ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » رىيا ۋە ئابرۇيپەرەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى

رىيا ۋە ئابرۇيپەرەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

iki-yuzlu-insanئوبۇلقاسىم ئەھمىدى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: قىيامەت كۈنى ئاۋۋال ھۆكۈم قىلىنىدىغانلارنىڭ بىرىنچىسى ئاللاھ يولىدا شېھىت قىلىنغان كىشى بولۇپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن نېمەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ، ئۇ نېمەتلەرنى ئەسلەيدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭدىن: نېمە ئىش قىلىپ كەلدىڭ؟ دەپ سورايدۇ. ئۇ: سېنىڭ يولۇڭدا ئۇرۇش قىلىپ شېھىت قىلىندىم، دەيدۇ. ئاللاھ: يالغان سۆزلىدىڭ، باتۇر دېيىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلدىڭ، باتۇر دېيىلدى، دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇنى يۈزىچە سۆرىلىپ، دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئىككىنچىسى ئىلىم ئۆگەنگەن ۋە قۇرئان ئوقۇغان كىشى بولۇپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن نېمەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ، ئۇ نېمەتلەرنى ئەسلەيدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭدىن: نېمە ئىش قىلىپ كەلدىڭ؟ دەپ سورايدۇ. ئۇ: سېنىڭ يولۇڭدا ئىلىم ئۆگەندىم، ئۆگەتتىم ۋە قۇرئان ئوقۇدۇم، دەيدۇ. ئاللاھ: يالغان سۆزلىدىڭ، ئالىم دېيىلىش ئۈچۈن ئىلىم ئۆگەندىڭ، قارىم دېيىلىش ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇدۇڭ، شۇنداق دېيىلدى، دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇنى يۈزىچە سۆرىلىپ، دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئۈچىنچىسى ئاللاھ تۈرلۈك مال – مۈلۈك بەرگەن كىشى بولۇپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن نېمەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ، ئۇ نېمەتلەرنى ئەسلەيدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭدىن: نېمە ئىش قىلىپ كەلدىڭ؟ دەپ سورايدۇ. ئۇ: سىنىڭ رازىلىقىڭنى كۆزلەپ، سەن ياخشى كۆرىدىغان يوللارنىڭ ھەممىسىگە پول – مال سەرپ قىلدىم، دەيدۇ. ئاللاھ: يالغان سۆزلىدىڭ، سېخى دېيىلىش ئۈچۈن پۇل – مال سەرپ قىلدىڭ، سېخى دېيىلدى، دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇنى يۈزىچە سۆرىلىپ، دوزاخقا تاشلىنىدۇ ئىمام مۇسلىم، ئىمام نەسەئى، ئىمام ئەھمەد قاتارلىقلار رىۋايىتى.

ھەدىسنىڭ مەزمۇنى:

ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەمەللەرنىڭ قىممىتى كۆپلۈك ۋە چوڭلۇق بىلەن ئەمەس بەلكى ئاللاھقا خالىسلىق ۋە شەرىئەتكە ئۇيغۇنلۇق بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

نۇرغۇن ئۇلۇغ ئىشلار باركى، ئۇ ئىشلاردا ئىخلاس ۋە شەرىئەتكە ئۇيغۇنلۇق تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇ ئىشلارنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئاز ۋە ئاددى ئىشلار باركى، ئۇ ئىشلاردا ئىخلاس ۋە شەرىئەتكە ئۇيغۇنلۇق تېپىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇ ئىشلارنى قوبۇل قىلىدۇ.

مەزكۇر ھەدىس بىزگە ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئىشلىرى بىلەن ئاللاھ رازىلىقىنى ئەمەس بەلكى رىياخورلۇقنى، ئابرۇيپەرەسلىكنى كۆزلىگەنلىكتىن دوزاخقا تاشلانغان ئۈچ سىنىپ كىشىلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

بىرىنچى سىنىپتىكىلەر ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىپ، تەن سالامەتلىكنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى شەيتان ئۇلارنى ئازدۇردى ۋە ئېسىل غايىلەردىن پۇچەك نىشانلارغا يۈزلەندۈردى. نەتىجىدە، شەيتان ئۇلارنى ئالى جەننەتلەردىن چۇڭقۇر دوزاخلارغا چۈشۈردى.

توغرا، ئۇلار ئۇرۇش مەيدانلىرىغا بېرىپ، ئىسسىق جانلىرىنى تەقدىم قىلدى لېكىن ئۇلار پەقەت باتۇر، پالۋان دېيىلىش ئۈچۈنلا شۇنداق قىلدى. دۇنيادا باتۇر، پالۋان دېگەن ناملارغا ئېرىشتى. ئەمما ھەممە ئىشلىرىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنى كەلتۈرۈپ، دۇنيادا بەرگەن نېمەتلىرىنى بىر بىرلەپ ئەسلىتىپ، ئاندىن ئۇلاردىن: نېمە ئىش قىلىپ كەلگەنلىكلىرىنى سورىغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاقلاشقا ئورۇنۇپ: بىز سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئىزدەپ، سېنىڭ يولۇڭدا ئورۇش قىلىپ شېھىت قىلىندۇق، دەيدۇ. لېكىن ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھ: يالغان سۆزلىدىڭلار، سىلەر باتۇر، پالۋان دېيىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلدىڭلار، دۇنيادا شۇنداق دېيىلدى، بۇنىڭغا شاھىت بولغۇچىلار بار، ئالدىڭلاردا خار ھالدا دوزاخقا كىرىشتىن باشقا يول يوق، دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار يۈزلىرىچە سورىلىپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ.

ئىككىنچى سىنىپتىكىلەر ئاللاھ ئىلىم بەرگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىپ، ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى شەيتان ئۇلارغا رىيا ۋە ئابرۇيپەرەسلىكنى چىرايلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەيتانغا ئەگەشتى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ھەممە ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىن بىردىن بىر ھېساب ئالىدىغانلىقىنى ئۇنۇتتى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئۇلار ئۇنۇتقان ئىشلار ئاشكارە بولىدۇ. ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن (بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا) ئويلاپ باقمىغان ئازابلار ئاشكارا بولىدۇ. ئۇلارغا ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) قىلغان يامان ئىشىلىرى ئاشكارا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغدا پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىنى) مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنى (قاتتىق) ئازاب ئورىۋالىدۇ سۈرە زۇمەر 47-، 48- ئايەتلەر.

ئاللاھ ئۇلاردىن نېمە ئىش قىلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە نېمە مەقسەتتە شۇنداق قىلغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇلار يالغانچىلىقىمىز بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قالالايمىزمىكىن دەپ ئويلاپ: سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئىزدەپ ئىلىم ئوقۇدۇق ۋە باشقىلارغا ئۆگەتتۇق، دەپ يالغان سۆزلەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ دۇنيادا رىيا ۋە ئابرۇيپەرەسلىك قىلغانلىقلىرىنى، بۇنىڭغا شاھىت بولغۇچىلار بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا خار ھالدا دوزاخقا كىرىشتىن باشقا يول يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇلار يۈزلىرىچە سورىلىپ، دوزاخقا تاشلىنىدۇ.

ئۈچىنچى سىنىپتىكىلەر ئاللاھ تۈرلۈك مال – مۈلۈك بەرگەنلەر بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىپ، ئاللاھ بەرگەن بۇ مال – مۈلۈكلەردىن ھەق يوللىرىغا سەرپ قىلىشتا پەقەت ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى شەيتان ئۇلارغا رىيا ۋە ئابرۇيپەرەسلىكنى چىرايلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھ رازىلىقىنى ئەمەس بەلكى سېخى، مەرت كىشىلەر دېيىلىشنى كۆزلەپ مال – مۈلۈكلىرىنى سەرپ قىلىشتى. ئۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا، ئاللاھ ئۇلاردىن مال – مۈلۈكلىرىنى نېمىگە سەرپ قىلغانلىقىنى ۋە نېمە مەقسەتتە شۇنداق قىلغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار: سىنىڭ رازىلىقىڭنى كۆزلەپ، سەن ياخشى كۆرىدىغان يوللارنىڭ ھەممىسىگە سەرپ قىلدۇق، دەيدۇ. ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھ: يالغان سۆزلىدىڭلار، سىلەر پەقەت سېخى دېيىلىشىڭلار ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭلار ۋە شۇنداق ناملارغا ئېرىشتىڭلار، بۇنىڭغا شاھىت بولغۇچىلار بار، دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇلارنى يۈزلىرىچە سورىلىپ، دوزاخقا تاشلىنىدۇ.

رىيا دېگەن نېمە؟

رىيا ئاللاھ رازىلىقىنى ئەمەس بەلكى خەلقنىڭ كۆرۈشىنى، ماختىشىنى، نام – شۆھرەتنى، مەنسەپ – مەرتىۋىنى مەقسەت قىلىپ ئىش قىلىشتۇر. ناماز ئوقۇيدىغان ياخشى ئادەم دېيىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇش، سېخى دېيىلىش ئۈچۈن سەدىقە بېرىش، باتۇر دېيىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقا بېرىش، ئالىم دېيىلىش ئۈچۈن ئىلىم ئۆگىنىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

رىيانىڭ ئاپەت ۋە زىيانلىرى:

رىيانىڭ نۇرغۇن ھالاك قىلغۇچى ئاپەت ۋە زىيانلىرى بار. رىيا ماھىيەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بولسا چوڭ گۇناھ ۋە رەزىل جىنايەتتۇر. ئۆز ۋاقتىدا لوقمان (ھەكىم) ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: ئى ئوغۇلچىقىم، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر دېدى سۈرە لۇقمان 13- ئايەت. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ سۈرە نىسا 48- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ياخشى ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى شۇ پەيغەمبەرلەر) شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى، ئەلۋەتتە، بىكار بولۇپ كېتەتتى سۈرە ئەنئام 88- ئايەت. ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە: ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلنىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن، بەلكى يالغۇز اﷲ قا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن دەپ ۋەھيى قىلىندى سۈرە زۇمەر 65-، 66- ئايەتلەر.

ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش دىللارغا قورقۇنچ ئېلىپ كېلىدۇ. (ئىلاھلىقى) ھەققىدە ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمىز، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر، زالىملارنىڭ جايى (يەنى دوزاخ) ھەقىقەتەن يامان جايدۇر ئال ئىمران 151- ئايەت.

ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش قاتتىق ئازغۇنلۇق بولۇپ، گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى تۇسۇپ قويىدۇ. ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈلۈشىنى (يەنى مۇشرىكلىك گۇناھىنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقىنى (ئاللاھ ئۆزى) خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ سۈرە نىسا 116- ئايەت.

ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش جەننەتتىن مەھرۇم قىلىپ، دوزاخكە مەھكۇم قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ سۈرە مائىدە 72- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

رىياغا سەۋەپ بولىدىغان ئىللەتلەر:

1- ماختانچاقلىق. 2- قورقۇنچاقلىق. 3- تەمەخورلۇق.

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: بىر ئەرابى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمدىن يا رەسۇلەللاھ، بىر ئادەم غەنىمەت ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ، يەنە بىر ئادەم نام – شۆھرەتنى دەپ ئۇرۇش قىلىدۇ، يەنە بىرى ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قايسىسى ئاللاھ يولىدا بولىدۇ؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ئاللاھنىڭ سۆزى ئۈستۈن بولسۇن دەپ ئۇرۇش قىلغان كىشى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغان بولىدۇ، دېدى ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: كىمكى بىرەر نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن غازات قىلىدىكەن ئۇ كىشى ئۈچۈن پەقەت شۇ نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ ئىمام نەسەئى رىۋايىتى.

رىيانىڭ ئالامەتلىرى:

رىيانىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلىرى بولىدۇ:

1- يالغۇزلۇق ھالىتىدە ھۇرۇنلۇق قىلىش، ئادەم بار يەردە پائالىيەتچان بولۇش.

2- ماختىلىپ تۇرسا چىق ئەمەل قىلىش، تەنقىدلىنىپ قالسا ئاز ئەمەل قىلىش. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: رىياكار ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر بار: رىياكار يالغۇز قالغاندا ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ، خەلق ئارىسىدا بولسا پائالىيەتچان بولۇپ كېتىدۇ، مەدھىيىلەر ئوقۇلۇپ تۇرسا كۆپ ئىش قىلىدۇ، تەنقىدكە ئۇچرىسا ئاز ئىش قىلىدۇ ئىمام غەزالى ئىھيا ئۇلۇمدا، ئىمام زەھەبى كابائىردە بايان قىلغان.

رىيادىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بېرىدىغان ۋاسىتىلەر:

1- ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى، دىللارنىڭ سىرلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىش.

2- رىيانىڭ ھامان پاش بولىدىغانلىقىنى ۋە قىيامەت كۈنى خەلق – ئالەم ئالدىدا رىياكارنىڭ پۈتۈن سىرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىدىغانلىقىنى بىلىش.

3- ئىنسانلارنىڭ پەيدا – زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ۋە قىيامەت كۈنى ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى بىلىش.

4- رىيانىڭ ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋىتىدىغانلىقنى بىلىش.

5- رىيانىڭ جەننەتكە كىرىشتىن مەھرۇم، دوزاخكە مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلىش.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

1- ھەرقانداق بىر ئىشقا ئۆتۈش ئالدىدا بولۇپمۇ جىھاتقا ئاتلىنىش، ئىلىمگە يۈزلىنىش، سەدەقە – ئېھسان قىلىشقا ئوخشىغان ئۇلۇغ ئىشلارغا ئۆتۈش ئالدىدا چوڭ – كىچىك رىيالەرنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىدىن پەخەس بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى.

2- قىيامەت كۈنىدىكى ھۆكۈمنىڭ ئىنچىكە ۋە ئادىل بولىدىغانلىقنى بىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى.

ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغدا قىلغان) قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى (نامە ـ ئەمالىغا) خاتىرىلەپ قويغان، ئۇلار بولسا ئۇنتۇپ قالغان، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر سۈرە مۇجادىلە 6- ئايەت.

كىشىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: ۋاي بىزگە! بۇ نامە ـ ئەمالغا چوڭ ـ كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟ دەيدۇ، ئۇلار قىلغان ـ ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ سۈرە كەھف 49 – ئايەت.

مەنبە: ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش