىچىدىن كىچىك تاشلىرىنى ئىلغىۋىتىپ ئىشلىتىدۇ. قانداقتۇر ئىچىدىن بەش-ئالتە تال تاش چىقتى دەپ گۈرۈچنىڭ ھەممىنى تاشلىۋەتمەيدۇ. ئەگەر تاشلىسا باشقىلار ئۇنى ساراڭ دەيدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئەتراپىمىزدا مەلۇم كىشى، مەلۇم ئورگان ۋەياكى مەلۇم تۈزۈم خاتالىقىنى پۈتۈن مىللەت ئۈستىگە ئارتىپ مىللەتنى سۆكۈش ئارقىلىق كۆڭلىگە تەسكىنلىك تىپىۋاتقان، ئىچىنى بوشىتىۋاتقان بىر قىسىم “ نورمال “ كىشىلىرىمىز مەۋجۇدتۇر. ئۇلار ئۆز مىللىتىنى ئەيىپلىگەن چىغىدا، ئۆزلىرىنىڭمۇ شۇ كاتىگۇرىيە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ. ئۇ ھاقارەتنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا كەلتۈرگەن ھاقارەت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ. ئۇلار شۇ مىللەت پۇشتى ئىكەنلىكىدىن خىجىل بولغانلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن تانغانلىقىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ.

مۇكەممەلسىز يارىتىلغان ئىنساندىن مۇكەممەل مىللەت كۈتكىلى بولمايدۇ. دۇنيادىكى ھىچبىر مىللەت مۇكەممەل بولۇپ باققان ئەمەس. ۋەلىكىن شۇ مىللەت ئەزالىرى ئاڭ، ئەخلاق، بىلىم ساپاسىغا قارىتا دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. ئەزالارنىڭ ئومۇمىي ساپاسى شۇ مىللەتنىڭ شۇ دۆلەت ۋە دۇنيادا تۇتقان ئورنىنى بەلگىلەيدۇ. مىللەتلەرنىڭ تارىختىن بۇيانقى تۇتقان پەرقلىق ئورۇنلىرىنى كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشكە ئوخشىتىمەن. بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى دۇنيادا تارىختىن بۇيان قانداق ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن؟ ھەممىمىزگە ئايان بولغۇنۇدەك، ئۇيغۇرلار ئۆتمۈشتە شانلىق تارىخىي ئىزلارنى قالدۇرغان. دۇنيادىكى تۇنجى مەدەنىيلەشكەن ساناقلىق قەدىمىي مىللەتنىڭ بىرى بولۇپ، ھەتتا يۇنان مەدەنىيىتىدىن ئىلگىرى مەدەنىيەت ياراتقان دەپ بەزى تارىخىي مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنىدۇ. تۈرك قەۋىملىرى ئىچىدە ئەڭ بالدۇر شەھەرلەشكەن مىللەت بولۇپ، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ خاقانى قۇتلۇق بىلگە قاغاننىڭ ئوغلى بايانچۈر 8-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەھەر مەدەنىيىتىگە يۈزلەنگەن ئىدى. ئۇ زامانلاردا قىپچاق ۋە ئوغۇز تۈركلىرى تىخى كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن قۇتۇلالمىغان، قەبىلە كىگىز ئۆي مەدەنىيىتىدە ئىدى. شۇڭا قازاق، قىرغىز، تۈركمەنلەردە تا بۈگۈنگىچە كىگىز ئۆي مەدەنىيىتى باردۇر. بىراق ئۇيغۇرلاردا يوق. دۇنيادا تۇنجى بولۇپ قەغەزنى تۈپلەپ كىتاپچە قىلىپ قوللانغان، مەتبەئەنى ئىجاد قىلغان (كىيىن ئابباسىيلار بۇنى ئۇلاردىن ئۆگەنگەن). تۈرك مىللەتلىرى ئىچىدە ئەك كۆپ كىتاب يىزىپ قالدۇرغان مىللەت بولۇپ، بۈگۈنكى تۈركۈلۇگلار شۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ كىتابلىرىنى كۆپرەك مەنبە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، رەسساملىق ۋە ھەيكەلتاراشلىق ئۇيغۇرلاردا ئەڭ تەرەققىي قىلغان. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان تىجارەتكە ئىنتايىن ماھىر ھەم ھىرىسمەن بولۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق بولۇشتەك چۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ “ يىپەك يولى “ خەلقئارالىق سودا لىنىيەسىنى قۇرغان. ئۇيغۇرنىڭ بۇ تارىخىدىن ئىلھام ئالغان مۇستافا كامال ئەرەپچىدىكى ”مەدەنىيەت“ سۆزىنىڭ ئورنىغا ”Uygarlık“ سۆزىنى ”ئىلغارلىق، مەدەنىيەت“ دەپ مەنە بىرىپ تۈرك تىلىغا كىرگۈزگەن. تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا نۇرغۇن ئىجادلارنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى ئۆز كىتابلىرىدا بايان قىلغان. يىقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ”يوقلىما قىلىش“ نى يولغا قويغان مىللەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلاپ چىقىلدى. يەنى، قەدىم دەۋىردىكى ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرى ئەسكەرلىرىنىڭ كىلىپ-كىتىشلىرىنى يوقلىما قىلىپ، كېچىككەنلەردىن پۇل تۇتۇشتەك جازا بىرىش تۈزۈلمىسىنى يۈرگۈزگەن. دىمەك، تارىختا ئۇيغۇرلار شانلىق سەلتەنەتلىرى بىلەن پەخىرلەنگۈدەك ياشاپ كەلگەن.

ئۇنداقتا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار قانداق ياشاۋاتىدۇ؟ ئۆتمۈشتىكى“ ئىلغار مەدەنىيەتلىك، مەرىپەتلىك، ئەمگەكچان، باتۇر، قورقماس“ بۇ مىللەت بەزى كىشىلىرىمىز ئىيتقاندەك راستىنلا “ ناچار، پىتنىخور، تۈگەشكەن“ مىللەت بولۇپ قالدىمۇ؟ ياق،ياق…بىلسەك بۈگۈنكى كۈننىڭ شەرتلىرى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ئىنتايىن قەيسەر ياشاۋاتىدۇ. مىللەت مۇكەممەل بولمايدۇ، ئۇيغۇردا بار ئىللەتلەر دۇنيادىكى باشقا ھەربىر مىللەتتە مەۋجۇدتۇر. ھەتتا بەزىلىرىدە تىخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇدتۇر. باشقا بىر مىللەتتە مەۋجۇد بولمىغان، پەقەت ئۇيغۇرلاردىلا مەۋجۇد بولغان ئىللەتنى ئەسلا ئۇيغۇردىن تاپالمايسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز كەلگۈسىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنىڭ سەۋەبىنى مىللەتتىن ئىزدەش پەقەت جاھىللارنىڭ ئىشىدۇر. بۇ يەردىكى جاھىل قانداقتۇر بىلىمسىز كىشىنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ھەققانىيەت قارغۇسىنى كۆرسىتىدۇ. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان دىڭىز قاتنىشىنىڭ يۈكسەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن، دىڭىز بويلىرى رايۇنلىرى تىز گۈللەندى. دىڭىزدىن ئۇزاق بولغان رايۇن ۋە دۆلەتلەر ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تارىختا كۆرۈلمىگەن ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئىچكى قۇرۇقلۇق رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارغا بۇ خىرىس ئوتتۇرا ئاسيادىكى باشقا تۈرك قىرىنداش مىللەتلىرىگە قارىغاندا ئېغىرراق كەلدى.

ئومۇمىيلىقتىن ئىيتقاندا،

بىرىنجى: مەدەنىيەت جەھەتتە، ئۆتمۈشتىكى ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلاپ كەلدى. دىنىي ئەقىدىسىدىن ۋاز كەچمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاتىدىكى مەزمۇتلۇقىنى ئالاھىدە ماختاشقا ئەرزىيدۇ. تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى كىشىنى تەسىرلەندۇرىدۇ. چىندە خەنزۇ تىلىدىكى كىتابلاردىن قالسا قالغان 55 مىللەت ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشىردىن چىقىدىغان كىتاب سانى ئەڭ كۆپتۇر. چىندىكى ئىككىنجى چوڭ تىل ھىسابلىنىدۇ. بۇ ئۈچ جەھەتتە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبىكىستان، تاتارىستان، تۈركمەنىستان،ئەزەربەيجان قاتارلىق تۈرك مىللەتلىرى روسلارنىڭ ئېغىر ئاسمىلاتسىيىسىگە ئۇچرىغاندۇر. شۇڭا ئۇيغۇر مىللىتى تۈركىيە تۈركلىرىدىن قالسا ئۇلاردىن بۇ جەھەتلەردە ئۈسۈنلۈككە ئىگە دەپ قارايمەن.

ئىككىنجى: ئىقتىسادىي جەھەتتە، ئالدىنقى ئەسىرلەردە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىز بەك تۆۋەن ئىدى. بۇ ئەسىردىن باشلاپ شەخسىي ئىگىلىكىمىز راۋاجلاندى. ھەتتا بەزى كارخانىلىرىمىز گۇرۇھلىشىشىقا قاراپ ماڭدى. ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەللەردە ئوقۇپ كەلگەن ياشلىرىمىز ئىچىدىن مەمۇرلۇق ئىمتىھاندىن ۋاز كېچىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە قاراپ ماڭغانلار كۈنسەيىن كۆپەيدى. بىزدىمۇ چەتئەللەردە، ئىچكىرلەردە زاۋۇت ۋە شىركەتلەرنى قۇرغانلارنىڭ سانى ئاشتى. كىشىلىرىمىزدىكى ئىقتىسادىي ئاڭ ئۆرلەپ رايۇنىمىزدا كارخانىلار شىددەت بىلەن كۆپەيدى. ئىقتىسادىي ھال كۈنىمىز يۇقارقى تۈرك مىللەتلىرىدىن قەتئىي تۆۋەن ئەمەس. ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۇلاردىن يۇقىرى شەھەرلىرىمىز ھەم كۆپ. بىراق، بەزى باي كارخانىچىلىرىمىزدىكى ئىقتىسادىي ئاڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن توغرا تۈرلەرگە مەبلەغ سالالماسلىق مەسىلىسى بار. ھازىر يىتىشىپ چىققان ئىقتىسادشۇناسلىرىمىزنىڭ توغرا مەسلىھەتلىرى بىلەن بۇ مەسىلىلەرمۇ ئاستا ئاستا ئاستا تۈزۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ. مىسالەن: تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى، مال يەتكۈزۈش شىركەتلىرى، تاشقى سودا شىركەتلىرى، دورا زاۋۇتلىرى، دوختۇرخانىلىرى، مەكتەپلىرى، مىھمانخانىلىرى، ئاشخانىلىرى ۋە ھەتتا ساتىراشخانىلىرى بار بولۇپ، بۇ يەردە ئوقۇغىلى كەلگەن بالىلار ئوقۇماي تىجارەت يولىغا كىرىپ كىتىۋاتىدۇ دەپ نۇرغۇنلىرىمىز قاقشايدۇ، بىراق تىجارەتكە كىرىپ كەتسىمۇ شۇ بالىلار ھەرگىز بىكار يۈرمەيۋىتىپتۇ. تىرىشىپ تىرمىشىپ تۈرىۋىتىپتۇ. تۈركىيەدە سۈرىيەلىك ئەرەپ، ئاففان، قازاق، ئۆزبىك، ئەزەر، قىرغىزلارنىڭ سانى ئۇيغۇرنىڭ سانىدىن نەچچە قاتلىغۇدەك كۆپ. بىراق، ئۇلاردا ئۇيغۇرۇمدەك بۇنداق تىرىشىۋاتقانلار ئىنتايىن ئاز.

ئۈچىنجى: تور تىخنىكا جەھەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى نەتىجىلىرىمۇ كىشىنى بەك سۆيۈندۇرىدۇ. ئىنتىرنىت مۇتەخەسسىسلىرىمىز كۈندىن كۈنگە كۆپەيدى. ئالىم ئەھەت ئۇيغۇرسۇفت شىركىتىنى قۇردى، مەخسۇس يۇمتال ياسايدۇ. قارلۇق مىدىيا تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شېركىتى خەلقئارالا سەۋىيەدىكى شىركەت بولۇپ، چەت دۆلەتلەرگە مەخسۇس 3D كارتۇن فىلىم لايىھىلەيدۇ. ئالاقە تورى تەرەققىي قىلدى. تور سودىسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. چىندىكى ئىككىنجى چوڭ تور تەرەققىياتىغا ئىگە مىللەت ھىسابلىنىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەندە بىر تۈرك ئاكىمىزنىڭ ماڭا دەپ بەرگەن ھىكايىتى ئىسىمگە كىلىپ قالدى، بۇ تۈرك ئاكىمىز ئۆزى كومپىيۇتىر مەشغۇلاتىغا ئۇستا بولۇپ، مەلۇم بىر پرۇگرامما لايىھەلەۋاتقاندا بىر تىخنىكىلىق قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ قالغان، Facebook قا ئىلان چىقىرىپ تۈركىيەدىكى ئىنتىرنىت مۇتەخەسسىسلىرىدىن ياردەم سورىغان. بىراق بىر مەزگىلگىچە ھىچبىرىدىن جاۋاب كەلمىگەن، ئاخىرىدا ئامىرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر بالا جاۋاب يازغان، ھەم ئۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەرگەن ئىكەن.

تۆتىنجى: تەنتەربىيە ۋە سەنئەت ساھەسىدە بۇ بىرنەچچە يىل بەك مول ھوسۇللۇق يىللار بولدى. چىنلىقلار ئۇيغۇرلارنى باشقىدىن تونۇدى.

بەشىنچى: دوكتۇرلار ۋە ئالىملار، ئامىرىكا، ياۋرۇپا، ياپۇنىيە، مىسىر، مالايسىيە، تۈركىيە ۋە چىندىن نۇرغۇن دوكتۇرلىرىمىز توختىماي كۆپلەپ چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ياشلىرىمىزنىڭ ئوقۇشقا كىرگەنلىك خۇش خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز. بەزى ئالىملىرىمىز دۇنيادىكى ساناقلىق ئالىملار قاتارىدىنمۇ ئورۇن ئالدى. بۇ يەردە شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ئەركىن سىددىق قاتارلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرىمىزنى ئالاھىدە تىلغا ئىلىپ ئۆتۈشكە تامامەن ئەرزىيدۇ. بۈگۈنكى شارائىت ئاستىدا ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ بۇ نەتىجىلىرى ھەرگىزمۇ ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس، بۇ يۈكسەك بىر چىدامچانلىق روھى تەلەپ قىلىدۇ. مىنىڭچە ئەسلى مەۋجۇتلىقىمىز ئۆزىمۇ بىر مۆجىزە ئىدى. دىمەك، ئۇيغۇر ئەجداتلىرىنىڭ روھى بۈگۈنمۇ ھايات ئىكەن، ھەم مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ ئىنشائاللاھ.

ئالدىنقى يىلى بىر غۇلجىلىق بالىنىڭ “ بىز غۇلجىلىقلار ئۈچ يەردىن قىز ئالمايمىز…“ دىگەن گىپى ئۈندىداردا تارقىلىپ كىتىپ، بەزىلىرىمىز پۈتۈن غۇلجىلىقلارنى بىر تاياقتا ھەيدەپ قاتتىق ھاقارەتلەر ياغدۇرۇپ كەتكەن ئىدۇق. ئۈرۈمچىدە بىر ئۇيغۇر قىز قارا تەنلىك بىرى بىلەن توي قىلسا، ئۇنى ئۈندىدار توپلىرىدا تارقىتىپ ھالىمىز قالمىغان، بەزىلىرىمىز: ئۇيغۇر قىزلىرىمىز تۈگىشىپتۇ، دىيىشكىمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدۇق. خۇددى قىزلىرىمىزنىڭ ھەممىسى نىگىرلار بىلەن توي قىلىپ كەتكەندەك. يىقىندا قىمار ئوينىغان بىرنەچچە ئۇيغۇر قىزنىڭ ۋىدىئۇسى ئۈندىدار، مىكرۇ بىلۇگ ۋە Facebook لاردا تارقىلىپ يۈردى. نۇرغۇنلىرىمىز ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدۇق، مىللەت تۈگۈشۇپتۇ دىيىشتۇق. بۇنى ئىبرەت بولسۇن دەپ تارقىتىشتىن بەكرەك ھاقارەتلەپ كۆڭلىمىزگە تەسكىن تىپىش خاھىشىمىز كۈچلۈكرەك ئىدى. بىلسەك بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن بىراۋ خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى سازايە قىلىش ۋەزىپىسى يۈكلەنمىگەن ئىدى، بەلكى دەل ئەكسىچە ئۇنى يۇشۇرۇش تەۋسىيە قىلىنغانىدى. پەيغەمبىرىمىز:“ كىمكى بىر مۇسۇلمان قىرىندىشىنىڭ ئەيىپىنى يۇشۇرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىپىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يۇشۇرىدۇ.“ دىگەن ئىكەن. بىراق، بىز ئۇلارنىڭ ئەيىپىنى يىپىش ئەمەس، بەزىلىرىمىز ئۇنى مىللەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تىللايدىغان بولدۇق. يۇقارقى ئىشلار ھەرقانداق مىللەتتە بار ئىشلار، ھەتتا باشقا مىللەتلەردە تىخىمۇ كۆپ بولسا بولىدۇكى ھەرگىز بىزدىن ئاز ئەمەس. ئەتراپىمىزغا دىققەت قىلساق، ئاغرىق-سىلاقلار ئۈچۈن ھەرتۈرلۈك ياردەملەردە، ساخاۋەت پائالىيەتلىرىدە بولىۋاتقانلارنى كۆرىمىز. يۇتۇپ كەتكەن سەبىيلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئۈندىدار ئىزدەش سۇپىسى قۇرغانلارنى ئۇچراتتىم. ھەم بىر قىسىم سەبىيلەرنى تىپىۋاتىدۇ. ئۇيغۇردا بىرلىك يوق دەپ قاقشايمىز، مۇشۇلار بىرلىكنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ؟ 2015-يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ خەلقىمىزنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىۋىدى، رادىئو ۋە تىلىۋىزىيە پرۇگراممىلىرى ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تۈرلۈك تەشۋىقات ئىشلىرى كۈچەيتىلدى. خوتەن ۋىلايىتىدە يەر تەۋرىگەن چاغدا، ئۇيغۇرنىڭ نە قەدەر ئۆملۈكىنى كۆردۈق. ھەربىر شەھەر، ناھىيەدىكى كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئىئانە توپلىدى. ئۇيغۇر شەخسىي كارخانىلىرىمىز ئارقا-ئارقىدىن لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىپ ئالدىنقى سەپتە بولدى. بىز ھەممىمىز تەسىرلەندۇق.

بىلسەك ئۇيغۇر مىللىتى تىخى ئۈمىدسىزلەنگۈدەك ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنى يوق، مەن شەخسەن ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق دۆلەتتىكى مەۋجۇتلىقىنى يوقاتمىغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن. تىخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ماڭالىغىنى ئۆزى بىر مۆجىزە. بىز بۇنى كۆرۈپ يىتىشىمىز كىرەك ! ئۇيغۇرنى ئەيىپى بىلەن تەڭ سۆيەيلى! ھەممىمىزگە سەن قايسى مىللەتتىن دىيىلگىنىدە ھەرقانداق يەردە مەيدىمىزنى كېرىپ تۇرۇپ: “ مەن ئۇيغۇر“ دىيەلەيدىغان يۈرەك تىلەيمەن!
مەنبە: باغداش تورى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1113

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش